ياشار كامال قايتتى
ئوكيان خەۋىرى:ياشار كامال ئالەمدىن ئۆتتى
تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى ياشار كامال 1922-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئوسمانىيە ۋىلايىتىنىڭ ھەمىتە (ھازىرقى گۆكچەدام) يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
تۈركىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كۇرد يازغۇچىسى، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە «مەمەت ئاۋاق» ناملىق تۆت توملۇق رومانى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بولغان ياشار كامال 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 92 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ياشار كامال كۇرد قېنىدىن بولۇپ، «مەمەت ئاۋاق» ناملىق ۋەكىللىك ئەسىرى بار. سەزگۈر مەسىلىلەردە ئاشكارا پىكىر بىلدۈرگەنلىكتىن، بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىش جىنايىتى بىلەن 20 ئايلىق قاماققا ئېلىنغان.
تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى ياشار كامال 1922-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئوسمانىيە ۋىلايىتىنىڭ ھەمىتە (ھازىرقى گۆكچەدام) يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. بەش ياشقا كىرگەندە دادىسى قۇربان ھېيتتا قوي ئۆلتۈرگەن چاغدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن پىچاق كۆزىگە تېگىپ كېتىپ ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ يەنە 5 ياش ۋاقتىدا دادىسى مەسجىتدە ناماز ئوقىۋاتقاندا، دادىسىنىڭ ئۆگەي بالىسى يۈسۈف تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىگىگە شاھىت بولغان. بۇ خىل بالىلىقىدىكى زەربىلەر سەۋەبلىك تاكى 12 ياشقا كىرگۈچە سۆزلەش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇ 9 يېشىدىن باشلاپ قوشنا كەنتتە ئوقۇشقا باشلىغان ھەمدە ئوسمانىيە ۋىلايىتىنىڭ قەدىرلىدە داۋاملىق مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن. كېيىن ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان.
ئىلگىرى-كېيىن گېزىت-ژۇرنال، رادىئولاردا مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن، تەبىئىي، ئوقۇشچانلىقى يۇقىرى، كىشىلىك خاراكتېرنى جايىدا ئېچىپ بەرگەن رومانلىرى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغىغان، شۇنداقلا چەت ئەل تىللىرىغا تۈركۈملەپ تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. يازغۇچىنىڭ «مەمەت ئاۋاق»، «ئاددىي كىشىلەر»، «قارا يەر، قىزىل ئاسمان»، «مىڭبۇغىلار ئەپسانىسى»، «تۆمۈرچىلەر بازىرى»، «يىلاننى ئۆلتۈرسە» قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق رومانىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ رومانلار تىلىنىڭ يەڭگىل، جانلىقلىقى، گۈزەللىكى، ھېسسىياتقا بايلىقى، كىشىلىك خاراكتېر ۋە تەبىئەت تەسۋىرىنىڭ تولىمۇ ئىنچىكىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. (بۇ ئابزاس يازغۇچىلار مۇنبىرىدا ئېلان قىلىنغان «ياشار كامال بىلەن سۆھبەت» ناملىق تەرجىمە ئەسەردىن ئېلىندى) ئۇ 1973-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.
ياشار كامال 1952-يىلى ئىستانبۇلدىكى يەھۇدىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان سىلدا سېررېرو بىلەن توي قىلغان. سىلدا ياشار كامالنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. سىلدا 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 78 يېشىدا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئىستانبۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئوكيان تورى تەييارلىدى
مەمەت ئاۋاق نى كىچىك ۋاقتىمدا ئۇقۇغانتىم ، تۈركىيەدىمۇ كۇردلارنى بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش جىنايىتى بىلەن كېسىش بۇرۇندىن بار ئىشكەن، دېمەك دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تېنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقانلارنى كېسىشى يېڭىلىق ئىش ئەمەسكەن. قەلبىمدىكى ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بىرى ...ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن
قايسىبىر تەرجىمىھالىدا مەمەت ئاۋاق2 دەپ كۆرۈپ قالدىميا ؟ داۋامى بار ئوخشىمامدۇ بىرقىسىم داڭلىق كىشىلەرنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى تولىمۇ ئىچىنىشلىق بولىدىكەن. مۇشۇ ئىشلار سەۋەبى ھاياتى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلسا كىرەك. Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:03 static/image/common/back.gif
قەلبىمدىكى ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بىرى ...ياتقان يېرى جەن ...
بۇ كىتاپ جەمىئي 4 قىسىمغۇ دەيمەن،
ئاپتۇنۇمدا پەقەت 1- قىسمىلا تەرجىمە قىلىندىغۇ دەيمەن
مەمەت ئاۋاق رومانىدا مۇھىت تەسۋىرلىرى بەك تەپسىلى ئىنچىكە بايان قىلىنىدۇ.دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن يازغۇچىلار ئەسەرلىرىدە مۇھىت تەسۋىرلىرىنى مۇشۇ ئەسەرگە تەقلىد قىلىپ يېزىشىدۇ. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!!!
دونياغا تۇنۇلغان، دونيا بىلىدىغان كىشىلەر ئاز قېلىۋاتىدۇ. alim012 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:58 static/image/common/back.gif
مەمەت ئاۋاق رومانىدا مۇھىت تەسۋىرلىرى بەك تەپسىلى ئىن ...
بۇ روماننىڭ كىنوسىمۇ باركەن، بىزمۇ كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەمەت ئاۋاق رومانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بارمۇ؟ مەن كىچىكىمدىن قوي بوغوزلاش دەپ چوڭ بولۇپتىكەنمەن ، قوي ئۆلتۈرۈش دىسە غەلىتىلا ئاڭلىنىدۇ . KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 11:03 static/image/common/back.gif
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!!!
دونياغا تۇ ...
ماركىستىك ئىددىيىدىكى كىشىكەنغۇ، شۇنداق بولسىمۇ، جەننەتكە كىرسۇن دەپ دۇئا قىلىۋېرىمىزما؟
pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:52 static/image/common/back.gif
بۇ كىتاپ جەمىئي 4 قىسىمغۇ دەيمەن،
ئاپتۇنۇمدا پەقەت 1- ...
مەمەت ئاۋاق تۆت قىسىم، ھەممىسى نەشىر قىلىنىقلىق. مەن 2003-يىللاردا ئون نەچچە يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىققان. ھەپتىنىڭ ئالدىدا غالىبىيەت كىتابخانىسىدا بۇ روماننىڭ يېڭى نەشىرىنى كۆردۇم، ھەممىسى تۇلۇقكەن، pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 11:05 static/image/common/back.gif
بۇ روماننىڭ كىنوسىمۇ باركەن، بىزمۇ كۆرۈپ باقساق بوپت ...
بۇ روماننىڭ كىنوسى ئەمەس بۇ ، بۇ روماننى كىنو قلىپ ئەمەس بىرەر يۈز قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەش كېرەك ،بىر كىنو بىلەن بۇ روماندىكى ۋەقەلىكنى ئەكس ئەتتۈتۈپ بولغىلى بولمايدۇ . pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 11:16 static/image/common/back.gif
ماركىستىك ئىددىيىدىكى كىشىكەنغۇ، شۇنداق بولسىمۇ، جە ...
ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشىغلىق جەننىتى بار،مەيلى ماركىستىك ئىدىيە بولامدۇ،مەيلى يەھۇدى ،خىرىستىئان بولامدۇ ياشار كامال تۈركىيەنىڭ سوتسىيالىستىك رېئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى. شۇڭا ئۇنىڭ رومانى دىيارىمىزدا ئالقىشلانغان.
داڭلىق بولسىلا جەننەتكە كىرمەسلىكى مۇمكىن . . . جەننەتكە كىرەمدۇ ، دوزاخقا كىرەمدۇ نېمە ئىشىمىز بۇرادەرلەر ؟ ئىشقىلىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ ، قالغىنى ياراتقۇچىمىزغا ئامانەت … Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 11:50 static/image/common/back.gif
ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشىغلىق جەننىتى بار،مەيلى ماركى ...
ماركىزىمچىلار ئاخىرقى دۇنيانى رەت قىلىدۇ، شۇڭا جەننەت دۇزاقلارنى تونۇماسمىكىن دەيمىنا ؟ :P aqturk يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 11:12 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدىن قوي بوغوزلاش دەپ چوڭ بولۇپتىكەنمەن ، قو ...
ئۆلچەملىك ئورتاق تەلەپپۇز بويىچە «قوي سويۇش» دەپ ئېلىنىدۇ. بىزنىڭ جەنۇپ ياقلاردا، بولۇپمۇ خوتەندە ئادەتتە « قوي ئۆلتۈرۈش»،« قوي ئۆلتۈردى»، « قوي ئۆلتۈرگەندە» دەپ ئېلىنىيۋېرىدۇ ھەم شۇنداق دىسە ھېچقانچە ھەيران قېلىنمايدۇ. خەۋەرنى خوتەنچىرەك يېزىپ قويغان گەپ...
بەت:
[1]
2