jeSat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:17:08

جەسەت؛ مۇنچا

مۇزلىغان تەن


مۇزلىغان تېنىمنى سەندىن يۇشۇرۇپ،
قۇشلاردىن ياشاشنى ئۆگەندىم قايتا.
چۇۋۇلغان بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ،
ساتىمەن سۆيگۈنىڭ بازارلىرىدا.

چېچىلغان سۆڭىكىم قىلار تەنتەنە،
ئاھ، مېنىڭ تۈگىمەس كۆز-ياشلىرىمغا.
مۇھاببەت،مۇھاببەت..قەلبىمدە مېنىڭ،
بىر نۇرلۇق سەھەردىن باشلىنار يىغا.


بىر بەتتام ناخشىغا توۋلىيالمىدىم،
تۈن كېچە گۆرىمدىن چىقتىم يالىڭاچ.
سېغىنىش دەھشىتى ئەزدى دېلىمنى،
‹ئاللا دەپ ماكانسىز سوغ باغرىڭنى ئاچ!›


قەلەندەر

مەن سېنى سۆيمىدىم تېخى بىر قېتىم،
سەنمۇ ھەم سۆيمىگەن مېنى ھېچقاچان.
مەن يىگىت،سەن ئۈچۈن يىغلىيالايدىغان،
مەن يىگىت،سەن ئۈچۈن يىغلىيالايدىغان!

رەھىمسىز تۇرقۇڭنى ئۇنتۇپ كەتمىدىم،
سەن بەلكىم ئالۋاستى ھۇۋلىغان ماكان.
مەن سۆيگۈ ئىلاھى يوقسۇل،قەلەندەر،
مۇھاببەت قەلبىمنى قىلغان مالىمان!



بۇ ئۇزۇن جىمجىتلىق سىقار ئىچىمنى،
ئىزدەيمەن ناتۇنۇش مۇزدەك قەبرەمنى.
قەلبىمدە بىر ناخشا،ناخشا بار ناخشا،
كىرپىكڭگە مىخلىۋەت مېنى!!!!!


تۇغۇلغان ئىككىمىز ئىككى قىتئەدە،
يالغانغا كۆنۈك-ھە،بىزدىكى يۈرەك.
ئۆلۈپمۇ كەتمىدىم،قېرىشقاندەكلا،
سەنمۇ ھەم ئۆلمىدۈڭ مېنىڭدىن تىزرەك.


قەلبىمدە ناخشا بار ناخشا بار ناخشا،
ئۇ سۆيگۈسى ناخشىسى،سۆيگۈ ناخشىسى.
مەن سېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپلا ئۆتتۈم،
سۆيمىدىڭ،سۆيمىدىڭ ،مېنى ھېچكىم سۆيمىدى..




قانخور يىغا


يالقۇنلۇق تۈنلەردە كۈيۈپ تۈگەيمەن،
بىر مىسرا شېئىرمەن چىكىتلىرى بوش.
مۇھاببەت ئۆلۈمگە سېلىنغان سىرتماق،
مەن ماڭدىم ئۆلۈمگە دوستلار خەير-خوش!


يانجىلغان روھىمدا جاننىڭ ئۆركىشى،
كەل نىگار بۈگۈن كەچ چانايمەن سېنى!
مۇھاببەت دەردىدە مۈكچەيدى تېنىم،
چۈشۈمگە ئوغرى بوپ كىرمىدىڭ تېخى.


ئىگىز بىر ھىجراندىن تاشلايمەن قەدەم،
ئۇرۇقلاپ كېتىمەن قاراشلىرىڭدىن.
بەك يىراق قىتئەدىن ياشاپ كەلدىممەن،
ئۆچ ئالغۇم كەلمەيدۇ قانخور يىغىدىن!




گۇندىپاي A


بىر ياۋۇز ئەبلەخ مەن ھۆركىرەپ تۇرغان،
ئىشكىنى ئېچىۋەت رەزىل گۇندىپاي.
‹بۇ كېچە سەن يالغان، مۇھاببەت يالغان!›
ئامالسىز ياشايمەن شېئىر يازالماي.


يارىدار كېيىكمەن قان-ياشقا تولغان،
بىر گۈزەل ۋەھشىيلىك قۇترار تېنىمدە.
مۇھاببەت..مۇھاببەت..قەلبىمدە مېنىڭ،
بەخىتىسز كۈنلەرنىڭ كېرىكى نېمە؟


تەبىرسىز باھاردا قۇشلار بىناۋا،
چېقىلغان ئەينەكتە كۆردۈم يۈزۈڭنى.
بەك شېرىن ! رەزىللىك چىرمىغان خىيال،
بولدى بەس! ئۇنتۇپ كەت ، سېغىنما مېنى!




مۇنچا

‹مۇنچىنى تاقايدۇ ياۋۇز بىر ئەبلەخ›
سەگىتەر تېنىمنى قومۇش پۆپىكى.
ئشىكىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم سۇ بۇلۇپ،
قەلبىمدە يانقۇنجار مۇھاببەت ئوتى!


قېشىمغا كەلگىنە،سۆيۈملۈك بۆرەم،
قېنىمنى دان قىلىپ چاچاي يوللارغا.
مەيلى سۇنۇپ كەتسۇن بىلىكىم،
پاسىقلىق ھۇۋلىغان سۈزۈك قوللاردا


بۇلاقتەك كۆزۈڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ،
جەسىتىم باغرىڭدا قىلار تەنتەنە.
سەن ئۆلۈك جەسەتنى تىنماي غاجىلاپ،
ئېھ،ئەزىز تېنىڭنى سالدىڭ بازارغا،




40 يىللىق ئوت


بۇ يوللار ئەزەلدىن تىكەنلىك ئىدى،
مەن ئۇرۇق مىسرادىن چىققان يوغىناپ.
توزۇغان پەيلىرىڭ چىقماس ئېسىمدىن،
ئەڭ شاللاق تېنىڭنى چىقتىم مەن يالاپ!


ئۈششۈگەن ھېسلىرىم ھىجرانغا شېرىك،
شەرمى-سار تۈنلىرىم ئوينار تېنىڭدە.
مەن جاللات،بېشىڭنى چۇۋۇيمەن جېنىم،
مىڭ يىللار ئىلگىرى كەلدىم ئۆيۈڭگە.



يىتىمەك قوۋرۇغام سۇنار غاراسلاپ،
ئىسمىڭنى ھەجىلەپ باقتىم ئۆزۈمچە.
مۇشۇ يول-ئالۋاستى ھۇۋلىغان ماكان،
قىرىق يىل ئوت بۇلۇپ يۈردىڭ ئىچىمدە!

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:26:20

بۇ شۇ پاڭجىچاڭدىكى ئاداش شۇ چىغىۋا.

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:52:43

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 11:26 static/image/common/back.gif
بۇ شۇ پاڭجىچاڭدىكى ئاداش شۇ چىغىۋا.
كىم ئۇ پاڭجىچاڭدىكى؟
_________________________________________________
ماۋۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتورى قاراقاشلىق مەمەت ئۆمەر دېگەن ئوقۇتقۇچى بالا...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 13:58:46

قىرىق ياشقا كىرىپتۇدە،بورىگە دان چېچىپ يۈرۈپ.:lol

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:30:39

شېئىرلار كىيىم كىيىشكە باشلاپتۇدە:lol

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 13:14:27

سىزگە قول قۇيىمەن مەمەت ئۆمەركا

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:22:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuwruk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 19:23  

گوردىكى  جەسەدتەك سۇرلوكلا شېرلارغۇ بۇ ...{:101:}

nijaset يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:44:10

ناچار ئەبلەخنىڭ ياخشى شې:lolئىرلىرى

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:34:50

ئەگەر سەن ئۆلسەڭ ئەڭ ياخشى شىئېر بارلىققا كىلەمۇ ؟
بەت: [1]
: جەسەت؛ مۇنچا