تېرە ئىششىپ قېلىش كېسىلى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئىزدىنىش ئەھلى ياخشىمۇسىلەر،مەن بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم،5 يىلدەك بولدى تېرەمگە بىرەر نەرسە تەگسىلا ئىششىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى،تېرەمگە قانداق نەرسە بىلەن سىزىپ قويسا شۇنداق ھالەتتە ئىششىپ چىقىدۇ.كېيىن دوختۇرخانىغا بارسام 荨麻疹(تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە ئىسمىنى بىلەلمىدىم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر) دەپ دىئاگنوز قويغان،كېيىن باشقا دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم 皮肤划痕症(بۇنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى بىلەلمىدىم) دەپ دىئاگنوز قويۇپ 5 كۈنلۈك ئاسما ئوكۇل يېزىپ بەرگەن،ئۇكۇل ئازراق مەنپەئەت قىلغاندىن كېيىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئەسلىگە قايتىپ قالدى.كېيىن مەلۇم دوختۇرخانىغا بارسام ھەر ئىككى كۈندە بىر سۆڭگەچ ئوكۇلى ئېلىشىمنى،بىر داۋالاش باسقۇچىنىڭ ئۈچ ئاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم چەت يىراق جايدا بولۇپ،ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىشقا شەرت شارائىتىم يوق. تورداشلاردىن سورىماقچى بولغىنىم بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاددى،تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ يوقمۇ؟ئاراڭلاردىكى بۇخىل كېسەللىككە دۇچار بولۇپ ساقايغان تورداشلار ۋە بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشنى بىلىدىغان تېۋىپ ،ھېكىملارنىڭ ماڭا بىر ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.رەھمەت ئۇيغۇرتىبابىتىدەجىگەرنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن دەپ قارىلىدۇ.ئەتىگەن كەچتەدىنارشەربىتى بىلەن مەتبۇخى شاھتەرر،چۈشتەمەجۇنى ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي نەچچە ئاي ئىستىمال قىلىپ ئاچچىق چۈچۈك مايلىق،قورۇماتاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇڭ!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 18:38مېنىڭمۇ بىر كىسىلىم بار،ئازراق ئىش قىلىپ ئىسسىپ قالساملا پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلەشكەندەك(ۋەياكى بەدىنىمنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرى چىم-چىم قىلىپ كۆيىۋاتقاندەك ) بىرخىل بولىمەن،ئەگەر دەل ۋاختىدا چاپان ۋە قېلىنراق نەرسىلەرنى سېلىپ تەييار بولمىسام قورساق ۋە قول بىلەكلىرىم بىرخىل قىزىل ئۇششاق نەرسىلەر چىقىپ قىزىل بولۇپ, قىزىپ كېتىمەن ،لىكىن بىردەم سالقىندىسام ئوڭشىلىپ قالىمەن ،يەنە بىر يېرى بۇ ئىش پەقەت 10،11 ئايلاردا پەيدا بولۇپ 4 ئايلارنىڭ يېرىمى 5 ئايلاردا يوق بولۇپ كېتىدۇ،ھازىر بۇنىڭغا 3 يىلدىن ئارتۇقراق بولدى.مەن يېزىدا ئىدىم بىر،ئىككى قېتىم دوختۇر ۋە تىۋىپلارغا كۆرسىتىپ باقسام ھېچ ئۇقالمىدى ،مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باققانلار بارمۇ؟ ياكى داۋاسىنى بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار....
بۇكسەلنى ئابدۇشكۈكۇر ھاجىم ياخشى داۋالايدۇ خوتەن لوپ بىكەت ئۇدۇلىدا ھېرىپ چارچىغاندا ئۇزاق يول ماڭغاندا پۇتىڭىز ئىششىپ بىر ئارام ئېبىپ قوپسىڭىز يېنىپ كېتىدىغان ئىز بار ما؟ كونۇپكا تاخـام ياخشى ئىشلىمەي izdinixazasi يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 21:59 static/image/common/back.gif
ھېرىپ چارچىغاندا ئۇزاق يول ماڭغاندا پۇتىڭىز ئىششىپ بى ...
ياق ئۇنداق ئەمەس،تېرەمگە ئاچقۇچ ياكى باشقا ئۇچلۇقراق نەرسە(تىرناق ئىزىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بىلەن قانداق خەت يېزىپ قويسىڭىز،شۇ خەت شەكلىدە ئىششىپ چىقىدۇ (ئوقۇۋالغىلى بولغۇدەك ھالەتتە).بىر نەرسىلەرنى كۈچەپ قاماللاپ تۇتسام ياكى باشقىلار بىلەن قول سىقىشىپ قويۇۋەتسەممۇ قولۇم بىر خىل بىئارام بولۇپ ئاغرىيدۇ (سۆڭەك ياكى مۇسكۇلۇم ئاغرىغانلىقىنى ئېنىق پەرق ئېتەلمەيمەن) مەن تەرلىگىدەك ئىش قىلساملا روھلۇق، كۈچلۈك، خاتېرجەم بولۇپ قالىمەن. شۇڭا قانداق قىلسام تەرلەيمەنكى دەپ قوشنىلارنىڭ گازتۇڭىنى يۆتكەش، سۇ توڭىنى كۆتۈرۈش، ئۇن خالتىسىنى ئېچىىقىپ بىرىش، سومكىللىرىنى بىكەتكە ئاپىىش قاتارلىق ئىشلار بەك كۆڭۈللۈك بىلىنىدۇ. گاھىدا مەن قىلغۇدەك ئىشبارمىدۇ دەپ قاراپ كىتىمەن، بىركىم ئىش تاپىلىسا بوپتىكەن دەپ تاما بىلەن تۇرۇپ كىتىمەن.
ئۇششاق خىيالنى تاشلاپ ئۆزىڭىز خۇشال بولغىدەك بىر ئىش قىلسىڭىز، بەىنىڭىزگە چىققان مۇنداق نەرسىلەرمۇ ئۇششاق ئىش ھىساپلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur729 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 23:46
hakan515 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 22:04 static/image/common/back.gif
ياق ئۇنداق ئەمەس،تېرەمگە ئاچقۇچ ياكى باشقا ئۇچلۇقراق ...
بۇ بەلكىم بەدەننىڭ سوغۇقىقى ئىشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كىرەك .....
مىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدىمۇ ئاشۇنداق ئىدى ،تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرگىچە....قول ، بىلەك ياكى باشقا ئورۇنلار كىچىككىنە يا سوغۇق نەرسلەر بىلەن ئۇچراشقان زامان ،ياكى سۇرۇلۇپ كەتسە يەلتاشما بولۇپ ئىششىۋالىتى، قىرىنداش چاغلىق بىر نەرسە جىجىۋەتسىمۇ ئۆز ئەينى كۆپۈپ چىقىتى ....دوختۇرلار بەدەننىڭ سوغۇقى ئىشىپ كىتىپتۇ، تىرە سەزگۈرلىكىىڭ يۇقرىكەن، سوغۇق نەرسلەرنى كۆپ يىمەڭ دىگەن....
لىكىن كىيىن تۇرۇپلا ئوڭشىلىپ كەتتى ھازىر ئۇنداق ئالامەتلەر يوق......
شۇغىنسى ھازىر پۇتۇمنىڭ ئاستى سوغۇق تەرلەيدىغان ،مۇزدەك تۇردىغان بولىۋالدى..:funk: ...بۇنىڭ شىپاسى نىمىدۇ.. babur729 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 23:44 static/image/common/back.gif
بۇ بەلكىم بەدەننىڭ سوغۇقىقى ئىشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا ...
لېكىن دوختۇرلار مېنى ئىسسىقلىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ گۆش يېمەڭ دەۋاتىدۇ،مەنمۇ گاڭگىراپلا قالدىم. بۇغداي دېگەن تورداش بەك سەمىمى ۋە قىززىق ئىكەن. بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز ئۆزۈم بىر ئىشقا سالىدىكەنمەن {:92:} باشقىچە مەسلىھەت بېرىدىغانلار يوقمۇ؟
بەت:
[1]