SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:02:08

[تەرجىمە فىلىم] سەرسانە كېنشىن III (كىنو نۇسخا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 10:10  


سەرسانە كېنشىن III






ياپونچە نامى:- るろうに剣心
ئۇيغۇرچە نامى:- سەرسانە كېنشىن
دەۋلىتى:- ياپونىيە
مەزكۇر بۆلۈمى:- 3-بۆلۈم
بۆلۈم نامى:- ئەپسانەنىڭ پايانىدىكى قىسسە
تۈرى:- بۆلۈملۈك كىنو
ژانېرى:- شەمشەرۋازلىق، ماھارەتلىك، ئەنئەنەۋىي
تىلى:- ياپونچە
خېتى:- ئۇيغۇرچە
ئەسلىي ئاپتورى:- ۋاتسۇكى نوبۇخىرو
سېنارىست:- فۇجىئىى ساتومى
                  ئوتومو كېيشى
رېژىسسورى:- ئوتومو كېيشى
كومپوزىتور:- ساتو نائوكى
قويۇلغان ۋاقتى:- 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى
فورماتى:- ر م ۋ ب
سۈزۈكلۈك ئۆلچىمى:- 720 پ
ھەجىمى:- 1 گ ب
ئۇزۇنلۇغى:- 2 سائەت 14 مىنۇت 29 سىكۇنت

روللاردا:- خىمۇرا كېنشىن:-  ساتو كېن
              شىشىئو ماكوتو:-  فۇجىۋارا تاتسۇيا
              ساگارا سانوسۇكې:-  ئائوكى مۇنېتاكا
              سايتو خاجىمې (فۇجىتا گورو) :-  ئېگۇچى يوسۇكې
              كاميا كائورۇ:-  تاكېئىى ئېمى
              شىنومورى ئائوشى:-  ئىسېيا يۇسۇكې
              ميوجىن ياخىكو:-  كائىتو ئوياگى
              سېتا سوجىرو (تېڭكېننو سوجىرو) :-  كامىكى رىيۇنوسۇكې
              تاكانى مېگۇمى:-  ئائوئىى يۇ
              ساۋاگېجيو چيو (كاتاناگارىنو چيو):-  مىئۇرا رىيوسۇكې
              خىكو سېيجيۇرو (نىئىتسۇ كاكۇنوشىن) :-  فۇكۇياما ماساخارۇ
               يۇكيۇزان ئانجى (ميوئونو ئانجى) :-  مارۇياما تومومى
               ئوكىنا (كاشىۋازاكى نېنجى) :-  تاناكا مىن
               ئىئونۇما ئۇسۇئىى (موكېننو ئۇسۇئىى) :-  مۇراتا مىتسۇ
              كوماگاتا يۇمى (يوتوگىنو يۇمى) :-  تاكاخاشى مېئارىيجيۇن
              ماكىماچى مىسائو:-  تسۇچىيا تائو


     مەزكۇر فىلىم - شۇ ناملىق كارتون فىلىمگە ئاساسەن ئىشلەنگەن ئۈچ بۆلۈملۈك كىنو بولۇپ، فىلىمدە مېيجى دەۋرىدىكى باتتوساي لەقەبلىك ئەپسانەۋىي شەمشەرۋازنىڭ سەرسانلىق داستانى تەسۋىرلەنگەن. ۋە غايەت زور مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ماھارەتلىك فىلىم تۈرىدىكى ئەڭ لاياقەتلىك كىنولاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. فىلىمنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قېنى مەرھەمەت.


      سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر فىلىم پەقەت تىل ۋە تارىخقا نىسبەتەن ئىشتىياق يۈزىسىدىن، سىناق ئۈچۈن كۆرۈشكىلا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى فىلىمنى ئىشلىگەن ئورۇنغا مەنسۇب. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇن تەرىپىدىن سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلسە، ۋە ياكى ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن نامۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، تامامەن شۇ كىشى ياكى شۇ ئورۇن ئۆزىلا مەسئۇل بولىدۇ. چۈشۈرگەن بولسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە يۇيىۋېتىڭ.

كەسمە سۈرەتلەر:










شۈنلېيدىكى ھەمبەھر ئادرېسى:
http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwJPNAD3vvFU246
مۆھلىتى بىر ھەپتە

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:45:55

浪客剑心:传说的最期篇 بۇ خەنزۇچە ئىسمى ئىكەن.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:39:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jengchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 21:43  

1-ۋە 2-بۆلۈمنى چۈرشۈرەي دەپ قارسام  ئادىرىسنى يۇيۋىتىپتۇ ،،نورمال چۈشۈرگىلى بولدىغان بوشلۇق ئادىرسى بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ،رەھمەت

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:57:34

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 21:39 static/image/common/back.gif
1-ۋە 2-بۆلۈمنى چۈرشۈرەي دەپ قارسام  ئادىرىسنى يۇيۋىتىپت ...

http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwL7CABCSelU9e2

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 22:13:35

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 21:57 static/image/common/back.gif
http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwL7CABCSelU9e2

بۇ قانچىنجىسى؟ ،،،3-،2-،،نى چۈشۈرۋاتمەن 1-نىڭ يۇيلۇپتۇ

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 22:34:55

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 22:13 static/image/common/back.gif
بۇ قانچىنجىسى؟ ،،،3-،2-،،نى چۈشۈرۋاتمەن 1-نىڭ يۇيلۇپتۇ

ئاخىرقىسى.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 04:36:19

ئەسلى ۋەقەلىكىنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىنى قىسقارتىۋىتىپتۇ ياكى ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ. كارتۇن فىلىمدە 50 قىسىم ئەتراپىدىكى ۋەقەلىكنى ئىككى كىنوغا يىغىنچاقلىسا مۇشۇنچىلىك بولار. سايتو خاجىمې، ئائوشى، سانوسۇكىلارغا بەرگەن رول ئەسلى ۋەقەلىكتىن كۆپ ئازلاپ كىتىپتۇ. لىكىن مېيجى يىللىرىنى قايتا ئەكىس ئەتتۈرۈشكە راۋۇرۇسلا كۈچەپ قويۇپتۇ.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:14:15

مەنمۇ خەنزۇتىلى سەۋىيەرىمنى ئۆستۈرگەچ مۇشۇنداق تەرجىمە كىنو قىلىپ باقاي دىگەن.  بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر دەرىسلىك ئىشلەپ بەرسىڭىز يا چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:17:25

Samurai X  نىڭ 95 قىسىمنى كۆرۈش كېرەك يەنىلا :P

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:53:19

بىرىنچى ئىككىنچى بۆلۈملىرىنى نەدىن تاپىمىز؟

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:43:03

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 17:53 static/image/common/back.gif
بىرىنچى ئىككىنچى بۆلۈملىرىنى نەدىن تاپىمىز؟

http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwL7CABCSelU9e2

gulhancn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:49:55

ياپۇننىڭ كىنوسىنى كۆرمەيتىم( تىلنى پەقەت بىلمىگەندىكىن) بۇ كىنو خېلى ياخشىدەك قىلدۇ.....{:87:}

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:18:08

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 18:43 static/image/common/back.gif
http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwL7CABCSelU9e2

رەھمەت، مەن بۇنى ئىككىنچىسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئۈستىدە يوللىغىنىڭىزدىن چۈشۈرۈۋالغان.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:18:24

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 20:18 static/image/common/back.gif
رەھمەت، مەن بۇنى ئىككىنچىسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئۈستى ...

ماۋۇ تېمىدىكىسى ئۈچۈنجى بۆلۈمى. سىزگە يوللاپ بەرگىنىم ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ ئادرېسى.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 23:01:37

بىرىنچىسىچۇ ئەمىسە؟ باشتىن كۆرسەم بولاتتى.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 23:08:32

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 23:01 static/image/common/back.gif
بىرىنچىسىچۇ ئەمىسە؟ باشتىن كۆرسەم بولاتتى.

مەزمۇنى بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئەمەس.

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:30:43

مەن بىر كىنو ئىزلەيتتىم ، ۋەقەلىكىنىمۇ ئانچە جىق بىلمەيمەن لىكىن بىلگىنىمچە دەپ باقاي : ئامرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر چۆكمە پاراخۇتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتسا تۇيۇقسىز بىر بۇيرۇق  كىلىپ دەرھال پاكىستانغا نەچچە دانە يادىرو ئوق بېشى قۇيۇپ بىرىشنى دەيدۇ ، لىكىن پاراخۇت كاپىتانى ئۇ نىمە ئىش دەپ تازا قۇشۇلماي تۇرسا تۇيۇقسىز ئاسماندا ئېف 18 بەلگىلىك بىر سۇقۇش ئايرۇپىلانى بىر دانە باشقۇرىلىدىغان بومبا قۇيىۋېتىدۇ ..........................

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 18:09:02

بەزى ئاتالغۇلار نېمانداق غەلىتە. ئەمدى بىرىنچى بۆلۈمىنى تېپىپ بېرىڭلار، كۆرمىسەم بولمايدۇ. {:92:}

Estami يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

nasin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 04:36 static/image/common/back.gif
ئەسلى ۋەقەلىكىنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىنى قىسقارتىۋىتىپتۇ  ...


شۇ ، كارتۇن فىلمىنى ئوبدان كۆردىكەنمىزدە .

يېقىندا كىنو قويۇپ ئىشلەنگەن پارازىت قۇرت نى تۆت كۆز بىلەن ساقلاۋاتىمەن ، كارتونىغۇ دەھشەت ئىدى .

nasin يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

Estami يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 00:12 static/image/common/back.gif
شۇ ، كارتۇن فىلمىنى ئوبدان كۆردىكەنمىزدە .

يېقىندا ك ...

5-10 يىللار بۇرۇن بەك كۆپ كۆرەتتىم. تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن بارا-بارا چىقىپ كەتتىم.
بەت: [1]
: [تەرجىمە فىلىم] سەرسانە كېنشىن III (كىنو نۇسخا)