kiqikoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:16:38

خەت ساندۇقى ۋە تور دېسكا ئېلىش(رەسىملىك)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiqikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 15:33  

خەت ساندۇقى ۋە تور دىسكا ئېلىشقا دائىر ئەمەلىي مىساللاردائىملىق تەربىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ تېلېفۇنىنى ئاپتوبۇستا ئوغىرى ئېلىۋاپتۇ. ئۇ بىرنەچچە كۈن كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ،ئاندىن باشقا بىر تېلېفۇن سېتىۋېلىپ كارتا نومۇرىنى قايتا بۇلى(كەچۈرۈڭلار ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەي قالدىم) قىلغۇزۇپتۇ. بىر كۈنى بىر ناتۇنۇش ئەر ئۇنىڭغا«ئون مىڭ يۈەن پۇل جايلاپ مەن دېگەن ۋاقىتتا،مەن دېگەن جايدىكى ئەخلەت سادۇقىغا،مۇنداق نەرسىگە ئوراپ قويۇپ قويىسەن. بولمىسا تېلېفۇنىڭدىكى رەسىملىرىڭنى تورغا چىقىرۋىتىمەن»دەپ تېلېفون قىلىپتۇ. قىز ئۇنىڭغا«چىقىرۋەتسەڭ چىقىرۋەت،ساڭا بېرىغان يۈز يۈەنمۇ پولۇم يوق»دەپتۇ.ئۈچ كۈندىن كېيىن باشقا بىر نومۇردىن ھېلىقى ئەر«تورغا چىقىردىغان رەسىملىرىڭنى كۆرۈپ باق»دەپ تېلېفۇن قىلىپتۇ ھەم ئارقىدىنلا ئۇ قىزنىڭ بىرمۇنچە ئۆزى ئۆمۈرىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان ئەرلەر بىلەن قىپيالىڭاچ ھالدا..…رەسىملىرىنى رەڭلىك ئۇچۇر قىلىپ ماڭدۇرۇپتۇ. ئۇياتچان قىز بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قېلىپتۇ.ھېلىقى ئەر يەنە بىر نومۇردا «قانداق قىلىسەن؟ئون مىڭ يۈەن بىرىپ تېلېفۇنىڭنى قايتۇرۋالامسەن ياكى رەسىملىرىڭنى توردا سازايى قىلدۇرامسەن»دەپ تېلېفون قىلىپتۇ. بىچارە قىز ھېلىقى ئۆزىنى كۆرسەتمەيدىغان ئوغىرىغا ئارقا—ئارقىدىن ئۈچ قېتىم دوستلىرىدىن ۋە بانكىدىن قەرىز پۇل ئېلىپ دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بىرىپ تەتىل قىلىپتۇ…..
قارىسام،قىز،ئاياللار بىرسى،يانفۇنىڭلاردا رەسىمگە چۈشكىلى بەكلا ئامىراق ئىكەن. ھەپتىدە نەچچە يۈز پارچە رەسىمگە چۈشىدىكەن ھەم چۈشكەن بۇ رەسىملىرىنى تېلېفوننىڭ ئۆزىدە ياكى سىغىم كارتىسىدا ساقلايدىكەن،يەنە بىرسى، بەك تولا تېلېفون يۈتۈردىكەن.
مەن سېڭىلچاقلارنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنكلىشىپ قالماسلىقى،پاك يۈزلىرىگە پوق سۈركىلىپ يوقارقىدەك باش ئاغرىقىغا دۇچار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىرەر تور دېسكىسى ئېلىپ قويىشىڭلارنى،ھەم خاتىرە رەسىمىڭلارنى ئوتتۇرلۇق تور دېسكاڭلارغا يۆتكەپ ساقلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەخپى نومۇرىنى ئاشكارلاپ قويمىساڭلار ياكى ئۆزۈڭلار ھەم بەھىرقىلمىساڭلارلا ھېچقانداق بىر تور دېسكىسىدىكى ماتېرياللىرىڭلارنى تېلېفۇنىڭلارنى ئېلىۋالسىمۇ ج خ خادىملىرىدىن باشقا ھېچكىم ئېچىپ كۆرەلمەيدۇ ھەم چۈشۈرەلمەيدۇ.ئۆزۈڭلار خالىغان چاغدا،خالىغان كومپىيوتېر ياكى تېلېفۇندا ئېچىپ كۆرەلەيسىلەر ھەم چۈشۈرەلەيسىلەر.تور دىسكا كۆچمە دېسكىدەك بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
كۆپىنچىڭلار تور دېسكىسىنى ئېلىشنى بىلىسىلەر.شۇنداقتىمۇ بىلمەيدىغانلارغا ئازراق كۆرسەتمە بېرەي.  يەنىلا云盘360نى مىسال كەلتۈرەي.ئەسلى تېلېفون ئارقىلىق تىزىملاتساقمۇ بولاتتى.ئېقىم مىقدارىنى ئىسراپ قىلمايلى.شۇڭا كومپىيوتېردا تىزىملىتايلى. ئالدى بىلەن http://yunpan.360.cn/reg بۇ تور بەتنى ئاچايلى.

1-رامكىغا پوچتا خەت ساندۇقىمىزنى كىرگۈزىمىز. ئەگەر خەت ساندۇقى يوقلار بولسا ئاۋال(ئەمىليەتتە  چ چ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چ چ خەت ساندۇقى بار.) http://www.ulinix.cn/ تور بەتنىڭ قىزىل بۇيالغان قۇردىكى خالىغان تور بىكەتنى ئېچىپ注册… دېگەن خەت بار يەرنى چېكىپ خەت ساندۇق ئىلتىماس قىلىمىز.

(شۇنىڭدىن كېيىن خەت ساندۇقى ئېلىش بىلەن تور دىسكا ئېلىش ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغىنى بىرەر خەت ساندۇقى بولمىسا تور دىسكا ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە ھېچقانداق بىر تور بىكەتكە ئەزا بولغىلى—تىزىملاتقىلى بولمايدۇ)مەسىلەن: مەن شىنلاڭنى ئاچتىم،ئاندىن注册نى چەكتىم.ئاندىن  خەت ساندۇق نامى ،پارۇل(پارۇلنى بىرنېمىگە يېزىۋېلىڭ)ۋە دەلىللەش نومۇرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ立即注册نى چېكىۋەتتىم.

خەت ساندۇقى ئېلىپ بولدۇم مانا

2-3-رامكىلارغا تەكرار پارۇل كىرگۈزىمىز.(پارۇل سان ئەمەس بەلكى QONGkiqikدېگەنگە ئوخشاش چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئېنگىلىزچە ھەرپ بولىدۇ.)
4-رامكىغا دەلىللەش نومۇرى كىرگۈزۈپ立即注册نى چېكىمىز.

ئەمدى 进人邮箱收信你好نى چېكىمىز.ئاندىن بايا ئالغان شىنلاڭ خەت ساندۇقىمىزنى ئاچىمىز (خەت ساندۇق نامى بىلەن پارۇلنى كىرگۈزسەم ئېچىلماي،دەلىللەش نومۇرىنىمۇ كىرگۈزدۈم،ئەمدى ئېچىلدى).


所有邮件نى چەكسەم 360个人中心دىن بىر پارچە ئۇچۇر كېلىپتۇ.

ئۇنى چېكىپ ئاچاي. ئوڭ تەرەپتىكى كۆك خەتلىك ئۇچۇر مەزمونىنى چېكەي. مانا 360 تور دېسكام نورمال ئېچىلدى.

ھازىرچە 360جى بوشلۇق بېرىپتۇ.(سول تەرەپ تۆۋەنكى بۇرجەككە قاراڭ.)ئەمدى ئوڭ  تەرەپ يوقۇردىكى ئادەم ئوبرازى بار يۇملاق دېسكىنى چېكىپ، ئاندىن ئەڭ تۆۋەندىكى 退出云盘نى چېكىپ بۇ تور بەتتىن چېكىنىپ چىقتىم. ئەمدى ئوڭ تەرەپ يوقۇردىكى 下载 نى چېكىپ 360 تور دېسكىسىنىڭ ئۆزەمگە لازىملىق بولغان كومپىيوتېر ياكى تېلېفون تېرمىنالىنى چۈشۈرۋالاي.

360تور دېسكىڭىزنى 360wangpan_setup_6.0.1.1070 ئارقىلىق  كومپىيوتېردىن ئاچقاندا (ئۇنىلا ئەمەس QQ،ئۈندىدار…قاتارىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاچقاندا) 记住密码ياكى 自动登录لارنىڭ ئالدىغا توغىرا بەلگىسى ئۇرىۋېتىپ قالسىڭىز،چېكىنگەندە خۇددى ئىشىككە قۇلۇپ سېلىپ ئاچقۇچنى قۇلۇپ بىلەن بىرگە قويۇپ قويغاندەك بولۇپ قالىدۇ.

上转文件نى چېكىش ئارقىلىق كومپىيوتېرىڭىزدىكى خالىغان ھۆججەتلەرنى تور دېسكىڭىزغا چىقىرالايسىز. بوش ئورۇندا مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىش ئارقىلىق توردېسكىدا يېڭى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرالايسىز،ھۆججەت ئۈستىدە مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىش ئارقىلىق ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتەلەيسىز، ئۆچۈرەلەيسىز،كۆچۈرەلەيسىز،يۆتكىيەلەيسىز ھەم چۈشۈرەلەيسىز.

ئوڭ تەرەپ يوقۇرى بۇرجەكتىكى ▼ نى چېكىش ئارقىلىق  تور دېسكىڭىزنى قۇلۇپلاپ قويالايسىز ياكى چېكىنەلەيسىز.

360تور دېسكىڭىزنى 360yunpan_android_6.3.7 ئەپنى قاچىلاپ تېلېفۇندىن ئېچىش ئۈچۈن 登录360账号نى چېكىپ

تور دېسكىمىزنىڭ 账号(مەن خەت ساندۇقىمنى账号 قىلىپ تىزىملاتقان)سى  بىلەن 密码سىنى كىرگۈزۈپ 立即登录چېكىپ تېلېفۇندىن ئاچىمىز.

网盘نى چېكىۋېتىپ ئوڭ تەرەپ يوقۇردىكى ئۈچ چېكىتنى چېكىپ 上转文件ئارقىلىق تېلېفۇنىمىزدىكى ياكى سىغىم كارتىمىزدىكى خالىغان ھۆججەتنى خالىغان ھۆججەت قىسقۇچىمىزغا ئەكىرۋالالايمىز،يېڭى  ھۆججەت قىسقۇچ قۇرالايمىز.

مەلۇم بىر ھۆججەتنى ئاستا بېسىپ تاللاش ئارقىلىق ئۆچۈرەلەيمىز،يۆتكىيەلەيمىز ۋەياكى ئىسىمىنى  ئۆزگەرتەلەيمىز.

首页نى چېكىپ،ئاندىن ئۈچ چېكىتنى چېكىپ 我的信息نى چەكسەم تور بوشلۇقۇم 2.95 تىغا كۆتۈرۈلۈپتۇ ، 设置 نى چەكسەم  چېكىنىش 退出登录مۇ باركەن،چېكىنىۋاتاي.

ئەسكەرتىش:بىرى،تور دېسكىڭىزدا قانۇنسىز نەرسە ساقلىماڭ،ئىككىنچىسى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا تور دېسكىڭىزنى退出 قىلىۋېتىشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ .شۇنداق قىلسىڭىزلا ھۆججەتلىرىڭىزمۇ،ئۆزىڭىزمۇ بىخەتەر بولىسىز.،ئۈچىنچىسى، 账号بىلەن      密码 ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. 账号 بىلەن ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا كىرىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىسىڭىزلا密码قايتا ئەسكە ئالالايسىز ھەم خالىغان چاغدا ئۆزگەرتەلەيسىز.
ھازىر تور دېسكىلارنىڭ ھېچقايسىسىدا نورمال ھەمبەھىر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۆزنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئۆزى چىقارغىلى ھەم چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:08:45

360 تور دىسكىسىنىڭ كومپىيۇتىر تىرمىنالى قچىلانمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

پەقەت يانفۇن نۇسخىسىلا ئىشلەيدىكەنغۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:10:40

بۇ بەسەيلەرنىڭ ھېچنىمىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ،ئۆتكەندىن بۇيان ھەممىسىدىن چاتاق چىقتى،ھەممىسى نورمال ئەمەس
بولسا Onedrive نى،بولمىسىمۇ بەيدۇ تور دىسكىسىنى تەۋسىيە قىلسىڭىز ياخشى بولاركەنتۇق

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:12:13

راست،ئاپتوماتىك چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز، بېسىپ يۈرمىسىمۇ بىر پارچە رەسىم تارتىپ بولغىچە تورغا ئاپتوماتىك زاپاسلاپ ماڭاتتى

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:59:45

زادى قايسى ئىلخەت بىلەن قايسى تور دېسكىسى ھەممىدىن ئىشەنچىلىك؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 00:39:57

بەيدۇنىڭ بىر قەدەر مۇقۇمراقمىكى دەيمە مەن ئىشلىتۋاتىمەن ئىشقىلىپ يامان ئەمەس دەسلەپتە كومنىڭ تىرمىنالىنلا ئىشلەتكەن 2جى بوشلۇق بەرگەن ،كىيىن يانفۇننىڭكىنى چۈشۈرسەڭ سىغىمى يوغىنايدۇ دىگەندەك بىر گەپ كۈرەپ چۈشۈرۈپ باقسام 2000جى غا  يۇغىنىدى:lol چىقارغان نەرسىللىرىم چۇلدۇرلاپ ئىچىدە چىڭ يۈرۈيدۇ:lol:lol

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 02:17:30

ياخوو، گووگلې ، خوتمايل لارنىڭمۇبىكارلىق تور بوشلۇقلىرى بارغۇ دەيمەن.

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 02:18:36

ئالما نىڭمۇ ئايكۇلد دىگىنى باردەك قىلغان...

428 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 04:44:35

:$:lol:P{:87:}{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}

kiqikoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:11:50

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 23:10 static/image/common/back.gif
بۇ بەسەيلەرنىڭ ھېچنىمىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ،ئۆتكەن ...

مەن ئۈچ يىلچە ئلگىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ تور دېسكا ئالغان. ئۇلار : ئۇچقۇر(ئۇيغۇرچە)تور دېسكىسى،360تور دېسكىسى ۋە بەيدۇ تور دېسكىسى ئىدى. ئۇچقۇر بىر يىلغا يەتمەيلا ئۇچۇپ كەتتى. ئەمما كېيىنكى ئىككىسىنى كومپىيوتېردىمۇ،تېلېفۇندىمۇ نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.(پەقەت شۇ  ھەمبەھىر قىلىنغان ماتېرياللارنىكومپىيوتېردا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ.باشقا تەرەپلەردە مەسلە يوق)  بەيدۇ تور دېسكامغا باشقىلارنىڭ ھەمبەھىر قىلغان ماتېرياللىرىنى تېلېفۇندا نورمال چۈشۈرۈپ كۆرەلىدىم.
بۇرادەر خەقنىڭ ھېچنىمىسىگە ئىشەنمىسىڭىز، بۇ دۇنيادا ياشىماق تەس بولىدۇ. ئاز-تولا ئىشەنگەن تۈزۈك. ئادەمگە بەزىدە ئىشەنچمۇ موھىم.

kiqikoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:15:01

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 20:08 static/image/common/back.gif
360 تور دىسكىسىنىڭ كومپىيۇتىر تىرمىنالى قچىلانمايدىغان ...

تۈنۈگۈن مەن بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان چاغدا چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم ھەم رەسىمىنى تېمىغا چىقاردىم.نورمالغۇ. سىز تېمىدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە مەشغۇلات قىلىپ بېقىڭ.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 13:39:07

Adilkozeynek يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 02:17 static/image/common/back.gif
ياخوو، گووگلې ، خوتمايل لارنىڭمۇبىكارلىق تور بوشلۇقلى ...

بولغان بىلەن ھىساپ ئەمەس شۇ ئىشلىمىسە ..........................

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 16:20:31

ھە، بۇلار «تام» نىڭ ئۇ چىتىدە ئىكەندە! بىلمەپتىمەن :(

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 16:30:10

Dropbox , Adrive,  digenlermu ishlimemdu emse?!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:16:32

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 02:39 static/image/common/back.gif
بەيدۇنىڭ بىر قەدەر مۇقۇمراقمىكى دەيمە مەن ئىشلىتۋاتىم ...

مەنمۇ بەيدۇ  تور دىسكىسىنى كومپىيۇتىر ۋە يانغۇندا ئىشلىتىمەن. لىكىن مىنىڭ يوغىنىمىدىيا؟
16.5جى دەپ تۇرىدۇ.

توشاپ قاپتىكەن، ئامرىكا كاپىتانىنى ساقلاپ  قوياي دىسەم، ھۆججەت يوللىغىلى بولمىدى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:21:58

kiqikoghul يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 11:15 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن مەن بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان چاغدا چۈشۈرۈپ قاچىل ...

بۈگۈن ساقىيىپتۇ.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:35:13

كوم تىرمىنالىنى خېلى بولغان ئىشلىتۋاتقىلى تىلفۇننىڭكىنى چۈشۈرگىلى تېخى نەچچە كۈن بولدى {:92:}  قارىغاندا ماڭا چاغانلىق ئىتبار قىلغان ئوخشايدۇ :lol:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:04:54

نەدە تىلىفۇن نۇسخىسىنى چۈشۈرسەgb  بوشلۇق بىرەمدۇ ياكى tb  بوشلۇق بىرەمدۇ؟

مەن كۆۋرۈك تور بىكىتىدىن ھەمبەھىرلىگەن كىنولارنى، ئۆزۆمنىڭ百度云盘 تور دىسكامغا كۆچۆرسەم، ئوڭوشلۇق بولىدۇ.
لىكىن كومپىيۇتىرىمنىڭ ئۆزىدىكى كىنو ھۆججەتلىرىنى 百度云盘 گە يوللاشقا بۇيرۇق بەرسەم يوللانمىدى.

تور دىسكىسىدا ھەمبەھىرلەنگەن كىنو بىلەن ئۆزىنىڭ تور دىسكىسىغا يوللىغان كىنو ھۆججەتلىرىنىڭ سىغىم جەھەتتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىمغۇ؟

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:42:40

بۇ ياخشى بىر دەرس بوپتۇ، قانداقلا بولمىسۇن بۇ نەرسىلەردىن پايدىلىنىشمىز كېرەكتە.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:54:53

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 21:04 static/image/common/back.gif
نەدە تىلىفۇن نۇسخىسىنى چۈشۈرسەgb  بوشلۇق بىرەمدۇ ياكى tb ...

مەن يانفۇن ئەپنى چۈشۈرسەم 2ت ب  بوشلۇق بەردىغۇ ...............ئىچىمدە رەھمەت دىدىم :lol
بەت: [1] 2
: خەت ساندۇقى ۋە تور دېسكا ئېلىش(رەسىملىك)