uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:15:59

ئالتۇن سودىسى ھەققىدە 27 - 2

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 17:34  

مەبلەغ سېلىشتىكى مۇددىئايىمىز نىمە؟
بەزى ئادەملەر خاتا ھالدا مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتىنى پۇل تېپىش دەپلا چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئادەملەر پايدا ئېلىشنى ئەمەس بەلكى ئۆز قىزىقىشى ۋە ئۈمىدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ، بەزىلەر ھەتتا جاننىمۇ تىكىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن خالاس.

تۆۋەندە بىر قانچە مىسال ئالايلى:

         بەزى كىشىلەر قىياس قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى قىياس قىلىش تېخنىكىلىق ئانالىزدەك زېرىكىشلىك ئەمەس. شۇڭا ئۇلار گەرچە بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تېخى يېتىلمىگەن بولسىمۇ يەنىلا قالايمىقان پەرەز قىلىشنى تاللىشىدۇ.
         بەزى كىشىلەر قىسقا لىنىيىلىك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى قىسقا لىنىيىلىك مەشغۇلات ئۇنىڭغا كۆپ پۇرسەت بېرەلەيدۇ، گەرچە قىسقا لىنىيىلىك تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسى بولمىسىمۇ ئۇلار يەنىلا سىناپ بېقىشنى خالايدۇ، ھەتتا بارلىق پۇلىنى سېتىۋەتسىمۇ مەيلى.
        بەزى كىشىلەر توختىماي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى، ئارام ئالماسلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئارام ئېلىش بىر مۇنچە پايدىدىن قۇرۇق قېلىش دېگەن گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بارا بارا ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
        بەزى كىشىلەر تولىمۇ بەتخەج كېلىدۇ، ئۇلار تاپقان پۇلىنى بۇزۇپ چېچىۋىتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەبلىغى كۆپەيمەيدۇ، باي بۇلۇش يولىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىدۇ.
       بەزىلەر ھەرخىل مۇنبەرلەردە ئارىلاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارچە مۇشۇنداق قىلغاندا جىق بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆپلىگەن ئەخلەت ئۇچۇرلارنى يىغىۋېلىپ زىيان تارتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
       يەنە بەزىلەر مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتى ئاسانلا پۇل تېپىش، لېكىن نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟  بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش ئەمەسمۇ.
        سىز قايسى تۈرگە كىرىدىكەنسىز؟ بەلكىم بۇ مىساللار تۇلۇق ئەمەستۇ، لېكىن ئادەملەر خام سۈت ئەمگەن، قىياس قىلىش، قالايمىقان مەبلەغ سېلىش، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇش....بۇلار ھەقىقەتەن قىزىقارلىق. قىزىقىش گەرچە زىيان ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇ يەنىلا قىزىقىش. بىز مانا مۇشۇ قىزىقىشلېرىمىز بىلەن ئۆز بەدىنىمىزنى بېقىۋاتىمىز.
      ئىنتىزام ئادەملەر ئۈچۈن ئەڭ زېرىكىشلىك، شۇڭا ئادەملەر قانچە زىيان تارتسىمۇ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى خالىمايدۇ.





پاي چەك بىلەن  بولغان پەرقى
1.پاي چەك سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ،  چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ.
2.پاي چەك بازىرىدا بىركۈندە پەقەت 4 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ، ئالتۇن سودىسى كۈنىگە 24 سائەت  سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3.پاي چەك رايون خاراكتېرلىك بازار ، ئالتۇن بولسا خەلقئارالىق بازار.
4.نەق ئالتۇن كاپالەت سوممىسى 1:100 بولغان نىسبىتى بويىچە ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ سودا قىلغىلى بولىدۇ ، پاي چەكتە 100% مەبلەغ بىلەن سودا ئېلىپ بارىدۇ.
5.پاي چەك  مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىدۇ ، نەق ئالتۇن خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ.

ماددىي بۇيۇم ئالتۇنى بىلەن بولغان پەرقى

1.ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسى قىلغاندا پەقەت باھا ئۆرلىگەندە پايدا ئالغىلى بولىدۇ . نەق ئالتۇندا باھا ئۆرلىسە ۋە چۈشسە ئوخشاشلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
2.ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسىدا كۆپ مەبلەغ بىلەن ئاز پايدا ئالىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن بولغان پەرقى

1.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ ھېسابات ئۈزۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ، نەق ئالتۇن بولسا قىسقا مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، سودىدىن كېيىنلا ھېساب ئۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، بەلگىلەنگەن ئايدا ھېسابنى ئۈزىدۇ.
2.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
3.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ خېيىم-خەتىرى نەق ئالتۇن سودىسىدىن چوڭ بولىدۇ ،  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولغانلىقىدىن خالىغان ۋاقىتتا مالنى قولدىن چىقىرۋېتەلمەيدۇ .






     
نەق ئالتۇن كۈمۈش سودىسىنى قىلىش ئۇسۇلى
         مەشغۇلات جەريانى ئاددى، ئاساسى بولمىسىمۇ بۇلىدۇ، بىر كۆرۈپلا ئۆگىنىۋالغىلى بۇلىدۇ.ئىككى خىل سودا قىلىش ئۇسۇلى بار بولۇپ  كومپيوتېر دا ۋە تېلېفوندا سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ , پاي چېكىدىن ئاسان،پاي چېكى تاللاشقا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقلار يوق، ئانالىز قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئاددى، دوللار، نېفىت قاتارلىقلارنىڭ باھا يۆلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرىدىغىنى تېخنىكا ۋە ئاساسى ئانالىز.






ئىقتىساد ئامىلنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى
      ھەرخىل ئاساسى يۈزدىكى ئامىللار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىقتىساد ئامىلى ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد يۈزى شۇ دۆلەتنىڭ  پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھېسابلىنىدۇ ،  پېرېۋوتنىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . ئىقتىساد ئاساسى يۈزىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ئاساسلىقى  تۈرلۈك ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىپادىلىنىدۇ ،  شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات بىلىملىرىنى چۈشىنىش ، ھەمدە  سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك ، بۇ ئاساسى يۈزنى تەھلىل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى .
       ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ۋە ئالتۇن بازىرىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىر قىسىم مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇتلار ھەتتا شۇ كۈنلۈك مۇناسىۋەتلىك بازارنىڭ مۇھىم بولغان تەسىر كۈچى ھېسابلىنىدۇ ، بازار يۆلىنىشىدە  غايەت زور ئۆزگىرىشلەرمۇ كۆرۈلىدۇ .


ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودىسى ھەققىدە 27 - 2