Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:37:22

ئىزدىنىشلىقلار مۇنداق خەۋەر ئاڭلاپ باققانمىدۇ؟

يېقىندىن بېرى بەزى سودىگەر تىجارەتچى چوڭلارنىڭ ئېغىزىدىن بۇ خەۋەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم ، لېكىن ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلمەلمىدىم . بۇ قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق :

دۆلىتىمىز ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىشىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ 3-ئايدىن باشلاپ بىر كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ 80كۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق يېرىگە يىللىق باج ئالىدىغان قانۇننى يولغا قويىدىكەن . ئېلىنىدىغان باجنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسىمۇ يىلىغا 10مىڭ يۈەن بولىدىكەن . 80 كىۋادىرات مېتىردىن قانچىلىك جىق ئېشىپ كەتسە ئېلىنىدىغان باجمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاساسلىق تارقىلىپ يۈرگەن گەپ مانا مۇشۇ ، لېكىن بەزى كىشىلەر 80كۋادىرات مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ئۆيلەرگە باج ئالىدىغان ئىش بولسا ، بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم چوڭ ئۆيلەرنى سالمايدۇ ، ھەممىسى 80كىۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا ئۆي سالىدۇ . بىر ئادەمگە بىر يۈرۈش ئۆي ، بىر يۈرۈشتىن ئېشىپ كەتكىنىگە باج ئالىدىغان قانۇننى يولغا قويماقچى . دەپ يۇقارقى پاراڭنى توغۇرلىغانلارمۇ بار .

ئاساسەن ئۈرۈمچىدە ئۆي مۈلۈك بىلەن ئانچە مۇنچە ھەپىلىشىپ قويىدىغان تونۇشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاز تولىدىن خەۋىرى بار ئىكەن بۇنىڭدىن . پەقەت مەنلا بىلمەي يۈرۈپتىمەن . بۇ زادى ئەپقاشتى گەپمۇ ياكى كۆپتۈرۋىتىلگەن خەۋەرمۇ ۋەياكى راستىنلا مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟ ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلار بىلىدىغىنىڭلارنى بىر تۆكۈڭلار سورۇنغا!

987908650 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 08:42:19

كىشى بېشىغا سۇندۇرغاندا 80 كىۋادىراتتىن ئېشىپ كەتسە ، ئېشىپ كەتكەن قىسمى , « ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ» دەپ قارىلىپ  بازار باھاسىنىڭ % 1-3%  قىسمى بويىچە ھەر يىلى  باج تۆلەيدىغان گەپ. بۇ ئاساسەن 2 يۈرۈشتىن ئوشۇق ئۆي ئىگىلىرىگە قارىتىلغان سىياسەت.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 09:07:53

بىر ئۆيدە تۆت جان بولسا 320 كۋادرات مىتىردىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا باج تۆلەيدۇ ، مەن شۇنداق چۈشەندىم

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 09:16:51

ئەگەر راسلا يوقۇرقى تورداشلار ئېيتقاندەك سىياسەت بولسا ، ئۆيى چېقىلىپ بىرنەچچە يۈرۈشتىن بىنا ئۆي تۆلەم بېرىلگەنلەر قانداق قىلىدۇ ؟

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 09:34:58

مۇنبەر تازا نورمال ئەمەسقۇ ، مېنىڭ كومپىيۇتورىمدىكى مەسىلىمۇ - يە ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:09:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 10:20  

بۇ سىياسەتنىڭ مەزمۇنىغاقارىغاندا  ،مەسىلەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئۈچ جان بۇلۇپ، ئەمما ئۈيىڭىز 2يۈرۈشتىن يۇقىرى بولسا،مەسلەن ئۈچ يۈرۈش دەپ تۇرىلى ،ئاندىن كىشى بىشغا تۇغرا كىلدىغاننى ئۈلچەيدۇ، كىشى بىشىغا 80 دىن يۇقىرى بۇلۇش ئۈچۈن ،بۇ ئۈچ يۈرۈش ئۆيىڭىزنىڭ ئومومىي كۈلمى 240  تىن يۇقىرى بۇلۇش كىرەك ، 239 كۋادىرات مىتىر بۇلۇپ قالسىمۇ ،باج ئالمايدىغان ئۇخشايدۇ.يەنە ئۆيىڭىز ئومىمىي كۈلمى 240 كۇۋادىرات مىتىر ،ئەمما تۈت جان بولسا ،ھەر بىرىڭلارغا 60 تىن تۇغرا كىلىدۇ،بۇنىڭغىمۇ ئۇخشاش باج ئالمايدىغان ئۇخشايدۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:19:18

ھازىر جۇڭگودا 4مىليارتتىن ئوشۇق ئۆي باركەن، كىشى بېشىغا 3-4تىن كېلىدىكەن. كىشى بېشىغا 80كۇۋادراتتىن باج ئېلىش سىياسىتى ئۆي مۈلۈك كەسپىدىكىلەر ۋە 3-4 ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئۆيلەرنى بېسىپ ياتقانلارنىڭ ۋايجىنىنى چىقىرىدىغان، ئۆي باھاسىنى شىددەت بىلەن چۈشۈرۈشكە تۈرتكە قىلىدىغان (بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ) بىر سىياسەت بولىشى مۈمكىن. بېيجىڭ، شاڭخەيلىكلەر بىر ئۆمۈر ئىشلەپ يىمەي ئىچمەي پۇل يىغسا 60-70يىلدا بىر ئۆي ئالالايدىكەن. ئەمما ئامېرىكا، گېرمانىيىدە بىر نەچچە يىل ئىشلىسىلا ئۆي ئالغىلى بولىدىكەن. ئىشقىلىپ، ما ئۆي ئىشىنى قاقشاتقۇچ بىر تۈزەيدىغان يەرگە كەلدى. مېنىڭمۇ 2 ئۆيۈم بار ئىدى. لېكىن ما سىياسەتكە چۈشمەيدىكەن. لېكىن، ئاتا-ئانام باج تۆلەپ كېتىدىكەن.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:28:53

ئاڭلىسام بەزى پۇلدار غۇجاملارنىڭ 60  70 تيۈرۈش  ئۈيى بارمىش  
ماۋۇ سىياسەت ئەمىنلىشىپ قالسا بەك ياخشى بۇلاتتى .:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:31:50

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 10:19 static/image/common/back.gif
ھازىر جۇڭگودا 4مىليارتتىن ئوشۇق ئۆي باركەن، كىشى بېشىغ ...

4 مىليارد ئۆي بارلىقى راستلا بولسا ، ئۆي باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كىتىدىغانلىقىنىڭ ھەيران قالمىساقمۇ بۇلىدىكەن ...

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:47:51

sherqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 09:16 static/image/common/back.gif
ئەگەر راسلا يوقۇرقى تورداشلار ئېيتقاندەك سىياسەت بولس ...

ئۇنداق تىگىشىلگەن ئۆيلەرنىڭ بارلىق چىقىملىرى ھۆكىمەت تەرپىدىن كۆتۇرۋىتىلگەن ،بۇمۇ ئىچىدە .

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:51:57

يەر خىتى بولسا يەر خەت كىمنىڭ نامىدا بولسا باجنى شۇ تولە. مىنىڭ قورايىىم دادامنىڭ نامىدا دادامدىن ئالسۇن بىجىنى مىنىڭ چاتىغىم يوق ئىشقىلىپ:funk:

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:52:22

يەر خىتى بولسا يەر خەت كىمنىڭ نامىدا بولسا باجنى شۇ تولە. مىنىڭ قورايىىم دادامنىڭ نامىدا دادامدىن ئالسۇن بىجىنى مىنىڭ چاتىغىم يوق ئىشقىلىپ:funk:

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 10:58:33

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 10:47 static/image/common/back.gif
ئۇنداق تىگىشىلگەن ئۆيلەرنىڭ بارلىق چىقىملىرى ھۆكىمە ...

رەھمەت

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 12:12:15

قايسى كۈنى قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پروگراممىسدا مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق مۇلاھىزە بولدى.خاڭجۇ شەھىرىدە مەلۇم بىر ئۆي مۈلۈك شىركىتى سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن بىر يىل ئاۋالقى باھانىڭ يېرىمىغا ئۇدۇل كېلىدىغان باھادا سېتىش تەشۋىقات قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن ئۆي ئېلىپ بولغانلار تۆلەم تەلەپ قىلىپ داۋالىشىپ داۋانىڭ ئايىغى چىقمىغان بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ سۆزلىدى. بۇنداق ئىشلار ئەمدى ئەتراپىمىزدىمۇ يۈز بەرگۈدەك!

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 13:15:31

ئۈرۈمچىدىغۇ خېلى بولغان بۇ پاراڭلارنى ئاڭلاۋاتقىلى مۇنبەرگىمۇ چىقىپ بوپتۇ مانا

tureli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:36:51

بولسا ئۆي باھاسى ئەرزانلاپ كەتسۇن.

Bari يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:00:01

بۇ سىياسەت بايلار ئۈچۈن قاملاشمىغان سىياسەت، لېكىن يۇقسۇللار ئۈچۈن ياخشى سىياسەت بوپتۇ دەپ ئويلىدىم  ئۆزەمچە …… ھى ھى

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:05:54

قورو جايلىق ئۆيلەرمۇ مۇش سىياسەتكە چۈشەمدىكەن ياكى تاۋار ئۆيلەرمۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 17:23:57

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 10:52 static/image/common/back.gif
يەر خىتى بولسا يەر خەت كىمنىڭ نامىدا بولسا باجنى شۇ تول ...

سىلىگە قەتئى گەپ كەلمەيدۇ ، ئۆي بىجىنىڭ گىپى چىقسا ئىجارە ئولتۇرۇۋاتىمەن دەپلا قۇتۇلسىلا

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 17:26:55

80  دىن ئېشىپ كەتسە چاۋسۇ چىقىدىكەن دە
رەھمەتلىك چوڭ دادامنىڭ 11بالىسى بار......ھازىر نەۋە چەۋرىلەرنى قاتسا بىر ئۆيدىن 3 نەۋرە بار دىسەممۇ بىر بازارنىڭ ئادىمى بۇلۇپ كەتتى ھازىر...
باج ئالىمىز دىمەي كىشى بېشىغا 80 كىۋادىرات مىتىردىن ئۆي سېلىپ بىرىمىز دەپ قالسا زە....{:87:}
بەت: [1] 2
: ئىزدىنىشلىقلار مۇنداق خەۋەر ئاڭلاپ باققانمىدۇ؟