TOQQUZ9TOQQUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 12:38:19

تەشتەكتە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش

توققۇز

1 . كۆچەت يېتىشتۈرۈش

كۈز پەسلىدە ھەر قايسى يۇرتلاردا ئۆستۈرۈلىۋاتقان ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قىشلىق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆچەتلەرنى ئەتىيازدا ئۇرۇقىدىن تېرىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆستۈرگەن كۆچەتنى ئۇلاق ئاستى قىلىپ، دانىسى چوڭ ، رەڭگى چىرايلىق، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان سورتلارنى شۇ يىلى ئۇلاپ يېتىشتۈرسە بولىدۇ. پەرۋىش ياخشى بولسا بۇ خىل كۆچەت كېلەر يىلى مېۋىگە كىرىدۇ. ساغلام كۆچەتنى بازاردىن سېتىۋېلىپ  تىكىپ ، ئۇلىسىمۇ بولىدۇ .
دىققەت : بازارلاردا قەلەمچە قىلىنغان كۆچەت ، نوتا باستۇرۇلۇپ يېتىشتۈرۈلگەن كۆچەت كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ خىل كۆچەتلەرنىڭ شارائىتقا ماسلىشىشچانلىقى ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتكە تاقابىلچانلىقى، ئۇرۇقىدىن تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن كۆچەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇرۇقىدىن تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن كۆچەتلەرنى ئۇلاق ئاستى قىلىپ، ئېھتىياجلىق سورتلارنى ئۇلاش كېرەك .
2 . تەشتەك ئۇزۇق توپىسى رېتسىپى

تەشتەكنىڭ ھەجىمى چەكلىك . كۆچەت بىخلىنىش ، غۇنچىلاش ، چېچەكلەش ، مېۋىلەش قاتارلىق جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە تۇپراقتىن ئۇزۇق ئالىدۇ . شۇڭا تۇپراق بوش ، مۇنبەت ، سۇ سىڭىشچانلىقى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولۇشى كېرەك . تەشتەك توپىسىنى تەييارلاشنىڭ رېتسىپى ( بىر كۇب مېتىر ئۆلچەم قىلىنىدۇ )
مۇنبەت ئېتىز توپىسى ( پىيازلىقنىڭ توپىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى ) تۆت ئۈلۈش ، ئۆستەڭ قۇمى ئۈچ ئۈلۈش ، تولۇق سېسىغان قوي قىغى ئۈچ ئۈلۈش ، بىرىكمە ئوغۇت 1.5 كىلوگىرام ۋە ئۇۋىتىلغان توخۇ ياكى كەپتەر مايىقى 10 كىلوگىرام ، باۋستىن (多菌灵) ياكى مېتىل توپسىن (甲基托布津 ) 80 گرامنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ .
3 . ئۆستۈرۈش پەرۋىشى

4 – ئاينىڭ 1 – ھەپتىسى تىكىش مۇۋاپىق . تىكىشتىن بۇرۇن تەشتەك ئاستىغا تاسقالغان يىرىك شاخاردىن ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىتىمىز ، ئاندىن تەييارلىۋالغان ئۇزۇق توپىسىدىن ئازراق تەشلاپ ، كۆچەتنىڭ يىلتىزلىرىنى تەكشى يېيىپ تىكىش كېرەك . كۆچەتنى ئېگىزلىكى 45 سانتىمېتىر ، ئاساسىنىڭ دىئامېتىرى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئادەتتىكى تەشتەككە تىكىش كېرەك . مۇمكىن بولسا تېمىتىپ سۇغارغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . تىكىپ 15 كۈندىن كىيىن تەشتەكنى ئاپتاپ جايغا قويۇش كېرەك . كۆكلەپ نوتا ئېگىزلىكى 15 سانتىمىېتىر بولغاندا ئۇچى ئۈزۈلىدۇ ( كۆكلەپ ھەر 15 سانتىمېتىردا بىر قېتىم داۋاملىق ئۈچى ئۈزۈلىدۇ ). ياندىن كۆكلەپ چىققان شاخلاردىن ئەڭ ئۈستىدىكى بىرىلا قالدۇرۇلۇپ باشقىلىرى پۇتىلىدۇ . غولى ۋە يىلتىزىنىڭ يوغىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . تەشتەك ئىچىگە مۇۋاپىق شەكىلدە تىرەك جازا ياساپ ، غولى جازىغا ياماشتۇرۇلىدۇ .
4 . سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش

كۆچەتنى تىكىپلا سۇ كۈنى ئادەتتىكى سۇدا قاندۇرۇپ سۇغىرىش كېرەك . 15 كۈندىن كىيىن قىغ ئېرىتمىسى بىلەن سۇغىرىش ، ئايدا بىر قېتىم ئۇۋېتىلغان قىغ ۋە ئۈچ ئېلىمىنتلىق ئۇغۇت بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك . ئۇغۇتلىغاندا قىغ ھەر بىر تۈپكە 300 گىرامدىن ، خىمىيىۋىي ئوغۇت 5 گىرامدىن توغرىلانسا بولىدۇ .
تىكىپ 40 كۈندىن كىيىن ( 6 – ئايدا ) ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم جەمئىي ئۈچ قېتىم %0.2لىك كالىي دى ھىدروفوسفات (لىنسۇەنئېرچىڭجيا 磷酸二氢钾) بىلەن %0.2لىك ئۇرېيە ( نىياۋسۇ(尿素ئېرىتمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ پۈركۈش،  ئوزۇقلۇقلارنىڭ دەرەخ تېنىگە يىغىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
بور ئوغۇتى پۈركۈش: چېچەكلەشتىن ئىلگىرى %0.2 - %0.3 لىك بور كىسلاتاسى (پېڭسۇەن 酸硼) نى 1 قېتىم پۈركۈش ياكى %0.2 لىك بوراكس (پېڭشا 砂硼) ئېرىتمىسىنى 5 كۈندە 1 قېتىمدىن 2 - 3 قېتىم پۈركۈش لازىم.

ئىزاھ : كۇچارنىڭ ئادەتتىكى شارائىتى ئاساس قىلىندى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:12:58

yahxi tema

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 22:58:15

ئىسىل تىما {:112:}{:112:}{:112:}بىزمۇ يىزا ئىگلىك تىخنىكىسغا مۇھتاج ،تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قاممىسۇن:):):)
بەت: [1]
: تەشتەكتە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش