Producer يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:11:19

لىفىت - قېسقا فىلىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Producer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 16:14  

لىفىت

رېژىسسور: مەمەتجان سەمەت

http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=l0143uo7g4w&auto=0
فىلىم ئادرېسى: http://v.qq.com/page/l/4/w/l0143uo7g4w.html

تاۋۇز تورى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:39:16

جاھاندا مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇ،
ئەملىيەتتىن بەك چەتنەپ كەتتىمۇ قانداق ،لىفىتقا چىققانلارنىڭ ھەممىسى تەربىيسىزمىدۇ؟

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:08:37

مېنىڭچە بۇ فىلىم سەل چەكتىن ئاشۇرۋېتىلگەندەك، بەك مۇبالىغە قىلىپ ئىشلەنگەندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما، بۈگۈنكى كۈنسىرى شەخسىيەتچىلىك ئېغىرلىشىۋاتقان جەمئىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئويلىغاندا، فىلىم ھازىرقى رېئاللىقنى خېلى ئۇبدانلا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ.

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:10:49

فىلىم ياخشى ئېلىنىپتۇ،{:112:}،ھازىر كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى خېلى ئۆستى، ئەمىليەت ئۇنچىۋىلامۇ ئەمەس. كىنو تۇرمۇشتىن بىر دەرىجى ئۈستۈن تۇرىدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ،بۇنىڭدىن مۇناسىپ كىشلەر ئىبرەت ئالسا ئۈنۈم دېگەن شۇ .

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:59:03

ئازراق كۆرۈپلا كۆرگۈم كەلمىدى، ئىنسانلار جەمئىيىتى بۇ ھالغا كەپ قالغىنى يوق، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن فىلىمكەن. ھېچقانداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوق.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 12:17:19

ئېچىلمادى....

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 13:48:48

ئالى مەكتەپ سىناق ئىمتاھانىدا چۈشكەن مىكرو ھېكايە بىلەن ئازراق پەرىقلىنىدىكەن...............لىفىتكە چىقىدىغان شەخىس مېيىپ ئىدى،ھەمدە لىفتكە چىقالماسلىقتەك تىراگىيدىيە قايتىلانمايتى........
ئەمما مەزكۇر سىندا قايتا قايتا كۈرۈنۈش قىلىش ئارقلىق كۆزلىمەكچى بولغان مەقسەت ئاشۇرۋىتىلگەن،ئەسلى تاساددىبىيلىق،گۇڭگالىق بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە پىكىر قىلىش يۇلى قۇيۇش لازىم ئىدى....

Producer يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:31:31

function يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 08:59 static/image/common/back.gif
ئازراق كۆرۈپلا كۆرگۈم كەلمىدى، ئىنسانلار جەمئىيىتى بۇ ...

سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىڭىزدىنلا كۆرگەندەك بولدۇم، رەھمەت.

Producer يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:34:51

دوستلارنىڭ بەرگەن يېنىك پىكىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، كەسپىي جەھەتتىن باھا بېرەلىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم...........

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:54:52

Producer يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 15:34 static/image/common/back.gif
دوستلارنىڭ بەرگەن يېنىك پىكىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، ك ...

كەسپى جەھەتتىن ؟...  بۇ گېپىڭىزدىن سىزنىڭ بۇ كەسىپنى تازا چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم . سىز دېگەن كەسپى دېگەن گەپ پەقەت سۈرەتكە ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىلا كۆرسىتەمدۇ؟ ئۇ چاغدا مەنزىرە سۈرەتكە ئالسىڭىزلا بولىدۇ...قىسقا فىلىم دېگەن ئىكەنسىز، تورداشلارنىڭ مەزمۇنىغا بەرگەن باھاسىلا كەسپى جەھەتتىن بېرىلگەن باھا شۇ ... مېنىڭمۇ شەخسى پىكىرىم ، بىلىم قۇرۇلمىڭىزنى پۇختىلاپ تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ ، تورداشلارنىڭ نېمىشقا بۇ قىسقا فىلىمىڭىزنى تايىنى يوق ،ئەھمىيتى يوق دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ ، كېلەركى قېتىم ‹ۋاھ نىمدا پەيزى يانا يوقما› دەپ ئىنكاس يازغۇزۋەتكىدەك فىلىم ئىشلەپ چىقىڭ...

Producer يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:24:21

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 17:54 static/image/common/back.gif
كەسپى جەھەتتىن ؟...  بۇ گېپىڭىزدىن سىزنىڭ بۇ كەسىپنى تا ...

سىزچە قانداق بولسا قېسقا فىلىم بولىدۇ؟ ئېنىقلىمىسى نېمە؟ كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرىۋىلىپلا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماستىن تۇترۇقسىز باھا بېرىشمۇ، دۇنيادا نۇقسانسىز ئىش بولمايدۇ، ھەممىمىز ئۈگەنگۈچى، مەنزىرە تارتىپلا فىلىم دەپ ئاتاش، بۇ سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىز، ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس يولى بولىدۇ، كىنو ھەممە سەنئەتنىڭ ھەممە تۈرىنى ئۆزىگە گەۋدىلەندۈرىدۇ، نۇقسانلاردىن خالىي بولۇپ بولغىلى بولمايدۇ، بولماپتۇ، دېگەننىڭ سۆزنىڭ ئاساسى بولىشى كېرەك،  ئۇنداقتا سىز يول كۆرسەتسىڭىز قانداق بولسا ئەھمىيتىنى تاپاتتى، بۇ قېسقا فىلىم.  قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلىۋالسام.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 01:24:36

كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ باھا بەرسە ھېساب ئەمەسما ؟....
ئەمگەك بولسىلا ھۆرمەتلىنىشى كېرەكما ؟
سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىدەك باھا بولمىسىلا ئۇ تۇترۇقسىز باھا بولامدۇ؟...


بۇنداق ئېچىنىشلىق ئىددىيەدىكى ئادەملەرگە گەپ قىلىش نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىش ھە ..... ئۆزۈمگىمۇ ئاز ....

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:29:44

ۋاي بايقۇش پرودىيۇسىر، نىمە قىلاتتىڭ بۇ يەگە يوللاپ، بۇ شاتۇتلار ماكانى ئەمەستى، نىمە يوللىسا زەنلەپ قويدىغان

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:21:37

بۇرۇن بىر قېتىم يوللانغانغۇ بۇ تېما

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:32:15

كەسپى جەھەتتىن باھا بېرىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەممە ئادەم فىلىم ئىشلىگۈچى ئەمەس. شۇ كۆرگەن ئادەم مەزمۇنىغا باھا بېرىدىغان گەپ، مەزمۇن تۇترۇقسىز چىققاچقا كۆپ ساندىكىلەر ياقتۇرماپتۇ، مەنمۇ ھەم ياقتۇرمىدىم، كىشىلەرنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇش مەجبۇرىيىتى يوق.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:58:08

پالاكەت ئېيق دىگەن كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئىكەن.:lol
بىرنچى قېتىم چىقالمىسىغۇ مەيلى، ئىككىنچى قېتىم ئالدىدىراق تۇرسا چىقالايتى ئەمەسمۇ؟ ئىككىنچى قېتىممۇ خەقنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ نىمە ئىش قىلار دەيمەنغۇ.
ئىنكاس يېزىپ تىل ئاڭلايدىغان بولدۇمدە ئەمدى.{:87:}

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:11:36

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-02-28 09:58:08 static/image/common/back.gif
پالاكەت ئېيق دىگەن كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئىكەن.:lo
شۇ…باللىرىم…دەپ كەپ قىلسا يالغان ساقىلى چۈشۈپ كەتمەستى، ياكى ئىككىنچى قېتىم ھاسسا بىلەپ ئۇرۇپلا كەتمەي، ئاناڭنى گۇينىڭ باللىرى…:lol

Producer يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:56:07

jesurmen يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 08:29 static/image/common/back.gif
ۋاي بايقۇش پرودىيۇسىر، نىمە قىلاتتىڭ بۇ يەگە يوللاپ، ب ...

   ۋۇييۇ، ماختامدىكى دېسەم يوللىمايتتىم، ماڭا ماختاش كەم ئەمەس، بەك غەم يەپ كېتىپسىز، بۇ مۇشۇ ئىنكاسلارنىڭ بولغىنى ياخشى، يەنە يوللايدىغانلىرىم ئالدىڭلاردا::lol:lol :lol  گەرچە سىلەر ياقتۇرمىغان بولساڭلا مەن ياقتۇرغاچقا يوللىغان.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:15:32

كەسپى جەھەتتىن پىكىر قىلساق،
لىفىتقا چىققان كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسى بىنورمال خۇددىي سۇرەتكە ئىلىنىش ئۇچۇن چىقىپ بىرىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ ،
سەل ئازادە ئۆزىنى قويىۋەتكەن تۇرمامدۇ،
ئەمما سۇرەتكە ئىلىنىشى ياخشى چىقىپتۇ ،بولسا تىخىمۇ ئۇزۇنراق قىلىپ چۇشەندۇرۇش ياكى ئاۋاز بىرىپ كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغۇدەك بىر مىكرو فىلىم ئىشلەپ 中国国际微电影节گە قاتناشتۇرۇپ بىقىڭلار،
ئەلۋەتتە تەلەپ بويىچە 8مىنۇتتىن 30مىنۇت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.4مىنۇت بولمايدۇ.
بەت: [1]
: لىفىت - قېسقا فىلىم