标题مىيىپلىق كىنىشكىسى بىجىرىشتىن مەسلىھەت سورايمەن !
内容ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىردىكى ئاكا~ھەدىلەر ھەممىڭلارغا يىڭى ئەزا ئەزەل 1214 سالام.مەن بۇيىل 19ياش ئالى مەكتەپ ئىمتھانىغا تەييارلىق قىلۋاتقان بىر ئوقوغۇچى،ئاللا خالىسا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ئىشەنچىم كامىل.مەن 4ياش ۋاقتىمدا بىر قىتىملىق كىلىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئوڭ قولۇمنىڭ ئوتتۇر بارمىقىدىن ئايرىلىپ قاپتىكەنمەن،ھەم ئۇۋاقىتتاتىببى ساھە ئانچە تەرەققى قىلمىغاچقا ئۇ بارمىقىمنى ساقلاپ قىلىشقا ئامال بولماپتىكەن،ئەمدە سىلەردىن سورايدىغان سۇئالىم مەن مىيپلىق كىنىشكىسى بىجىرسەم بولامدۇ ?بۇ كىنىشكىنىڭ ماڭا ئالي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن پايدىسى بولامدۇ?
سۇئالىمغا ئاكا -ھەدىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مەسلىھەت بىرشىنى ئۈمۈد قىلمەن !
مەن قەشقەر دىن ! بولدى ئالماڭ ئۇنداق كىنىشكىنى، ھىلغۇ سىزنىڭ بىرتال بارمىقىڭىزكەن. بىر قۇلى پۈتۈنلەي تۇنۇردا كۈيۈپ قىلىپ، بارماقلىرى پاچىلىشىپ تۇرىدىغانلارمۇ، بىر ھىساپتا قۇلىنى ھەرگىز ئاچالمايدۇ. مىيىپلىق كىنىشكىسىگە تايانماي گۈلدەك ياشاۋاتىدۇ. ئالغىلى بولىدىغانلا كىنىشكا بولسا ئېلىپ قويغاننىڭ زىينى يوق مەنچە ... بەزىدە ئادەمدىن بەكرەك كىنىشكىنىڭ يۈزى چوڭ بوپ قالدىكەن ... مېيىىپلىق كىنىشكىسى ئالى مەكتەپتە ئەسقاتمايدۇ .............لېكىن كىيىنچە ئۆز ئالدىڭىزغا تىجارەت قىلسىڭىز (مەسلەن شىركەت قۇرۇپ دىگەندەك)ياكى بىرەر شىركەت كارخانىدا ئىشلىسىڭىز سىز ئىشلىگەن ياكى قۇرغان شىركەتكە مېيىپلىق دەرىجىڭىزگە قاراپ مەلۇم نىسپەتتە باج كەچۈرەمگە ئىرىشەلەيدۇ.....پايدىسى شۇ لېكىن مېيىپ بولغىنى پەقەت بىر بارماقكەن بۇنىڭ رۇلى قانچىلىك بۇلىدۇ بىر نىمە دىمەك تەس:)
راستلا ئالىمەن دېسىڭىز تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى مېيىپلار بىرلەشمىسىگە (ياكى ئۇندىن بۇرۇن تەۋەلىكىڭىزدىكى ئاھاللە كومىتىتىغا) بېرىپ سۈرۈشتە قىلسىڭىز ئۇلار مېيىپلىق دەرىجىسىنى بېكىتىپ بېرىدىغان دوختۇرخانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن بىر تالاي تەكشۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كېيىن مەسئۇل كىشى مانچىنچى دەرىجىلىك مېيىپ دىگەن خەتنى يېزىپ بەرگەندىن كېيىن مېيىپلار بىرلەشمىدىن ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئېلىپ تولدۇرىسىز ...
شۇنداققۇ دەيمەن ..... سىزنىڭ روھىڭىز مېيىپ بولۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ، مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان چاغدا بىر قولى بېغىشىدىنلا قېتىلىپ پارتىلاپ كەتكەن (توك سايمىنى بىلەن ھەپىلىشىپ)، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۇنۋېرىستىتقا ئۆتۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ بىز بىلەن ئوخشاش ئىشلەۋاتىدۇ. كېنىشكىنى بىجىرىش كىرەك..بۇ تاينىش ئەمەس بەلكى ئېھتىياج. :funk::funk::funk: نىمە نۇمۇس ئۇ ...ئوغۇل بالا دىگەن بۇرنى قاناپ كەتسىمۇ يۈزىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ....ما ئىشنى كۆرەڭ .. مىيىپلىق كىنىشكىسى ئالسىڭىز، ھەر ھالدا ئالاقە ئىشلىرىڭىز ياخشى بولسا بەلكى خىلى ياخشى ياردىمى بولىدۇ.
باشقىلار بىلەن ئالاقىڭىز ياخشى بولمىسا ھىچ ئىشقا يارىمايدۇ.
بەت:
[1]