ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:25:50

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 1-قىسىم يوللاندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 10:27  

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 1-قىسىم تارقىتىلدى
ئەرقال تاراتقۇسى
www.erqal.com
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. نەتىجىدە ساغلام ھايات يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش تۈرى چېمپىيون بولدى. KAYDIYA گۈزەللىك قۇرۇلۇشى زەنجىرسىمان ئىگىلىكى تۈرى بىلەن ئەمىر ئىشتان تىكىش زاۋۇتى قۇرۇش تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا 100 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچى بولغان گۇرۇپپا 60 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچى بولغان گۇرۇپپا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 1-قىسىم
http://erqal.com/uyghur/html/2015/0226/59-68.html











aral52 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:13:43

ئالما تېلېفۇنغا ئەرقالنىڭ ئەپنى قاچىلىسا قاچىلانماس بولۇپ قاپتۇ..ئوڭشاپ قۇيۇڭلا..ئاندىرويىدنىڭ نۇرمال ئىكەن

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:31:42

ياخشى ئىشلارتىزراق ئەمەلگەئاشقۇسى..

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:09:18

نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىلىملىكلەر توپلانغان سورۇنلاردا ھەم شۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشكە بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا بىر توقام باشقا سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ؟:@:@:@:@

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:12:21

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ياتاقتا كىم ھەلەق گەپ قىلسا ياتاقتىكى ھەممەيلەن شۇنى بىردىن شاپىلاق ئۇرۇپ چىقىدىغان قائىدە تۈزىۋالغاندۇق. مۇشۇنداق سورۇنلارغىمۇ شۇنداق قائىدە بەلگىلەپ، كىمكى ئەبجەش سۆزلەيدىكەن ...............قىلىدىغان قىلسا بولامدىكىن دەيمەن:lol:lol

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:14:04

bigim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 16:53:19

مىنىڭكىدە فىلىم قۇيۇلمىدى، سەۋەبىنى بىلەلمىدىم؟

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 17:33:30

پاھ پاھ قاچاندا بىزمۇ شۇنداق ئىگىلىك تىكلەرمىز ھە!!!
كارخانىچىلار غەيرەت قىلىڭلار

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:08:35

دۇرۇس... ئەبجەش سۆز بولۇپلا قالماي، دەرىسنى خەنزۇچە تۈزۈپ ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغان گەپكەن.....

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:38:27

بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن كارخانچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى پارلاق نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىپ يەتتىم ،تەسەۋۋۇردىكى ئاشۇ گۈزەل پىلانلارنىڭ تېزراق ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشمەن .بىزمۇ چوقۇم بىر كۈنى ئۆز زاۋۇتلىرىمىزدا ئىشلەنگەن ،تىكىلگەن كىيىملەرنى كېيەلەيمىز ،قەشقەردەك قەدىمىي بىر ئەزىز يۇرۇتتا تىلغا ئالغۇدەك بىرەر زاۋۇتنىڭ بولماسلىقى ئىچىمىنى ئاچچىق قىلىدۇ .
فىلىمنىڭ ئاخىرىغا تەقەززامىز.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:41:01

ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ ۋىفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلمامسىلەر ؟

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 06:22:00

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 16:13 static/image/common/back.gif
ئالما تېلېفۇنغا ئەرقالنىڭ ئەپنى قاچىلىسا قاچىلانماس ب ...

مىنىڭ ئالما ئېپاد تا نۇرمال ،ئەڭ ئېسىل تاراتقۇ مۇشۇ بۇپ قالدى ھازىر تۇرمۇشىمىزغا ئارلىقى ئەڭ يېقىن تاراتقۇ ئەرقالنىڭ تاراتقۇسى،تىلفۇنۇم ۋە ئېپاد تا قاچىلاغلىق كۈندە تۇنجى بۇلۇپ كۈرىدىغىنىم ئەرقالنىڭ تاراتقۇسى بىلەن شاڭگاڭنىڭ سۇمرۇغ تاراتقۇسى

Azad يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 07:22:10

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:09 static/image/common/back.gif
نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىلىملىكلەر توپلانغان سورۇنلاردا  ...

ئانا تىلنى قەدىرلەيلى دەپ بىر شوئا توۋلاڭە، مۇشۇنداقلار بىرىنچى بولۇپ سەكرەپ چىقىدۇ، بىر ئۆرۈلۈپلا مىللەتسۆيەر بولۇپ كېتىدۇ.
كۆپىنچى ھاللاردا مۇنداقلار شوئارنى كۆپ قىلغىنى بىلە ن ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ.
شۇنداق كارخانىچىلارنى كۆردۈمكى، ۋاي ئۇيغۇرۇمنىڭ مېلى، ئۆزىمىزنىڭكى قوللايلى دەپ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ساتقان بىلەن.
ئۆزى قەتئىي ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەتمەيدۇ.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:42:28

چۈنكى قۇدرەت ياقۇپ مىنكوخەن، ئۇيغۇرچىنى ئاساسەن چۈشەنسىمۇ، ئۇنداق كەسپى ئاتالغۇلارنىڭ نەق تەرجىمىسى دېگەنلەردە قىيلىنشى مۇمكىن

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:08:32

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 2-قىسىم تارقىتىلدى
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!
http://erqal.com/uyghur/html/2015/0301/4159-68.html

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 14:57:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 15:13  

sawr55 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 19:38 static/image/common/back.gif
بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن كارخانچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈس ...

قەشقەردە تا ھازىرغا كەلگۈچە زاۋات چوڭراق زاۋۇت قۇرۇلمىدى، ئەمما قەشقەردىن چىققانلار قەشقەردىن باشقا يەردە، شىركەت ، زاۋاۇت قۇردى، قۇرىۋاتىدۇ....
نىمە ئۈچۈنلىكىنى قەشقەردىن چىقىپ باشقا جايدا،شىركەت ،  زاۋۇت قۇرغانلار ئوبدان بىلىدۇ:lol
قايسى كۈنى بىنا سالدىغان خۇجاينىلا بىر گەپنى قىپ بەرىدى...
ئىچكىردىكى مەلۇم بىر قۇرۇلۇش سودىگىرى قەشقەرگە قۇرلۇش قىپتۇ، بىنامۇ پۈتۈپتۇ...لىكىن ھېچ ئالدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق، دىرى بولسمۇ بىر ساتاي دەپ ئېلان چىقىرىپ ساراڭ بوپ كەتسىمۇ ئالدىغان ئادەم چىقماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن  ئۇ سودىگەر  قەشقەردىكى قۇرۇلۇش سودىگەرلىرىنى مىھمان قىلىپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە ئىزىدىن سەل زىينىغا سېتىپ ، ئۆزى ئولتۇردىغانغا سالغان500مىڭلىق ياسىداق ئۆيىنى 350مىڭ غا قۇرۇلۇشنى سېتىۋالغان قەشقەرلىكە سېتىپ،چامداننى سۆرەپ ئايرودىرومغا  بارغىچە ھېلىقى يولداش مۇنداق دەپتىمىش: غەرىپنى ئاچىمىز ، تەرەققي قىلدۇرىمىز دەپتى ھە  دەپ كەلسەم   مىنىڭ پۇلۇمغا تەرققى قىلىدىكەن ئەمەسما، ئىككىنجى قەشقەرگە دەسسەيدىغان بولسام....

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:45:19

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 21:41 static/image/common/back.gif
ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ ۋىفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلمامسىلە ...

ۋىنفۇنغا تور ئادىرسىنى باسسىڭىزلا بولدى  ئەپنىڭ لازىمى يوق

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:49:29

ھەقىقەتەت خۇشاللىق ئىشلار بۇلۇۋېتىپتۇ    .بۇندىن كىيىن گەپ _سۆزگە دىققەت قىلىڭلار   ياكى بىراقلا خەنزۇچە  سۆزلىشىپ  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىڭلار

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 22:28:53

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمىنىڭ 3-قىسىمى ئېلان قىلىندى!
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!


http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0303/4229-68.html
بەت: [1]
: 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 1-قىسىم يوللاندى