bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:09:54

بىلىمخۇمار: مەن قىلغان يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا

مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» (NASA Tech Briefs) ژورنىلىنىڭ 2015-يىلى 2-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىندى . تۆۋەندە مەن بۇ قېتىمقى يېڭىلىقنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىمەن.

--بىر مېتىر 1000 مىللىمېتىرغا تەڭ.
--بىر مىللىمېتىر 1000 مىكرو-مېتىرغا تەڭ.
--بىر مىكرو-مېتىر 1000 نانو-مېتىرغا تەڭ.
--يەنى، بىر مېتىر 1000000000 نانو-مېتىرغا تەڭ بولۇپ، بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىلنى بىر مىليارد پارچىغا ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا كەسسە، ئۇنىڭ بىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر نانو-مېتىر بولىدۇ.
--ئىنسان چېچىنىڭ توملۇقى 17 مىكرو-مېتىردىن 181 مىكرو-مېتىرغىچە كېلىدۇ .

ئالەم تېلېسكوپلىرىغا ئوخشاش ئوپتىكىلىق سىستېمىلارغا قويۇلغان تەلەپلەر ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاشۇنداق تېلېسكوپلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم قىممەت «دولقۇن فرونتى خاتالىقى» (wavefront error) دەپ ئاتىلىدۇ.  ئەگەر نۇرنى قايتۇرىدىغان بىر ئەينەكنىڭ يۈزىنىڭ تەكشىلىكىدە 50 نانو-مېتىر خاتالىق بار بولىدىكەن (يەنى، ئەينەكنىڭ يۈزىدىكى ئېگىز-پەسلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئېگىزلىكى 50 نانو-مېتىر بولىدىكەن)، ئۇ 100 نانو-مېتىرلىق دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ھازىر بىز ياساۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەينىكىنىڭ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە چوڭ-كىچىكلىكى ھەر خىل بولغان 20 دىن كۆپرەك نۇر قايتۇرىدىغان ئەينەكلەر بار بولىدۇ.  ھازىر بىز ياساۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىدا، ئاشۇ ئەينەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتالىقىنى قوشقاندا 100 نانو-مېتىردىن تۆۋەن بولۇش تەلەپ قىلىندۇ.

بىز ئىشلىتىدىغان ئەينەكلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەزى دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئەگمە ئەينەكلەرنى نەچچە ئون مىڭ دوللارغا سېتىۋالىمىز.  ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يۈزىگە ئالتۇن يالىتىلغان بولىدۇ.  ئەشۇنداق يۇقىرى سۈپەتلىك ئەينەكلەرنى ئىشلەتسەكمۇ، تېلېسكوپنى يېڭى ياساپ چىققاندا، ئۇنىڭدا نەچچە مىكرو-مېتىردىن نەچچە ئون مىكرو-مېتىرغىچە خاتالىق كۆرىلىدۇ.  شۇڭلاشقا بىز ئوپتىكىلىق سىستېمىلاردا بىر دانە ياكى بىر قانچە دانە ئېلېكتىر سىگنالى بىلەن شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئەينەكلەرنى ئىشلىتىپ، دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئۇنى 100 نانو-مېتىردىن تۆۋەن قىممەتكە چۈشۈرىمىز.

دوكقۇن فرونتى خاتالىقىنى تۈزۈتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى توغرا ئۆلچەپ چىقىش كېرەك.  دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى ئۆلچەش ۋە تۈزۈتىش ساھەسىدە، مەن ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

دولقۇن فرونتىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇللاردىن، مەزكۇر يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك 2 ئۇسۇل بار.

بىرنچى ئۇسۇل ئىنگلىزچە «Phase Retrieving Camera» (PRC) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا بىر نانو-مېتىردىن كىچىك خاتالىقلارنىمۇ توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ.  بۇ ئۇسۇل مۇتلەق خاتالىقنى ئۆلچەيدىغان بولۇپ، بىر ئەينەك بىلەن يەنە بىر ئەينەكنى سېلىشتۇرۇش ھاجەتسىز.  ئەمما بۇ ئۇسۇلدا ئوپتىكىلىق سىستېمىدىكى بىر زاپچاسنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ تۇرۇپ، كەم دېگەندە 4 پارچە رەسىم تارتىش زۆرۈر بولىدۇ.  شۇنداقلا بۇ رەسىملەرنى ماتېماتىكىلىق ئالگورىزم بىلەن ئانالىز قىلىپ، دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ.  شۇنداقلا بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە مىكرو-مېتىردىن چوڭراق بولغان خاتالىقلارنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى ئۇسۇل ئىنگلىزچە «Shack-Hartmann Sensor» (SHS) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە ئون مىكرو-مېتىر خاتالىقلارنىمۇ ئۆلچىگىلى بولىدۇ.  بىر زاپچاسنىڭ ئورنىنى يۆتكەش ھاجەتسىز بولۇپ، پەقەت بىر پارچە رەسىمنى ئانالىز قىلسىلا بولىدۇ.   شۇڭا بۇ ئۇسۇلغا ۋاقىت ناھايىتى ئاز كېتىدىغان بولۇپ، بىر قانچە ئون سېكۇنتتىلا ئۆلچەش نەتىجىسى چىقىدۇ.  ئەمما بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆلچەش توغرىلىقى بىر-ئىككى نانو-مېتىر بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كىچىك خاتالىقلارنى ئۆلچىيەلمەيدۇ.  شۇنداقلا ئۇ بىر خاتالىقنى يەنە بىر خاتالىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، نىسبىي خاتالىقنىلا ئۆلچىيەلەيدۇ.  

يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2-ئۇسۇل يېڭى ياسالغان ئوپتىكىلىق سىستېمىلارنى تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى باسقۇچلاردا تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ (ئۇنداق سىستېمىلارنىڭ خاتالىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ).  شۇنداقلا بىر ئوپتىكىلىق سىستېمىنىڭ خاتالىقىنى ھەر يېرىم سائەتتىن ھەر بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىمدىن تەڭشەپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.  بىرىنچى ئۇسۇل بولسا ئوپتىكىلىق سىستېمىنى كۈنىگە بىر قېتىم ئىنچىكە تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

مەن بۇ قېتىم قىلغان يېڭىلىق 2-ئۇسۇلدا ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسەن 1-ئۇسۇلدا ئېرىشكىلى بولىدىغان نەتىجىنى مۆلچەرلەش ئالگورىزىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت ۋە باشقا چىقىملارنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى يېڭىلىققا بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى «نەشىر ھوقۇقى» (Copyright) ئالدى.  

مەن قىلغان بۇرۇنقى يېڭىلىقلاردىن يەتتىسى مەزكۇر ژورنالدا بۇرۇن خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى مەن ياراتقان يېڭىلىقلارنىڭ مەزكۇر ژورنالدا 8-قېتىم خەۋەر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان ئىدارە ج پ ل مەمۇرىي جەھەتتىن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا قارايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىراجىتىنى ناسا تەمىنلەيدۇ.  شۇڭا ئۇ بىر ناسا مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  يەنى، بىزگە كېرەكلىك خىراجەتلەرنى كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ناسادىن ئالىدىغان بولۇپ، مەن مائاشىمنى كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن ئالىمەن.  ناسانىڭ جەمئىي 10 مەركىزى بار بولۇپ، ج پ ل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى.  بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ھازىر 5000 دىن كۆپرەك خىزمەتچىسى بار بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە ج پ ل ھازىر كائىنات بوشلۇقىدا ۋە مارستا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 23 دانە ئالەم ئۇچقۇرىنى باشقۇرىۋاتىدۇ.  ناسانىڭ يېڭى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى بىزنىڭ ئىدارە قىلىدۇ.  ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى «گوددارد ئالەمگە ئۇچۇش مەركىزى» بولۇپ، ئۇنىڭ خادىمى 2500 ئەتىراپىدا. ئۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي-شىمالىي قىرغىقىدىكى مەرىلەند شتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، بىز بولساق ئامېرىكىنىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىرغىقىدىكى كالىفورنىيە شتاتىدا.  قالغان ناسا مەركەزلىرىنىڭ ئىچىدە خىزمەتچىسىنىڭ سانى 1000 غا يەتمەيدىغانلىرى خېلى كۆپ.

خەلقئارادىكى بىر نوپۇزلۇق ئورۇن ئېلان قىلغان، دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىدە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى 2011-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 1-ئورۇنغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ .  

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئىشلىرىغا ئاجراتقان يىللىق پۇل مىقتارى 450 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ناسا ئۈچۈن خەجلەيدىغان بىر يىللىق پۇلى ھازىر 19 مىليارد دوللار ئەتىراپىدا.


1-رەسىم: مېنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭىلىقىمنى خەۋەر قىلىنغان ژورنالنىڭ تېشى.


2-رەسىم: «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ مەزكۇر خەۋەر بېسىلغان بېتى.  بۇ رەسىمدە مەن ئۆزۈمنىڭ ئىسمىنى بىر قىزىل-چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويدۇم.  بۇ يېڭىلىق مەن بىلەن «موك فاي» ئىسىملىك يەنە بىر كىشىگە تەۋە بولۇپ، مەن بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىسى (Principal Investigator, PI).  فوكماي بولسا مۇشۇ پروجېكت ئېلېمېنتىنىڭ مەسئۇلى (Project Element Manager, PEM).

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

http://viewer.zmags.com/publication/f19bdeae#/f19bdeae/1

Diameter of a human hair


Times Higher Education World University Rankings


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:51:05

دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى ئۆلچەش ۋە تۈزۈتىش ساھەسىدە، مەن ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.
  {:143:}
تېخنىكا جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرۇدىغان ئالىملارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئاارزۇ قىلىمەن، ئەركىن ئاكا،  تېنىڭىز سالامەت، ئائىلىڭىز بەختلىك بولغاي.

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:45:08

مەن سىزنىڭ تىخىمۇ نوچى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭزغا ئىشىنىمەن ئەركىنكا. . .

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 12:27:19

ئۇنداقتا خاتالىق دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان تېلېسكوپلارنى ياساپ چىققىلى بولىدىكەندە، بۇ ھازىرقى ئوپتىك تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقرى پەللىسى بولسا كېرەك،

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 12:46:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 12:48  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئاكا، بۇ كاتتا نەتىجىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

ئۇزۇندىن بۇيان سىزگە ئېيتماقچى بولغان بىر ئۈمىدىم بار ئىدى. بۇ تېمىڭىز بۇ گېپىمنى چىقىرىشىمغا نەق ماس كېلىدىكەن. شۇڭا مۇشۇ يەردىلا دەي: ئۆزىڭىزگىمۇ مەلۇم، مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى ۋاقىت ھىساپلىشى ئاسماندىكى كۈن ۋە ئايلارنى كۈزىتىش بىلەن بولىدۇ. لېكىن شۇ ئاينىمۇ توغرا كۈزىتەلمەي، ھەر يىلى رامىزان ۋە ھېيىت كۈنىنى بەلگىلەشتە خوشنا مەھەللىدىكى ئىككى مەسجىد ئوتتۇرىسىدىمۇ كۈن پەرق قىلىدىغان ئەھۋال ھەتتا ئەڭ تەرەققى قىلغان ئامېرىكىدىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. سىز يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرىنى نانومېتىر ئېنىقلىققىچە ئۆلچىيەلەيدىغان، كۈزىتەلەيدىغان خەلقارادا بۇ كەسپنىڭ مۇتىخەسىس ئالىمى. «مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى؟» دەپ نەچچە يىل ۋەز-نەسىھەت ئېيتساقمۇ، ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ھەل قىلمىساق تېخىمۇ بەك ئارقىدا قېلىۋېرىمىز. ناسادىكى تەتقىقات خىزمەتلىرىڭىزگە تەسىر يەتمىگەن ئاساستا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ باش قېتىمچىلىقىغا ياردىمى تېگىدىغان تەتقىقاتلارنىمۇ قىلسىڭىز، شەرقتىمۇ، غەرپتىمۇ، مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ دۇنياۋى ئالىم ئاتىلىپ، ئۇلۇغبەگدىن كېيىنكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئاستىرونومىيە-ئوپتىكا ئالىمى بولۇپ، كېيىنكى دەۋىرلەر بويى تىلغا ئېلىنىدىغان، كاتتا ساۋاپ-ئەجىر ئىگىسى بولۇپ قالاتتىڭىز. اللە تەتقىقاتلىرىڭىزنى بەرىكەتلىك ۋە بىزگە پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 13:23:32

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 12:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئاكا، بۇ كات ...

   تىمىدىكى شۇ نانومىتىر بىرلىكلەر بۇيىچە خاتالىقمۇ يىراقتىكى پىلانىتلارنى كۈزەتكەندە كىلومىتىر قىيىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقتىن ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. سىز تىلغا ئالغان ھېيت ۋاقتىنى بىكىتىشتە بولسا ھەر قايسى جايلارنىڭ ناماز ئۈتەيدىغان كۈنىنى ئىنىق بىكىتىپ، شۇنىڭغا بوي سۇنىدۇ دەيدىكەنمەن،  بىزنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا قۇربان ھېيت نامىزىنى كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندە ئۈتەيمىز، سىز تۇرغان يەردىمۇ ئۇخشاشلا نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندە ئۈتەيمىز دىگەندەك دىمەك بىز ئوخشاش ۋاقىت رايونى بۇيىچە ئىگىزلىك رايونلېرىدىن سەل ئارقىدا قىلىشىمىز مومكىن. مىنوت سىكونت دەپ ئىنچىكىلەپ كەتكىلى بولماسمىكىن، ھەم ئۇنداق زۆرۆرىيەتمۇ يوق.
  
  

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 13:30:32

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 12:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئاكا، بۇ كات ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ھورمەتلىك ئەزىز ئۇكام،

مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ سەمىمىي تەكلىپىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە مەنمۇ داۋاملىق ئويلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.  ھازىر ئاسترونومىيە جەھەتتىكى زامانىۋىي بىلىملەرگە تايىنىپ، يەنە 1000 يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر ئايدا ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، يەنى يېڭى ئاينىڭ قايسى كۈنى چىقىدىغانلىقىنى توغرا بىلگىلى بولىدۇ.  مەسىلەن، سىز تۆۋەندىكى تور بېتى ئارقىلىق ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان جايدا قايسى كۈنى ئاي چىقىدىغانلىقىنى توغرا بىلەلەيسىز:

Moon Phases Calendar
http://www.moonconnection.com/moon_phases_calendar.phtml

ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ئەڭ ئېگىز بۇلۇپتنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ.  ئۇنىڭ نەرىسىدا بۇلۇت يوق.  شۇنداقلا سىزمۇ ئۇقىسىز، يېڭى ئاينىڭ چىقىشى بىلەن بۇلۇتنىڭ ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق.

ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدىغان كۈننى قانداق بەلگىلەش مەسىلىسىدە مەن خەلقئارادا خېلى تونۇلغان دىنىي ئۆلىمالارنىڭ گەپلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم.   مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدىغان كۈننى يېڭى ئاينى دىنىي ئۆلىمالار ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ، ئاندىن شۇنىڭغا ئاساسەن بەلگىلەش بىر سۈننەت بولغاچقا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن.  بۇنىڭ سەۋەبى، ئەگەر سىز بىر سۈننەتنى بىكار قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ باشقا سۈننەتلەرنىمۇ ئۆزلىرى خالىغانچە بىكار قىلىشىغا يول ئېچىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن دىن پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.  مانا بۇ باشقا دىنلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرى.  بۇ مەسىلىدە مەن باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھ خالىسا مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن.  ئاخىرىدا ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت!

تۆۋەندىكىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاي كالېندارى.  مەن ئۇنى يۇقىرىدىكى تور بېتىدىن كىسىپ ئالدىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:45:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 14:48  

مۇبارەك بولسۇن ئەركىنكا، بىزگە ئەمەلىي بىلىم ۋە ئىلھاملارنى بېرىپ كېلىۋاتىسىز..
بۇ ئاجايىپ نازۇك بىر ئىشكەن، شۇنداق يوقىرى ئىنچىكىلىكتىكى نازۇك ئەسۋاپلارنى، قانداق ماشىنىدا، قانداق ھۆنەر- سەنئەت بىلەن ياسايدىغاندۇ، ئۇ ماشىنىلار ئۆزىنىڭ خاتالىق پەرقىنى قانداق ئۆلچەيدىغاندۇ..

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:51:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 14:54  

مەن بىر سۇئالىنى سوراي دەپ يۈرگەن ئىدىم بۈگۈن نەق مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك  ئىكەن ...
مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئاينىڭ ئەگمىسنسى ئوڭ تەرەپكە قارىغان ياكى سول تەرەپكە قارىغان ھالسا كۆرەتتىم(تولمىغان ئايلارنى)
ھەم يۇقارقى رەسىمدىمۇ ئوڭ -سولغا ئەگمە ھالەتتە ئىكەن ، سىز دىگەن توربەتكىمۇ كىرسەم ھېلال ئايغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئايلار ئوڭ سولغا بۆلۈنۈپتۇ....
بىراق ئۆتكەن ئاي كەچ سائەت 10-11غىچە بولغان ۋاقىتتا تالاغا چىقىپ تۇيۇقسىز ئايغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى..ئاينىڭ ئەگمىسى تۆۋەندىكى رەسىمدەك تۇرىدۇ بۇ نىېمە ئۈچۈن؟

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 16:58:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEWBE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 17:21  

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 12:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئاكا، بۇ كات ...


رامىزاننىڭ باشلىنىش كۈنى ۋە ئاياغلىشىش كۈنىنى بىكىتىشتە ھاۋا ئوچۇق بولسا ئاينى كۆرۈشنى شەرت قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ :« ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئچىڭلار» دىگەن ھەدىس، بۇ ھەدىسكە ئاساسەن كۆپىنچە كىشىلەر ئاي كۆرۈلدىمۇ-يوق شۇنىڭغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.

ئەمما ئاي كۆرۈلمەي قالغان، بۇلۇتلۇق، ياكى يامغۇرلۇق بولغان كۈنلەردە قانداق قىلىدۇ دىگەندە، قانداق قىلىش كىرەك توغرۇلۇق ئۈچ خىل قاراش بار.
بىرىنجى خىل قاراش: شەئباننىڭ 29-كۈنى ئايغا قارايمىز، كۆرۈنمىسە شەئبان ئىيىنى 30 كۈن قىلىپ تولۇقلاپ،ئاندىن 31-كۈنىنى رامىزان ئىيىنىڭ 1-كۈنى قىلىپ بىكىتىمىز. رامىزاننىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىكىتىشتىمۇ ئوخشاشلا رامىزاننىڭ 29-كۈنى ئايغا قاراپ، كۆرۈنمىسە رامىزاننى 30 كۈن قىلىپ تولۇقلاپ تۇتىمىز، 31- كۈنى بولسا روزا ھىيىتنىڭ بىرىنجى كۈنى بولىدۇ.

2-خىل قاراش: 29-كۈنى روزىغا نىيەت قىلىپ، 30- كۈنىدىن باشلاپ رامىزاننىڭ 1-كۈنى قىلىنىپ، روزا تۇتىلىدۇ. بۇ ئىبن ئۆمەرنىڭ قارىشى.

3- خىل قاراش: ئاي ۋە قۇياشنىڭ سەيىر قىلىشىغا قاراپ، ھىسابلاپ رامىزان كۈنى بىكىتىلىدۇ. بۇ ساھابىلەردىن كىيىن ياشىغان تائىبىلاردىن مۇترەف بىن شۇخەيىرنىڭ قارىشى، شۇنداقلا ئىمام شافىدىنمۇ: «كىمكى يۇلتۇز ۋە ئاينىڭ ئورنىغا قاراپ دەلىل ئالالايدىغان بولۇپ، ئاينىڭ ئورنىغا جەزىم قىلالاپ، رامىزان كىرگەن ۋە چىققانلىقىغا جەزىم قىلالايدىغان بولسا، روزا تۇتسا بولىدۇ» دىگەن سۆز نەقىل قىلىنغان.
رەسۇلۇللاھ« ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ روزا ئىچىڭلار، ئەگەر بۇلۇتلۇق بولسا، تەقدىر قىلىڭلار» دىگەن. بۇ ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مۇشۇ ھەدىس ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. كىمكى بۇ ھەدىستىن ئاينى تولۇقلاپ، 30 كۈن ھىسابلاڭلار دەپ چۈشەنگەن بولسا شۇ بويىچە، ئاينىڭ ئورنىغا قاراپ بەلگىلەڭلار دەپ چۈشەنگەن بولسا شۇ بويىچە دىگەن.

بۇلار  1300 يىل بۇرۇنلا  دىيىلگەن، ئاي ۋە يۇلتۇزغا قاراپ رامىزاننى بەلگىلىسە بولىدىغان قاراشلار.


رەسۇلۇللاھ يەنە :« رامىزان كىشىلەر روزا تۇتقان كۈن، ھىيىت كىشىلەر ئىغىز ئاچقان كۈن» دىگەن.
دىمەك يۇرتىڭىزنىڭ مۆتىۋەر ئىمامى كىشىلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان بولسا، مەھەللە جامائەت بىلەن تۇتۇڭ، ھىيىت قىلغان بولسا بىللە ھىيىت قىلىڭ. جامائەتتىن ئايرىلماڭ. روزا تۇتۇشتا ئاينى كۆرۈش، بولمىسا 30 كۈننى تولۇقلاش، ياكى پەلەك ئىلمىي بىلەن ئېنىقلاش، ياكى مۇسۇلمان دۆلەت بولسا دۆلەت باشلىقىنىڭ، بولمىسا يۇرتنىڭ مۇفتىسى، ئىمامىنىڭ دىگىنىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

بۇ مەسىلىدە سەئۇدىدا تۇتۇپتۇ، سەئۇدىدا ئىچىپتۇ دەل تالاش قىلمايمىز. سەئۇدىنىڭ داڭلىق ئۆلىماسى مۇھەممەد ئىبن ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ كىشىلەرنى ئۆز يۇرتىدىكى جامائەت بىلەن بىللە روزا تۇتۇشقا پەتىۋا بەرگەن.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:28:09

    بىلىمخۇمار ئاكا بۇ تەتقىقات نەتىجىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .  ھە راس ، مەن تىلۋىزىردا ناساغا مۇناسىۋەتلىك راكىتا قۇيۇپ بەرگەن ياكى ئالەم ھەققىدىكى يېڭى بايقاش دىگەندەك خەۋەر بىرىپ قالسا سىزنى چىقىپ قالامىكى شۇنداق دىققەت قىلىمەن ،ناسانىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى چىقىدۇ لىكىن چىقىپ باقمىدىڭىز ، مۇخپىرلار  سىلەرنىڭ ئىشخانىدىكەرنى زىيارەت قىلمامدۇ ؟:){:90:}

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 20:57:51

    بىر چاغلاردا ژورناللاردا ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدە غەلىتە قۇرۇلۇشسىمان جايلارنىڭ سېزىلگەنلىكى ھەققىدە گەپلەر بولغانتى،  پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ ئىدارىسى باشقۇرىدىغان ئۇچقۇرلار ئاي شارىنىڭ ئاقا يۈزىدە راستىنلا غەلىتە ئەھۋاللارنى سەزگەنمىدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:43:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 08:45  

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 14:51 static/image/common/back.gif
مەن بىر سۇئالىنى سوراي دەپ يۈرگەن ئىدىم بۈگۈن نەق مۇشۇ  ...

سىز كۆرگەن ئەھۋالنى ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ ئوربىتلايدىغانلىقى، ۋە يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ئوربىتلايدىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  سىز يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم شارى ئۈستىدە تۇرغاندا، ئاينىڭ قىش كۈنىدىكى ئوربىتىسىنىڭ يولى بىلەن ياز كۈنىدىكىسى ئوخشاش بولمايدۇ.  ياز كۈنى ئاي ئوڭغا ياكى سولغا قارايدىغان « C» شەكلىدە كۆرۈنسىمۇ، بەزى قىش كۈنلىرى «U» شەكلىدە كۆرىنىدۇ.  بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تور بېتىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بار ئىكەن:


http://starchild.gsfc.nasa.gov/docs/StarChild/questions/question43.html

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:49:12

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 17:28 static/image/common/back.gif
بىلىمخۇمار ئاكا بۇ تەتقىقات نەتىجىڭىزنى قىزغىن تەبر ...

رەھمەت ئۇكام! بىزنىڭ ئىدارىدە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋالىدىغان، ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغان خادىملار بار بولۇپ، مۇخبىرلارنى باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرمەيدۇ.  يەنى، ناساغا ۋاكالىتەن سىرتقا دەيدىغان سۆزلەرمۇ ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىزمەتنى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن خادىملار ئۆتەيدۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:56:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 08:57  

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 20:57 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا ژورناللاردا ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدە غ ...

كائىناتنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن يالغان گەپلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنداق گەپلەر ئۇيغۇرچە تورلارغىمۇ ئارىلاپ پەيدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.  سىز ئاڭلىغان ئۇ خەۋەرمۇ يالغان.  ناسانىڭ ئىنگلىزچە « Lunar Reconnaissance Orbiter » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرى 2009-يىلىدىن باشلاپ ئاينى ئايلىنىپ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  ئەمما ئۇ سىز ئاڭلىغان ئۇنداق نەرسىلەرنى بايقىغان ئەمەس.  تۆۋەندىكىسى ناسا 2015-يىلى 4-فېۋرال كۈنى تارقاتقان ئاينىڭ ئۈستىدىكى بىر ئويمانلىقنىڭ كۆرۈنىشى.  

http://www.nasa.gov/content/goddard/lro-lunar-hydrogen/#.VPEA4PnF81I

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:29:00

   قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ تەپسىلىي جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! ئاللاھ  سىز ۋە سىز كەبىي ئالىملىرىمىزنىڭ ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋەتكەي!

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:03:08

ھاببىل ئالەم تېلسكوپىدا كۆرۈلگەن  خاتالىق ئەمدى كۆرۈلمەيدىكەن دە، ئېسىمدە قىلىشچە بۇ تېلىسكوپنىڭ لېنزىسىنىڭ ئالدىدا بىر ‹كۆزئەينەك› باردەك قىلغان ، كۆزەينەكنى تاقىغاندىن كىيىن ئاندىن ئوچۇق ۋە سۈزۈك رەسىملەرنى تارتالىغان

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:16:24

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 11:03 static/image/common/back.gif
ھاببىل ئالەم تېلسكوپىدا كۆرۈلگەن  خاتالىق ئەمدى كۆرۈل ...

ئۇ 1992-يىلى بولغان ئىش بولۇپ، ھاببىل (Hubble Space Telescope) نى 1-قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغاندا، ئۇ تارتقان رەسىملەر ئوچۇق چىقمايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ناسادىكى بىر گۇرۇپپا دولقۇن فرونتىنى ئۆلچەش ۋە كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرىشى نەتىجىسىدە ھاببىلنىڭ بىر ئوپتىكىلىق سىستېمىسى خاتا لاھىيلىنىپ قالغانلىقى بايقىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قايتىدىن لاھىيلەپ ۋە ياساپ، ناسا 2 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ، ھاببىلدىكى خاتا ياسىلىپ قالغان ئوپتىكىلىق سىستېمنى ئېلىۋەتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى سالىدۇ.   شۇنىڭدىن كېيىن ھاببىل نورمال ئىشلەيدۇ.  ئاشۇ قېتىملىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان كىشى دوكتۇر David Redding بولۇپ، مېنى ناسا غا ئاشۇ كىشى ئالغان.  يەنى مەن ئاشۇ كىشىنىڭ قول ئاستىدا 6 يىلدەك ئىشلىدىم.  ناسا ئۇنىڭدىن كېيىن ھاببىلغا يەنە 2 قېتىم ئادەم چىقىرىپ، ئۇنى رېمونت قىلدى.  مۇشۇ 3 قېتىملىق سەپەر ئۈچۈن ناسا 2 مىليارد دوللار پۇل خەجلىدى.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 13:34:10

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 13:30 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ھورمەتلىك ئەزىز ئۇكام،

مەن ئالد ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىمخۇمار ئاكا، جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

=========================
مەسىلەن، سىز تۆۋەندىكى تور بېتى ئارقىلىق ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان جايدا قايسى كۈنى ئاي چىقىدىغانلىقىنى توغرا بىلەلەيسىز:
------------------------
ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇرۇنمۇ بىر يازمىدا، مۇشۇ ياكى مۇشۇنداق بىر تور بېكەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدىڭىز. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ ئانچە ئىشەنچلىك بولمىغان، ھەۋەسكار سەۋىيەسىدىكى بىر تور بەت. (ئۈستىدە تېخى گۇگىل ئېلانى بار ئىكەن، ئېلاندىن ئازراق پۇل تاپىدىغان.) تېمىدىكى چوڭ مەسىلە ئۈچۈن، بۇنداق تور بەتنى پايدىلىنىش مەنبەسى قىلىشقا بولمايدۇ. (تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ تور بەتتە پەقەت ئاينىڭ 28 دانە ئوخشاش بولمىغان تېنچ ھالەتتىكى ئالدىن تەييارلاپ قويغان رەسىمىنىلا چىقىرىپ بېرىپ، ئادەم ئاخماق قىلىش ياكى ئالداشقىلا يارايدۇ.) ئورۇن تاللاشقىمۇ پەقەت شىمالى يېرىم شار، جەنۇبى يېرىم شار دەپلا تاللىغىلى بولىدىكەن. ئېنىق ئورۇن ۋە ئېنىق ۋاقىتنى تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ يوق.

مېنىڭ ئەسلى ئىنكاستا تىلغا ئالغىنىم، كۈن، يەر ۋە ئاينىڭ ھەركەت ھالەتلىرىنى فىزىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر بىلەن يېشىپ، يەر شارىنىڭ مەلۇم بىر ئېنىق ئورنىدا، مەلۇم كۈننىڭ پالانى ۋاقىت پۇكۇنى دەقىقىسىدە ئاسماندىكى كۈن ۋە ئاينىڭ ئەھۋالى ۋە ئورنىنى ئېنىق بىلىش ۋە ئالدىن ھىساپلاپ چىقىپ، ھىساپلاش نەتىجىسى بويىچە شۇ ئورۇن، شۇ دەقىقىدە، تېلېسكوپنىڭ ئىككى گىرادىسۇنى شۇ مىقدارغا تەڭشەپ، ئاسمانغا بىرلا قاراپ (يەنى تېلېسكوپ گىرادۇسلىرىنى ئۇيان-بۇيان تولغاپ، تەڭشەپ يۈرمەي) كۈن ۋە ئاينى كۈزىتىش ۋە نەزىرىيىۋى ھېساپلاشنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش قاتارلىق خېلە ئىنچىكە ئەھۋاللارنى دىمەكچى ئىدىم.

=========================
ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدىغان كۈننى قانداق بەلگىلەش مەسىلىسىدە مەن خەلقئارادا خېلى تونۇلغان دىنىي ئۆلىمالارنىڭ گەپلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم.   مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدىغان كۈننى يېڭى ئاينى دىنىي ئۆلىمالار ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ، ئاندىن شۇنىڭغا ئاساسەن بەلگىلەش بىر سۈننەت بولغاچقا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن.  بۇنىڭ سەۋەبى، ئەگەر سىز بىر سۈننەتنى بىكار قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ باشقا سۈننەتلەرنىمۇ ئۆزلىرى خالىغانچە بىكار قىلىشىغا يول ئېچىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن دىن پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.  مانا بۇ باشقا دىنلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرى.  بۇ مەسىلىدە مەن باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
------------------------
«‹ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈپ بەلگىلەش› دىگەن سۈننەتنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ» دىگەن گەپكە كەلتۈرگەن دەلىلى ئانچە قايىل قىلارلىق ئەمەس ئىكەن. پەيغەمبىرىمىز س.ئە.ۋ زامانىسىدا ئىسلامدىكى تۇنجى مەيزىنلەر مىكرافون-كانايلار بىلەن ئەزان توۋلىمىغان، لېكىن نۆۋەتتە شۇنداق قىلىمىز. پەيغەمبىرىمىز س.ئە.ۋ زامانىسىدا، ماشىنا-ئايرۇپىلان بولمىغاچقا، سەپەرلەر ئات-تۆگە بىلەنلا بولاتتى. شۇڭا ناماز ۋاقتى بولسا، ئات-تۆگىدىن چۈشۈپلا ناماز ئوقۇشقا بولاتتى، لېكىن كۈنىمىزدە ئاسماندىكى ئايرۇپىلاننى توخـىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، زامانىۋى قاتناش قوراللىرىدا سەپەر قىلىۋاتقاندا ناماز ئوقۇش ھەققىدە دىنى ئالىملار ئىجتىھاد قىلىپ، بەزى يوليورۇقلارنى بەردى.

قۇرئان كەرىمدە «يەر يۈزىدىكى جىمى مەۋجۇدادنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن ياراتتۇق»، «سىلەرنىڭ ۋاقىتنى بەلگىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈن ۋە ئاينى ياراتتۇق» دىگەن مەزمۇندا ئايەتلەر بار. بۇلۇتلۇق كۈنلىرى ئاينى كۆرەلمىسەكلا ئاسماندا ئاي يوق بولۇپ قالمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز س.ئە.ۋ زامانىسىدا، تېلېسكوپ ۋە ياكى ئىلمى ھېساپلاش ئارقىلىق ئاينىڭ ھالىتىنى بىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا ئاينى كۆرەلمىگەن ۋاقىتلاردا شۇ ئاينى 29 ياكى 30 قىلىپ تەخمىنى ئىش قىلىشلا ئامالى قالغان ئىكەن. ھازىر تېلېسكوپ ۋە ئىلمى ھېساپلاش چارىلىرى كەڭ كۇشادە تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ، «كۆز بىلەن كۆرمىگىچە ھېساپ قىلماسلىق» مېنىڭچە سەل پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.

ھازىرقى بەزى دىنى ئالىملارنىڭ بۇلۇتلۇق كۈنلەردە تېلېسكوپ ياكى ھېساپلاش ئۇسۇلىنى رەت قىلىشى بەلكىم بۇ ئۇسۇللارنى تولۇق بىلمەسلىك، چۈشەنمەسلىك، ئىلىمنىڭ رولىغا سەل قاراش، ۋە بۇ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالىغۇدەك مۇسۇلمانلارنىڭ بولماسلىقى ياكى بولۇشىغا ئىشەنمەسلىكى ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىپەرۋالىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىلىشى مۇمكىن. بەلكىم ھازىرقى چېچىلاڭغۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىغا سىز ماقالىڭىزدا دائىم تىلغا ئالىدىغان ياپون، يەھۇدى، گېرمانلار بولغان بولسا، كۈن ۋە ئاينىڭ ھەركەت ھالىتىنى ھەر ئورۇن، ھەر دەقىقىدە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلىشى ۋە كۈزىتىشى تۇرغانلا ئىش ئىدى.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالامغا تېلېسكوپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئاسمان جىسىملىرىنى (بولۇپمۇ كۈن ۋە ئاينى) كۈزىتىشىگە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدىم.دەسلەپتە تېلېسكوپنىڭ ئىككى گىرادۇسىنى ئۇياق-بۇياققا بۇراپ، كۈزىتىپ يۈردى. كېيىن بىر كۈنى توساتتىنلا «تېلېسكوپنى دائىم ئۇياق-بۇياققا تولغاپ يۈرۈش ئاۋارىچىلىققەن، ئەتە سائەت مانچىدىن مانچە مىنۇت ئۆتكەندە تېلېسكوپنىڭ 2 گىرادۇسىنى قايسى ئورۇنغا تەڭشىسەم، ئاسماندىكى ئاينى تاپالايمەن ۋە كۆرەلەيمەن؟» دىگەن سۇئالنى سوراپ قالدى. ھازىرقى ئىلىم ۋە نەزىرىيەلەر بىلەن مۇشۇنداق سۇئالغا ئاينى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ئالدىن جاۋاپ تېپىش تامامەن مۇمكىن. (ئېسىمدە قېلىشىچە قۇياش سىستېمىسىدىكى 2-1 پىلانېتلار ئاۋال فىزىكا-ماتېماتىكىلىق ھىساپلاش، ئاندىن ھېساپلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تېلېسكوپنى شۇ نەتىجىگە توغىرلاپ كۈزىتىش ئارقىلىق بايقالغانغۇ دەيمەن.)

مەن تۆۋەندە يالغۇز ئۆزەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان، ئەمما سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىزدە بىز كۆپچىلىك تامامەن قىلىپ كېتەلەيدىغان بىر ئىشنى بايان قىلاي:

كۈن، يەر ۋە ئاينىڭ ھەركىتى ھەققىدە چوڭراق ھەجىمدە، ھەم ئىلمى ھەم ئاممىباپ سەۋىيەدە ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە سۈپەتلىك بىر ماتىريال تەييارلاش: بۇنى ئۇنۋان ئۈچۈن ۋە ياكى ژورنالغا بېرىدىغان ئىلمى ماقالە سەۋىيەسىدە، گىرافىك، سان-سېفىر، فورمۇلالار بىلەن تەييارلاش. ئەلۋەتتە ۋېكتور، ئېلىپىسلىق ئوربىتا، دىففىرېنسىيال تەڭلىمە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىلمى سەۋىيەدىكى ئۇقۇملار بۇ ماتېريالدا بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا نەچچە يىل ۋاقىت كەتسىمۇ، كېيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئىلىمنىڭ كۈچى بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەمگەك ئەرزىيدۇ. قاسىم سىدىق ئاكىمىزمۇ شەكىل نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقىلى 30 يىلچە بولۇپ قالدى. ماۋۇ ماقالە ئۈچۈن 2-1 يىل كەتسىمۇ تامامەن ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

ئەمدى سىز تامامەن قىلىپ كېتەلەيدىغان بىر ئىش:

سىز كەسپىڭىزدىن سىرت بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا قىزىقىش ئۈچۈن، ئۆيىڭىزدە ئۈزۈم باراڭلىرىنى، گۈل-گىياھ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈردىڭىز. ئەمدى كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتىن سىرتقى قىزىقىش ئۈچۈن ئۆيىڭىزگە كومپيۇتېر بىلەن ئۆزى ئاپتوماتىك باشقۇرىلىدىغان ئاددى تېلېسكوپتىن بىرنى قويۇپ، كۈننىڭ چىقىشى، پېتىشى، كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ھەر نەچچە مىنۇتتا دىگۈدەك ئاينىڭ ئورنىنى كۈزىتىپ ۋە رەسىمگە تارتىپ، ھەتتا تارتىلغان رەسىمنى نەق ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تورغا يوللاپ تۇرىدىغان بىرەر ئاپتوماتىك قۇرۇلمىنى لايىھەلەپ، ياساپ، قۇراشتۇرۇپ چىقىش.

بۇ ئىشنى قىلىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن تامامەن كېلىدۇ. بۇلار ھەم سىزنىڭ ئىلمىڭىز، كەسپىڭىز بىلەن بەكمۇ باغلىنىشلىق ھەم 2 دۇنيا ساۋاپلىق ئىش ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قالماي، بىر قەدەم بولسىمۇ ئالدىغا مېڭىشى ئۈچۈن تاشلانغان ئەمىلى قەدەم ھېساپلىنىدۇ. ماقالە ئارقىلىق ئىلىم ئەھلىلىرى قايىل بولسا، قۇراشتۇرۇلغان تېلېسكوپ ئارقىلىق ئاينى ئالدىن كۆرمەي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى دىنى ئالىملارغا بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىگەللىگەن بىلىملەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا، ئۆزىمىزنىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشنى ئويلاشقاندىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولۇپ قالغۇسى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:14:06

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 11:16 static/image/common/back.gif
ئۇ 1992-يىلى بولغان ئىش بولۇپ، ھاببىل (Hubble Space Telescope) نى 1- ...

شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ جاۋاپ يېزىپ چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: مەن قىلغان يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا