malak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:47:27

مۆجىزىگە تولغان مۇھەببەت

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
     تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى ئالدىدا ناھايىتىمۇ كېلىشكەن بىر جۈپ قىز-يىگىت تاكسى توسۇپ تۇراتتى.
رەيھان ئۇچىسىغا ئۇزۇن گۈللۈك كۆينەك كىيگەن بولۇپ، سۇس قەھۋە رەڭ بۈدرە چېچى بېلىگىچە چۈشۈپ تۇراتتى. جەۋلان قاتۇرۇپ كىيگەن كاستيۇمىنىڭ قىرىنى بۇزۇشنى خالىمىدىمۇ ئەيتاۋۇر، قولىنى ئىشتان يانجۇقىغىمۇ سالماي، تۈپتۈزلا تۇراتتى. رەيھان بولسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاكسى توسۇپ ھالەك:
- ئەجەب باشقا چاغدا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تاكسىلار بۈگۈن بىرىمۇ كەلمەيدا؟
رەيھان سەل توڭلىغاندەكمۇ قىلاتتى. بىردە قوللىرى بىلەن جەينەكلىرىنى قۇچاقلاپ تىترىسە، بىردە قولىنى سوزۇپ تاكسى توساتتى. ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا يېنىدىكى يىگىتىگە لەپپىدە قاراپ قويدى-دە، ئۇھسىنىپ يەنە ئالدىغا قارىۋالدى.
   ئاق رەڭلىك تۇلپار ماشىنىدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىلىققىنە توختىدى. جەۋلان بۇ ماشىنىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالدى. شوپۇر دېرىزىنى چۈشۈرۈپ:
- قەيەرگە بارىسىلەر؟ يولىمىز بىر بولۇپ قالسا، ئالغاچ كېتەي...
رەيھان ئالدىراپ «ياق، بولدى!» دېيىشىگە، جەۋلان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، شوپۇرغا قاراپ، ئېگىلىپرەك سۆزلىدى:
- بىز شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قوروسىغا بارىمىز. ئون كويغا ئاپىرامسىز يە؟
- ھە، يولىمىز بىركەن. چىقىڭلار، بۈگۈن تاكسى بەك كەمچىلغۇ تاڭ...
- ئاۋۋال دەڭ، تاكسىمۇ ئون كويغا بارىدۇ، ئۇندىن ئارتۇق بولسا چىقمايمىز.
- مەن تاكسىچى ئەمەس، ھەقسىز ئالغاچ كېتەي!
   جەۋلان رەيھاننى ئىتتىرىپرەك ماشىنىغا چىقاردى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىنى سىلاپ تۇرۇپ، شوپۇردىن سورىدى:
- قىممەت ماشىنا ھەيدىگىنىڭىزگە قارىغاندا چوڭ باي ئوخشىمامسىز؟
  رەيھان جەۋلاننىڭ قولىدىن تارتقۇچلاپ قويدى. شوپۇر ئەينەكتىن بىردە گۈزەل قىزغا، بىردە يېنىدىكى يىگىتكە قاراپ قويدى-دە:
- ئۇنداقمۇ ئەمەس... سىلەر يېڭى توي قىلغانما؟
- ياق تېخى، توي قىلغۇدەك پۇل يوق شۇ...- ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن جەۋلان رەيھاننىڭ چىراي ئىپادىسىگە قارىغۇدەك چولىسى يوقتەك قىلاتتى،- شۇ بىرەر ئاسانراق پۇل تاپىدىغان سودىلار بولسا تونۇشتۇرۇپ قويمامسىز بايۋەچچە...
- بولىدۇ، ئەمسە بىرەر ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز مەن ياردەم قىلاي، بۇ مېنىڭ ئىسىم كارتام.
   مانا، ھەممە ئىش شۇنىڭدىن باشلاندى.
   
   -جېنىم بالام، ئۇنداق قىلمىغىن، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، سەن يامان يولغا كىرىپ قېلىۋاتىسەن. بىلەيزۈكنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر! ئۇ داداڭدىن قالغان بىردىنبىر مىراس بالام...
   كۆزلىرىدىن ياش ئورنىدا قان قۇيۇلىۋاتقان موماي ئوغلى جەۋلانغا يېلىناتتى، ئۆينىڭ تۆرىسىدىن خېلى يەرلەرگىچە ئۆمىلەپ دېگۈدەك كېلىپ، ئوغلىنىڭ قولىغا ئېسىلدى. جەۋلان:
  -ئانا، سەن ئەنسىرمە، ساڭا بۇنىڭدىنمۇ چوڭىنى ئەپبېرىمەن! ھازىر چوڭ بىر سودىغا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن، مەبلەغ ئازلاپ قالدى. ماقۇل دېگىن ھە، ئاپا!
   ئانا يىغلاپ قالدى، ئوغۇل بولسا قويۇن يانجۇقىغا ئەپلەپ سالغان بىلەيزۈكنى سىرتتىن سىلاپ قويۇپ، ئىشىكنى جاقىلدىتىپ چىقىپ كەتتى.
  بۈگۈن ھاۋانىڭ پەيلى بەك يامان، بوران چىقىۋاتىدۇ، ھەم يامغۇرمۇ توختىماي يېغىۋاتىدۇ. ئەمدىلا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدىن قايتقان جەۋلان ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغانىدى. ئۇ يېنىدا ئۆزىنى يۆلەپ كېلىۋاتقان قىزغا قاراپ ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەۋاتاتتى:
   - مەندە باغۇ قاراڭ، پۇل دېگەن توننىلاپ بار! مېنى يالاڭتۆش چاغلاپ قالغانما؟ مانا پۇل دېگەن... ئۇ يېنىدىن نەچچە ئون ۋاراق يۈز يۈەنلىك پۇلنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ قويۇپلا، ئاستا يانجۇقىغا سېلىۋالدى. بۇ چاغدا ئالاھىدە چاكىنا ياسانغان قىز بولسا تېخىمۇ چاپلىشىپ، ئۇنى ئۇدۇللا مېھمانخانىغا سۆرەپ ئېلىپ كەتتى.
   مانا، ئانىسىنى قاقشىتىپ زار يىغلىتىپ، بىردىنبىر مىراسنى ئېلىپ چىققانىدى. ئەمدىلىكتە بىر كېچىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ئۇ مېھمانخانىدىن چىققاندا يېنىدا پەقەت چۈشلۈك تاماق يېگۈدەكلا پۇلى قالغانىدى. ئەمدى ئانىسىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ ئەسلى بۇ پۇلنى ھېلىقى كۈنى ماشىنىسىغا چىققان بايۋەچچە تەۋسىيە قىلغان سودىغا مەبلەغ سالماقچى ئىدى. بۇنچە پۇلنى نەدىنمۇ تاپار؟
  نومۇسسىز ئىنسانلارنىڭ قىلمايدىغىنى يوقتە! سىز ھەم بىز ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھامان يۈز بېرىۋاتىدۇ. توغرا، جەۋلان قىز دوستى رەيھاننى ئىزدەپ باردى. رەيھان بولسا بۇ باغرى ئالەمنى سىغدۇرىدىغان، گاھ مېھرى ئىللىق گاھ تەپتىدىن مۇز ياغىدىغان ئۈرۈمچىگە مۇساپىر بىر قىز. مەلۇم شىركەتنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئىقتىساتچىل بولغاچقىمۇ، يىغىپ قويغان پۇللىرى خېلى بار ئىدى. بۇنىسى يىگىتى جەۋلانغا بەش قولدەك ئايان.
  رەيھان بىلەن جەۋلان يۇرتداشلار يىغىلىشىدا تونۇشۇپ قالغان. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلار ھەم باشلانغۇچتا بىر يىل بىللە ئوقۇغان ساۋاقداش بولۇپ چىقىپ قالدى. شۇنى باھانە قىلىپ جەۋلان رەيھاننى قوغلىشىپ، ئاخىرى ماقۇل كەلتۈرىۋالدى. ئەمما ماۋۇ نۇقتا ئېنىق بولسۇن، ئۇ چاغدا جەۋلان ئۆزىنى چوڭ سودىگەر قىلىپ كۆرسىتىپ، رەيھانغا كىتابخۇمار ھەم تىرىشچاندەك تەسىر بەرگەنىدى. مانا ئارىلاشقىلىمۇ ئۈچ يىل بولاي دېدى، ئىككىسى تالاي قېتىم ئايرىلىپ، جەۋلاننىڭ بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋېلىشى بىلەن تالاي قېتىم يارىشىپ قالغان. ئەمما ھازىر رەيھاننىڭ ئۇنىڭغا قىلچىمۇ كۆڭلى قالمىغانىدى. چۈنكى بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ مۇئاشى ھەتتا ئۆيىگە ئەۋەتىدىغانغىغۇ يوق، ئۆزىگىمۇ يەتمەي قېلىپ، تەڭدىن تولىسى شۇ مەرەز يىگىتىگە كېتىۋاتاتتى. قانداقمۇ ياق دېيەلىسۇن؟ ئۇنىڭ ھىيلىسى ھەقىقەتەن تولا، ھەتتا دادىسى ۋاپات بولغاننى باھانە قىلىپمۇ، ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغىنىنى باھانە قىلىپمۇ نەچچە مىڭ يۈەننى سۈمۈرۈپ قاچىدىغان تۇرسا!
   -مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشىشىمىز بولۇپ قالسۇن جەۋلان! ئەمدى سىز بىلەن كۆرۈشمەيمەن، ھەم مېنىمۇ ئىزدىمەڭ! - گەرچە بۇ سۆزلەر كۈرمىڭ قېتىم تەكرارلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم رەيھاننىڭ ئىرادىسى قەتئىي ئىدى. جەۋلاننىڭ كۆزى پەقەت شۇ قىزنىڭ قولىدىكى پۇلدا. بولۇنىۋاتقان سۆزلەر قۇلىقىغا كىرىپ چىقمايۋاتىدۇ. ھەي يىگىتلىكىڭگە نومۇس قىلىۋاتىمەن جەۋلان!
    بۇ ئىشلاردىن ھەممىسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقان بايۋەچچە، يەنى نەچچە كۈن ئاۋۋال ئىككىيلەننى ماشىنىسىدا ئاپىرىپ قويغان بايۋەچچە ئاللىبۇرۇن رەيھاننىڭ ئىزىغا چۈشكەنىدى. جەۋلان ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سودا ئىشى توغرۇلۇق مەسلىھەت سورىغاندا، ئۇ ھەم يىگىتكە خىزمەت تونۇشتۇرۇپمۇ قويدى، بىراق جەۋلاننىڭ ھورۇنلۇقىنى قويۇپ، نەزىرىنىڭ ئۈستۈنلىكى بايۋەچچىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يىگىتكە مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سودىغا تونۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئەمدى ئىزدىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جەۋلان خۇشال ھالدا بايۋەچچە كۆرسەتكەن شەھەرگە قاراپ ئاتلاندى.
   - رەيھان، سېنى دېرىكتور چاقىرىدۇ.
   خىزمەتدېشىنىڭ چاقىرىشى بىلەن، ئورنىدىن يەڭگىل تۇرۇپ ئىشخانىغا كىرگەن رەيھان نېمىشقىدۇر دېرىكتورنىڭ ئۆزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بىردە قىزىرىپ ئۇيالسا، بىردە غورۇرىغا تەگكەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدى. «نېمانداق قارايدىغاندۇ؟ ئەزەلدىن بۇنداق قارىمايدىغان ئادەم». دېرىكتور ئۆزىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، رەيھانغا قاراپ ئېغىز ئاچتى:
  - سىزنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىڭىز، ھەم كەسپىي ئەخلاقىڭىز شۇنداق ياخشى، ھەممەيلەن جۈملىدىن مەن سىزدىن ھەم نەتىجىڭىزدىن رازى.
   رەيھان ھەيرانلىق بىلەن، دېرىكتورغا قاراپلا قالدى، ئۇ بىردەمدە خىيالىدا «مۇشۇنداق ياغلىما سۆزلەر بىلەن ئالداپ مېنى ئىشتىن بوشىتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەمدى دەيدىغاننى دەۋالسۇن، بوپتۇلا، مەنمۇ يۇرتۇمغا كېتىپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقارمەن!» دېگەنلەرنى ئۆتكۈزۈپ بولدى.
  دېرىكتور سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
  - بىلىسىز، بىزنىڭ بۇ شىركەت پەقەت تارماق شىركەت، شۇڭا سىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىڭىز ئۈچۈن باش شىركەتكە ئەۋەتىشنى لايىق كۆردۇق. راستىنى ئېيتقاندا، باش شىركەت سىزنىڭ كېلىشڭىزنى تەلەپ قىلدى،- رەيھان ھاياجان ئىلكىدە تېپچەكلەۋاتقان كىچىككىنە يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېدى،  ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شىركەتكە قىيمايدىغانلىقىنى، ئەمما شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇندىغانلىقنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
  بۈگۈن رەيھان چېچىنى بوشقىنا بىر تال ئۆرۈۋېلىپ، سۇس گىرىم قىلغان ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا كىيگەن كۆينىكى يەنىلا شۇنداق ئۇزۇن، ھەم چىرايىغا يارىشىملىق رەڭدە كىچىككىنە چاپان ئارتىۋېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغانىدى. ئۇ نىڭ يوغان شەھلا كۆزلىرى، سۈزۈك چىرايى كىملەرنىڭ يۈرەكلىرىنى لال قىلىپ، كىملەرنى ئوتتا كاۋاپ قىلىۋاتقاندۇ؟!
  رەيھان جەۋلان بىلەن ئارىلاشقان بۇ ئۈچ يىلدا ئەڭ كۆپ بارىدىغان جايى شۇ تاماق يەيدىغان ئاشخانا ياكى بولمىسا كىتابخانا. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا پەقەت جەۋلان ئۆزىلا باراتتى. رەيھاننى باشتا شۇنداق مەجبۇرلاپ باقتى، ئەمما كار قىلمىدى. يا بىر پۇت قولىنى باغلاپ ئاپىرىپ قويغىلى بولمىسا، قىز بالا بېرىشنى خالىمىسا ئەلۋەتتە بارمايدۇ. شۇڭا جەۋلاننىڭ دوستلىرىمۇ رەيھاننى تونۇمايتتى، رەيھانمۇ جەۋلاننىڭ ئاغزىدىن ئىسمىنى ناگاندا ئاڭلاپ قالىدىغان بىر قانچە دوستلىرىنىڭ شۇ ئىسمىنىلا بىلەتتى خالاس! ئۇ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ، باش شىركەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. قىز بالا دېگەن يەنىلا قىز بالىدە، ئۇ بوشقىنا تىنىۋېلىپ، ئۇششاق چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىسىۋەتتى. ياۋ، ئىنسان بالىسىمۇ مۇنداق نازىنىن بولىدىكەن، خۇددى پەرىشتىلەردەك سۈزۈك چىرايلىق بۇ قىز ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتسىمۇ كەينىگە بىر قايرىلىپ قارىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ مانا!
    - ۋۇي، يول ئۈستىدىكى تاشتىلا ئولتۇرۇپ قالغان بۇ بوۋاي قارىغاندا تىلەمچى ئوخشىمامدۇ؟ لېكىنغۇ تىلەمچىگە ئوخشىمايدىكەن، بەلكىم يۇرتتىن چىقىپ، ھېلىقىدەك ئايالىنى ياكى نەۋرىسىنى داۋالىتىۋاتقان، داۋالاش پۇلى يېتىشمەي پۇل تىلەۋاتقان بوۋايلاردىن بولسا كېرەك. پېشىندىن بۇرۇن سەدىقە بەرسە ياخشى دەپ ئاڭلىغانىدىم پەتىۋالاردىن.- رەيھان شۇنداق ئويلاپ، سومكىسىدىن بىر يۈەننى چىقىرىپ، بوۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى، بوۋاي ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا قالغانىدى. رەيھانمۇ ئۆتە ھەيران! نېمىشقا سەدىقە بەرسىمۇ دۇئا قىلمايدىغاندۇ؟! بۈگۈنكىدەك خىزمەت ئورنۇم ئالماشقان تۇنجى كۈندە ياخشى تىلەكلەر بىلەن باشلاي دېسەم، بۇ بوۋاي نېمدا قىلىدىغاندۇ؟!
   باش شىركەت بىناسى خېلىلا ھەشەمەتلىككەن، تارماق شىركەتتەك كىچىككىنە ئىشخانىلارنىلا يىغىن زالى قىلىۋالىدىغان ئىش يوق، يىغىن زالىمۇ چوڭ، كارىدورلىرىمۇ كەڭتاشا، ھەتتا تازىلىق ئۆيلىرىمۇ پاكىز ھەم كۆركەم ئىدى. نېمىدېگەن كۆپ ئايرىم ئىشخانىلار بۇ؟ باش دېرىكتور ئىشخانىسى، بۆلۈم باشلىقى ئىشخانىسى، مالىيە ئىشخانىسى، ئارقا سەپ بۆلۈم ئىشخانىسى، مۇدىرىيەت ئىشخانىسى، لىدىر ئىشخانىسى... مەن مۇشۇ ئىشخانىغا كىرىمەن راست، مېنى مۇشۇ ئىشخانىغا كىرىڭ دېگەنىدى. رەيھان نازۇك قوللىرى بىلەن ئىشىكنى يېنىك چەكتى:
  - كىرىڭ!- رەيھان ئىشخانىدىن چىققان ئەركەكلەرگە خاس بۇ بوم ئاۋازدىن يۈرىكى سېلىپ كەتتى. ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ، يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى.
  - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز، مەن ئۈچىنچى تارماق شىركەتتىن كەلگەن رەيھان بولىمەن، دېرىكتور مېنىڭ سىزنى ئىزدىشىمنى ئېيتقانىدى....
   قىزنىڭ شۇ قەدەر تونۇش نازۇك زىل ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئاران تەستە تۇتىۋېلىپ تۇرغان لىدىر ئەپەندى، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزنى ئولتۇرۇشقا مەرھەمەت قىلدى:
  - ھە، رەيھان، قېنى ئولتۇرۇڭ، ئالىيە، مېھمانغا بىر ئىستاكان لىمون چېيى، شېكەرنى تېتىتىپراق سېلىپ دەملەپ ئەكىرىڭ!- ئۇ رەيھاندىن سورىمايلا بۇيرىغان بۇ چاي ھەقىقەتەن رەيھاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چېيى دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بۇنىڭدىن رەيھان ئۆزىمۇ ھەيران!- ھە، ئۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟
  رەيھان تېخىچە بۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى ئەسلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى، يەنە كېلىپ، بايىقى دېگەن سۆزلىرىدىنمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ئەسكە ئالالمايۋاتقاندەك قىينىلىپ كېتىۋاتاتتى.
  لىدىر ئەپەندى ئەمدىلا 30 ياشتىن ئاشقان قىران يىگىت بولۇپ، كۆزىنى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بۇ خىجىلچان قىزدىن ئۈزەلمەيۋاتاتتى.قىز بىردە بېشىنى تاتلاپ قويۇپ، بىردە بارماقلىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ ئاخىرى ئەسكە ئالدى.
  - ھە، سىز؟ مېنى ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ؟ مەن، ھېلىقى....- رەيھان ھاياجاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتىيۇ، نېمىلەردىندۇر خىجىل بولغاندەك، يەنە جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى. بۇنى سېزىپ قالغان لىدىر ئەپەندى رەيھانغا قاراپ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن:
   - ھەئە، ئەلۋەتتە ئېسىمدە، سىزنى ئالىيە ئەچىقىپ ئىشخانىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسۇن. كېيىنچە ئايرىم پاراڭلىشارمىز.- ئەمدىلا گەپنىڭ ئايىغى چۈشىشىگە، ئىشىك بوشقىنا چېكىلدى ۋە بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، لىدىر ئەپەندى ئورنىدىن چاقماق تېزلىكىدە تۇرۇپ:
  - كەل، دادا، يەنە پىيادە كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ شوپۇر ئالغىلى بارسا بولماسمىدى...
  - ئۆھۈ، ئۆھۈ... ماڭسام ياخشى بالام، ئارىلىقتا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋاپ كەلدىم... ئۆھۈ، ئۆھۈ... قايناقسۇ بامۇ بالام؟- بوۋايغا قاراپ، رەيھان ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. بۇ بوۋاي بايا رەيھان بىر يۈەن سەدىقە بەرگەن بوۋاي شۇ ئىدى. ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان بوۋايغىلا خاتالىشىپ سەدىقە بېرىپ يۈرگىنىمنى قارا! ھەي، خۇدا، مېنى تونۇپ قالارمۇ؟ بالدۇرلا چىقىپ كەتسەمچۇ ئىشخانىدىن...
- ئەمسە مەن چىققاچ تۇراي... - رەيھان يۈزىنى تام تەرەپكە بۇراپ، ئىتتىك چامداپ  مېڭىپ، ئەمدىلا ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا، بوۋاي، ئولتۇرغان جايىدىن ئاستا قوزغىلىپراق ئوغلىغا بىر قارىۋېتىپ سورىدى:
  - بۇ قىزىم؟...
   ھىم، رەيھان ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، نېمە ئالجىپ ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە سەدىقە بېرىپ يۈرىدىغانسەن؟ قارىغىنا خەقنىڭ ئوغلى چوڭ شىركەتنىڭ لىدىرىكەن، سەن بىر ئاددىي خىزمەتچى ئۆزۈڭچە شۇ بوۋايغا سەدىقە بەردىڭما؟
   - ھە، تارماق شىركەتتىن بۈگۈن يۆتكىلىپ كەلگەن يېڭى خىزمەتچى، دادا،- لىدىر ئەپەندى، رەيھانغا قاراپ،- مېنىڭ دادام بولىدۇ، - دەپ تونۇشتۇرغاندەك ئىشارەت قىلدى. رەيھان، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، بوۋايغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ، پۇت-قولىدا جان قالمىغانىدى. بوۋاي سالامنى ئىلىپ ئېلىپ، خىرىلداپ كۈلۈپ قويدى.
    كۈنلەر شۇ قەدەر گۈزەل ئۆتىۋاتىدۇ. رەيھان كۈندە كۆرۈپ تۇرغان لىدىر ئەپەندىنى ھەر بىر كۆرسە بىر يۈرىكى سالىدىغان، بوۋاينى كۆرگەندە قىزىرىپ تاتىرىدىغان بولدى. نېمىشقىدۇر؟ لىدىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا خىزمەت ئىشى بىلەن بولسۇن، ياكى باشقا سەۋەبتىن بولسۇن كىرىپ تۇرۇشىنى، ياكى كارىدوردا بولسىمۇ ئۇچرىشىپ قېلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتى.
   ئاخىرى ھەممە ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىشتى.
    بىر يىلدىن كېيىن، رەيھان لاتاپەتلىك كىيىنىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ، شىركەت چوڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدى، خىزمەتچى خادىملار بىردەك  ئېگىلىپرەك سالام قىلدى:
  - لىدىر خانىم ياخشىمۇسىز!

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:49:00

قىزلارنىڭ ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلىرىدىن بىر پارچە .

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:21:19

خالىسنىڭ ئىنكاسىنىڭ جېنى با…

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 18:46:13

ئەخلەت،مۆجىزىگە تولغان مۇھاببەتمىش،چىرايلىق ئېيتقاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا قويمىچىلىق قىلىش،قىزلارنىڭ نەزىرىدە مۇھاببەتنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئىپلاسلىشىپ كەتكىنىدىن ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ خەۋىرى بار،كىچىك بالىلارمۇ ئالدانمايدۇ،مۇشۇنداق بىمەنە تېتىقسىز تېمىلاردىن شۇنداقمۇ زېرىكتىم،ئاۋۇ بوۋاينى سۆرەپ كىرىپ نىمىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانكىن،مەقسىتىگىمۇ يىتەلمەپتۇ مەن قارىسام،سۈيۈملۈك قىزلار ئېسىڭلەردە بولۇپ قالسۇن بۇ جاھان بىر نەسىگە ئوپمۇ-ئوخشاش قىممەتتىكى يەنە بىر بىرنەسىنى ئالماشتۇرۇپ ياشايدىغان جاھاندۇر،سىلەر مىليونلۇق بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ مىليونىرغا تىگىپ بولالمايسىلەر،بۇنداق ئىپلاس مۇھاببەت قارىشىڭلارنى …ۋاي بولدىلا گەپ قىلغان بىلەنمۇ بۇنداق نىمىلەرگە

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:42:52

:lol:lol:lol:lol

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:58:44

مۇشۇ تۇمارىس دېسە بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ ھازىرغىچە تېنىم جۇغۇلدايدۇ...

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 02:35:23

ۋەقە جەريانى قىسقا، ھېكايىگە قاتناشقان پېرسوناژلارنىڭ سانى ئاز، ئارتۇق تەسۋىرلەرگە ئېھتىياج چۈشمىگەن، ھەجمى كىچىك... بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ھېكايىڭىزنى ياقتۇردۇم. تېخىمۇ تىرىشىڭ. ياخشى ئەسەر يازالىشىڭىزغا ئىشىنىڭ. ھېكايىڭىزدە ئالغا سۈرمەكچى بولغان ئىدىيە شۇنچىلىك ئوچۇق - ئىشلىگەن چىشلەيدۇ. شاللاقلىقنىڭ ئاخىرى كىشىنى ۋەيران قىلىدۇ.

   ئەمدى ئۆز گەپكە كەلسەك،  مەنمۇ ئەسلىدە شۇ ئاتالمىش «غەرپ» نى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ بىرى. لېكىن ئۇلار نۇرغۇن ئىشلاردا بىزدىن بۇرۇن ئىلغارلىققا ئىگە بولىۋالغاچقا، ئىلغار نەرسىلەرنى بىز غەرپلىكتىن ئېلىشقا مەجبۇر.

     دەيدىغىنىم: غەرپ ئەدەبىياتىدا  18 - ئەسىرنىڭ باش تەرىپىدىلا  « ئاپتورنىڭ ئەسەردىن چىقىپ كېتىشى » دەيدىغان بىر قائىدىنى بەدىئى ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئۆلچەم قىلىۋالغان ئىكەن. بۇ ئۆلچەم ئۇيغۇر ئەدەبىي ساھەسىگە 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارەكلىرىدە كىرگىلى باشلىدى. ئومۇملاشقىلى تېخى 20 يىلدىن ئاشمىدى. نەشرىياتتا تەھرىرلىنىپ بېسىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردە بۇ قائىدە رەسمى ئىجرا قىلىقلىق. ئەمما تەھرىرسىز، ئەركىن تورلىرىمىزدا  ھەر بىر  ياش ئەدىپلىرىمىز يازغانلىرىنى ئۇدۇل تورغا قويىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە دەخلە يەتكۈزىدىغان بۇ نۇقسان، خېلە ئوبدانلا كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
    مەسىلەن سىزنىڭ مۇشۇ ھېكايىڭىزدە، مېنىڭ كۆزۈمگە چېلىققان  ئىككى مىسالنى سىزگە تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، باشقىمۇ يازارمەنلىرىمىزگە سۇنماقچى بولدۇم. ئەمما بۇ  ھەرگىزمۇ سىزدىن قۇسۇر ئىزدىگەنلىك ئەمەس. ئاللاھ نەسىپ قىلسا بۇ ھەقتە كەڭ بىر لېكىسيە يازماقچى. مۇشۇ تورىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن ھېكايىلەردىن نەقىل ئېلىپ، ياش يازارمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ئارزۇيۇم بار. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بەدىئىلىك سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىش. ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى.

1- « نومۇسسىز ئىنسانلارنىڭ قىلمايدىغىنى يوقتە! سىز ھەم بىز ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھامان يۈز بېرىۋاتىدۇ. »
ئەسلىدە بۇ بىر قۇر خەت ئارتۇقچە بولۇپ قالغان. بۇنى ئاپتۇر تىلى بىلەن ئەمەس، پېرسوناژ تىلى بىلەن بايان قىلغان بولسىڭىز، بولىۋىرەتتى. بىراق بۇ يەردە سىز ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىڭىز.

  2 -  ھە، رەيھان، قېنى ئولتۇرۇڭ، ئالىيە، مېھمانغا بىر ئىستاكان لىمون چېيى، شېكەرنى تېتىتىپراق سېلىپ دەملەپ ئەكىرىڭ!-  « ئۇ رەيھاندىن سورىمايلا بۇيرىغان بۇ چاي ھەقىقەتەن رەيھاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چېيى دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بۇنىڭدىن رەيھان ئۆزىمۇ ھەيران!- »  

بۇيەردىمۇ ئوخشاش ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىڭىز. بۇ ھەرگىزمۇ « بايانچى تىلى» قائىدىسىگە كىرمەيدۇ. بايانچى تىلى دېگىنىمىزدە، ئاپتور ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىپ بايان قىلماي، بەلكى پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، ئوي-خىياللىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق تاۋۇشسىز بايان قىلىدىغان خىيالى بايانلاردۇر.

ئەمدى سىز ئېيتقاندەك، باش دېرىكتور رېيھاننىڭ « شېكەرنى تېتىتىپراق لىمون چېيى » ئىچىدىغانلىقىنى نەدىن بىلگەن؟ - بەلكى جەۋلان مەلۇم مەنپەئەتنى ئېلىپ، رەيھاننىڭ خاس ئادەتلىرىنى باش دېرىكتورغا ساتقان بولىشى مۇمكىن. مەن شۇنداق چۈشەندىم. ئەگەر مېنىڭ چۈشەنگىنىم  توغرا چىقسا، ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلغان بولاتتىم. مەن ئەسلىدە مۇشۇنداق يوشۇرۇلغان ۋەقەلىكنى بەك ياقتۇرىمەن.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 02:54:44

NIRWANA يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 18:46 static/image/common/back.gif
ئەخلەت،مۆجىزىگە تولغان مۇھاببەتمىش،چىرايلىق ئېيتقان ...

ھەجەپ قايناپ قاپسىز. تونۇشلىقىڭلار بارمۇ قانداق. كۆيدۈم، پىشتىم دەپ، قىزلاردىن پۇل ئۈندۈرۈپ خەجلەيدىغان شوركىلارمۇ ئاز ئەمەس. قىزلار مۇشۇ ھېكايىدىكى رەيھاندەك، كەسپى ئالاھىدىلىكى، تاشقى گۈزەللىكىگە لايىق ئىپپىتى ئۆزى بىلەن بىرگە بولسا، ئەلۋەتتە مىليونىر يىگىتلەرگە نەسىپ بولىدۇ. ئاۋۇ تىلەمچى تۈسىدىكى بوۋاينىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار-دەپ، بەك ئاچچىقلاپ قاپسىز. شۇ بوۋاينىڭ مەجبۇرى كىرگۈزۈلگەن ئوبرازى بىلەن، ماۋۇ باش دېرىكتورنىڭ بۇ شەھەرلىك ئەمەس، بەلكى باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن مۇساپىر ئىكەنلىكىنى، ئۇ ياخشى تىرىشىپ، ئىختىساس ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىنى، ھەتتا رەيھاندەك گۈزەل قىزغىمۇ ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان قوشۇمچە پېرسوناژدۇر. ئەگەر ئۇ بوۋاينى قىستاپ كىرگۈزمىسە، باش دېرىكتورنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە كۆپلىگەن بايان، تەسۋىرگە ھاجەت چۈشەتتى. ئاپتور بۇ يەردە بەك ئۇستىلىق بىلەن باش دېرىكتورنىڭ ئوبرازنى ياراتتى. يەنى باش دېرىكتور ئالاھىدە بىر باينىڭ بالىسىمۇ ئەمەس، چوڭ بىر باشلىقنىڭ بالىسىمۇ ئەمەس، كۆرۈمسىز، ئاددى بىر دېھقان چىراي بوۋاينىڭ بالىسى. بىراق ئۇ تىرىشىپ ئۆزىنى تىكلىگەن قابىلىيەت ئىگىسى. مانا بۇ يەردىكى قىممەت.

قېرىندېشىم، سىز بۇ ئەسەردىكى مەغلۇپ بولغان پېرسوناژلا  بولمىسىڭىز، بۇنچە خاپا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:28:47

قىزلار ئېسىڭلاردا بولسۇن ، يولدا ئۇچراپ قالغان ئاۋارە سۈپەت كىشىلەر، ياكى ئالدىغا خەت يېزىلغان قەغىزنى يېيىپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ  ئۈندىمەي ئولتۇرغان يولداشلارغا  ئۇچراپ قالساڭلار  بىر يۈەن خەلق پۇلى بولسىمۇ خەير -ئېھسان قىلىپ مېڭىڭلار ، ئۇلار  بەلكىم مىليۇنىردۇ، ياكى تۇغقىنىدۇ ، ۋە ياكى كېيىن مىليۇنىر ، ئەمەلدار بولۇپ سىلەرنى ئىزدىشى مۇمكىن .
مۆجىزىگە تولغان دۇنيا بۇ {:92:}

ئەسەردىن مۇشۇنى چۈشەندىم .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 13:44:18

::lol:lol:lol

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 13:55:06

1.ھېچقانداق مۇناسىتىم يوق،مەن ھەتتا ئاپتۇرنىڭ ئەر-ياكى ئاياللىقىغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن.
2.قىزلارغا كۆيدۈم -پىشتىم دەپ پۇلىنى خەجلەيدىغانلار ئەرلەردىن ئەمەس،مەن ئۇلارنى ئوغۇل بالا دەپ ئېتىراپ قىلمايمەن.
3.بوۋاينى تىلەمچى كۆرۈپ قالغىنى بەك يېغىرىمغا تەگدى،مېنىڭ داداممۇ شۇنداك دېھقان چىراي،لېكىن مىليونغا يېقىن ھالال تاپقان مۈلكى بار،بىزنى ھالاللاپ بېقىپ چوڭ قىلدى،پۇلغىمۇ ئېھتىياجىم بەك چوڭ ئەمەس.
4.مەغلۇپ بولغۇچى دەپقاپسىز ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بەش ۋاق ناماز ياماندىن خالىي ،بەك چىرايلىقمۇ ئەمەس،خىزمىتىمۇ يوق لېكىن شۇنداق ئاخكۆڭۈل لايىقىم بار ،مانا مەن ئوغۇل يىرتىق كىيىم كەيسەممۇ ئۇنى بەختلىك قىلىش مىنىڭ مەجبۇرىيىتىم،خۇدايىم بويرۇسا بىر يىل ئىچىدە توي قىلىمىز،
5.ماددى بايلىقنى مۇھاببەتكە قەتئىي ئارلاشتۇرماڭلار،بۇ بىر ئىپلاسلىق، ئۇنچىلىك مەجبۇرىيەتنى ھېس قىلغۇدەك كاللا خېلى ئەرلەردە بار لېكىن بىر ئۈمۈر ھاياتىنى دوغا تىكىپ ئىشلەپمۇ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تارتقان دەرت-ئەلەملىرىمۇ سىلەرگە ناتۇنۇش ئەمەس،ئاددىيسى داداڭلارنى ئويلاڭلار  قانچىلىك جاپاكەشكىن
ھەي!ئويلىساملا بەك قايناپ كېتىمەن،ئاپتور ھەتتا مۇھاببەتنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكەن يەنە كېلىپ مۇھاببەت توغرىلىق نەرسىلەرنى يازىدىكەن،ھېلىقى نىمىنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ھېلىقى پۇلدارنىڭ ماشىنىسىنىڭ چۈشۈپ خانىم دەپ ھۆرمەتلىنىشى ئاپتورنىڭ نەزىرىدىكى مۇھاببەت غەلبىسى ھەتتا مۆجىزە خاراكتىرلىك غەلبە ئىكەن،ھۆرمەتلىك مۇشۇنداق قاراشتىكى قىزلار مەن ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە ھازىر ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىمەن،تېخى چۈشتىلا ئاكام بىلەن قۇرماقچى بولغان يىگىرمە -ئوتتۇز خىزمەتچىسى بار قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان شىركەت توغرىلىق پاراڭلاشتىم ،مېنى ئىككى يىل ساقلاڭلار ،سىلەرنى ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى خوتۇنلۇققا ئالىمەن ،لېكىن چوقۇم دېرىكتورنىڭ پۇلدار ئايالى بولۇشىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:11:08

NIRWANA يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 13:55 static/image/common/back.gif
1.ھېچقانداق مۇناسىتىم يوق،مەن ھەتتا ئاپتۇرنىڭ ئەر-ياكى ...

سىزنىڭ مۇشۇ خارەكتېرىڭىز بىلەن تۈرمىدە خىنايەتچى باشقۇرىدىغان شىركەت قۇرساڭلا، ئىشىڭلا ئېقىپ قالار. بىر مىليونىرغا تىگىپ كەتسە، بۇنچىۋالا نېرۋىلىشىپ كەتسىڭىز، شىركىتىڭلار يۈرۈشمەي قالسا ئىشىڭىز چاتاق.

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:35:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 14:38  

بىر مەسەل ئىسىمگە كىلىپ قالدى. تۆت نەپەر ئەما پىلنىڭ دېڭىنى تۇلا ئاڭلاپ  ئۇنى بىلىپ باقماقچى بۇپتۇ. بىرسى پىلنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇپ توۋا پىل دىگەن ئارغامچىدەك كىچىككىنە نىمە ئىكەن دىسە يەنە بىرى بۇرنىنى تۇتۇپ ئارغىمچىدىن چوڭ كەنغۇ دىگۈدەك. يەنە بىرى پۇتىنى تۇتۇپ تۈگۈرۈكتەك نەرسىكەن دىسە يەنە بىرى قۇرسىقىنى تۇتۇپ تامدەك نەرسىكەن  دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پىل بىر ياقىدا قېلىپ تۆت ئەما ئۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. مەن تۇتۇپ باقتىم ئارغەمچىدەك بارئىكەن دىسە بىرسى مەنمۇ تۇتۇپ باقتىم تامدەك چوڭ نەرسە ئىكەن دىگۈدەك.
كىتاپخانىغا كىرىپ بىرسى بىلەن بىر ئەسەر توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىپ قالسىڭىز پىكىرىڭلار بەك قارشى چىقىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئىككىلىڭلار كىتاپ خۇمار ھېچ بولمىسا ئەدەبىيات بىلەن خېلى شۇغۇللانغان.
لېكىن مۇنبەردە ئۇنداق بولمايدۇ. كەسپى پەقەت يېقىن كەلمەيدىغان ئىككەيلەن بىر سورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. نۇرغۇن ئىلىم ئالغان ئالىمك بىلەن بىر قارا قورساق بىر سورۇنغا كىرىپ قالىدۇ. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ سالاھىيتىنى بىلمىگەنلىكتىن بىكا ئاۋارە بۇلىدىغان ئىشلار جېق
بىر ئەسەرگە باھا بىرىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ ئەسەردىن ئارتۇقراق بىر ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ باققان تەجىربىسى بۇلۇش كىرەك.
مەزكۇر ئەسەردىن يۇقىرىسەۋىيەدىكى بىر ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ باقمىسا ياكى بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىسا قۇرساققا ياقمىغاندا سۈكۈت قىلغان ئەۋزەل چۈنكى ئىلىم يوق تۇرۇپ سۆزلەش نادانلىقنى ئىپادىلەپ قۇيىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:50:37

ۋەقەلىك، دىئالوگ ھېكايىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىكەن، مەقسەت قىزلار ئۆز سۈپىتىنى ساقلىسا، ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ دىمەكچى ئوخشايدۇ.
بىراق ھېكايىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بىئارام بولدۇم،  مەلۇم خىل مەقسەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەجبۇرى ۋەقەلىك توقۇپ چىنلىقنى يوق قىلغاندىن، رىئاللىقنىڭ ئۆزىنى يازساق نىمە بولار؟

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:03:46

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 14:50 static/image/common/back.gif
ۋەقەلىك، دىئالوگ ھېكايىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىكەن، مەق ...

مەنمۇ بىر نەرسە يېزىشقا قىزىقىمەن.  سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياختۇرىمەن. سىزدەك ياكى سىزدىن ئاشۇرۇپ يازغۇم بار. ئەمما، سەۋىيە يىتىشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھالىمغا ياراش يېزىپ، ھېچ بولمىسا ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى خوش ئىتىمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:16:34

rohqin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 15:03 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر نەرسە يېزىشقا قىزىقىمەن.  سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭ ...

سەۋىيە دىسە بەك ئېشىپ كىتەر، چىنلىقنى ھېس قېلىش يېتىدۇ.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:27:49

rohqin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 14:35 static/image/common/back.gif
بىر مەسەل ئىسىمگە كىلىپ قالدى. تۆت نەپەر ئەما پىلنىڭ دې ...

كەلتۈرگەن تەمسىلىڭىز بەكلا قايىل قىلىۋەتتى مېنى. تۆت ئەمانىڭ بىرىگە ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم ئۆزەمنى;P ;P .يازسىڭىز يەتكىدەك كۇچىڭىز باركەن جۇما. شەھلا قىز ئۆلچىمى بولمىغاندىكىن يېزىشنىڭ.:shutup:

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:36:07

jan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 15:27 static/image/common/back.gif
كەلتۈرگەن تەمسىلىڭىز بەكلا قايىل قىلىۋەتتى مېنى. تۆت  ...

سىزنىڭ تىما ئىنكاسلىرىڭىز مىنى ئىزچىل قايىل قىلىپ كىلىگلىك.
يېزىپ تۇرۋاتىمەن  ئەمما  مۇنبەردە ئېلان قىلغۇدەك ئەمەس ئاساسەن بلوگىمغىلا ساقلاپ ماڭدىم.

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:57:20

خەنچە 杉杉来了دىگەن كىنونىڭ ئۆزلەشتۇرۇلگەن نۇسخىسىمۇيا ؟ئۇ كىنودىمۇ ياش ،كىلىشكەن لىدىر بىر خىزمەتچى قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالىدۇ {:92:}
بەت: [1]
: مۆجىزىگە تولغان مۇھەببەت