ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:25:15

ئىلىكتىرماتور ئايلىنىش كونتۇروللىغۇچى

  نۇۋەتتە چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردا ئىلىكتىرماتورلار سەرپىياتىنى ئازايتىپ توك تىجەش كۈپىنچە باش قاتۇرىدىغان بىر مەسلە بۇپ قالدى. بۇ ئىش تىلغا ئىلىنسا ئالدى بىلەن چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ 变频器 يادىمىزغا يىتىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلېرىنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلى پىشىپ قالغان بولسىمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا خەجلىگەنگە چۇشلۇق ئىنىرگىيە تىجەپ بېرەلمىگەچكە كۈپىنچە ئىلىكتىرماتورنى توك مەنبەسىگە بىۋاستە ئۇلاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ شامال سۈرئىتىنى ياكى سۇ ئىقىم مىقتارىنى يۇقىرى-تۈۋەن تەڭشەپ ئىشلىتىدىغان،  ئىلىكتىرماتورنىڭ سۈرئىتىنى تەڭشەپ يۈتكىلىش سۈرئتىنى كونتۇرول قىلىدىغان، ئىلىكتىرىك قاتناش ۋاستىلېرى دىگەندەك يەرلەردە ھەقىقەتەن ئازراق ئىنىرگىيە تىجەيدۇ. مەسلەن يىڭى قوزغىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى ماشنا بەك كۈچەپ قوزغالسا كىشىلەر يىقىپ كىتىدۇ، مۇزىكىغا ئەگىشىدىغان فونتانلاردا، تەۋرىنىش كۈچىنى كونتۇرول قىلىدىغان ئەسلىھەلەردە ۋە بىر قىسىم ئىسسىنىش- سۇۋۇۇشسېستىمىلېرىدا ئىتىلىپ چىقىش كۈچىنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى مۇشۇ خىل ئۈسكىنىلەردە كونتۇرول قىلىدۇ. بۇ نەرسىنىڭ  ئىش پىرىنسىپى تەتۈر ئۆزگەرتكۈچكە ئۇخشايدىغان بۇلۇپ، ئاستا ئايلانغاندا يەنە DC_DC توك يۇلىغا سەل ئۇخشاپ كىتىدىغان ئىنىرگىيە تىجەش رولىمۇ بار. ئادەتتە ئىلىكتىر بىسىمى مۇقىم بولسىمۇ ئىلىكتىرماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلانقاندا ھەم چاستوتىنى تۈۋەنلىتىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئىلىكتىرماتورغا تەمىنلىنىدىغان توك بىسىمىنىمۇ ماس تۈۋەنلىتىپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئاستا ئايلاندۇرغاندا يەنى ئەسلى قۇۋۋىتىدىن قانچە ئاز قۇۋۋەت چىقارغاندا ياكى يېرىم قۇۋۋەتتە ئىشلىگەن چاغدا توك بىسىمىنى تۈۋەنلىتىش ھالىتىدە ئىنىرگىيە تىجەش رولى بار. ئەمما كۈپىنچىسى مەخسوس ئىلىكتىرماتور ئىشلىتىدۇ، ئادەتتىكى ئىلىكتىرماتورلارنىڭ ئىزۇلياتسىيە ئىقتىدارى چاستوتا ئۆزگەرتكۈچكە ماس كەلمەيدۇ، چۇنكى چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش يەنى ئىشچى دۇلقۇنى ئىش ئىشلەش ۋاقتىدا مەنبە بىسىمىدىن يۇقىرى بولغان پەيتلىك بىسىم ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا ئادەتتىكى ئىزۇلياتسەيە قەۋىتى ئۇزاق بەردەشلىق بېرەلمەيدۇ.



  بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل ئىلىكتىر ماگىنىتلىق كۈچ ئارقىلىق ئايلىنىش كۈچىنى كونتۇرول قىلىدىغان ئۇسول بار، بۇنىڭدا ئىنىرگىيە تىجەش چاستوتا ئۆزگەرتىش ئۇسولىغا يەتمەيدۇ.ئەكسىنچە ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق مۇفتا بىرىكىش ياكى ئاجراش كۈچى كونتۇرول قىلىنىدىغان بولغاچقا سەل ئارتۇقچە ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىدۇ، كۈپىنچە ماشنىلارنىڭ سۇۋۇتۇش سېستىمىسى مۇشۇ خىل ئىلىكتىر ماگىنىتلىق مۇفتا ئارقىلىق كونتۇرول قىلىنىدۇ.


  مەن 2000-يىللى ئۆيدە ئىككى سىملىق 370 ۋاتلىق كوندىساتورلۇق قوزغىلىدىغان ئىلىكتىرماتورنى ئوڭ-تەتۈر سۈرئىت كونتۇروللاپ ئايلاندۇرغىلى بۇلىدىغان قىىپ باققانتىم، ئەمما ئايلىنىشىنى نەچچە يۈزگە چۈشۈرگەندە غەيرى ئاۋاز چىقىپ ياخشى ئايلانمايدىكەن، ئىلىكتىرماتور ئۇقىغا بىر چىشلىق چاق ئورنىتىپ قۇيۇپ، ماشنىلارنىڭ ئوت ئالدۇرغۇچ ماگىنىت بىشىنى شۇ چىشلىق چاققا تۇغىرلاپ ئورنىتىپ قويساق ئايلىنىش تىز بولغاندا ئىندوكسىيلىك توك بىسىمى  يۇقىرىراق ھاسىل بۇلىدۇ، ئايلىنىش ئاستا بولغانچە توك بىسىمىمۇ تۈۋەن بۇلىدۇ، ئاندىن ‹‹توك بىسىم مۇقىملىغۇچ›› دىگەن تىمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئىسخىمىدىكى  ئىلىكتىرىك رول توك يۇلىنىڭ چىقىرىدىغان سىگنالىنى ئوڭ-تەتۈر ئايلىنىدىغان ئىككى  ئىقىم تىزگىنلىگۈچنىڭ  قوزغىتىشىنى كونتۇروللايدىغان قىلىپ مۇقىم بىسىم بىلەن ئىندوكسىيلىك توكنى سىلىشتۇرسا ئايلىنىشنى رىوستات ئارقىلىق خالىغانچە تەڭشىگىلى بۇلىدىغان قىلىپ ئايلاندۇرغان. بۇ توك يۇلىنىڭ پەقەتلا ئىنىرگىيە تىجەش رولى يوق.



  كەمچىلىكى؛ ئاستا ئايلىنىشتا ئېغىر يۈكتە ئىشلىگەندە ئىقىم تىزگىنلىگۈچ قىزىيدۇ ھەم تۈۋەن ئايلىنىشتىكى ئايلىنىش سۈپىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ باقمىدىم.


678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:53:32

ھازىر ئۆيلەردە، توك مۇنچىسى تەرەت ئالىدىغان، ئۇندىن باشقا توڭلاتقۇ دەيدىغان نەرسىلەر بار، بۇنىڭغا داۋام توك بولمىسا بولمايدىكەن. مۇشۇنىڭ توكىنى ئاپتاپتىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىدىغان قارا ئەينەك بىلەن بىتەرەپ قىلساق،يەنى كۇن نۇرىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ،ئاندىن شۇ توكنى مۇنچىغا، ھەم توڭلاتقۇغا چاتساق، تەنەرىخ قانداق بۇلا. نەچچىلىك ئەينەك كىتە سىلىنىڭچە؟ ياكى ئۇندىن باشقا چارىلەرمۇ بارمۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 16:32:29

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 15:53 static/image/common/back.gif
ھازىر ئۆيلەردە، توك مۇنچىسى تەرەت ئالىدىغان، ئۇندىن ب ...

  تىجەشلىك بۇلايلى دىسەك توك بار يەردە قۇياش باتارىيسىنى ئويلىمايمىز، ئوت بار يەردە توكتا ئىسسىنىشنى ئويلىمايمىز. ھەر كىلوات توك 6-8يۈەنگىچە تەننەرختە بولسا قۇبۇل قىلالامسىز؟

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:08:55

دوستىمىز ئابلىمىتنىڭ ئىلكتىر ئىلمى ۋە مىخانىكىغا دائىر يوللىغان يازمىللىرى بۇ ھەقتە تورلاردىن يازما تاپقىلى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ.{:112:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:22:47

hazritili يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 18:08 static/image/common/back.gif
دوستىمىز ئابلىمىتنىڭ ئىلكتىر ئىلمى ۋە مىخانىكىغا دائى ...

  كىيىنچە مىتاللورگىيەگە ئائىت كىتاپنى تىپىۋالسام شۇنىمۇ يوللاپ قۇيىمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:19:25

بىر ئائىلىنىڭ ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىنى قۇياش ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىنىپ كىىچە-كۈندۈز تولۇق تەمىنلەش ئۈچۈن، قانچىلىك قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى كىتىدۇ؟
قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى قانچە پۇل؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:54:37

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 19:19 static/image/common/back.gif
بىر ئائىلىنىڭ ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىنى قۇياش ئىنىرگىيسى ...

كىچە-كۈندۈز بولغاندا ھەر كىلوۋات توك ئۈسكىنىلەرنى ئۆزىڭىز ئاسرىسىڭىز3-6  يۈەنگىچە تۇختايدۇ، مەن نامراتراق بولغاچقا ھەر كىلوۋاتى 0.56يۈەنلىك توكنىلا ئىشلىتىمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 20:19:24

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 21:54 static/image/common/back.gif
كىچە-كۈندۈز بولغاندا ھەر كىلوۋات توك ئۈسكىنىلەرنى ئۆ ...

دىمەك:  سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ توكى قۇياش ئىنىرگىيسىدىن كىلىدىكەندە!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:30:27

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 20:19 static/image/common/back.gif
دىمەك:  سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ توكى قۇياش ئىنىرگىيسىدىن  ...

   ياقەي، قۇياش باتارىيەنىڭ تۇكى ئىشلىتىۋاتقان تۇكىمىزدىن 10 ھەسسە قىممەت بولمىغاندىمۇ 6 ھەسسە قىممەت بۇپ قالىدۇ. ئايدا ئىشلىتىدىغان توكنى قۇياش باتارىيسىدىن ئالىمەن دىسەم ئاز دىگەندىمۇ 2 كىلوۋات قۇياش باتارىيسى، 100ئامپىرلىق ئاكۇمۇلياتوردىن 4 دانىسى ۋە يەنە تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ لازىم بۇلىدۇ. باتارىيەنى نەچچە يىلدا بىر يۈتكىسىلا تىجىگەن پۇلىڭىز كىتىپ قالىدۇ...
توك يوق يەردە ئامالسىز ئىشلىتىدىغان نەرسە ئۇ قۇياش باتارىيسى...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:54:31

ناۋادا ئۆزى قوراشتۇرالايدىغان بولسا، 3000 ۋاتلىق قوياش ئېنىرگىيەلىك توك چىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ تەنەرخى تەخمىنەن 24مىڭ سوم ئەتىراپىدا بولىدىكەن، ناۋادا ئۆزى قىلالمىسا، 25مىڭ سوم ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
3000 ۋات ئادەتتىكى بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىنى تەمىنلىشىگە يېتىپ ئاشىدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە شۇكى، ئادەتتىكى بىر ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق توك ئىشلىتىش مىقدارىنى 200 كېلىۋات سائەت دەپ ھېساپلىساق، بىر ئايلىق توك ئىشلىتىش ھەققى 120 سوم بولسا يېتىدۇ.
25000/120=208 ئاي
208/12=17 يىل
دىمەك 17 يىلدىن كىيىن، ئۈسكۈنە بۇزۇلمىسا رېمونىتقا چۈشۈپ قالمىسا، نورمال ئىشلەپ بەرسە ئاندىن ھەقسىز توك بىلەن بەھىرمەن بولالايسىز.
يەنە بىر موھىم ئىش، توك چىقىرىدىغان يەر، بىنا ئۆي بولۇپ قالسا ئۇنداق شارائىت يوق، قورا ئۆي بولۇشى كېرەك.
توك ئىلىمى بىلەن تونۇش ئابلىمىت ئۇستام ئورناتمىغۇچە، باشقىلار ئورنىتىشقا ئالدىرمىساق بولغىدەك:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:59:53

توك شىركىتى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، قىممەت بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ توكىنى ئىشلىتىمەن دىگۈچىلەر ئاندىن قوياش ئىنىرگىيەلىك توك چىقىرىش قۇرۇلمىسى، شامال، سۇ قاتارلىقلارنى ئويلاشسا بولغىدەك.:lol
لىكىن ئاكۇمۇلىياتۇر زەھەردەك قىممەت نەرسە، يۇقۇرىدا ئابلىمىت ئۇستام 4 دانە لازىم دەپتۇ، بىرسىنىڭ باھاسىلا 500 - 600 سوم، 4 نى بىراقلا ئالماشتۇرسا 2500 سوم پۇل يوق بولىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:04:04

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 21:54 static/image/common/back.gif
ناۋادا ئۆزى قوراشتۇرالايدىغان بولسا، 3000 ۋاتلىق قوياش  ...

  25 مىڭ سومغا ئورناتقىنىڭىز تۈزۈك ئىشلىمەيدۇ تىخى، ھەقىقى شۇنچىلىك توك چىقىرالايدىغان قىلسا 35مىڭدىن كەم بولمايدۇ، يەنە بوشراق ھىساپلاپ بەش يىلدا بىر قىتىم باتارىيە ئالماشتۇرۇشنى قۇشسىڭىزلا بىر يەرگە بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە 35مىڭنى ماڭا بېرىپ 20 يىلغىچە ئائىلە تۇكىڭىزنى مەن كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بۇلۇپ كىلىشسەك شۇ ياخشىراق...
  دوپراق بىر يەردىن 1000 ئائىلە شۇنداق تۇختاملاشسىغۇ ئىلىكتىر ئىستانسىدىن بىرنى قۇرۇپلا تەمىنلىسەم خويمۇ ياخشى بۇلىدۇ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:10:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 22:12  

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 21:59 static/image/common/back.gif
توك شىركىتى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، قىممەت بولسىمۇ ئۆ ...

500 يۈەنلىك ئاكۇمۇلياتورنى نەچچە يىل ئىشلىتەلەيسىز؟ مەخسوس ئىشلىتىدىغىنى ئاندىن زەھەردەك قىممەت تىخى...胶体蓄电池 太阳能 زاۋۇتتىن تەمىنلەش باھاسى ئادەتتىكىرەكلېرىنىڭ سىز دىگىنىڭىز شۇ، بۇ يەرگە كەلسە بىرى 1000غا تۇختاپ قالىدۇ خەقتىن ئالسىڭىز...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:23:26

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ( 2012-يىلى) تېلۋىزوردا كۆرگەن ئىدىم. ئاۋىستىرالىيەدە يېڭى بىر خىل قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى ياسىلىپتىكەن، ئىش ئۈنۈمى ئادەتتىكى تاختىنىڭ 5 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. ئادەتتىكى تاختا نورمال ئىشلىمىگەن شارائىتتا، ( بۇلۇتلۇق ھاۋارايى) ئۇ تاختا نورمال ئىشلەيدىكەنتۇق، شۇندىن كىيىن نەچچە قىېتىم ئىزلەپ باقسام، بازارغا تېخى سېلىنماپتۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:41:44

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:23 static/image/common/back.gif
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ( 2012-يىلى) تېلۋىزوردا كۆرگەن ئىدى ...

ئالدىنقى يىلى ياپونىيە %25لىك فۇتۇ باتارىيە ياسىدى، سىز دىگىنىڭىز قۇياش ئىنىرگىيسىدىن پايدىلانسىمۇ فۇتۇ باتارىيەگە تەۋە ئەمەس ئۇخشايدۇ...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:55:30

باتارىيە ئەمەس، قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى، تورلاردىن بىر ئىزلەپ باقاي، شۇ توغرۇلۇق خەۋەر بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قوياي.
تەنەرقى ئەرزان بولغان بولسا، ئۆزى توك چىقارسىمۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن ئەمما. تاغدا يول ياسىغۇچە تولا كۆرىمەن، قازاقلارنىڭ ئىشلەتكىنىنى، ئەمما باھاسى قىممەت، ئۆزى بەك قوپال ئېغىر نەرسە ئىكەن. تاختىسىمۇ بەك ئېغىر. توك تەمىنلەش ساندۇقىنى بەردەم ئەردىن ئىككىسى كۆتەرمىسە كۆتەرگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق باھاسى يەنىلا 3500 سوم ئەتىراپىدا ئىكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 23:13:26

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:55 static/image/common/back.gif
باتارىيە ئەمەس، قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى، تورلاردىن بى ...

شۇ ساندۇقتا باتارىيەسى بار.قۇياش ئىنىرگىيسىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى

beliver يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:01:55

ئاككمۇلياتۇر ئەمەس، توكدان دەڭلار .كونتىرۇللىغۇچ ئەمەس تىزگىنەك...ئانا تىلنى سۆيۈشنى مۇشۇنداق ئىشلادىن باشلايلى زىيالى قېرىنداشلار!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:19:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 08:24  

beliver يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 08:01 static/image/common/back.gif
ئاككمۇلياتۇر ئەمەس، توكدان دەڭلار .كونتىرۇللىغۇچ ئەمە ...

تىزگىنلىگۈچ دىسە تۇغرا بۇلار. تىزگىنەك سىمسىز تىزگىنلەيدىغان نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ.
گاڭفەن-مىفەننى نىمە دىسە بۇلار؟...

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:54:32

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 16:32 static/image/common/back.gif
تىجەشلىك بۇلايلى دىسەك توك بار يەردە قۇياش باتارىيس ...

تەنەرىخ بويلىمايدىكەن ئەسلىدە.
بىز نىڭ ئۆيدە، ئىككى دانە توك مۇنچا،  ئىككى دانە توڭلاتقۇ،  ئۇچ دانە كىرئالغۇ، تۆت دانە تىلۋۇزۇر، ئىككى توك سىكىلىت، چىراق بۇستارىتقۇلارنى دىمەي قۇياي،خۇدانىڭ قۇتلۇق كۇنى ئون كويلاق توك كىتىدۇ.سائىتىنى تەكشۇرۇتۇپ باقسام بۇلامدىكى بۇرۇن بۇنچىۋىلا ئەمەستى.
توكچى ئاغىنەمگە دىسەم، قاچان قارىسا ،ئۆيەڭلىنىڭ توكىنى ھەممىسىنى ياندۇرۇپ قۇيىسىلەكەن دەيدۇ. تىخى توك بىلەن سۇ  سامان نەقى ھەممە نەرسىدىن ئەزان دەيدۇ.
ھەراس، ھازىر ئاق يانىدىغان چىراقلا باركەن شۇ لارغا ئالماشتۇرغان. شۇمۇ جىڭ بولمىسا توك جىق كىتىدۇ دەيدۇ، شۇنداق ئىشمۇ بارمىدۇ؟
بەت: [1] 2
: ئىلىكتىرماتور ئايلىنىش كونتۇروللىغۇچى