Elkun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 05:58:25

ئەلكۈن: ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە

ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرىنىڭ 2011– يىلى 21-فېۋرالدىن 24- فېۋرالغىچە دوناي دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچۇرىشىشى توغرىسىدا يېزىلغان ئەدەبىي خاتىرە)




تارىختىن ئىككى سۆز:

"ھونلار - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى. ھونلار باشقا ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان"

دېمەك ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سائەت سترېلكىسى -21 ئەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ دەقىقىلەردە تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا تۈركى ئېتنىك قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، مۇستەقىل دۆلىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيا تەرىپىدىن تارىختىكى ھونلارنىڭ دۆلىتى دەپ تونۇلغان، ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك مىللەت نامىنى ئىزچىل بۈگۈنكى كۈنگىچە ئون ئۇيغۇر “ئونوگۇر” دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋېنگىرىيە ھونلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ياۋروپانىڭ ئەڭ گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇداپېشتتا -2011 يىلى -2 ئاينىڭ -21 كۈنىدىن -24 كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى سىزنى ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي ئەجدادى بولغان ھونلارنىڭ تەخمىنەن 1700 يىللار ئىلگىرى بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆتمۈشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ياۋروپادىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئىستىكىڭىزنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە!





ھونلار تەخمىنەن مىلادى -350 يىللاردىن باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان. خەرىتىدە ھونلارنىڭ غەربكە كۆچۈش يوللىرى ۋە كۆچۈش ۋاقىتلىرى كۆرسىتىلگەن.

مانا بۇ مەقسەت بىلەن ۋېنگىرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەر مەركىزلىرىنىڭ -2 نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھەققىدە يېزىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرگە ۋېنگىرىيە ھونلىرىنى بۈگۈنكى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەجدادى ھونلار توغرىسىدا


ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىكى تارىخىي ئەجدادىدۇر. ھونلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى ھازىرقى سىبېرىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىنلاردىن تارتىپ جۇڭگونىڭ سېرىق دەريا ۋە دېڭىزلىرىغىچە، بايقال كۆلىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ زېمىنلاردىن تارتىپ ئالتاي- تەڭرىتاغ ۋە ئورال تاغلىرىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا ياشاپ كەلگەن بولسا، كېيىن ھونلار تەخمىنەن مىلادى -350  يىللىرى غەربكە قاراپ كۆچۈشكە باشلاپ مىلادى - 434 يىلى ئاتىللا ھون (406-453) تەرىپىدىن ناھايىتى كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بولغان ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ -5 ئەسىرگە كەلگەندە غەربىي رۇم ئىمپېرىيىسىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن بولسا، ئاسىيادا ھون ئەجدادلىرى ياشىغان كەڭ زېمىنلاردا قېرىنداش بولۇپ ياشاپ كەلگەن تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر بۇ زېمىنلاردا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ھون ئەجدادلىرى قالدۇرغان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ دۆلەتلەر ۋە ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ ھونلار ياشىغان زېمىنلارغا ۋارىسلىق قىلغان.

پۈتكۈل ھون قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى  -3ئەسىردە ھون تەڭرىقۇت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4209-17 – يىللار)  تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈپ ئاسىيا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى بولغان جۇڭگونىڭ چىن سۇلالىسى مىلادى2 - ئەسىردىن باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنى سوقۇشىنى باشلىغان بولۇپ بۇ دەل ئاسىيا ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو بۇ دەۋرلەردە داۋاملىق تۈردە ھونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن سېپىل سوقۇپ ئۆزىنى قوغدىغان ۋە بۇ سېپىلنى ئۆزىنىڭ قوغدىنىش چېگراىسى قىلغان.

بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بەزى تارىخچىلار ھون باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى "ئوغۇزخان" بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ.


بۈگۈنكى ۋېنگىرىيە:


بۈگۈنكى ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار (ۋېنگرىيىلىكلەر (ئۆز دۆلىتىنى Magyar  دەپ ئاتايدۇ (ئىنگلىزچە Hungary دەپ ئاتىلىدۇ) ئۆزىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ياكى ھونلارنىڭ (Magyarország) دۆلەت بولۇپ شەكلىنىش ۋە مىللەت نامىنى 7- ئەسىرىدە تەشكىل قىلىنغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى onogur (ئون ئۇيغۇر) ئىسمىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. بۇلغارلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى onogur (onoguria -uyghuria - utigur) قەبىلىلىرىدىن دەپ بىلىدۇ.





ۋېنگىرىيە ھونلىرى ئورال تىلى ئائىلىسىنىڭ فىننو- ئۇگرىك (Finno-Ugric)   تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدۇ يەنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيە تىللىرىغا يېقىن. دۇنيا بويىچە ھازىر ھونلارنىڭ نوپۇسى 14 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نوپۇسنىڭ 10 مىليوندىن كۆپرەكى ۋېنگىرىيىدە ياشايدۇ، قالغان 4 مىليونى ھونلار ۋېنگرىيىگە قوشنا بولغان رۇمىنىيە، سېربىيە ۋە ئۇكرائىنىيەدە ياشايدۇ.

ۋېنگىرىيە ھونلىرى ئورخۇن يېزىقىنى تاكى 11- ئەسىرگىچە يەنى  خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانغىچە قوللانغان بولۇپ، 11 ئەسىردىن كېيىن لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ. ۋېنگىرىيە بىلەن چېگرىداش بولغان دۆلەتلەردىكى سزېكەليس، چساڭو، پالوچ ۋە جاسسىچ قاتارلىق سانى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرمۇ ھازىرقى ھونلارنىڭ ئېتنىك مىللەت تەركىبىگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋام قىلغان ۋېنگىرىيە دۆلىتى مىلادى 895- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ بىر بولۇپ ھىساپلىندۇ يەنى ياۋروپادا تۇنجى گېرمان ۋە فرانسۇزلار تەرىپىدىن ۋەردۇن شەرتنامىسى (Treaty of Verdun) ئاساسىدا مىلادى 843- ئانگلو-ساكسون  (Anglo-Saxon)دۆلىتى قۇرۇلۇپ 60 يىل كېيىن قۇرۇلغان قەدىمى دۆلەتتۇر.  موڭغۇللار ۋېنگرىيىنى 1241 ۋە 1242- يىللىرى ئىستىلا قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى موڭغۇل-ھون ئۇرۇشلىرىدا ۋېنگىرىيە ئاھالىسىنىڭ تەڭ يېرىمى يەنى تەخمىنەن 2 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋېنگرىيىگە 1526- يىلىدىن 1699- يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ۋېنگىرىيە 1526- يىلى ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىمپېرىيە ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇ ئىمپېرىيە 1918- يىلى پارتلىغان 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلىدۇ. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ۋېنگرىيىگە 1- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا قولىدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىنى كاپالەتلىك قىلىشى بىلەن يەنە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارشى كۈچلەر قاتارىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ۋېنگىرىيە 2- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ يېڭىلىپ 1945- يىلى 13- فېۋرال سوۋېت ئىتتىپاقىغا شەرتسىز تەسلىم بولىدۇ ۋە 1947- يىلى پارىژ تىنچلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويىدۇ. ئاقىۋەتتە ۋېنگىرىيە 1918- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان 2 قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا زېمىنىنىڭ %72 دىن، ئاھالىسىنىڭ %66 دىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

سوۋېت كوممۇنىستلىرى ۋېنگرىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق سوۋېت ئىشغالىيىتىگە قارشى 1956- يىلى 23- ئۆكتەبىر ۋېنگىرىيە ئىنقىلابى باشلىنىدۇ ۋە بۇ ئىنقىلاب 1956- يىلى 10- نويابىر سوۋېت ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، باستۇرۇلۇش داۋامىدا يۈزبەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا 2500 دىن ئارتۇق ۋېنگرىيىلىكلەر ۋە 700 سوۋېت ئەسكەرلىرى ئۆلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ۋەقەدىن كېيىن تەخمىنەن  000،200  دىن ئارتۇق ۋېنگرىيىلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ قېچىپ كېتىدۇ.

رۇمىنىيە كوممۇنىستلىرى تارىختىن تارتىپ ۋېنگىرىيە زېمىنى بولۇپ كەلگەن ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇمىنىيە ئۆز تەۋەلىكىگە قوشۇۋالغان ترانسيلۋانىيەنىڭ يېزا قىشلاقلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ 1988- يىلى 6- ئايدا 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نامايىش قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مىخائىل گورباچېۋ ۋېنگرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدۇ. ۋە شۇ يىلى 5- ئايدا ۋېنگرىيىلىكلەر ئاۋسترىيە بىلەن بولغان چېگرا سىم توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 1989- يىلى سېنتەبىردە بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشكە باشلىنىشىدىن كېيىن 10- ئاينىڭ 23- كۈنى ۋېنگىرىيە ئۆزنىڭ 3- قېتىملىق ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ۋېنگىرىيە 2004- يىلى 1-ماي رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. ۋېنگرىيىنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى km2 , 03093 بولۇپ دۇنيا بويىچە دۆلەتلەر يەر-كۆلىمى بويىچە 109- ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ 2011- يىلىدىكى نوپۇسى  10،164،000 بولۇپ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بويىچە 83- ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ  2009- يىلىدىكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا كىشى بېشىغا كېلىدىغان مىللىي دارامەت 18،566 دوللار. ۋېنگىرىيە “فورېنت” پۇل بىرلىكىنى قوللىنىدۇ.





خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەر مەركىزلىرىنىڭ -2 نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 21-فېۋرالدىن 24- فېۋرالغىچە ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە ئېچىلدى

ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك ئاسىيا ۋە ياۋروپادا قىتئەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە تارىخ سەھنىلىرىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئابىدىلەرنى تىكلىگەن ۋە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى “بىز ئون ئۇيغۇرلار” دەپ ئاتاپ كەلگەن ھون ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياۋروپادىكى تارىخى يۇرتى ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھون (ۋېنگرىيىلىك) ۋە ئورال – ئالتاي تىللىق  يازغۇچى، شائىرلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 2011- يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بولۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىلىش ھون ۋە ئورال – ئالتاي تىللىق يازغۇچى، شائىر ۋە سەنئەتكارلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئۆز-ئارا چۇشنشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تارىخىي ئۇچرىشىش بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ۋە ۋېنگرىيىلىك يازغۇچىلار بولۇپ 50 دىن ئارتۇق يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلدى.

بۇ پائالىيەتكە يەنە يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ھەم خالىس كەلگەن ۋېنگرىيىلىك ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىغا، تاماشىبىنلارغا بۇداپېشت پرېزىدېنت مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرسىتىپ مەخسۇس كونسېرت بەردى.

يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى ۋېنگرىيىلىكلەر (ھونلار) ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ زالىدا سائەت 9 دا ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ رەئىسى jános szentmátoni  ئەپەندىنىڭ قارشى ئېلىش سۆزى قىلىشى بىلەن تەنتەنىلىك باشلاندى. يىغىندا ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى  zoltán sumonyi ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ رەئىسى jános szentmátoni  سۆزنى مۇنداق باشلايدۇ:

“مەن مىڭ يىلدىن كېيىن ئورال ئالتايلىق قېرىنداشلىرىمنى، جۈملىدىن  ئۇيغۇر قېرىندىشىمنى تاپتىم، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىز ئەمدى مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ ئەمما ئۈزۈلمەيدۇ………”

پۈتۈن يىغىن ئەھلى چۈشلۈك ئارام ئېلىشتا ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رېستۇراندا بىرلىكتە غىزالانغاندىن كېيىن يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى داۋامىنى باشلىۋەتتى.

چۈشتىن كېيىنلىك پائالىيەتتە ۋېنگرىيىلىك پروفېسسور پېتىر بەلگۈلياش ئەپەندى  “ھىندى ۋە ياۋروپا تىللىرى بىلەن ئالتاي - ئورال تىللىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشلىق سۆزلەر” دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

كېيىن ۋېنگىرىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى szorenyi lazlo  ئەپەندى ۋېنگرىيىلىك مەشھۇر تارىخشۇناسaurel stein  ئەپەندىنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ تەييارلىغان “ئۇيغۇر ۋە ھونلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى مۇناسىۋەتلىرى” دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئاخىردا ئورال – ئالتاي تىللىق، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە ۋېنگرىيىلىك يازغۇچى - شائىرلارنىڭ قىسقا ئەسەرلىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئوقۇش ۋە ئۇيغۇر - ۋېنگر تىللىرىغا ئۆز - ئارا تەرجىمە قىلىش ئەركىن ئىجادىيەت كۆركى بولۇپ ئۆتتى. بۇ پائالىيەتكە قازاقىستاندا تونۇلغان شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندى ئۆزنىڭ بۇداپېشتقا كەلگەن تۇنجى كۈنى كەچتە دوناي دەرياسى بويلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە شۇ كۈنى ھونلارنىڭ ئاتىسى ئاتىللانىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولغانلىقىنى ۋە يەنە شۇ دەقىقىلەردە تارىم - ئىلى دەريالىرىنى دوناي درياسىغا سېلىشتۇرما قىلىپ يازغان شېئىرىسىنى دىكلىماتسىيە قىلىدۇ.
شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندى شېئىرىسىنى ئوقۇشى بىلەن تەڭلا ئىنگلىز تىلى ئارقىلىق ۋېنگر تىلىغا ئەينەن تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ. شېئىرنى ئاڭلىغان ۋېنگرىيىلىك ۋە ئۇيغۇر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمدۈرىدۇ....

ئېغىناپ ئاققان ئەزىم دەريا - دوناي،
بويۇڭغا كېلىپ قالدىم تونۇدۇڭمۇ؟
بىر چاغلار سېنى ئاتلىق كېچىپ ئۆتكەن-
ئاتىللا باتۇرىڭدىن سورىدىڭمۇ؟!
دوپپامغا قاراپ مېنى تونۇدۇڭمۇ؟
..........     

ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2011- يىلى 21- فېۋرالدىكى قەلبلەرنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدىغان ۋە كېلەچەككە ئۈمىدلىك باققان بۇ قېرىنداش ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلىرىنىڭ بۇ بىر كۈنلۈك پائالىيىتى ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىپ شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دە بۇداپېشت پرېزىدېنت مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىدىغان مەخسۇس سەنئەتنى كېچىلىكى ئالقىش - سادالار ئىچىدە باشلاندى. سەھنىدە ئىككى ئىنگلىز، بىر ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە بىر ئۇيغۇر ناخشىچىدىن ئىبارەت 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ  مۇزىكانت ۋە ناخشىچىسى ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن راك مۇقامىنى جاراڭلىق ئىجرا قىلىۋاتقاندا بۇ مۇزىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىن زوقلىنىپ ئۆز قۇلىقى ۋە كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان ۋېنگرىيىلىك تاماشىبىنلار تېخىمۇ زور قىزىقىش ۋە زوقلىنىش ئىچىدە ھەر بىر نومۇر تۈگىگەندە ئالقىشلىرىنى توختىتالماي قالدى…

كونسېرت باشلىنىپ دەل يېرىمىغا كەلگەندە 20 مىنۇتلۇق ئارام ئېلىش ئېلان قىلىندى ۋە دەل شۇ پەيتتە سەھنىگە چىققان قازاقىستاندىن كەلگەن تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى  رابىت ئىسمائىل ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى zoltán sumonyi  ئەپەندىگە ئۇيغۇرنىڭ تونى ۋە دوپپىسىنى تەقدىم قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە ۋېنگرىيىلىك باشقا بىر قانچە ئەزىز مېھمانلارغىمۇ ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈردى ۋە مىننەتدارلىقلار بىلدۈرۈلدى......

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئىجراسىدىكى ئۇيغۇر سەنئەت كونسېرتنىڭ داۋامى “بىزنىڭ ناخشىمىز” دېگەن ناخشىنى ئورۇنداش بىلەن باشلاندى:  

بىزنىڭ ناخشىمىز

ھەممە ئىشتا خوش دىدار خەلقىم، ياراتتى ناخشىدىن داستان،
ساداسى ياڭرىسا كۆكتە، سۆيۈندى يەر بىلەن ئاسمان.

ياشايدۇ ئەل بىلەن، ئەل بىلەن بىللە قەدىمدىن يادىكار ناخشام،
ھاياتنىڭ كۈزىگە زىننەت، يۈرەكتە ئىنتىزار ناخشام.

بولۇپ جەڭلەردە چوغ - مەشئەل، يۈرەكتە ناخشىمىز ۋولقان،
يورۇتقان ئاشۇ تۈنلەرنى، قىلىپ ھەيران زىمىستاننى جىمى گۈلخان.

ياشايدۇ ئەل بىلەن، ئەل بىلەن بىللە قەدىمدىن يادىكار ناخشام،
ھاياتنىڭ كۆزىگە زىننەت، يۈرەكتە ئىنتىزار ناخشام.

ھەي... ئۆگەتتى ناخشىمىز ئەلگە، ھەي... مۇھەببەت سۆيگۈ نەپرەتنى،
ھەي... يېتەكلەپ ماڭىدۇ مۇشۇ كۈندە، ھەي... تۈمەنلەپ يېڭى ئەۋلادنى.

ياشايدۇ ئەل بىلەن، ئەل بىلە بىللە قەدىمدىن يادىكار ناخشام،
ھاياتنىڭ كۆزىگە زىننەت، يۈرەكتە ئىنتىزار ناخشام…

كونسېرتنىڭ ئاخىرىدا “ئاتۇش” پەدىسىگە چېلىنغان ئۇيغۇرنىڭ شوخ ئۇسسۇللۇق مۇزىكىسى ياڭراق خەلق قوشاقلىرى بىلەن بىللە جاراڭلىغاندا ئۇيغۇر ۋە ۋېنگرىيىلىك دوستلار سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى باشلىۋەتتى… بۇ سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەشرىپى بىلەن قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئاياغلاشتى.


يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى


يىغىن 2- ئاينىڭ 22- كۈنى بۇداپېشت پرېزىدېنت مېھمانخانىسى يىغىن زالىدا ئىككىنچى كۈنگە قەدەم قويدى.  يىغىندا قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەزاسى ۋە قازاقىستان رېسپۇبلىكىلىق “ئۇيغۇر ئاۋازى”  گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئازماتوۋ يولداش ئابدۇقدىروۋىچ ئەپەندى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۆلەتلىك نەشر ئەپكار  “ئۇيغۇر ئاۋازى”  گېزىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئازماتوۋ يولداش ئابدۇقدىروۋىچ ئەپەندى قازاقىستاندىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، سەنئەتكارلىرى ۋە ھەر ساھەلەردىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھايات تارىخى مۇجەسسەملەنگەن “قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىنسكلوپېدىيەس” نى بىر قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تەقدىم قىلدى.
  

ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ مۇشائىرە سورۇنى

بۇ مۇشائىرە سورۇنى ئۇيغۇر ۋە ھونلارنىڭ ئۆز - ئارا چۈشىنىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى پروگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پائالىيەت 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچ سائەت 6 دە باشلىنىپ سائەت 8 يېرىمىغىچە ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتىكى پرېزىدېنت مېھمانخانىسىدا بولۇپ ئۆتتى.
  
بۇ سورۇنغا ۋېنگرىيىلىك ئەزىز مېھمانلاردىن ۋېنگىرىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن دوكتور katalin budai، ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى janos szentmartoni  ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى zoltan sumonyi  قاتارلىق كىشىلەر بارلىق ئورال ئالتاي تىللىق جۈملىدىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىللە بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
   




مۇشائىرە سورۇنىدا ۋېنگرىيىلىك مەشھۇر شائىرلاردىن aléxsandér  ۋە  tibor weiner sennyey،  elizabeth  قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر شائىرلاردىن قازاقىستاندىن كەلگەن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندى، تۈركىيىدىن دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقىرى ئەپەندى، كانادادىن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، ئەنگلىيىلىك ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى قاتارلىق شائىرلار ئۆز شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئوقۇلغان شېئىرلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئېنگلىس تىللىرىغا نەق مەيداندا تەرجىمە قىلىنىپ، قېرىنداش مىللەت كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك ھاياجانلىرىنى قوزغىدى.
  
بۇ مۇشائىرە بەزمىسىنى قازاقىستاندا تونۇلغان پېشقەدەم شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ بىر داستانى بىلەن باشلاندى.
……………
تۈركىيىدىن كەلگەن پېشقەدەم شائىر، يازغۇچى دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقىرى ئەپەندى شېئىرىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:

شېئىرىم، شېئىرىم، سەن يۈرگۈم تەرجىمانى،
پىكرىم - زىكرىم بولۇپ كۆكتە چاقنايدىغان.

شېئىرىم، شېئىرىم، سەن مېنىڭ جان يولدىشىم سەن،
شادلىقىمغا كۆڭلى ياشناپ يايرايدىغان.
شېئىرىم، شېئىرىم، مۈشكۈللەردە قولدىشىم سەن،
خېيىمخەتەر تەھلىكىدىن ئاسرايدىغان.

شېئىرىم، شېئىرىم، يالقۇنجىغان يالقۇنۇم سەن،
مۇزلىغاندا كۆكرىكىمنى قاقلايدىغان.
.......

تۆۋەندە كانادادىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ياش، تالانتلىق شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئوقۇغان شېئىردىن ھۇزۇر ئالايلى:

كۆزلىرىمدە مۈگدەيدۇ قۇياش،
بولۇپ قالار يوللىرىم خىرە.
پۇتلىشىپ مەن ماڭالماي قالسام،
كۆرۈپ قېلىپ يىقىلغىنىمنى،
يۆلەپ قويار كىم كېلىپ مېنى؟
ئاشىقىدىن ئايرىلغان قىزنىڭ،
ياش لىقمۇ - لىق تولغان كۈزىدەك،
خىيالىممۇ قالسا مۇڭلىنىپ،
كىممۇ سۈرتۈپ قويار يېشىمنى،
رەستىدىكى سېمىز قاسساپنىڭ،

ئالدىدىكى باغلانغان قويدەك.
تېپىچەكلىسە ئۈمىدلىرىممۇ،
كىممۇ بەزلەپ قويار قەلبىمنى؟
تەنھالىقتا كەتسەم ئېچىرقاپ،
ناتونۇش دوست بەرگەن ناننى يەپ،
پۈتۈپ قالسا ئاۋازىممۇ،
كىم ساداغا ئۈندەر تىلىمنى؟!
كىممۇ يوقلاپ كېلەر ھەم مېنى؟
كۆزلىرىمدە مۈگدەيدۇ قۇياش.

تېمىم - تېمىم كۆز ياشلىرىمنى،
بۇلۇتلارغا سۈرتكۈزگەن ئىدى.
خىجىل بولۇپ كېتەر شەپەقمۇ،
تېمىم - تېمىم ھەسرەتلىرىمنى،
ئېلىپ كەتسە قۇياشقا قوشۇپ،
ئېلىپ كەتسە تەنھالىقىمنى،
زىمىستان تاغ چوققىسىدا،
چېچەك ئاچقان قار لەيلىسىدەك،
ئېچىلىپ كېتەر غەرب كۆڭلۈممۇ؟

ئارقىدىن ئەنگىلىيىدىن كەلگەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يازغان ئىككى پارچە شېئىرىسىنى ئوقۇيدۇ.

ئوڭۇم - چۈشۈمدە
مەن ئويغاق.
مەن بىلەن تەڭ تۇغۇلغان
ھېجىران ماڭا تولغاق…
بىراق
مەجنۇنلۇقتىن مەن يىراق.
ئەمەس بۇ كۈنۇم تىلسىم -      
ئۇيقۇسىز قارچۇقۇمدا قاتقان
ئاخشام مەنزىلى
كۆرۇنسىمۇ مەندىن ئۇزاق!

رەھىمسىز سەن ھەي دۇنيا -
ئاشىقلارغا بىۋاپا.
دۇنيايىمدا مىسلىسىز چۇقان
ساڭا قارشى بۈيۈك ئىسيان.
ۋۇجۇدۇمدا  –
يېنىۋاتقان مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا  
كۆيۇۋاتىدۇ -
مەشۇقۇم دەپ  بىر سەۋدا....

بۇ كۈنىدىكى ئۇيغۇرلار شائىرلىرى بىلەن بىلەن ھون شائىرلىرىنىڭ مۇشائىرە سورۇنى 2 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلىپ قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە ئاياغلاشتى.


بۇداپېشتتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن


خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرى مەركىزىنىڭ 2- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلۈك پائالىيىتى -2 ئاينىڭ 23  - كۈنى بۇداپېشت پرېزىدېنت مېھمانخانىسى يىغىن زالىدا سائەت 9 دا باشلاندى.

يىغىندا بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشىشنىڭ ئاياغلىشىش خۇلاسە سۆزى قىلىنپ بۇ 3 كۈندىن بۇيان داۋام قىلغان يىغىننىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بىر يىغىن بولغانلىقىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ھون) ۋېنگرىيىلىك)  يازغۇچىلارنىڭ ئۆز - ئارا ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى بولسا بىر تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن ناھايىتى يىراق يوللارنى بېسىپ ھەتتا قىتئەلەر ئاتلاپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بۇ يىغىنغا كەلگەن بارلىق ۋەكىللەرگە ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۇردىغانلىغىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قازاقىستاندىن كەلگەن خەمىت ھەمرايېۋ،  ۋەققاس ئەپەندى، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندى، خالىلوۋ ئەلىشىر ئەپەندى، قىرغىزىستاندىن تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى، ئاۋسترالىيىدىن كەلگەن سۇيۇنگۇل خانىم قاتارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يىغىن توغرىسىدا ئۆز تەسىراتلىرىنى بايا قىلىپ، يىغىن ئەھلى بىلەن دىدارلاشتى.

دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىغا تارقىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازارلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز - ئارا سۆھبەتلەردە بولۇشى، ئوز- ئارا كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىشى بولۇپمۇ ئوز ۋەتىنىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئوتلىرى ئىچىدە ئۆز مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىشىپ ئۆتكەن بۇ بىر قانچە كۈنلۈك ھايات ئەمدى مانا ئاخىرلىشىش دەقىقىلىرىدە تۇرماقتا.

ئايرىلىش يەنە ئايرىلىش ۋە يات ئەللەرنى ۋاقىتلىق پاناھلىق قىلىپ ياشاش ئەلۋەتتە ۋەتەن سۆيەر ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلماي قالمايدۇ… يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن پېشقەدەم يازغۇچىلار ئۆز سۆزلىرىنى تۈگىتىپ سەھنىدىن ئايرىلغاندا كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ئاققان ئايرىلىش ياشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى…





بۇ يىغىندا ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئىش كوپ ساندىكى ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن ئاساسلىق غەرب ئەللىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش يازارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ، مۇنداق بىر تارىخىي ئۇچرىشىش سىزگە ئاتىنىڭ ئۆز كەسپىنى ۋە ھاياتىدىن چالا قىلىپ قالغان تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىنى ۋەسىيەت قىلىپ بالىلىرىغا قالدۇرۇۋاتقان ئەينەن بىر كۆرۈنۈشىنى ئەسلىتىدىغانلىغى تەبىئىي ئەمما بۇ ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقى. بىر مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئەجدادلار ئىزىنى ياشلارنىڭ  بېسىشى ۋە قىلىپ تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئادا قىلىشى بىر مەجبۇرىيەتتۇر ۋە شۇنداق بولغاندىلا مىللەت مىللەت بولۇپ ياشنايدۇ ۋە مىللەت يىلتىزى كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋام قىلىدۇ.

بۇ ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ساھەلىرى مەيلى سىياسەتچىللىرى، يازغۇچىلىرى بولسۇن، ئالىملىرى، تىجارەتچىلىرى ياكى سەنئەتكارلىرى بولسۇن ھەممە ساھەلىرى دېگەندەك مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي ھەل قىلغۇچىلىق ئۆتكەلدە تۇرماقتا.  

بۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋېنگرىيىلىك  elizabeth خانىم يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا
قەلەمكەشلەر ۋېنگر مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا دوناي دەرياسى ۋە بۇداپېشت شەھىرىنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى زىيارەت قىلدۇردى.


دوناي دەرياسى بويىغا زىيارەت


بىز بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى دەسلەپتە ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ۋېنگىرىيە قەھرىمانلار مۇنارىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ قەھرىمانلار ئابىدىلىرى تارىختا تۇنجى قېتىم ھونلار ھازىرقى ۋېنگىرىيە تۇپرىقىغا قەدەم باسقان 7 قەبىلە باشلىقىنىڭ ۋە 14 پادىشاھنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرغان بولۇپ بۇ 7 قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ھەم ئاھالىسى بىلەن بۇ ھون تۇپرىقىغا كىرىپ، ئۆز ئالدىغا يۇرت سوراپ ياشىغان ئىكەن. كېيىن دۆلەت بىرلىككە كېلىپ، ھون زېمىنىنى مەشھۇر 14 پادىشاھ سورىغان ئىكەن. “قىزىقارلىق يېرى، ھازىر ۋېنگىرىيەدىكى ھەر ئۈچ ئەرنىڭ ئىككىسىنىڭ ئىسمى "ئاتىللا" ئىكەن. ۋېنگرلارنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى دېگەندەك ياخشى بولمىغاچ ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ماجىرالىرى بولغاچ، ئۆز دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى، مەۋجۇتلۇقىنى كۈچلۈك ھون روھى ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن قوغداپ ياشايدىكەن”.  

بۇداپېشت شەھىرى دوناي دەرياسىنى چېگرا قىلغان ھالدا پەس ۋە بۇدا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن. بۇ ئىككى شەھەرنىڭ قوشۇلغان ئىسمى ھازىرقى بۇداپېشت شەھىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئەمما تارىختا بىر بۇ ئىككى شەھەر نەچچە يۈز يىللار سىياسىي جەھەتلەردىن بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان.

بىز بۇداپېشت قەھرىمانلار مۇنارىنى زىيارەت قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ۋېنگرىيىلىك يولباشچىمىز elizabeth خانىم يېتەكچىلىكىدە دوناي دەرياسى بويىنى بويلاپ بۇدا شەھىرى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق ۋە ناھايىتىمۇ ھەيۋەتلىك سېلىنغان دوناي دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكى ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق دوناي دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ بۇدا شەھىرىگە جايلاشقان پادىشاھ سارىيىنى زىيارەت قىلدۇق.

گەرچە بۇ كۈنى ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولغان بولسىمۇ ئەمما ئارىمىزدىكى يېشى چوڭ مويسىپىت ئاكا - ھەدىللىرىمىز ناھايىتى روھلۇق كەيپىياتلىرى بىلەن بۇ زىيارەت سەپىرىمىزگە تېخىمۇ كوپ ئىلھاملار بېغىشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ۋېنگىرىيە ۋە بۇداپېشت توغرىسىدا كىتابلاردا ئوقۇغان بىلىملىرىنى بىزگە ئايىماي ئېيتىپ بەردى.





يولدا بىز ئۆز - ئارا بۇداپېشت شەھەر تارىخى توغرىسىدا كەڭ كۇشادە پاراڭلار قىلىشتۇق. مەن يول باشلىغۇچىمىز elizabeth خانىمدىن ئىنگلىزچە مۇنداق بىر سوئالنى سورۇدۇم:

“مەن ۋېنگرىيىنىڭ 15- ئەسىرلەردە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغانلىقىنى كىتابلاردىن ئوقۇغان ئىدىم، سىز ئېيتىپ بەرسىڭىز، شۇ چاغدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى بۇداپېشت شەھىرىنى قانداق بويسۇندۇرغان؟ ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەسكەرلىرى بىلەن ھونلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار بولغانمۇ؟” دەپ سورىغان سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى: “ئۇ چاغدا بەك ۋەھشىي ئۇرۇش بولغان. بىز ھونلار تەقۋادار خرىستىئانلار، ئوسمانلى تۈرۇكلىرى بولسا ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىزگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇرۇش نەچچە ئون - يىگىرمە يىللاپ داۋام قىلغان. ئەڭ ئاخىردا بىز ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ۋېنگرىيىدىن قوغلاپ چىقاردۇق ئەممە بۇنىڭغا ئاز بولغاندا 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن ۋە نەچچە يۈزمىڭلىغان ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلغان…"

elizabeth خانىم ماڭا چۈشەندۈرۈپ: “بىز ھونلار گەرچە تارىختا ئاتىللا باشچىلىقىدا ناھايىتى كۈچلۈك ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ ئالەمشۇمۇل تارىخلارنى قالدۇرغان خەلق بولساقمۇ بىز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپادا ئەڭ كوپ بەدەل تۆلىگەن خەلقمىز. بۈگۈنكى مۇستەقىل ۋېنگىرىيە دۆلىتىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغىلى تاسلا قالدۇق. موڭغۇللار بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا بىز ئۇلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلغان، ئاخىردا موڭغۇللار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا پۈتۈن ھونلار ئاھالىسىنىڭ تەڭ يېرىمى دېگەندەك ھالاك بولغان. دۇنيادا بىز ھونلارغا ھۇجۇم قىلمىغان كۈچلەر يوق دېيەرلىك   -2قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا گىتلېر گېرمانىيسىنىڭ بومباردىمان قىلىپ ۋېنگرىيىنى تولۇق ئىشغال قىلغىنىدىن تارىتىپ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن تاكى ستالىن قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىگىچە…  
  
بىز ۋېنگرىيىلىكلەر ئۇرۇشقا كانىيىمىزغىچە تويغان خەلق. باشقىلار بىزنى بوزەك قىلىمىز، زېمىنىمىزنى ئىشغال قىلىمىز دەيدۇ ئەمما بىزدە قېنىمىزغا سىڭگەن ئاتىللانىڭ روھى ھازىرمۇ بار. بىز باش ئەگمەيمىز. بىز ۋېنگرىيىلىكلەر يېقىنقى يىللاردا ئاخىرى سوۋېت ئىشغالىيىتىدىن ئازاد بولۇپ ئەركىن ۋە مۇستەقىل ۋېنگىرىيە دۆلىتىدە ياشاۋاتقىنىمىزغا پەقەت 20 نەچچە يىللا بولدى…   "

ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي ئەجدادى ھون باتۇرى ئاتىللانىڭ ئاتلىرى كېچىپ ئۆتكەن تارىخنىڭ يەككە شاھىتى بولغان ئەزىم دوناي دەرياسى بويىدا  Elizabeth خانىمنىڭ بۇ بايانلىرىنى ئاڭلاپ تۈگىتىپ بولالمايلا ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئاچچىق سۈكۈت، ئۆزلۇك ئۆكۈنۈش تۇيغۇلىرى چىرمىۋالدى...

ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر باتۇرلۇق ھەققىدە يېزىلغان ھېچ بىر ئىنسان ئوقۇپ باقمىغان كىتابتىن دەرس ئالغاندەك بولدۇم… راست دەيدۇ، بۇ خانىمنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا، بۇ  ھونلارنىڭ ئۆتكەنكى كەچمىشى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى. تارىخ يارىتالمىغان مىللەتنىڭ ئەتىسى بولمايدۇ، ئەتىسى بولمىغان مىللەتنىڭ كېلەچەكنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس!





ئېگىزلىككە جايلاشقان بۇدا پادىشاھلىق سارىيىنىڭ قەلئەلىرى كۆزنەكلىرىدىن كۆزۈم خۇددى ئۆيگە ئېسىلغان ئەڭ ئېسىل مەنزىرىلىك رەسىملەردىنمۇ گۈزەل كۆرۈنۈۋاتقان ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ گۈزەل بىناكارلىقىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن دوناي دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ھونلار پۈتكۈل تارىخىدا بەرپا قىلغان شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان بۇ گۈزەل شەھەرگە تىكىلمەكتە ئەمما ئەقىل كۆزۈم تارىم دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا توپا رەڭ كۆرۈنىدىغان، مۈكچەيگەن پاكار ئۆيلەرگە، توپ - چاڭ كوتۇرلۇپ تۇرىدىغان تار چىغىر يوللارغا ۋە ئۇ ئۆيلەردە ياشايدىغان تەقۋادار، ئاقكۆڭۇل،  مۆمىن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىپتىدائىي مەھەللىرىگە قادالماقتا…

بۇ دەقىقىلەردە يۈرىكىمدە پەيدا بولغان نادامەت پىغانلىرى ۋۇجۇدۇمنى تىلغىماقتا… قىياسىمچە مېنىڭدە پەيدا بولغان مۇنداق تۇيغۇلار بەلكىم سىزدىمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن چۈنكى تارىختىكى ھون بوۋىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەجدادلىرى بىز ئۇيغۇرلارغا بۇ دۇنيادا قانداق قىلغاندا ۋە قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەندە ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ياشىغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قىممەتلىك تەلىماتنى سۆزلەپ بەرمەكتە...

بىز قىزغىن پاراڭلار ئىچىدە ساياھىتىمىزنى كەچ سائەت 5 لەردە ئاياغلاشتۇرۇپ ھەممىمىز ئايرىم - ئايرىم بىر قانچە تاكسىغا بولۇنۇپ ۋېنگرىيىلىك ئاتاقلىق شائىر alexander  نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭ ئۆيىدە زىياپەتتە بولۇشقا يۈرۈپ كەتتۇق.

شائىر  alexander نىڭ ئويى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ئاز دېگەندىمۇ 30 نەچچە ئۇيغۇرنى ۋە 10 نەچچە ھون دوستلىرىمىزنى كەڭ كۇشادە كۈتۈۋالدى. بىز ئايرىم خانە ئۆيدە ياشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھون ياشلىرى ئېلىپ كەلگەن چالغۇ ئەسۋابلار بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە خانىم باشچىلىقىدا ھون ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىغا جور بولۇپ كەيپىياتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرسەك، چوڭلار مېھمانخانا ئوينىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر دەستىخانغا جەم بولۇپ جاھاننىڭ ئۆتكەن - كەچكەن پاراڭلىرىنى قىلىشىپ مۇڭدىشىشنى باشلىۋەتتى. ساھىبخان alexander  نىڭ تەكلىپى بويىچە بىز كەچ سائەت 9 لاردا ۋېنگىرىيە خەلق ئۇسۇلىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم ياشلار بىر ئاممىۋى تياتېرخانىغا باردۇق. ئۇ يەردە ھون ياشلىرى بىلەن بىرگە ھون خەلق ئۇسۇلىنى قولنى - قولغا تۇتۇشۇپ، پىرقىرىشىپ ئۇسۇل ئوينىدۇق…





خۇلاسە

شۇنداق، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر - ھون قەلەمكەشلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولغان 2-قېتىملىق خەلقئارا ئورال ئالتاي قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ قۇرۇلتىيى ھەر -  بىر يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى چۈنكى بۇ ئاددىي بىر ئۇچرىشىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر - ھوندىن ئىبارەت بۇ بىر - بىرىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلارنىڭ 1700 يىلدىن كېيىنكى دىدار كۆرۇشىشلىرى ئىدى!

شۇڭا بۇ ئۇچۇرۇشىشى تەبىئىيكى تارىخقا سىياسىي ئۆچمەيدىغان بىر بەت بولۇپ يېزىلغۇسى!  ھون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق - دوستلۇق رىشتىسى يېڭى بىر دەۋردە يېڭى بىر سەۋىيىدە مەڭگۈ ئۈزۈلمەي راۋاج تاپقۇسى!

خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى zoltán sumonyi دېگەندەك  “بىز ئەمدى يىپەك يولىدىكى تارىمغا قاراپ كارۋان تارتىمىز”.

دېمەك بىز ھەممىمىزنىڭ شۇنڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى بۇنىڭدىن كېيىن دوناي ۋە تارىم دەريالىرى ئارىسىدىكى كارۋانلار مەڭگە ئۈزۈلمەي قاتنايدۇ! ھون - ئۇيغۇر قېرىنداش مىللەتلىرىنىڭ ئارسىدىكى ئۈزۈلمەس رىشتە مەڭگۈ ئۈزۈلمەي ياشنايدۇ!

ئەڭ ئاخىردا پۈتۈن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى نامىدىن بۇ قېتىمقى خەلقئارا ئورال ئالتاي قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يېقىندىن ياردەمدە بولغان ۋېنگىرىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىگە، ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋېنگىرىيە مەركىزىگە ۋە بۇ مەركەزلەردىكى بارلىق پىداكارلىرىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!


2011- يىلى، فېۋرال، بۇداپېشىت - لوندون



kiqikoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:39:57

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك يازما بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت.بۇ يىغىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بولۇپتۇ.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:41:40

بۇنىڭ ۋىدىيوسىنى بىر ۋاقىتالاردا كۆرگەندەك قىلىمەن! تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!
مۇشۇنداق خەلقئارالىق مۇھىم ئىلمىي پائالىيەتلەر كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:56:48

2011-يىلى ئۇچرىشىشلار بولسۇنۇ ئەمدى بزلەرگە سۇنۇلسۇن.بىزتولىمۇ كەينىدە قاپتۇق .  شۇنداق تارىختىكى ھونلار ،ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ئىشلىرى كەتتى .ئەمدى گەپ تىرىكلەرنىڭ ئۆزئىشىنى ،تارىخنى بىلىپ ياشىشىنىنى تەقەززاقىلىدۇ .

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:48:54

ياخشى تىمىكەن، كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:52:30

نوچىغۇ ئاكاش

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:45:17

مۇبارەك بولسۇن! ياخشى ماقالە بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا.
بەت: [1]
: ئەلكۈن: ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە