bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:40:24

پارولنى بىخەتەر قىلىشنىڭ 6 تۈرلۈك ئۇسۇلى


2014-يىلى چىقىپ كېتىش ئالدىدا چەتئەلنىڭ مىكروسوفت، سونىيدىن جۇڭگونىڭ 12306، ئالىيۈنگىچە خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پارول بىخەتەرلىكى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۈگۈن تورداشلار بىلەن پارول بىخەتەرلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ باقايلى.

ئالدى بىلەن قايسى ھېسابات نومۇرىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋېلىڭ. مېنىڭچە بانكا، ئېلخەت، پۇل تۆلەش سۇپىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرىدىكى ھېسابات نومۇرى ئەڭ مۇھىم. شۇڭا بۇ تۈردىكى ھېسابات نۇمۇرلىرىنىڭ پارولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

پارولنى زىيادە ئاددىي بېكىتمەڭ. مەلۇم تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان پاروللارنى ستاتىستىكىلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار

Abc123, 123456, iloveyou, , qq123, 520، 2012

قانداق، سىز ئىشلىتىدىغان پارولمۇ بارمىكەن؟ سىزنىڭ پارولىڭىزمۇ مۇشۇنداق ئاددىيمۇ؟

بەزىلىرىمىز ئىسىم، تۇغۇلغان كۈن، تېلېفون نومۇرى، يانفون نومۇرى، كىملىك نومۇرى، يۇرت نامى قاتارلىقلارنى پارول قىلىپ بېكىتىمىز. لېكىن بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەك تەس ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل پاروللارنى خاككېرلىق بىلەن ئەمەس، پەرەزگە تايىنىپلا يېشىۋىتىش مۇمكىن.

يەنە بەزى «ئېسى كۈچلۈك» تورداشلار ھەممە ھېسابات نومۇرىغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان پارول بېكىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال، چۈنكى بىر ھېساب نومۇرىڭىزنىڭ پارولى يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئاشكارىلىنىپ قالدىمۇ بولدى، ھەممە ھېساب نۇمۇرىڭىزغا كۆز تەگدى دېگەن گەپ.

ئەمسە قانداق قىلىش كېرەك؟

1، پارولىڭىزغا ئۆزىڭىز ياكى يېقىنلىرىڭىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى، ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ چېسلاسىنى ئىشلەتمەڭ. زادى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىڭ، مەسىلەن، ئىسمىڭىز مۇتەللىپ بولسا پارولغا مۇتەللىۋاخۇن دەپ، ئىسمىڭىز زۇلخۇمار بولسا پارولغا دىلخۇمار دەپ، ئىسمىڭىز ئابلىمىت بولسا پارولغا ئابدۇلھەمىد دەپ، ھەسەن بولسا ھۈسەن دەپ بېكىتىڭ.

2، ھەرقايسى ھېسابات نۇمۇرلىرىڭىزغا ئوخشىمايدىغان پارول بېكىتىڭ، ئەڭ ياخشىسى ھېسابات نۇمۇرلىرىڭىزنى ئوخشىمايدىغان بېكىتىڭ. ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز خاتىرە دەپتىرىڭىزگە يېزىپ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئەمدى بۇ خاتىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ ئۆھۆ ئۆھۆ، بۇ يازمىنىڭ باش تېمىسى ئىنتېرنېت ھېسابات پارول بىخەتەرلىكى، خاتىرە دەپتىرىڭىزنى قانداق ساقلاش بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

3، ئىنگلىزچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەر، رەقەم، ئالاھىدە بەلگىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ.

4، چوڭ-كىچىك ھەرپ، سان، ئالاھىدە بەلگىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ.   مەسىلەن، iloveyou دېگەن گەپنى مۇنداق ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ! L0v3y0U

5، پارولدىكى سۆزلەرنىڭ بەزى ھەرپلىرىنى تاشلىۋېتىڭ، رەقەملەرنى قوشۇڭ ياكى پارچىلىۋېتىڭ. مەسىلەن love دېگەن خەتنى l-ve دەپ ئىپادىلەڭ، 2014 دېگەن رەقەمنى 2*1012 دەپ ئىپادىلەڭ.

6، ئورۇن ئالماشتۇرۇڭ. يەنى پارولدىكى ھەرپ-رەقەملەرنى ئوڭغا ياكى سولغا سۈرىۋىتىڭ. مەسىلەن، پارولغا 520 دەپ بېكىتمەكچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىنى ئوڭغا بىر  كۇنۇپكا سۈرىۋىتىڭ، يەنى 63- دەپ ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ. love دېگەن خەتتىكى ھەربىر ھەرپنى ئوڭغا بىر كۇنۇپكا سۈرۈپ ;pbr دەپ ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ.

بۇندىن باشقا يەنە بىخەتەرلىك سوئالى، ئىككىلەمچى پارول، يانفون نومۇرى ۋە ئېلخەتكە باغلاش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىڭ. پاروللىرىڭىزنى پات-پات تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ.

13899857644 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:54:04

مانىڭغا قارىغاندا مىنىڭ پارولىمنىڭ بىخەتەرلىكى خىلى كۈچلۈككەن.:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:02:48

ئالىپاي پارولى، تاۋباۋنىڭ كىرىش پارولى، ئىلخەت پاروللىرىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىپ سالغان ياخشى.


بىر ئاي بۇرۇن مىنىڭ 126 ئىلخىتىمنى شەندۇڭدا ئىچىلدى دەپ ئۇچۇر كەلدى. دەرھال پارول ئالماشتۇردۇم ئەمەسمۇ.
بولمىسا ئىلخەت ئىچىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە دەلىللەش نومۇرلىرىنى كۆرۆۋالسا چاتاق چىقىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:10:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 20:20  

ئۇھ ..بۇگۈن توردىن نەرسە سېتىۋالغىچە ئىناۋەتلىك كارتامنىڭ u盾نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى  ھەرقانچە ئۇيلاپمۇ ئسىمگە ئالالمىدىم ،تەكرار -تەكرار ئالتە قېتىم خاتا كىرگۈزۈپ قۇلۇپلىنىپ قالدى u盾 ،شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نەرسىنى ،ئۈزۈمنى،سالاھىيەت كىنىشكەمنى ئېلىپ بانكىغا بىرىپ يەشكۈزۈپ كەلدىم قۇلۇپنى :L. ئالدىراپ تۇرغاندا. خەپ بۇنىڭدىن كىيىن نىمىلا نەرسىگە ئىشلتىدىغان  بولسۇن ،مەخپى  نۇمۇرلىرىمنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرمەيدىغان بولسام.{:97:}

مۇشۇ باھانىدا سورىۋالسام مۇنۇ نەرسىنى خەنچە u盾  دەيدىكەن.بىز نىمە دەپ ئىسىم قۇيدۇق بۇنىڭغا؟؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:19:28

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 20:10 static/image/common/back.gif
ئۇھ ..بۇگۈن توردىن نەرسە سېتىۋالغىچە ئىناۋەتلىك كارتام ...

مەنمۇ ئۇنتۇپ قالغان مەخپىي نۇمۇرنىڭ كۆپلىكىدىن ئانچە تەسىر قىلمدى

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 21:17:58

ئۇھ ..بۇگۈن توردىن
مەنغۇ تۆلاراق ئىلخەتنىڭ  ۋە ھەر خىل پاراڭلىشىش ئەپ دىتاللىرىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالىمەن  شۇنىڭ بىلەن ئىچىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر يۆق بۇلىدۇ

yawa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 21:31:29

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 20:10 static/image/common/back.gif
ئۇھ ..بۇگۈن توردىن نەرسە سېتىۋالغىچە ئىناۋەتلىك كارتام ...

ئىناۋەتلىك كارتىغاu盾 كەتمەيدىغاندۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 21:59:30

مىنىڭ بارغۇ ،2008-يىلىمۇ بىرنى بىجىرسەم ،ئادەمنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ كۆپ بولغاندا 200 يۈەن خەجلىگىلى بولدىغان كارتىدىن بىرنى مۇشۇ u盾 قۇشۇپ بەردى ،ئەينى چاغدا شىركەتتە ئىشلەيدىكەن،مۇقىم ئۆيى يۇقكەن دەپ ياراتمىدىمۇ بىلمىدىم ،مۇشۇنداق چىقىرىپ بەردى.تور بانكىسى ئىچىلغان پەقەت مۇشۇ كارتام بولغاچقا ،مۇشۇنىڭغا پۇل قاچىلاپ توردىن دائىم نەرسە سېتىۋالدىغان،支付宝نىڭمۇ ھېلىقى بانكا كارتىسىغا باغلىۋىتىدىغان ئىقدىدارى چىققاندىن كىيىن بۇ نەرسىڭمۇ بەك لازىمى بولمىغان،بۈگۈن باشقا ياردىن نەرسە سېتىۋىلىپ ،مۇشۇ لازىم بۇلۇپ ،مىڭ تەستە بىر يەردىن ئىزلەپ تاپسام ،قۇلۇپلىنىپ قىلىپ ،تىپىرلاپ كەتتىم ئالدىراپ تۇرغاندا،شۇنىڭ بىلەن سالپىيىپ بانكىغا بىرىپ ،بىر سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ يەشتۈرۈپ كەلدىم.
يامان جىق گەپ قىلۋەتتىمۇ نىمە!!!!!

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 22:29:15

مەخپى نۇمۇرنى مۇرەككەپ قويسا ئۇنتۇپ قالغان ، ئاددى قويسا خەق ئوغۇرلىۋالامىكى دەپ ئەنسىرەپ قالغان ... قاندا قىلىدىغان ئىشكى ؟

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:08:54

بۇرۇن شۇنداق مۈرەككەپ قويىۋېتەتتىم،،،
كۆپلىگەن نەرسىللىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم...
ھازىر بەكلا ئاددىي قويىۋالىمەن،چۈنكى باشقىلار ئاددىي ئەمەس دەپ ئويلايدىكەن...تور دەۋرى تەرەققىي قىلغانسىرى{:92:}

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 07:57:17

مەخپى نومۇر بولغاندىكىن مەخپى تۇرىشى كىرەكدە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:42:45

ئەمەلىيەتتە پارولغا مۇرەككەپ سىفىرلارنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش، بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى ئىشلەتكۈچىگە ئارتىپ قويغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس، پارول ئوغۇرلانغانىكەن، دېمەك بۇ پروگراممىدا يوچۇق بار دېگەن گەپ. پروگراممىنى مۇكەممەل يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ، بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى ئىشلەتكۈچىنى بىللە ئېگە بولىسەن دېسە بۇ ئۇششۇقلۇق.
چەتئەللەرنىڭ ئابرويلۇق كارخانىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە پارولنى ئانداق مۇرەككەپ قىلىسەن، مانداق نەرسىلەردىن تۈزۈلسۈن دەيدىغان ھىچقانداق چەكلىمە يوق.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:51:37

مىنىڭ پارولىمنى ھېچكىم يېشەلمىگۈدە ئالدىرسام 30سكۇنتتا كىرگۈزۈپ بولىمەن:lol

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:07:35

مۇرەككەپ سالغاننىڭ پايدىسى يوق، پايدىسى بار دىيىلسە شۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا پايدىسى بار، ھازىرغۇ نەگىلا تىزىملاتساق يانفۇن نومۇرى بىلەن باغلايمىز، مەخپى نومۇرنى ئۇنتۇپ قالساقمۇ قىسقا ئۇچۇر بىلەن دەلىللەپ قايتا مەخپى نۇمۇر ئورنىتىمىز،
ھازىرقى دەۋىردە مەخپى تۇتىدىغان نەرسە مەخپى نومۇر ئەمەس بەلكى ئىسمىڭىز، كىملىك نومۇرىىڭىز ۋە يانفۇن نومۇرىڭىز، مۇشۇ ئۈچ نەرسە بولسا خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ. مەن ھەتتا يۈتۈپ كەتكەن، مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بانكا كارتامنىمۇ نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:21:22

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 22:29 static/image/common/back.gif
مەخپى نۇمۇرنى مۇرەككەپ قويسا ئۇنتۇپ قالغان ، ئاددى قوي ...

2، ھەرقايسى ھېسابات نۇمۇرلىرىڭىزغا ئوخشىمايدىغان پارول بېكىتىڭ، ئەڭ ياخشىسى ھېسابات نۇمۇرلىرىڭىزنى ئوخشىمايدىغان بېكىتىڭ. ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز خاتىرە دەپتىرىڭىزگە يېزىپ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئەمدى بۇ خاتىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ ئۆھۆ ئۆھۆ، بۇ يازمىنىڭ باش تېمىسى ئىنتېرنېت ھېسابات پارول بىخەتەرلىكى، خاتىرە دەپتىرىڭىزنى قانداق ساقلاش بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 16:00:28

مەنمۇ ئادەتتە بانكا كارتىسى، ئېلخەت، كىۇكىۇ قاتارلىقلارنىڭ پارولىنى ئوخشاش قىلىپ قۇيىمەن.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:15:54

نەچچە كۈن بۇرۇن يېزائىگىلىك بانكىسىداا كارتا بىجىرىپ   ،مەخپى نۇمۇر سالىدىغان يەرگە كەلگەندە بانكا خادىمى مەخپى نۇمۇر ئورنىغا، بىجىرگەن كارتا نۇمۇرنىڭ ئاخىرقى تۆت خانىسىغا ئۈزىڭىزبىلىپ  نۇمۇر كىرگۈزسىڭىز قۇلاي ھەم بىخەتەر  دىگەن مەسلىھەتنى بەردى.
بەت: [1]
: پارولنى بىخەتەر قىلىشنىڭ 6 تۈرلۈك ئۇسۇلى