tawarim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:24:21

مىللىي كارخانىلار تور سودىسىغا يۈزلەندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 12:28  

2015-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن رايونىمىزنىڭ  ئىقتسادىي- سودا ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، سودا ساراي ۋە دۇكانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سودا تۆۋەنلەپ ،خىرىدارلارنىڭ زىيارەت سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى،ھەتتا بەزى سودا سارايلار «چۆلدەرەپ» قالدى،
لىكىن بۇنىڭ ئەكىسچە رايونىمىزنىڭ تور سودىسى ئۇمۇمىيۈزلۈك يۇقىرى ئىشش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئۈندىدار ۋە توربىكەتلەردە
تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆپەيدى،توردا سېتىلدىغان ماللارنىڭ سانى تۈرى ئاشتى، توردىن مال سېتىۋالدىغان ۋە توردا بازار ئايلىنىپ توردىن سودا پۇرسىتى ئىزدەيدىغان كىشىلەر توپى مەلۇم كۈلەمنى شەكىللەندۈردى، ئۈندىدار ۋە تور سودا بىكەتلىرىدە مال سېتىپ ئايدا 2-3 مىڭ يۈەن كىرىم قىلۋاتقان مىكرو تور سودىگەرلىرىدىن باشقا مىللىي كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرمۇ ھەرخىل تور سودا بىكەتلىرىدە دۇكان ئىچىپ ياكى ئۈندىدار سالونلىرىدا سودا  قىلىپ، شىركىتىنىڭ بىۋاستە سېتىشنى ئاساس قىلغان  سودا توربىكىتىنى قۇرۇپ ، تور سودىسىدەك يىڭىچە سودا شەكلىدىن ئۇمۇميۈزلۈك پايدىلانماقتا،  تاۋارىم سودا تورى

رايونىمىزدىكى بىر قەدەر كۈلەملەشكەن كەسپىي تور سودا شىركىتى تاۋارىم سودا تورىدا ھازىرغىچە مۇستەقىل تور دۇكان ئىچىپ سودا قىلۋاتقانلار 1800 دىن ئارتۇق بۇلۇپ ، مال سېتىۋالدىغان مۇقۇم ئەزالار 23 مىڭ ئەتراپىدا ، ئايلىق ئۇتتۇرچە سودا سوممىسى 15-25 مىڭ ئەتراپىدا ، رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانلارنىڭ كۆپچىلىكى تاۋارىم سودا تورىدا تور دۇكان ئاچقان بۇلۇپ ، مىراس،ئەمىر،ھۇررا،ئەلنۇر،ئەفروز،فەنەر،تاشقىن،ئۆزخان،مۇراد،ئەسما،پاكزات،سەركار،ئۇيغۇن،زەپەر،كۈمۈش ساراي،قارا بۇغرا،ئاق تۆگە،قوتاد،باي دادام،ھەزرىتى لوقمان،ئېفرانە ، ئەلتەبىر ،لىللا شىركىتى ،چىندىل شىركىتى قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن مىللىي كارخانىلار
تور سودىسدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ سېتىپ چىقىرىشنى ھەسسىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۋاتىدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا  شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانلارنىڭ ۋە يەككە-شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭ تور سودىسى يۈزلىنىشى بىر قەدەر ئاكتىپ بولدى ، مەسلەن ئۇيغۇرسۇفىت شىركىتى ئۈندىدار تور دۇكىنىنى يولغا قۇيغان،نۆۋەتتە دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» سېلىنغان بولۇپ، تىجارەت باشلانغان تۇنجى ئېيى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىدىكى لوغەتلەر يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن.
ئەلتۇغ شىركىتىمۇ رايۇنىمىزدىكى تور سودىسىغا بەلگىلىك كۈچەۋاتقان كارخانا بۇلۇپ ،ئاساسلىق ئۈندىدار.سالون قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى توردا سېتىپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەلتۇغ شىركىتى 3 ئاي ئىچىدە ئۈندىدار ئارقىلىق بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بىر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 900 دانە سىمسىز تور تارقاتقۇچ ساتقان. ئالتە ئاي ئىچىدىكى ئۈندىدار ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تور سودىسىدا ئېرىشكەن ساپ پايدا 400 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى توردىكى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 789 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 440 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %56.2 ئاشقان.بۇلتۇر شىنجاڭ تور سودا ئورۇنلىرىنىڭ توردىكى مەشغۇلات ۋاقتى 18 مىڭ سائەتكە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا بىر يېڭى مەھسۇلاتنى تورغا چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا تور سودىسى بىلەن شۇغۇلىنىپ 3398 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي خادىم 2868 گە يېتىپ، 2012- يىلىدىكىدىن %98.48 ئاشقان.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردا ئىيتىلغاندەك رايونىمىزنىڭ تور سودىگەرلىرى ئۈندىدار ۋە توربىكەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تور سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ، لىكىن ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەرمۇ ئاز ئەمەس ، مۇلازىمەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، پۇل تۆلەش شەكلىنى بەك قالاق ۋە ئىپتىدائىي بۇلۇشى، تۇشۇش مۇلازىمىتىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكى يەنىلا شىنجاڭ تور سودىدىكى تۇسالغۇ ھىسابلىنىدۇ،
ئەلتۇغ شىركىتى ، تاۋارىم سودا تورى ، توپ تاۋار سالونى  قاتارلىقلار توختىماي يول ئىچىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، لىكىن يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغىدەك،يىللىق سودا سوممىسى مىلياردقا يەتكۈدەك كۆلەم ۋە بازار شەكىللەنمىدى،
ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ تور قاپلىنىشى تۆۋەن ۋە تارقاق بۇلۇشى،ئىھتىياج ئاشالماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئۇيغۇر تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ خېرىدار ھۇقۇقىنى قوغداشقا دائىر تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى بارا بارا يۇقلىتىن بارلىققا كىلىپ ، كەسپىيلىشش قەدىمىنى تىزلىتىۋاتىدۇ، E-SODA قاتارلىق تور سودا توپلىرى قۇرۇلۇپ،مەخسۇس تور سودا بىلىملىرى ،يىڭىلىقلار ئالماشتۇرۇلۋاتىدۇ،يىڭىدىن قۇرۇلغان كارخانلارنىڭ تور سودىسىنى قۇبۇل كىلىش تىز ھەم ئۆزگىچە بۇلۋاتىدۇ،ياشلىرىمىزدا تور سودىسىغا قىزىقىش بىرقەدەر ياخشى بۇلۇپ ، يىڭىلىق يارىتىش يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتىدۇ،كۈچمە ئۈسكۈنلەر ۋە تور تىخىمۇ قۇلايلىق تور بازىرىنى شەكىلەندۈردى،ئۈندىداردىكى مىكرو سودىگەرلەر توختىماي يىڭىچە مال ،يىڭچە سودا ئۇسۇللىرىنى ئۇيلاپ چىقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۋاتىدۇ، ئۇمۇمىي نوقتىدىن ئىيتقاندا 2015-يىلى شىنجاڭنىڭ تور سودىسى گۈللىنىش ھالىتىدىكى بىر يىل دىيىشكە بولىدۇ. پەرزىمچە بۇ يىل شىنجاڭدا نەچچە ئۇنلىغان تور سودا شىركەتلىرى بارلىققا كىلىدۇ ،تور سودىسى بىلەن شۇغۇلانغۇچى ئىخساسالىقلارغا ئېھتىياج ئىشىپ ، مىللىي كارخانلىرىمىز تور سودىسدىن زور مەنپەتلىنىدۇ،
پۇل تۆلەش ،مال تۇشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرلەشلەر قولغا كىلىدۇ،كىسىپ ئىيتىشقا بۇلىدىكى شىنجاڭنىڭ تور سودا كەسپىي كەلگۈسى پارلاق ، قىممەت ئىشىش بوشلۇقى چوڭ بۇلغان بىر كەسىپ.
http://tawarim.com

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:34:05

سىلەرنڭ بۇ تور بەتنىڭ ئىقتىدارى بەك ئاددىي ئىكەن。  ئىزدەش رايۇنىدا بولۇپمۇ، مال ئىزدىسەك تاپقان مالنى ساتقان سانى بويىچە تىزىدىغان بىر ئختىدارىمۇ يوق ئىكەن؟  
ئىقتىدار جەھەتتە http://www.tortawar.com بۇ بەت سودا بەت خىلى بولىدىكەن دەپ قالدىم ئۆزەمچە:P

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:52:13

oyuncu يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:34 static/image/common/back.gif
سىلەرنڭ بۇ تور بەتنىڭ ئىقتىدارى بەك ئاددىي ئىكەن。  ئىز ...

رەھمەت  ئەسكەرتكىنىڭىزگە داۋاملىق تىرىشىمىز

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:53:32

ھەر قېتىم مۇشۇ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئۇققىلى بولـمايدىغان ئاتالـمىش «مىللي »دېگەن گەپنى ئاڭلىسام ياكى كۆرسەم چىشلىرىم سەت غۇچچۇرلايدۇ .ئولتۇسۇمۇ «مىللي »قوپسۇمۇ «مىللي ».

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:29:32

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:53 static/image/common/back.gif
ھەر قېتىم مۇشۇ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئۇققىلى بولـم ...

ئارمان «قۇۋۋەت» نى باشلاپ بەردى( ئەمىلىيەتتە شۇ نوقۇت تالىقىنى :lol ) ، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ  ھەر خىل قۇۋۋەتلىك يىمەك-ئىچمەكلىكلەرنى بازارغا سالدى، بۇ قۇۋۋەتلىك نەرسىلەر يامغۇردىن كېيىنكى سازاڭ قۇرۇتىدەك كۆپۈيىشكە باشلىدى: ھەر نەرسىنىڭ ئالدىغا قۇۋۋەت قوشۇپ قويۇدىغان زامان يىتىپ كەلدى. كېيىن بۇ «قۇۋۋەت»نىڭمۇ كۇرسى چۈشۈپ، كىشىلەرنى قىزىقتۇرالمايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى، مىللىي ، ئۇيغۇرى ، ئىسلامى ... قاتارلىق قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ ساتىدىغان بولدى، بىرەر تال يىڭنە ئىشلەپچىقىرالمايدىغان بىزدەك بىر مىللەت ئەسلى بۇنداق خاسلىق قالپاقلىرىنى ياسىمىسا بولىتى .
نە ئىلاج،  بۇنداق ئالدى قوشۇلغۇچىلارنى قوشمىسا، توۋارلارنى ( باشقىلار ياسىغان)   خەق ئالمىسا.
بۇمۇ خەنزۇلارنىڭ بىر تاكتىكىسى: ياتلارنىڭ مىللىي ھىسسىياتىدىن پايدىلىنىپ باشقا رايۇن ياكى  قەۋم بازارلىرىنى ئېچىپ، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش .

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:33:19

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:53 static/image/common/back.gif
ھەر قېتىم مۇشۇ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئۇققىلى بولـم ...

ئاچىقلانماي سۇغۇققان بۇلۇڭ قېرىندىشىم، مىللىي دىگەن گەپ تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ قالمىغان ، تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ،  بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قانۇندىكى ھۇقۇقىلىرى ئىجرا قىلىنمىغان ، شۇنىڭ بىلەن  باشلىقلار  ياكى يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ  ھۇقۇقى دەپسەندە قىلىندى ، ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتى قۇغدالمىدى دىسە ، سىياسىي
جىنايەتچى بۇلۇپ قالغان ، دىمەي دىسە شۇ توپ شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ناھەقچىلىق تارتىپ كىتىپ بارغان ، ئۇيغۇرلار تەڭسىزلىككە ئۇچىرىدى دەپ ئەرىزنامە يازسا پانتۈركىستلىق قالپىقىنى كىيىپ قالغان ، شۇڭا مىللىي ھۇقۇق قۇغدالمىدى ، مىللىيلارنىڭ ھۇقۇقلىرى قۇغدىلىشى كىرەك دەپ ئەرىزلەر يىزىلغان ھەم خەتەرسىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن ، ئەمدى مەنمۇ ئۇمۇميۈزلۈك مىللىي دەپ ئىشلىتىشقا قارشى تۇرىمەن ، لىكىن شارائىت ، نەتىجە ، مەقسەتلەرنى ئۇيلاپ ، ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى ۋە مىللىي دىگەن ئىسىمنىمۇ
جايىدا ئىشلەتكەن ياخشى ، شىنجاڭنىڭ باشلىقلىرى مىللىيلاردىن تەشكىلىنىش كىرەك  دىسىڭىز ھىچقىسى يۇق ، لىكىن ئۇيغۇرلاردىن بولۇشى كىرەك دىسىڭىز  مەقسىتىڭىزغۇ بىر يەردە تۇرسۇن ، ئۆزىڭىزمۇ ئاۋارچىلىققا قالىسىز ، شۇڭا ھەر ئىشتا ئۇيلىنىپ گەپ قىلايلى ، مىللىي دىسە بىزمۇ خوش بۇلمايمىز ئەلۋەتتە ، مەقسىتىڭىز ياخشى ئىكەن ، لىكىن سەل ياخشى ئۇيلىنىڭ !

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:39:23

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 15:29 static/image/common/back.gif
ئارمان «قۇۋۋەت» نى باشلاپ بەردى( ئەمىلىيەتتە شۇ نوقۇت ...

بازار ئەڭ ئادىل باھا بەرگۈچى ، نوكىيا يانفۇن ياساشتا بىرىنجى ئىدى ، ئالما يانفۇن ياسىغاندا ھەم نۇرغۇن كىشى نوكىيا ياساپ بولغان نەرسىنى ،قايتا ياساپ ، باشقىچە ئىسىم قۇيۇپ دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى ، ئەمدى كۆزىمىزنى يۇغان ئىچىپ قاراپ باقايلى ، نوكىيا نىمە قىلۋاتىدۇ ، ئالمىچۇ ؟ بازار شۇنداق قىززىق نەرسە ، جەمئىيەت شۇنداق بازار بولغاچقا تىز تەرەققىي قىلىدۇ ، كىم ياسىسا ياسىسۇن ، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ، ياساپ ياساپ ،زاۋۇت قۇرۇپ قالدىغۇ مانا نۇرغۇن شىركەتلەر ، دوراپ دوراپ ، ئۆزى يىڭىلىق ياراتتىغۇ شىيامىي دەك ، تەبەسسۇمدەك ، قارلۇقتەك شىركەتلەر ، ئالداراپ بىر ئىشقا باھا بىرىشكە ئامراقكەنسىز قېرىندىشىم

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:16:55

ئۇيغۇر تور سودىسىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن ،ئامال بار ئېلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ كارخانىسى،ئۆزىمىزنىڭ تور دۇككىنىدىن ئېلىشمۇ بىر ھوزۇر.
مالنىڭ تۈرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ رەڭدار قىلساڭلار ،ئۆز كارخانىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا ماللارنى قويغاندىمۇ (كېيىم -كىچەك)پاسونى بىزگە ماس بولسا،
تور تاۋارنىڭمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن .تاۋارىم ،تور تاۋار ھەرئىككى تور دۇككاننىڭ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بار .كەسكىن رىقابەت تەرەققىياتنى تىزلىتىدۇ.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:23:31

tawarim يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 15:39 static/image/common/back.gif
بازار ئەڭ ئادىل باھا بەرگۈچى ، نوكىيا يانفۇن ياساشتا  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
مەھسۇلاتلار بازار باھاسىدىمۇ؟خەنسۇلارنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاشمۇ؟
يادىكار دەپ بىر شىركەت تورسودىسىنى يولغا قۇيغان دەپ رادىئودا ئاڭلىغان تور ئادىرىسى بولسا يوللاپ بەرسىڭىز؟
مەھسۇلارتلارنىڭ رەسىمىنى چىقارغاندا قانداق قلىىش كېرەك؟

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:20:30

ئىشقىلىپ شارائىتلار تولۇق بولىۋاتىدۇ

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:43:32

1800ئادەم دۇكان ئېچىپ سودا قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئايلىق ئوتتۇرچە سومما 25مىڭ يۇەن ئەتراپىدا بولسا يەنىلا بەك ئازكەن ، بىز ئىككى ئادەم ئېچىپ ئۆزىمىز بىۋاستە مال سېلىۋاتقان  تور بەتنىڭ ئايلىق سودىسىمۇ شۇنىڭغا يىتىدۇ ، تېخى ئىشتىن سىرىت .
خېرىدار بىلەن ساتقۇچىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ مۇناسىۋەتنى تەڭشەش قاتتىق باش قېتىنچىلىقى بار ئىش ، بىز سىلەرنىڭ شەكىلنى نەچچە يىل  بۇرۇن ئويلاشقان ، لىكىن كۆزىمىز يەتمىگەن . شۇڭا بىۋاستە ئۆزىمىز خېرىدار بىلەن سودا قىلىۋاتىمىز . سىلەرمۇ بولسا ئۇششاق خېرىدارلارنى شاللاپ تاشلاپ ، چوڭ ، مۇقىم خېرىدارلارنى چىڭ تۇتۇپ نۇقتىلىق مەخسۇس دۇكانلارنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىڭلار  ، شۇنداقتا بەزى بىھۇدە ئاۋارچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:52:25

بىر ئاغىنەم تۆت-بەش ياشلىق سىڭلىسىغا موما يىگۈزەلمەي «ئارمان قۇۋۋەت مومىسى» دەپ گوللاپ يىگۈزگىنىنى دەپ بەرگەنىدى :lol

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 18:18:59

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:27:51

قوللايمىز ، بەل قۇيۇۋەتمەي تىرىشىڭ ، بىركۈنىسى خۇدايىم سىزگىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى نىسىپ قىلسا ئەجەپ ئەمەس ، ئۇچۇر تورىنىڭ باشقۇرۇلۇشى بەك ئىلغار ، 58 ، گەنجى تورلىرىنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت ئۇسۇلىدىن تۇلۇق پايدىلانغان ، سىزمۇ تاۋباۋ تورىنىڭ ئۇسلۇبىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، ئازراق مەبلەغ جىق كەتسىمۇ ( مەنغۇ بۇ جەھەتتە ھىچنىمە بىلمەيمەن ) مۇلازىمەت سۇپىسىنى ياخشىلاپ ، ئاندىن ئېلان تەشۋىقاتقا كۈچىسىڭىز ، مال ساتقۇچىلارغا قارىتا ھەم تەلەپنى يۇقىرى قۇيۇش ، ھەم ئېتىۋار بىرىش سىياسەتلىرىنى تەڭ قوللانسىڭىز تېخىچە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭالايسىز ، بىر ئىش قىلسا دوراپ قىلىدىغانلار ھەقىقەتەن جىق ، ئەمما شۇ دوراپ قىلىدىغانلارنىڭ چىققىنى بىز ئۇچۈن بىر ھۇشيارلىق ،  يەنە بىر شىركەتتە ھەرۋاقىت يېڭىلىق يارىتىش روھى بولمىسا ئۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ ، تور سودىسى نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدىغان كەسپ ، نۇرغۇن تاۋارلانىڭ ماركا ، تىپ تىزىملىك ئامبىرىنى نەدىن كىرگۈزۈپ بۇلىدىغاندۇ دەپ مەنمۇ دەسلەپتە جىق ھەيران قالاتتىم ، كىيىن بىلسەم بۇ بەك جىق ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئۇرۇندىلىدىغان ئىش ئىكەن ......
تاققا تۇققىلارنى جىق سۆزلەپ كەتتىم ، تىجارەتتە قانداق بۇلار دەپ تۇرماي ، دەرھال ياخشى قىلىپ ، ئاندىن بۇلۇشىغا ماختاپ سېتىش كېرەك ، تاۋارىم تورىمۇ ياخشى ، ئەمما تاۋباۋدەك قولايلىق ئەمەس ، بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:35:55

ھەراست تاۋارىمدا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ، سىزىقلىق كودى ، ماركىسى بولمىغان خام ئەشيا تىپىدىكى مىۋە چىۋە ، ھەسەل ، گۈلقەنت ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ساتقىلى بۇلامدۇ ؟

428 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 04:59:23

مۇشۇنداق بىر تور سودا سۇپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبىرىكلەيمەن ،  بولسا مۇشۇ يەردە چۈشكەن ھەر بىر پىكىر  سىزلەرنى ئالدىغا بىر  قەدەم سىلجىتىدۇ دەپ ئويلايمەن ( ئۆزەمچە )
لىكىن تور بەت بەك ئاددىيكەن ،

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:40:54

مۇشۇنداق تەرەققىي قىلسا بىزدىمۇ تاۋباۋ تورىغان ئوخشاش چوڭ كۆلەملىك، مۇكەممەل سودا توربەتلىرى، ئۇزاققا قالماي بارلىققا كەلگۈدەك. {:112:}{:112:}{:112:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:50:40

http://tadu.tawarim.com/
مېنىڭ تاۋارىمدىكى دۇكىنىم{:112:}

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:18:12

توردا كىتاب سېتىشنىمۇ يولغا قويدۇڭلارمۇ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:26:06

   مۈمكىن بولسا كىتاب يىلىمىز ئۈچۈن بىر ئەمەلىي پايدىلىق ئىش سۈپىتىدە تور سودا بازىرىڭلاردا قەغەز كىتاب ۋە ئېلكىتاب سېتىشتەك بىر ياخشى شارائىتنىمۇ ھازىرلاپ قويساڭلار.
بەت: [1]
: مىللىي كارخانىلار تور سودىسىغا يۈزلەندى