uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:49:12

بوۋاقلارنىڭ ئالغاي بوشلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن مەسلەھەت بەرسەڭلا


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار سىلەرنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

7 ئايلىق بولغان قىزىمنىڭ بىر كۆزى سەل ئىچىگە ئالغاي بوپ قالدى ( كۆزىنىڭ قارسى بىر تەرەپكە تۈز قارسا سەل ئىچىگە بوپ قالدۇ بۇنى مەن ئالغاي دەپ ئالدىم ) ، مۇنبەرنى تولا ئاختۇرۇپ ھېچ بۇ توغۇرلۇق تىما تاپالمىدىم. ئىزدەش توربەتلىدىن ئاختۇرۇپمۇ ھېچ ياخشىراق بىرەر ئامال تاپالمىدىم. شۇڭا مۇشۇنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئۈنۈملۈك دورا يا يەرلىك رىتسىپ بولسا بىر دەپ بەرسەڭلار.

بىز تۆۋەندىكلەرنى قىلۋاتىمىز لىكىن ئۈنۈمى كۆرنەرلىك ئەمەس .  ئۇدۇمى بار كىشىنى تېپىپ (چوقۇم ئۇدۇمنى بار كىشى دەيدىكەن ، يەنى بۇرۇن ئاشۇنداق ئالغاينى ياندۇردىغان كىشى يەنە بىر كىشىگە ئۇدۇم قالدۇردىكەن) بېشىغا ئوقۇپ پىچاق سۇركەتكۈدۇق.

چېچىنى يوملاق قىلىپ چۈشۈرۈپ باقتۇق.

ئىشخاندىكى قىرغىز يولدشلاردىن سورسام، ئۈچەينى قۇيۇپ پۇشۇرۇپ يوملاق قىلىپ بېشىغا قويساڭلار ياكى تونۇردىن يېڭى چىققان ناننى يۇملاق قىلىپ بېشىغا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىڭلار دەيدۇ.

يەنە بىر يولداش دوپىسغا قوناق سېلىپ ئىشەككە يىگۈزۈپ ئاندىن دوپپىسىنى بېشغا كەيدۇرۇپ قويۇڭلار دەيدۇ.

مۇشۇداق رىتسىپلار بولسا بىر دىيشىپ باقساق.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:58:29

بىر تونۇشۇمنىڭ قىزى ئالغاي ئىدى ، ئۇلارمۇ باشتا ئىشەككە قوناق يۈگۈزۈپ دىگەندەك تايىنى يوق ئىشلارنى قىلىپ باققان ، ھازىر سۈرۈشتۈرسەم كالتىسى تولۇقلاۋاتىمىز سەل ياخشىلاندى دەيدىغۇ .

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 12:23:05

دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈڭ. مىنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ قىزىنىڭمۇ كۆزى ئاشۇنداق ئىدى، ئوپراتسىيە قىلغۇزدى.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:21:12

دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرسىتىڭلار، ئوغۇل بالا بولغان بولسىغۇ كىيىن ياخشى بولۇپ قالار دەپ قاراپ باقساڭلارمۇ، ياكى پۇل خەجلىمەيدىغان خوراپاتلىقلار بىلەن داۋالاپ باقساڭلارمۇ مەيلى ئىدى.  قىز بالا ئىكەن، بالىسىنى مېيىپ قىلىپ قويسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ باققان ئەجىرى كۆيۈپ كېتىدۇ دەيدىكەن كونىلار، شۇڭا ساقلاپ يۈرمەي ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىش كېرەك.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:11:15

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2015-02-27 11:58:29 static/image/common/back.gif
بىر تونۇشۇمنىڭ قىزى ئالغاي ئىدى ، ئۇلارمۇ باشتا ئىشەكك
:lol

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:21:10

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 11:58 static/image/common/back.gif
بىر تونۇشۇمنىڭ قىزى ئالغاي ئىدى ، ئۇلارمۇ باشتا ئىشەكك ...

تىمىغا دەل كەپتۇ بۇ ئىنكاس:lol

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:54:53

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 14:21 static/image/common/back.gif
دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرسىتىڭلار، ئوغۇل بالا بولغان بولسى ...


ئاشۇنداق كىچىپ بولسىمۇ بولامدۇ؟ ئادەمنى قورقۇتماڭلار

oylan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 16:17:09

ئىشەككە قۇناق يىگۈزۈپ ئوتاماي ياخشىراق كۆز دوختۇرخانىلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭلا.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:15:01

يىڭنە بىلەن داۋالىتىپ بىقىڭلار ، تۇغما ئالغايغا پايدا قىلامدۇ يوق ئىنىق بىلمەيمەن ، لىكىن ھەرخىل كىسەل سەۋەبلىك بولغان ئالغايغا پايدىسى ناھايىتى ياخشى ، كۆزنىڭ ياش خالتىسى بار يەردىن بىر سۇڭ ئەتراپىدا سانجىسا بولىدۇ. چوقۇم تەجىربىلىك، بۇرۇن ئاشۇ ئورۇنغا يىڭنە سانجىپ باققان  دوختۇر سانجىشى كىرەك ،قانداقتۇر  ئاتا مىراس كىچىك شىپاخانىلارغا ئاپارماڭلار، بولمىسا چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ .(بۈگۈن ئاشۇنداق يالاڭئاياق دوختۇر سەۋەبلىك پارالىچ بولۇپ  قالغان بىماردىن بىرسى كەلدى  )
يىڭنىنىڭ يەنە قان تومۇر توسۇلۇشتىن بولغان پارالىچ كىسەللەرگە ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:29:50

بوۋاق بەك كىچىككەن ، ھازىرچە بوۋاقنىڭ بۆشۈكىنىڭ ئەتراپىغا بىر قانچە يۆنىلىشتە رەڭلىك ئويۇنچاقلارنى ئېسىپ بوۋاقنىڭ دائىم بىر يۆنىلىشىگىلا قارىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سىناپ بېقىڭلار.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:32:48

ئامال بار كۆزى  ئىچىگە كېتىدىغان يۆنىلىشنىڭ قارشىسغا دىققەتنى كۆپرەك جەلب قىلىپ قارىتىپ بېرىڭلار، كۆز موسكۇللىرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسى بار. بىرەر يېرىم يىلغىچە ياخشىلىنىش بولمىسا دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:00:05

بالىنى مەخسۇس كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ياكى چوڭراق دوختۇرخانىلارنىڭ كۆز بۆلىمىگە، بالىلار بۆلىمىگە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىپ ئاندىن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىڭ.
مېنىڭچە كالتىسىي تولۇقلىسا ئۈنۈمى ياخشىراق بولىشى مۇمكىن. مېنىڭ بالامنىڭمۇ دەسلەپتە شۇنداقراق ئالامەتلىرىنى بايقاپ ھەدىيە كۆز كىسەللىكلىرىگە ئاپىرىپ كۆرسەتسەم، كالتىسىي بېرىڭ دەپ مەسلىھەت بەرگەن. ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭشالدى. ھازىرمۇ كالتىسىي تولۇقلاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن. بالام 2 ياشقا كىردى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:11:06

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2015-02-27 19:15:01 static/image/common/back.gif
يىڭنە بىلەن داۋالىتىپ بىقىڭلار ، تۇغما ئالغايغا پايدا
يەڭگىل دەرىجىدە مېڭە پارالىچى(CT دا تەكشۈرگەندە چىقماپتىكەن، لېكىن بەزىبىر ئالامەتلەردىن شۇنداقمىكى دەپ گۇمان قىلىنىدىغان  مەسىلەن ئايىغى، تىلى كېيىنرەك چىققان دېگەندەك … تېۋىپ يېڭنە سانجىتىشنى تەۋسىيە قىپتىكەن) بالىلارغا قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ يىڭنە سانجىش ماس كېلەمدۇ؟

aragon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:29:26

مىنىڭ قىزىممۇ شۇنداق ئىدى،  دوختۇرخانىغا تەكشۈرتتىم،   ئۇنداق كى

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:03:39

بالاڭلارنىڭ بېشىنى يالاپ بېرىڭلار ئەڭ ياخشى ئامال شۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:05:42

چاقچاقمىكىن دەپ قالماڭ بۇ مومامدىن مىراس قالغان ئامال.ئاپاممۇ كىلىنلىرىگە تولا تاپىلايدۇ.مىنىڭ خوتۇنۇممۇ قىزىمنىڭ بېشىنى نەچچە ئاي يالىغان.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:12:09

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 21:03 static/image/common/back.gif
بالاڭلارنىڭ بېشىنى يالاپ بېرىڭلار ئەڭ ياخشى ئامال شۇ.

كۈندە نەچلىك ۋاقىت؟ نەتچە ۋاخ دىگەندەكلەر توغۇرسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:52:35

باشقا قانداق يىڭنە سانجىتقىڭلار كېلىدۇ؟

aragon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:30:13

مىنىڭ قىزىمنىڭمۇ پات-پات قارچۇقى قىچىپ كىتەتتى،  چوڭلار بۇنى تولا يىقىلىپ ئۈسسىگەنلىكتىن دىدى.  قىزىممۇ دەھشەت شوخ،  قاراپ ئۈلگىرىگىلى بولمايدۇ، تولا يىقىلىدۇ،  شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئۆيدە بىر نەچچە ۋاقىت تۇخۇم بىلەن تاڭدى، ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى،  ھاۋا ئارمىيە كۆز دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم،   دوختۇر بۇنداق كىسەللىككە پىشىق ئوخشايدۇ،    ئازراق كۆرۈپلا ،  بالا سەل چوڭ بولغاندا كىلىڭلار، ھازىر بالىغا كۆزەينەك قىلىپ بەرگەن بىلەنمۇ زىنھار
تاقىغۇزالمايسىلەر،   كۆزەينەكنى ئالماي تاقىغۇدەك بولغاندا كۆزەينەك بىرىمىز،  شۇنى يىرىم يىللار ئەتراپىدا تاقىغاندىن كىيىن ( ئايدا بىر كىلىپ تەكشۈرتىدىكەنمەن)  يەنە چوڭ ياخشىلىنىش بولمىسا ئوپراتسىيە قىلىمىز دىدى،  قارغاندا بۇ خىل ئوپراتسىيەمۇ ئانچە چوڭ ھىساپلانمىسا كىرەك.   شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلگەن،  كىيىن باشقىلاردىن ئايەت ئوقۇپ تاڭىدىغانلار بار ( چوڭلار ئۇدۇمى بار دەپ قويىدىكەن )  شۇلار شۇنداق ئوقۇپ بىر نەچچە قىتىم تاڭسا ياخشى بولاپ قالىدۇ دىدى،   كىيىن ئايالىم ،.ئاپاملار سۈرۈشتۈرۈپ بىر ئاپپاينى تىپىپتۇ ، بىر نەچچە قىتىم تاڭدۇردۇم ،  ئازراق ياخشى بولۇپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ ، بولسا بۇنىمۇ سىناپ كۆرۈپ بىقىڭ.  ھامىنى دوختۇرخانىغا بارسىڭىزمۇ بۇنداق كىچىك بالىنى ئوپراتسىيە قىلمايدىكەن، باش تاڭدۇرۇشمۇ بۇرۇندىن بار ئىش،  ئىشقىلىپ  باش تاڭدۇرۇشنىڭ پايدىسى باركى زىيىنى يوق ئىش

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:06:19

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:11 static/image/common/back.gif
يەڭگىل دەرىجىدە مېڭە پارالىچى(CT دا تەكشۈرگەندە چىقماپ ...

كىچىك بالىلارغا يىڭنە سانجىشنىڭ ئەكىس تەسىرى ياكى باشقا زىيانلىق تەرەپلىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . ئاۋال تەجىربىلىك دوختۇرلار كۆرۈپ باقسۇن ، دىئاگىنوز ئىنىق بولغاندىن كىيىن ئاندىن يىڭنە سانجىتساڭلارمۇ بولىدۇ .
بەت: [1]
: بوۋاقلارنىڭ ئالغاي بوشلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن مەسلەھەت بەرسەڭلا