izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:00:39

ئاپتۇمۇبىل قائىدىگەخىلاپ قىلمىشى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى ئەزىز تورداشلار،ئاپتۇمۇبىلنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى دىگەندەسۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش ،قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش،توختۇتىش چەكلەنگەن يولدا توختۇتۇش،تەتۈر يۆلىنىشتە ماشىنا ھەيدەش......... قاتارلىق بىرمۇنچە تۈرلىرى باركەن ،بۈگۈن سىلەردىن سورماقچى بولغىنىم ئىلىكتىرۇنلۇق ساقچى يەنى كېسىشمە يول ئېغىزىدىكى قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىرەسىمگە ئىلىش ئاپاراتىماشىنا توختاش سىزىقىنى دەسسىشىگلا رەسىمگە تارتامدۇ ياكىپىيادىلار يولىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن رەسىمگە تارتامدۇ؟ ئىستىرىلكىسىز قىزىل چىراقتا ئوڭغا بۇرۇلۇشقا بولامدۇ ؟
يول بويىدىكى يۇقۇرى سۈرئەتنى رەسىمگە تارتىش ئاپاراتى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن قانچىلىك ئاشقاندا تارتىدۇ ( قىرىق كىلومىتىرلىقيولدا 40تىلا تارتامدۇ ياكى 42 لەردە تارتامدۇ)
يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدابەلىلەنگەن سۈرئەت 80بولسا رەسىم تارىتش ئاپارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە60ئەتراپىدا ماڭساقمۇقائىدىگە خىلاپ بولامدۇ؟
يەنە بىرگە قاتناش ساقچىسى يولدا توسۇپ رەسمىيەت كۆرگەندە ماشىنىدىن چۈشۈپ ساقچىنىڭ ئالدىغا بارىمىزمۇ ياكى ساقچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىمىزمۇ؟
ئادەتتە نورمال بولسا ئىلىكتىرونلۇق ساقچىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىتورغا يوللىشى قانچىلىك ۋاقىتتا تاماملىنىدۇ ،ياكى شۇ ۋاقىتتىلا يوللىنىامدۇ..........

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:01:02

1. ماشىنىنىڭ ئارقا چاقى ئايرىش سىزىقىنى دەسسىگەندىن كېيىن تارتىدۇ.
2. ئىستىرىلكىسىز قىزىل چىراقتا، يەنى قىزىل چىراق بەلگىسى دۈگىلەك بولسا ئوڭغا ئايلىنىشقا بولىدۇ.
3. يولدىكى سۈرئەتكە تارتىش ئاپپاراتى، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتسىلا تارتىدۇ.
4. قاتناش ساقچىسىنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىشىنى ساقلايسىز.
5. قائىدىگە خىلاپ قىلمىش بىر كۈندىلا يوللىنىدۇ، ئەمما يەتتە كۈندىن كېيىن تەكشۈرگىلى ۋە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
يەنە بىر ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىش: بەزى يوللاردا ئۈچ ماشىنا يولى بولىدۇ. يەنى سولغا بۇرۇلۇش، ئۇدۇل مېڭىش، ئوڭغا بۇرۇلۇش يولى دېگەندەك. قىزىل چىراق يانغان، ئەمما ئوڭغا مېڭىشقا بولىدىغان يول بۆلىكىدە چوقۇم ئوڭغا بۇرۇلۇش ماشىنا يولىدىن ئايلىنىڭ. ئەگەر ئۇدۇلغا ماڭىدىغان يولدىن ئوڭغا بۇرۇلسىڭىز، دەسلەپتە سىزنى قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتتى دەپ قاراپ سۈرەتكە تارتىدۇ، كېيىن تەھلىل قىلغاندا قائىدىگە خىلاپ ئايلانغان دەپ قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتكەن دەپ قارىمايدۇ. بۇ قىلمىشقا يۈز يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، نومۇر تارتىلمايدۇ.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:02:21

قىزىل چىراق رايۇنىدا ئالدىنقى سىزىقنىڭ ئاستىدا (كەسپى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشنى تازاا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن شۇڭا خەنسۇچە ئاتاۋەردىمغۇ) گەنيىڭچى كۆمۈگلۈك بۇلىدۇ مۇشۇ گەنيىڭچى ئىككى قىتىم بىسىلغاندىن كىيىن مەيچۇڭ سگنالنى يەتكۈزۈپ رەسىمگە تارتىش ئىشقا ئاشىدۇ ،شۇڭلاشقا ئالدىنقى چاقى بىسىپ ئۆتۈپ كىتىپ قالغانلار كەينىگە ياندۇرماسلىق كىرەك كەينىگە ياندۇرسا ئۇخشاشلا ئىككى قېتىم بىسىلغان بۇلىدۇ

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:48:17

قىزىل چىراقتىن ئۆتۈش، بەلگىلەنگەن يولدىن ماڭماسلىق دېگەندەك گۇناھلارغا ئادەتتە 3 پارچە رەسىم تارتىلىپ ئىسپات قىلىنىدىغۇ دەيمەن.شە سورايدىغان باللىنىڭ ئاپپاراتقا چۈشمەي قالسا، ۋا تاتمايدۇ بۇ ئاپپارات دېيىشلىرى ئىسپاتلارنىڭ تولۇق ئېنىق بولماي قېلىشىدىن بولسا كېرەك، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئادەم كۆزى بىلەن ئىسپاتلار تەكشۈرىلىدۇ. بەزىدە ساقچىنىڭ كەيپى خۇش بولۇپ قالسا، ئۇنداق چىڭ تۇرۇۋالماسلىقىمۇ مۇمكىن.
مۇشۇ ئون نەچچە كۈن بۇرۇن، 211 يولىدا كېتىپ بارغان، يول دېگەندە بىرە تال ماشىنىمۇ يوق، ئەرپىلەن ھەيدىگەندەك بولىدىكەن ئاندا قاراڭغۇ يولدا يالغۇز ماڭسا، بىلىپ بىلمەي 140 قا چىكىتىپتىكەن، لاپ-لاپ قىلدى، ئاھ دەپ قالدىم. ھازىرغىچە ھېچ ئۇچۇر كەلمىدى. شۇ ۋاقىتتا چوڭ چىراقنىمۇ يېقىپ ماڭغانتىم، چوڭ چىراق يېقىلغان ھالەتتە ئاپپارات ئوچۇق تارتماسمىكىن دەپمۇ قالدىم.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:57:29

ماۋۇ قائىدىلەرنى مەنمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. شۇڭا مۇشۇ قاتناش باشقۇرۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىرىڭلاردىن بىرەرىڭلار ئېنىقراق بىر چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولساڭلار، بارلىق تورداشلار مەنپىئەتلەنسەك. مومكىن بولسا يوقۇرىدا سورالغانلاردىن باشقا نازۇك قائىدىلەر بولسا دەپ بەرسەڭلار، خەۋەردار بولۇپ قالساق.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:21:22

ئالدىنقى يىلى بىر نىزام ئېلان قىلىنغان سۈرئەتچەكلىمىسى 60كىلومىتىرلىق يوللاردا 90 دىن ئاشۇرمىسا قائىدە خىلاپ قىلمىشى خاتىرلەنمەيدۇ دەپ ئۇشۇ گەپ راسمىدۇ

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:33:56

ئۇدۇل مېڭىشقا تىگىشلىك يولدا ئوڭغا بۇرۇلۇپ ماڭغاچقا ئۇدا ئىككى يىل ئىككى قېتىم جەرىمانە تۆلىدىم.
ئىككى يۇرۈش يولى بار يۇلىنىڭ سول تەرەپتە كىتىۋېتىپ ئوڭغا ماڭغانلىق ئۇچۇن 2 نومۇر ۋە ئىككى يۈز سوم .تۈز ماڭىدىغان يولدا ئوڭغا مىڭىپسىز دەپ چۈشەندۈردى.
شايار ناھىيىسىدە ھەممە دوقمۇشتىكى چىراقلار قىزىل يېشىل سېرىق ئۈچ چىراقلا بار يۆلىنىش چىقىرقى يوق . بىراق قىزىل چىراقتا ئوڭغا بۇرۇلۇپ ماڭسىڭىز ئوخشاشلا قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتكەن ھىساپلىنىسىز. نەچچە يىل بۇرۇن تەشۋىقات قىلىپ مۇشۇ خىل تۈزۈپ يولغا قۇيۇلدى. بىراق چىراق ئالماشمىدى.

ilyar0990 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:34:55

hakaniye يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 16:02 static/image/common/back.gif
قىزىل چىراق رايۇنىدا ئالدىنقى سىزىقنىڭ ئاستىدا (كەسپى...

يەرگە نەرسە كومۇپ قويدىغان ئۇسكۇنلەر ئاللاقاچان ئەمەلدىن قالدى.

ilyar0990 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:35:33

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 17:21 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى يىلى بىر نىزام ئېلان قىلىنغان سۈرئەتچەكلىمىس ...

يالغان گەپ

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:32:30

ilyar0990 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 15:34 static/image/common/back.gif
يەرگە نەرسە كومۇپ قويدىغان ئۇسكۇنلەر ئاللاقاچان ئەمە ...

بۇ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟
سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتىخىلاپلىق ئەھۋالىنى قانداق تارتىدۇ ھەم نۇمۇرنى قانداق تارتىدۇ؟
زادى ماشىنا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى...
مۇشۇنداق نۇمۇر تارتىش ،توختىتىش پۇلى قىممەت بۇلۇش ئادەمنى قىيناپ قويامدۇ نىمە؟سىلەرنىڭ ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىدا(بىنالاردا)
ماشنا توختاتسا ھائىتىگە نەچچە پۇل ئالىدۇ،بۇ پۇل ئېلىش قىلمىشىنى قانۇنسىز دەپ ئاڭلىغان.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:09:26

سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتىخىلاپلىق ئەھۋالىنى قانداق تارتىدۇ ھەم نۇمۇرنى قانداق تارتىدۇ؟

سۈرەتكە تارتىش ئاپپىراتى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى خاتىرلەيدۇ، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا ئاساسەن قاتناش ساقچى تارماقلىرى نۇمۇر تارتىدىغۇ دەيمەن.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:44:29

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 15:21 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى يىلى بىر نىزام ئېلان قىلىنغان سۈرئەتچەكلىمىس ...

ئالدىنقى قېتىم تۆلىگەن جەرىمانە:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قاتناش قائىدىسىنىڭ 15-، 18-34-46-ماددىلىرىغا(ئېسىمدە قالماپتۇ، مۇشۇنداقراق تۆت ماددا) خىلاپلىق قىلغان، سۈرئەتنى بەلگىلەنگەن چەكتىن %20ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن، جەرىمانە سوممىسى 200يۈەن، 3نومۇر خاتىرلىنىدۇ.
بەلگىلەنگەن سۈرئەت چەكلىمىسى 40كىلومىتېر\سائەت، ئاپتۇموبىل ئەمەلىي سۈرئەت تىزلىكى 40.5كىلومىتېر\سائەت.

بۇنىڭغا جەرىمانە ئالىدىغان كۆزنەكتىكى ئىش بىجىرىدىغان ساقچىمۇ ھەيران قالدى. لىكىن نىمە ئامال.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 18:47:57

ئۇنداقتا ئاز دىگەندە ئالتە نومۇر بەشيۈزكوي جەرىمانىگە تەييار بوپتۇرسام بولغىدەك
بەت: [1]
: ئاپتۇمۇبىل قائىدىگەخىلاپ قىلمىشى