ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:16:41

چارىسىز مۆجىزە(بورگېس)


چارىسىز مۆجىزە
بورگېس
ساجىدە ئابدۇرەھىم تەرجىمىسى

   بلاك داڭلىق بىر ئەسىرىدە يولۋاسنى «يارقىن ئوت، رەزىللىكنىڭ مەڭگۈلۈك سىماسى» دەپ تەسۋىرلىگەن. مەن چېستېرتوننىڭ يولۋاسنى «قورقۇنچلۇق گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى» دېگەن ئېنىقلىمىسىدىن سۆيۈنىمەن. مېنىڭچە، بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق بىر سۆز يولۋاسنى سۈپەتلەشكە مۇناسىپ كەلمىسە كېرەك. يولۋاستىن ئىبارەت بۇ ئوبراز تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ساقلىنىپ كەلدى. مەن يولۋاسقا ئامراق ئىدىم. بالىلىق دەۋرىمدە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارغىنىمدا يولۋاس سولانغان قەپەسنىڭ ئالدىغىلا بېرىۋالاتتىم. قامۇس ۋە تەبىئەت تارىخى دەستۇرلىرىدىن يولۋاسنىڭ رەسىمىنى ئىزدەيتتىم. بىرى ماڭا بەرگەن ئەنگلىيە يازغۇچىسى كىپلىننىڭ ھېكايىلار توپلىمى«ئورمانلىق» تا، گىرخان ئاشۇ يولۋاسنىڭ ئۆزى، ئۇ باتۇرلارنىڭ كۈشەندىسى دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئازابلانغانىدىم. مانا شۇ خىل غەلىتى مەپتۇنلۇق ئۇزۇننىڭياقى مەندىن نېرى بولمىدى. مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇ خىل غايىبانە ياخشى كۆرۈش ۋە باشتىن-ئاخىر ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك بولغان ئىككى خىل ئارزۇ ئىچىدە ياشاپ كەلدىم. بىردە ئوۋچى بولۇشنى ئويلىسام، بىردە ئادەتتىكى ئادەملەردەك ياشاشنى ئويلايتتىم. يېقىندىن بېرى لاھور ئونىۋىرېستىتىدا ئادەتتىكىدەك خىزمەت قىلىۋاتقان بولساممۇ بۇ كۈنلەر مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. مەن غەرب لوگىكا ئىلمىنىڭ پروفېسسورى، شەرق ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچى. ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى سىپنوزىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىمەن. ئۆزۈمنىڭ شوتلاندىيىلىك ئىكەنلىكىمنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈشۈم كېرەك. ئابىدىل پاڭيەنپۇنىڭ دىققىتىمنى تارتىشى يولۋاسنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك، كۈنلىرىم ئادەتتىكىدەك ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ چۈشۈمدە ھەمىشە يولۋاسنى چۈشەيتتىم.
   مەن بۇ ئىشلارنى بۇرۇنمۇ بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالغانىدىم، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ھەر قېتىم پۇشايمان قىلغان ۋاقىتلىرىمدا ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالىمەن.
       1904-يىلىنىڭ ئاخىرىدا گېزىتتىن گانگ دەرياسىنىڭ دېلتا رايونىدىن بۇ خىلدىكى ھايۋاننىڭ كۆك رەڭلىك ئالاھىدە بىر تۈرى بايقالغانلىقىنى كۆردۈم. كېيىن يەنە بىر قانچە قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ بۇ خەۋەرلەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ بۇلار بىر-بىرىگە زىت ئىدى. بۇ خەۋەرلەر مېنى ئاۋۋالقىدەكلا ناھايىتى خۇش قىلىۋەتكەن بولسىمۇ نېمە ئۈچۈندۇر بۇنىڭ ئىچىدە بىر خاتالىق بارلىقىغا شۈبھىلىنەتتىم. ئىسلاندىيە تىلىدا ئېفىئوپىيە Blaland دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ كۆك رەڭلىك تۇپراق ياكى نېگىرلار تۇپرىقى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا كۆك رەڭلىك يولۋاس پەقەت بىر قارا رەڭلىك يىلپىز بولۇشىلا مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭ يول–يول سىزىقلىرى خۇسۇسىدا ھېچكىشى توختالمىغان. لوندون گېزىتىدە كۈمۈشرەڭلىك سىزىقى بار كۆك يولۋاسنىڭ رەسىمى بېسىلدى، رەسىمنىڭ رەڭلىرى پەقەتلا ماسلاشمىغان بولۇپ ئېنىقكى، بۇ ساختا رەسىم ئىدى. بىر قېتىم مەن كۆك يولۋاسنى چۈشەپ چىققانىدىم، ئەمما ھېلىقى رەسىمدىكىدەك كۆك رەڭنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانمەن. شۇڭا بۇ رەسىمنىڭ ساختىلىقىغا تامامەن ھۆكۈم قىلالايتتىم، گەرچە ئۇنىڭ رەڭگى قارىغا مايىلراق بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلى رەڭگىنىڭ زادى قانداقلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى.
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ، بىر خىزمەتدىشىمدىن گانگېدىن ناھايىتى يىراق بىر كەنتتە كۆك رەڭلىك يولۋاس بارلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. چۈنكى، ئۇ يەردە يولۋاسنىڭ كەمدىن-كەم ئۇچىرايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇنىڭ بىلەن كۆك يولۋاس ھەققىدىكى چۈشلىرىم يەنە قايتىلىنىشقا باشلىدى: ئۇ ساسلىقتا ئۇزۇن سوزۇلغان كۆلەڭگىسىنى قالدۇرۇپ، تمىسقىلاپ يۈرەتتى. مەن تەتىل مەزگىلىمدىن پايدىلىنىپ ئاشۇ يېزىغا قاراپ يول ئالدىم. ئۇ يېزىنىڭ نامىنى (كېيىن تىلغا ئالماق بولغىنىمنىڭ سەۋەبىنى) ھازىرچە تىلغا ئالغۇم يوق.
بۇ تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان يېزا بولۇپ ئۇ يەرگە بارغىنىمدا يامغۇر پەسلى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بۇ تاغلار قارىماققا كەڭرى كۆرۈنگىنى بىلەن ئانچە ئېگىز ئەمەس ئىدى. يېزىغا يېقىنلا ئەتراپتا سۈرلۈك، قويۇق ئورمانلىق بار بولۇپ قاپقاراڭغۇ كۆرۈنەتتى. كېپلىن بىرەر ئەسىرىدە، مەن تەۋەككەل قىلىپ كەلگەن بۇ يېزىنى تەسۋىرلىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ ئەسىرىدە پۈتۈن ھىندىستان تەسۋىرلىنىپلا قالماي مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل يەر شارىمۇ تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ مۇنۇ بىر-ئىككى جۈملىلىك تەسۋىرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتسەكلا كۇپايە: چوڭقۇر جىلغا، تۆپە تەرەپتە ئۇياق-بۇياققا يەلپۈنۈپ تۇرغان بامبۇك نوتىلىرى بۇ كەپىلەرنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپى سازلىق ۋە شال ئېتىزى بولۇپ، يەنە بىر پارچە ئويمانلىق بىلەن قىيانلىق دەريامۇ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى؛ مەن ئۇ دەريانىڭ نامىنى ئەزەلدىن بىلمەيتتىم. ئاندىن يەنە شۇ قويۇق ئورمانلىق كۆزگە چېلىقاتتى. ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىندى مۇخلىسلىرى ئىدى. بۇنىسى مېنى تولىمۇ بىزار قىلغانىلىقىغا گەپ كەتمەيتتى. مەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئەزەلدىن ياخشى ئۆتەتتىم، يەھۇدىي دىنى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولساممۇ، ئىسلام دىنى دىنلار ئىچىدە بىر خىل ئەڭ بىچارە ئېتىقاد ئىدى.
مېنىڭچە، ھىندىستاندا كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بىراق بۇ كەنتتە قويۇق ئورمانلار توختىماستىن كۆپىيىپ كەپىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە سىڭىپ كىرىدىغاندەك قىلاتتى.
كەچ كىرىپ قالغان بولسىمۇ ھاۋا ناھايىتى دىمىق ئىدى.
بۇ يەردىكى بىر توپ ياشانغان كىشىلەر ماڭا مەرھابا، دېيىشتى. مەن  ئۇلارغا جۋابەن مۆجىمەل قىلىپ بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلغانمۇ بولدۇم. بۇ يەرنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ئېيتىپ ئۆتكەنىدىم، بىراق شۇنىسى كۆڭلۈمگە ئايانكى، ھەر كىمگە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئۆز يۇرتى ئىسسىق كۆرۈنىدۇ. شۇڭا مەن بۇ شۈبھىلىك كەپىلەر ۋە شەك چۈشۈرۈشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ماختاپ قويدۇم. ئۇلارغا بۇ يېزىنىڭ نامى لاھورغىچە يېتىپ بارغانلىقنى ئېيتىۋېدىم، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتتى. مەن شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ بىمەنە سۆزلەپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ئۆكۈنۈشكە باشلىدىم. ئۇلار مەلۇم بىر مەخپىيەتلىكنى مەندىن يوشۇرۇۋاتاتتى، ئۇلار بۇ مەخپىيەتلىكنى ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئېيتىپ بېرىشنى خالىمايتتى. ئۇلار بەلكىم كۆك يولۋاسقا چوقۇنۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر خىل ئېتىقادى قىلىۋالغاندۇ. ئويلىمايلا ئېيتىپ سالغان بۇ گەپلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانىدىم.
ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە گۈرۈچ تامىقى بىلەن چاي ئىچكەندىن كىيىن پاراڭ تېمىسى ماڭا يۆتكەلدى. گەرچە بۇ ئىش تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر ھەممەيلەن ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشاتتى، ھەتتا بەزىلىرى ئالاقزادىلىك بىلەن قارايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇلارغا بۇ غەلىتە مەخلۇقنى تۇتۇش مەقسىتىم بارلىقىنى ئۇدۇللا ئېيتتىم. ئۇلار شۇندىلا يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى-دە، سۆزلىرىمنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاڭلىدى. ئارىد بىرسى تېخى ئۇ مەخلۇقنى ئورمانلىقتا يىراقتىن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپمۇ بەردى.
يېرىم كېچىدە ئۇلار مېنى ئويغاتتى، بىر يىگىت ماڭا ئېغىلدىن ئۆچكىسى قېچىپ كېتىپ ئىزلىگىلى بارغان ۋاقىتتا دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا كۆك يولۋاسنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. كۆڭلۈمدە بولسا، ئۇ ھىلال ئاينىڭ يورۇقىدا يولۋاسنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. بىراق، ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى راستقا چىقىرىشىۋالاۋاتاتتى، ھەتتا ئەزەلدىن ئانچە كۆپ گەپ قىلمايدىغان كەم سۆز بىر نەچچەيلەنمۇ ئۆزلىرىرىنىڭمۇ ئۇ يولۋاسنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن مىلتىقنى ئېلىپ سىرتقا چىقتۇق، مەن مۈشۈكتەك بىر سايىنىڭ ئورمانلىق ئىچىگە غايىب بولغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يىتۈپ كەتكەن ھېلىقى ئۆچكىنى ئىزدىمىدى، ئۇنى مەن ئىزلەپ يۈرگەن كۆك يولۋاسنىڭ ئېلىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى زور ئىدى. ئۇلار ماڭا يولۋاسنىڭ ئاياغ ئىزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرسەتكەن بولسىمۇ بۇ ھېچنىمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيتتى.
بىر  نەچچە كېچىدىن كېيىن بۇ خىل ساختا كۆرۈنۈشلەر ئۇلارنىڭ كونا چارىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ يەردىكى كىشىلەر خۇددى «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزۇ» رومانىنىڭ ئاپتورى دانىل دېفوغا ئوخشاش تەبىئەت ئېھتىياجلىق بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەن. ئەسلىدە بۇ يەردە يولۋاسنى ھەر قانداق جايدا ھەر قانداق ۋاقىتتا، مەيلى جەنۇبتىكى شال ئېتىزىدىن بولسۇن ياكى شىمالدىكى چاتقاللىقتىن بولسۇن، ھەر دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ھەر قېتىم يولۋاسنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان يۈگۈرەيمەن، بىراق يولۋاسنىڭ كەتكەن ۋاقتىغىلا ئۈلگۈرۈپ بارىمەن. ئۇلار ھەمىشە ماڭا يولۋاسنىڭ ئاياغ  ئىزلىرىنى كۆرسىتىشىدۇ، بىراق ئادەمنىڭ مۇشتۇمى بىلەنمۇ يەرگە ناھايىتى ئاسانلا يولۋاسنىڭ ئاياغ ئىزىنى چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈك ئىتتىنمۇ پايدىلىنىپ باقتى. سۈتتەك ئايدىڭ بىر ئاخشىمى بىز بىر ئۆچكىنى يەمچۈك قىلىپ قاراپ تۇرۇشتۇق، شۇغىنىسى، تاڭ ئاتقۇچە بىكاردىن بىكارغا ئاۋارە بولغىنىمىزلا قالدى. مەن دەسلەپتە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويۇن ئويناشتىكى مەقسىتى مېنى قالدۇرۇپ قېلىش دەپ ئويلىغانىدىم، چۈنكى مېنىڭ بۇ يېزىدا قېلىپ قېلىشىم ئۇلارغا پايدىلىق ئىدى. ئۇلار ھازىر مېنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەپلا قالماي يەنە تېخى ئۆي ئىشلىرىمنىمۇ قىلىشىپ بېرەتتى. پەرىزىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر كۈنى ئۇلارغا، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا بېرىپ يولۋاس ئىزدەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇكى بولدىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قارارىمنى قوللىدى، شۇندىلا مەن ئۇلارنىڭ مەندىن يوشۇرىۋاتقان بىر مەخپىيەتلىكى بارلىقىنى، ھەممىسىنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگىنىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
  ھېلىقى قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان تاغنىڭ ئانچە ئېگىز ئەمەسلىكىنى، يېزىنىڭ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدىم، تاغ چوققىسى بولسا بىر پارچە تەكشىلىك ئىدى، بىر تەرىپى شەرقىي شىمالدىكى قويۇق ئورمانلىق بىلەن تۇتىشاتتى. يانباغىر ئانچە خەتەرلىك بولمىغاچقا مەن ئۇلارغا بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن تاغقا چىقىش تەكلىپى بەردىم. مېنىڭ بۇ سۆزۈم ئۇلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. بىرەيلەن قورقۇمسىراش ئىچىدە، يانباغىرنىڭ ناھايىتى تىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يېشى ئەڭ چوڭ بىر كىشى سۈرلۈك تەرىزدە، مېنىڭ پىلانىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى، تاغ چوققىسىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئۇ تەڭداشسىز كۈچ -قۇدرىتى بىلەن كىشىلەرنى چەكلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىمىكى ئۇ يەرگە چىقسا ئىلاھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەقلىدىن ئېزىپ ياكى كۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆپ تالىشىپ ئولتۇرمىغان بولساممۇ، ئەل ئايىقى جىمىققاندا تىۋىش چىقارماستىن كەپىدىن ئاستاغىنە چىقىپ، تاغ باغرىغا قاراپ يامىشىشقا باشلىدىم. بۇ يەردە يولمۇ يوق ئىكەن، ئۆسكىلەڭ چاتقاللار يولۇمنى توساتتى.
ئاي ئۇپۇق سىزىقىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە زەن سېلىشقا باشلىدىم. بۇ كۈن بەلكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن بولسا كېرەك. بۇ ئورمان شۇنچىلىك قاراڭغۇ بولۇپ پۈتۈن ئەتراپ قاپقاراڭغۇ تۈس ئالغانىدى. كۈن يورۇغان بولسىمۇ بىرەر-يېرىم قۇشلارنىڭ سايرىغىنىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى.
   ئالاھىزەل يىگىرمە-ئوتتۇز مىنۇتقىچە ياماشقاندىن كېيىن پەلەمپەيلىك يەرگە چىقتىم. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى تاغ باغرىغا قاپسالغان ھېلىقى يېزىنىڭكىدىنمۇ ساپ ئىدى. مەن ئىسپاتقا ئېرىشكەنىدىم، مەن تۇرغان يەر تاغنىڭ چوققىسى بولماستىن، قاپ بېلىدىكى بىر پارچە تەكشى يەر ئىدى. ئۇ ئانچىۋالا كەڭ بولمىسىمۇ، دەل-دەرەخلەر تاغنىڭ ئىككى چېتىدىن يامىشىپ ئۆسكەنىدى. مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئەركىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. يېزىدا تۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى خۇددى تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانىدىم. يېزىدىكى كىشىلەر مېنى ئالدىغانىدى، ئەمما مەن ئۇنى ئېغىر ئالمىغانىدىم، چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار كىچىك بالىنىڭ ئۆزىلا ئىدى.
  يولۋاسقا كەلسەك...نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەت مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىياقىم ۋە ئىشەنچىمنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئاڭسىز ھالدا يولۋاسنىڭ ئاياغ ئىزىغا چۈشكەنىدىم.
ئۇ يەرنىڭ تۇپرىقى قۇمساڭغۇ بولۇپ، چاك-چاك يېرىقلار بىلەن تولغانىدى. بۇ يېرىقلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شۈبھىسىزكى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. تۇيۇقسىز ئاشۇ يېرقلارنىڭ بىرىدە تونۇش بىر رەڭ كۆزۈمگە چېلىققاندەك قىلدى، ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، بۇ دەل مەن چۈشۈمدە كۆرگەن يولۋاسنىڭ رەڭگى ئىدى. مەن ئەل ئۆمرۈمدە بۇ خىل رەڭنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. مەن ئاڭا زەن سېلىپ قارايتتىم. يېرىقىنىڭ ئىچى تاش پارچىلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، خۇددى قولدا قۇيغاندەك ھەممىسى دۈگىلەك شەكىلدىكى بىر قانچە سانتىمېتىر كېلىدىغان سىپسىلىق تاشلار ئىدى.
مەن ئىڭىشىپ يېرىققا قولۇمنى سوزدۇم-دە، بىر قانچە پارچە تاشنى ئالدىم، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. قولۇمنى ئوڭ يانچۇقۇمغا سالدىم، بۇ يانچۇقتا كىچىك قايچا بىلەن ئاراخاباتنىڭ بىر پارچە خېتى بار ئىدى. بۇ ئىككى نەرسىنىڭ مەزكۇر ھېكايىمىزدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم ئىدى.
   كەپىگە قايتىپ كىرىپ چاپىنىمنى سېلىپ كارىۋاتقا تاشلاندىم-دە يەنە يولۋاسنى چۈشەشكە باشلىدىم. چۈشۈمدە يولۋاس ۋە تېرىۋالغان تاشلارنى تەتقىق قىلىۋاتقۇدەكمەن. قۇياش نۇرى يۈزۈمنى يورۇتقاندىلا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە يانچۇقۇمدىكى تاشلارنى ئالدىم. بىر خىل ئاجايىپ سېزىم، ئاجايىپ تەسىرات قەلبىمنى چۇلغاپ قوللىرىم قىزىشقا باشلىدى. قولۇمدىكى بىر قانچە تال تاشقا قارىدىم، ئون تالدىن ئاشمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل بولسىمۇ جوزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بىردىن-بىردىن ساناشقا باشلىدىم.
   بۇ ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاددىي بىر ئىش ئىدى. بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ساناپ بولالمىدىم، چۈنكى تېرىپ ئالغىنىم بىر تال تاش بولسىمۇ بىر دەمدىلا بىر قانچە دانىغا كۆپىيىپ قالاتتى. ئۆزۈمنى قىزىپ قالدىممۇ-يە دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. نۇرغۇن قېتىم سىنىغان بولساممۇ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولاتتى. ئىككى پۇتۇمنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى ئىككى تىزىمنىڭ توختىماي تىتىرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ خىل سېزىم ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت تۇرغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
مەن تاشلارنى يىغىپ دېرىزىنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋەتتىم-دە بىر خىل ئازادىلىككە چىقىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئىشىكنى چىڭ تاقاپ كارىۋاتقا تاشلاندىم-دە ئۆزۈمنى ھېلىلا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ چۈش ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. ھېلىقى تاشلارنى يەنە ئويلىماسلىق ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن «ئېتىكا نەزەرىيەسى »نىڭ سەككىز ئېنىقلىمىسى ۋە ئالتە پرىنسىپىنى جۈملىمۇ-جۈملە يادلاشقا باشلىدىم. بۇنداق قىلغىنىمنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوق بىلمەيتتىم. شۇ پەيتتە ئىشىك چېكىلدى، مەن ئەسلىدىنلا ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتقىنىمنى بايقاپ قېلىشىدىن قورقاتتىم. شۇڭا دەرھال ئىشىكنى ئاچتىم.
بۇ ھېلىقى باگۋىن.داس ئىسىملىك ياشانغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئادەتتىكى تۇرمۇشۇمغا قايتقاندەك بولدۇم. بىز بىللە سىرتقا چىقتۇق، مەن ئۇنىڭ تاش پارچىلىرىنى كۆرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتىم، بىراق تاش پارچىلىرى يەردىلا چېچىلىپ ياتاتتى، مەن ئۇنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىكلىكىنى بىلمەيتتىم. ياشانغان كىشى بىردە ماڭا بىردە تاش پارچىلىرىغا قارايتتى، بۇ تاش پارچىلىرىنى پەقەت ئۈستىدىنلا تاپقىلى بولىدۇ، دېدى ئۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆزگىرىپ چىقىۋاتاتتى.
شۇنداق، مەن ئۇلارنى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىن تاپقان دېدىم مەن جاۋابەن. گەرچە يالغان گەپ قىلمىغان بولساممۇ ئۇنىڭغا بۇنداق چۈشەنچە بەرگىنىمدىن پۇشايمان قىلدىم.
باگۋىن.داس سۆزلىرىمگە پىسەنت قىلماستىن ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇراتتى، مەن ئۇنى تېرىۋېلىشقا بۇيرۇساممۇ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇراتتى. ئۇ ئاخىر ئوق يەپ ئۆلۈشكە رازىمەنكى بۇ تاشلارنى ھەرگىز ئالمايمەن، دەپ پىچىرلىدى.
سەن بىر توخۇ يۈرەك دېدىم مەن ئۇنىڭغا.
مەن ئۆزۈمنىڭ بالدۇر ئۆلمەيدىغانلىقمغا ئىشەنسەممۇ يەنىلا كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ تاشلارنى تېرىشقا باشلىدىم. تاشلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپىيىپ قالغانىدى.
مەن بۇ خىل ئۆزگىرىشكە ئاستا-ئاستا ئادەتلىنىپ قالدىم. بىراق بۇ ئۆزگىرىشلەر مېنى باگۋىن.داسنىڭ سۆزىچىلىكمۇ ھەيران قالدۇرمىدى. «بۇ كۆپىيىدىغان تاش» دېدى ئۇ ۋە ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى:ھازىر خېلىلا كۆپىيىپتۇ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن، ئۇ خۇددى تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ رەڭگىنى ئادەم پەقەت چۈشىدىلا كۆرەلەيدۇ، ئاتا-بوۋام بۇ تاشنىڭ ئىقتىدارىنى تىلغا ئالغاندا ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلمىغان.
كەنتتىكى پۈتۈن كىشىلەر بىزنى ئورىۋىلىشتى.
مەن ئۆزۈمنى بۇ مۆجىزىنىڭ ھۆكۈمدارى دەپ قارايتتىم، ھەيرانلىقتىن ئەس- ھوشىنى يوقاتقان پۈتكۈل يېزىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا تاشلارنى ئۇياق-بۇياققا ئېتىپ تاشلاپ كۆپەيگىنىنى كۆرسىتىشكە باشلىدىم.
كىشىلەر ھەيرانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە بىر يەرگە توپلاشتى، ئەرلەر ئاياللىرىنى تارتىپ بۇ مۆجىزىنى كۆرسىتەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوللىرى بىلەن يۈزلىرىنى ئېتىۋالغان، بەزىلىرى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالغان بولۇپ بىر كىچىك بالىنىڭ تاشلارنى تېرىپ ئوينىغىنىدىن باشقا  ھېچكىم تاشنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ بۇ مۆجىزىگە نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىمدە تېرىۋالالىغىنىمچە تېرىپ كەپىگە كىرىپ كەتتىم.
ئاشۇ كۈندىكى بارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇشقا تىرىشاتتىم. چۈنكى ئۇ تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پالاكەتچىلىكنىڭ باشلانغان كۈنى ئىدى. كەچتە تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئەسلىدىم، ئۇ كۈنىمۇ باشقا كۈنلەرگە ئوخشاش پۈتۈن ئىسيادىمنى يولۋاس چۇلغىۋالغانىدى. مەن ئۆزۈمنى يېتەرلىك قوراللار بىلەن قوراللاندۇرمىغىچە كۆك يولۋاستىن ئىبارەت بۇ ئوبراز ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ دەپ ئويلايتتىم. بىراق ھازىر بۇنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىدى، ئۇ ھازىر مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچقانچە قورقۇنچلۇق نەرسە ئەمەس.
ئىلگىرىكى خاتىرەمنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمنى ھېس قىلدىم. بۇ مېنى پسىخىك تەسۋىر ئەدەبىياتى دەپ ئاتىلىدىغان ئاچا يولغا دۇچار قىلدى. نېمە ئۈچۈنكىن بايقىغان خاتىرىلىرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈم بار، چۈنكى ئاشۇ تاش پارچىلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيتتى.
ئەگەر بىرەيلەن ماڭا ئايدا بىر يىرتقۇچ ھايۋان بار دېسە، مەن ئۇنىڭ پىكىرىنى  يا قوللايمەن يا قارشى تۇرىمەن ۋە ياكى ئۆز پىكىرىمنى ساقلاپ قالىمەن. بەلكىم بۇ يىرتقۇچنىڭ قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىم مۇمكىن. ئەگەر ئالتە-يەتتىسى بار دېسە بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كېسىپ ئېيتالايمەن. چۈنكى ئۈچكە بىرنى قوشسا تۆت بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان  ئادەم بارمىقىنى چىقىرىپ ھېسابلاپ يۈرمەيدۇ، پەقەت بىلسىلا بولغىنى، ئۇنى باشقىچە ئۇسۇلدا ھېسابلاشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ماتېماتىكا ئالىملىرىلا ئۈچكە بىرنى قوشسا تۆت بولىدىغانلىقىنى قايتا ئىسپاتلايدۇ، بۇ پەقەت تۆتنىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى خالاس.
   مەن ئالىكساندىر كىلىچ پۈتۈن يەر شارىدىكى كىشىلەر ئىچىدە پەقەت مەنلا ئادەم مېڭىسىدىكى ئاساسىي قائىدىلەر بىلەن زىت بولغان بىردىنبىر نەرسىنى بايقىدىم. دەسلەپتە ساراڭ بولۇپ قېلىشتىن قورقتۇم، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇنىڭغىمۇ كۆندۈم. مېنىڭ خىيالىم قالايمىقانچىلىققا تولغان بۇ دۇنيادىن كۆپ ئازادە ئىدى، ئەگەر ئۈچكە بىرنى قوشسا ئىككى ياكى ئون تۆت بولىدىغان بولسا بۇ ساراڭ بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
ئۇ چاغلاردا مەن چۈشۈمدە كىچىك تاش پارچىلىرىنى كۆرۈشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرمەكچى بولدۇم، لىكىن ھەر كۈنى چۈشۈمدە كۆرەلمىگەچكە ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي كۈتۈش ۋەھىمىگە ئايلاندى، چۈشلىرىم بىر-بىرىگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىشىپ قالاتتى، باشتىن-ئاخىر قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرەتتى، ئالدى بىلەن رىشاتكا ياكى تۆمۈر پەلەمپەيلەر چۆرگىلىگەن پېتى تۆۋەنلەيتتى، ئاندىن بىر ياكى بىر قانچە ئازگاللار ۋە قاتار-قاتار پەلەمپەيلەردىن تارتىپ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرى، ئاچقۇچ ياسايدىغان دۇكانلار، سازلىقلارغىچە تۆۋەنگە قاراپ چۆكەتتى. ئەڭ تۆۋىنىدە ھېلىقى تاش پارچىلىرى بار ئىدى. بەلكىم بىئەيمۇت ياكى لىۋىتان بولسا كېرەك، ئىنجىلدىكى ئىلاھنىڭ ھەققانىيىتىگە خىلاپلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياۋايى ھايۋان، پۈتۈن بەدىنىم لەرزىگە كەلدى، ھېلىقى تاش پارچىلىرى كۆپىيىش ياكى ئازىيىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.
كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمىدى، مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان تاشلارنى تۇتقان، شۇڭا ئۇلار مېنىڭ تاغ چوققىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىمنى، گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىم مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تېخى ماڭا زەربە بەرگىنى ياكى قىلمىشلىرىمنى ئەيىبلىگىنى يوق. لېكىن ئۇلار يەنىلا ناھايىتى خەتەرلىك، تاشلارنى ئوينىغان ھېلىقى كىچىك بالا يوقىلىپ كەتتى، ھازىر خەنجەرنىڭ تىغ ئۇچى ماڭىلا قارىتىغلىق. بىر كۈنى ئەتىگەن تاڭ يورۇماستا بۇ يېزىدىن قاچتىم، يېزىدىكى بارلىق كىشىلەر مېنى كۈزىتىپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى، مېنىڭ كېتىشىم بىلەن ئۇلار زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلدى، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇ تاشلارنى قايتا كۆرۈشنى خالىمىدى.
   مەن ھېلىقى تاشلارنى يانچۇقۇمغا قاچىلاپ لاھورغا قايتىپ كەلدىم. كىتابخانامدىكى كىتابلارمۇ مەن موھتاج بولغان ئازادە كەيپىياتنى ئاتا قىلالمىدى، پۈتۈن ئەس-يادىمنى ئاشۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان يېزا، قويۇق ئورمانلىق، تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان تاغ ئېتىكى، پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى يول-يول يېرىقلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاشلار چۇلغىۋالدى، چۈشلىرىم بۇ قالايمىقان نەرسىلەر بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى.
مەن دوستلۇرۇمدىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم، ئۇلارغا بۇ قورقۇنچلۇق مۆجىزىگە بولغان گۇمانىمنى ئاشكارلاشتىن قورقتۇم، چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەنىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
مەن ھەرخىل تەجرىبىلەرنى ئېلىپ باردىم. بەزى تاشلارنىڭ ئۈستىگە كىرىست بەلگىلىرىنى قويۇپ باشقا تاشلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇۋىتەتتىم، بۇ تاشلار قانچە ئۆزگەرگەندىن كىيىن قانچە كۆپەيگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا يوقىلىپ كېتەتتى. مەن بۇ تەجرىبىنى يەنە بىر قېتىم ئىشلىدىم، بىر تەرىپى پۇچۇلغان بىر تاشنى ئىكەكلەپ يىرىم ئاي شەكلىگە كەلتۈرسەم ئۇمۇ غايىب بولدى. بىر كۈنى كىرىست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن تاش كەتكەن يېرىدىن قايتىپ كەلدى، بۇ زادى قانداق سىرلىق جايدۇر؟ ئۇ تاشلارنى تارتىپ ئەكىتىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن يەنە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ قويىدىكەن، بۇ بىر خىل چۈشىنىپ بولمايدىغان قانۇنىيەتمۇ ياكى ئەۋلىيالارنىڭ ھەيۋىسىگە ئىتائەت قىلىشمۇ؟
ماتېماتىكا بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا سانلار تەرتىپىگە بولغان بىر خىل قىزىقىش مەۋجۇت ئىدى؛ ھازىر ئاشۇ خىل قىزىقىش مېنىڭ ماتېماتىكىنىڭ ئالاھىدە ھادىسىلىرىنىڭ ئىچىدىن سانلار تەرتىپىنى ئىزدەپ تېپىشىمغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ، ماتېماتىكىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ھادىسىسى كۆپىيەلەيدىغان تەلۋە تاشلاردىن ئىبارەت ئىدى. مەن ئالدىنئالا كۆرگىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەر ئىچىدىن بىر قانۇنىيەتنى بايقاشنى ئويلايتتىم. مەن تاشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈن ساناپ سىتاستىكا قىلاتتىم. ئاشۇ ئىچى قۇرۇق سان سىپىرلار بىلەن تولغان خاتىرە دەپتەرلىرىمنى ھېلىھەم ساقلاۋاتىمەن. ئاۋۋال تاشلارنى ساناپ خاتىرلەيمەن ئاندىن ئىككىگە بۆلۈپ جوزىغا قويۇپ يەنە ساناپ خاتىرلەيمەن، كىيىن يەنە بىر قېتىم مۇشۇ تەرتىپ بويىچە سىناق قىلىمەن.  كىچىك تاشلار خۇددى ئايلانما تەخسىلىك قىمارنىڭ شەكىللىرىگە ئوخشاش ئۇنىڭ تەرتىپىنى زادىلا تاپالمىدىم. ئۇنىڭ سانى كۆپ بولغاندا تۆت، ئاز بولغاندا ئۈچ بولاتتى. بەزىدە تاشلارنىڭ غايىب بولىشىدىن قورقاتتىم ياكى شۇنى ئۈمىد قىلاتتىم. تەجرىبە قىلىش جەريانىدا بىر تاش باشقا تاشلاردىن ئايرىلسا كۆپەيمەيدىغانلىقى ياكى ئازايمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىم. ئەلۋەتتە قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللانغىلى بولمايتتى، مەن بۇ تاشلارنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، گەرچە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ باقمىغان بولساممۇ ئېغىرلىقىنىڭ باشتىن ئاخىر بىردەكلىكىگە شۇنداقلا ناھايىتى يەڭگىللىكىگە جەزم قىلالايتتىم. ئۇنىڭ رەڭگىمۇ باشتىن-ئاخىر كۆك رەڭدە ئىدى.
   خىزمەتكە كىرىشكەندىن كىيىن ئازابلىرىمنى ئۇنتۇغاندەك بولدۇم. ماتېماتىكىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشلار پەيدا بولغاندا گىرىتسىيىلىكلەرنىڭ تېشىنى توختىماي ئويلىدىم، ئۇ ئەڭ دەسلەپكى سان-سىپىرلار ئىدى، كىيىن ھەر قايسى تىللاردا «ھېسابلاش »تىن ئىبارەت بۇ سۆز پەيدا بولدى. مەن ماتېماتىكىنىڭمۇ كېلىش تارىخى بار دەپ ئويلايتتىم.
بىر ئايدىن كىيىن، مەن بۇ قالايمىقان ئاقىۋەتنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقى تونۇپ يەتتىم، بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغان تاشلار بۇ يەردە تۇرۇپتۇ،
   مەن توختىماي ئۆزۈمنى بۇ تاشلارنى ئەسلەشكە مەجبۇرلايتتىم، چۈنكى ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچىچە زادىلا ئۇخلىيالماي تاكى تاڭ سۈزۈلگىچە مېڭىپ  ۋاجىخان مەسچىتىگە كىردىم، بۇ ۋاقىتتا تېخى كۈن چىقمىغان بولۇپ قورۇنىڭ ئىچىدە ئادەم كۆرۈنمەيتتى، ئىچىگە كىرىپ تەڭرى ۋە ئاللا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان شەيئىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاتىلىشى خالاس دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن مېنى بۇ يۈكلەردىن ئازاد قىلىشىنى تىلەپ مىدىرلىماي ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتتۈم.
ھېچقانداق ئاياغ ئىزىنى ئاڭلىمىغان بولساممۇ يېنىمدىن «مەن كەلدىم»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
يېنىمدا كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەن، چىرايى سارغايغان، ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن ئوتتۇرا بويلۇق بىر دىۋانە تۇراتتى. ئۇ ماڭا قولىنى سوزۇپ بوش ئاۋازدا: ئازراق سەدىقە بېرىڭ، ساخاۋەتچىم، دېدى. يانچۇقۇمنى سىلاپ باققاندىن كىيىن مەندە پۇل يوقكەن دېدىم مەن. سىزدە ناھايىتى كۆپ دېدى، ئۇ. مېنىڭ ئوڭ يانچۇقۇمدا ھېلىقى تاشلار بار ئىدى، شۇنىڭدىن بىر تال ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.
   «ھەممىنى ماڭا بېرىڭ» دېدى ئۇ.
بۇ سەدىقىلەرنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك، دېدىم مەن.
«بۇ بەلكىم ئېرىشكەن بىردىنبىر سەدىقەم بولۇشى مۇمكىن، مەن بىر گۇناھكار» دېدى ئۇ جاۋابەن.
مەن يانچۇقۇمدىكى تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم، خۇددى دېڭىزغا تاشلىغاندەك ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. كىيىن ئۇ ماڭا:سېنىڭ ماڭا بەرگەن سەدىقەڭنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن، بىراق مېنىڭ ساڭا بېرىدىغىنىم ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق، ئۇ كۈندۈزنى زىمىستان كېچىنى، ئەقىل پاراسەت، ئادەت، دۇنيانى ساڭا قالدۇرۇپ كېتىدۇ، دېدى.
قارىغۇ دىۋانىنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىمىدىم ھەم ئۇنىڭ سۈبھىدە غايىب بولغىنىنىمۇ كۆرمىدىم.

تەڭرىتاغ ژورنىلىىنىڭ 2007-يىللىق2-سانىدىن ئېلىندى
بەت: [1]
: چارىسىز مۆجىزە(بورگېس)