altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 01:45:24

ئاھ ماھىرە

ئاھ ماھىرە
بىلگىنۇر


ئۆيدە ھېچكىشىنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ چامادانىمنى رەتلەۋاتقان شۇ دەمدە ئەمدى بۇ ئۆيگە كەلمەسلىككە ئۆز- ئۆزۈمگە قەسەم قىلدىم. ئاپام، دادام بىلەن كۈلۈشۈپ ئوينىغاندىكى جاراڭلىق ئاۋازلىرىمىزنىڭ ئەكىس ساداسى قالغان، بالىلىقتىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنىڭ شاھىدى بولغان بۇ ئۆينى، دادامنى تاشلاش تولىمۇ ئازاپلىق بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ئۆيدىن ئايرىلماقچى بولدۇم.چامادانىمنى سۆرەپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئوچۇق قالغان تارتمىدىكى چامادانىمغا سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئالبۇمۇمغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇنىڭدىكى پۈتۈن رەسىملەرنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ماڭا قالدۇرغىنى پەقەت بىر ئالبۇمدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. رەسىملەردىكى قەدىرلىك كىشىلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى بۇرۇنقىدەك ماڭا تەئەللۇق ئەمەس ئىدى. ھەممىسىلا يېنىمدىن بىر- بىرلەپ كېتىپ، ھاياتىمدا مېنى ئۆزۈمگىلا تاشلاپ قويغانىدى.

خوش، قوزام!
(1)
سەككىز ياش ۋاقتىم ئىدى. ئانام تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. دادام ھەممە ئىشقا تەڭ يېتىشەتتى. ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ تاماق ئىتەتتى. ناشتىدىن كېيىن مەن مەكتەپكە ماڭاتتىم، دادام دوختۇرخانىغا ماڭاتتى. چۈشتە مەكتەپتىن چۈشكەندە دادام مېنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى. بىللە ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ ئاپامغا تاماق ئېلىپ باراتتۇق. ئاندىن دوختۇرخانىدىن مەن مەكتەپكە ماڭاتتىم، دادام ئىشقا ماڭاتتى. كۈنلىرىم مۇشۇ تەرىقىدە داۋام ئېتەتتى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئاخشىمى مەن قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە ياتاتتىم، دادام ئانامنىڭ يېنىغا كېتەتتى.بىر كۈنى ئاخشىمى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە كەچلىك تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق، بىزنىڭ ئۆيدىن تېلېڧوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دادام يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى ۋە قايتىپ كىرىپلا « بالام مەن ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي، ئەتە چۈشتە مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىغا بارىمەن، دەرستىن چۈشۈپ ئۇتتۇر دەرۋازىغا چىقىڭ، گەپ ئاڭلاڭ جېنىم بالام» دەپ قۇرۇپ تېرىسى سويۇلۇپ كەتكەن لەۋلىرى بىلەن پېشانەمگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ چاپىنىنى ئاسقىدىن ئېلىپلا چىقىپ كەتتى. تاماقتىن كېيىن قوشنىمىزنىڭ مەندىن ئىككى ياش چوڭ قىزى ئاينىگار بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرغىنىمدا، يان ئۆيدىن سۇس پاراڭ ئاۋازى كەلدى.
-        ساغلام بىر چوكان ئىدى گۈلبەھرەم. قانداق بولۇپ بۇنداق كېسەل بولۇپ قالدىكىن خۇدايىم توۋا. – دېدى ئايال.
-        خۇدايىم بەندىسىگە بەرمىسۇن. قىزى كىچىكتە.- دېدى ئەر ئۇھسىنىپ.
يۈرۈكۈم سوقۇپ تۇراتتى. شۇملۇق بۇرنۇمنىڭ ئۇچىدىلا ئىدى. تۇيۇقسىز ئاپامنى ئۇ قەدەر سېغىندىمكى، ئۇنىڭ ئېتىكىگە ئۆزۈمنى ئېتىپ قۇچاقلىغۇم، قولىدىن يېتىلەپ ئۇنى دورا- ئوكۇل پۇرىقىدىن سېسىپ كەتكەن دوختۇرخانىدىن ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگۈم، ئۇنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يېگۈم، ئەتىكى سەھەرنى ئۇنىڭ قوينىدا كۈتۈۋالغۇم كەلدى. ئەمما مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تۈگۈلۈپ قۇيلىشىپ كەتكەن پۇتۇمنى سوزۇشتىنمۇ قورۇنۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان قىياپەتتە ئولتۇرغان بىر كىچىك قىز ئىدىم. بۇنچە كەچتە ھېچيەرگە بارالمايتتىم.تۇيۇقسىز كۆزلىرىم نەملىشىپ گېلىمغا ئاچچىق ھاۋا قاپلاشتى. يېشىمنى يېڭىم بىلەن چاندۇرماي سۈرتىۋېتىپ كىتاپقا تەلمۈرگەن بولۇپ مەشىق قەغىزىمگە بىر نېمىلەرنى جىجىلاشنى داۋام قىلدىم. يان ئۆيدىن يەنە بىزنىڭ ئۆي ھەققىدە پاراڭ كەلدى.
-        مەھمۇدمۇ نەچچە كۈندىلا مۈكچىيىپ قاپتۇ كۆزلىرى پارقىراپ. دوختۇرخانىغىمۇ نۇرغۇن پۇل كەتكەندۇ. بەك قىممەتمىش بۇ ئاغرىقنىڭ چىقىمى ئۇنىڭ ئۈستىگە.- دېدى ئايال بوشقىنە.
-        تۇققانلار پۇل بەرگەن ئوخشايدۇ. كۈچىمىز بولسا بىزمۇ ياردەم قىلاتتۇق دېگىنە. بىزنىڭ ھالىمىزمۇ چاغلىق.- دېدى ئەر.
-        شۇنى دېمەمسىز. ھەر نېمە بولسا تۇققانلىرى ئەسقېتىپتۇ. – دېدى ئايال.
ئارىدىن بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن تېلېۋوردىن خەۋەر ئاۋازى كەلدى.
-        مەھمۇدنىڭ تۇققانلىرى بىرىپتىمۇ  يا گۈلبەھرەمنىڭمۇ؟- بىردەمدىن كېيىن ئايال شۇنداق سورىدى.
-        مەھمۇدنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىككىسىلا يوق بىلىسەن. بىر تۇققانلىرىنىڭمۇ ھالى ئۆزى بىلەن. گۈلبەھرەمنىڭ باي بىر تاغىسى بارمىش شۇ بەكرەك قىلغان ئوخشايدۇ، ئاتا- ئانىسىمۇ چىقارغان چېغىۋا.- دېدى ئەر جاۋاپ تەرىقىسىدە.
-        پۇل دېگەن زادى باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان نېمە. ئۆلۈپ تارتىپ قالسىمۇ پۇل لازىم ئادەم دېگەنگە. خۇدايىم ئوڭ قىلىپ بېرە. دېدى ئايال.
ئىككىسىلا ئۇھسىنىپ قويۇشۇپ جىمىپ قالدى. تېلېۋوزوردىن خەۋەر ئاۋازى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. مەنمۇ قۇلاق بېرىشنى توختاتتىم. يۈرىكىم لەختە بولدى. دەپتىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ تالاغا ماڭدىم. ھەممىسى تەڭ كەينىمدىن كېلىپ بۇ كەچتە نەگە بارىدىغانلىقىمنى سورىدى. « ئاپامنىڭ يېنىغا بارىمەن» دېدىم ۋە يىغلاپ كەتتىم. « بالام ئاپىڭىزنى ئەتە ياندۇرۇپ كېلىدىكەن، دوختۇرلار ئەمدى ئۆيگە ئەچىكىتىڭلار دەپتۇ» دېدى ئۆي ئىگىسى ئەر. « ئاينىگار بىلەن ئويناپ تۇرۇڭلار قىزىم، ئەتە ئاپىڭىز كەلسە ئەمدى بارمايدۇ دوختۇرخانىغا، ھازىر سىز ئۇ يەرگە بارسىڭىز سىزگە ياتىدىغان يەر يوق. ئەتە دادىڭىز ئاپىڭىزنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر كېتىمەن دېسىڭىز دادىڭىز بىزدىن خاپا بولمامدۇ، قىزىمغا ياخشى قارىماپتۇ دەپ. مېڭىڭ قىزىم كىرىپ كېتەيلى. » ئاينىگارنىڭ ئانىسى يېشىمنى سۈرتكىنىچە مېنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كىرىپ ئورۇن راسلاپ بەردى. ئۇخلىغان قىياپەتتە ياتتىم لېكىن كۆزۈمدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى. ھېقىقدايتتىم. قاچانلاردا ئۇيقۇغا كېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى ئىختىيارىسىزلا سەھەر تۇرۇپ كەتتىم. خۇددى بۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر بايرام كۈنىدەك ئىدى. ئاينىگارلار بىلەن ناشتا قىلغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە كىرىپ ئاپام ئۆزى تىكىپ بەرگەن كېپىنەك شەكىللىك كۆينىكىمنى كىيىپ، چېچىمنى چىرايلىق تاراپ، ئاياپ ئېلىپ قويغان يېڭى قىسقۇچۇمنى قىسىپ مەكتەپكە باردىم. چۈشتە دەرستىن چىقىپلا دەرۋازا ئالدىغا چاپتىم دادام بىلەن ئاپام مېنى ساقلاپ تۇرغانىدى. يىغلىغان پېتىدا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاپامنىڭ قۇچىقىغا ئېسىلغان ئىدىم « قىزىم ئاۋايلاڭ» دېدى دادام ئاپامنى يۆلەپ. ئاپامغا سىنجىلاپ قاراپ كەتتىم. ئۇ كۆزۈمگە شۇنچىلىك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتىكى، ياش ۋاقتىدىكى رەسىملىرىگە ئوخشاپ قالغانىدى. ئەمما بۇرۇنقى جانلىقلىقىدىن ئەسەر قالمىغانىدى. تولىمۇ ھالسىز كۆرۈنەتتى. نېمە سەۋەپتىنكىن، يۈزلىرى ئاقىرىپ قالغانىدى. كۆزلىرىمۇ پارقىراپ، ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغان كىشىدەك كۆرۈنەتتى. دادام بولسا بىر غەم ئىسكەنجىسىدە قالغان كىشىدەك كۆرۈنەتتى. خاتىرجەمسىزلىكى ئۇنىڭ يۈزىدە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ دەمدە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس ئىدى. ئەڭ مۇھىمى سۆيۈملۈك ئاپام يېنىمغا قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەتىسى چوڭ دادا، چوڭ ئاناملار يۇرتتىن بىزنى كۆرگىلى ئۈرۈمچىگە كەلدى. بۇ مەن ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بايرام ئىدى. كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق بايرام ئىچىدە ئۆتۈپ بىر ئايدىن كېيىن ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ قايغۇ- ماتەملىك بىر كۈننى كۈتۈۋالدىم. كىچىككىنە يۈرۈكۈم ئەنە شۇ كۈندىن بېرى بىر كۈنمۇ كۈلۈپ باقمىدى.
بىر كۈنى مەكتەپتىن ئۆيگە كەلسەم ئۆينى يىغا- زارى، داد- پەرياد قاپلاپ كېتىپتۇ. بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم. يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقۇپ، پۇت- قولۇمدا جان قالمىدى. تاكى يىغلىغىنىمچە ئېتىلىپ كىرىپ ئاپامنىڭ قۇم ئۈستىدە ياتقان جەسىتىنى كۆرگىنىمگە قەدەر، يىغلاۋاتقان دادامنىڭ، قاقشاۋاتقان چوڭ ئانامنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم. ئاپامنىمۇ چوقۇم ئىچكىرىكى ئۆيدە يىغلاۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما ئاپام تىنىچقىنە ياتاتتى. ئۇنىڭ  ئاپئاق يۈزىنىلا كۆرەلىدىم. بەدىنىگە ئاق رەڭلىك لىباس پۈركەنگەنىدى. يېنىدا گۈرۈلدەۋاتقان شامالدۇرغۇچ ئۈستىگە ئورالغان ئاق لىباسنى يىنىك يەلپۈتۈپ ئاپامنى ئۇخلاپ ياتقان پەرىلەردەك كۆرسىتەتتى. « ئاپا» دېگىنىمچە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىشىمغا بىرلىرى كەينىمدىن تۇتۇۋالدى. ھەممىسىلا يىغلىشىۋاتاتتى. بىر ئاپاملا ئاۋازسىز ياتاتتى. « ئاپام ئۆلۈپتۇ» دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇنىڭغا ئىشىنەلمىگەچ، « ئاپام قوپسۇن! » دېگىنىمچە ۋارقىراپ يىغلىدىم. مېنى تۇتۇۋالغانلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنماقچى بولۇپ سىلكىنەتتىم. ئەمما كۈچۈم يەتمەيتتى. دادام يېنىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى. دادامنى كۆرگىنىمدىلا كۆڭلۈمگە ئەمىنلىك چۈشتى، ئارقىدىن چوڭ ئانا، چوڭ داداملار ۋە باشقا تۇققانلار يېنىمغا كەلدى. « ئاپام قاچان قوپىدۇ» دېگىنىمچە يىغلاۋەردىم. ھەممىسى نۆۋەت بىلەن يېشىمنى سۈرتەتتى. « ئاپىڭىز جەننەتكە بارىدۇ، بىز ئۇنى ئۇزىتىپ قويىمىز، ئارقىسىدىن بىزمۇ بارىمىز، ئۇ بالدۇر بارغاچ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ياخشى بولغاچقا خۇدا ئۇنى بالدۇر تاللىۋالدى قىزىم» دېدى چوڭ ئانام. « مەنمۇ بارىمەن، ئاپام، ئاپام، ئاپام....» دەيتتىم توختىماي يىغلاپ. بىردەمدىن كېيىن ئاپامنى تاۋۇتقا سېلىپ مەسچىتكە ئېلىپ كېتىشتى. مەنمۇ ئارقىسىدىن چاپتىم. بىر توپ كىشى ئاپامنى ئېگىز كۆتۈرۈشىۋالغانىدى.قانچە سەكرىگىنىم بىلەن قولۇم يەتمەيتتى. توختىماي چاپاتتىم. ھېلى ئۇنى ئۇراتتىم ھېلى يەنە بىرىنىڭ كىيىمىگە ئېسىلىۋالاتتىم. ئەمما كۈچۈم يەتمەيتتى. چىرقىرايتتىم، تۇتۇۋالغانلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇناتتىم. شۇنداق مېڭىپ قەبرىستانلىققا كەلدۇق. يىغلاشنى يەنىلا توختاتمىدىم. دۇئا قىلىشىتى ۋە ئارقىدىن ئاپامنى كۆمۈۋېتىشتى. ئاپامنى ئاپئاق لاتىغا ئوراپ ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىگە توپا تاشلىغان چوڭ دادام، دادام ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇققانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئۆچ بولدۇم. يەرگە ئۆزۈمنى ئېتىپ، تۇپراقنى تاتىلاپ يىغلاشقا باشلىدىم. شۇ تەرىقىدە ھالسىزلىنىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئويغانغىنىمدا بولسا دادامنىڭ قۇچىقىدا ياتاتتىم. قولۇمنى ھەرىكەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىدىم قولۇم چىمىلدىدى. بىلىكىمگە ئاسما- ئوكۇل مېڭىۋاتاتتى. « ئاپام قېنى» دېدىم ئاغزىمنى لۆمۈلدىتىپ، ھالسىزلىقىمدىن كۆزۈمنى تولۇق ئاچالمىدىم. پۈتۈن بەدىنىمنى ئۇيقۇ ۋە ئاغرىق بېسىپ تۇراتتى. قىززىق تىنىقلىرىم پۈتۈن بەدىنىمنى بىئارام قىلاتتى. يۈرۈكۈمنىڭ سوققان ئاۋازى بېشىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن قۇلىقىمغا ئاڭلىناتتى. دادامنىڭ يېشى يۈزۈمگە تامچىدى. « بالام ئاستا يۆلەي ئاش ئىچىڭ، بولمىسا ساقايمايسىز ئاپئاق قىزىم.» دېگىنىچە مېنى ئاستا يۆلەپ تاماق يېگۈزدى. شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن ئۆيگە يېنىپ كەلدۇق. ئۆيدە چوڭ ئانام، چوڭ دادام بار ئىدى. باشقا تۇققانلار ۋە يېقىن يورۇقلار ئۈزۈلدۈرمەي كېلىپ تۇراتتى. ئەمما بىر ئانام يوق ئىدى. مەكتەپكە پەقەتلا بارماي تۇرۇۋالدىم. ھېچكىمگىمۇ گەپ قىلمايتتىم. مەھەللىدىكىلەرنىڭ قىزىق ئويۇنلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك مېنى ئۆزىگە قىزىقتۇرالمايتتى. بىرى ماڭا سەل يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلسىلا يىغلايتتىم. كۈن كۈنلەپ ھېچكىمگە گەپ قىلماي تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتىم. يازلىق تەتىل بولدى. دادام مېنى چوڭ ئاناملارنىڭكىگە ئاپىرىپ قويۇپ ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كەتتى. بىر نەچچەكۈن ئۆتمەيلا ئاتا- ئانامنى سېغىنىپ يىغلاپ تۇرۇۋالدىم. بىر مىنۇتمۇ توختىماي يىغلايتتىم ھېرىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. تاماقمۇ يىگىلى ئۇنىمايتتىم. موماملارنىڭ ئارقا تام قوشنىسى- يېقىن تۇققىنىنىڭ باشلانغۇچنى يېڭى پۈتتۈرگەن ھېكىم ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ھەدەپ يىغلاۋاتاتتىم يېنىمغا شۇ كەلدى. « كىم يىغلىسا شۇنى تىكەنگۈلگە دەسسىتىمەن، كىم كۈلسە شۇنى ئېرىققا ئاپىرىپ ئوينىتىمەن»، دېدى ئۇ كۆزىنى ئالامبايدەك قىلىپ ئوينىتىپ. ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە قولۇمدىكى مەدەك بىلەن ۋاڭڭىدە بىرنى سالدىم. « ھۈھۈھۈ...» ھېكىم ئاۋازىنى قىزلارنىڭكىدەك چىقىرىپ قۇچىقىمغا بېشىنى قويۇپ يىغلىدى. « ئېرىققا ئاپىرە مېنى» دېدىم يىغامنى توختىتىپ. ھېكىم دەرھاللا بېشىنى كۆتۈرۈپ چىرايىنى قىزىقارلىق پۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن ناخشا توۋلاپ مېنى ئېرىققا ئېلىپ ماڭدى. مەن خەقلەر ئېرىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قويۇپ قويغان كۆۋرۈك شەكىللىك كىچىك تاختايدا ئولتۇرىۋېلىپ ئېرىققا پۇتۇمنى چىلاپ ئويناشقا بەكلا ئامراق ئىدىم. بولۇپمۇ زاغرا ناننى ئېرىق سۈيىگە چىلاپ يېگەندىكى ئۆزگىچە تەمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. چوڭ ئانام بوغچامغا نان، قۇرۇق مېۋىلەردىن سېلىپ بەردى. ھېكىمگە ئەگىشىپ مەھەللىدىكى بىر مۇنچە بالىلار بىلەن ئېرىق بويىغا باردۇق. تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ يېزىنىڭ مەنزىرىسى ياتاق ئۆيۈمنىڭ تېمىغا ئېسىلغان مەنزىرىدىكىگە ئوخشاش ئىدى.ئۆزۈمنىڭ شۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىدىلىكىمنى ئويلىساملا يۈرۈكۈم تېپىچەكلەيتتى. كۆپكۆك ئاسمان، كۆك يۈزىگە ھەرخىل رەسىملەرنى سىزغان ئاپئاق بۇلۇتلار، ياپيېشىل دەرەخلەر ۋە كەڭ كەتكەن يايلاق. بۇلارغا قوشۇلغان ساپ ھاۋا مېنى تۇنجى قېتىم ئۆزىگە تارتىۋاتاتتى. ئېرىق سۈيى سۈزۈك ھەم سوغۇق ئىدى. بۇنداق پىژغىرىن ئاپتاپتا ئېرىق بويى ھەرقانداق كىشىگە ئارامبەخش بېغىشلايتتى. ئېرىق بويىدىن ئاپئاق قارلىق تاغلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پۇتۇمنى ئېرىققا چىلاپ ئولتۇرۇپ:
-         ئاۋۇ تاغقا بارايلىمۇ؟- دېدىم ھېكىمگە بارمىقىم بىلەن مەن ئىچىدە تۇرغان مەنزىرىنىڭ يېشىل پاياندازغا چوققىلانغان تاغلىق بۆلىكىنى ئۇچلاپ.
-         بەك يىراق ئۇ يەر. ئات بىلەن ئەتىگىنى ماڭسا، ئاخشىمى ئاران بارغىلى بولىدۇ- دېدى ئۇ مېنى رەت قىلىپ.  تاغ مەنزىرىسى ماڭا تېخىمۇ سىرلىق بىلىنىشكە باشلىدى.
-        تاغدا نېمە بار؟- سورىدىم قىزىقىپ.
-        بۇ ئېرىق دېگەن تاغدىكى ئېرىقنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. تاغدا شۇنداق چوڭ ۋە ئۇزۇن ئېرىق ئاقىدۇ. گۈل بار، يايلاق بار، زىرىق  يەيمىز. - دېدى ئۇ ئېغزى- ئېغزىغا تەگمەي.
-        سەن چىقىپ  باققانما؟- دېدىم.
-        ئۆتكەن يىلى قوي باققىلى چىققان بوۋام بىلەن. قوينى خەقنىڭ قويىغا قوشىۋەتكەندىن بېرى چىقىپ باقمىدىم- دېدى ئۇ.
-        قانداق چىقىسىلەر.- دېدىم.
-        ئاتقا مىنىپ.-دېدى ھېكىم.
دەرھاللا ئۆيگە چاپتىم. ھېكىممۇ كەينىمدىن يۈگۈردى. بالىلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئەگىشىشتى. ئېرىق بويىدىن چاپقان پېتىدا ئۆيگە كېلىپ توختىدىم.
-        مېنى تاغقا ئاچىقىسەن.- دېدىم ھاسرىغىنىمچە بوۋامغا ئېسىلىپ.
-         ماقۇل بالام ئاچىقاي.- دېدى بوۋام.
-         ھازىرلا ئاپىرىسەن.-  دەپ تۇرۇۋالدىم.
-         بالام ئۇ يەرگە ماشىنا بولمىسا سىزنى ئاپارغىلى بولمايدۇ.- دېدى بوۋام مومامغا قاراپ.
-        ھېكىمنى ئاتقا مىنگۈزۈپ ئاپىرىپتىكەن سەنمۇ مېنى ئاتقا مىنگۈزۈپ ئاپىرىسە.- دېدىم يىغلاپ.
ئۇنى دېسىمۇ ئۇنىمىدىم. بۇنى دېسىمۇ ئۇنىمىدىم. ئاخىرى بوۋام ئاتنى ھازىرلىدى. كەڭرى كەلگەن ھويلىدا توختىماي چاپاتتم. مومام نېمە لازىم دېسە شۇنى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ توشۇيتتىم. ئەتىسى ئاخىرى يېتىپ كەلدى. قاق سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇۋېلىپ، بوۋامنى « قاچان ماڭىمىز» دەپ ئالدىراتقىلى تۇردۇم. ناشتىدىن كېيىن بوۋام ئاتنى ئاستا يىتىلەپ ئېغىلدىن ھويلىغا ئەچىقتى ۋە « تاغنى سەنمۇ سېغىنغانسەن؟ ساق تۆت يىل بوپتۇ سەن تاغدىن چۈشكىلى» دېدى، دۈمبىسىنى سىيلاپ تۇرۇپ. چوڭ ئانام ئىككىمىز ئاللىبۇرۇن بىر نەچچە كۈنلۈك سەپەرگە تۇشلۇق تەييارلىق قىلغانىدۇق. بوۋام بىلەن كۈن پېتىشقا يېقىن ئاران دېگەندە تاغقا يەتتۇق. بوۋامنىڭ تونۇشلىرى بىزنى ئەتكەن چاي بىلەن كۈتۈۋالدى. تاغقا چىقىش بىلەن ئات مىنىپ ئاغرىپ كەتكەن ساغرامنىڭ ئاغرىقىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا قايتتىم. تاغدىن يېنىپ كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دادام مېنى ئالغىلى كەلدى. ئۆيگە كىرسەملا ئاپام ئېسىمگە كېلەتتى. دادام مېنى بىر مىنۇتمۇ يالغۇزمۇ قويمايتتى. نېمە يېگۈم بولسا ئېتىپ بېرەتتى، بېشىمدا قاراپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلىتەتتى، تاپشۇرۇقۇم تۈگىسە ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۆگىتەتتى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن شاھمات ئويناشنى ئۆگىتەتتى. ھەر كۈنى دېگۈدەك دادامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئەتىسى ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئويغىناتتىم. ھەركۈنى مەكتەپكە ئاپىراتتى ۋە ئاخشىمى ئۆزى ياندۇرۇپ ئەكىلەتتى.
باشلانغۇچ مەكتەپنى سىنىپ بويىچە ئۈچتە ياخشى باھالىنىپ پۈتتۈردۈم. بىۋاستە نۇقتىلىق  ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يازدا دادام يەنە مېنى موماملارنىڭكىگە ئېلىپ باردى. دادام ئىدارىدىن ئۈچ كۈنلۈكلا رۇخسەت ئالغان بولغاچقا بىر كۈن تۇرۇپ ئەتىسىلا ئۈرۈمچىگە قايتتى. مەن كەڭرى يايلىقىمدا موماملار بىلەن قالدىم. يېزام مېنىڭ جەننىتىم ئىدى. بۇ يەردە يۈگۈرۈپ يايلايتتىم، خالىغىنىمچە ۋارقىراپ توۋلايتتىم. مەھەللىدىكى ھەممە بالىلار مېنى ياخشى كۆرەتتى. كۆرگەنلا كىشى « ئوماقلىقىنى ساقامنىڭ» دەپ ئېڭكىمنى تۇتۇپ ئەركىلىتەتتى. بالىلار مەندىن ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىمنى، ساۋاقداشلىرىمنى، مەھەللەمنى قىزىقسىنىپ سورايتتى. كىچىك ئىشلارنىمۇ ئاجايىپتەك قىلىپ تەسۋىرلەپ شۇنچىلىك تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەتتىمكى، بالىلار ئەتىراپىمدا ئىڭەك يۆلەپ ئېغىزىمغا قاراپ كۈن- كۈنلەپ ئولتۇرۇشقا رازى ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېكىممۇ بار ئىدى. ئۇ ئاللىبۇرۇن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىدى. چوپچوڭلىقىغا قارىماي ھەركۈنى مېنى كەينىگە سېلىپ پۈتۈن مەھەللىنى كەزدۈرەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتكەن غىچىرلاڭ ۋېلىسپىتىغا كۆنۈپ قالغانىدىم. چوڭ ئانام ھەرقانداق ئىشقا بۇيرىسا ئالدى بىلەن ھېكىمنى توۋلايتتىم. باغقا چىقىپ« ھېكىم!!!!!» دەپ سوزۇپ بىر نەچچە قېتىملا توۋلىسام ھېكىم ۋېلىسپىتىنى يېتىلەپ ئالدى ھويلىغا ئۈنۈپ بولاتتى. نەگە بارسام ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىنىپ باراتتىم. تەتىل توشۇشقا ئاز قالغان بىر كۈنى ھېكىم مېنى باغدىن چاقىردى. يېنىغا بارسام قولىدا تىزىق تۇراتتى.
- ماڭا بېرە- دېدىم قولىدىكى تىزىقنى كۆرۈپلا.
- سىزگە ئۆتكۈزدۈم شۇ.- دېدى ئۇ تىزىقنى كەشتە تىكىلگەن قولياغلىققا  ئوراپ ماڭا ئۇزاتقاچ.
- بولدى يۆگىمەيلى. مۇشۇنداقلا بەرگىن.- دېدىم تىزىقنى قولۇمغا ئالغاچ ۋە بىر ئۇچىدىن چىشلەپ يېگىلى تۇردۇم.
- ماۋۇنىمۇ ئېلىڭ ساقام.- دېدى ئۇ قولياغلىقنى دېۋەيلەپ.
- كىمنىڭ بۇ سېنىڭما؟- دېدىم كۈلۈپ.
- بۇنى سىزگە ئىشلەتتىم.- دېدى ئۇ تارتىنغاندەك.
- ماڭىما؟- كۈلۈپ كەتتىم.
- نېمە كۈلىسىز؟- دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ.
- ئەكەل ئەمسە.- ئۇنىڭ قولىدىن قولياغلىقنى ئېلىۋالدىم.
كۈنلۈك قائىدىمىز بويىچە ئېرىق بويىغا يىغىلىشقا دېيىشىپ قويغاندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. قولياغلىقنى ئىشكاپقا تاشلاپ قويدۇم.چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چوڭ ئانام بىلەن چوڭ دادام مېنى ئۇخلاشقا زورلىدى. بىردەم ئۇخلىغان بولۇپ يېتىپ ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا قېچىپ چىقىپ يۈگۈرگەن پېتىدا ئېرىق بويىغا باردىم. ئېرىق بويىدا بىر نەچچىلا بالىلار تۇراتتى. ھېكىم كۆرۈنمەيتتى. بىردەم ساقلىدۇق ھېكىم كەلمىدى. ئاخىرى بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ھېكىمنىڭ ھويلىسىغا كىردىم. ھېكىم ئۆيدىن بىر يېشىكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تراكتورغا تىزدى.
-        نەگە بارىسەن.- دېدىم ئۇنىڭغا.
-        سىلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە.- دېدى ئۇ ماڭا.
-        نېمە قىلىسەن؟- دەپ سورىدىم ھەيران بولۇپ.
-        تولۇقنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغان بولدۇم. دادامنىڭ دوستى يول مېڭىپ بېرىدىكەن. ئەتىلا كېلىپ بولۇڭلار دەپتۇ ھازىر جىددى يولغا چىقمىساق بولمايدۇ. – دېدى ئۇ يەنە بىر يىشىكنىمۇ ئەچىقىپ باياقى يېشىكنىڭ ئۈستىگە قويغاچ. ھەركۈنى كەينىمدىن يۈگۈرۈپ مېنى ئوينىتىدىغان ھېكىمنىڭ ئەمدى خۇشاللىقىدىن ناخشا ئېيتقاچ سەپەر تەييارلىقى بىلەن بولۇپ ماڭا قارا كۆزى يوقتەك قىلاتتى. گەپ قىلماي ئۆيگە يېنىپ كىردىم.
ھېكىم كېتىپ يۇۋاشلاپ قالدىم. ھېكىم مەھەللىنىڭ چوڭى بولغاچقا ھەممە بالىلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى. ھېكىم بولسا مېنىڭلا گېپىمنى ئاڭلايتتى. شۇڭا نەگە بېرىپ قانداق ئويناش ئەمەلىيەتتە مېنىڭ خاھىشىم بويىچە بولاتتى. ئۇ ھەركۈنى يېڭى ئويۇنلارنى تېپىپ تۇراتتى. ئۇ يوق ئويۇنلارنىڭمۇ قىزىقى قالمىغانىدى. ھەپتە ئۆتمەي دادام مېنى ئالغىلى كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتتۇق. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەكتەپ باشلىنىپ كەتتى. مەن رەسمىي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندىم. ئۆزۈمنى چوڭ بولغاندەك ھېس قىلاتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىلىرىنى « ئۇششاق بالىلار» دەپ قوياتتىم. ئەمما تولۇق ئوتتۇرانىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىدا بولسا « سويما، شۇمتەك» ئىدىم. بىر كۈنى گىمناستىكا ۋاقتىدا ھېكىمنى غىل- پال كۆرۈپ قالدىم. گىمناستىكىدىن يېنىپلا ئۇ تىزىلغان رەتكە يۈگۈرگەن بولساممۇ ئوپئوخشاش ڧورما كىيگەن بالىلارنىڭ ئىچىدىن ئۇنى تاپالمىدىم.
-        بوۋاملارنىڭ قوشنىسىنىڭ ئوغلى ھېكىم بىزنىڭ مەكتەپتىكەن دادا، مەن ئۇنى كۆردۈم.- دېدىم دادامغا كەچلىك تاماق يەۋاتقاچ.
-        شۇنداق قىزىم دادىسى ئىككىسى كەپتىكەن بىر ھەپتە بۇرۇن. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەستىن بۇرۇن ئۇنى مەكتەپكە ئالدۇرىۋېتىپ ئاندىن بېرىپ سىزنى ئەكەلدىم.- دېدى دادام.
«  مېنىڭ دادام مېڭىپ بەرگەن يولنى < دادامنىڭ دوستى يول ماڭدى>، دەپ كېتىشى تېخى يالغانچى ھېكىم تازەكنىڭ» دېدىم ئىچىمدە.
ئەتىسى مەھەللىدىكى تولۇق بىردە ئوقۇيدىغان بىر ھەدەمدىن ھېكىمنى سۈرۈشتۈردۈم. « ھېكىم دەپ بىر غۇلجىلىق بالا كەلدى دەپ مەنمۇ ئاڭلىغان. بىردە بەشتىمىكىن» دېدى ئۇ. دەرىس ئارىلىقىدا تولۇق بىردە بەشنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھېكىمنى چاقىرتقۇزدۇم. ئەمما بۇ سىنىپتا ھېكىم ئىسىملىك بالا يوقلىقىنى ئېيتتى ئىشىك ئالدىدىكى بىر قىز. ۋاقىت توشۇپ كېتىپ دەرسكە كېتىپ قالدىم. سىنىپقا كىرىشىمگىلا بىر قىز « مەرگىيا! چوڭ سىنىپتىكى بىر بالا ئىزدەپ كىرىپتىكەن سېنى تاپالمىدۇق» دەپ توۋلىدى. قىزىرىپ كەتتىم. بالىلارنىڭ ھەممىسى يېپىشىۋېلىپ كىملىكىنى سوراپ كەتتى. « مەن نەدىن بىلەي» دەپ قويدۇم پەرۋاسىز قىياپەتتە.
بىر دەم ئېلىش كۈنى سەھەر كۆرگەن چۈشۈمنىڭ داۋامىنى زورلاپ كۆرۈپ ئۇخلاپ ياتاتتىم. دادام ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ مېنى ئويغاتتى.
-        قىزىم تۇرۇڭ، ئۆيگە ئادەم كېلىدۇ. ئۆيلەرنى رەتلەپ تاماققا تۇتۇش قىلغاچ تۇرايلى.- دېدى.
-        چۈشۈمنى بۇزىۋەتتىڭىز، بىردەم ياتاي جنىم دادا.- دېدىم تېپىچەكلەپ كۆزۈمنىمۇ ئاچماي.
-        تۇرىڭە قىزىم.- دېدى دادام بىلىكىمدىن بوش ئىتتىرىپ.
-        شەنبە يەكشەنبىمۇ ئۇخلىغىلى قويمايدىكەنسىز بىردەم ياتايچۇ تېخى قانمىدىم.– دېدىم يوتقىنىمنى ئۈستۈمگە چۈمكەپ. دادام يوتقىنىمنى تۈزلەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. كۆزۈمنى ئېچىشمۇ خۇشياقماي ئۇخلاۋەردىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ئارقىدىنلا دادامنىڭ « مانا ئۆيگە مېھمان كەلدى» دېگەن ئاۋازىدىن چۆچۈپلا كۆزۈمنى ئېچىپ يوتقاننى قايرىدىم ۋە كىيىمىمنى ئېلىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋالدىم. مېھمانخانىدىن ھېكىمنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. يۈز- كۆزۈمنى يۇيۇپ، كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقسام ھېكىم بىلەن دادام چاي ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ھېكىم مېنى كۆرۈپلا تەكەللۇپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.  يېزىدىكى ئىشتىنىنىڭ پۇشقىنىنى تۈرۈپ ، غىچىرلاڭ ۋېلىسپىتتا گەجگىسىنى ئالدى- كەينىگە قىلىپ مەھەللىمۇ مەھەللە كېزىپ يۈرىدىغان قويچى بالا ھېكىمنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ فورمىسى بىلەن كۆرۈپ سەل كۆنەلمەي قالدىم. تۈزۈت يۈزىسىدىن مۇنداقلا سالاملىشىپ قويدۇم. ئەمما ئۇ مېنى كۆرگىنىگە شۇنداق خۇشال بولدىمۇ ياكى بىزنىڭ ئۆيگە كەلگىنىگىمۇ ۋە ياكى ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگىمۇ ئىشقىلىپ يۈز كۆزىدىن كۈلمىسىمۇ كۈلگەندەك بىر ئىپادە چىقىپ تۇراتتى.
-        تۇققىنىم دەۋاتاتتىڭغۇ، دادامكەن شۇ سېنى مەكتەپكە ئالغۇزغان.- دەپ قويدۇم ھېكىمگە دادام چەينەكنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىشى ھامان.
-        شۇنداق. دادىڭىز تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويدى.- دېدى ئۇ مەمنۇن بولغاندەك.
-        قايسى سىنىپتا سەن؟- دەپ سورىدىم.
-        بىردە ئۈچتە.- دېدى ئۇ ۋە مېنىڭ سىنىپىمغا كېلىپ ئىزدەپ تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
-        كىمدىن بىلدىڭ؟- دېدىم.
-        يېقىن ساۋاقدېشىمنىڭ ئۆيى مۇشۇ مەھەللىدە ئىدى. شۇ دەپ بەردى. بايا - دېدى ئۇ تارتىنىپ بوش ئاۋازدا. يېزىدىكى چاغدىكىدەك ۋارقىراپ بالىلارنى باشقۇرغاندىكى ئەركىنلىكىدىن، ئويۇن تەشكىللىگەندىكى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا سۆزلەشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. مەكتەپ فورمىسى ئۇنىڭغا كىيىم ئەمەس تۆمۈر قالقان بولدىمۇ ياكى بىزنىڭ ئۆي ئۇنىڭغا تۈرمە بولدىمۇ بىلەلمىدىم. مەن بارا- بارا ئۇنى باشقا بىر كىشىدەك ھېس قىلىپ قالدىم. مەن يەنىلا يېزىدىكى ھېكىمگە ئامراق ئىدىم. بۇ ھېكىمگە قارىغانچە ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولۇشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ ماڭا كۆزىنى چاقنىتىپ قاراشلىرى، گەپ ئارىلىقىدا ئىككى تىزىنى تۇتۇۋېلىپ يەرگە قارىغىنىچە قىمىلداپ قويۇشى، ئېڭكىدىن ئىككى تۆت تال، ئېغىزىنىڭ ئۈستىدىن بەش- ئون تال تېشىپ چىققان تۈكلىرى، يۈزىنىڭ ھەممە يېرىدە ياغسىمان ھالەتتە تېرىلىپ كەتكەن يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك دانىخورەكچاقلىرى، ئىككىگە بۆلۈپ تارىۋالغان چېچى ۋە تاماقنى تارتىنىپ يېيىشلىرىگە قاراپ ئۇنىڭدىن بىزار بولدۇم. نېمىشقىكىن، كۆز ئالدىمدىكى بۇ كىشى ماڭا يېزىدىكى « ھېكىم» نى تامامەن ئۇنتۇلدۇرغانىدى. ئاخىرى تاقىتىم قالماي سۆزسىز چىقىپ كەتتىم ۋە تاكى ھېكىم كەتكۈچە ياتاق ئۆيۈمدىن چىقمىدىم. ئۇ كېتىدىغاندا ئۇزىتىشقىمۇ بىر باھانە تېپىپ چىقماي تۇرۇۋالدىم.
شۇ كۈنىدىن كېيىن تاكى بىر مەۋسۇم ئاياغلىشىپ تەتىل بولغۇچە ھېكىم بىزنىڭ ئۆيگە ئاياغ باسمىدى. مەكتەپتە پات پات ئۇچراپ قالاتتى. گەپ قىلسا توڭ تېگىپ قويۇپ يولۇمغا راۋان بولاتتىم. چۈنكى ئۇنى كۆرگىنىمدە ئىچىمدىن شۇنداق بىر بىزارلىق ھاسىل بولاتتىكى، ئۆز- ئۆزۈممۇ زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىمغا ھەيران قالاتتىم. ھېكىمدىن باشقا ھەممىلا كىشىگە شۇنچىلىك ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىم. ھېكىملا بۇنىڭدىن نېسىۋە تاپالماي قالغانىدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئۇ كۈندىن باشلاپ ھېكىمنىڭ كۆزىگىمۇ قاراپ باقمىغاچقا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم.
بىر كۈنى ھېكىم سىنىپتىن مېنى چاقىرتتى. ئۇ كېلىۋەرگەچكە سىنىپتىكىلەرمۇ ئۇنى تونۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ كارىدوردا پەيدا بولۇشى بىلەنلا سىنىپتىكىلەر « ئاكاڭ كەلدى» دەپ مېنى توۋلىشاتتى. چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ ماڭا خاتا قاراپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى نەۋرە ئاكام دەپ قويغانىدىم. بۇ « نەۋرە ئاكام» نىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ كەيپىم ئۇ قەدەر بۇزۇلدىكى،  ئىشىكتىن چىقىشنىڭ ئورنىغا دېرىزىدىن بوينۇمنى سوزۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ بولسا دېرىزىگە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرىۋەردى. ئۇنىڭغا « نېمە گەپ» دېيىشكىمۇ ئېرىنچەكلىك قىلىپ قاراپ تۇرىۋەردىم. ئارقىسىدىن قارىغاندا ئۇ باشقا بىرسىدەك كۆرۈنەتتى، شۇڭا بىزار بولماستىن قاراپ تۇرىۋەرگىلى بولاتتى. بەلكى ئۇ مۇشۇنداق دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرىۋەرسە تاكى ئۇ كېتىپ قالغۇچە مۇشۇنداق قاراپ تۇرۇش ماڭا ھېچقانچە قىيىن تۇيۇلمايتتى. ئەمما سىنىپتىكىلەرنىڭ توۋلاشقان ئاۋازى ئۇنى چۆچۈتۈپ مەن تەرەپكە قاراتقۇزدى.  ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ سالدىم ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. باشقىلار مېنى دائىم خاپا بولساڭلا كۆزۈڭ يوغانلاپ، قاپىقىڭغا بەز يىغىلىپ قالىدۇ، دېيىشەتتى. ئۇ مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. قوڭغۇراق جىرىڭلىدى. ئۇ قوينىدىن بىر خالتىنى چىقىرىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى. خالتىنىڭ ئىچىدە بىر سوۋغات بولىقى ۋە كىچىك كونۋېرت تۇراتتى. ئالدى بىلەن كونۋېرتنى ئېچىپ ئىچىدىكى ئۈنچىسىمان تىزىلغان قىسقىغىنە خەتنى ئوقۇدۇم. « ياخشىمۇسىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئاددى بولسىمۇ قوبۇل قىلىڭ، خۇشال ياشاڭ، غەملەرنى ئۇزاق تۇتۇڭ. ھەر قېتىم سىزنى كۆرگەندە غەمكىن ۋە خاپا ھېس قىلىمەن. ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ......»  بۇ خەتلەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا تاقىتىم قالمىغاچقا ئۇششاق يىرتىپ كونۋېرتقا سېلىپ قويدۇم. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازىلا قۇلىقىمغا كىرەتتى، ئەمما نېمە سۆزلەۋاتقانلىقى نامەلۇم ئىدى. بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئۆچ بولدۇم. ئىچ ئىچىمدىن سىرغىپ چىققان ئۆچلۈك ھەتتا مېنى ئۈنچىدەك يېزىلغان خەتلەر نېمىشقا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ قەلىمىدە يېزىلىدۇ. بۇنداق چىرايلىق خەتلەر ئۇنىڭدەك بىرىگە لايىق ئەمەسكەن، دېگەن خىيالنى كاللامغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ سوۋغىتى قەھۋە رەڭلىك كىچىككىنە بىر قەلەم قۇتىسى ئىدى. ئۇنى پارتىدېشىمغا سوۋغا قىلىۋەتتىم. پارتىدېشىمنىڭ ھاياجاندىن پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن ۋەزىردەك قىزىل مۇچ چاپلىشىپ قالغان چىشىنى چىقىرىپ كۈلۈپ، قەلەم قۇتىسىنىڭ ئىچى تېشىنى سىيلاپ كېتىشلىرى مېنى ھېكىمدىن تېخىمۇ نەپرەتلەندۈرەتتى. مەنچە بولسا، ھېكىمنىڭ سوۋغىسى باشقىلارنى بۇنچە خۇشال قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسىنى تۇنجى بولۇپ ھېكىمدىن ئېلىشمۇ ماڭا قىلىنغان ھاقارەت ئىدى.
مەن ھاياتىمدا ئىككىلا قېتىم تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ باققان ئىدىم. ئەمما شۇ ئىككىلا قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاپام دادام بىلەن ئازارلىشىپ قالغانىدى. « تۇغۇلغان كۈن، دەيدىغان ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ بالىمىزنى چىرىتمەيلى، ھەر كۈننى بايرامدەك ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرەيلى» دەيتتى دادام ئاپامغا رەنجىپ. ئاپام بولسا« بوپتۇ قاراڭ، نېمە يامىنى. ھەممە دوستلىرى قىلىدىغۇ بۇنى» دەپ غودۇڭشىغىنىچە قازان قومۇشلىرىنى تىرىڭىشتىپ قورۇمىلىرىنى قورىۋېرەتتى. مەن بولسام نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي « تۇغۇلغان كۈن» دېگەن بۇ نەرسىدىن نەپرەتلەنگىنىمچە ئاپامنىڭ بېلىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەل رەڭلىك ئۆي ئىچى پوپايكىسىنىڭ يۈز كۈزۈمگە سانچىلىدىغان تۈكلىرىنى قولۇم بىلەن توسۇپ كۆزۈمنى ئۇۋىلىغاچ دادامغا قارايتتىم. دادام مېنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باساتتى ۋە پەپىلەيتتى. « ئەقىللىق قىزىم، مەن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشتەك ھەممە ئادەم قىلىدىغان ئىشنى ئەمەس، ھېچكىشى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزسىڭىز، باشقىلار سىزگە يالغاندىن سوۋغا بېرىدۇ، بەزى دوستلىرىڭىز سىزگە ئامراق بولسىمۇ ئېسىل سوۋغا ئېلىشقا پۇلى يەتمەي ئاددى نەرسىلەرنى بەرسە سىز ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالىسىز، بەزى بالىلارنىڭ پۇلىسى بار، ئاتا ئانىلىرى ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ ئەمما ئۇلار سىزگە بۇ سوۋغىنى ئۆزى خالاپ ئەمەس ئاتا- ئانام ئېلىپ بەردى دەپ ياكى بولمىسا باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىمەن دەپ بېرىشى مۇمكىن. ئادەم چوقۇم راستچىل بولۇشى كېرەك. باشقىلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن يالغانچى بولماسلىقىڭىز كېرەك. ھەقىقىي دوستىڭىز سىزگە ئېسىل سوۋغا بەرگەن كىشى ئەمەس، بەلكى ئاددىي سوۋغا بەرسىمۇ ئۇنى سىزگە چىن نىيىتىدىن چىقىرىپ بەرگەن كىشى» دەيتتى. دادامنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان گەپلىرىنى ئاڭلاۋەرگەچكىمۇ ياكى ھەر تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاپامنى ئەسلەپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالامدۇ  تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى، تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشى دېگەنلەرگە ئۆچ ئىدىم. بۇلار ماڭا نىسبەتەن رەسمىيەت ئۈچۈن سوۋغا ئالماشتۇرۇش ئويۇنىدەكلا بىلىنەتتى.
شۇڭا ھېكىم بۇ سوۋغىنى بېرىپ مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئۆچ قىلىۋەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بەك كۆپ كىشى بىلمەيدىغان تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلىۋېلىشى ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كەلگەنىدى. شۇندىن باشلاپ ھېكىمنى ئۇچرىتىپ قالسام گەپ قىلماس بولدۇم. قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. مەن يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقمىدىم. ئۇ كەتكەندىن كېيىن دادام ماڭا رەنجىدى.  « قىزىم نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز، سىز مومىڭىزنىڭكىگە بارغاندا بۇلار چوڭ بىر مېھمان كەلگەندەك خۇش بولۇپ كۈتۈۋالىدۇ. بۇلار ئاپىڭىزغىمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلغان. ئاپىڭىز ئاغرىپ قالغاندا تىپىرلاپ بىر جايىدا تۇرالماي قۇلىقى ئاڭلىغانلىكى دورىنى تېپىپ بۇياققا ماڭدۇرغان. ھېكىمنىڭمۇ سىزنى كۈلدۈرىمەن دەپ قىلمىغان قىلىقى قالمايدۇ. سىزچۇ، ھېكىم ئۆيگە كەلسە چىرايمۇ ئاچمايسىز، ئۇزىتىپمۇ قويمايسىز. ئۆيىگە بېرىپ ئاتا- ئانىسىغا دەپ قالسا ئۇلار نېمە دەپ قالىدۇ قىزىم، ئەمدى بۇنداق قىلماڭ». دېدى ئۇ بىر قولىدا يېشىمنى سۈرتكەچ، بىر قولىدا چېچىمنى تۈزلەپ. دادامنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ھېكىمگە بولغان ئۆچمەنلىكىم پەسكويغا چۈشتى. ئۇچرىشىپ قالسام كۈلۈپ قويىدىغان بولدۇم. ھېكىمنى بىر كۈلكەمدىن ۋە بىر قارىشىدىمدىن ئالەمچە خۇشلۇق تاپىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ھېكىم ئۆيىمىزگە پات پات كېلىدىغان، دادام ئىككىمىز بىللە تاماق قىلغۇچە بىزگە ياردەملىشىدىغانمۇ بولدى. ھەر تەتىلدە ئۆيىدىن كەلگەندە، ئالما، توقاچ، ھەسەل، قۇرۇت دېگەندەك بىر مۇنچە نەرسىلەرنى يېشىك يېشىكلەپ كۆتۈرۈپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى موماملار ماڭدۇرغان نەرسىلەر ئىدى، بەزىلىرى ھېكىمنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىزگە قىلغان كۆڭلى ئىدى.
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرانى پۈتتۈردۈم. ئەنە شۇ يىلى ھېكىممۇ ئالىي مەكتەپ ئىھتىھانىغا قاتناشتى. مانۋېر ئىمتىھانلاردىكى نەتىجىسى داۋاملىق ئالدىغا تىزىلاتتى. دادام ئۇنىڭ مەكتەپ، كەسىپ تاللىشىغا ياردەم بەردى. ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ ھېكىم ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى بىرىنجى ئارزۇسى قىلىپ تاللىدى. تەلەيلىك ۋە تىرىشچان ھېكىم مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىرىنجى ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى قولىغا ئالدى. ھېكىم چوڭ بولغان بىلەن مېنىڭ ئالدىمدا يەنىلا غىچىرلاڭ ۋېلىسپىتنىڭ ئىگىسى « ھېكىم تاز» ئىدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا چىققان يىلى بىزنىڭ ئۆيگە بىر مەۋسۇمدا نەچچە رەتلا كەلدى. ئۇ ھەربىر كەلگىنىدە مەن ئۇنىڭ ماڭا بەكمۇ سىرلىق بىلىنىدىغان ھاياتىنى كوچىلاپ سورايتتىم. ئۇ ماڭا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى، ياتىقى، ئاشخانىسى، سىنىپى، كۈتۈپخانىسى، دەرسلىرى، تەجرىبىجانىسى ھەققىدە زېرىكمەي سۆزلەيتتى. ئالىي مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى سېلىشتۇرۇپ ھاياجان بىلەن چۈشەندۈرەتتى. ئۇ ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ماڭا مەن يېڭى كۆرگەن چاغدىكى ھېكىمنىڭ تەسىرىنى بېرىشكە باشلىغانىدى. ئۇنى مېنى كۈلدۈرۈشكە، ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇشقا، گەپ قىلىپ بېرىشكە يارتىلغان بىر ئىنسان دەپ ئويلايتتىم. بۇنىڭغا قارشى ئۇنى يىلدا نەچچە رەتلا كۆرەتتىم. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھېكىم ئاتلىق بىر كىشى بارا- بارا ھاياتىمدا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.
تولۇق ئوتتۇرانى پۈتتۈرىدىغان ئاخىرىقى يىلىم ئالىي مەكتەپ مەن ئۈچۈن بىر ئوت ئىدى. ئۇنىڭ خىياللىرىدا ياناتتىم. ھەتتا كۆپ ۋاقىتلىرىم دەرس ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئەمەس، ئۇ سىرلىق ماكاننىڭ خىيالىنى قىلىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.  دەرس، سەنئەت كۇرژۇكى، ئالىي مەكتەپ خىيالى مېنىڭ ئىچى- تېشىمنى ئالدىراش ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 01:46:43


ئارزۇ
(2)
دادامنىڭ قوللىشى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلىم مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا ئىھتىھان بەردىم. دەرس نەتىجەمنىڭ يۇقىرىلىقى، باشقىلار « ئوماق» دەيدىغان چىرايىم، سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىم ئىمتىھان ئالغىلى كەلگەن مۇئەللىملەرگە تەسىر قىلدى بولغاي تەلەيلىكلەرنىڭ بىرى بولدۇم. مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ چاقىرىقىنى ئالغان كۈنۈم ھاياجاندىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم. كۈلۈپ ئېچىلىپ كەتكەن ئاپتاپپەرەستتەكلا بولۇپ قالغانىدىم. ئەمما ھاياتىمدا بىر تەم كام ئىدى. ئۇ ئاپامنىڭ تەمى ئىدى. ماڭا بەزىدە ۋارقىراپ قويىدىغان، بەزىدە ئىشقا سالىدىغان، بەزىدە سۆيۈپ باغرىغا باسىدىغان، ماڭا يۆلەنگۈچ ۋە ھەمراھ بولىدىغان ئاپامنىڭ ناتونۇش تەمى ئىدى. ئاپام ماڭا نىسبەتەن ئوخشىغان بىر تاماقنىڭ پۇرىقى بولۇپ قالغانىدى. مەن ئاپامنى پۇرىيالىغان ئەمما ئۇنىڭ باغرىغا قانالمىغان ئىدىم. ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى تۇتۇپ ياتقىنىمچە ئاپامنى ئەسلەپ شۇنچە يىغلىماقچى بولدۇم، ئەمما يىغلىيالمىدىم. ئۇنىڭ يۈز ۋە كۆز رەڭگىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ئەمما خىيالىمدا قايتا قايتا قۇراشتۇرغان سىما غايىپ بولىۋەردى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستىلىمدىكى رەسىمگە ئۇزۇن قارىدىم. ئاپامنىڭ خىيالىمدىكى سىماسى يەنىلا غايىپ بولىۋەردى. ماڭا تاماق يېگۈزگەن ھالىتى، تاماق ئەتكەن ھالىتى، ماڭا تىكىپ بەرگەن ئوماق كىيىملىرى، دادامغا قاراپ كۈلۈشلىرى، ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىقىغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنىڭ پارچە پارچە ھالەتتە خىيالىمدا ساقلىنىپ قالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاپامنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. بىرى مەندىن ئاپامنىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى سورىسا مېنى تۇغقان ئۆز ئاپام ھەققىدىمۇ سۆزلەپ بېرەلمەيتتىم. قەلبىم پارەم پارچە بولۇپ كەتتى. چاقىرىقنى ئېلىپلا يەرگە ئېتىۋەتتىم. بەلكى ئاپام ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى ئەسلىيەلەرمەن دېگەن مەقسەتتە ئىشكابىمدىكى ئاپامدىن قالغان نەرسىلەرنى بىرمۇ- بىر سىيلاپ، پۇراپ چىقتىم. ئاپام ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى. يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلاپ چىقتىم. ئاپام بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن گەپلەشتىم. تولۇق ئوتتۇرادىكى ئامراق ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆڭۈللۈك تەتىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئوخشاش كەسىپكە قوبۇل قىلىنغان باشقا بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن ناتونۇش ماكان بېيجىڭغا يولغا چىقتىم. بېيجىڭغا كەلگەن كۈنى  ھاۋا تولىمۇ سۆرۈن بولۇپ، سىم- سىم يامغۇر ماڭا باشقىچە ئىللىق كەيپىيات بېغىشلىغانىدى. ۋوگزالدىن مەكتەپكە كەلگىچە خۇددى بۇ شەھەردە بايرام بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئېگىز بىنالار، كوچا باغچىلىرى، پاتۇرۇپ قويغان موگۇدەك كۈنلۈك ئاستىدا كېتىۋاتقان قىم- قىم ئىنسانلار، قۇيۇندەك ئۇچىۋاتقان ۋېلىسپىتلار،  كەڭرى كەتكەن رەتلىك ۋە نەم كوچىلار، يېشىل ئارچىلار ماڭا يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىۋاتاتتى. ھارغىنلىق ئىچىدە بىر يىل خەنزۇچە تەييارلىق ئوقۇيدىغان مەكتىپىم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن ياتاقلىرىمىزغا ئورۇنلاشتۇق.   
ئەسكەرلەرنىڭ لاقا- لۇقىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماتراس، كۆرپە، يوتقان، ياستۇق، كىرلىك دېگەندەكلەرنى بىللە كەلگەن ئوغۇل ساۋاقدېشىمنىڭ ياردىمى بىلەن ياتىقىمغا ئاران دېگەندە توشۇۋالدىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىلا ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەنىدى. ھەممىسىلا مەركىزىي تىياتىر ئېنىستىتۇتى، مەركىزىي مۇزىكا ئېنىستىتۇتى ۋە بېيجىڭ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئۇلار بىلەن مۇنداقلا تونۇشقاندىن كېيىن يولدا تونۇشقان يۇقىرى يىللىقتىكى بىر قىز بىلەن مۇنچىغا باردۇق. يولدا ماڭغاچ بېيجىڭنىڭ مۇنچىسىنى خىيال قىلىپ ماڭدىم. ئىشىك ياكى پەردە بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان رەت رەت يۇيۇنۇش بۆلۈمچىسى، مېزىلىك سوپۇن پۇرىقى، ئىشىكتىن كىرىش تەرەپكە جايلاشقان رەت رەت ھاجەتخانا، رەت- رەت قول يۇيۇش بۆلۈمچىسى، كىردىن پاكىزلەنگەن قىزغۇچ يۈزلەر، سۇ تامچىتقىنىچە بىر- بىرىگە چاپلىشىپ مۈرىلەردە لەپەڭشىيدىغان چاچلار...
-        بۇ تەرەپتە خان.- دېدى مەن بىلەن مۇنچىغا ماڭغان قىز يان تەرەپنى شەرەت قىلىپ.
-  ۋوي ھە... – دېدىم كۈلگىنىمچە. خىيال قىلىپ ئۇدۇل كېتىپ قالغانىدىم.
يوغان بىر دەرەخنىڭ يېنىغا جايلاشقان بۇ ئىشىكتىن ئوغۇللارنىڭ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە بۇنى ئوغۇللارنىڭ مۇنچىسىمىكىن دەپ قالغانىدىم.
-        مۇشۇ يەردە يۇيۇنامدۇق؟- دېدىم ھەيران بولغىنىمچە.
-        ھەئە.- دېدى ئۇ قىز خىيالى.
بىر قانىتىغا لوك سېلىنىۋېتىلگەن بۇ ئىشىكتىن كالتە كۇسار كىيىۋالغان ئوغۇللار قىزلارغا بېزەڭلىك بىلەن قاراپ بەزىلىرى بىر نەچچىدىن، بەزىلىرى يالغۇز، بەزىلىرى كىيىمچان بەزىلىرى ئۈستى يالىڭاچ ھالەتتە  سىغدىلىپ كىرىپ- چىقىپ تۇراتتى. ئاستى ئوغۇللارنىڭ، ئۈستى قىزلارنىڭ ئىدى. سېۋىتىمدىن لۆڭگىنى چىقىرىپ يۈزۈمگە ئارتىۋالغۇم، ياكى بولمىسا ئۇچلۇق چاچ قىسقۇچۇمنى ماڭا بېزەڭلىك بىلەن تىكىلگەن ئوغۇللارنىڭ كۆزىگە پورتتىدە تىقىپ قوچۇۋەتكۈم كېلەتتى. بەزىلىرى ئۆزى قارىغاننى ئاز دەپ يېنىدىكىسىنى نوقۇپ ئۇنىمۇ بىزگە قارىۋېلىشقا زورلايتتى. ئۇمۇ ئاز كەلگەندەك بىرىنىڭ« كۆزى بەك چوڭكەن» دەپ قويغىنى ئىچىمدىن بىر نەرسەمنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالغاندەك بولدى. ئوغۇللار مۇنچىسىدىن ئۆتۈپ پەلەمپەيدىن ئۈستى قەۋەتتىكى قىزلار مۇنچىسىغا چىقتىم. ئىشىكتىن كىرىپلا نەگە قارىشىمنى بىلەلمەي كۆزۈمنى چىمچىقلىتىپ بەدىنىمنى قورۇپ كەتتىم. ھەممىلا كىشى ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارايتتى. بۇ يەردە مەندىن باشقا ئاياغ ۋە سىرتتا كىيىدىغان كىيىم بىلەن تۇرغان بىرمۇ كىشى يوق ئىدى. مەنمۇ ھەيرانلىق نەزىرىدە مېنىڭ تۇيغۇلىرىمنى كۆزگە ئىلماي، ئىچىمگە سىڭىپ كىرىپ، قىممەتلىك ھېسسىياتلىرىمنى يالماپ كېتىۋاتقان ئانىدىن تۇغما ئىنسانلارغا قاراپ قېتىپ قالغانىدىم. بۇ يەردە كىرىش ئىشىكى ۋە قاتار قاتار تىزىلغان كىيىم قويۇش ئىشكاپچاقلىرىنىڭ ئىشىكىدىن باشقا ھېچقانداق ئىشىك يوق ئىدى. قاتار كەتكەن تورۇس تۇرۇبىسى ۋە ئۇلارنى ئايرىپ تۇرغان كارىدور ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە بىر بىرىنىڭ بەدىنىنى يۇيۇۋاتقان نەچچە يۈز يالىڭاچ ئىنسانلار تۇراتتى. ئۈستى بېشىم ناھايتى تېزلا نەملىككە پۈركەندى. ئىچى تەرەپتىن كەلگەن چاچ سوپۇنىنىڭ پۇرىقى ئارىلاشقان قىززىق كىر ھاۋا بۇرنۇمغا توختىماي ئۇرۇلاتتى. كىيىملىرىم خۇددى ئارغامچىدەك تارتىلىپ نەپسىمنى بوغۇشقا باشلىدى. كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ، ئاشقازىنىم تەتۈر چۆرگىلەپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇ بىلەن تەڭ خۇدۇمنى  يوقاتتىم. كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئىشكاپ  رەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىلغان ئورۇندۇقنىڭ بىرىدە بىر يالىڭاچ تىزغا بېشىمنى قويۇپ يانچە ياتاتتىم. تىزنىڭ ئىگىسى خۇددى بالىسىنى ئېمىتىدىغان ئايالدەك ماڭا ئېگىلگىنىچە يۈزۈمنى سىيلايتتى. يېنىمدا يەنە نەچچە ئون يالىڭاچ بەدەن بەزىلىرى ئالدى تەرەپتىن بەزىلىرى كەينى تەرەپتىن ھېسلىرىمغا زورمۇ زور سىڭىپ كېرىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. كۆڭلۈم تېخىمۇ ئاينىشقا باشلىدى.
-        ئاچ قورساق كىرىپتىكەنسىزدە.- دېدى مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرگەن قىز كۈچەپ بەدىنىمنى تۇتىۋېلىپ ئىنجىقلىغان ئاھاڭدا.
-        .....- بېشىمنى لىڭىشتتىم. – ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا تېزرەك مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئۆتۈنگىنىم ئىدى.
-        توختاڭ كىيىمىمنى كىيىۋالاي، ئاۋايلاپ يېتىپ تۇرۇڭ، چىداڭ ھە يەنە يىقىلىپ چۈشمەڭ، بۇ خەق يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە يېقىنمۇ يولىمايدۇ.- دەپ قويۇپ باشقا رەتتىكى ئىشكاپچاققا كەتتى.
يالىڭاچلارنىڭ ساپما كەشىنىڭ ئاستىدىكى مەينەتچىلىكلەر سۈرتۈلگەن، كۆك رەڭلىك سىرى چۈشۈپ ياغىچى تال- تال كۆرۈنۈپ قالغان ئورۇندۇقنىڭ نەم يۈزىگە يۈزۈمنى چاپلاپ، ئورۇندۇقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قۇچاقلىغىنىمچە يانچىلاپ ياتتىم. ئورۇندۇقنىڭ سىرىنىڭ باشقىلارنىڭ دەسسىشى ياكى نەم ھاۋادا ئەمەس، خىجىللىقتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلىدىم. ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمىدىم.ماغدۇرۇمنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاتتىم. يىقىلىپ چۈشسەم كىر بەدەنلەردىن ئېقىپ چۈشكەن تەر ۋە چاچ بىلەن تولغان يەر يۈزىدە ئوڭدىسىغا يېتىپ قالىمەن، بەلكى نەپەس ئالالىشىم ئۈچۈن مېنىمۇ يالىڭاچلىشىدۇ دېگەن خىياللا ماڭا كۈچ بېرىۋاتاتتى. قۇسىۋېتىشكە ئازلا قالغىنىمدا ھېلىقى قىز كېلىپ مېنى يۆلىگىنىچە سىرتقا ئېلىپ چىقتى. كارىدور دېرىزىسىدىن كىرگەن غۇييىدە بىر نەپەس شامال ماڭا ئازراق ماغدۇر بەردى. ھېلىغىچە خىيالىمدىن چىقمايۋاتقان باشقىچە بىر ئالەم مېنى بىئارام قىلىپ تۇراتتى. مەكتەپ پۈتتۈرگىچە يۇيۇنالماي سېسىقچىلىقتا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بىر ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. بەلكى شۇنداق بولۇپ قالسا ھېچكىشى مەن ئۈچۈن ئويلاپمۇ قويماس، بەلكى مېنى ساراڭ بولۇپ قالغان دېيىشەر. ھېچكىممۇ مۇزلىغان ۋە كىرگە تولۇپ كەتكەن بەدىنىمگە يېقىنمۇ يولىماس، بەلكى رەسمىيەت ئۈچۈن ئۈستۈمگە بىر چېلەك سۇنى تۆكۈپ قويۇپلا كېپەنلىۋېتەر. ئەنە شۇ چاغدىلا كوچىدىكى سېسىق پۇراپ يۈرۈشىدىغان تىلەمچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. بەلكى ئۇلارنىڭ ئازادىرەك ۋە خالىي بىرەر مۇنچىسى يوقتۇر. ئەگەر پۇلۇم بولسا بىر مۇنچە ئايرىم ئىشىكلىك ئازادە مۇنچا بىنا قىلىپ شەھەرلەردە تېنىشىپ، ناخشا ئوقۇپ سېسىپ يۈرگەن دىۋانە ۋە ساراڭلارنى يىغىپ مۇنچىغا دەۋەت قىلىشنى خىيال قىلدىم. خىيالىم شۇ يەرگە كەلگەندە سېسىمچىلىق ۋە مەينەتچىلىك تولۇپ كەتكەن بىر مۇنچا كۆز ئالدىمغا كەلدى دە قۇسۇپ تاشلىدىم. بۇ قۇسۇقنىڭ پۇرىقى ئۇ قەدەر يىرگىنىشلىك ئىدىكى، ئىچىمگە يىغىلىپ قالغان بارلىق كىرلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتكەندەك پۇرىقى گۈپۈشتىپ ئەتراپقا تارىلىشقا باشلىدى. يالىڭاچلانغىلى ماڭغان قىزلار قۇسۇقۇمغا قاراپ « ھۆ...» دېيىشكىنىچە تېزراق كىرىپ يالىڭاچلىنىپ راھەتلىنىۋېلىش ئۈچۈن ئىچىگە كىرىپ كېتىشتى.
بېيجىڭدىكى ھاياتىم مانا مۇشۇ قۇسۇق بىلەن باشلاندى. ياتاققا قايتىپ كىرىپ بىر ئاز سەگىدىۋالغاندىن كېيىن ياتاقدېشىم بىلەن مەكتەپ تاللا بازىرىغا چۈشۈپ تېلېفون كارتىسى ۋە بەزى كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالدىم. يولدا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوغۇللارغا سەپسالدىم. ھېچبىرى دىتىمغا ياقمىدى. بىرى ماڭا خۇددى ئۆلۈكتەكلا قارايتتى. يەنە بىرى بولسا قاراپ تۇرۇپ يالغاندىن قارىمىغان بولۇۋالاتتى. بەزىسى مېنىڭ قارىشىمنى كۈتۈپ قەستەن كۆرۈش دائىرەمگە كىرىشكە تىرىشاتتى.
يالغۇزلۇق، بىزار بولۇش، ئىنتىلىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئالدىرىماي مېڭىپ ياتاققا قايتىپ كىردۇق. يېنىمدىكى ھەمراھىمنىڭ يولدا تۇرۇپ- تۇرۇپ كەينىگە ۋە ئىككى يېقىغا گېدىيىپ قاراپ قويۇشى مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى.  ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا- ئانىلىرى بىلەن تاماققا چىقىپ كېتىشكەن ئىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئەڭ ئاخىرىقى ھەمراھىم بولغان ياتاقدېشىممۇ چىقىپ كەتتى. بېيجىڭغا كەلگەن بىر كۈندىن بېرى ھېچكىشىمۇ مېنى ھېچيەرگە ياكى ھېچ ئىشقا دەۋەت قىلمىدى. تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن باردىم، مۇنچىغا بېرىشنىمۇ ئۆزۈم ئۆتۈندۈم، تاللا بازىرىدىن نەرسە سېتىۋېلىشنىمۇ ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۈرۈمچىدىكىدەك دادام تەرىپىدىن ياكى دوستلىرىم تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىشنىڭ بۇ يەردە يوقلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇ يەردە ھېچكىشىنىڭ ھېچنېمىسى ئەمەس ئىدىم. بۇ يەردە ھېچ يۆلەنچۈكۈم يوق ئىدى. دۇنيارىم بولغان بىر تال كارۋىتىم ۋە بىر ئىشكاپلىق يېزىق ئۈستىلىملا يانمۇ يان تىزىلىپ ماڭا بويسۇنۇپ تۇراتتى. تۇنجى بولۇپ كۆزۈم چۈشكىنى يېڭى ئىشكابىمنىڭ ئۈستى قېتىغا تىزىۋالغان ئاپامنىڭ رەسىمى بولدى. ئۇنىڭغا قاراپ كۈلمەكچى بولۇپ « كۆردۈڭمۇ، سەن بولمىساڭ مېنىڭ ھېچكىمىم يوق» دېدىم پىچىرلاپ. بىر تامچە ياش كۆزۈم بىلەن مەڭزىمنىڭ ئارىسىدىكى ئويمانچاقتا سوغۇققىنە تۇرۇپ قالدى. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. مۈرىسىگە كېلىدىغان چېچى مېنىڭكىگە ئوخشاشلا دولقۇنسىمان ئىدى. ئۇنىڭ رەسىمىگە قاراۋېرىپ تۇيۇقسىز ئۆزۈمگە قاراۋاتقاندەك بولۇپ قالدىم. ئىككى ئىنساننىڭ بىر- بىرىگە قانداقسىگە بۇنچە ئوخشىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. ئەگمەش قېشى ۋە قويۇق كىرپىكى، قېلىن قوش قاپىقى، كەڭرى پېشانىسى، قاڭشارلىق ۋە تۈز بۇرنى،گۆشى لوققىدە ئۆرلەپ قالغان مەڭزى، كەڭرى ۋە قىرلىق لېۋى، يۇملاق ئېڭكى ۋە ئېغىزىدىن يېرىمى كۆرۈنۈپ قالغان رەتلىك ۋە ناۋاترەڭ چىشى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئىدى. ياق، بۇنداق دېسەكمۇ بولمىغۇدەك قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مەندىن بۇرۇن تۇغۇلغان. مېنىڭ يۈزۈم پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بۇ  دۇنيادىكى ئەكسى ئىدى. رەسىمگە قارىغانچە ئۆزۈمگە زوقۇم كەلدى. داڭلىق ئارتىس بولۇپ تونۇلغۇم، ئالقىشلار ئىچىدە خۇدۇمنى يوقاتقۇم، بىر مۇنچە پۇل تاپقۇم، كىنولاردا رول ئالغۇم، قېرىغاندا بولسا ئاپامغا ئوخشاش بىر ئايالنىڭ رولىنى ئالغۇم، ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەرزامان سېغىنۇلغۇم، ئۇنىڭدەك ھەممە ئىشنى ناھايتى تېزلا ئاخىرىلاشتۇرۇپ ئىزسىز كېتىپ قالىدىغان ئەمەس، تاكى قېرىغۇچە ھەممىلا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان، بارلىق ئەرلەرنىڭ ئامراقلىقىنى ۋە ئاياللارنىڭ ھەسىتىنى ئىگەللىۋالغان بىر ئايال بولغۇم بار ئىدى.
دادام بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ يىغلاۋاتقىنىمدا بىر قىز ئاتا- ئانىسى بىلەن كىرىپ ماڭا ئەجەبلەنگەندەك قاراپ كەتتى. يا ھېچنېمە دېمەيتتى يا قارىماي تۇرالمايتتى. سېمىزلىكتىن تىقىلىپ كەتكەن ئاپىسى ئىغاڭشىغانچە بېرىپ بېقىنى تارىلىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان كەڭ كۇلۇچ كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ قىزىنىڭ كارۋىتىدا لوككىدە ئولتۇرغىنىچە يولدېشىغا مېنى شەرەت قىلدى.  يولدېشى ماڭا قاراپ قويۇپ ئەركىلىتىۋاتقان قىزىنىڭ بېشىدىن قولىنى چۈشۈرۈپ ئالچاڭشىغىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. تېلېفوندىن دادامنىڭ تىترەك ئاۋازى كېلەتتى. « جېنىم قىزىم، نەدىن چىقتى بۇ قۇش زۇكىمى بالاسى. يېزىغا ئەۋەتىلمىگەن بولسام سىزنى ئۆزۈم ئېلىپ بارماسمىدىم. مەندىن رەنجىمەڭ جېنىم قىزىم. مەن  پات يېقىندا ۋەزىيەت سەل پەسكويغا چۈشسىلا رۇخسەت ئېلىپ سىزنى كۆرگىلى بارىمەن» دەيتتى ئۇ ئۆزۈر ئېيتىپ. ھېچنېمە دېيەلمىدىم. ئىچىمدىن يىغىدىن باشقا نەرسە كەلمەيتتى. باشتا قىزىقچىلىقتا « ۋاي دادا، مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئۆزۈم بارالايمەن بولدى ئەنسىرىمەڭە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا ساۋاقداشلىرىم تۇرسا، ئۇلارمۇ يالغۇزغۇ» دېگىنىمنىڭ ئەمەلىيەتتە بىلمەي ئېتىلغان بىر قۇرۇق پو ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
يۈز كۆزۈمنى، قول باشلىرىمنى يۇيۇپ ئازراق ئېچىلغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىمىمنى كىيىپ ئۆزۈم يالغۇز سىرتتىكى ئاشخانىغا تاماق يېيىش ئۈچۈن ماڭدىم. ئۈچۈيۈمنىڭ غۇرتىلدىغان ئاۋازى پات پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆڭلۈم ئاينىپ، بېشىم قېيىپ قوياتتى. ئۆزۈمنى تەستە سۆرەپ ماڭاتتىم ئارقامدىن بىر تونۇش ئۈن ئىسمىمنى توۋلىدى. قارىسام سەپەرداش ئۈچ ئوغۇل ساۋاقدېشىم ئىكەن. ئۇلارنى كۆرۈپ چۆلدىكى سۇ تېپىۋالغان ئۆلەرمەن كىشىدەك خۇش بولۇپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا كۈلۈپ قارايتتى. مەنمۇ خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن ئۇلارغا تويماي قارايتتىم. ئەگەر بىرىگە سەل ئۇزۇنراق قاراپ قالسام يەنە بىرسىگە ئۇۋال بولۇپ قالىدىغاندەك ھەممىسىگە بۆلۈندۈرۈپ تەكشى قارايتتىم. ئۇلارنى دادامنى قۇچاقلىغاندەك قۇچاقلىغۇم، پۇلغا ئېرىشكەن تىلەمچىدەك بوينۇمنى ئېگىپ، گەجگەمنى قورۇپ رەھمەت ئېيتقۇم، ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بەرگۈم كېلەتتى. يالغۇزلۇقنىڭ تۇنجى ۋە ئۇچىغا چىققان پەيتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ مېنى ئەللەيلىگەن بۇ ئىنسانلار ئاددىي كۈلۈمسىرىشى، ئىككى ئېغىزدىن گېپىگە تايىنىپلا مېنىڭ قەھرىمانلىرىمغا ئايلانغانىدى.  
كەچلىك تاماق ۋاقتى ناھايتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. تېلېفون نومۇرلىرىمىزنى خاتىرىلىۋالدۇق. ئۇلار بىلەن قىيمىغان ھالەتتە خوشلىشىپ ياتىقىمغا يېنىپ كىردىم. دەرس باشلىنىدىغانغا توپتوغرا ئىككى كۈن بار ئىدى. ئۇنىڭغىچە قىلىدىغان بىر ئىش تېپىشىم كېرەك ئىدى. مەكتەپنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئايلىنىپ باقماقچى بولدۇم. ئەمما، قانداقلا بولمىسۇن بىر يىل ئوقۇش جەريانىدا بۇلۇڭ پۇشقاقلارغىچە بىلىپ كېتىمەن دېگەن مەقسەتتە بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچتىم. خىيال ۋە ھارغىنلىق ئىچىدە يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئەتىسى سەھەردىلا ئويغىنىپ كەتتىم. ياتاقتا يەنە مەنلا قالغان ئىدىم. مەندىن باشقا ھەممىسى رەتلىك كارىۋاتلىرىنى ۋە ئىنساننى ئارامسىزلاندۇرىدىغان يېڭى يوتقان، تىنىق ۋە تەر پۇراقلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئاللىقاياقلارغا كېتىپ قالغانىدى. دېرزىنى ئېچىۋەتتىم. سىرتتىن شامالنىڭ ئورنىغا ئىسسىق ھاۋا كىردى. يۈز لۆڭگەم بىلەن چىپ- چىپ تەرلەپ كەتكەن بەدىنىمنى يەلپۈپ ئولتۇراتتىم تېلېفونۇم جىرىڭلىدى.
تېلېفوندىكى ئىسىمنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاستى- ئۈستى بولۇپ كەتتى. لۆڭگىنى تاشلاپ ئاۋازىمنى قىرىۋېتىپ تېلېفوننى ئالدىم.
-        ۋەي.- دېدىم ئەدەپ بىلەن، مېنى غېرىپچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىۋاتقان بۇ كىشىگە قامىتىمنىڭكىگە ئوخشاش ئەۋرىشىم تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان ئاۋازىم بىلەن رەھمەت ئېيتماقچى بولغاندەك.
-        ۋەي ياخشىما؟- دېدى ئۇ كۆيۈنگەندەك.
-        ياخشى،تۆنۈگۈن بەك ھېرىپ كېتىپتىكەنمەن شۇڭا تېخى بايا تۇرۇپ دېگەندەك، سىلەرچۇ؟- دېدىم ئىچىمدىكى خۇشاللىقنى بېسىپ نورمال ئاھاڭدا.
-        بىزمۇ ھازىر قوپقان، يىنيۆ شۆيۈەندىن (مەركىزىي مۇزىكا ئېنىستىتۇتى)بىر ئاكام كەپتىكەن دەڭە ئۈرۈمچىلىك. شۇ بىزنى كەچتە بىر يەرگە چاقىردى كۆرۈشۈپ، تونۇشۇۋالغىلى. شۇڭا سىزگە دەپ قوياي دېگەن. كەچكە تەييار بولسىڭىز، مەن ياتاقنىڭ ئالدىغا بارسام، شۇ يەردىن بىللە كېتەيلى قانداق؟- دېدى ئۇ مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئاۋازى بىلەن. ئۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان بېرىدىغان كۈنى نۆۋىتىمىز ئالمىشىپ قېلىپ چىققان قىزىقچىلىقلار، ئۇنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بېلەت ئېلىشىپ بېرىشى، يۈك- تاقامنى خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك سۆرەپ مېڭىشى، تاكسى پۇلى تۆلەيمەن دېگىنىمدە خاپا بولۇشلىرى، ياتاققا خۇددى بىر تۇققان قېرىندىشىدەك بەدىنىنىڭ قانچىلىك تەرلەپ مۈكچىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن كارى بولماي قىزغىن ھالەتتە يۈك- تاقامنى توشۇپ ئەچىقىپ بېرىشى، ئالدىنقى كۈنىدىكى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ھەر گەپ ئارىلىقىدا ئۆزىنى ماڭا قالغان ئىككى ئوغۇل ساۋاقدېشىمدىن بەك يېقىندەك كۆرسىتىشكە تىرىشىشلىرى مېنى ئۆزۈم سەزمىگەن ھالەتتە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىۋاتاتتى.
-        مەن بارمايمىكىن.- دېدىم سەل ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولۇپ.
-        باشقا بىرسى يوق ھەممىسى ئۈرۈمچىلىك بالىلار. شىجۈشۆيۈندىنمۇ ئىككى- ئۈچ ئاكاش ئاچاشلار كېلىدىغان ئوخشايدۇ بىزنى كۈتىۋالغىلى.- دېدى ئۇ شاپاشلاپ.
-        مەيلى ئەمىسە. دېدىم.
-        ماقا ئەمىسە كەچتە كۆرۈشەيلى.
-        ھەجەپ كەچتە كۆرۈشەمدۇق؟راست مەن بارمايچۇ.- دېدىم قاچقاندەك.
-        ئۇلار دەرس باشلاپ بولغاندىكىن، دەرسى باركەن دەڭە. شۇڭا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن كېلىدىغان بولدى. ھېچقىسى يوق بىللە يېنىپ كېلىمىز ئەمەسما. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ 13- چېسلا دەرس باشلاپ قالساق قاچان كۆرۈشۈپ بولىمىز دەڭە ئۇلار بىلەن. كەسىپ ھەققىدە پاراڭلىشىپ دېگەندەك يېنىپ كەلمەمدۇق.
-        ھە بوپتۇ ئەمىسە.
-        ماقا ئەمىسە كەچتە كۆرۈشەيلى.
تېلېفوننى قويۇپ ئەسنىگىنىمچە دۈمبەمنى تاتىلاپ بىردەم ئولتۇردۇم. ئۈزۈك- ئۈزۈك خىيال ئىچىدە قارشى تەرەپتكى كارىۋاتنىڭ تېمىغا چاپلانغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رەسىمىگە تىكىلىپ قالغان كۆزۈم، دۈمبەمدىكى پىشىپ ۋايىغا يەتكەن كىچىككىنە بىر دانىخورەكچاق ئورنىدىن قىممىدە قىلغاندا ئاندىن تارتىشقىنىچە مۈرەمنىڭ ئارقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى.  تۆنۈگۈن بىر كۈندىكى پىخىلداشلىرىمنىڭ مېنى ھەقىقەتەن يۇيۇنمىسام بولمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىچىم تىتىلداپ كەتتى. قوتازنىڭ تۈكىدىن ياسالغان توز سۈپۈرگىسىدەك يىرىك چېچىنى كەينىدىن بىر بوغۇپ، سۈزۈك تېرىسىنى ئارشكارىلماقچى بولغاندەك نېپىز كىيىم كىيىۋالغان، كىچىك ھەم كىرپىكسىز كۆزى ۋە يالاڭ قاپىقىنى يان تەرەپتىن قارىسا قۇم بارخانلىرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشىدەك شەكىل چىقىدىغان كۆزئەينىكى بىلەن توسۇۋالغان خەنسۇ ئايال « ياتىقىڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچىسەن، تاماق يەيسەن، تاللا بازاردا نەرسە ئالىسەن، مۇنچىغا چۈشىسەن، كۈتۈپخانىغا كىرىسەن» دەپ بەرگەن مەكتەپنىڭ ئىسمى يېزىلىپ، مېنىڭ رەسىمىم چاپلانغان مەكتەپ كارتام بىلەن يەنە بىر ئالقىنىمغا يىنىك ئۇرغىنىمچە مۇنچىغا زادى قانداق بېرىشنى ئويلاپ بېشىم قاتتى. بىر ھازا ئېرىنچەكلىك ۋە خىيال ئىچىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ناشتا ھېسابىدا ئۆيدىن ئەكەلگەن بەزى نەرسىلەردىن ئازغىنە يەۋېلىپ مۇنچىغا لازىملىق نەرسىلەرنى كىچىك سېۋىتىمگە قاچىلاپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن تاپقان ئامالىمنى ئاقتۇرالايدىغان جاسارىتىمنىڭ بار- يوقلىقىنى خىيال قىلغاچ دەككە- دۈككىدە مېڭىپ مەكتەپ مۇنچىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مەكتەپ ھويلىسى كۆكتات بازىرىدەكلا قايناپ كەتكەن ئىدى. قېرى- ياش، ئەر- ئايال ھەممىلا كىشى پەلپەتىش سۆزلىشىپ مەكتەپنى پاخال قىلىۋېتىشكەنىدى.بۇنىڭغا  مۇنچا تەرەپكە جايلاشقان ئاشخانىنىڭ ئارقىسىدىكى پاكار قاتلىق قاتار كەتكەن ئۆيلەردىن كېلىۋاتقان ئاۋاز مەشىقى قىلغۇچىلارنىڭ سوزۇق- سوزۇق چىرقىراق ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ كىشىنى يەتكۈچە بىزار قىلاتتى. بۇلارنىڭ گېدەيگەن بويى ۋە تىنماي سۆزلەشلىرى، ھەممە ئادەمگە چىشىنى چىقىرىپ ئەلەس بولۇپ قالغان كىشىدەك قارىشى، سوقۇپ، قىستىلىپ، كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنىغا سېسىق تىنىقىنى كىشىنىڭ پۇراش دائىرىسىگە تولدۇرىۋېتىپ كېتىپ قېلىشلىرى، ئىنساننىڭ نەپسىنى تېخىمۇ سىقىپ بۇ يەرنى مەكتەپ ئەمەس خۇددى ئاستى ياغلىشىپ كەتكەن قايناق رېستۇراندىكى توي ۋىچىركىسىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. مۇنچىنىڭ يېنىدىكى قايناقسۇخانىدا ئىتنىڭ ئۈچۈيىدەك ئۇزۇن ئۈچرەت شەكىللەنگەنىدى. بۇ يەرنى مۇنچە ئەمەس ئايدا بىر قايناقسۇ تارقىتىدىغان تۈرمىدەك ھېس قىلىپ كەتتىم. تۆنۈگۈنكى قۇسۇق گىرۋەكلىرىدىكى نېپىز جايلىرى ھاۋاغا سەل كۆتۈرۈلگىنىچە رەڭگى سۇسلاپ قېتىپ قالغانىدى. مەكتەپ ھويلىسىدىكى سېسىمچىلىق بۇ قۇسۇقنىڭ پۇرىقىنى ئاللىبۇرۇن بېسىپ يوق قىلىۋەتكەنىدى. ئىشكاپ ۋە يۇيۇنىدىغان يەر قالمىدى بولغاي مۇنچىدىمۇ تاكى ئوغۇللارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا سوزۇلغان ئۈچرەت شەكىللەنگەنىدى. چىرايى بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ھەممىسى خۇددى بىرەر ئۇيۇشمىدىن تارقىتىپ بەرگەندەك ئوخشاش ساپما كەشنىڭ باشقا- باشقا رەڭلىكلىرىنى كىيىۋالغان، دېيىشىۋالغاندەكلا بىردەك سۆڭگىچىنى ئاران يېپىپ يوغان يوتىسىنىڭ لىغىرلىشىنى مانا مەن دەپ نامايەن قىلىدىغان پادىچى كۇسار كىيىۋالغان، ئىچ كىيىملىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاسما مايكىسىدىن بىلىنىپ قالغان ياڭاقتەك- ياڭاقتەك كۆكسىنى دىڭگايتىپ ئاپئاق پاچاقلىرىنى كېرىپ توختىماي سۆزلىشىپ تۇرۇشۇۋاتقان ئۈچرەتتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا قارا ۋە چوتكىدەك چاچلىرى، لەشتەك سۈزۈلۈپ كەتكەن بەدىنى ۋە ئۇزۇن ھەم تۈز پاچاقلىرىنىڭ بارلىقىغا قارىماي تۈزۈك قېشى، قاپىقى، بۇرنى ۋە كۆكسىنىڭ يوقلىقى دېققىتىمنى تارتىپ قالدى. ئەكسىمچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوچۇن يوچۇن نەزەرلىرىنى پات- پات ماڭا تىكەتتى. دېمىسىمۇ ئۇلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان چىرايىم ۋە پاچىقىمنى پۈتۈنلەي يېپىپ تۇرىدىغان تەنتەربىيە ئىشتىنىم، مايكام ۋە بىزارلىق يىغىلغان چىراي ئىپادەم دېققەت تارتىشقا لايىق ئىدى. ئىچىمدىكى ھەرخىل بىزارلىقنى، يالغۇزلۇقنى ئاخىرى يەڭدىم. خالىغان تەرەپكە قاراپ جەسۇرانە تۇراتتىم، ئەسلىدە مۇشۇ يەردە مۇشۇنداق تۇرالىشىمنىڭ ئۆزىلا ماڭا نىسبەتەن بەكمۇ چوڭ بىر ئىش ئىدى. ئىچكىرى ئۆلكە كىچىك چېغىمدا ماڭا نىسبەتەن كەتسە كەلمەس بىر تىلسىم ئىدى. ئۇ يەردىكىلەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايتتى. خىيالىمدا ئۇلار تولىمۇ قورقۇنۇشلۇق ۋە يىرگىنىشلىك ئىدى. ھەرخىل يامانلىقلاردىن ھېيىقمايتتى. كىچىك بالىلارنى ئالداپ سېتىش، ئەپ تاپسىلا ھېچ نەرسىدىن قورقۇپ قالماي ئىسكەتسىز ئەپتى- بەشىرىسى ۋە چوشقا گۆشىنىڭ تەمى قالغان ئېغىزى بىلەن چىرايلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلارنى سۆيۈپ، قۇچاقلاپ باسقۇنچىلىق قىلىش، چوشقىلارنى بوينىغا زىق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ يېيىش، ئاياللارنى پاھىشخانىغا سېتىش، پاھىشخانىدىكى ئاياللارنىڭ بولسا پۇللا بەرسە جىمى ئەرلەر بىلەن يېتىشى مەن كىتاپتىن ئوقۇغان، تېلېۋوزوردىن كۆرگەن ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتلەر ئىدى. ماڭا پات- پات قاراپ قويۇۋاتقان ئۈچرەتتىكى بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسىلا بۇنداق جىنايەتلەردىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق خاتىرىجەم، ئاقكۆڭۈل ئىنسانلاردەك كۈلۈشۈپ ئۆز پارىڭىنى قىلىۋاتاتتى. پەقەت سىرتىمدىكىلا كىيىملىرىمنى سېلىپ، كۆزۈمنى چېچىم بىلەن توسقان ھالدا يۇيۇنىۋالغاندىن كېيىن ئازاپلىق بىر ھالەتتە ياتاققا يېنىپ كىردىم. سۇنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ۋە يۇندىلاردىن شەكىللەنگەن ئېرىقچا ماڭا موماملارنىڭ مەھەللىسىدىكى ئېرىقنى سېغىندۇراتتى. مەن ئۇ ئېرىققا ئۆمۈر بويى چىلىنىپ يېتىشقا رازى ئىدىمكى، بۇنداق مۇنچىنى كۆرۈشنى پەقەتلا خالىمايتتىم. بۇ مۇنچىنىڭ مېنىڭ پىسخىكامغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيتتىم. ياتاق بىناسى زالىدىكى لېفىتنىڭ ئىككى قاسنىقىغا كەم دېگەندە يۈز كىشى توپلىشىۋالغانىدى. ئۇلار 14 قەۋەتلىك بۇ بىنانىڭ قەۋەتلىرىگە دېرىزىلىق پەلەمپەي بۆلۈمىدە ھاۋا يېگەچ مېڭىپ چىقىشنى خالىمايتتى-يۇ، بىر- بىرى بىلەن سۈركىشىپ ۋە چاپلىشىپ، تىنىقىنى ۋە تەرلىرىنى پۇرىشىپ لېفىت ساقلاشقا ۋە لېفىت كەلگەندە بولسا ئۆزى تونۇمايدىغان ئىنسانلار بىلەن ئىتتىرىشىپ، تىللىشىپ، گۆلىيىشكىنىچە ھاۋاسى بۇلغىنىپ كەتكەن كاتەكتەك لېفىتكە ئۆزىنى ئېتىشقا رازى ئىدى. پەلەمپەيدە ئالدىرىماي يۆتكەلگەن ھەربىر قەدىمىمگە ماسلىشىۋاتقان ھەربىر پارچە خىيالىم ماڭا بىر يېڭى نەرسىنى ھېس قىلدۇراتتى. سۈكۈت باغلاپ كەتكەن سۆيۈملۈك ماكانىمغا كېلىپ ئۆزۈمنى تاشلىغىمچە دادام بىلەن ئۇچۇرلىشىپ ئوڭدىسىغا ياتتىم. چاقىرىقتا يېزىلغىنى بويىچە تىكتۈرۈپ كېلىپ، پۇرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كارۋىتىمنىڭ يان تەرىپىگە ئېسىلغان ئەتلەس كۆينىكىم كارۋىتىمنى پەردىگە ئوخشاش ئىتىپ تۇراتتى. كۆينەككە قاراپ كارۋىتىمغا پەردە تارتقۇزىۋېتىشنى ئويلاپ قالدىم. ئۈستۈمدىكى كارۋاتتىكى ياتاقدېشىمنىڭ ئەتىرگۈل سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پەردىسى ئاقىل بىر ئىشتەك قىلاتتى. قوشنا ياتاقتىكى مۇزىكا ئېنىستىتۇتى قىزلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەكتەپكە يېقىن بازاردىكى پەردىچىدىن كارۋىتىمنى ياپىدىغان ئەپچىل بىر پەردە تىكتۈردۈم. خەنسۇ قىزلارنىڭ ئىشىكى ئوچۇق قالغان ياتاقلىرىدىن قارىغىنىمدا ئۇلارنىڭ ئاساسەن پەردە تارتمىنىغىنىدىن ھەيران قالغانىدىم. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ بەدىنىنى ھەددى- ھېساپسىز خالىغانچە كۆرۈشەتتى. كىيىملىرىنىمۇ ياتاقتا ھەممىنىڭ ئالدىدىلا ئالماشتۇرىۋېرەتتى. تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى ئارتىس بولالمايدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن بۇرۇن ئارتىسلارنىڭ سەھنە ئارقىسىدا كىيىملىرىنى ئەر- ئايال بار دېمەي ئالماشتۇرىۋېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ كۈنى كەچتە دادامدىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كەلگەن رىفات ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن يىپەك يولى ئاشخانىسىغا تاماققا  باردىم. « ھە بوپتۇ قىزىم، تامىقىڭىزنى يەپ، چوڭلار بىلەن تونۇشۇپ، بەرگەن مەسلەھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ يېنىپ كېلىڭ. يالغۇز يۈرمەڭ» دېدى دادام. شۇندىلا سەل خاتىرىجەم بولدۇم. تاش ۋە ياغاچتىن ياسىلىپ، ئەتلەس بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ ئاددىي رېستۇراننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ماڭا ياقتى. ئەمدىلا ئورۇن ئېلىشىمىز بىلەنلا رېستۇراننىڭ ئىچىنى غۇۋالاشتۇرۇپ پەقەت رەڭلىك چىراغلىق سەھنىنىلا گەۋدىلەندۈرۈپ ئىنسانغا خىيالىي تۇيغۇ ئاتا قىلىش ئۈچۈن ھەممىلا ئۈستەلگە شام يېقىلىپ باشقا نورمال چىراغلار پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋېتىلدى.
-        ۋاھ يەنچۇغا (ئويۇن) غا دەل ئۈلگۈرۈپتىمىزدە.- دېدى رېستۇران ئىشىكىدىن بىزنى ئىچىگە باشلاپ كىرگەن كېلىشكەن يىگىت. رىفاتنىڭ ئاكام دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
مەرھۇم ئەخمەتجان گىتارنىڭ سىياقىغا بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر سىما سەھنىدە يېقىملىق مۇزىكا بىلەن تەڭ ئالدى- كەينىگە تولغىنىپ ئاندى- مۇندا خەنسۇچە گەپ ئاڭلىنىۋاتقان رېستۇراننىڭ ئىچىنى ئالقىشقا تولدۇردى. دۇمباقچى، تەڭكەش گىتارچى، ناخشىچى ھەممىسىلا كەينى- كەينىدىن سەھنىگە چىقىشتى. ئالقىشلار تېخىمۇ كۈچەيدى.  بەزى ئۈستەللەردىن كېلىدىغان« لەي، لەي، لەي، لەي پېڭ بېيزى، پېڭ بېيزى» دېگەنگە ئوخشاش ئاۋازلار بۇ ئومۇمىي كەيپىياتنىڭ ئىچىدە خۇددى يۈزگە چىققان سۈگەلدەك كىشىنىڭ ھوزۇرىنى قاچۇرۇپ تۇراتتى. ئەمما مەن يەنىلا تولىمۇ ھاياجانلاندىم. قايرىلمىلىق، ناززۇكلۇق، ياڭراقلىق ۋە سوزۇلمىلىقى ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەلگەن بۇ مۇزىكىنى بۇرۇن ھېچيەردە ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. كۆز ئالدىمغا 80- يىللاردا پارقىراق كۆڭلەڭ كىيگىنىچە گىتارنى ئەڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن چېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى قىيغىتقان  شوخ گىتارچى ئەخمەتجان گىتار كەلدى. ئۇ گىتارنى شۇ قەدەر ئەۋجىگە چىقىرارمىشكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىمۇ ھېچقانداق سازنىڭ تەڭكىشىسىز ئورۇندارمىش. ئۇيغۇرلاردىن ئۇنىڭ ئەخمەتجان مەمتىمىن ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشى ئاز ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەخمەتجان گىتار ئىكەنلىكىنى ھەممىلا كىشى دېگۈدەك بىلەتتى. گىتار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن فامىلىسى ئىدى. ياشلار ئۇنىڭ چېچىنى دوراپ چاچ قوياتتى، كىچىكلىكىمدە ياشلارنىڭ ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن. ئۇيغۇرلارغا مودا مۇزىكىنى ئېلىپ كىرگەن بۇ سەنئەتكار ۋاپات بولغىنىدا تېخى 21 ياش ئىدى. بەزىلەر ئۇنى قەستكە ئۇچرىغان دەپ قوياتتى. سەھنىدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم. شوخ داپچى ۋە چېچى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان كېلىشكەن گىتارچىدىن بەكرەك سىياقى ئەخمەتجان مەمتىمىنگە ئوخشايدىغان گىتار ماھارەتچىسى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى. سەھنىدە پەقەت ئۇلا بار ئىدى. پۈتكۈل مۇزىكىنى ئۇ يالغۇز ئورۇنداۋاتاتتى. پۈتكۈل ئالقىشلار پەقەتلا ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ياڭرىتىلىۋاتاتتى. پۈتكۈل كۆزلەر پەقەت ئۇنىلا كۆرەتتى. پۈتكۈل دۇنيا ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ گىتار شاھى ئىكەنلىكىگە قول قوياتتى. ئۇ ئىككىنجى ئەخمەتجان گىتار ئىدى. مانا بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم گىتارغا مەستخۇش بولۇشۇم ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا سەنئەت كۇرژۇكىدىكى گىتارچىلارنىڭ تارىلارنى بىكاردىن بىكار ئاۋارە قىلىپ ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. يۈرىكىمنىڭ مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئېيتىۋاتقان لىرىكىسى ئەۋجىگە چىققاندا ئەترەت مۇزىكىنى توختاتتى. بۇ مۇزىكا ئەسلىدە ئۇلارنىڭ سەھنە بېشىدا چالىدىغان مەشىق مۇزىكىسى ئىكەن. ئۇلار چاۋاك ئىچىدە رەسمىي ئويۇننى باشلىدى. ئارقا- ئارقىدىن ئېيتقان « گۈزەلىم»، « ئايرىلىش»،« شىرىنجان»... دېگەندەك ناخشىلىرىمۇ مېنى ئۆزىگە تارتىۋالدى. ناخشىچىنىڭ ئاۋازى، داپنىڭ تەككىشى ئەمەس، پەقەتلا ھېلىقى بۈدرە چاچ ئورۇنلىغان ئارىلىقتىكى پائۇزلار مېنى مەست قىلدى. ئەسلىدە بۇ داپچى، ناخشىچى، گىتارچىلارنىڭ ھەممىسىلا بىكاردىن- بىكار سەھنىگە چىقىۋېلىپ ئۇنىڭ گىتار مۇزىكىسىنى بۇزىۋاتاتتى. ئۇنى ئەخمەتجان گىتار بولغىلى قويمايۋاتاتتى. خىيال ئىچىدە مۇزىكىغا چىلىشىپ تاماقنى بەكرەك يېيەلمەي قالدىم.
-        ئەمدى ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرىۋېتەمدۇق؟- دېدى بىزنى باشلاپ كىرگەن ئاكىمىز ئويۇن تۈگەپ چىراغلار يېقىلىشى بىلەنلا تاقەتسىزلەنگەندەك. ئاۋال مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇراي. جوڭشىدا بياۋيەن ئوقايمەن. سىلەرنىڭ شۆگېرىڭلار (ھەمساۋاق ئاكا). ئۈرۈمچىلىك، ئىسمىم ئابدۇللاھ. يېڭى كەپسىلەر ھەممىمىز بىر يەرلىك ئىكەنمىز. قانداق قىيىنچىلىقلار بولسا دېسەڭلار بىز بار. بۇ يەردە ھەممەيلەن بىر ئۇيغۇر بولغاندىكىن، ئارىلىشىپ ئۆتەيلى. يۈز- كۆزى ئورۇق، ئاق كەلگەن ئېگىز بويلۇق بۇ يىگىتنىڭ ئاق رەڭلىك زاۋۇت كەشتىسى تىكىلگەن كۆڭلىكى بىلەن، پاختا رەخت قارا تامبىلى ئاددىي كۆرۈنگېنى بىلەن ئۆزىگە خۇيمۇ ياراشقان ئىدى. سارغۇچ بۈدرە چېچى، زەڭگەر كۆزى ۋە قاڭشارلىق بۇرنى ئۇنى چەتئەللىكلەردەك كۆرسىتەتتى.
-        ئىسمىم مەدىنۇر، ئابدۇللاھ بىلەن بىر سىنىپ، بۇندىن كېيىن ياخشى تونۇشۇۋالىمىزغۇ سىلەر كەسىپكە چۈشكەندە. يۈكېنى (تەييارلىقنى) بەك چىڭ تۇتۇڭلار كەسىپكە چۈشكەندە قىينىلىپ قالىسىلەر. قىزلار قانداق قىيىنچىلىق بولسا دېسەڭلار بولىدۇ. سىلەر بەشتىڭلارغۇ راست تۆت تۇرىسىلەرغۇ.- دېدى ئۇ ماڭا قاراپ. مەن ئەھۋالدىن بىخەۋەر ھالەتتە ئۈچ ئوغۇل ساۋاقدېشىمغا قارىدىم.
-        يەنە بىر قىز بار ئىدى. ئىسمى گۈلگىنەغۇ دەيمەن. ئۇ كەلمىدى تېخى ئەتە- ئۆگۈن كەپ قالارمىكى. ئۇ مېيشۇ شۆيۈەننىڭغۇ دەيمەن.- دېدى ئوغۇل ساۋاقدېشىم ئىسمەت.
-        ھە.....
-        مېنىڭ ئىسمىم مەردان، قارامايلىق. مەنمۇ سىلەرنىڭ شۆگېرىڭلار. بۇندىن كېيىن ئارىلىشىپ ئۆتەيلى دېدى. ئېگىر بويلۇق، كەڭ يۈزلۈك بىر يىگىت.
-        مېنىڭ ئىسمىم مەغمۇرە.- دېدى چىرايى ئىنساننى لال قىلىدىغان بىر گۈزەل قىز.- مەنمۇ جوڭشىدا بياۋيەن ئوقايمەن. ئاقسۇلۇق. كەسىپتە بىلمىگەن يەر بولسا سورىساڭلار بولىدۇ. مەدىنۇر توغرا گەپ قىلدى. يۈكېنى چىڭ تۇتمىساڭلار بەك ھورۇنلىشىپ كېتىسىلەر. كىتابىڭلار ئاسان لېكىن ئاسان دەپ قويۇۋەتسەڭلار بېنبۇ (مەركىزىي تىياتىر ئېنىستىتۇتى) غا كەلگەندە قىينىلىپ قالىسىلەر. دەرسنى تېز- تېز سۆزلەيدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە راۋكوۋليڭ بار(ئېغىز مەشىقى) شۇڭا خەنزۇچىنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆگىنىپ راۋكوۋليڭلارنى يۈكېدىكى چاغدىلا مەشىق قىلىۋالساڭلار تېخى ياخشى. بولمىسا سىنىپنىڭ كەينى بولۇپ قالىىسلەر.
ئۇنىڭ دېگەن گېپى ئۇياقتا قېلىپ گىرىمسىز ھالەتتىمۇ ئاۋجۈرى ھەببىرىن (Audrey Hepburn) دەك كۆرۈنىدىغان، بۇرنى بىلەن ئېغىزى ئۇنىڭكىدىنمۇ چىرايلىق تەبئىي گۈزەللىكى مېنى رام قىلىۋالدى. مەن ئۈرۈمچىدىكى ھېچبىر سەنئەت كەسپىدىكى قىزلارنى گىرىمسىز كۆرمىگەچكە تياتېر كەسپىدە ئوقۇيدىغان قىزلارنى گىرىمسىز يۈرىدۇ دەپ زادىلا ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ كۈلۈمسىرىگەن بېقىشلىرىمنى گۈزەللىكىگە ھۆسۈن قوشقۇچى خۇش تەبەسسۇم بىلەن جاۋاپلىدى.
-        مېنىڭ ئىسمىم خالىسە.- دېدى ئاۋازى جانلىق چىقىدىغان بىر قىز.- مەنمۇ مەغمۇرە بىلەن بىر سىنىپتا. ئۈرۈمچىلىك. مەيلى كەسىپتە بولسۇن، تۇرمۇشتا بولسۇن ياردەم قىلغۇدەكلا ئىش بولسا تارتىنماي دەڭلا. قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز. خالىسەنىڭ چىرايى مەغمۇرەنىڭكىدەك گۈزەل بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىر مېتىردىن ئاشىدىغان توم قارا چېچى ھەۋىسىمنى كەلتۈردى.
تونۇشتۇرۇش نۆۋىتى بىزگە كەلدى. مەن تارتىنىپ نۆۋىتىمنى باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەردىم. رىفات، ئىسمەت ۋە ئابدۇسالاملار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا مەندىن باشقىلارنىڭ ۋەزىپسىنى تۈگىتىپ بولغىنىنى ھېس قىلىپ تارتىنغىنىمچە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم.
-        مېنىڭ ئىسمىم مەرگىيا. ئۈرۈمچىلىك. بۇ يىل كەلدىم جوڭشىغا. بولسا سىلەر يول كۆرسىتىپ دېگەندەك قىلساڭلار. يېڭى كەلگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشىمىزنى بىلەلمەيدىكەنمىز. – دېدىم.
ھەممەيلەن بىر- بىرىمىزگە ياردەم قىلىشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن ئىناق ئۆتۈشىدىغان بولۇپ، ئوبدان ئوقۇپ ئۇيغۇر سەھنىسىدىكى يېڭىلىقچىلاردىن بولۇپ قالىدىغانغا ئىرادىمىزنى بىلدۈرۈشۈپ ئۇ يەردىن- بۇ يەردىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن رېستوراندىن قايتتۇق. ئەتراپقا تىقىلغان قاراڭغۇلۇقنى شەھەرنىڭ رەڭلىك چىراغلىرىدا پەقەتلا بىلگىلى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەلچىخانا رايونىمىش. رېستوراننىڭ سەل نېرىسىدىكى يوغان بىنا ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىمىش. ئامېرىكىلىقلار بەك يامان بولغاچقا ئەلچىخانىسىنىمۇ ھەم يوغان ھەم كۆركەم قىلىپ ئايرىم بىر شەھەر ھالىتىدە بەك چىرايلىق ياسىۋالغانمىش. « دادامنى سورۇۋېتەمدىم نېمە» دېدىم ئىچىمدە، ئۇلار ئىككى تاكسى چاقىرىشنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقاندا. قوزغىلىش باھاسىنىڭ ئون يۈەن ئىكەنلىكى بىر ياندا قالسۇن بىز كېلىدىغان چاغدا ئاپتۇبۇس بىلەن كەم دېگەندە 20-15 كېلومېتىرلار ئەتراپىدىكى ئارىلىقنى بېسىپ كەلگەنىدۇق. رىفات ئوغۇللار ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىسمەت ۋە ئابدۇسالاملارغا بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە مېنى ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن ياتىقىمنىڭ ئالدىغىچە بىللە كەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاجايىپ بىر ھاياجاننى سېزىۋالدىم. نورمال سۈرەتتە مېڭىپ ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.
-        ئىچىملىك ئېلىپ چىقاي تۇرۇپ تۇرۇڭ.- دېگىنىچە يۈگۈرۈپلا تاللا بازارغا كىرىپ كەتتى ئۇ تۈزۈتۈمنى ساقلىمايلا.
ياتاق بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۆزىدىن بىر پەلەمپەي ئۈستىدە تۇرغان قىز ھەمراھىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ، كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ، شالقىۋىقىنى ئېقىتقىنىچە گۆشىيىپ تۇرغان ئوغۇللار، بىلىكىگە كىتاپلارنى قوندۇرۇپ غىتىلداپ ياتاق تەرەپكە ماڭغان ھەر مىللەتتىن بولغان قىزلار، تېلېفوندا سۆزلىشىپ ئۇيان- بۇيان مېڭشىۋاتقان قىز- ئوغۇللار، قاھ قاھلاپ كۈلۈشكىنىچە كۆزلىرىنى ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىدەك ئالدى- ئارقىسىغا ۋە ئىككى يېنىغا تىكىپ قويۇپ قىسقا كوپتىسىنى ئاستىغا تارتىپ قويغاندىن كېيىن يېنىدىكى ھەمراھىنى قولتۇقلاپ كىرپىدەك مېڭىشنى داۋام قىلغان چوڭلار مائارىپىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر ئايال، كۆزئەينەكىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاجىز كۆزلىرىنى تېخىمۇ قىسىپ، بۇرنىنى قورۇپ ئۈستى قەۋەتتىكى نامەلۇم ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىكى بىرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان خەنسۇ ئوغۇل، گېزىت بوتكىسىدىكى ئاممىۋىي تېلېفوندا ئۆيىدىكىلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز، كۇسارسىمان ئىشتىنىنىڭ ئارقا تەرىپىنى يىرتىۋېتىپ سالىدىغاندەك دەرىجىدە دوڭغىيىپ سىرى چۈشۈپ قاڭالتېرلىرى ئېگىلىپ كەتكەن مايماق ۋېلىسپىتىنىڭ چۈشۈپ قالغان زەنجىرىنى ئوڭشاۋاتقان  پوپكىلىق بالا ۋە قولىدا ئىككى قۇتا ئىچىملىكنى تۇتقىنىچە ئادەم چوقۇلاشقا تەمشەلگەن غازدەك مېڭىپ كېلىۋاتقان رىفاتقا نۆۋەتلەشتۈرۈپ سەپسالغىنىمچە ياتاق بىناسىنىڭ يېنىدىكى گۈللۈكنىڭ لېۋىدە ئولتۇردۇم.
-        خوش ئەمىسە مەن ياتاققا كىرىپ كەتتىم. رەھمەت سىزگە بەك ئاۋارە قىلدىم. – دېدىم رىفات يېقىن كەلمەستىن.
-        ۋوي، نەگە.- دېدى ئۇ ئالدىراپ يېقىنلاشقىنىچە قولىدىكى ئىچىملىكنى ماڭا سۇنۇپ.
-        ياتاققا كىرىپ تېخى دادامغا تېلېفون قىلمىسام بولمايدۇ، ئەنسىرەپ قالىدۇ.
-        ھە بوپتۇ ئۇنداقتا. ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئەمىسە ئەتىگىچە كۆرۈشەيلى. بىرەر ئىش بولسا ھايت دەرسىز.- دېدى ئۇ ماڭا قىيالماسلىق نەزىرىدە قاراپ.
-        ماقۇل رەھمەت. – دېدىم ئۇنىڭ بېقىشلىرىدىن ئوڭايسىزلىنىپ.
قولۇمدىكى مۇزدەك ئىچىملىكنى ئىختىيارىسىز بوينۇمغا ۋە پېشانەمگە ياققىنىمچە ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتىم. ياتاقتىكى مەن ئىسمىنى يادىمدا تۇتۇپ بولۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن بىر قىز ئۇخلاپ قالغانىدى. قالغان ئىككىسى پۇتىنى ئالماپ ساپما كەشلىرىنى لىكىسلىتىپ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ مۇڭدىشىۋاتاتتى. بىر كارىۋات تېخىچە تاختاي پېتى تۇراتتى. مەن بىلەن تۇنجى بولۇپ يېقىنلاشقان قىز ياتاقتا كۆرۈنمەيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالغانىدىم. بىز كارۋات رەتلەش، نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىش دېگەندەك ئىشلارنى بىللە قىلغانىدۇق. « ياخشىمۇسىلەر» دېدىم ئۇلارنىڭ پارىڭىنى بۇزۇپ. ئۇلار بىلەن تۈزۈك پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدىم. ياتاقتا ئولتۇرغان بۇ ئىككى ياتاقدېشىم- ساۋاقدېشىمنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى گۈلھايات، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلفىيە بولۇپ، ئىككىسىلا مەركىزىي تىياتېر ئېنىستىتۇتىغا بۇ يىل مەن بىلەن بىللە يېڭى قوبۇل قىلىنغان قىزلار ئىدى.  ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشقىنىمچە ئايىغىمنى سېلىپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاشقا تۇرغىنىمدا مەن بىلەن چىقىشىپ قالغان نازۇك قەشقەرلىك قىز شەكىمە كىرىپ كەلدى. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ سەھنە لاھىيەلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىدىكى قۇرۇپ بولالمىغان سۇ تامچىلىرى ھەدەپ ئاسمىلىق ئۇخلاش كۆينىكىگە تامچىلايتتى. ئۇنىڭ شۇ ھالىتىدىن ئىلھاملانغاندەك بولدۇم- دە، خۇشياقمىغان ھالەتتە يۈز- كۆزۈمنى يۇغاندىن كېيىن ئۇيقۇغا شۇڭغۇدۇم. ئەتىسى سەھەردە يېڭى ساۋاقدېشىمىز گۈلگىنەنى كۈتۈۋالدۇق. ئۇنىڭ زىلۋا بويى، قاپقارا ۋە ئۇزۇن چېچى، غۇجمەكلىشىپ تىزىلغان كىرپىكى، نۇرلۇق ۋە چوڭ قارا كۆزى، ئاق ئۆڭى، يۇمشاق ۋە نازۇك ئاۋازى مېنى مايىل قىلىۋالدى. گۈلگىنە مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئېنىستىتۇتىتىنىڭ مودا لاھىيەلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.  ئەتىسى سىنىپقا رەسمىي قەدەم قويدۇق. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى،مەركىزىي مۇزىكا ئېنىستىتۇتى ۋە مەركىزىي تىياتىر ئېنستىتۇتى، شاڭخەي مۇزىكا ئېنىستىۇتىدىن بولۇپ جەمئىي 26 كىشى بىر سىنىپقا، يەنى تەييارلىق ئۈچىنجى سىنىپقا بۆلۈنگەن ئىدۇق. بىر- بىرىدىن قامەتلىك ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساھىپجامال قىز ساۋاقداشلىرىم مېنى ھاياجانغا سالاتتى. ئەمما مەن بۇ ساھىپجاماللارنىڭ ئىچىدە كۆمۈلۈپ نامايەن بولالماي قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم. ئۇلار توختىماي جىۋىلدىشاتتى، كۈلۈشەتتى. سىنىپىمىزدىكى ئوغۇللار تاكى بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چىراغ تۈۋىدە ئايلانغان پەرۋانىدەك ئايلىنىشقا باشلىغاندىلا مەن ئۆزۈمنىڭ داڭلىق ئارتېس بولۇش، سەھنىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىش، مەركىزىي شەخىس بولۇشتەك ئارزۇيۇمنى پەقەتلا بىر قۇرۇق خىيالدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. مەن بولسام ئاددىي مايكا ۋە پادىچى ئىشتاننى كىيىپ، گىرىمسىز يۈزۈمنىڭ يېرىمىنى مۈرەمگە كېلىدىغان چېچىم بىلەن توسۇپ، كىتاپ قاچىلانغان لاتا بوغچامنى سىچۈنلىك ئايالنىڭ بالا سېۋىتىدەك دۈمبەمگە يۈدىگىنىمچە باشقىلارغا جاۋاپ بېرىش مەجبۇر بولۇپ قالغاندىن باشقا چاغدا گەپ قىلمايدىغان بىر بۇلۇڭ مەلىكىسى ئىدىم. بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى قانداق ئىپادىلەپ بولۇشنى بىلەلمىگەن ھالدا  بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزىۋەتتىم. ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەركۈنى ياتاقنىڭ تېلىفونىنى تىكىرلىتىپ باسقىنىچە سائەت- سائەتلەپ ئۆيدىكىلىرى بىلەن سۆزلىشىشى، ئوپچە پۇل يىغىپ ئالغان تۇنجى ياتاق مۈلىكىمىز بولغان ئاۋاز ياڭراتقۇنى مەكتەپ مەيدانى تەرەپكە قارىتىپ ئەڭ ئۈنلۈككە تەڭشەپ مۇزىكا قويۇپ ناخشىچى بىلەن تەڭ توۋلىشى، سىنىپتىكى قايسى ئوغۇل ساۋاقدېشىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق ھالەتتە تاماققا تەكلىپ قىلغىنىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەشلىرى، بۇرۇنقى ئاشىق ھېكايىلىرىنى خۇددى ۋولىۋودنىڭ مۇھەببەت فىلىمىدەك كۆپتۈرۈپ بايان قىلىشلىرى، بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان قايسىبىر ئوغۇلنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قانداق قاراملىق قىلغانلىقلىرىنى ئېغزى- ئېغزىغا تەگمەي ئەزۋەيلەپ پەخىرلىنىشلىرىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلاتتىم. ھەتتا شەكىمەنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى بىلەن نەدە قانداق سۆيۈشكىنىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئاستا ئاستا يىراقلىشىشىمنىڭ يوشۇرۇن باھانىسى بولۇپ قالدى.
-        مەرگىيا، ئاچە پەردەڭنى.-  دەيتتى ئۇلار بەزىدە پەردەمنى شىرتتىدە قىلىپ قايرىۋېتىپ.- گەپ قىلىشىمىز.
-        ھە مانا.- دەپ قوياتتىم ۋە دادام سوۋغا قىلغان « سەنئەتنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابىمنى ئوقۇغىنىمچە قۇلاقلىقتىن چىققان مۇزىكىدا ئەللەيلىنىپ تام تەرەپكە قاراپ ياتقىنىمچە ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولاتتىم.
كېچىلىرى بىر ۋاقىتقىچە كۇسۇلدىشىپ ياتمىغان قىزلار سەھەردىكى دەرسلەرگە ئاساسەن كېچىكەتتى. ئۇلارنىڭ گىرىم قىلىشى بىلەن كىيىم ماسلاشتۇرىشىلا تەخمىنەن بىر سائەتنى ئالاتتى. مەن ئاخشىمى بالدۇر ياتقاچمىكىن سەھەردە بالدۇرلا تۇرۇپ كېتەتتىم ۋە مەكتەپ ھويلىسىدا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ناشتامنى قىلىۋېتىپ دەرسخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە دەرس سائىتىنى كۈتەتتىم. شۇندىلا  ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ، چۇڭۇلداپ، قاھ قاھلاپ ئۆزۈمنى كۆرسىتەلمەي قالغانلىقىمدىن شەكىللەنگەن نامايەن بولالماسلىقتىن قورقۇش پىسخىكام سەل يەڭگىللىگەندەك بولاتتى. چۈنكى سىنىپتىكى قىزلاردىن ئىككى ئۈچىمىزدىن باشقا ھەممىسىلا ئاساسەن بىرىنجى سائەتلىك دەرس يېرىملاشقاندا ئاندىن سىنىپقا كىرەتتى. بۇنداق بولغاندا مەن ئۇلاردىن يېرىم سائەت بۇرۇن كۆزگە چېلىقاتتىم. مەن ئۈچىنجى رەتنىڭ بۇلۇڭىنى تاللىۋالغانىدىم. يېنىمدا ئولتۇرۇشنى ۋە كەچلىك تاماقنى بىللە يېيىشنى بىر نەچچە رەت سىناپ باققان رىفاتنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن رەت قىلىۋەتتىم. ئۇ يەنىمۇ رەت قىلىنىشتىن قورقتىمۇ ياكى مەندىن زېرىكتىمۇ ئىشقىلىپ يەنە بىر قېتىم يېنىمدا ئولتۇرۇشقا ھەم قىزغىنلىق بىلەن گەپ قىلىشقا پېتىنمىدى. ئۇنى بىراقلا رەت قىلىۋەتكىنىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلاتتىم. ئۇنى بوشقىنە سېغىناتتىم. ئەمما ئۆزۈمنى دادامغا خىيانەت قىلغاندەك ھېس قىلىپ بۇ ھېسسىياتلىرىمنى قەلبىمدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشاتتىم. بەزىدە بولسا ئۇنىڭ يىنىكلىكىدىن نەپرەتلىنىپ قالاتتىم. ئۇنىڭ مېنى تەلۋىلەرچە ئاشىق بولۇشقا ۋە كەينىگە كىرىپلىۋېلىشقا لايىق بىر ئىنسان قاتارىدا كۆرمىگىنىگە ئاچچىقىم كېلەتتى، ئەمما ئۇنداق قىلسا ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي نەپرەتلىنىپ، پاك- پاكىز قول ئۈزىۋېتىدىغىمنى ئويلاپ يەنىلا بۇ خىيالىمدىن ۋاز كېچەتتىم. تولىمۇ تەستە ئۆتكەن تۇنجى بىر ھەپتىلىك ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى يەكشەنبىسىدە مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا بەكمۇ ئېغىر بىر ھاقارەتكە ئۇچرىدىم. يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكى تاتلىق ئۇيقۇمىز رىفاتنىڭ ماڭا قىلغان تېلېفونى بىلەن بۇزۇلدى. ئۇ بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇنىڭ ئەدەپلىك مۇئامىلىسى ۋە تۇغۇلغان كۈنى  ئىكەنلىكىنى شىپى كەلتۈرىشىگە مۇۋاپىق بىر باھانە تاپالماي ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە سىنىپتا يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاپ ئۇقۇدۇم. چۈشتە ئۇ مېنى ئالغىلى كەلدى. تاماققىمۇ ئىچىگە كىتاپ ۋە باشقا نەرسىلەر قاچىلانغان بوغچامنى يۈدۈپ باردىم. ئۇ مەندىن نومۇس قىلىپ قالدىمۇ ياكى باشقىلاردىن خالىيراق بولغۇسى كەلدىمۇ مېنى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى چەترەك بىر ئاشخانىغا باشلاپ باردى. بۇ ئاشخانا خۇددى يىغىن زالىدەك تىمتاس بولۇپ كەتكەنىدى. سەل نېرىقى بىر ئۈستەلدە بىر جۈپ قىز- يىگىت بىر- بىرىگە قارىشىپ تاماق يەۋاتاتتى. مەن بولسام قورۇمىسى ھەم ياغسىز ھەم لىققىدە يېسىۋلەك بېسىپ كەتكەن، چۆپى بولسا مىچىلداپ قالغان نيۇجۇميەندەك يۇمشاق بىر تەخسە لەغمەننى گېلىمدىن ئۆتكۈزەلمەي چوقۇلاپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز رىفات ماڭا خۇددى مۇشۇ لەغمەندەك تەمسىز بىلىنىشكە باشلىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس ئۆلگەن كۈنىدەك ھېس قىلىپ كەتتىم. بىز بۇرۇن بىر چاغلاردا مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يېگەندەك، ئاندىن ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندەك، ئالدىمدا ئولتۇرغىنى بولسا ئۇنىڭ ئەرۋاھىدەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن تېزراق قۇتۇلغۇم كەلدى-دە، قايتىش تەكلىپىنى سۇندۇم. بۇ چاغدا ئۇ ئاللىبۇرۇن تامىقىنى يەپ تويۇپمۇ بولغانىدى. بۇرنى بىلەن ئېغىزىنىڭ ئارىسىغا چاپلىشىپ قالغان چېكىت چوڭلۇقىدىكى مۇچ يۇقۇندىسى ۋە گۇپپىدە قىلىپ ئىچىگە باقتۇرۇپ كېكىرىشلىرى كۆڭلۈمنى ئاينىتىۋەتتى. ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ئۇچىغا چىققانىدى. قايتقۇچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. پەقەت ئۇنىڭ سورىغان بىر نەچچە تۇترۇقسىز سوئالىغا « ھە؟» دېگەن جاۋاپنىلا بەردىم. بەلكى ئۇ مېنى ياۋايى ياكى بولمىسا كاللىسىدا سۈيى بار دەپ ئويلىغاندۇ ياكى ئۆزىگە ئۆچلۈكۈمنى بىلىپ قالغاندۇ، ئىشقىلىپ شۇندىن بېرى ماڭا بىر نەچچە ئۇچۇر ئەۋەتكەننى ھېساپقا ئالمىغاندا قۇيرۇقىنى خادا قىلدى. ئەتىسى دەرسخانىدا تەنەپپۇستا مەن ئىسمىنى يادىلاپ بولالمىغان، تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان قەشقەرلىك بىر ئوغۇل ساۋاقدېشىم يېنىمدا ئولتۇردى.
-        مەرگىيا سىز ئۈرۈمچىلىكقۇ ھە.- دېدى ئۇ سوراقلاپ.
-        ھەئە.
-        سىز رىفاتنىڭ ساۋاقدېشىمىدىڭىز؟
-        ياق بىز جوڭشىغا ئىمتاھان بەرگەندە تونۇشقان ئىدۇق.
-        مەن قارىسام سىز بەك ئەخلاقلىقكەنسىز. ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. مۇشۇنچىلىكلا دەپ قوياي. بىلىپ قالسىڭىزلا بولدى.
مەن نېمە ئىشلىقىنى سوراپ بولغۇچە ئۇ تۇرۇپ كەتتى.  كاللامغا سان- ساناقسىز سوئال بەلگىسى تولۇپ كەتتى. ئىچ- ئىچىمدىن چىقىۋاتقان بىئاراملىق، خىجىللىق، ئاچچىق ئارامىمنى بۇزىۋاتاتتى. مەن چۈشىنىشكە تىرىشقانسېرى دەرسلەر كاللامدىن قېچىپ ئوي- خىياللار نېرىۋامنى ئىگىلەپ كېتىۋاتاتتى. ئاخىرى يەنە بىر تەنەپپۇستا دادىللىق بىلەن رىفاتنىڭ ئالدىغا باردىم.
-        بۇندىن كېيىن ماڭا گەپ قىلغۇچى بولماڭ. تېلېفونىڭىزدىن نومۇرۇمنى يۇيىۋېتىڭ، ھەتتا ماڭا قارىغۇچىمۇ بولماڭ.
-        نېمە بولدى؟- دېدى ئۇ ھاڭۋېقىپ.
مەن بولسام گەپلىرىمنى دەپ بولغاندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك جايىمغا قايتتىم. ئەمما قەلبىم دېڭىز سۈيىدەك داۋالغۇپ، بوراندەك ھۇشقۇتۇپ ماڭا زادىلا ئارامچىلىق بەرمىدى. قانداقسىگە مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ساۋاقدېشىمنىڭ بىر ئېغىز باش ئايىغى يوق گېپىنى ۋە ئىچىمدىكى ئازغىنە بىزارلىقنى دەپ رىفاتنى بۇنچە سىلكىپ تاشلىغىنىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇ دەرستە ماڭا ئۇچۇر يازدى: « نېمە ئىش بولدى؟ بىرسى بىرەر نەرسە دېمىگەندۇ؟». ئۇنىڭ ئۇچۇرىدىن ئۇنىڭغا بولغان گۇمان ۋە بىزارلىقىم تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۇچۇرىغا جاۋاپمۇ بەرمىدىم. ئارقا- ئارقىدىن يوللىغان يەنە بىر نەچچە ئۇچۇرنى بولسا ئوقۇماستىن ئۆچۈرىۋەتتىم. چۈشلۈك ئارامغا قويۇۋېتىلگەندە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىن چىقىپ كېتىشى بىلەنلا سىنىپتا كۆتۈرۈلگەن ۋاراڭ- چۇرۇڭ ھەممىمىزنى تىنچلاندۇرىۋەتتى. « سېنىمۇ ئوغاۋالا دەپتىمەن ماقۇلما؟ » بۇ رىفاتنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ بۇ گەپنى ھېلىقى ماڭا گەپ قىلغان بالىغا دەۋاتاتتى. ئۇ بالا بولسا ئارىدا بىر ماڭا قارىغىنىچە قولىنى چىشلەپ قويۇپ رىفاتقا قول شىلتيتتى. « ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر، ھايۋانمۇ قىلمايدۇ ماندا ئىشنى. مەن ساڭا ھاي دېسەم يەنە قىلىدىغىنىڭنى قىپسەن، ئۆزۈڭنى بىلىۋال بولمىسا سەن بىلەن ئوبدان دېيىشىپ قالىمىز ئوغاۋالا.» ھېلىقى بالىنىڭ رىفاتقا دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم ۋە رىفاتقا ئالايغىنىمچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم. سىنىپتىكى بالىلارنىڭ بەزىسى ماڭا غەلىتە نەزەردە قارايتتى. ئۇ بالىنى خۇددى رىفاتتىن ئۆچۈمنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئەمما كۆڭلۈم مەن بىلىشنى خاھلىمايدىغان يامانلىقلارنى سېزەتتى.
-        مەرگىيا!- رىفات كەينىمدىن توۋلىغىنىچە يېتىشىپ كەلدى.
-        ...
-        نېمە ئىش بولدى گەپ قىلىڭە، نېمە دېدى مۇخپۇل سىزگە. – شۇندىلا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنىڭ مۇخپۇل ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
-        ئۇ ماڭا ھېچنەرسە دېمىدى. بىرەر ئىش بولدىما؟- دېدىم چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.
-        ئۇنداق بولسا نېمىشقا گەپ قىلسام جاۋاپ بەرمەيسىز؟ نېمە بولدى؟
-        قايسى گەپنى دەيسىز؟- دېدىم ھېچ ئىشنى بىلىشنى خالىمىغاندەك.
-        يا مېنى نېمە قىل دەيسىز؟ خەق نېمە دېسە دېسۇن ئىشەنمەڭ. مەن سىزنى بىر خىل دوستۇمدەك كۆرىمەن.- ئۇنىڭ گەپلىرى بارغانچە مەن چۈشەنمەيدىغان يەرلەرگە كېتىۋاتاتتى.
-        گېپىڭىزنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم. بولدى قىلىڭە. – دېدىم بىزار بولغاندەك. ئۇ يەنە بىر قانچە گەپلەرنى قىلدى. ئەمما ھېچقايسىسىغا قۇلاق بېرەلمىدىم.  تامىقىمنى يەپ ئۇتتۇر ياتاققا كىرىپلا بېشىمنى چۈمكەپ يېتىۋالدىم. بىر ئازدىن كېيىن تىكىسلىغىنىچە ياتاقداشلىرىم كىرىپ كەلدى. ئۇلار كىرىشى بىلەن يۈز ماي، ئەتىر، تەر پۇراقلىرى ياتاققا تەڭلا كىرىپ كەلدى. « رىفات بىلەن مۇخپۇل سېنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپتىغۇ مەرگىيا» دېدى شەكىمە كارۋىتىمدا ئولتۇرۇپ. ئۇنىڭ ئېغىزىغا تىكىلىپ قارىدىم. ئوغۇل بالا بىلەن يوشۇرۇن سۆيۈشكەن، لەۋسۇرۇخنىڭ ئاستىدا تىنالمىغان، مېنى بىئارام قىلىدىغان گەپلەرگە شاھىت بولغان قورۇق لېۋى خۇددى قانغا چىلىشىپ قېلىپ چىقالمايۋاتقان بوغماق قۇرۇتتەك مىدىرلايتتى.  
-        ساقمۇ يا سەن؟- دېدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ.
-        جىممىدە تۇراتتىڭ، ئوغۇللار بىلەن گەپلەشكىنىڭنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىككىسىنى قانداق كەلتۈردۈڭ؟- دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرغىنىچە بېرىپ كارۋىتىغا يامپاشلاپ.
-        شۇنى دېمەمدۇ؟ ئىشقىلىپ مەن بىرسىدىن  ئىككىسىنىڭ سەن توغرىلىق گەپ تالىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم.- دېدى گۈلھايات گەپكە ئارىلىشىپ.
-        ھەجەپ مېنىڭ خەۋىرىم يوقكىنا؟ مېنىڭ نېمە ئالاقەم ئۇ خەق بىلەن؟- دېدىم ھەيرانۇ ھەس بولۇپ.
-        سېنىڭ خەۋىرىڭ بولمىغىنى بىلەن ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى بىلىدىكەن. دەپ بېرە بىزگىمۇ نېمە ئىش بولغانتى – دېدى شەكىمە مۇشتىنى چېكىسىگە تىيەپ يېتىپ.
-        نېمىنى بىلىدىكىن تاڭ. شۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باققىن.- دېدىم ۋە ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم.
ئىچىمدىكى بارلىق سىقىلىش، ئاچچىق، ھەيرانلىق، بىزارلىق، سېغىنىش ھېسسىياتلىرى دادام بىلەن تېلېفوندا قېنىپ سۆزلەشكەندىن كېيىن ئاللىقەيەرلەرگە ئۇچۇپ كەتتى. خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىدى. چۈشتىن كېيىن دەرس بولمىغاچقا نەمخۇش ھاۋانىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈن گۈللۈكتىكى يالغۇز بىر ئورۇندۇقتا مۇزىكا ئاڭلىغاچ ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. بىر ئازدىن كېيىن ناتونۇش بىر تېلېفون كەلدى. ئۇ مۇخپۇل ئىدى.
-        ئەگەر بەش مىنۇت ۋاقتىڭىز بولسا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويسام.- دېدى ئۇ ئەدەپ بىلەن.
-        ماقۇل. مەن گۈللۈكتە.- دېدىم.
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدىم. ئۇ سارغۇچ كەلگەن قىسقا چېچى ۋە ئوتتۇرا بويى بىلەن، كىشىگە يېقىنلىق ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىدىغان يۈزى بىلەن تولىمۇ ئاقكۆڭۈل كۆرۈنەتتى.  
-        مەن رىفاتلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتمايمەن لېكىن يەكشەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرگەن ئىدىم قارىسام  ياتاقنىڭ تېلېفونىنى ميەنتى (ئوپچە ئاڭلىغۇچ) قىلىپ قويۇپ سىز بىلەن سۆزلەشكىلى تۇرۇپتۇ. يېنىدا ياتاقتىكى ھەممە بالىلار پىخىلدىشىپ كۈلۈپ ئولتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئازراق سۆزلىدىم. سۆزلىسەم ھېچ تەن ئالىدىغاندەك قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزگە رىفاتقا بەك يېقىنلىشىپ كەتمەڭ دەپ قويدۇم. ئاندىن ئۆزۈڭنى بىلىپ ئەمدى مەرگىيانى ئەخمەق قىلماقچى بولما دېدىم. بولغان ئىش شۇ. كېيىن بالىلاردىن ئاڭلىسام ئۇ بالىلارغا سىزنى بىر ئايغىچە كەلتۈرۈپ بولىمەن دەپ پو ئاتقان ئوخشايدىكەن. ...
-        ...
ھېچنەرسە دېمىدىم پەقەتلا توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي قالدىم. ئۇنىڭغا تېلېفون بەرمەكچى بولۇپ ئۇلىۋېدىم مۇخپۇل تېلېفونۇمنى تارتىۋالدى.
-        مەنچە بۇ ئىش مىشەدە تۈگىسۇن. سىزمۇ مېنى ئوتتۇرىدا لاۋزا قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىپ يۈرمەڭ. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزمۇ خىجىل بولۇپ قالىسىز. پەقەت شۇ ئۇنىڭ ئويۇنىغا دەسسەپ سالمىسۇن دەپ سىزگە بۇ ئىشنى دېگۈم كەلدى. نېمىشقا بىلەمسىز؟- دېدى ئۇ ئالدىغا ئېڭىشكەن بەدىنىنى ئىككى تىزى بىلەن كۆتۈرۈگىنىچە ماڭا قاراپ.
-        نېمە دەپ؟- دېدىم يېشىمنى ئېرتقاچ.
-        چۈنكى سىزنى تۇنجى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ قالدىم. سىز مېنىڭ سىڭلىمغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەنسىز. سىڭلىم خاڭجۇدا ئوقۇيدۇ. بەك ھەيران قالدىم ھەقىقەتەن بەك ئوخشايدىكەنسىلەر. تەتىلدە كېلىپ قالسا چوقۇم كۆرۈشتۈرىمەن ئىككىڭلارنى. شۇنىڭ بىلەن رىفات شۇ قىلىقنى قىلىۋاتقاندا سىڭلىم كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ پەقەتلا ئارامىمدا قويمىدى. كۆڭلىڭىزگە بەك ئېلىپ كەتمەڭ. بەلكى ئۇمۇ قىلغىنىدىن خىجىل بولدى. مەنچە يۈزىگىمۇ سالماڭ. سىزگە ھەقىقەتەن كۆڭلى باردەكمۇ قىلىدۇ. مەن ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايمەن دەڭە. ئەمما ياخشى قىزلارنى ئەخمەق قىلىدىغان نېمىلەر بىلەن ئېتىشىپ قالىمەن.
-        بولدى ئۇ بىر نېمىنىڭ گېپىنى قىلماڭە. ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ ئۇ يالغانچىنىڭ. – دېدىم يۈزۈمنى ئەتكىنىمچە ھېقىقداپ.
-        ھېچقىسى يوق. بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. سىز تېخى كىچىك ھېچقانداق جەمئىيەت كۆرمىدىڭىز. – دېدى ئۇ خۇددى ياشقا چوڭ بىرىدەك.
-        خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئۇ يۈزسىزگە ئەمدى گەپ قىلمايمەن. مەكتەپكە تىزىملاتقاندا ياردەم قىلغاننى دېمىسەم ئۇنداق نېمىگە گەپ قىلىپمۇ سالمايتتىم.
-        بوپتۇ ئۇنداقتا. مەن ياتاققا كىرىپ كېتەي. بىرەر ئىش بولسا ھايت دەڭ. مېنى ئاكىڭىزدەك كۆرىۋېرىڭ. – دېدى ئۇ ۋە تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن كېتىپ قالدى.
رىفاتنىڭ قىلغانلىرى بەكلا ھار كەلدى. بۇ ھاقارەتنى پەقەتلا كۆتۈرەلمىدىم. بۇنىڭغا جاۋابەن رىفاتنىڭ ياتىقىدىكى بارلىق ئوغۇللارغا بۇندىن كېيىن پەقەتلا گەپ قىلماسلىق ھەققىدە ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم ۋە ئۇ ياتاقتا كىملەرنىڭ ياتىدىغانلىقىنى ئېنىقلىۋالدىم.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 01:47:46

كۆمۈلگەن ئاشىق
(3)

ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە كەسىپكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بېيجىڭغا كەلگەن مەندەك بىر ئەبگا بۇ شەھەردە خۇددى قۇشنىڭ بەدىنىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ نىشانىنى تاپالمىغان پەيدەك لەيلەپ قالدىم. ماڭا تولىمۇ ئاددى بىلىنگەن خەنزۇچە دەرسكە قاتنىشىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىش، تاماق يېيىش، چىقىرىش، مەكتەپتىكى بارلىق بالىلارغا ئوخشاش ياتاققا قايناقسۇ توشۇش ۋە ئۇنى زورمۇ زور ئىچىش، ئوچۇق مۇنچىدا يۇيۇنۇپ خارلىنىش،  قىزلار بىلەن دوڭۋۇيۈەن ۋە خەنگوچېڭلارغا بېرىپ كىيىم- كېچەك ئېلىش، بەزىدە ئىچى پۇشۇپ قېلىپ بىزنى چاقىرغان ئوغۇللار بىلەن توپلىشىپ بىر يەرگە بېرىش دېگەندەك ئىشلار مېنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرىمگە تولىمۇ يىراق ئىدى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئۇ قەدەر مۇكەممەل، ئۇ قەدەر ئالدىراش ۋە ئۇ قەدەر ئىلمىي تەسەۋۋۇر قىلغانمەنكى، ئالىي مەكتەپكە بېرىپلا كۈتۈپخانىلاردا قېلىن كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا، تولىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلتۈرگەن ئۆگىنىش بېسىمىدىن يىغلاپ كېتەتتىم. ساۋاقداشلىرىم بىلەن رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىدىن ئۇلار بىلەن مۇڭداشقۇدەك، ئوينىغۇدەك ۋاقتىممۇ بولمايتتى. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە جەمئىيەتنى ئۆگىنەتتىم. ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن ھەرزامان مۇزاكىرىلىشەتتىم. ئەمما ئەمەلىيەت دەل ئەكسىچە بولدى. مەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كىملىكىنى تېخى ئېنىق بىلمەيتتىم. ئۇلارنى دەرستىن باشقا چاغدا كۆرسەممۇ بەلكى سالاملاشماي كېتىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. كۈتۈپخانىغىمۇ بىر نەچچە رەت باردىم ئەمما قېلىن كىتاپنىڭ ئارىسىدا دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تورغا چىقىش ئۈچۈن. بەزىدە دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ قالاتتىم. ئۇلار ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغانلار ئىدى. بۇ يەردە ھايات تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىدى. تاكى مەن ھاياتىمدىكى تۇنجى كۆڭۈل بەرگەن ئوغۇل بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر.
بىر جۈمە كۈنى كەچتە ياتاقدېشىم گۈلھايات ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن تۇغۇلغان كۈنى باھانىسى بىلەن تىياتىر ئېنىستىتۇتى، مۇزىكا ئېنىستىتۇتى ۋە گۈزەل- سەنئەت ئېنىستىتۇتىدىكى بەزى بالىلارنى ئۇيغۇر بالىلار ئويۇن قويىدىغان بىر قاۋاقخانىغا يىغدى. ياتاقتىكى ھەممىسى ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، گىرىمنى كەلتۈرۈپ قىلىشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ دەۋىتى بىلەن قاتاردىن قالمىدىم. ئەڭ چىرايلىق دەپ ئويلىغان كىيىمىمنى كىيدىم، گىرىممۇ قىلدىم. قانداقتۇر بىر ھاياجان پۈتكۈل قەلبىمنى چىرمىۋالغانىدى. خۇددى بىر مەيدان بەيگىگە ياكى كۆرگەزمىگە ماڭغاندەك، بىر توپ ئىنسانلار مېنى بىر مۇكاپات بىلەن باھالايدىغاندەك بىر ھېسسىياتتا ئىدىم. خۇددى ئوغۇللار تەرىپىدىن گۈزەللەر گۈزىلى دېگەن نام ئاتاققا ئېرىشىدىغاندەك، ياكى بولمىسا نازاكىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى تامامەن ئىگىلىۋالىدىغاندەك، تارتىنچاقلىقىم بىلەن ئۇلارغا ئاجايىپ ئەخلاقلىق كۆرۈنۈپ ھەممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېتىدىغاندەكلا ئىدىم.
ئونغا يېقىن قىز- ئوغۇل خوۋخەيدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئەپچىل بىر قاۋاقخانىدا ئۇچراشتۇق. ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ بېزەلگەن تارغىنە بۇ قاۋاقخانىنىڭ تۆتتىن بىرى سەھنە، تۆتتىن بىرى پوكەي، قالغان قىسمى ئولتۇرۇش رايونى ئىدى. ھەممەيلەن چاپانلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ نېپىزگىنە بولۇۋالدۇق. ئەمدىلا ئولتۇرۇپ، سالاملىشالا- سالاملاشمايلا ئىككى مەڭزىم قانسىرىتىۋەتكەن ئۆپكىدەك قىزىرىپ، قىزىپ كەتتى. بۇ ھەم ئوغۇللاردىن تارتىنىشتىن بولسا ھەم دادامغا بولغان تۇنجى خىيانەتتىن ئىدى. ئەمما ياخشى يېرى، رەڭلىك چىراغ غۇۋا يورۇپ تۇرغاچقا سەھنىدىكىلەردىن باشقىلارنىڭ چىرايى مانا مەن دەپ چىقىپ قالمايتتى. ياتاقتىكىلەرنىڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ، تەسەللىي بېرىپ ماڭا ئىگە چىقىشلىرىدىن كېيىن دادامغا دېمەيلا بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم. شۇڭا پەقەتلا راھەت ئولتۇرالمىدىم. بىر گۇناھ تۇيغۇسى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىۋالدى. ئەمما بۇ تۇيغۇ مەن يىپەك يولى رېستۇرانىغا بارغاندا يىراقتىن كۆرگەن ئۇ گىتارچىنى بۇ قاۋاقخانىدا ماڭا پەقەت ئىككى مېتىرلا كېلىدىغان ئارىلىقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ لەرزان مۇزىكىسىغا مەستخۇش بولغىچىلا داۋاملاشتى. مېنىڭ قۇلىقىمغا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ پارىڭى كىرمەيتتى. ھەتتا بىز بىلەن كەلگەن بەش ئوغۇلنىڭ چىراي- تۇرىقىغىمۇ تۈزۈكرەك سەپسالمىغان ئىدىم. ئۇ گىتارچى مەن ئۈچۈن مۇزىكا چالاتتى. بەزىدە كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالاتتى. مەن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىدىم. پەقەتلا ئۇنىڭ مېنى ھېس قىلىشىنىلا كۈتەتتىم. ماڭا بىر قارىشىنى، مېنىڭ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا مەستخۇش ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى، گىتار مەستانىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى، دۇنيادىكى داڭلىق گىتارچىلارنىڭ مۇزىكىسىنى بەك كۆپ ئاڭلىغىنىمنى، ھازىرمۇ چامادانىمنىڭ يانچۇقىدا xxxxx نىڭ ئىككى پىلاستىنكىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى ياكى ئەمەسلىكىنى، ئىسمىنى، يۇرتىنى، قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى، نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى، گىتارنى پۇل تېپىش ئۈچۈن مۇنداقلا چېلىپ قويۇۋاتقان بىرى ياكى يۈرىكىدىن سۆيۈپ چالىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كېلەتتى. ئۇنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىغا ناخشا ئوقۇغۇم، ئۇنىڭ بىلەن سەھنىلەرنى تولدۇرغۇم كېلەتتى.
-        مەرگىيا نېمە ئىچىسىز؟- خىيالىمنى بۇزدى رىفات.
-        سۇ.- دېدىم تېزلا. ئاندىن گىتارچىغا قاراشنى داۋام قىلدىم.
-        تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئىچىڭە.- دېدى ئابدۇللاھ. ئۇنىڭ ئاۋازى مېنى ئۇيقۇدىن بىر مۇشت يەپ ئويغانغان ئادەمدەكلا قىلىپ قويدى. « نېمانداق توڭ نېمە بۇ» دېدىم ئىچىمدە.
-         نېمە بولسا مەيلى ئوخشاش.- دېدىم.
-        ئۇنداق بولسا چېڭجىژ(ئاپلىسىن سۈيى) ئىچىڭە دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
-        مەيلى.- دېدىم مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ. ياتاقداشلىرىمنىڭ كۆزىنى ئالاڭ- بۇلۇڭ قىلىپ ماڭا قارىشىپ قويغىنىنى سېزىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئەپ تېپىپ بۇ ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا مېنى چۈشۈرىۋالغۇسى بولسا سۆڭگىچىمگە تېپىپلا ھەيدەپ چىقارغۇسى باردەك بىلىنىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە مەنچە بولسا ئۇلار بۇ يەرگە مېنى ئۆزلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار تېشىدىكى خاشورى سويۇلۇپ كېتەي دەپ قالغان تىزىملىك دەپتىرىگە بوينىنى تەڭلا سوزۇپ، ئېڭىشكىنىچە مەن ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر نەرسىلەرنى خاتا تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىشىپ بارمىقىنى ئۇچلىشىپ ئولتۇراتتى. ھەممىسىلا بىر- بىرىدىن چىرايلىقتەك ئىدى. ئەمما تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇددى ئوۋ تالىشىۋاتقان ئاچ شىردەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ ياتاقتىكى يۈزىنى يېڭى يۇغان ھالىتىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىسى گىرىم قىلمىسىمۇ چىرايى شۇنداق چىرايلىق ئىدى. ئەپسۇس ئىچىدىن سەتراق بىرى گىرىم قىلىپلا چىرايلىق بولۇۋالغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن گىرىم قىلاتتى. نەتىجىدە سىنىپتا گىرىم قىلمىغان قىزلار بەكلا ئاز قالاتتى. بۈگۈن مەن ئادەتتىكىچە گىرىم قىلغان بولساممۇ مېڭىشتىن بۇرۇن ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمنى بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ خېلىلا قانائەتلىنىپ، ئۆزۈمگە ئىشىنىپ قالغانىدىم. قىزلارغا تەپسىلىي سەپسېلىشقا باشلىدىم. ھەممىسىلا خۇددى ئوپچە گىرىم قىلغاندەك يۈزىنى ئاپئاق، لېۋىنى قىپقىزىل، كۆزىنى قاپقارا قىلىۋالغانىدى. چىرايلىق ئىدى، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە ئىنساننىڭ قانائىتىنى ئالدايدىغان بىر ساختىلىق، جەلىپ قىلىش، ئويۇنچىلىق چىقىپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز گىرىمىمدىن شۇنچىلىك راھەتسىز ھېس قىلىپ كەتتىمكى، سۈتتەك يۈزۈمنى ئۇپىسىدا بويىۋېتىپ، ئۇنىڭ نامايەن بولۇشىنى توسۇپ قويغان شەكىمەگە ئۆچلىكىم كەلدى. قىستىلىپ يۈرۈپ چىقىپ، قول يۇيۇش ئۆيىدە يۈزۈمدىكى ئۇپىنى يۇيىۋېتىپ ئۆزۈمگە ئاجايىپ ئىشەنگەن بىر ھالدا ئورنۇمغا ياندىم. بۇچاغدا گىتارچى بىز بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئۈستېلىمىزگە كەلگەن ئىكەن. ئۇنى كۆرۈپ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتىم. ئۇنى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىر قىزنىڭ ئىگىلىۋېلىشىنى خالىمايتتىم. ھەممىسى بىلەن تونۇشۇپ بولغان گىتارچى ئەڭ ئاخىرىدا مەن بىلەن تونۇشتى.
-        مەن نىغمەت. – دېدى ئۇ ئىختىيارىسىز ئورنىدىن تۇرۇپ. ئىككىمىز تەبئىي ھالدا كېرىسلونىڭ ئەڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىنى ئۈچۈنمۇ ياكى جىددىيلەشتىممۇ مەنمۇ ئولتۇرماستىنلا ئۆرە تۇرغان پېتىمدا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ چۈشۈپ كەتتىم.
-        مەن مەرگىيا. جوڭشىنىڭ. يېڭى كەلدىم ھازىر يۈكېدا. ئۈرۈمچىلىك. دېدىم خۇددى خەۋەر ئوقۇۋاتقان دېكتوردەك قول باغلىغىنىمچە .
-         نېمە ئىككىڭلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، رەسمىي كۆرۈشۈپ كەتتىڭلار زۇڭتۇڭ چىراي قىلىپ.- دېدى مەردان كۈلگىنىچە.
-        شۇنى دېمەمدۇ. ئىچىۋالمىغانسەن.- دېدى ئابدۇللاھ ۋە نىغمەتنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ قويدى. مەن بولسام لوككىدە جايىمدا ئولتۇرىۋالدىم. ئەمما نىغمەت بىلەن تونۇشۇۋالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىت ئىچىدە ئەللەيلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئۇلارنىڭ يەنە نېمە دېيىشكىنى قۇلىقىمغىمۇ كىرمەيتتى. ھەتتا بەزى چاقچاقلىرىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ كەتمىدىم. ئەمما گەپ ئارىلىقىدا ئابدۇللاھنىڭ نىغمەتكە قارىتىپ « ئىگىسى بار» دېگەن بىر ئېغىز گېپى پۈتكۈل جاھاننى ئۈستۈمگە ئۆرىۋەتتى. بەكلا كىچىكلەپ كەتتىم. خىياللىرىم خانىۋەيران بولدى. مەندىن بۇرۇن نىغمەتنىڭ ساپ خىياللىرىنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىگىلىۋالغان ئۇ قارا سايىدىن نەپرەتلەندىم. ئۆزۈمنى تولىمۇ بېچارىدەك ھېس قىلدىم. قايتىدىن راھەتسىزلىككە قايتتىم. تېلېفوننى باھانە قىلىپ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم.
كۆل بويىغا رەت رەت ئېسىلغان پانۇسلار ۋە قاۋاقخانىلارنىڭ سۇس يېنىپ تۇرغان چىراغلىرى، خان ئوردىسىنىڭ كارىدورلىرىدەك ياسالغان يول ۋە كۆۋرۈكلەر بۇ يەرنى قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق بىرلىشىپ كەتكەن باشقىچە تۈسكە ئىگە قىلىپ تۇراتتى. مەيىن ئۇرۇلغان شامال خۇددى ماڭا تەسەللىي بەرمەكچى بولغاندەك يۈزلىرىمنى سىپىلايتتى. سرتقا چىقىپ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سەل راھەتلىدىم. ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋېلىشنى مەشىق قىلىۋالدىم.
قايتىپ كىرگىنىمدە بولسا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇسسۇلغا چۈشۈۋالغانىدى. مەن بۇ ئۇسسۇلنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ ئۇسسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قانداق ئوينايدىغانلىقىنى، ئويناۋاتقانلارنىڭ بۇ ئۇسسۇلنى نەدە، كىملەردىن ئۆگەنگەنلىكىنى تازا بىلەلمىگەچكە بۇ ئىشقا ئارىلاشماي بۇلۇڭغا تۈگۈلۈپ ئولتۇردۇم. نىغمەت بالىلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇسى بارلىقىنى بىلىۋالغاندەك چېلىۋاتقان مۇزىكىسىنى دەرھال ئۇيغۇرچە بىر كۈيگە ئالماشتۇردى. قاۋاقخانا بارغانچە ئادەم بىلەن تولۇشقا باشلىدى. ئىختىيارىسىز باشقا كىشىلەر بىلەن بىزنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ كىيىنىشى خۇددى قاۋاقخانىنىڭ ياغاچ ئۈستەللىرىدەكلا ئاددى، ئەمما يارىشىملىق ئىدى. بىز ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا تونۇلغان چولپاندەكلا كۆرۈنەتتۇق. ئۇلار بىزنىڭ چەتئەللىك ياكى ئەمەسلىكىمىزنى تالىشىپ رومكىلىرىدىكى سۇ ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن چەتنىڭ ھارىقىنى تامچە- تامچىدىن يۇتۇملىغاچ، ئۇسسۇلىمىزنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ دېيىشىچە نىغمەتلەر چەتئەللىككە ئوخشىغاچقا بۇ يەرگە كىرىدىغان خېرىدارلارمۇ كۆپمىش، ئەگەر ئۇلار بۇ يەردە گىتار چالمىغان بولسا بۇنچە كۆپ كىشى كىرمەسمىش. بۈگۈن مۇشۇ يەردە بىز ئىچكەن ئىچىملىكلەر ئەمەلىيەتتە نەچچە ھەسسە قىممەتمىش، نىغمەتلەر باشلاپ كەلگەن بولغاچقا بىزگە قاتمۇ- قات ئېتىبار قىلىنغانمىش. ئۇلارنىڭ نىغمەت ھەققىدە يەنە باشقا پاراڭلارنىمۇ قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ قۇلاق موللىسى بولۇپ تۇرغان بولساممۇ مۇزىكا ئاۋازىدا بىر- بىرىگە گېپىنى ئاڭلىتالماي توختاپ قېلىشتى. نىغمەتلەرنىڭ ئىش سائىتى توشۇپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئۆزۈمنى پەقەتلا كونترول قىلالماي نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە قارىۋالغىنىمنى سېزىپ قالدى. قاۋاقخانىدىن چىقىپ ياتاققا ماڭغىنىمىزدا ئاللىبۇرۇن كېچە سائەت بىردىن ئېشىپ چېسلا ئۆزگىرىپ بولغان ئىدى. قۇرۇق ئىچىملىك بىلەن قوناق پاخپىقى دالدا بولالماي قورساقلىرىمىزمۇ ئېچىپ بىر يەرگە بارغان ئىدى. نىغمەت بىزنى 24 سائەت ئېچىلىدىغان بىر خوتەنلىكنىڭ ئاشخانىسىغا باشلاپ باردى. قورسىقىمىزنى ئازراق ئەستەرلىۋالدۇق. بۇلارغا قانمىغان گۈلھايات KTV غا بېرىپ ناخشا ئېيتقۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغاچقا ھەممىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مېنىڭ ياتاققا قايتىپ كېتىش تەكلىۋىم بىر يەرلەردە قالدى. ھەم بۇ چاغدا ھېچقانداق بىرسىنىڭ مەن ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلغۇدەك ئەسنادا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بەلكى يەنە جاھىللىق قىلسام مېنى مەتو مىجىققا چىقىرىپ تىياتىر ئېنىستىتۇتىغا ئۆتكەنگە تويغۇزىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نېمە دېسەڭلار شۇ دەپ، گەجگەمنى چىقىرىپ تۇردۇم. تېلېفونۇمنى ئويناپ ئۇلارنىڭ مەسلەھەتىنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ تۇراتتىم ئىختىيارىسىز ئىسسىق بىر قول مۈرەمگە خۇددى مامۇق پارچىسىدەك ئۇرۇلدى.
-         ئېشىپ قالغان ئۈچەيلەن ما ماشىنىغا چىقايلى.- دېدى نىغمەت گەجگەمنى بىلىنمىگىلى تاس قالغۇدەك دەرىجىدە يىنىك ئۇرۇپ. ئۇ قەدەر يېقىملىق ھېس قىلدىمكى، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى خۇشاللىق قاپلىۋالدى.
-        ماقۇل.- دېگىنىمچە دەرھال تېلېفونۇمنى سومكامغا سېلىۋەتتىم ۋە بىر چامداپلا يېنىمدا تۇرغان گۈلگىنە بىلەن نىغمەت تەرەپكە ئۆتتۈم. بۈگۈن گۈلھاياتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس مېنىڭ توي كۈنۈمدەكلا خۇشال بولۇپ كەتتىم.
بىردەم ماڭغاندىن كېيىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر KTV غا كەلدۇق. ھازىرغىچە يېنىمدىن بىر پۇڭمۇ پۇلنىڭ چىقمىغىغا ھەيران ئىدىم. بۇ پۇلنى كىمنىڭ قانداق تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم. شۇنىڭ بىلەن پىچىرلاپ ھەمساۋاق ئاچام مەغمۇرەدىن سوراپ باقتىم. « ئوغۇللار تۆلىۋەتتى» دېدى ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك. شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم. ئۆزۈمنى خۇددى باشىقىلارنىڭ ئوچۇمىدىن سۇ ئىچىۋاتقان نىمجان  كىشىدەك ھېس قىلىپ كەتتىم. پەقەتلا ئېچىلالمىدىم. گۈلھاياتنىڭ قانداقسىگە يۈز دېگەننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ يەنە ناخشا ئېيتقىلى ئاپىرىڭلار دېيەلىگىنىگە ھەيران قالدىم. شۇنىڭ بىلەن پۇل تۆلەۋاتقان ئوغۇللارنىڭ يېنىغا بېرىپ پۇل تۆلىشىپ بەرمەكچى بولغان ئىدىم. ئوغۇللارنىڭ ھېچقايسىسى مېنى يېقىنمۇ كەلتۈرمىدى. ئەكسىچە، تولىمۇ خاپا بولۇپ غەلىتە قاراپ كەتتى. مەن تېخىمۇ خىجىل بولۇشقا باشلىدىم ۋە ئەمدى ئىككىنجى باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلىمەسلىككە ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە قىلدىم.
گۈلھايات بىلەن ئەلفىيە كېرسلودا ئولتۇرا- ئولتۇرمايلا ئۆزلىرى بىلىدىغان ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىزدەشكە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇزىكىدىن قېيىپ كەتكەن خەنزۇچە ناخشىلىرى نىغمەت ۋە باشقا ئوغۇللارنىڭ كەيپىنى قاچۇردى بولغاي، ئۇلار بىر ناخشىنى ئەمدىلا تۈگىتىپ تۇرۇشىغا نىغمەت ئوغۇللارنىڭ تەلىپى بىلەن تامغا تىيەپ قويغان گىتارنى قولىغا ئالدى ۋە مۇڭلۇق بىر كۈيگە چالدى. ئوغۇللار بىرلىكتە بۇ ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدى. مەن نىغمەتنىڭ كۈيلىرىگە مەپتۇن بولۇپ بىردە ئۇنىڭ چاققان قولىغا بىردە ناخشا ئېيتىۋاتقان ئېغىزىغا قارىغىنىمچە جاراڭلىق ۋە خۇددى يۈرەك قېتىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلىنىدىغان قېلىن ھەم مۇڭلۇق ئاۋازىدا خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم.   ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناخشا ئېيتقۇم بولسىمۇ، ئەمما خۇددى باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىمنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئۇنىڭكىنى ئاڭلاپلا ئولتۇردۇم. گۈلھايات، ئەلفىيە ۋە شەكىمەلەر بولسا ئەپ تاپسىلا نىغمەتنى ئۆزلىرى ئېيتالايدىغان ناخشىغا چالدۇرۇپ ئالا- تاغىل توۋلاۋەردى. ئىچىمدە ئۇلارغا بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. چۈنكى بۇنداق كېتىۋەرسە نىغمەتنىڭ كۆڭلىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىگە مايىل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
بىرەر سائەتلىك ناخشا ئېيتىشلاردىن كېيىن قىزلاردىن ئىككى- ئۈچى قىيسىيىپ يېتىپ ئۇيقۇغا چۈشتى. ئەمما مېنىڭ ئۇخلىغان ھالىتىمنى باشقا ئوغۇللارغا كۆرسەتكۈم يوق ئىدى. شۇڭا ئۇيقۇسىزلىقتىن ئېچىشىپ، تېلىپ كېتىۋاتقان كۆزۈمنى تەستە ئېچىپ، يۈزۈمنى يۇيۇپ دېگەندەك ئۆزۈمنى روھلۇق تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. بۇنداق بولغاندا نىغمەت بىلەنمۇ كۆپرەك ھەمسۆھبەت بولالايتتىم. پاراڭ جەريانىدا مەن ئۇنىڭ مەركىزىي مۇزىكا ئېنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدىم. ئامال بار ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىمنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇناتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم خالىمىسىمۇ ئۆزۈمنى زورمۇ زور رىفات بىلەن يېقىندەك كۆرسىتىشكە تىرىشتىم. ئۇ بەلكى خىيالىدا ماڭا قىلغان تېتىقسىزلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئويلىغا بولسا كېرەك ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈنۈشتە يارىشىپ قالغاندەكمۇ بولدۇق.  نىغمەت تۇيۇقسىز  xxxغا چالدى. ئۇ قەدەر يېقىملىق تۇيۇلدىكى، خۇددى xxx نىڭ ئۆزى چېلىۋاتقاندەكلا ئىدى. بىلىپ- بىلمەي بۇ ناخشىنى غىڭشىپ سالدىم. نىغمەت شاپپىدە ماڭا قارىدى ۋە « ئېيتىڭە» دېگەن مەنىدە شەرەت قىلدى. ياتاقداشلىرىمنىڭ ئەرۋاھى بارغانچە ئۇچقاندەك ھېس قىلىپ قورۇندۇم شۇڭا ناخشامنى ئارامخۇدامۇ ئوقۇيالمىدىم. نىغمەت ئىككىمىز قوش ئاۋازلىق قىلىپ غىڭشىغىنىمىزچە بۇ ناخشىنى يېرىم- ياتا ئېيتىپ چىقتۇق. تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ مېنى قايتىدىن بىللە ئېيتىشقا تەكلىپ قىلدى.
-        سەھنىگە چىقىپ مېكروفوندا رەسمىي ئوقۇيلى قانداق؟- دېدى ئۇ.
-        مەيلى.- دېدىم تارتىنغاندەك.
خۇددى رەسمىي سەھنىلەردە xxx بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا نىغمەت بىلەن xxx نى قايتىدىن تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مەن دەل مۇشۇ ناخشىنى تولۇق ئېيتالاش ئۈچۈن ئېنگىلىزچىنى ئاز- پاز ئۆگەنگەن ئىدىم. ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاپ كەتتى. يۇقىرى يىللىقتىكى كەسىپداش ئاچىلىرىممۇ مېنى ئالقىشلىدى. بېيجىڭغا كەلگەندىن بېرى ئۆزۈمنى تۇنجى قېتىم روھلۇق ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئەمما ياتاقداشلىرىمنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان، تىياتىر ئېنىستىتۇتىغا مۇنداقلا ئۆتۈپ قالغان بىر ئەبگا ئىدىم. بۇنى مەن ئۇلارنىڭ ھەركۈنى ماڭا قايسى كىيىمنى كىيىشىمنى، چېچىمنى قانداق تارىشىمنى بىرمۇ- بىر كۆرسىتىپ، ھەدېسىلا ماڭا ئىش ئۆگىتىپ كېتىشلىرىدىن ھېس قىلاتتىم.
-        بۇنى مەخسۇس ئۆگەنگەنمىدىڭىز؟- دەپ سورىدى نىغمەت ھەيران قالغاندەك. – بەكلا ياخشى ئوقۇيدىكەنسىز جۇمۇ. ئەسلىدە جوڭشىدا ئەمەس بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇسىڭىز بولاتتىكەن سىز.
-        مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۆگەنگەن.  xxxنىڭ پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلارنى ئاساسەن بىلىمەن.
-        بارما سىزدە؟
-        ھەئە.- دادام تېپىپ بەرگەن ئىدى. – دېدىم دادامدىن قاتتىق پەخىرلەنگەن ھالدا. چۈنكى دادام يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىدارىسىنىڭ ئادىمى بولغان بىلەن مۇزىكىغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئىدى. سازلارنىمۇ شۇنداق ياخشى چالاتتى.
-        ھازىرمۇ بارمۇ؟- دېدى ئۇ ھاياجانلىنىپ.
-        ھەئە.
-        كۆچۈرىۋالسام بولا؟- دېدى ئۇ.
-        چاتاق يوق. مەن ئەتىلەردە بېرەي.- دېدىم.
مانا بۇ باھانىدا تېلېفون نومۇرلىرىمىزنىمۇ خاتىرىلىشىۋالدۇق. قەلبىم ھاياجاندىن سەكرەيتتى. رىفات ۋە ياتاقداشلىرىمنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايى بىلەن كارىم بولماي نىغمەت بىلەن گىتارنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتىم. ھەتتا ئۇ ماڭا گىتار چېلىشنى ئۆگىتىدىغان بولدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىمدىن گۇمان قىلىپ قالدىم.         بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دەرسىم يوق بىر چۈشتىن كېيىن نىغمەت مېنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇنىڭغا پىلاستىنكىلارنى ئەچىقىپ بەردىم.
-        جۈرۈڭ ئۇنداقتا.- دېدى ئۇ. – مەن تىنچ بىر يەرنى بىلىمەن. شۇ يەردە مەشىق قىلايلى.
-        نېمىنى؟- دېدىم ھاڭۋاقتىدەك.
-        گىتار چېلىشنى ئۆگىتەتتىمغۇ.- دېدى ئۇ مۈرىسىدىكى قارا رەڭلىك گىتار سومكىسىنى لىڭىشتقىنىچە.
-        ھە....راست. بولارما؟ نەدە ئۆگىنىمىز؟- دېدىم دۇدۇقلىغىنىمچە.
-        مەن ئۆگەنمەيمەن، سىز ئۆگىنىسىز.- دېدى ئۇ.
-        بەك ياخشى بولدى. رەھمەت ئاكا.- دېدىم. ئۇنى ئاكا دېيىش ئارقىلىق ھېسسىياتىمنى تامامەن يۇشۇرالايدىغاندەك بىر تۇيغۇدا ئىدىم.
-        ھېچقىسى يوق. باشتا پىلاستىنكىنى بىر كۆچۈرۈۋالايلى. مەن شۇنداق پەيزى بىر يەرگە ئاپىراي سىزنى. ھېچكىم تەسىر قىلالمايدۇ، بىزمۇ ھېچكىمگە تەسىر قىلمايمىز. ھەم بەك پەچەت.
بۇ پەيزى يەرگە بەكلا قىزىقىپ قالدىم، ئەمما سورىيالمىدىم. پەقەتلا ماقۇل دەپ بېشىمنى لىڭىشتىپلا تۇردۇم. دۈمبەمدىكى لاتا بوغچامنى پات- پات تارتىپ، چېچىمنى قۇلىقىمغا قىسىپ قوياتتىم. پىلاستىنكىنى كۆچۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئۇ مېنى چاۋياڭ باغچىسىغا ئېلىپ باردى.
-        نېمانداق ئۇزاق.- دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.- بۇ يەرگە كېلىپ بولغىچىمۇ ئۆگىنىپ بولاردىم گىتارنى. ھەركۈنى بۇ يەردە ئۆگەنسەك ۋاقتىمىز يولغىلا كەتكۈدەك.
-        ئوخخو.... ھەركۈنى دەيسىزغۇ ئادەم قورقىتىپ. مەن ھەركۈنى ئىككى يەردە ئويۇن قويىمەن. تېخى مەكتەپ بار. مەن ۋاقتىم چىققاندا ھايتلا دېسەم سىز مىشەگىلا كەلسىڭىز، ئۆگىتىدىغاننى ئۆگىتىۋەتسەم، كەتسىڭىز بولىدۇ. ھەم بۇ يەردە قۇلاق تىنچ دەڭە.
-        ماقۇل شۇنداق قىلايلى. رەھمەت ئاكا. سىز بەك ئالدىراش بولسىڭىز ئۆگەتمىسىڭىزمۇ مەيلى.- دېدىم.
-        يا ھېچ ۋەقەسى يوق. سىزگە گىتار چېلىشنى ئۆگەتمىسەم قابىلىيەت ئىگىسى كۆمۈلۈپ قالمامدۇ. كېيىن ئەسقاتىدۇ قاراڭ سىلەرنىڭ كەسىپتە. جوڭشىدىكى قىزلار ئاساسەن ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ. سىزمۇ بىر نەرسىنى ئۆگىنىپ قويمىسىڭىز ئەتە- ئۆگۈن مەكتەپتە بىر يەرلەردە قالىسىز.
-        ھە.... ئاكا ئۇنداقتا تازا بىر ئۆگىتىۋېتىڭە مېنى ئەخمەتجان گىتارنىڭ ۋارىسى قىلىپ- دېدىم كۈلۈپ.
-        ئادەم زاڭلىق قىلىشقا چۈشتىڭىزغۇ ئەمدى.
-        نەدە. راست دەيمەن. بەك پەيزى چالىدىكەنسىز گىتارنى، راستلام ئاڭلىغان ئادەم ئۆزىنى يوقىتىپلا قويىدىكەن.- دېدىم ھاياجانلىنىپ.
ئۇ شۇنداق بىر قارىغان ئىدى، خىجىلچىلىقتىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي كەتتىم. نىغمەت مېنى ئىككى سائەت مەشىق قىلدۇرغاندىن كېيىن مەكتىپىمگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا سېلىپ قويۇپ ئويۇن قويغىلى كەتتى. كەچلىك تاماق ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىردىم ۋە يىراقتىن ياتاقتىكىلەرنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم.
-        نەگە باردىڭ.- دېدى گۈلھايات.- ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشىمغىلا.
-        ھېچنەگە.- دېدىم ۋە تامىقىمنى يەۋەردىم.
-        ئاداش، سەن زۇلھايات ئاچامنىڭ مىجەزىنى بىلمەيسەن. ياخشىسى نىغمەت ئاكامغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمىسەڭ بولارمىكىن.- دېدى ئەلفىيە خۇددى ماڭا تەھدىت سېلىۋاتقاندەك.
-        نېمانداق گەپ قىلىسەن، ساقمۇ يا سەن؟- دېدىم ئاچچىق بىلەن.
-        باللا كۆرۈپتۇ. بىزدىن يۇشۇرالىغان بىلەن سىنىپتىكى بالىلاردىن يۇشۇرالمايسەن. نەگە ماڭدىڭ دېسەك، بوينۇڭنى تولغاپ چىقىپ كېتىۋاتاتتىڭ، نىغمەت ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپسەنغۇ.- دېدى شەكىمە زەھەرخەندىلىك بىلەن. ئۇ گۈلھاياتنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىدىن تارتىپلا ماڭا قوپال مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى.
-        بولدى قىلىڭلار قىزلار.- دېدى گۈلگىنە ماڭا قاراپ قاپىقىنى تۈرگىنىچە.- قانداق گەپ بولسا ياتاقتا دېيىشمەمسىلەر، نېمانداق قىلىسىلەر.
ياتاقداشلىرىم ماڭا خۇددى ھازىرلا توپلىشىپ ئۈستۈمگە ئېتىلىدىغاندەك ھۈرپىيىشتى. مەن ئۇلارنى ھېچقاچان بۇنداق كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ھەممىسىنىڭ مەن يوق چاغدا تىلىنى بىر قىلىۋالغىنىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئىختىيارىسىز ئېقىپ چىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي قالدىم. ئۇلار تامىقىنى يېرىم- ياتا يەپلا ماڭا قاراپمۇ قويماي چىقىپ كېتىشتى. مەن يالغۇزغىنە قالدىم. تامىقىمنى بەكمۇ ئاستا يېدىم. ياتاققا قانچە ئۇزۇندا كىرسەم شۇنچە ياخشى ئىدى. ياتاقتىكىلەرنىڭ تىلىنى ئىشىتمەسلىك، قوپاللىقىنى، تۈرۈلگەن چىرايىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن بەلكى ئۇلار ئۇخلاپ بولغاندا كىرگىنىم تۈزۈكتەك ئىدى. نىغمەت پۈتۈن ئوي- خىيالىمنى قاپلىۋالدى. ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ- يان مېڭىشنى، مۇزىكا ئاڭلىغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ئويلايتتىم. ئەمما قەلبىمگە زەھەرگە چىلانغان تىغدەك ئۇرۇلغان زۇلھايات دېگەن بۇ ئىسىم پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا ئاچچىق بىر سېزىمنى تارقىتاتتى. ھېسسىياتلىرىممۇ بۇ ئاچچىق سېزىمدىن زەھەرلىنىپ مەست بولغاندەك نىغمەتنى ئويلاشتىن ۋاز كېچىپ قالاتتى. بۇ جەريان قايتا- قايتا تەكرارلىناتتى. يۈرىكىم توختىماي ئېچىشاتتى. سۇلغۇن بىر ھالدا ياتاققا كىردىم. ياتاقتا گۈلگىنە پۇشۇلداپ ياتاتتى. قالغانلىرىنىڭ جىسمى كۆرۈنمەيتتى. ئەمدىلا كارۋىتىمغا چىقىپ تام تەرەپكە قاراپ يېتىشىمغا سەيچى ماڭنۇرنىڭ توۋلىغان ئاۋازىدەك ئاۋازلار بىلەن قالغان ئىككىيلەن كىرىپ كەلدى. كىچىك بالا ئاپا دەپ توختىمىغاندەك بۇ خەقمۇ ياتاققا كىرە- كىرمەيلا مېنى چاقىرىغىلى تۇردى.
-        مەرگىيا، ئەمدى چاتاق چىقىدىغان بولدى. – دېدى شەكىمە.
-        ...
ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغان بولۇپ ئۇخلىغان قىياپەتتە يېتىۋالدىم. ئىچىم ئىچىمنى يەپ تۈگىتىۋېتىدىغان بىر ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم.
-        ئۇخلاپ قاپتۇدە. بولدى قىلە زۇلھايات كەلسە قوپىدۇ.- دېدى گۈلھايات.
ئىككىسى بىردەم پىچىرلاشقاندىن كېيىن تازا بىر تاراق- تۇرۇق قىلىشىۋېتىپ چىقىپ كېتىشتى. ئۆزۈمگە، مەكتەپكە، بارلىق ئىنسانلارغا ئۆچ بولغىنىمچە ئاغرىپ كېتىۋاتقان بېشىمنى قاماللاپ ياتاتتىم دادامدىن تېلېفون كەلدى. دادامنىڭ خىزمەتدېشىنىڭ ئايالى بېيجىڭغا بىر يىغىنغا كەپتۇمىش. قايتىپ كېتىدىغاندا مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتەرمىش. تېلېفوننى قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېلىقى ئايال تېلېفون قىلىپ شىنجاڭ مېھمانخانىسىنىڭ خانتەڭرى  ئاشخانىسىغا كېلىشىمنى ئېيتتى. ئۇ يەرگە بۇرۇن بىر بارغىنىم بىلەن قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغاندا يالغۇز بېرىشقا كۆزۈم يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن گۈلگىنەنى ئاستا تۈرۈتتۈم. گۈلگىنەنىڭ مەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقاندا ئاۋازىمنىڭ تەسىرىدە يېرىم ئېچىلغان ئۇيقۇسى بىر نەچچىنى تۈرۈتۈپ ئىسمىنى توۋلىشىم بىلەن پۈتۈنلەي ئېچىلدى.
-        نېمە بولدى.- دېدى ئۇ كۆزىنى ئۇۋىلاپ.
-        ئاداش ئېغىر كۆرمىسەڭ بەنشىچۇغا بېرىپ كەلسەك بوپتىكەن.
-        نېمىشقا؟- دېدى ئۇ ئاۋازى مايماق كەتكەن مەست ئادەمدەك.
-        دادامنىڭ بىر تونۇشى كەلمەكچىكەن. يالغۇز بېرىش خۇش ياقمايدۇ. بىللە بارايلى.
-        مەن تېخى يۈزۈمنى يۇيۇپ - يۇ قىلىمەن. ئىشىم تۈگىمەسمىكىن.- دېدى ئۇ رەت قىلغاندەك.
-        مەيلى ساقلايمەن.
شۇنداق قىلىپ بىر سائەت ئون مىنۇت گۈلگىنەنىڭ ياسىنىپ بولۇشىنى ساقلىغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق تىقىلغاندا ئاران دېگەندە شىنجاڭ مېھمانخانىسىغا يېتىپ كېلىپ ھېلىقى ئايال بىلەن تېپىشتۇق. ئۇ ئوغلى بىلەن بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ھېلىقى بالىنى كۆرۈپلا گۈلگىنە تېخىمۇ نازۇكلىشىپ، ئەدەپلىكلىشىپ، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان بىر نازىنىن قىزغا ئايلاندى. قارىماققا مەن ئۇنىڭ خىزمەتچىسىدەكلا كۆرۈنەتتىم. ئۇ پاراڭلاشقانسېرى ھېلىقى ئايال بىلەن كونا تونۇشقىلا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ ئايالنىڭ ئەزىمەت ئىسىملىك ئوغلىنىڭ كۆزى مەندىلا ئىدى. تاماقتىن يېنىپ ئۇ ئاپاشنىڭ ياتىقىغا كىرىپ دادام ئەۋەتكەن خالتىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن قايتتۇق. ئەزىمەت بىزنى ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كېتىدىغان بولدى. ئەزىمەتنىڭ پىكىرىگە بويسۇنۇپ تاماق سىڭدۈرگەچ پىيادە يېنىپ كەلدۇق. ئۇ بىزنى ياتىقىمىزنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن مەكتىپىگە قايتتى. ئەزىمەت ئۇنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قالدىمۇ بىلمىدىم گۈلگىنەنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى پۈتۈنلا ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگەردى. ياتاقتىكى ئىككىسىنىڭ كۆزى قولىمىزدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئالا چەكمەن بولۇپ كەتتى.
-        شاشقۇ. نەدىن كېلىۋاتىسىلەر.- دېدى گۈلھايات.
-        بىزنى تاشلاپ ئويناپ كەلدىڭلار دەيلى.- دېدى شەكىمەمۇ ئارقىدىنلا.
-        بىر تونۇشۇم كەپتىكەن كۆرۈشۈپ كەلدىم.- دېدىم ئۇزۇن چۈشەندۈرۈپمۇ يۈرمەي.
-        ئاداش ئۇنى بىر دېمە. ۋەيماۋدا ئوقايدىغان شۇنداق شۈەي بىر بالا بىلەن تونۇشۇۋالدىم.- دېدى گۈلگىنە ئەينىكىنى يۈزىگە تۇتقىنىچە گۈلھايات بىلەن شەكىمەگە كۆز- كۆز قىلغاندەك. ئۇلار يەنە تۈگىمەس ناخشىسى بولغان ئوغۇللارنىڭ پارىڭىغا چۈشكىلى تۇردى.
مەن يەنە ئاچچىققا تولغان يۈرىكىمنى قۇچاقلىغىنىمچە يېڭى بىر كېچىنى كۈتۈۋالدىم. ئۇخلاشتىن بۇرۇن نىغمەت بىلەن پاراڭلاشماقچى بولدۇم. ئەمما گەپنى تولىمۇ ئەخمەقلەرچە باشلىدىم. خىيالىمدا ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇتۇشىنى، قەلبىمگە مىختەك ئۇرۇلۇپ تۇرغان زۇلھايات دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىشىنى، مېنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكۈمدىن تەسىرلىنىپ قەلبىنىڭ ماڭا مايىل بولۇشىنى ئويلىدىم ۋە « ئاكا، ئاڭلىسام لايىقىڭىز بار ئىكەن. بۇندىن كېيىن گىتار ئۆگىنىمەن دەپ سىزنىمۇ ئاۋارە قىلماي. ئاچام خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن. ھېلىمۇ سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم رەھمەت سىزگە. ياخشى چۈش كۆرۈڭ». ئۇچۇرۇمغا ئارقىدىنلا جاۋاپ كەلدى. « شۇنداق، لايىقىم بار. مەن ئۇنىڭغا ئاشىق. ئۇ دۇنيادا بىرلا. مەن ئۇنىڭدىن قەتئىي ئايرىلمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن ۋە بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشايمەن. ئەگەر مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدىغان ھەرقانداق بىر سەۋەپ بولسا ئۇنى چوقۇم يوق قىلىشىم كېرەك. ئەگەر سىز ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەنمەن دەپ ئويلىسىڭىز بىز ئەمدى پەقەتلا ئالاقىلاشمايلى. تېلېفون نومۇرلىرىمىزنىمۇ ئۆچۈرىۋېتەيلى.» مەن بۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلەيمەن. قاتتىق بىر تەستەكتىن سىلكىنگەندەك بولدۇم. بۇ ئاغرىقتىن يۈزۈملا ئەمەس پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قىززىپ كەتتى. بىر تامچە يېشىم كۆز گىرۋىكىمدە توختاپ قالدى. تېلېفوننى پىڭىلدىتىپ ئېتىۋەتكۈم بار ئىدى، ئۇنداق قىلالمىدىم. جىم تۇرالماي ئۇچۇر يازغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تازا بىر ساۋىغۇم بار ئىدى ئۇنىمۇ قىلالمىدىم. بارلىق ئازاپلارنىڭ ھەممىسى قەلبىمگە چىرمىشىپ كەتتى. نىغمەتنىڭ نومۇرىنى پاك پاكىز ئۆچۈرۈپ تېلېفونۇمدىكى بارلىق ئۇچۇر ۋە سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تازىلىۋەتتىم. ئۇيقۇمۇ ئۇيقۇ بولمىدى. ھەپتە ئاخىرى نىغمەت تېلېفون قىلدى. ئەسلىدە نومۇرىنى تونۇپ قېلىپ تېلېفونىنى ئالماي دەپ ئويلىغان ئىدىم ئەمما تېلېفوننى ئالمىسام مېنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېلېفوننى ئالدىم. مېنى ۋېيگوڭسۈن مېتروسىدا ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-        بارالمايمەن ئاكا.- دېدىم ئۈزۈپلا.
-        نېمە دەپ ئەمدى. بۈگۈن ۋاقتىم بار گىتار ئۆگەنمەمسىز؟
-        بولدى ئۆگەنمەيمەن سىزگىمۇ ئىش تاپقۇم يوق ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ.- دېدىم ئۇنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ.
-        يوق گەپ قىلماڭە. كىمنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ؟ مەن يالغۇز بارىمەن.
-        مېنىڭ باشقىلار بىلەن دۈشمەنلەشكۈدەك جۈرئىتىم يوق ئاكا راست گەپ قىلاي. سىزمۇ ئۇچۇردا گەپنى ئېنىق قىلدىڭىز. مېنىڭ راستلا ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلغۇم يوق.
-        نېمە؟ نېمە مۇناسىۋىتىمىزگە؟ نېمە ئۇچۇر ئۇ؟ مەن سىزگە ئۇچۇر يازدىمما؟
-        ........
-        گەپ قىلىڭە. نېمە بولدى.- دېدى نىغمەت.
-        ئاكا مەن سىزگە باشقا چاغدا تېلېفون قىلاي. مەنمۇ بىلمىدىم نېمە بولغاننى. – دېدىم ۋە تېلېفوننى ئۇنىڭ يۈزىگىلا قويۇۋەتتىم.
بۇنىڭ زادى قانداق ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. بىرى خۇددى مەن كۆرەلمەيدىغان يەردە تۇرۇپ مېنى كۆرۈپ ھەممە ئىشىمنى بىلىپ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك، مېنىڭ ھالەتلىرىمدىن ھۇزۇرلىنىپ بېقىنى چىققۇچە كۈلۈۋاتقاندەك ئىدى. ياتاقتىكىلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى باردەك قىلمايتتى. نىغمەتنىڭ خۇپسەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى بۇنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ نىغمەتكە تېلېفون قىلدىم.
-        ئاكا سىز ئۈچ كۈن بۇرۇن سائەت توققۇز- ئونلار بىلەن ماڭا ئۇچۇر يازدىڭىزغۇ ئەمدى كۆرۈشمەيلى لايىقىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدىكەن دەپ.- دېدىم
-        لايىقىم بىلەن؟ مېنىڭ لايىقىم بارمىكەن؟ مەن ئۇنداق ئۇچۇر يازمىدىم سىزگە.
-        ئىشقىلىپ ئېسىمدە بەك يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇيۇۋېتىپتىكەنمەن تازا ئەسلىيەلمىدىم ئەمما نومۇرۇمنى ئۆچۈرىۋېتىڭ. مەنمۇ ئۆچۈرىۋېتىمەن. ئەمدى كۆرۈشمەيلى دەپ ئۇچۇر كەلدى ماڭا شۇنىڭ بىلەن ماقۇل دەپ ئۆچۈرىۋەتتىم شۇ ھەممە نەرسىنى.
-        تېلېفونۇمنى بىرسى ئېلىپ يازغان بولسا قانداقكىن مەن ئۇنداق دېمىدىم سىزگە قىزىقكەنسىزغۇ.
-        ھە بىلمىدىم ئەمىسە. ئەمما بىز يەنىلا كۆرۈشۈپ كەتمەيلى بەك. لايىقىڭىز خاتا چۈشىنىۋالمىسۇن. كىم يازغان بولسۇن توغرا گەپ قىلىپتۇ.- دېدىم.
-        نېمە لايىق ئۇ چاقچاق قىلماڭە.
-        سىزنىڭ لايىقىڭىز زۇلھايات.
-        يوغانتقىدەك ئىش ئەمەس ئۇ ئۆتكۈنچى بىر ئىش. ھەم نىۋاقتا قالدى. ئىككىنجى مېنىڭ ئالدىمدا زۇلھايات دېمەڭ.- دېدى ئۇ خىجىللىق ياكى خاپا بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ئاھاڭدا.
-        ئاكا كېيىن كۆرۈشەرمىز ئەمىسە خوش. مەن بۈگۈن بارالمايمەن.
-        چاقچاق قىلماڭە. كېلىڭە بولدى ۋېيگوڭسۈن مېترو ئېغىزىدا مەن كەپ بولدۇم.
-        ئاكا .....
-        بولىڭە چاققان. – ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئەسكەردەك تەييارلىنىپ بوغچامنى شىللەمگە ئارتىپ چەۋەندازدەك ئۇچقىنىمچە نىغمەتنىڭ يېنىغا باردىم.
-        ئوخخو جىنمۇ سىز ھېي. ياتاقتىن قانداق كەپ بولدىڭىز بەش مىنۇتتا.- دېدى ئۇ گىتارىنى يەنە بىر مۈرىسىگە يۆتكىگەچ.
-        شۇ ئەمدى تېز كېلىڭ دەپ ئۇرىۋېتىدىغاندەك توۋلاپ كېتىپ بارسىڭىز قانداق قىلىدۇ تېز كەلمەي. – دېدىم كۈلۈپ. ئەلۋەتتە، مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن تاكسىدا ئولتۇرۇپ ۋېيگوڭسۈننىڭ بېقىنىدا چۈشىۋېلىپ كەلگىنىمدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى.
-         سىزنى ئۇرغىلى بولامدۇ. چارەك مۇشقىمۇ پايلىمايسىز سىز. بولمىسا مۇنداق قىلايلى دەڭە. تاماق يەيلى ئاندىن بارمامدۇق گىتارغا.
-        ئەمىسە مەن مېھمان قىلىمەن. بولمىسا يېمەيمەن.- دېدىم جاھىللىق بىلەن.
-        بولدى قىلىڭە.
-        بولدى قىلالمايمەن. سىلەر بانكا ئوغرىسى ئەمەسسىلەر. قانداق چاغدا قارىسا پۇل تۆلەيمىز دەيدىكەنسىلەر. ھەممىمىز ئوقۇغۇچى تۇرساق.
-        بۇنداق پۇل تۆلەشكە ھېرىسمەن بولىدىغىنىڭىزنى بىلگەن بولسا ئاپىڭىز ئوغۇل بالا قىلىپلا تۇغاكەن سىزنى.- دېدى ئۇ.
ئاپىڭىز، دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپلا ئاپامنىڭ غۇۋا سىماسى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، قەلبىم غۇژژىدە ئىرىپ كەتتى. ئاپامغا بولغان سېغىنىشلىق ھېسلىرىمنىڭ ئېكەكلىشىگە بەرگەن بەرداشلىرىمدىن تاش بولۇپ قاتقان كىچىككىنە يۈرىكىمنىڭ ئاپا دېگەن سۆزنى ھەر ئاڭلىغاندا قاتقان يارىسىنىڭ يەنە بىر تاتلىنىدىغانلىقىنى نىغمەتنىڭ ئويلاپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش ئىدى. ئاچچىق بىر نەپەس بوغۇزۇمغا كېلىپ توختىتىدى ۋە روھىمنى بىر كەمسىنىشلىك تۇيغۇسى قاپلىۋالدى. خۇددى ھەممىلا كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي بىر نەرسەم كەمدەك ئىدى. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئاجىز ھېس قىلدىمكى، مەن بەخىتكە، كۈلكە- چاقچاققا ئەمەس، بىر تامنىڭ بۇلۇڭى ياكى بولمىسا داق بىر كارۋاتقا مەھكۇم بولۇشقا لايىقتەكلا ئىدىم.
-        نېمە بولدى؟- دېدى نىغمەت ماڭا تۇنجى قېتىم سەپسېلىپ قاراپ. ئۇنىڭ چىرايى ۋە ئاۋازىدىن ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنىۋاتقانلىقى، جىسمىنى مېنى باغرىغا بېسىشتىن، جىسمىمنىڭمۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئېتىشتىن ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ئىتتىكلا ئالدىمغا قارىۋالدىم.
-        ....- ھېچنەرسە دېيەلمىدىم. ئۇنىڭ «نېمە بولدى» دېيىشى مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ئىش ئەمەس ئىدى. « ماڭا دەردىڭنى ئېيت مەرگىيا، قارنى- كۆكسىڭنى- ھېچكىشىگە دېمىگەن بارلىق سىرلىرىڭنى ماڭا تۆك، بېشىڭنى مەيدەمگە قوي، مۈرەمگە ئېسىل ۋە بارلىق دەرت- ئازاپلىرىڭنى يىغاڭ بىلەن ئېقىتىۋەت.» دەۋاتاتتى ئۇ يەنە.
-        يىغلاۋاتامسىز؟ بىرسى بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭىزما؟ نېمە بولدى ؟- دېدى ئۇ جىددىيلىشىپ. شۇندىلا ئىككى تامچە يېشىمنىڭ كۆز جىيىكىمدە لىغىرلاپ قالغىنىنى سەزدىم.
-        ياق ھېچنېمە بولمىدى.- دېدىم يېشىمنى قولۇمنىڭ بېغىشى بىلەن يۇقىرىغا باقتۇرۇپ تېزلا سۈرتىۋېتىپ. ئەمما چەبدەسلىك بىلەن پۈتۈپ بولغان بۇرنۇم ھېچنېمە بولمىدىم دېگەن گېپىمنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
-        خەقنىڭ يازغان ئۇچۇرىغا يىغلىدىڭىزمۇ يا؟ كىم يازغان بولسا تېپىپ ئەدىبىنى بېرىمەن ئەنسىرىمەڭ.
-        ياق ئاكا سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. باشقا ئىشلار.
-        دېگۈڭىز يوقما ماڭا.
-        كېيىن.
-        مەيلى ئەمىسە زورلىمايمەن. لېكىن بۇندىن كېيىن يېنىمدا يىغلىماڭ. ئادەم بىر خىللا بوپ قالىدىكەن. خۇددى مەن يىغلاتقاندەك سىزنى.
-        سىز يىغلاتمايسىز مېنى.- دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەشكە تىرىشىپ. ئۇ گەپ قىلمىدى. تېزلا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. يۈزىدىكى ئىپادىسىگىمۇ سەپسېلىپ قارىيالمىدىم. ئىككىمىزلا ھەرىكىتى قولاشماي مۇشنى جىق يەپ كەتكەن بوكسۇرچىدەك ئولتۇرۇپ تامىقىمىزنى يېرىم- ياتا يەپلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق. پۇلنى تۆلەشكە تەمشىلىۋېدىم نىغمەت كۆزى ۋە يۈزى بىلەنلا مېنى رەت قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن چىرايىدىن ئەمدى ماڭا قارىماي قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا بويسۇندۇم. تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە بىر تىنچ جايى بولغان يىخېيۈەنگە باردۇق.
-        ئاكا سىز بۇ يەردە ئوقامسىز، مۇزىكانتلىق قىلامسىز يا داۋيوۋلۇق قىلامسىز؟ نېمدا ھەممە يەرنى بىلىسىز. – دېدىم گىتارنى تىرىڭلاتقاچ.
-        ئوغاۋالا. ھەممىنى قىلىمىز دەڭە. تۇرمۇش نېمە قىل دېسە قىلىدىغان گەپ.
-        سىز نېمە بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەن ئادەمدەك سۆزلەپ.- دېدىم.
-        سىز بەك ساددا. بىلمەيسىز. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ھېچنەرسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىدىن خەۋىرىڭىز يوق. سىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەڭ. مۇشۇ پېتى تۇرىۋېرىڭ – دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ.
-        نېمىدىن دەيسىز مەسىلەن.
-        سىز ئەسلىي بۇ مەكتەپنى خاتا تاللاپ قالغان. مەكتەپ سىزنى ئۆزگەرتىۋېتەمدىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيمەن. –دېدى ئۇ بىرنى ئۇھسىنىپ بېشىنى چايقىغاچ.
-        مەن پەقەت ئۆزگەرمەيمەن. – دېدىم قەتئىي.
-        سىز ئۆزگەرمەيمەن دېگىنىڭىز بىلەن مۇھىت سىزنى ئۆزگەرتىۋەتسە قولىڭىز باغلاقلىق بولۇپ قالىدۇ. ھېچنەرسىگە ئامالىڭىز يوق. ئويۇن قويىمەن دەپ  نېمىلەرنى كۆرمەيمەن مەن.
-        ئاشۇنداق قورقۇنۇشلۇقما ئاكا جوڭشى.
-        ئەسلىي ئۇنداق ئەمەس. قانداق دېسەم بولار ئىشقىلىپ بارغاندا بىلىسىز. سىزنىڭ خەنزۇچىڭىزغۇ ياخشىكەن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ لېكىن تىرىشمىسىڭىز يەنىلا كەينىدە قالىدىغان گەپ. بىزنىڭ سىنىپتىمۇ ئۇيغۇر بالىلار ئەڭ كەينىدە ئامال يوق. خەقنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى. بىز كەسىپتە مىڭ ياخشى بولغان بىلەن تىلدا يەنىلا قىينىلىمىز. يەكلىنىدىغان گەپ.
-        خۇدايىم بۇيرىسا مەن بەك ياخشى ئوقايمە ئاكا.
-        ھازىر شۇنداق دەيسىز. ئەتە- ئۆگۈن بېنبۇغا بارغاندا بىلىسىز. ئوقۇش بىلەنلا تۈگەيدىغان ئىش بولسا مەيلى.
-        ئاكا قانداق زادى دەپ بېرىڭە. ئادەمنى ئەنسىرىتىپ ئاشۇندا دەرىجىدىما جوڭشى؟
-        بارغاندا بىلىسىز. مەن نېمە دېسەم بىكا. ئەمما بەك ياخشى ئوقۇڭ.
-        ئوقامە ئەمدى. – دېدىم. كاللامنى مىڭ تۈرلۈك سوئاللار قاپلىۋالدى.
نىغمەت مېنى بىر نەچچە سائەت گىتار مەشىق قىلدۇرغاندىن  كېيىن يىپەك يولىغا ئېلىپ باردى. ئويۇن تۈگىگىچە تاماق ئۈستىلىدە يالغۇزغىنە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئويۇنىدىن ھوزۇرلاندىم. جەينىكىمنى ئۈستەلگە قويۇپ ئىككى ئالقىنىمدا يۈزۈمنى تىيىۋېلىپ ئۇنىڭ سەھنىدىن مەڭگۈ چۈشمەي مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇڭلۇق كۈيلەرنى ئورۇنلىشىنى ئۈمىد قىلغىنىمچە لەرزانلىق ئىلىكىدە ئەللەيلەندىم. نىغمەتلەرنىڭ نومۇرلىرىنىڭ ئارىلىقىدا بىر نەچچە ئۇيغۇر قىزلار ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، ھىندىستانچە، رۇسچە ئۇسسۇللارنىڭ مۇزىكىسىنى ۋاڭىلدىتىپ قويۇۋېلىپ تولغايدىغان يەرلىرىنى تولغاپ، سىلكىيدىغاننى سىلكىپ دېگەندەك سەكرەپ- تاقلاپ قويۇپ چۈشۈپ كېتەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئۇسسۇل ئوينايمىز دەپ نىغمەتلەر بەرپا قىلغان مۇڭلۇق تۇيغۇلارنى سىيرىپ سۈپۈرىېۋېتەتتى.
-        بۇلار نەدىن كەلگەن قىزلار ئاكا.- دەپ سورىدىم نىغمەتتىن ئويۇن تۈگىگەندە.
-        ئۇيغۇر قىزلار شۇ ئۇسسۇل ئوينايدىغان.
-        تۈزۈكمۇ ئوينىيالمايدىكەن يا. شۇ بەدىنىنىڭ يېرىمىنى ئېچىپ قويۇپ ئىككىنى تاقلاپلا چۈشۈپ كېتىدىكەن مايمۇندەك. سىلەرنىڭ ئويۇنۇڭلارنى بۇزىدىكەن راست گەپ قىلسام بۇلار.
-        بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ مۇزىكىسىنى چالىمىز دەڭە، ئويۇن تۈگىگەندە پۇلىمىزنى ئالىمىز كېتىمىز. بۇلارنى بەك تونۇپمۇ كەتمەيمىز. بۇلار كەسپىي ئۇسسۇلچىمۇ ئەمەس ھەممىسى. شۇ بىرسى قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن. قالغانلىرى پۇل تاپىمىز دەپ چىققانلار ئىچكىرىگە.
-        بىر تۇرۇپ ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىپمۇ قالىدىكەن.
-        شۇ. قانداق قىلىمىز ئەمدى. بۇلارنى ئىچكىرىگە ئەچىقىدىغانلارنىڭ ئىچى ئېچىشمىسا بىزنىڭ ئىچىمىز ئېچىشقان بىلەن نېمىگە پايدىسى بار. ھەممە يەرنى قاپلاپ بولدى ھازىر سەنئەت مەكتەپتىن پراكتىكا قىلىمىز دەپ چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ جان بېقىۋاتقان قىزلار.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن مەكتەپكە قايتماقچى بولدۇم، ئەمما نىغمەت قاۋاقخانىغىمۇ بىللە بېرىشىمنى ئۆتۈندى. كەچتە كېتەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولساممۇ، ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ پەقەتلا قويۇۋەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن نىغمەتكە ئەگىشىپ خوۋخەيگىمۇ بىللە باردىم. ئۇنىڭ لەرزان مۇزىكىسىدىن يەنە بىر رەت ھۇزۇرلاندىم. ئۇنىڭ ئەترىتىدىكى دۇمباق چالىدىغانلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىدىن ھېيىققان بولساممۇ ھېچبىرىنىڭ ماڭا خاتا چۈشىنىش نەزىرى بىلەن قارىغىنىنى سەزمىدىم، بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى تولىمۇ ئەركىن ھېس قىلدىم. قاۋاقخانىدىكى بىر نەچچە سائەت خۇددى بىر نەچچە مىنۇتتەكلا تېز ئۆتۈپ كەتتى.  ئۇ يەردىن يېنىپ خوۋخەينى بىر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن نىغمەت مېنى تا ياتىقىمنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويدى. ئۇنىڭغا بولغان ساپ ھېسسىياتىم كۆڭلۈمگە بىر بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلاتتى. تەبئىي ھالدا ئۇنى خۇددى بەكمۇ يېقىن كونا دوستۇمدەك، ئۇنىڭ بىلەن قانچە يېقىن بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر خاتا چۈشىنىلمەيدىغاندەك، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كېتەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ يېڭى دوستۇم بىلەن كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. ھەپتە ئىچى دەرس، كىنو، ھەپتە ئاخىرى، نىغمەت، گىتارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىدىم. ھەپتە ئارىلىقىدا بىر كۈنى نىغمەت مېنى كىيىم ئېلىشقا بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇنى رەت قىلمىدىم. ئىككىمىز بىللە ئىككى- ئۈچ سائەت ئايلىنىپ ئاران دېگەندە ئۇنىڭغا يارىغۇدەك بىر قۇر كىيىم ئالدۇق. كىيىم ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بىللە كىچىك رەسىملەرگە چۈشتۇق. پەقەتلا ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم. ئەكسىچە، تولىمۇ مەنىلىك بىر ۋاقىت ئۆتكۈزگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا بەكمۇ دوستانە، ئەركىن ۋە تەبئى مۇئامىلە قىلغاچقىمىكىن، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ يېنىدا بارغانسېرى ئەركىن ھېس قىلىدىغان بولدۇم. تەپسىلىي دەرت ئېيتىشمايتتۇق ئەمما قارشى تەرەپنىڭ دەرتلىك چىراي ئىپادىسى ياكى گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇددى ئاغرىق توختىتىش دورىسىدەكلا تەسەللىي ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ياسىشاتتۇق. بەكمۇ قويۇق باردى- كەلدى قىلمىغىنىمىز بىلەن ھەر كۆرۈشكىنىمىزدە خۇددى قەدىناس دوستلاردەك قىزغىن ۋە يېقىملىق مۇئامىلە قىلىشاتتۇق. بىر كۈنى زاۋالغا يېقىن نىغمەت تېلېفون قىلدى ۋە بېرىپ قويىدىغان مۇھىم بىر نەرسە بارلىقىنى، دەرھال پەسكە چۈشۈشۈمنى ئېيتتى. تېلېفوننى قويۇپلا ئالدىراپ پەسكە چۈشتۈم. ئۇنىڭ قولىدا بىر خالتا تۇراتتى. ئۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، دېگىنىچە قولىدىكى خالتىنى ماڭا ئۇزاتتى ۋە ئويۇنغا كەچ قالىدىغانلىقىنى ئۆزرە ئېيتىپ ئالدىرىغىنىچە كېتىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمدىكى بىردىنبىر سوۋغا نىغمەتتىن كەلگەن ئىدى. مەيلى ئۇ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ بەرگەن بولسۇن ياكى كۆڭلۈمنى خۇش قىلىپ قويۇش ئۈچۈن بەرگەن بولسۇن بۇ يەنىلا مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بىر سوۋغا ئىدى. خۇددى پۈتكۈل ئالەمگە بۇنى جاكارلىماقچى بولغاندەك ئالدىرىماي سالماق قەدەم بىلەن بەخت تۇيغۇسى ئىلىكىدە ياتىقىمغا كىردىم. ياتاقتىكىلەر قولۇمدىكى خالتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە كىمدىن، نېمە مەقسەت بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىشىپ قارىشاتتى. ئارىدىن گۈلگىنە سورىدى.
-        نېمە ئاداش ئۇ قولۇڭدىكى؟
-        سوۋغا.
-        ۋاھ. سوۋغا دە. كىم بەردى؟
-        نىغمەت ئاكام.
-        نېمە؟ - نىغمەتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى.
-        يۈرۈۋاتامسىلەر؟ دوڭۋۇيۈەنلەرگە بېرىپسىلەر بىللە- دېدى شەكىمە.
-        توۋا دە بىز دېگەن دوست. ئىككىنجى ئاڭلىماي مەن ما گەپنى. دوڭۋۇيۈەنگە بىر قىزغا بىر نەرسە ئالىدىكەندۇق شۇڭا تاللىشىپ بەرگىلى باردىم. ئاكامدەك ئۇ مېنىڭ- دېدىم كەسكىن ئاھاڭدا.
-        نېمە سوۋغا ئەمىسە تۇرۇپلا.- دېدى ئۇ.
-        بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم. تۇغۇلغان كۈنۈمنى سورىغاندا دەپ بەرگەن ئىدىم ئېسىگە كېلىپ قالغان چېغى بۇنى بەردى. كۆڭلۈمنى خۇش بولۇپ قالسۇن دەپ بەرگەن نەرسە بۇ سىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ باشقا ياقلارغا ئېلىپ كېتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق.- دېدىم.
-        ئاچە كۆرەيلى.- دېيىشتى قىزلار ئەتراپىمغا يىغىلغاچ. ھەممەيلەن بىللە خالتىنى ئاچتۇق. ئىچىدە پولات قاپلىق چاي دەملىگۈچ ۋە ئىككى ئىستاكان تۇراتتى. شۇنچىلىك يېقىملىق ھېس قىلدىمكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ چاي دەملىگۈچكە چاي دەملەپ ئىككى ئىستاكاندا ئىككىمىزگە چاي قويۇپ بەرگۈم كەلدى. ياتاقتىكىلەر شەكىل يۈزسىدىن تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلمەي قالغانلىقىنى ۋە ھازىر ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىپ قويدى. ئۇلار بىلەن ئارىمىز بارغانسېرى يېقىنلاۋاتقاندەك قىلاتتى. قانداقلا بولمىسۇن بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ياشايتتۇق. تەقدىر بىزنى ھەر يەردىن بىر يەرگە توپلىغان ئىدى. ھەممەيلەن بىللە سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەچ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزگەن بولدۇق. بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ مەنىلىك ۋە بەختلىك كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپلا ياتاقتىكىلەرنىڭ مۇئامىلىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. پاراڭلىشىش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىق كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈنلىرىمىز يېشىلگەندەك ئىدى. بۇنى بىر بىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ ياتسىراشلىرىمىز تۈگەپ ئىچەكىشىشكە باشلىدۇق دېيىشكىمۇ بولاتتى.  تۇغۇلغان كۈنۈم كەچ ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا بىر- بىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى سوراپ بىلىۋېلىشتۇق. نېمىشقىكىن ھەممەيلەن مۇڭلۇق مۇزىكىدا غەمگە چۆكۈشۈپ پەستىكى ئىككى كارىۋاتقا توپلىشىپ دەرتلىشىشكە باشلىدۇق. ئائىلىمىزگە بولغان سېغىنىشىمىزنى ئىزھار قىلىشىپ كۆز يېشى تۆكۈشكەنمۇ بولدۇق. ئائىلىلىرىمىز ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. ئاپامنىڭ  كىچىك چېغىمدىلا ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئېيتتىم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمدە سىرغىيتتى. ھەممىسى ماڭا تەسەللىي بېرىشتى. يېشىمنى سۈرتۈپ مېنىڭ قەيسەرلىكىمگە ئاپېرىن ئوقۇشتى. كىمنىڭ نېمە دېگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن، ئەمما ئاپىسىزلىقنىڭ ئاجىزلىق ۋە كەسمىتىلىشكە لايىق بىر ئىش ئەمەسلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ روھىمنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان كەمسىنىش تۇيغۇسىنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلغاندەك ھېسسىياتقا كەلدىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ يەنە بىر يۈزىنى- ئىنسانىي ھېس تۇيغۇلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم. ئۇلارنى ئۆز ئاچا- سىڭىللىرىمدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. شۇندىن باشلاپ ھەركۈنى دەرسكە بىللە چىقىشنى ۋە دەرستىن چۈشۈپ تاماقنى بىللە يەپ ياتاققا بىللە يېنىپ كىرىشنى ئادەت قىلدۇق. ئارىمىزنى توسۇۋالغان تام قارىماققا پۈتۈنلەي يوقالغاندەك قىلاتتى.
ھەرقانداق بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ قوغلاشقۇچىلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر دەۋرى بولسا كېرەك. ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرى مەنمۇ دەل شۇنداق بىر مەزگىلنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئەزىمەت، رىفات ۋە ھېكىملەر توختىماي تېلېفون قىلىدىغان، ئىچى پۇشۇپ قالسىلا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ ماڭا قانداق ئاشىقلىقىنى، يۈرىكىنىڭ قانداق سوقۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، لايىقى بولۇشقا ئۇنىسام بېشىنىڭ كۆككە تاقىشىپ قانداق بەختلىك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدىغان چاغلار ئىدى ئۇ. ئەزىمەتكە نېمىشقىكىن كۆڭلۈمدە قىلچىلىك ھېسسىيات يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلگىنە ئۇنىڭغا خېلى ئامراق ئىدى شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلغاندا « ئەزىمەت بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى» دەپ گۈلگىنەنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقاتتىم. كېيىنچە گۈلگىنە ئىككىسى يېقىنلاردىن بولۇپ قالدى. رىفاتقا بولسا كۆڭلۈمدە قىلچىلىك ئىشەنچ يوقلىقىدىنمىكىن، ئۇنى كۆزگە ئىلغۇممۇ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە قىز بالىغا تەكلىپ قويىدىغان دوغاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ساقلىغانىدىم. ئۇ مېنىڭ ساۋاقدېشىمدىن باشقا ھېچنەرسەم ئەمەس ئىدى. ھېكىم بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرەتتى. ئۇ باغرى كەڭ بىر يايلاق، سۈيى سۈزۈك بىر بۇلاققا ئوخشايتتى. چارچىغان نېرىۋىلىرىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئارام تاپاتتى. مەندىن بىرنەچچە ياش چوڭ بولسىمۇ ئۇنى سەن دەيتتىم. ئۇ بولسا خۇددى كىچىك چېغىدىكىدەكلا مېنى سىز دەيتتى. ئەمما ھېكىم مەن بىلەن بىر جايدا بولمىغاچقا نىغمەت بىلەن تېخىمۇ يېقىندەك كۆرۈنەتتىم. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ھېكىم مېنىڭ شەخسىي دوختۇرۇمغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. توختىماي پاراڭلىشاتتۇق. كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىزنى دېيىشەتتۇق. ئۇ مېنىڭ ھاياتىمغا قىزىقاتتى، مەن ئۇنىڭكىگە قىزىقاتتىم.  چۈنكى ئۇ ھازىر كىچىك چېغىدىكىگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ھېكىم ئىدى. ئۇنى كېلىشكەن يىگىت دېگىلىمۇ بولاتتى. بىر كۈنى ھېكىم تېلېفوندىلا ماڭا ئاشىقلىقىنى ئېيتىپ توي قىلىش تەكلىۋى قويدى. ھاياجانلىق، ھەيرانلىق ۋە ئىشەنمەسلىك ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ھېسسىياتتا « ساراڭمۇ سەن، مەن نەچچە ياش، سەن نەچچە ياش. بولسا ماڭا ئادەم كامدەك سەنمۇ مېنى ئەخمەق قىل» دېگىنىمچە ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدىم. ئەمما ئۇ مېنى ئىزدەشتىن قىلچە يالتىيىپ قالمىدى. ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە خۇددى كىچىك چاغلىرىمىزدىكىدەكلا مېنى كۈلدۈرۈپ ئازاپلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا قوغلىۋېتەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە يەنە بىر ئېغىز ئېچىشىغا تەلپۈنگەن بولساممۇ يەنە بىر قېتىم « مەن سىزگە ئاشىق، ماڭا تېگىڭ» دېمىدى. قىشلىق تەتىلگە يېقىن نىغمەت مېنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى.
-        سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنىمەن.- دېدى ئۇ
-        نېمە ئىشنى. – دېدىم قىزىقىپ.
-        مەن سىزگە زۇلھاياتنىڭ خەت ساندۇقىنى بېرەي ئېغىر كۆرمەي شۇنىڭغا بىر خەت يېزىپ مېنىڭ نىغمەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق دېسىڭىز بوپتىكەن، مەن دېسەم ئىشەنمىدى. ھازىر ئىككىمىز يامانلاقتا.
نىغمەتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى پۇتىدىكى شوتا تارتىۋېتىلىپ ئۆگزىگە ئېسىلىپ قالغان ئادەمدەك تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ياخشى مۇئامىلىلىرىنىڭ، بەرگەن سوۋغىلىرىنىڭ، چۈشكەن رەسىملىرىنىڭ... ھەممىلا نەرسىنىڭ يالغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ بىر ئويۇنچۇق ئىكەنلىكىمنى ئويلىدىم. زۇلھاياتقا ئۇنچىلىك ئۆچلۈكمۇ قىلمىدىم، ئەمما نىغمەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىق ھېسسىياتىمنى سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى دۆتلىكىدىن نەپرەتلەندىم.
-        بولىدۇ.- دېدىم چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي بارلىق ھېسسىياتىمنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.
شۇ كۈنىلا زۇلھاياتقا بىر پارچە خەت يازدىم. خەتتە نىغمەتنىڭ مېنىڭ باشقا بىر يەردىكى لايىقىمنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى، دوستۇمنىڭ مېنى نىغمەتكە تاپىلىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئارىدا خاتا چۈشەنگۈدەك بىر ئىش يوقلىقىنى، پەقەتلا بىر نەچچە نۆۋەت كۆرۈشكىنىمىزنى ئۇنىڭ ماڭا گىتار ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتتىم. لايىقىم بار دېيىش ئارقىلىق زۇلھاياتنىڭ كۈنلەمچىلىكىنىڭ بېسىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپ مۇشۇ ھېكايىنى توقۇپ چىققان ئىدىم. قەلبىمدە بولسا بۇ ئىككىسىگە چىن كۆڭلىمدىن بەخت تىلىگەچ مەڭگۈ ئۇلاردىن يىراقلاشماقچى بولۇپ زۇلھاياتقا بۇ خەتنى يوللىۋەتتىم. بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا نىغمەتتىن تېلېفون كەلدى.
-        زۇلھايات ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېخىمۇ بۇزدىڭىز. نېمە ئۇ كۆرۈشتۇق، لايىقىمنىڭ دوستى دەپ گەپنى ئۇزاتىپ.- دېدى نىغمەت قىممەتلىك بىر نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك.
-        مېنى كەچۈرۈڭ. مەن سىز ئۈچۈن دېدىم ئۇلارنى. مەن پەقەت لايىقىم بار دېسەم ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپارمىكىن دېگەن مەقسەتتە شۇنداق دېگەن ئىدىم.
-        بولدى قىلىڭە بەرىبىر تۈگىدى بۇ ئىش. بولدىلا.- دېدى ئۇ ئەپسۇسلانغاندەك.
-        مەن تېلېفون قىلاي ئەمىسە زۇلھاياتقا.- دېدىم. ھەقىقەتەنمۇ ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدىكى بىر بۇزغۇنچى بولغۇم يوق ئىدى. ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىگە قانداق كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم.
-        بولدىلا بەرىبىر ئىشەنمەيدۇ ئەمدى ماڭا.
-        مەيلى مەن ئىشەندۈرىمەن.
-        بولدىلا. ھە راست قاراڭ ماۋۇ رەسىمگە.- ئۇ شۇنداق دېدى ۋە تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرىتىمنى ماڭا كۆرسەتتى.
-        قاچان تارتىۋالدىڭىز بۇنى.- دېدىم ھەيران بولۇپ.
-        ھېلىقى چاغدا تاماق يېگەندە تارتقانغۇ، شۇنداق چىرايلىق چىقىپسىز.
-        راست، راست. مەنمۇ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەي قالدىم.
-        بۇ رەسىمنى بىللە ئويۇن قويىدىغان xxx گىتارچى  كۆرۈۋاپتىكەن تېلېفونۇمدىن توي قىلسا بولغۇدەك قىز بالا ئىكەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ.- دېدى ئۇ.
-        ۋاي مېڭە.- دېدىم، خىجىل بولغاندەك.
قەلبىمنى بىر ھاياجان قاپلىدى، ئەمما ئۇنى كۆڭلۈمنى ئاۋۇتۇش مەقسىتىدە مۇشۇنداق دەپ قويۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ئۈمىدسىزلەندىم.
-        ھە راست. مېنىڭ يىگىتىم بار.- دېدىم قەستەن. مۇشۇنداق دېسەملا ئۇنىڭ ئالدىدا راھەت بولالايمەن دەپ ئويلايتتىم.
-        شۇنداقمۇ؟ كىمۇ؟- دېدى ئۇ سەل- پەل قىزىرىپ.
-        باشقا يەردە سىز تونۇمايسىز.
-        ھە... تەلىيى باركەن.
-        تەلىيى بار دەپ مېنى دېسە بولىدۇ، ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
-        ئوغۇللارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، بولۇپمۇ يىراق جايدىكىگە.
-        مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
-        بوپتۇ ئۇنداقتا. بەخت تىلەيمەن. – ئىككىمىزنىڭلا چىرايىمىزدا بىلگىلى بولمايدىغان ھېسسىياتلار ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
ئۇ كۈنى نىغمەتكە يالغان سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيبلىدىم. ئەمما ئۇنىڭغا قايتىدىن چۈشەندۈرۈپ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ لايىقىم يوق، سىزنى ئالداپ قويدۇم، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئەركىن بولاي دەپ شۇنداق دېدىم، مەن سىزگە ئامراق، دېگۈدەك جۈرئىتىممۇ يوق ئىدى. شۇنداق قىلىپ نىغمەتنىڭ كۆزىدە لايىقى بار بىز قىزغا ئايلاندىم. ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى كەلدىمىزمۇ سۇسلاپ قالدى. ئارىدا بىر كۆرۈشۈپ قالغاندا قىزغىن سالاملاشقاننى ۋە تېلېفوندا ئانچە- مۇنچە ئەھۋال سورىشىپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن ناتونۇش ئىككى كىشىگە ئايلانغانىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان چاي دەملىگۈچى بىلەن ئىستاكانى ماڭا ھەركۈنى ھەمراھ بولۇپ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى. نىغمەت بىلەن يىراقلاشقاندىن كېيىن ھېكىم بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا باشلىدىم. قىشلىق تەتىلدە ئۇ ئېنگىلىز تىلى كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قالغان ئىدى. دادامغا دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ قويۇپ ھېكىم بىلەن ھەركۈنى دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇردۇم. بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا كۆڭلۈم مايىل بولۇپ قالدى. ئويلاپ باقمىغان يەردىن كىچىك چاغدا مېنى ئوينىتىدىغان مەھەللە سەركەردىسى ھېكىم مېنىڭ لايىقىمغا ئايلانغانىدى. تەتىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەركۈنى تېلېفوندا سۆزلىشىدىغان بولدۇم. ئۇ ماڭا كۈندە ئۈچ- تۆت تېلېفون قىلىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغانىدى. تەييارلىق يىلىمنىڭ يەنە بىر مەۋسۇمىنىمۇ ئاياغلاشتۇرۇپ يازلىق تەتىلگە قەدەم قويدۇم. ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى يېرىم كېچىدە نىغمەت تېلېفون قىلدى.
-        قانداق ياخشىما.- دېدى ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىمغىلا.
-        ياخشى. سىزچۇ. نېمە بولدى. جىددى بىر ئىش بولمىغاندۇ.- دېدىم ھەيران بولۇپ.
-        مەرگىيا مەن بىلمەي قاپتىمەن ئەسلى سىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن. تېگىمەن دېسىڭىز ئالاتتىم جۇمۇ مەن سىزنى. راستلا ئالاتتىم مەن سىزنى.
-        ھە؟.- بەكلا ھەيران قالدىم. ئەمما قەلبىمنى چۇلغىۋالغان بەخت تۇيغۇسىنى يوشۇرۇشقا ئامالىم يوق ئىدى.
-        سىز ئەمدى باشقىلارنىڭ لايىقى. ئامال يوق.- دېدى ئۇ يەنە.
-        يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى. نەدە سىز.- دېدىم گەپنى بۇراپ.
-        ئىشقىلىپ تېگىمەن دېسىڭىز ئالاتتىم مەن سىزنى.
-        ....
-        خاپا بولماڭ نىغمەت ئازراق ئىچىۋاپتۇ.- دېدى تېلېفوننى باشقا بىرى ئېلىپ.
ھېچنەرسە دېمەستىن تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئۇنىڭ كېچىكىپ ئېيتىلغان سۆزلىرى ماڭا ئازاپ ۋە پۇشايماندىن باشقا نەرسە بېرەلمەيتتى. تېلېفوننى قويۇپلا يىغلاپ كەتتىم. ھېكىمدىنمۇ ۋاز كېچەلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىغمەتنىڭ راست سۆزلەۋاتقانلىقىنى ياكى مەستلىكتە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ قويغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھېكىمنى تاللىدىم. نىغمەتنىڭ ۋە باشقا بارلىق ئوغۇللارنىڭ نومۇرىنى تېلېفونۇمدىن يۇيۇپ تازىلىۋەتتىم. قىسقىغىنە يازلىق تەتىل ئاياغلىشىپ يېڭى مەۋسۇم ناھايتى تېزلىكتە باشلىنىپ كەتتى. داشقازاندەك مىندادىن (民大)ئايرىلىپ، لوگۇچياۋنىڭ خالتا كوچىسىدىكى كىچىككىنە ھويلىلىق مەكتىپىمگە كەلدىم. مەركىزىي تىياتىر ئېنىستىتۇتى دەپ ئىسمى چوڭ بولغان بىلەن مەكتىپىمنىڭ  بىر ئوقۇتۇش بىناسى بىلەن ئىككى ياتاق بىناسى ئالقانچىلىك مەيدانى، ئەپچىلگىنە ئاشخانىسى ۋە راۋاق شەكىللىك كىچىككىنە دەرۋازىسىلا بار ئىدى.  ئاكتىيورلۇق، رېژىسورلۇق، سەھنە لاھىيەلەش... دېگەندەك بىر نەچچىلا كەسىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچى سانىمۇ كۆپ بولمىغاچقا مۇشۇ بىنالارمۇ بۇ مەكتەپكە يېتىپ ئاشاتتى. بىزنىڭ مەكتەپتە سەھنە لاھىيەلەش، ئوپراتورلۇق، رېژىسورلۇق، ئاكتىيورلۇق كەسىپلىرىدىن بولۇپ ئوتتۇزغا يېقىن ئۇيغۇر بار ئىدى. كىچىككىنە مۇسۇلمانچە ئاشخانىمىزدا قاچانلا قارىسا قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرىدىغان پاكىز چىراي بىر تۇڭگان ئاشپەز تامىقىمىزنى مىندانىڭكىدىنمۇ تەملىكراق پىشۇراتتى. ئەمما بىز مۇشۇنىڭغىمۇ رازى بولماي قاچانلا قارىسا، مەكتەپ سىرتىدىكى تۇڭگانچە، ئۇيغۇرچە ئاشخانىلارغا قاتىرايتتۇق. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەۋەتكەن پۇلى ئاينىڭ يېرىمىغىمۇ دالدا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش پۇلىنىڭ قىممەتلىكىدىن ئۆيدىكىلەرگە توختىماي پۇل دېيىشكە كىشىنىڭ يۈزى چىدىمايتتى. چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشنىڭ نەتىجىسىدە كۆپىنچىمىز تەبئىي ھالدا ئۇيغۇرچە رېستۇرانلارىدا ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ پۇل تېپىشنى قوشۇمچە كىرىم مەنبەيىمىز قىلىۋالدۇق. نىغمەتنىڭ ئەنسىرىگىنىدەكلا، مەنمۇ تەبئىي ھالدا ئەل قاتارىغا قوشۇلدۇم. ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلار ئۇسسۇل ئوينايتتۇق، ناخشا ئېيتالايدىغانلار ناخشا ئېيتاتتۇق. مەركىزىي مۇزىكا ئېنىستىتۇتىدىكى بالىلار ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئېنىستىتۇتىدىكى بەزى بالىلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئويۇن قوياتتى. كۈنلۈكىمىزگە 100-200 يۈەنگىچە تاپاتتۇق. تاماشىبىنلارنىڭ كۆپى خەنزۇلار ياكى چەتئەللىكلەر بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىمۇ ئاندا- ساندا ئۇچرىتاتتۇق. رېستۇرانلارنىڭ سەھنىلىردە ئۇنچىلىك كەسپىي ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. تاماشىبىنلار بەرىبىر ھەممىلا ئويۇنغا ئېغىزىنى چىۋىن چىچىپ قويىدىغاندەك ئوچۇق قويغىنىچە «خاۋ» دەپ توۋلاپ چاۋاك چېلىۋېرەتتى. ھەتتا ناخشا تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ تاماشىبىنلارنى تىللاپ قويساقمۇ چۈشەنمەي كۈلۈپ چاۋاك چېلىپ خۇش بولۇپ كېتەتتى. ئۇلار ئۈچۈن تاماشا بولغان ئىش ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ جان بېقىش يولىمىز ئىدى. ئەپسۇسكى، تۆشۈك سېۋەتكە سۇ توختاتقىلى بولمىغاندەك تاپقان پۇللىرىمىزنى ئۇتتۇرلۇق ئويناپ- كۈلۈپ خەجلەپ تۈگەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئالقىنىمىزدا ھېچنەرسە قالمايتتى. پۇلنى تاپاتتۇق- يۇ، كىمنىڭ ئېغىزىغا قاچانلا قارىسا « يانچۇقۇم چىۋىن قورۇپ قالدى، پۇل يوق » دېگەن گەپنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. نىغمەت بىلەن پات- پات ئۇچرىشىپ قالاتتۇق، ئەمما بۇرۇنقىدەك ھال- مۇڭ بولمايتتۇق. مەن بۇرۇنقى دوستلىقىمىزنى سېغىناتتىم. ئۇنىڭ بىلەن ھېچبىر توسالغۇسىز دوست بولۇشنى، پاراڭلىشىشنى، بىر- بىرىمىزگە ياردەم ۋە تەسەللىي بېرىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەمما بۇنداق بولمىدى. قانچە يېقىنلىشىشقا تىرىشقىنىم بىلەن تەقدىر بىزنى قوشماي قويدى.  

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 01:48:32


ئاھ ماھىرە
(4)

ئىككىنجى يىللىققا چىقىدىغان يازلىق تەتىلىمدە تۇققانلارنىڭ زورى ۋە يول مېڭىشى بىلەن دادام توي قىلدى. دادامنىڭ مەن يوق چاغلاردا يالغۇز قېلىشىغا ۋە چوڭلارنىڭ قايىل قىلىشىغا چىدىيالماي ئاخىرى ئۇنىڭ توي قىلىشىنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۆگەي ئاپام ماھىنۇر ۋە ئۇنىڭ مەندىن ئىككى ياش چوڭ قىزى ماھىرەلەر چوڭ ئاناملارنىڭ يېقىن تونۇشى ئىدى. ئاددىيلا توي بولدى. ماھىنۇر ئاپامنىڭ خىزمىتىمۇ ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى. ئۆگەي ئاپام ۋە ئۆگەي ئاچام بىلەن ئىچقۇيۇن تاشقۇيۇن بولالمىغان بولساقمۇ ئەمما يەنىلا چىقىشىپ قالدۇق. ماھىرەنىڭ دادىسى ماھىرە كىچىك چېغىدىلا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىپتىكەن. ماھىرە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق تەقدىرىم بولغاچقىمىكىن ماھىرەگە يامان نىيەتتە بولمىدىم. تاماقلارنى ۋاقتىدا ئىتىپ ئۆينى پاكىزە تۇتقىنى ۋە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنى ئۈچۈن ماھىنۇر ئاپامنىمۇ ئۆچ كۆرمىدىم. ئامال بار ئۇلارنى ئائىلەمنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈشكە تىرىشتىم. قىسقىغىنە يازلىق تەتىلدىن كېيىن ئائىلەم بىلەن خوشلىشىپ بېيجىڭغا كەلدىم. نېمىشقىكىن دادام توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ھال- مۇڭ بولالمىدىم. ئارىمىز يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. قانداقلا دەردىم بولسا ھېكىمگە ئېيتاتتىم. ئۇ ماڭا تەسەللىي بېرەتتى، مەن ئۈچۈن ئامال ئويلايتتى. ئەمما ئويۇن قويۇپ پۇل تاپىدىغىنىمدىن ھېكىمنىڭمۇ، دادامنىڭمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. دۆلەت بايرىمىدىكى ھەپتىلىك تەتىلگە ئىككى كۈن قالغاندا ماھىرە تېلېفون قىلدى.
-        مەن بېيجىڭغا بارايمىكىن دەيمەن. ئۆيدىكىلەرمۇ قوشۇلدى. سىزمۇ بولغاندىكىن.
-        ھە ياخشى بوپتىغۇ. شۇنداق قىلىڭە. دېدىم. – ئەمما ماھىرە كەلسە ئويۇن قويىدىغانلىقىمنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
-        شۇ بىزنىڭ بەزى ماتېرىياللار بار ئىدى. بېيجىڭنىڭ خەيديەن دېگەن يېرىگە بارغۇم بار. سوئاللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە چىقارمىش. توڭكاۋ بېرىپ باقاي دېگەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىدىغانغا ماتېرىيال كۆرگەچ بېيجىڭنى كۆرۈپ كېلەيمىكىن دەيمەن.
-        قاچان كېلىسىز.
-        ئەگەر بېلەت ئالالىسام ئەتە مېڭىشىم مۇمكىن.
-        ھە ئۇنداقتا خەۋەر قىلىۋېتىڭ ئالدىڭىزغا چىقىمەن.
...
ماھىرەنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېكىمگە ئېيتتىم.
-        ئارامخۇدا بىر ئارام ئالاي دەپ تۇرسام ماھىرە كېلىمەن دەيدۇ جېنىمنى چىقىرىپ. بولمىسا سەنمۇ كېلەمسەن يا بىر ھەپتە كەڭتاشا چۆگلىيەلەيسەن بېيجىڭنى. – دېدىم. ئەمما بىردىنلا ئويۇن قويۇۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى كەل، دېگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
-        مەنما؟مەن...- ئۇ دۇدۇقلاشقا باشلىدى.
-        ساڭا ئۆتمىسۇن جۇمۇ يەنە. ئا قىزنى دېدىم مەن.
-        بىلىمەن. لېكىن مەن غۇلجىغا كېتەتتىم. بېلەتنىمۇ ئەپ بوپتىكەنمەن. ئاپاملار يولۇمغا قاراپ قالدى دە يامان يېرى.- دېدى ئۇ.
-        ھە مەيلىڭ.- دېدىم. قېرى كالىغا پىچاق خوشياققاندەك كەلمەيمەن، دېگىنى ماڭىمۇ موككىدە خوش ياقتى.
ماھىرە كېلىمەن دەپلا بارلىق پىلانلىرىم ئۆزگەردى. ياتىدىغان يېرىنى ھەل قىلىش، ئۇنى خەققە قانداق تونۇشتۇرۇشمۇ بىر مەسىلە ئىدى. بايرام ھارپىسى كۈنى قۇمدەك ئادەم قاپلاپ كەتكەن ۋوگزالغا ماھىرەنى ئالغىلى چىقتىم. ھەپتە تۇرىدىغان ئىشنىمۇ چوڭايتىپ يوغان بىر چامدان بىلەن كەلگەن ئىدى. ياتاق بىنايىمىزنىڭ ئىشىكىنى باقىدىغان ئايال يانچۇقىغا 200 يۈەننى سېلىپ قويۇپ بىر مۇنچە يالۋۇرغىنىمدىن كېيىن ئاخىرى ماھىرەنىڭ ياتىقىمدا يېتىشىغا رۇخسەت قىلدى. ماھىرە ئىككىمىز دېيىشىۋېلىپ ئۇنى باشقىلارغا نەۋرە ئاچام تەرىقىسىدە تونۇشتۇردۇق. ساۋاقداشلىرىم، ياتاقداشلىرىم ھەممەيلەن ماھىرە كەلگەن كۈنى ئوپچە تاماق يېدۇق. بىر نەچچە كۈن توختىماي ماھىرەنى بېيجىڭنىڭ بارغۇدەك يەرلىرىگە ئاساسەن ئاپىرىپ چىقتىم. ياتاقتىكىلەرگە شۇنچە تاپىلىغان بولساممۇ شەكىمە ئېغىزىنى باسالماي ماھىرەگە رېستۇران، قاۋاقخانىلاردا ئويۇن قويىۋاتقىنىمىزنى دەۋېتىپ سالدى. يالغانچىلىقىمنى يىغۇشتۇرالماي ئاخىرى ماھىرەگە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. كېتىدىغاندا ماھىرەدىن بۇ ئىشنى دادامغا ئېيتماسلىقى ھەققىدە قايتا- قايتا ۋەدە ئېلىۋالدىم. ماھىرە قايتىپ كېتىپلا يۈرىكىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدىم. دادام بىلىپ قالارمۇ، بىلسە قانداق ئويلار، دېگەن ئەندىشە ھەر زامان نېرىۋامنى چېچىپ تۇراتتى. چۈنكى دادامغا بۇ يەردىكى رېستۇران، قاۋاقخانىلارنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى، پۇل تېپىپ ئۆز خىراجىتىمنى ئۆزۈم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىمنى مىڭ چۈشەندۈرسەممۇ، دادامنىڭ ھامان خاتا چۈشىنىپ مەندىن ئۈمىدنى ئۈزىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خاتىرجەم بولۇشقا باشلىدىم. چۈنكى خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ماھىرە بۇ ئىشنى دادامغا ئېيتمىغاندەك قىلاتتى. كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق، دېگەندەك ھېكىم ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ماڭا بۇرۇنقىدەك قىزغىن مۇئامىلىدە بولماس بولدى. ھەتتا مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىسەممۇ ئۇزۇن سۆزلەشمەيلا تېلىفوننى قويۇۋېتىدىغان بولدى. پات- پاتلا مۇشۇ سەۋەپلىك تېلېفوننى قويۇۋېتەتتى. بىر كۈنى ئاچچىقىم چېكىگە يەتتى ۋە ھېكىمدىن ھېساپ ئېلىشقا باشلىدىم.
-        سەن كىمنى ئەخمەق قىلىۋاتىسەن؟- دېدىم ئۇنىڭغا.
-        مەن قانداق ئەخمەق قىپتىمەن سىزنى؟- دېدى ئۇ پەرۋاسىز.
-        مېنى ئويۇنچۇق كۆرەپ قالدىڭما؟
-        چىرايلىق گەپ قىلىڭ ساقام.- دېدى ئۇ.
-        مەن سېنىڭ نېمەڭ؟ نېمە دەپ كارىڭ بولمايدۇ مەن بىلەن؟
-        ساقام خاتا چۈشىنىۋاپسىز. گېپىمنى ئاڭلاڭ مەن ئالدىمىزدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن. شۇڭا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ماقالە، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىقى ھەممىسىنى مەن قىلىشىم كېرەك. مەن بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن بۇلارنى. ھەركۈنى سىزنى ئاپئاق ساقام دەپ ئەكىلىتىپ ئولتۇرسام بۇ ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟
-        كۆتۈر قاسقىنىڭنى. ساقام، پاقام دەپ كىمگە بېرىپ دەپ بەرسەڭ دەپ بەر. كەلگۈسۈڭنىمۇ نېرى ئاپار بولدى. جاق تويدۇم مەن سەندىن.
-        ساقام نېمانداق تەتۈرلۈك قىلىسىز. گېپىمنى ئاڭلاڭ.- ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ بارغانسېرى پەسلەۋاتقانلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ. ئۇنىڭ گېپىنىڭ داۋامىغا قۇلاقمۇ سالماستىن تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.
بىر ئىككى ئايغىچە ئۇنىڭ تېلېفونىنىمۇ ئالمىدىم. ئۇچۇرىنىمۇ ئوقۇمايلا ئۆچۈرىۋېتىۋەردىم. ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ئىچ- ئىچىمدىن پۇشايمان قىلدىم. نېمە دەپ نىغمەتنىڭ ئەمەس ھېكىمنىڭ ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلغىنىدىن يۈرۈكۈم ئېچىشاتتى. ھېچكىشىگە بىلىندۈرمەي نىغمەتنى سېغىناتتىم. ئەمما ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئېچىشقا جۈرئىتىم يوق ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن باشقىلارنىڭ ئادىمى ئىدىم. ئۇنى كۆڭلۈمدىكى ئىسيانلاردىن، سېغىنىشلاردىن، پۇشايمانلاردىن قىلچە خەۋىرى يوقتەك سېزەتتىم.  ھېكىم بىلەن يارىشىپ ئۇنىڭ لايىقى سۈپىتىدە نىغمەتكە خۇپيانە ئاشىق بولۇش بىلەن يۈرىۋەردىم.  بىر يىلدىن كېيىن ھېكىم ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىندى. ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنىڭ نىشانى ئىدى. ئۇ نىشانىغا يەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدىكى ئىشى مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشىمنى ۋە ئۈرۈمچىگە ئىشقا ئورۇنلىشىشىمنى، تويىمىزنى ۋە تىنچ كۆل يۈزىدەك تۇرمۇش قۇرۇپ ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى ساقلاش ئىدى. ھەر قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ دەيدىغان گەپلىرى مۇشۇلارلا ئىدى. پاسپورت بېجىرىشكە زورلىساممۇ خىزمىتىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى، چەتئەلگە قىزىقمايدىغانلىقىنى، تولۇق بەخىتلىك بولۇشىغا مېنىڭلا كەملەپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ بۇنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. مۇشۇنداق باھانىلەر بىلەن پات- پاتلا گەپ تالىشاتتۇق.
-        مەرگىيا سىز زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟- دېدى ھېكىم بىر كۈنى تېلېفوندا.
-        نېمە قىلىۋېتىپتىمەن.- دېدىم.
-        مەن سىزنى تونۇيالماپتىمەن. سىزگە ئىشىنىپ سىزنى ساقلاپ يۈرۈپتىمەن.
-        ساقتۇ؟ نېمە بوپسەن؟- دېدىم. ئەمما يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ كەتتى.
-        مەن سىزنى جيۇبادا ناخشا ئوقۇۋالسۇن دەپ ساقلاۋاتامدىم؟ نېمە ئىش بۇ ساقام؟- دېدى ئۇ قاتتىق خاپا ھالدا. ئۇنىڭ بۇ قەدەر خاپا ئاۋازىنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى. ھەقىقەتەن قورقتۇم. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچىسىز بىرىگە ئايلىنىۋاتاتتىم.
-        نېمە دەۋاتىسەن كىم جيۇبادا ناخشا ئوقۇپتۇ. چۈش كۆرۈۋاتمايدىغانسەن؟
-        بولدى قىلە!- ھېكىم ماڭا قاتتىق ۋارقىرىدى.
-        كىمنى سەنلەۋاتىسەن؟ سەت داڭقان كاللا- دېدىم ئاچچىقىمغا پايلىماي.
-        ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ كۆڭلۈڭنى ئاياپ چىرايلىق گەپ قىلسام نېمە ئۆزۈڭنى بىلمەيسەن. بىلمەمدىم مەن نېمە قىلىۋاتقىنىڭنى سېنىڭ. گىتار ئۆگىنىمەن دەپ خەقنىڭ بېقىنىدا يۈرگىنىڭنىمۇ بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتتىم. ئادەم بولۇپ قالار دېسەم. ئەمدى بۇ ئىشىڭ چىقسا بېشىمغا. نومۇس قىلمايدىغان.
ھېكىمنىڭ ھاقارەتلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم يەتمەي تېلېفوننى يۈزىگىلا بېسىۋەتتىم. كاللام تۇرمۇزلىنىپ، ئېغىزىم گەپكىمۇ كەلمىدى. يۈرىكىم توختىماي سېلىپ يۈزۈم قىززىپ كېتىۋاتاتتى. كارۋىتىمغا بىكىنىۋېلىپ توختىماي يىغلىدىم. قەلبىمدە ھېكىمگە، ماھىرەگە بولغان نەپرەت، نىغمەتكە بولغان ئاچچىقتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. « ھاياتىمنى خانىۋەيران قىلدىڭ نىغمەت، نېمە دەپ مېنى تاللىمىدىڭ، نېمە دەپ ماڭا كۆڭلۈڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭ، ئەگەر مېنى ياراتمىغان بولساڭ، نېمە دەپ ياراتمىدىڭ؟ سەن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىم» دەيتتىم خىيالىمدا. يىغام پەسەيگەندە ماھىرەگە تېلېفون قىلدىم.
-        ۋەي. ياخشىمۇسىز ساقام.- دېدى ئۇ ئاۋازىنى ياسىغاندەك چىقىرىپ.
-        يوقال ئۆيۈمدىن! نەگەر بارساڭ بار. مېنىڭ نەرسىلىرىمگە قول تەگكۈزگۈچى بولما! – دېدىم توۋلىغىنىمچە.
-        ساقام ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ. چىرايلىق سۆزلىشەيلى.
-        يوقال سەندەك ئىككى يۈزلۈمچى بىلەن سۆزلىشىدىغان گېپىم يوق. مېنى ۋەيران قىلىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى ئىدىڭ؟
-        نېمە دەۋاتىسىز ساقام؟
-        ھەي پەسكەش! سەن ماڭا كېتىدىغان چاغدا ھېچكىمگە دېمەيمەن دەپ غىڭشىپ ۋەدە بەرمىدىڭمۇ؟ ھېكىمگە نېمىشقا دېدىڭ ئويۇن قويغىنىمنى؟
-        ساقام مەن بىر ئىش قىلمىدىم. ئۆتكەندە كۆرۈشكەندە سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ شۇ بىرسىدىن گىتار ئۆگىنىۋاتامدۇ ماڭا ئۇچۇر يېزىپتىكەن دېدى. ھە دەپ ھېلىقى سىز بىلەن ئويۇن قويىدىغان نىغمەتنىڭ ئىسمىنى چىقاردىم. باشقا گەپ قىلمىدىم.
-        ۋۇ يالغانچى! ئويۇن قويىدىغاننى دېدىڭمۇ راست گەپ قىل.
-        ساقام مەن بۇنچە خاپا بولىدىغىنىڭىزنى بىلسەم دېمەسكەنمەن. دادىڭىز بىلمىسە بولدىغۇ نېماندا قىلىسىز؟ ھېكىم يا مەھمۇت دادامغا دېمىسە.
-        يوقال كۆزۈمدىن ئىككىنجى كۆزۈم كۆرمىسۇن سېنى!- دېدىم ۋە تېلېفوننى قويدۇم.
ماھىرە بىلەن كۆرۈشۈشلىرى، ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىدىن ھېكىمدىن چىش- تىرنىقىمغىچە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ئاشقانسېرى نىغمەت بىلەن ماھىرەگە بولغان ئاچچىقىممۇ شۇنچە ئاشاتتى.  بىر يىلدىن كېيىن نىغمەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ماڭا پەرۋامۇ قىلماي چەتئەلگە چىقىپ كەتتى. شۇ يىلى قىشلىق تەتىلدە مەن ھەم ھېكىمگە بولغان ئۆچمەنلىكىم تۈپەيلى ھەم نىغمەت تەتىلدە ئۆيىگە كەتمىگەچكىلا بېيجىڭدا قالغان ئىدىم. بىر نەچچە قېتىم بىللە تاماق يېگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا نىغمەت مېنى كۆپ ئىزدىمىدى. ھېكىممۇ بىر نەچچە تېلېفون قىلىپ قويۇپ مەن ئالماۋەرگەندىن كېيىن، ئۈن- تىنسىز غايىپ بولدى. يازلىق تەتىلدە ئۆيگە خۇددى بوينۇمنى بىرى باغلاپ تارتىۋاتقاندەك قايتتىم. ئۆيدە قارىماققا ماھىرەنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى.  قايتىپ كېلىپ ئەتىسىلا ماھىرە بىلەن كونا ھېساپ- كىتاپنى تالىشىپ چاچلىشىپ كەتكىلى تاسلا قالدۇق. دادام بەكلا ئاچچىقلاندى. ماھىرەنى خېلىلا قورقۇتقان بولسام كېرەك ئويۇن قويغانلىقىمنى دادامغا دېيىشتىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇۋالدى. زورمۇ- زور ياراشقانمۇ بولدۇق. ئەمما شۇندىن باشلاپ ئۆيىمىزنىڭ ھوزۇرى قېچىپ بىلگىلى بولمايدىغان بىر بۇرۇقتۇملۇق شەكىللىنىشكە باشلىدى. دادامنىڭ ئېغىر ئېغىر تىنىپ چىرايى تۇتۇلۇپ تۇراتتى. بىر نەچچە كۈنگىچە ھېچكىمگە چىراي ئېچىپ گەپمۇ قىلمىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كەچتە داداملارنىڭ ياتاق ئۆيىدىن ماھىنۇر ئاپام ئىككىسىنىڭ توۋلاشقان ئاۋازى كەلدى. مەنمۇ ماھىرە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ھېچكىمگە قاپىقىمنى ئاچماي كەلگەن ئىدىم. ئۇنىڭسىزمۇ ماھىرە بىلەن بىر يىل تۈزۈك گەپلەشمىگەن ئىدىم.
-        ئاپئاق ساقام. مەن ھېچقاچان سىزگە يامان نىيەتتە بولمىدىم. ماھىرەمۇ دادىسىز چوڭ بولغان مەن ھەرگىز بىرسىگە مانى قىلىۋالاي، ئېتىۋالاي دېمەيمەن. ئىككىلىڭلار مېنىڭ قىزىم. ئاخشام مەھمۇت مېنى شۇنداق سوراقلاپ كەتتى نېمە دېدىڭ قىزىمغا نېمە قىلدىڭ، دەپ. راست گەپ قىلسام ماڭا ئېغىر كەلدى. مەن بۇ ئۆيگە كىرگىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ ساقام ھازىرغىچە كۆزىڭىزنىڭ ئىچىگە قارىدىم. ئەمدى كېلىپ مەھمۇت بۇنداق دېسە مەن چىدىمايمەن. ماھىرە بىلەن شۇنداق بەلەنتىڭلار نېمە بولدۇڭلار؟- دېدى ماھىنۇر ئاپام دادام بىلەن ماھىرەنى ئىشقا يولغا سېلىۋېتىپ.
-        ھېچنېمە بولمىدۇق. چوڭ ئىش يوق- دېدىم گەپنى ئۈزۈپ.
-        مەرگىيا كەلسە قىلىمەن دەپ تويىنىمۇ كېچىكتۈردى. سىزگە دېمىدۇق ئوقۇشىغا تەسىر يېتەمدىكىن دەپ. قاچانلا قارىسا سىزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي مەرگىيانى قولداش قىلىمەن دەپ ئولتۇرغاننى كۆرىمەن. ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ بولدۇق توينىڭ. سىزنىلا ساقلاپ قالدۇق. مۇشۇنداق چاغدا ئۇرۇش- تالاش بەك سەت تۇردى. ئەتە- ئۆگۈن ماھىرەمۇ سىرتنىڭ ئادىمى بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ بۇ ئۆيدىن. شۇ چاغدا ئەسلەپمۇ قالارسىز.
-        كىچىك ئىشلارتى ئۆتۈپ كەتتى. خاپا بولماڭ سىزمۇ ئىشقا كېچىكمەڭ. كېتىۋېرىڭ كەچتە كەلسە  ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.- دېدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ.
-        ما گەپ بولدى مانا. كەچتە كەلگەندە قاپىقىڭىز ئېچىلسۇن ئەمىسە ھە ساقام. مەن ئىشقا كەتتىم.كەچكە بىر نېمە قىلغاچ تۇرۇڭ ئەمىسە.- دەپ قويۇپ سومكىسىنى قولتۇقلاپ ئىشقا كەتتى.
كەچتە قاپىقىمنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ ئۆيىمىزنى قايتىدىن كۈلكە ئاۋازى قاپلىدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ماھىرە بىلەن مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمدە پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق.
-        كىم بىلەن توي قىلىسىز؟- دېدىم قىزىقىپ.
-        ھېكىم بىلەن.- سىزگە دەيتتىم ساقام پەقەت پۇرسەت بولمىدى خاپا بولماڭ.
-        ھە؟- ھەيران قالغىنىم ماھىرەنىمۇ چۆچۈتىۋەتتى. راستىمنى دېسەم بىرى توڭ قاپاق بىلەن ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ھېكىمگە بولغان نەپرىتىم تېخىمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى.
-        نېمە بولدى. دېدى ئۇ تاتىرىپ.
-        ياق بەك ھەيران قالدىم. تونۇش بولغاندىكىن شۇ.- دېدىم چاندۇرماي.
-        شۇ ئەمدى شۇنداق بولۇپ قالدى.
-        قاچان چىقىشىپ قالدىڭلار؟- دېدىم گەپ ئېلىپ.
-        شۇ ئاپاملارنىڭ تويىدا تونۇشقان بىلىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن پات- پات كۆرۈشۈپ دېگەندەك قىلدۇق شۇ. بىر يىلدىن ئاشتى يۈرۈۋاتقىلى. سىزگە دەي دېسەم شۇ يا بۇتناپ گەپ قىلمىدىڭىز مۇڭداشقىدەكمۇ بولمىدۇق.
-        ھە بىز ئۇرۇشۇپ قالغاندا يۈرۈپ بولغانما سىلەر؟
-        يېڭى باشلانغان ۋاقتى ئۇ.- دېدى ماھىرە ھىڭگىيىپ.
-        ھە.... يامانكەنسىلەر ئىككىڭلار.
ئاكتىيورلۇق ماھارىتىمنى ئەمەلىي ھاياتىمدا ئىشلىتىمەن دېگەننى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم. يۈزۈمدىكى ئىپادىسىزلىك ماھىرەدە ھېچقانداق گۇمان قوزغىمىدى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكىمگە ئۇچۇر يازدىم. « ھەي نومۇسسىز! سەن ئەينى چاغدا مېنى نومۇسسىز دېگەن ئىدىڭ، ئەپسۇس ھاياتىمدىكى مەن كۆرگەن ئەڭ چوڭ نومۇسسىز سەن بولدۇڭ. سەندە يۈز دېگەن نەرسە بارمۇ؟ سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن مېنىڭ دادامغا كۈيئوغۇل بولماقچى؟ سەن مەن بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەندىلا ماھىرە بىلەن ئارىلىشىشنى باشلاپتىكەنسەن. سەندىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىمەن. ۋۇ پەسكەش شاللاق!» بارلىق ئاچچىقىمنى تولۇق گەۋدىلەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ خېلىلا ئېغىر گەپلەر بىلەن يېزىلغان بۇ ئۇچۇر ھېكىمنىڭ ئىشتىنىغا پىت چۈشۈرگەن بولسا كېرەك ئۇچۇرۇمغا دەرھاللا جاۋاپ قايتۇردى.  « شاللاقنى سىزدىن سورايمىز. نىغمەت دېگەن شۇم بىلەن مېنى تەڭ ئويناتقان سىز شۇغۇ. ئەمدى ئوشۇق گەپ قىلىپ تويۇمنى بۇزۇشنى پىلانلىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. دادىڭىز جيۇبادا يۈرگىنىڭىزنى بىلسە سىزنى نېمە قىلىۋېتەر». ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. شۇندىلا نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا نىغمەتكە يوللىغان« ئاكا، ئاڭلىسام لايىقىڭىز بار ئىكەن. بۇندىن كېيىن گىتار ئۆگىنىمەن دەپ سىزنىمۇ ئاۋارە قىلماي. ئاچام خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن. ھېلىمۇ سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم رەھمەت سىزگە. ياخشى چۈش كۆرۈڭ» دېگەن ئۇچۇرۇمنى ئالدىراقسانلىق بىلەن ھېكىمنىڭ نومۇرىغا ئەۋەتىپ سالغىنىمنى ماڭا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن ھېكىمنىڭ « شۇنداق، لايىقىم بار. مەن ئۇنىڭغا ئاشىق. ئۇ دۇنيادا بىرلا. مەن ئۇنىڭدىن قەتئىي ئايرىلمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن ۋە بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشايمەن. ئەگەر مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدىغان ھەرقانداق بىر سەۋەپ بولسا ئۇنى چوقۇم يوق قىلىشىم كېرەك. ئەگەر سىز ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەنمەن دەپ ئويلىسىڭىز بىز ئەمدى پەقەتلا ئالاقىلاشمايلى. تېلېفون نومۇرلىرىمىزنىمۇ ئۆچۈرىۋېتەيلى.» دەپ ئۇچۇر يازغانلىقىنى ۋە مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئارقىدىنلا يازغان « رەزىل پەسكەش!» دېگەن ئۇچۇرۇمغا ھېچقانداق جاۋاپ كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ماھىرە بىلەن ھېكىمنىڭ تويى بولدى. ماھىرە مېنى زورمۇ زور قولداش قىلدى.
-        رەزىل پەسكەش.- دېدىم توي كۈنى ھېكىمغا يالغۇز قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ.
-        ئاغزىڭنى يۇم. مەن سېنىڭ ئوتۇڭدا كۆيۈپ يۈرگەندە سەن نەدىتىڭ؟ مېنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدىڭ. بىر قېتىممۇ ھالىمنى سورىمىدىڭ. بىر قېتىممۇ مېنىڭ دەردىمنى چۈشەنمىدىڭ. مېنىڭ ئىش- ئەمەلىم سېنىڭ قونچىقىڭ ئويۇنچۇقۇڭدەڭ كۆڭلۈڭنى ئېلىش بولدى. مەن ماھىرەنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇ مېنىڭ ھالىمغا يېتىدۇ. ئەمدى تۇرمۇشۇمنى بۇزىدىغان بولساڭ سېنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن. – دېدى ئۇ تەھدىت سېلىپ. يىغلىغىنىمنى ھېچكىشىگە بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىپ ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتىم.
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى يىلىدا پۈتۈن زېھنىمنى ئوقۇشۇمغا ئاتىدىم. ساۋاقداشلىرىم بىلەن نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئورۇنلاپ چىققان ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئويۇنۇم ئوقۇتقۇچىلىرىمنى رازى قىلدى. ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ھېچكىممۇ مەندەك بىر جىمغۇرنىڭ بۇنچىلىك مۇۋەپپىقىيەتلىك ئويۇننى سەھنىلەشتۈرەلىشىمگە ئىشەنمەيتتى. ئوقۇشۇمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ دېپلوم ۋە ئۇنۋانىمنى تولۇق ئالدىم. ئۈرۈمچىدە تارتىشقۇدەك ھېچنەرسەم يوق ئىدى. ئارزۇ- ئارمان باھانىسىدا بۇ شەھەردىن بۇ ئەسلىمىلەردىن يىراقلىشىپ باشقا بىر ھاياتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ھېچكىشىگە مەسلەھەتمۇ سالماستىن چەتئەلدىكى نىغمەت ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ راديو تېلېۋېزىيە كەسپىگە قىلغان تولۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ماگىستىرلىق ئوقۇش ئىلتىماسىم قوبۇل قىلىنىپ چاقىرىق كەلگەن ئىدى. ئالەمچە شادلاندىم. ۋىزامنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتىم. بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كۈتكەن كۈنۈم يېتىپ كەلدى. ئەمما دادام مېنىڭ چەتئەلگە چىقىشىمغا قارشى تۇردى. مېنى قايىل قىلالىغۇدەك ئېنىق بىر باھانىسى بولمىسىمۇ يولغا چىقىشىمغا رازىلىق بىلدۈرمىدى. مەكتەپتىكى چاغدا يىغىپ قويغان پۇلۇمغا نەچچە يەردىن ئىزلەپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە ئەڭ ئەرزان بىر ئوقۇغۇچىلىق بېلىتىنى ئالدىم. ئۆيدە ھېچكىشىنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ چامادانىمنى رەتلەۋاتقان شۇ دەمدە ئەمدى بۇ ئۆيگە كەلمەسلىككە ئۆز- ئۆزۈمگە قەسەم قىلدىم. ئاپام، دادام بىلەن كۈلۈشۈپ ئوينىغاندىكى جاراڭلىق ئاۋازلىرىمىزنىڭ ئەكىس ساداسى قالغان، بالىلىقتىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنىڭ شاھىدى بولغان بۇ ئۆينى، دادامنى تاشلاش تولىمۇ ئازاپلىق بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ئۆيدىن ئايرىلماقچى بولدۇم.چامادانىمنى سۆرەپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئوچۇق قالغان تارتمىدىكى چامادانىمغا سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئالبۇمۇمغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇنىڭدىكى پۈتۈن رەسىملەرنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ماڭا قالدۇرغىنى پەقەت بىر ئالبۇمدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. رەسىملەردىكى قەدىرلىك كىشىلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى بۇرۇنقىدەك ماڭا تەئەللۇق ئەمەس ئىدى. ھەممىسىلا يېنىمدىن بىر- بىرلەپ كېتىپ، ھاياتىمدا مېنى ئۆزۈمگىلا تاشلاپ قويغانىدى.


(2013.2-2014.7)
داۋامى بار

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 08:15:14

نىمانداق ئۇزۇن تېما ، مەن ئالدىرىماي ئۇقۇي

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 12:08:10

ماۋۇ ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى چىقارمىسىڭىز بەك رەنجىيمىز جۇمۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 20:00:30

داۋامى قېمى داۋامى :Q

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 03:22:56

ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلەتتى.
داۋامىنى ساقلايمىز.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 06:45:38

باش بۇرنى ھەجەپ يۈرەكنى ئەزدى، داۋامىنى ساقلايمەن.

Rambo يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 07:05:00

ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 09:09:13

« شەھلا » چامنىڭ ھېكايسىدەك قىسقۇچتىكى تەييار مال بولسا بىراقلا چاپلاپلىۋەتمەمسىز ، ئادەمنى تەقەززا قىلماي ...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 14:42:11

ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئاڭلاپ كېلەمدىم نېمە؟ :o يوللىۋېتىڭە ئادەمنى تەقەززا قىلماي.

uyghurnisa يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 17:50:07

شۇنى دەيمەن.تېزرەك يازسىڭىز بولاتتى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 23:43:26

تېخىچە يوققۇ داۋامى

uyghurnisa يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 01:40:28

بۇنداق  تېمىلاردىن زىرىكتى  ئادەم.داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىمىغان ئادەم يا تېمىنى باشلىمىسا

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 02:41:49

ئادەم بىر يىلدا ئاران يازغان نەرسىنى بىر سائەتتىلا ئوقۇپ بولۇپ ئالدىرىتىۋېرىدىكەنسىلە.....
ئىككى كۈن ساقلاڭلار ئەمدى...

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 15:55:27

مەن ئالدىراتماي جىم ئولتۇرۇپ ساقلىدىم:lol  ئاخىرى تەييار بولاي دەپتۇ دە

vmid219 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:11:34

كۈلۈپ، يىغلاپ، مەمنۇن بولۇپ،  تەسۋىرلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ دېگەندەك بۇ بۆلەكنى ئوقۇپ تۈگىتىۋالدىم. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ئىملاسىمۇ، تىنىش بەلگىلىرىمۇ شۇنداق جايىدا. تەقەززالىق ھەم سەۋرچانلىق بىلەن داۋامىنى ساقلايمەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 19:41:55

:o

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 21:04:53

باشقىلارنى تەسىرلەندۇرۋەتكۇدەك قانداق ياخشى تىمىدۇ بۇ شۇنچە ئۇزۇنلىقىغا قارىماي ئوقۇپ كىتىپتۇ بالىلار مەنمۇ ھورۇنلۇق قىلماي ئوقۇپ باقاي .
بەت: [1] 2
: ئاھ ماھىرە