Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 04:39:32

‏‏‏‏نۇرئېمان خېنىم

‏‏‏
‏ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس ھىكايىلىرى بار، بىر تال كونا تام، بىز دائىم كوچىلاردا كۆرۈپ تۇرىدىغان ناتونۇش كىشىلەر، مەھەللىمىزدىكى قۇرۇپ قالغان كۆلچەك، كوچىلارنىڭ ئىسىملىرى، شەھەردىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاشىق ھىكايىلىرى ... بۈگۈن مېنىڭ ھىكايەم گۈزەل بىر خېنىمنى سۆزلەيدۇ. ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ پەلەمپەيلىرىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتىدىغان، قەشقەرنىڭ بارلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ بىركىملەرنى توختىماي ئىزلەيدىغان ھەقىقى بىر ئاشىق قىسسىسىغا يۈرىكىڭىزدىن ئورۇن بەرگەيسىز.

‏ھىكايىلەر گۈزەل ۋە سىھرى كۈچكە ئېگە بولغاندەك، شۇ ھىكايىلەردىكى كىشىلەرمۇ ھەم ھىكايىنى ئېيتىپ بەرگۈچىلەرمۇ شۇنداق بولامدىكىن، مەن گۈزەل نەرسىلەرنى ئويلىسام تاتلىق ئاپامنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كەچلىرى كىتابى تىلدا  ئېيتىپ بېرىدىغان ھىكايىسىدىكى نۇرئېمان خېنىم كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى. مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن دائىملا يېڭى چاغلىرىدا چوقۇم پۇزۇر بولغان، لېكىن ھازىر بەك كونىراپ كەتكەن چىرايلىق كۆڭلەكلىرىنىڭ ئۈستىگە جىلىتكە كىيىپ، چاچلىرىنى چىرايلىق ئۆرۈپ، بوپىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ يۈرىدىغان بۇ خېنىم كىچىك چاغلىرىمدىكى قەشقىرىمنىڭ ئەڭ گۈزەل سيمالىرىدىن بىرى ئىدى.

‏«نۇرئېمان خېنىمنىڭ دادىسى چوڭ بايلاردىن ئىكەن» دەپ باشلايتتى ئاپام ھىكايىسىنى، «ئۇ بەكمۇ چىرايلىق چوڭ بولغان قىزبالا بولۇپ، بويىغا يەتكەندە دادىسىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ بېرىدىغان يىگىت بىلەن كۆڭلى باغلىنىپ قاپتۇ». ھىكايە بۇ يەرگە كەلگەندە مىنىڭ كونتىرۇللىقىمدىن چىققان تەسەۋۋۇرۇم خېنىمنىڭ قورۇق چۈشكەن بولسىمۇ يەنە چىرايلىقلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان يۇمىلاق يۈزلىرىگە،داۋاملىق ئوسما ئۆكسىمەيدىغان ئەگىم قاشلىرىغا، ئۆتۈكلىرىگە، قولتۇقىدىكى بوغچىسىغا كېتەتتى. خېنىم ئاشىق بولغان يىگىتنى ياكى خېنىمنىڭ ياش ۋاقتىنى زادىلا كۆزئالدىمغا ئەپ كېلەلمەيتىم، دادىسىنىڭ ھويلىسىنى مەن كۆرگەن رابىيە-سەئدىن دىرامىسىدىكى شاپ بۇرۇتلۇق سىمىز ئادەمنىڭ كەينىدە بېغى بار ھويلىسى دەيتتىم. ئاپامنىڭ ھىكايىسى داۋام ئېتەتتى:«ئۇ يىگىتمۇ بەكلا ياخشى يىگىت بولۇپ، نۇرئېمان خېنىمنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇلار توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ». خىياللىرىم يەنە باشقا جايلارغا سەپەر قىلىپ كېتەتتى، بىزنىڭ ھاجىمكام دەپ ئاتىلىدىغان تاقىر باشلىق، گىرمانلارغا ياكى ئىتالىيەنىڭ ھەجۋى فىلىملىرىدە چىقىدىغان ئارتىسلارغا ئوخشايدىغان تۇغقىنىمىز ۋە ئايالى نۇرئېمان ئاپامنى ئويلايتتىم، ئاشۇ ئاپامنىڭ داۋاملىق ئاچچىققا تولۇپ تۇرىدىغان يۈزلىرى، چۇۋۇلچاق چاچلىرى ۋە سەل يانتۇغا جايلاشقان بىرتال ئالتۇن چىشى پۈتۈن خىيال ئىكرانىمنى قاپلاپ كېتەتتى. بۇ ئاپاممۇ كۆينەك ئۈستىگە جىلىتكە كېيەتتى، كۆزلىرى سىنچىلاپ قارىسا بەكمۇ چىرايلىق قوڭۇر ئىدى، بەزى-بەزىدە كۈلۈپ قويسا ياكى مىھرىبانلىق بىلەن يۈزلىرىمنى سىلاپ قويسا تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتەتتى. نېمىشقىدۇر تۇغقان ئاپاملار بىز كۆينەكلىرىمىزنى جايلاپ كىيەلمىسەك، ئاياقلىرىمىزنى تەتۈر سېپىۋالساق ياكى ئوسمىلىرىمىز قىڭغىر-سىڭغىر چىقىپ قالسا، ۋاي خۇدايىم، نۇرئېمان ساراڭدەك بولىۋاپلىغۇ دەپ زاڭلىق قىلىپ قوياتتى، مەن قايسى نۇرئېماننى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، چۈنكى ھەر ئىككى خېنىم گۈزەللەردىن بىلىنەتتى. نۇرئىمان ئاپامنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەستى، بولۇپمۇ نېرۋىلىرى دائىم چارچاپ تۇرىدىغاندەك ئىدى، يولدىشى ھاجىمكام ئۆزىدىن ئىگىز كەلگەن بۇ ئايالىغا بەكمۇ كۆيەتتى، بەكمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى، تاماقلارنى توشۇيتتى، ھىچكىمنى ئايالى توغرۇلۇق سۆزلىگىلى قويمايتتى.

‏«شۇنداق قىلىپ ئۇلار توي قىلىشقا پۈتىشىپتۇ» ئاپامنىڭ ئاۋازىغا قايتىپ كىلەتتىم: «خېنىمنىڭ دادىسىغا ئەلچىلەر بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ، باي بەك خاپا بولۇپ كېتىپتۇ ۋە خېنىمنى دەرھال يىگىت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە بۇيرۇپتۇ، خېنىم قەتئى ئۇنىماپتۇ، يىگىتنى يىراقلارغا ئاپىرىۋىتىش توغرۇلۇق قارارلار چىقىرىلىپتۇ». ھىكايە بۇ يەرگە كەلگەندە نۇرئېمان ئاپامنىڭ تويىنىڭ ئاسان بولمىغانلىقىنى، ياش چاغلىرىدا بەك چىرايلىق بولغاچقا كۆپ ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى، بىراق يەنە كۆپ ئادەملەرنىڭ بۇ ئاپامنىڭ سەل چېچىلغاق مىجەزى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن يېنىشىپ كىتىشىدىغانلىقىنى ئاپامدىن ئاڭلىغانلىرىم بويىچە ئويلاپ قالاتتىم، نۇرئېمان ئاپامنىڭ ئاپىسى ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ ھاجىمكامغا گەرچە ئۇ ئانچە كىلىشكەن بولمىسىمۇ بەرگەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۇلارنى مازاق قىلغانلىقىنى ئويلايتتىم. چۈشەنمەي ئاپامدىن سورايتتىم،«ئاپا، ئادەملەر نىمىشقا توي قىلىدۇ؟ نىمىشقا نۇرئېمان ئاپامنى زاڭلىق قىلىدۇ؟» «بالام، چوڭ بولغاندا ھەممە ئادەم توي قىلىدىغان گەپ، نۇرئېمان ئاپىلىرى بەك ياخشى، ئادەمنى زاڭلىق قىلسا يامان بولىدۇ»، «ئاپا، مەن پەرھات ئاكام بىلەن توي قىلىمەن» دەيتتىم، ئاپام كۈلۈپ كېتىپ يەنە ھىكايىسنى داۋام قىلاتتى. «شۇنداق قىلىپ باي بەك ئاچچىقلاپتۇ ۋە يىگىتنى چاقىرىپ ئۇنىڭ يىراقلارغا كېتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى دەپ تەھدىت ساپتۇ، يىگىت خېنىمغا بەك ئاشىق بولغاچقا باينىڭ سۆزلىرىگە ئۇنىماپتۇ، خېنىمدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن دەپتۇ. باي خېنىمنىمۇ چاقىرىپ كەپتۇ، ئۇنىڭغىمۇ تەھدىت سېلىپ ئەگەر يىگىتكە نەسىھەت قىلىپ كەتكۈزىۋەتمىسە، يىگىتنىڭ جېنىنى تېنىدىن ئايرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بەكمۇ گۈزەلكەن، باينىڭ ئەسكى ھەم سەت ئاچچىقى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە تەسىر قىلالماپتۇ.»  مەن بەكمۇ ئاچچىقلانغان باينى، بىر-بىرىگە كۈلۈپ قاراپ تۇرغان يىگىت بىلەن خېنىمنى، ئۇلارنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىنى كۆز ئالدىمغا ئەپكىلىشكە تىرىشاتتىم، ئاپامنىڭ ئاھاڭىدا پەقەتلا قايغۇ يوق بولغاچقا بۇ ھىكايىنى خۇشال ھىكايە دەپ بىلەتتىم. نۇرئېمان ئاپاملارنىڭ ئائىلىسىگە مەسلىكىم كېلەتتى، تاقىرباش ھاجىمكامنىڭ قەتئى لېكىن ئايالىنى كۆرگەندە بەك يۇمشاق كۆرىنىدىغان ئۇزۇن بۇرۇنلۇق چىرايىنى ئويلايتتىم، ئۇ ئىككىسىنى ھىكايىدىكى ئىككى ئاشىققا ئوخشىتاتتىم. «ھەممە ئىشىدا باشقىلارنى مەجبۇرلاب كۆنگەن باي قىزىنىڭ ۋە چاكىرىنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقىنى كۆتىرەلمەپتۇ، غەزەپلىنىپ، غەزەپلىنىپ ئاخىرى يىگىتنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ»، ھىكايىدا يىگىتنىڭ ئىسمى چىقمايتتى، ئاپام «ئۇ يىگىت» دەپ ئېيتىپ بېرەتتى، مەن يەنە شۇ ئاپامنىڭ ئاۋازىدىن ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئۇنچە يامان ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلاتتىم، شۇڭلاشقىمىكىن يىگىتنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىلىشى مەن ئۈچۈن ھىكايىنىڭ داۋامى بارلىقىغا بولغان بىر خىل ساددا ئىشەنچ بېغىشلايتتى. «باينىڭ ئادەملىرى يىگىتنى خېنىمنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپتۇ»، «خېنىم قانداق بوپتۇ؟»«خېنىم شۇندىن بۇيان ھەقىقى ئاشىق بوپتۇ، يىگىتنىڭ ئىككى دۇنيالىق ئاشىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، شۇندىن كىيىن خېنىم ھەركۈنى يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەڭ چىرايلىق گىرىملىرى بىلەن، بوغچىسىنى دائىم تەييار قىلغان ھالدا يىگىتىنى ساقلايدىكەن»، «يىگىتى قاچان كىلىدىكەن ئاپا؟» «خېنىم تەييار بولغاندا»«قاچان تەييار بولىدىكەن ؟»«پات يېقىندا بالام، نۇرئېمان خېنىمنى كۆرگەندە ھەرگىز ئەدەبسىزلىك قىلمىسىلا جۇمۇ بالام، خېنىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئاندىن يىگىتى توغرۇلۇق سورىمىسىلا، خېنىم تەييار بولغاندا يىگىتى كېلىپ ئۆزى ئەپ كېتىدۇ، ماقۇلمۇ ئەقىللىق قىزىم». ئاپامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرى چۈشكىچە مەن بۇخاراغا كەتكەن بولاتتىم.
‏شۇنداق ھىكايىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ چوڭ بولدۇم، نۇرئېمان ئاپامنىڭ ھىكايىسىنى ئۆزۈم كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم، ئۇ ئاپام ئاغرىق ئېدى، كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق ۋە دورىنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەنلىكتىن كەپ چىققان غەلىتە بىر نۇر كېلەتتى. ئادەمگە سىنچىلاپ قاراپ كېتەتتى، قىزلىرىنى تۇيۇقسىز تىللاپمۇ كېتەتتى، ئۆيدە ۋارقىراپ يۈرىدىغان چاغلىرى بەك كۆپ ئېدى، باشقا تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ جىق بارمايتتى، ھويلىسىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى ياز كۈنلىرى. مەن بىلەن بەزى-بەزىدە پاراڭلىشىپ قوياتتى، "ئاپاڭ ئوبدان ئايال ھە، سەن ئاپاڭغا ئوخشايسەن" دەيتتى. نۇرئېمان ئاپامنىڭ مىجەزى سەۋەپلىك تۇغقانلار ھەم ئۇنىڭ بۇرۇنقى دوستلىرى ئانچە بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان بولۇپ قالغاچقا ئۇ تېخىمۇ چۇس بولۇپ قالغان ئېدى، لېكىن ھاجىمكام يەنىلا نۇرئېمان ئاپامنىڭ ئاشۇ ياش چاغلىرىدىكى ئاشىقى ئېدى، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشاتتى، «خان» دەپ چاقىراتتى، ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىنى توشۇيتتى، كىيىملەرنى ئەپ بېرەتتى، يەنىلا باشقىلارغا ئۇنىڭ يامان سۆزلىرىنى قىلغىلى قويمايتتى،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سورۇنلارغا باراتتى ھەم ئۇنى دائىم يېنىدىكى تۆردىن ئايرىمايتتى . مەن نۇرئېمان ئاپامنىڭ  كۆزىدىكى خاتىرجەملىك ۋە گۈزەللىكنى سېزىۋالاتتىمدە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كېتەتتىم، ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا مەسلىكىم كەلگىنىنى بىلىپ ماڭا چىرايلىق كۈلۈپ قوياتتى ۋە گېزەكلەرنى ئۇزىتىپ ئەركىلىتىپ قوياتتى.
مەنمۇ ئاشىق بولۇپ ۋىسال ۋە ھىجران كوچىلىرىدا بوغچامنى قىستۇرۇپ يۈرگەن كۈنلىرىم ھاياتىمنىڭ ئاساسلىق كارتىنىلىرى بولغان چاغلار ئۆتتى ، ۋاپانىڭ، مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغان ھەم جاۋاپ ئىزلەيدىغان، ئۆزۈمنىڭ ۋاپا بابىدا كىملىكىمنى ، قانداقلىقىمنى بىلسەم دەيدىغان بولدۇم. نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا ئاپامدىن كىچىكلىكىمدە ھەممە نەرسىنى سورىسام جاۋاپ  ئالالايدىغان كۈنلىرىم كەتكەن ئېدى . ئاپام بايان قىلىپ بەرگەن  ھەقىقى ئاشىقلىقنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىۋاتاتتىم. ئىككى نۇرئىمان خېنىملارنىڭ ھېكايىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاشىقلىرى مېنىڭ مۇھەببەتتىن ئازار يېگەن دەقىقىلىرىمدە كۆزلىرىمگە كۈلكە، سۇنغان كۆڭلۈمگە كۆتۈرەڭگۈلۈك بېرىدىغان بولدى. ئۇلار مېنىڭ  چۆچەكلىرىمنىڭ قەھرىمانلىرى ئېدى، چۈشلىرىمدىن چىقمايدىغان قەشقىرىمنىڭ كوچىلىرىدا ئاشىقلارنىڭ مۇھەببەتلىك بېقىشلىرى پۈتكۈل شەھەرنى ئىللىقىنە ئوراپ ھەممەيلەننى شۇ مۇھەببەت بىلەن باغلاپ تۇراتتى.

Sent using OWA for iPhone

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 12:59:06

ھېكايىڭىزنىڭ تىلى شۇنداق گۈزەل چىقىپتۇ !! قەشقەرنى سېغىندۇردىڭىز ... رەھمەت !!

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:07:29

مەن نۇرئىمان خېنىمنى كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ بىلىمەن، كىچىك ۋاقتلىرىمدا ئاپام بىلەن تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىش يولىدا ھېيىتگاھ ئەتراپىدا  ئانچە مۇنچە ئۇچراپ قالاتتى ۋە تولىمۇ چىرايلىق گەپلەر بىلەن پارچە پۇل سورايتتى. مەسىلەن: خېنىم يانچۇقلىرىدا بىر يۈەن پارچە پۇل بولسا بەرسىلىرى بوپتىكەن . دىگەندەك.
قەشقەردە چوڭ بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەزلۇمنى ئۇنىڭ تىلەمچى ئەمەس بەلكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تەركى دۇنيالىقىنى بىلىدۇ. بۇ بىر ئەمەلىي شەخىس.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:09:08

زەگەلى كوچىسىدىكى ئانچە مۇنچە سۆزلەپ قويىدىغان يۇۋاش نۇرئىمانخىنىم شۇمۇ؟ھازىرمۇ ھاياتمۇ؟

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:15:38

ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ قىزىنىڭ قىينى ئانىسىنىڭ ئىسمى نۇرىمان ئىدى...تۇگەپ كەتتى بۇلتۇر قىشتا..:'(

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 03:27:41

بۇ ھەقىقەتەنمۇ رىئال ئۆتكەن شەخس. قەشقەرنىڭ مەھەللە -كويلىرىدا چوڭ بولغان نۇرغۇن ئادەملەر بۇ خېنىمنى بىلىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ . باشقىلار ئۇنىڭ ھىكايىسىنىڭ قانداق ۋارىيانتلىرىنى بىلەركىن بىلمىدىم ، لېكىن مەن بايان قىلغىنىم ئاپامدىن ئاڭلىمىسام ئۇخلىمايدىغان ، دائىملا ئوخشاش ئېيتىلىدىغان ھېكايە ئېدى . مېنىڭ خاتىرەمدىكى قەشقەر ئەنە شۇنداق ئەسلىمىلەرگە تولغان ، يىراقلاردىن سالام يوللىغان چاغلىرىمدا مۇشۇنداق تونۇش ھەم ناتونۇشلارنى ئەسلەيمەن. سىلەرنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىڭلاردا جىق ئاڭلىغان ھېكايىلىرىڭلار باردۇ ھە ؟ مەن شۇ مەن دېمەتلىكلەرنىڭ بالا چاغلىرىدىكى بەزى خاتىرىلىرىنى تارتىپ چىقىرىپ قويدۇم، بۇلارنى يېزىشنىڭ ئۆزىلا بىر ھوزۇر جەريان بولدى .

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 04:11:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tashchiqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 04:14  

ھازىر ھاياتمۇ يوق بىلمىدىم ، قەشقەردە كۆرگەنلەر بولسا خەۋىرىنى ئېلىپ تۇرساق ياخشى بولاتتى.

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 04:11:34

سىزگىمۇ رەھمەت. سېغىنغان بولسىڭىز كۆپرەك يوقلاپ تۇرۇڭ قەدىم جايلارنى .

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 11:00:40

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 19:15 static/image/common/back.gif
ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ قىزىنىڭ قىينى ئانىسىنىڭ ئىسمى نۇرى ...

نەۋرە ئاچىلىرىنىڭ قەنئانىسىما
بەت: [1]
: ‏‏‏‏نۇرئېمان خېنىم