Google تەرجىمانىدىكى ئۇيغۇرچىغا تۆھپە قوشايلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bashtugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 19:08مەن ۋاقتىم بولسا Googleتەرجىمىگە كىرىپ ئۇيغۇرچە بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن ياكى تەرجىمنىڭ توغرا خاتالىقنى باھالاپ قويىمەن. ۋاقتى يەتكەن قېرىنداشلار ئاز كۆ پ كۈچ چىقىرايلى. تەپسىلى ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى سۈرەتتىن كۆرگىنى بولىدۇ.
سۈرەتلەرنى ئىنكاش شەكلىدە يوللىدىم.
https://onedrive.live.com/redir?resid=9A46BBBE6175F0E2%211772
https://onedrive.live.com/redir?resid=9A46BBBE6175F0E2%211776
https://onedrive.live.com/redir?resid=9A46BBBE6175F0E2%211773
https://onedrive.live.com/redir?resid=9A46BBBE6175F0E2%211775
https://onedrive.live.com/redir?resid=9A46BBBE6175F0E2%211774
https://onedrive.live.com/redir?resid=9A46BBBE6175F0E2%211777
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-28 12:19):
http://h.picphotos.baidu.com/album/h%3D820%3Bq%3D90/sign=951949290d24ab18ff16ec3505c197f0/11385343fbf2b211546c2941ce8065380cd78e7b.jpg رەسىملەرنى onedrive دىن بىۋاستە ئۇلىنىش قىلىپتىكەنسىز، شىنجاڭ رايۇنىدا onedrive ئاساسەن ئېچىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسىملىرىڭىزمۇ كۆرۈنمىدى.
مۇنبەرنىڭ ئۆزىنىڭ رەسىم چىقىرىش ئورنىدىن ياكى سىرتقى ئۇلىنىشنى قوللايدىغان بوشلۇققا چىقىرىپ ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز گوگىل نورمال ئىچىلمىسا تەرجىمە بىتىگە قانداقمۇ تۆھپە قوشقىلى بولسۇن 01
گوگلېنى توسۇپ قويۇش نۇرغۇن شىركەتلەرگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كەلگەندۇ ھەقاچان. ھېچنىم يۆققۇ مەن مۇنبەر قوللايدىغان بىر يەرگە چىقرىپ ئاندىن چىقراي، Onedrive نى قوللىمايدىغىننى بىلمەيدىكەنمەن. كۆرمىدىممۇ ياكى ،ئېچىلماس مۇ. رەسىملەر كۆرۈنمىدى .
گوگۇل دىگەن قانداق تور بېكىتى ئۇ؟{:87:}{:92:}
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بەزىدە ئېچىلىپ بەزىدە ئېچىلمايتى، ھازىر پەقەتلا ئېچىلماس بولۇپ قاپتۇ. بىڭ ئىشلىتىپ يۈرىۋاتىمىز، ئۇمۇ ئىشلىمىسە، بەيدۇدىن باشقا ئامال يوق.{:99:} تەرجىمانلىقنىڭ گېپى بولۇپ قالدى، بىر قاقشاپ قوسۇغۇمنى بوشۇتىۋالاي.:lol
بۈگۈن كېتاپخانىغا بېرىپ بالامغا چۆچەك كىتاپ ئالغان ئىدىم. كىتاپنىڭ ئىشلىنىشى قىستۇرما رەسىملىرى سۈپەتلىك ياخشى چىقىپتىكەن، كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئايالىم بالامغا ئوقۇپ بەرگىچە بىر چۆچەكنىڭ ئىچىدە قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈك دىگەن ئىسىم ئۇچىراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەرجىمانغا نۇرغۇن نالەت ئوقۇۋەتتىم، گۇنايى خېلى يەڭگىلەپ قالدى، ئۇ ھاڭۋاقتى تەرجىماننىڭ:lol
黑寡妇 نى ئۆز پېتى قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈك دەپ تەرجىمە قىلىپ شۇ پېتى ئىشلىتىپتۇ. بالىلار چۆچەكلىرى بولغاندىكىن، قىستۇرما رەسىملىرى بار بولمىسا، قارا ئۆمۈچۈك دەپلا ئالسا، بالىلارمۇ ياخشى چۈشىنەلەيتى ئەمەسمۇ.
قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈك دىگەن سۆزنىڭ ھەممىسىنى تۇل خوتۇننى ئۆچۈرۈپ قارا ئۆمۈچۈك دەپ ئۆزگەرتىپ چىقتىم.{:99:}
بۇ ئۆمۈچۈك ئۆتكۈر زەھەرلىك ئۆمۈچۈك، چېقىۋالسا، دەرھال داۋالاتمىسا ئادەم ئۆلۈپ قالىدۇ. بۇ ئۆمۈچۈك ھاۋاسى سالقىن، قۇرغاق رايۇنلاردا ياشايدىكەن. جۇڭگۇدا دىيارىمىزنىڭ ساۋەن ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىدا بار. قارا تۇل خوتۇن دەپ نام بېرىشتىكى سەۋەپ، بۇرۇنقى چاغلاردا بۇ ئۆمۈچۈك چېقىۋالغان ئادەم داۋالاش شارائىتى بولمىغاچقا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ياۋروپالىقلار قويغان ئىسىمنى خەنچە ئۆز پېتى 黑寡妇 دەپ تەرجىمە قىلىنىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچىغا قارا تۇل خوتۇن دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ. tormahiri يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 21:23 static/image/common/back.gif
گوگىل نورمال ئىچىلمىسا تەرجىمە بىتىگە قانداقمۇ تۆھپە ...
گۇگۇلنىڭ تەرجىمە بېتى ھازىرغىچە نورمال ئېچىلىدۇ، بۇ بېتى توسۇۋېتىلمىگەن. رەسىم كۆرۈنمىدى kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 00:16 static/image/common/back.gif
گۇگۇلنىڭ تەرجىمە بېتى ھازىرغىچە نورمال ئېچىلىدۇ، بۇ ...
مەن ئاچالمىغىلى ئۇزاق بولدى. Google پۈتۈن جۇڭگۇدا نورمال ئىشلىمەمدۇ ياكى بىزىڭ رايونىمىزدىلا نورمال ئەمەسمۇ؟ Chromeئىشلىتىپ ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن، نۇرغۇن توربەتلەرنى ساقلىۋالغانتىم، تۆنۈگۈن كومپىيۇتېرىمغا يېڭى سېستىما قاچىلىغان، Chromeنى قاچىلىدىم، ساقلىۋالغان تور بەتلېرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالاي دىسەم، تۆنۈگۈندىن ھازىرغىچە Chromeنۇمۇرۇمنى ئاچالمايۋاتىمەن، داۋاملىق 操作超时دەپ چىقىۋېلىپ ئىچىمنى بەك پۇشۇردى. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 22:03 static/image/common/back.gif
گوگۇل دىگەن قانداق تور بېكىتى ئۇ؟
ئىككى يىلنىڭ ...
مەن ياخۇدىنلا ئىزدەيدىغان بوپ كەتكەن بىر چاغلاردا.ياخۇمۇ بولىدۇ ئىزدەشكە مەن ياخۇ بىلەن goto.comدىن ئىزدەۋاتىمەن... kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 00:16 static/image/common/back.gif
گۇگۇلنىڭ تەرجىمە بېتى ھازىرغىچە نورمال ئېچىلىدۇ، بۇ ...
خوتەندە ئىچىلمايدۇ
بەت:
[1]
2