KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:28:10

لازىر نۇرى ئارقىلىق كوكايىنغا خۇمار بولۇشقا نەزەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 14:36  

مەزكۇر ماقالە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بىلىمدان تور ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

لازىر نۇرى ئارقىلىق كوكايىنغا خۇمار بولۇشقا نەزەر
كارۋان بىز گۇرۇپپىسىدىن بىلگە

1.5 كىلوگرام كېلىدىغان ئىنسان مېڭىسى پۈتۈن ئالەمدىكى ئوخشاش ماسسىدىكى ئەڭ سىرلىق جىسىم دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئادەم مېڭىسى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، قايغۇلىرىمىز، ۋە بارلىق ئەقلىي پائالىيەتلىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئەزادۇر. مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن روھىي كېسەللەر ۋە مېڭە پائالىيىتى كونتىروللۇقىنى يوقىتىشتىن كىلىپ چىقىدىغان بىنورماللىقلار نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئالىملارنىڭ دېققىتىنى تارتقان ھەل قىلىشقا تىگىشلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىلەرگە ناتونۇش ھادىسە ئەمەس. زەھەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش ئىلىپ كېلىدىغان ئاپەتلەر ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاپەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ ۋە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش تەخىرسىز بىر مەسىلىدۇر. مەن شەخسەن ئىلگىرى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قىلىپ كېيىن ئىنتايىن ئازابلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ پۈتۈنلەي زەھەر تاشلاپ نۆۋەتتە جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتقان كىشىلەرنى تونۇيمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان كىشىلەرمۇ بار. ئۇنداق بولسا ئىنسانلارنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئۈستىدىكى تەتقىقاتلاردا دۇنيادا قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتىدۇ؟ كىشىلەرنى ئاسان ئۇسۇلدا زەھەر تاشلاتقۇزغىلى بولامدۇ؟ بۇنى چۈشىنىشكە قىزىقسىڭىز ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى باشلىقى دوكتور فىرانسىس كولىننىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىگە دىققەت قىلىڭ.

مېڭە تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كىلىۋاتىدۇ، قارىغاندا بۇ ھەپتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەستەك قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (NIH) دىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى-سان فىرانسىسكودىكى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ زىيانسىز بولغان لازېر نۇرى ئىمپۇلىسىنى كوكايىنغا خۇمار بولغان چوڭ چاشقاننىڭ مېڭىسىگە يەتكۈزدى ۋە بۇ ئارقىلىق چوڭ چاشقاننىڭ بۇ خىل ناركوتىك (خۇمار قىلىدىغان) دورىغا خۇمار بولۇشىنى توسۇپ قالدى.

ئەگەر بۇ گەپ سىزگە بەكلا ئىشەنچسىزدەك تۇيۇلغان بولسا، مەن سىزگە ئالدى مېڭىدىكى بىر رايوننىڭ فۇنكسىيىسىدىن چاتاق چىقسا، كىشىلەر ۋە چوڭ چاشقانلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئىسپاتنى ئاساس قىلغانلىقىنى دەپ بېرىش ئارقىلىق سۆزۈمگە ئىشەندۈرەي. مېڭىنى سايىلەش (نەق ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىش) تەتقىقاتلىرى زەھەرگە خۇمار بولغان ئادەم ۋە چوڭ چاشقاننىڭ بۇ ئالدى مېڭە رايونى ھەرىكىتىنىڭ نورمال كىشىلەر ۋە نورمال چاشقانلاردىن كۆپ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇزۇن مەزگىل كوكايىن ئىشلەتكەندە بۇ مېڭە رايونىنىڭ فۇنكسىيىسىدىن تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقىدىكەن. ئالدى مېڭە قارار چىقىرىش، ھېسسىياتنى كونتىرول قىلىش ۋە قىلمىشنى بەلگىلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ زەھەر چېكىشنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

زەھەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش بولسا بىر غايەت زور جامائەت ساغلاملىقى مەسىلىسىدۇر. نۆۋەتتە، 1.4 مىليون ئامېرىكىلىق كوكايىنغا خۇمار بوپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FDA) بۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان بىرەر دورىنى تەستىقلىغىنى يوق. شۇڭا بۇ ئىش ئامېرىكا قالايمىقان دورا ئىشلىتىش تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئادەتتە لازېر نۇرىغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. بۇ تەجرىبىدە ئىشلىتىلگەن چوڭ چاشقانلار گىرۋەك ئالدى مېڭە قاسرىقى دەپ ئاتىلىدىغان ئالدى مېڭە رايونىدا نۇر بىلەن ئاكتىپلىشىدىغان نېرۋىلارنى ئىلىپ يۈرىدىغان قىلىپ كىلونلانغان. شۇنداق بولغاچقا بۇ چاشقانلار ئوپتىك تالالىرى ئارقىلىق لازېر ئىمپۇلىسىنى تارقىتالايدۇ. بۇ تېخنىكا ئوپتىكا گېنىتىكىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. بۇ خىل تېخنىكا كەلگۈسىدە پىرىزدېنىت ئوباما يېڭىلا ئېلان قىلغان "مېڭە پىلانى" غا زور ھەسسىلەرنى قوشۇشى مۇمكىن.

بۇ يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مەزگىل كوكايىنغا خۇمار بولۇپ قالغان چوڭ چاشقانلارنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ زەھەرگە خۇمارى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ھەتتا زەھەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن توك سوقۇۋىتىشىگىمۇ قارىماي زەھەرنى ئالماقچى بولۇشىدۇ. ئەمما بۇ چاشقانلار لازېر ئىمپۇلىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نۇر گىرۋەك ئالدى مېڭە قاسرىقىنى قوزغىتىپ، بۇ رايوننىڭ ھەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ چاشقانلارنىڭ قورقۇنچ تۇيغۇسى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، كوكايىنغا ئېرىشىشكە بولغان ئىنتىلىشىنى تۆۋەنلىتىشكە زور ياردىمى بولغان. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر باشقا بىر خىل ئوپتىكىلىق گېنېتىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ئالدى مېڭە ھەرىكىتىنى ئاستىلاتقاندا، ئەسلى توك سوقۇشتىن قورقىدىغان ۋە زەھەرگە خۇمارى يوق چاشقانلارمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك زەھەر چەككۈچىلەرگە ئايلانغان.

ئېنىقكى، بۇ تېخنىكا ئىنسانلاردا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مەيۈسلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتا ئىنسانلاردا ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان مېڭىنى ماگىنىتلىق غىدىقلاش (TMS) تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ئالدى مېڭە ھەرىكىتىنى قوزغىتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، NIH بۇ خىل تېخنىكىنى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈشنى پات ئارىدا باشلايدۇ. تەتقىقاتچىلار TMS ئارقىلىق ئالدى مېڭىنى غىدىقلاپ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ باقماقچى.

مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

دوكتور فىرانسىس كولىن تونۇشتۇرغان بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ماقالە بىزگە ھايۋانلارنى ئىشلىتىپ ئېرىشىلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسان كېسەللىرىنى داۋالاش ۋە ئىنسانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يېڭى تەتقىقاتتا بىر گۇرۇپپا نېۋرولوگىيە ئالىملىرى ۋە دوختۇرلار بىرلىشىپ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى، كېلون تېخنىكىسى، لازېر نۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىنتايىن مۇھىم بىر ساغلاملىق مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە تولىمۇ قالتىس بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادەتتە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش پۈتۈنلەي مېڭىدىكى مۇكاپات سېستىمىسىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ناركوتىك ماددىلار ئىنسان ۋە ھايۋانلار مېڭىسىدە ئوخشاشلا مۇكاپات سېستىمىسىنى قوزغىتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق خۇمار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر خۇمار بولغان ماددا مېڭىگە يېتىپ بارمىسا شۇ جانلىق چوڭ مېڭىسىدىن، ئېنىقى ئالدى مېڭە قىسمىنىڭ فۇنكسىيىسىدىن چاتاق چىقىدۇ ۋە ئالدى مېڭىنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى، خەتەرنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا سەۋەب بولىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات بۇ ئاساسىي بىلىمنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنتايىن ئىجادچانلىق بىلەن چاشقان مېڭىسىدىكى لازېر نۇرغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان گېنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق لازېر نۇرىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان چاشقانلارنى يوقتىن تەجرىبىخانا شارائىتىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئاندىن لازېر نۇرىنى ئالدى مېڭىگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق بۇ رايوننى غىدىقلايدۇ ۋە مېڭە ھەرىكىتىنى تىزلىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ زەھەرگە خۇمار بولغان چاشقانلارنىڭ زەھەر خۇمارىنى يوق قىلىشتا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئاخىرىدا گەرچە لازېر نۇرى ئارقىلىق ئىنسان مېڭىسىنى غىدىقلاش يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرسىمۇ، ئىنسانلاردا مەيۈسلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان TMS ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش ئويىنى ئويلاپ تاپىدۇ. ھازىر بۇ تېخنىكا ئىنسانلاردا سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋىتىپتۇ. ئەگەر كىلىنىكىلىق سىناق مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە زەھەرگە خۇمار بولۇشنى كىلىنىكىدا داۋالاپ ساقايتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلۇشى مۇمكىن.


پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:

http://directorsblog.nih.gov/2013/04/16/shining-a-bright-light-on-cocaine-addiction/#more-1132

Rescuing cocaine-induced prefrontal cortex hypoactivity prevents compulsive cocaine seeking. Chen BT, Yau HJ, Hatch C, Kusumoto-Yoshida I, Cho SL, Hopf FW, Bonci A. Nature. 2013 Apr 3.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز (http://eser.okyan.com/Bilimdan/). بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:30:53

ماقالىنىڭ تېمىسى ‹لازىر نۇرى ئارقىلىق كوكايىنغا خۇمار بولۇشنى توسۇشقا نەزەر› دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 18:21:27

بىلىمدانغا مۇبارەك ، ئىزىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن .

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 22:28:45

بىزنى يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەۋاتقىنىڭلارغا رەھمەت، ھارمىغايسىلەر.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:44:50

باكلاۋۇرلانىڭ بىلىمدانغا ماقالە يېزىش ھوقۇقى يوقكەن، سەۋىيەسى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى ماقالىلار چىققىدەك.

AZATKAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:56:49

تېزراق ئەمەلگە ئاشسا بولاتتى بۇ تەجىربە، تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.
بەت: [1]
: لازىر نۇرى ئارقىلىق كوكايىنغا خۇمار بولۇشقا نەزەر