KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:03:30

كارۋانبىز: "بىلىمدان" ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 14:58  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،

كارۋان بىز گۇرۇپپىمىز (كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن!) تەسىس قىلغان بىلىمدان تور ژۇرنىلى ئەتە (2015-يىلى 3- ئاينىڭ 1-كۈنى) ئېلان قىلىنىدۇ.  «بىلىمدان» تور ژۇرنىلى ئاممىبابلىق، ئىلمىيلىق، يېڭىلىققا ئىگە بولۇش، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، يېڭى ئىدىيەلەر، قىزىقىشىڭىزنى زەرەتلەيدىغان ئۆزگىچە قاراشلار بىلەن ئاممىباب ئۇيغۇر تىلىدا سىزگە ئىلىم-پەننى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان يېقىن سىردىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى. دۇنيادىكى ئىلمىي يېڭىلىقلار ۋە ھەر بىر كىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان بىلىمدان ژۇرنىلى ئۇيغۇر تىلىدا بۇ ساھەدىكى بىلىملەرنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشىدۇ، دەپ قارايمىز.
ژۇرنىلىمىز ئوكيان تورى «بىلىمدان» سەھىپىسىدە ھەر ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىلىمدان ھەققىدە چۈشەنچە

بىلىمدان - كارۋان بىز گۇرۇپپىمىزنىڭ كوزۇر سەھىپىسى. ئاممىباپلىق، ئىلمىيلىق، يېڭىلىققا ئىگە بولۇش ۋە قىزىقارلىق بولۇش بىلىمداننىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. بىلىمدان گەرچە بىر ئىلمىي ژۇرنال بولمىسىمۇ، ئەمما بىلىمدان ئىلمىيلىقنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاممىباپ ژۇرنالدۇر. بىلىمدان دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، يېڭى ئىددىيەلەر، ئوقۇرمەننىڭ قىزىقىشىنى زەررەتلەيدىغان ئۆزگىچە قاراشلارنى ئاممىباپ ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىشنى، شۇ ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا بىلىم بېرىش، شۇنداقلا بالىلار ۋە ياشلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىلىمدان ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرىمىز:

1. بىلىمدانغا پەقەت كارۋانبىز گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يازغان ئىجادىي ماقالىلەر ياكى ئىلمىي ئوبزورلار (خۇلاسە ماقالىلەر) يوللىنىدۇ، بىۋاستە تەرجىمىلەر يوللانمايدۇ. ئەگەر تەرجىمە قىلىنغان ماقالە بولسا ئاپتورلاردىن ئۆز چۈشەنچىسىنى قوشۇپ سېڭىشلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك قىلىپ يېزىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. بىلىمداندا پەقەت كەسىپ ئەھلىلىرى ئۆز كەسپ دائىرىسىدە يازغان ماقالىلەرلا ئېلان قىلىنىدۇ. بىلىمداننىڭ ئاپتورلىرى چوقۇم ئەڭ ئاز دېگەندە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق مائارىپىنى تۈگەتكەن ئىلىم-پەن، تېخنىكا ساھەلىرىدىكى كىشىلەردۇر. بىلىمدانغا ئېلان قىلىنغان ھەر بىر ماقالىنىڭ ئاپتورى شۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆزى ياخشى چۈشىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەشى شەرت.

3. بىز پاسكالنىڭ «خەتنى قىسقىراق يازغۇم بار ئىدى، ئەمما قىسقا يېزىشقا ۋاقتىم يەتمىدى» دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزىنى بىلىمداندىكى ھەر بىر ماقالىگە ئۆلچەم قىلىمىز. ماقالىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر قىسقا، پىششىقلاشتىن ئۆتكەن، ۋە مېغىزلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

4. بىلىمدان كارۋانبىز ئەزالىرىنىڭ پەقەت ئىلمىي ساھەدىكى ماقالىلىرى ياكى ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈپ يازغان ئىخچام، مېغىزلىق ۋە باھالاشتىن ئۆتكەن ماقالىلىرىنىلا قارشى ئالىدۇ.

5. بىلىمدان زامانىۋى كۈلتۈردە كىشىلەر توغرا ۋە ئىلمىي دەپ ئىشىنىدىغان، ئەمما ئىلمىي ساھەدە نۆۋەتتە ئىلمىيلىكى كەمچىل دەپ قارالغان قاراشلارغا ئەڭ يېڭى چۈشەنچىلەرنى بېرىشنى، ھەقىقىي ئىلمىي پاكىتلىق قاراشلارنى كىشىلەرگە سۇنۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى قىلىدۇ.

6. بىلىمداندىكى ماقالىلەر چوقۇم ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلمىي بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئۆزىمىز ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلمىي دەپ بىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز.

7. بىلىمداندا ئۇچرايدىغان بارلىق چەتئەل يەر جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى ئەسلى شۇ تىلدىكى ئەسلى ئوقۇلۇشىغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، گىئورگى بۇش ئەمەس جورج بۇش؛ مايئامى ئەمەس مايئەمى دېگەندەك.

8. بىلىمدان - يېڭى، كارۋانبىز گۇرۇپپىمىز ژۇرنال چىقىرىشتا ئوخشاشلا يېڭى. شۇڭا ئۆزىمىز ئويلىغاندەك ياخشى ژۇرنال چىقىرالىشىمىزغا بىر مەزگىل كېتىشى ئېنىق. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي قالىدىغان قىسمەن كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبئىي. بۇ ئەھۋالدا بىز خالىس قىلىۋاتقان بۇ ئىشىمىزدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىزگە كەڭ قورساقلىق ۋە مېھىر بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز چۈنكى بۇ ئىش مېھىر بىلەن باشلانغان.

ھۆرمەت بىلەن،

كارۋانبىز گۇرۇپپىسى


ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ. مەنبەسىنى karwanbiz.izdinix.com دەپ ئەسكەرتىڭ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 13:51:45

ژۇرنىلىڭلارنىڭ ۋورد نۇسخىسىنى، ئىشلەتكەن سۈرەتلەرنى تەمىنلەپ بەرسەڭلار يانفون پ د ف قا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەپ بېرەي

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:17:03

نادىر ماقالىلار بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرغۇدەكمىز- دە ئەمدى. ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:10:33

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-02-28 13:51:45 static/image/common/back.gif
ژۇرنىلىڭلارنىڭ ۋورد نۇسخىسىنى، ئىشلەتكەن سۈرەتلەرنى
مەنمۇ ئاشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولساممۇ، لېكىن يېڭى باشلىنىشىدىلا گېپى تۈگىمەيدىغان بالىلاركەن دەپ قالمىسۇن دەپتىكەنمەن…:shutup:

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:12:12

ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولغاي! :handshake:victory:

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:17:11

بەك ياخشى بوپتۇ، قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمىز، گۈللەپ كەتكەي.

putaki يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:24:45

{:112:}

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:13:53

يېڭى ماقالە بارمىكىن دەپ كۈندە قارايمەن ماۋۇ ئىزدىنىشتىكى كارۋان بىز سەھىپىسىگە.

غەيرەت قىلىڭلار!!!!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:59:28

  بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ، ھازىر كاپاننا گىنراتورى دەيدىغان بىر نەرسە چىقىپ ھەۋەسكارلارنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيىۋاتىدۇ. ئاندىن تەبئى ماگىنىتلىق سىرتقى ئىنىرگىيەگە تايانماي ئايلىنىپ توك چىقىرىدىغان نەرسىلەرمۇ بار.  مىنىڭ قارىشىمدا ئەلۋەتتە ھەممىسىلا تېخنىكىلىق كۆز بۇيامچىلىق...
  بىرلېرىدە كوندىساتور ئەمىليەتتە باتارىيە، بىرلېرىدە مىس سىم ئورام شەكلىدىكىسى ئىنچىكە لىتى باتارىيسى...
  كاپاننا گىنراتورى بولسا سۇقما سىگنال ئارقىلىق بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈمىزنى ئالدايدىغان قۇرۇلما.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:26:07

«كارۋان بىز»نىڭ ئۇلىنىشى ئېچىلمايۋاتىدۇ، ژۇرنالنى كۆرەلمەي قالمىسام بولاتتىغۇ؟ {:90:}

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:41:19

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 13:51 static/image/common/back.gif
ژۇرنىلىڭلارنىڭ ۋورد نۇسخىسىنى، ئىشلەتكەن سۈرەتلەرنى  ...

رەھمەت سىزگە ھارۇنجان. بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ 1-سانى 15 مېنۇت ئىلگىرى ئېلان قىلىندى. پ د ئەف نۇسخىسىنى ئوكيان تورىدىكى بىلىمدان سەھىپىسىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ: http://eser.okyan.com/Bilimdan/
ئىزدىنىش كارۋانبىز سەھىپىسىدە بىز بىلىمداندىكى ماقالىلەرنى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىمىز، سىز يانفون نۇسخىسىنى ئىشلەپ ئۇلىنىشىنى  مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئاستىدا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويسىڭىز تولىمۇ مەمنۇن بولىمىز.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 17:57:22

چۈشۈرىۋالدىم، قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت، ئەجرىڭلاردىن ئالەمچە مەمنۇنمىز، رەھمەت!

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 22:04:15

رەھمەت ،مەن چۈشۈرۈپ ئوقۇۋاتمەن

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 23:05:57

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 14:41 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە ھارۇنجان. بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ 1-سانى 15 مې ...

بولىدۇ ساقلاي ئەمىسە
ئاۋۇ pdfنى ۋوردقا كۆچۈرۈش ئۈچۈن بەك جىق ۋاقتىم كەتكۈدەك، ئۇنىڭدىن كۆرە  لايىھەنى قالدۇراي،  مۇشۇ لايىھە بويىچە ئىشلەپ باقساڭلار  ھازىرقى يانفونلارغا ماس كېلىدىغان pdf ئىشلەپ چىققىلى بولىدۇ
ئەسكەرتىش: مەن مەرھۇم ئابلەتجان ئاكا تۈزگەن بەت لايىھەسىنى ئىسلاھ قىلىپ ھازىرقى يانفونلارغا ماس ھالەتكە ئەكەلدىم
بەت ئۆلچىمى:
文件 دىن 页面设置 نى ئېچىپ  قەغەزنى ئۆزى بەلگىلەش ئورنىدىن كەڭلىكىنى 6.5厘米 ، ئىگىزلىكىنى 12厘米 قىلىپ تەڭشەيمىز.  بەت يانلىرىنى 0.2厘米 قىلىمىز. . خەت نومۇرى 10.5 بولسا بولىدۇ.
بەت رەڭگى سۇس سېرىق تەڭشەلدى، ئوقۇغاندا كۆزنى تالدۇرمايدۇ
ئايلاندۇرۇشتا dopdf دېتالى قولاي، تەڭشەش ھاجەتسىز بەت يۈزىنى ئەينەن ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ

تەڭشىيەلمىسەڭلار ھۆججەتنىڭ ئىچىدە تەييار قېلىپ ئۈلگىلەرمۇ ، لازىملىق دېتاللامۇ بار چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ
http://kuai.xunlei.com/d/K5QpEAJdDgCbP-NU2b9
بەت: [1]
: كارۋانبىز: "بىلىمدان" ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ