dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:53:42

بۈگۈن كېچىككەنلەردىن پۇل تۇتۇلمايدۇ

يۈ پىڭ
   شىركىتىمىزنىڭ يوقلىما بەلگىلىمىسى ناھايىتى قاتتىق. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ئىشقا كېلىمىز، سەللا كېچىكىپ قالدۇقمۇ بولدى، مۇۋاپىق باھانە تاپالمىساق، مۇكاپات پۇلىمىز 100 يۈەن كېمىيىپ كېتىدۇ. ئىشخانىمىزدىكى بىر نەچچەيلەن دائىم كېچىكىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاجايىپ قالتىس باھانىلىرى بار: شياۋ چىن دائىم پىكاپىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، لاۋ ۋۇ مىجەزى يوقلۇقىنى دەستەك قىلىدۇ؛ لاۋلى ئون باھانىسىنىڭ سەككىزىدە ‹‹قىزىم ئاغرىپ قالدى›› دەيدۇ.
   بىر كۈنى ئەتىگىنى ھاۋا بىراقلا سوۋۇپ كەتتى، ئىشخانىدىكى سائەت 8:00 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى، پەقەت مەن بىلەن ئىشخانا مۇدىرىلا ئۈلگۈرۈپ كەپتۇق. بەش مىنۇت ئۆتكەندە شياۋ چىن كەلدى، ئۇ تامدىكى سائەتكە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشخانا مۇدىرىغا:
   ـــ بۈگۈن مېنى راستىنلا نەس باستى، پىكاپىمدىن يەنە چاتاق چىقتى. ماتور ئوت ئالماي بەك خاپا قىلىپ كەتتى، خېلى ئۇزاق ھەپىلىشىپ مىڭ مۇشەققەتتە ئوت ئالدۇرۇپ ئەمدى كېلىشىم. ھەي، قارىڭە، يەنە بەش مىنۇت كېچىكىپتىمەن.
   ئۇ سۆزلەۋاتقاندا لاۋ ۋۇ كىرىپ كەلدى، ئۇ قورسىقىنى تۇتۇپ تولغانغىنىچە:
   ـــ كونا كېسىلىم يەنە قوزغىلىپ قالدى، ئاخشام يەنە پۈتۈن بىر كېچە ئاغرىپ چىقتى. شۇنداقتىمۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ لېۋىمنى چىشلەپ ئىشقا كەلدىم... لېكىن يەنە كېچىكىپ قاپتىمەن.
   لاۋ ۋۇ سۆزلەۋاتقاندا لاۋ لى ناشتىلىقىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى، ئۇمۇ تامدىكى سائەتكە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشخانا مۇدىرىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
   ـــ قاراڭ، ئاخشام قىزىم يەنە قىزىپ قالدى، قىزىتمىسى 39 گرادۇسقا چىقىپ كەتتى. تاڭ سەھەردىلا ئەر - خوتۇن ئىككىمىز بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. شۇنچىۋالا ئالدىرىساممۇ يەنە كېچىكىپ قالدىم.
   مۇدىر ئۇلارنىڭ بىر قاتار چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ كەتتى:
   ـــ بولدى، يەنە سەۋەب كۆرسىتىمەن، دەپ ئاۋارە بولماڭلار، بۈگۈن كېچىككەنلەردىن پۇل تۇتمايمەن! - ئۇلار مۇدىرغا رەھمەت ئېيتتى، بىراق مۇدىر يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - رەھمەت ئېيتمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن كېچىكىپ قالمىدىڭلار، مەن ئىشخانىدىكى سائەتنى 10 مىنۇت ئىلگىرى قىلىپ قويغان.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:23:09

تام سائىتىنىلا تەڭشەپ قويغانمىدۇ ياكى خىزمەتچىلەرنىڭكىنىمۇ قوشۇپ تەڭشىگەنمىدۇ؟:(

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:49:02

ھەممە سائەتنى تام سائېتى باشقۇرىدىغان چىغۋا:lol{:92:}

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:58:25

ئىدارىمىزنىڭ سائىتى ئالىدىدىراق ماڭسا بىزمۇ سائەتنى ئالدىغا تەڭشەپ قويىمىز.

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 12:24:55

بىزنىڭ ئىدارىنىڭ 6 مىنۇت ئىلگىرى، شۇڭا 6 مىنۇت كېچىكىپ كەلسەك بولىۋېرىدۇ. كەچتە 6 مىنۇت بالدۇر كەتسەكمۇ بولىۋېرىدۇ.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 01:31:49

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 12:24 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئىدارىنىڭ 6 مىنۇت ئىلگىرى، شۇڭا 6 مىنۇت كېچىكىپ  ...

ۋۇييۇ:D

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:02:44

...تېما ئاساسى مەزمۇنىنىڭ   ئالدىغا سۈرۈپ قويۇلغان ئون مىنۇت بىلەن ئالاقىسى يوقتەك
بەت: [1]
: بۈگۈن كېچىككەنلەردىن پۇل تۇتۇلمايدۇ