قولايلىق Google تەرجىمانى(قورال)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tayirT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 14:33Google تەرجىمانىنىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ.
ئۆزبەكچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان ھەرىپلەرگە ئالماشتۇرۇپ قويدىغان قىلغان .
Net سۇپىسىدا ياسىغان 4.0 نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالساڭلار نۇرمال ئىشلەيدۇ. توردىن dotNetFx40_Full_x86_x64 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويساڭلارلا بولدى.
خەت نۇسقىسىغا ALKATIP Tor.TTF نى ئىشلەتكەن .
دەسلەپ ئىچىلغاندا سۆزلۈك ئامبىرى يوق دەپ ئۇچۇر كۆرسىتىدۇ. كۆزنەك ئېچىلىپ بولغاندا سۆزلۈك چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بوشلۇققا يوللانغان سۆزلۈكلەرنى چۈشۈرۋېلىپ ئىشلەتسەڭلار بولدۇ. ئويغۇرچىغا ئۈرىگەندە سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ ئاسان بىلىشكە قولايلىق بولدۇ.
تېكىست ئوقۇش دىگەننى باسساڭلار ئەسلى تىكىست كۆزنىكىدىكى خەتلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ. سۆزلۈكنى كىرگۈزۈپ بۇلۇپ تەرجىمە قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسساڭلار ئۆزبىكچىگە ياكى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىدۇ(ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان تۈرلىرىنى قۇشۇپ قويدۇم). ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىغا نى باسساڭلار كونا يىزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.
ئۆزبەكچە ئۇيغۇرچە سۆز دىگەننى بېسىپ ئۆزبەكچە ئۇيغۇرچە سۆز قۇشۇۋالساڭلار بولىدۇ.(ئۆزبىكچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچ يىزىقىغا ئۈرىگەندە بىز كىرگۈزۈپ قويغان خەتلەرنى ئىشلىتىپ ئۈرۈيدۇ )،
سۆزلۈكنى قوشۇپ بولغاندا تىزىملىكتى خەتلەرنى ساقلاش نى باسساڭلار كىرگۈزگەن خەتلەرنى بوشلۇققا يوللاپ قويىدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى كام بولغاندا ھەر كۈنى بىر يېڭىنىپ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە چىقىرىپ قۇيۇلىدۇ.
http://tayir.net/Soz/Tejime.exe
رەھمەت،قنى بىر سىناپ باقايلى رەھمەت، كۆپ ئەجىر قىپسىز. ئاللاھ رازى بولسۇن ئىشلىمەيدىكەنغۇ ؟:'( قانداق ئىشلىمىدى ؟ يازغان خەتلەرنى تەرجىمىسىنى تاپالمىدىمۇ ياكى بۇ قورال ئېچىلمىدىمۇ ؟ ئېنىقراق دىسىڭىز بۇپتىكەن.
تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا كۆپ رەھمەت !!!
بايقىغان خاتالىق ياكى قۇشۇشقا تىگىشلىك تەرەپلىرى بارمۇ ؟ ئويلىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار. ئاددى قورال بولسىمۇ مۇكەممەلراق بولسا كۆپچىلىككە پايدىسى تىگىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 13:01
مېنىڭكىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان سۆزلەر سىزنىڭكىدەك نورمال ئەمەس، خەتلەر ئۇلانمىغان، خەت شەكلىمۇ بەك سەت. يېڭى سۆز قوشقىلى بولمىدى. ئالما كومپىيوتىردا ئىشلەمدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tayirT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 15:27
Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:56 static/image/common/back.gif
مېنىڭكىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان سۆزلەر سىزنىڭ ...
ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇلانمىغان بولسا سىز تېخى XP ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايسىز. ئەلكاتىپ كىرگۈۈزگۈچنى قاچىلاپ قۇيۇڭ. خەتلەر ئۇلىنىدىغان بولىدۇ. ھەم خەت نۇسقىسىمۇ بىللە قاچىلىنىپ قالىدۇ.
سۆزنى قۇشۇپ «تاللىغان سۆزنى ئۆزگەرتىش» نى باسسىڭىز ئۆزگەرتىپ ساقلايدۇ . «يېڭىدىن سۆز قۇشۇش» نى بىر بېسىۋېتىپ سۆز كىرگۈزگەن بولسىڭىز يېڭىدىن سۆز قۇشۇپ ماڭىدۇ. سۆز قۇشۇش كۆزنىكىنى تاقاشتىن بۇرۇن «تىزىملىكتىكى خەتلەرنى ساقلاش» نى باسسىڭىز يېڭىدىن قوشقان خەتلەرنى يىزىق ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىلىدۇ.
دىتالغا ئىشلىتىلگەن خەت نۇسقىسى يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى خەت نۇسقىسى . رەھمەت ، لاھىيەلىنىشى Windows 98نى ئەسلىتىپ قويدىكەن SAYAHET يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 14:30 static/image/common/back.gif
ئالما كومپىيوتىردا ئىشلەمدۇ؟
ھازىرچە ياق .
بۇ مىكروسوفىتنىڭ Net سۇپىسىدا تۇزۇلگەن . شوڭا نۇرمال ئىشلىمەيدۇ. Antonio يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 15:18 static/image/common/back.gif
رەھمەت ، لاھىيەلىنىشى Windows 98نى ئەسلىتىپ قويدىكەن
سىزنىڭكىدە ئۇنداق سەت كۈرۈنمەيدۇ. كومپيۇتېرىمنىڭ ئۇسلۇبىنى شۇ شەكىلدە تەڭشىۋالغان . tayirT يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 15:19 static/image/common/back.gif
ھازىرچە ياق .
بۇ مىكروسوفىتنىڭ Net سۇپىسىدا تۇزۇلگەن . ...
رەھمەت ، تولىمۇ قوللىنىشچان ئەپلىك دىتالكەن. مەنمۇ چۇشۇرۇپ ساقلىۋالدىم. چۈشىرگىنىم تىمىدىكى رەسىمدىكىگە ئوخشىمايدىغۇ ئۆزۈم تەييارلىغان ئۆزبىكچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكنى كىرگۈزۈپ سىنىسام قاراپ تۇرىدۇ،يەنە ھەپىلىشىپ،تەرجىمە قىلىشقا بۇيرۇق بەرسەم مەن تەييارلىغان سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلەتمەي،توردىكى سىز تەمىنلىگەن ئامباردىن تەرجىمە قىلدىمۇ باشقا بىر نىمىلەرنى ئۆرۈپ چىقىرىپ بەردى.
مۇمكىن بولسا ئاۋۇ تىزىملىكتىكى تىللار قاتارىغا ئۇيغۇر تىلىنى قوشسىڭىز ئاندىن خالىغان كۆزنەككە ئۇيغۇرچە ياكى ئۆزبىكچە كىرگۈزۈپ ئاندىن تىزىملىكتىكى تىللاردىن ئەسلى تىلى بىلەن تەرجىمە قىلدۇرماقچى بولغان تىلىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىشنى باسساق،بىز تەييارلىۋالغان سۆزلۈك ئامبىرىدىن تەرجىمە قىلسا،تاپالمىغان سۆزلۈكنى توردىن تەرجىمە قىلسىمۇ بولىدىغان قىلسىڭىز،تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەنتۇق. بۇ دېتالنى قوزغۇتۇپ شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ گاڭگراپلا قالىدىكەنمىز، ھازىر ئۆزبىكچىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ بېرىدىغان دېتاللاردىن ئۇيغۇر سوفىتنىڭ مۇكەممەل دېيىشكە بولىدۇ،بۇ دېتالمۇ ئۇيغۇر سوفىتنىڭ دېتالى بىلەن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن.
يەنىمۇ تېرىشسىڭىز بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tayirT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 14:27
xinjiangtour يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 05:36 static/image/common/back.gif
ئۆزۈم تەييارلىغان ئۆزبىكچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكنى كىرگۈزۈ ...
سۆزلۈك قوشىدىغان كۈرۈنمە يۈزدىكى كۇنۇپكا خەتلىرىنى تۈزۈتۈپ قوياي. دىمىسىمۇ چۈشۈنىكسىز بۇلۇپ قاپتۇ.
سىز يېڭىدىن قوشقان سۆزلەر بىلەن 260 دەك سۆز بولدى. بوشلۇققا يوللاپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tayirT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 16:02
سۆزلۈك ئامبىرىغا كۆپ سۆزلەرنى قوشماقچى بولسىڭىز بۇمۇ ئاددى. مۇشۇ ھۆججەت بار مۇندەرىجىدە بىر دانە تېكسىت ھۆججىتى بار . شۇ ھۆججەتنى ئېچىپ ئۆز بىكچە بىلەن ئويغۇرچە سۆزلەرنى چاپلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئالدىغا ئۆزبىكچىسىنى ئارقىسىغا ئۇيغۇرچىنى قۇشۇپ ئوتتۇرغا پەش قۇيۇپ قويسىڭىزلا بولدى. پەشنى تېكسىت ھۆججىتىدىكى پەش بىلەن ئوخشاش قۇيۇشىڭىز كېرەك بولمىسا پەرىقلەندۈرەلمەي ئۇقۇشتا خاتالىق چىقىپ خاتالىق چىققان سۆزدىن باشلاپ ئاخىرىنى ئوقۇپ ئالالمايدىكەن .
بۇ قورالنىڭ مەقسىتى گوگىل تەرجىمانىنى توردىن ئېچىپ جۈملە ئابزاسلارنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلارغا قولايلىق بولسۇن دەپ تۇزىگەن. ئاساسلىق ئىقتىدارى گوگىل تەرجىماندىن پايدىلىنىپ باشقا تىللاردىكى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش، ئۆزبىكچە لاتىن يىزىقىدا بولغاچقا ئوقۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ئويغۇرچە ھەرىپلەرگە ئالماشتۇرۇپ بىرىش ئىدى.
ئۆزبىكچە سۆزلەرنى ئۇدۇللار ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ئالماشتۇرسا ئۇقۇشقا چۈشىنىشكە سەل قولايسىز بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ ئويغۇرچە ۋە ئۆزبىكچە ئوقۇلۇشى تۇپتىن ئوخشىمايدىغان سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ تېخىمۇ قولايلىق قىلىش ئىدى.
بۇ قورال كۆپچىلىككە يارىغان بولسا تۈزۈتۈپ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ مۇكەممەللەشتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئۆز بىكچىدىن باشقا تۈرۈك تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا خېلى يېقىن بىراق خەتلەرنى ئۇدۇللا ئۈرۈپ قويساق قاملاشمايدىكەن. شۇڭا ئۇ تەرپىنى قىلمىغان ئىدىم.
ئەسلى بۇ قورالنى ئۇيغۇر سوفىتتىكىلەر قىلسا تېخىمۇ قولايلىق ياخشى بولاتتى. ئۇلاردا بۇ تىللارنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى تۇلۇق ئىدى.
كۆپچىلىك پىكىر تەپكىلىپ بولسا بىرىپ تۇسا ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ماڭسام دىگەن ئۈمۈتتە.
كۇنۇپكىلارنىڭ خىتىنى تۈزۈتۈپ قويدۇم. خەت يازغاندا Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا خەت كىرگۈزۈپ ساقلايدىغان قىلىپ قويدۇم.
تۈزىتىپ قويدۇم قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلار
بەت:
[1]