dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 08:21:19

ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاجايىباتلار


ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاجايىباتلار
(فېليەتون)
يى مىڭ

ساپانىڭ لۈكچەكلىشىشى
مەكتەپ قورۇسىدىكى پاراڭلارغا قۇلاق سالسىڭىز، ئوغۇللارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان گېپى «ئاناڭنى»،  قىزلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقىنى «پاسكىنا». مەكتەپتە ئۆزىڭىزنى خۇددى بىر توپ لۈكچەكلەر ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. زادى ئوقۇغۇچىلار لۈكچەكلىشىپ كەتتىمۇ ياكى لۈكچەكلەر ئوقۇغۇچى بولۇپ كەتتىمۇ،  بىلگىلى بولمايدۇ. ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىش، خۇشخۇيلۇق بىلەن ماختاپ ئۇچۇرۇشلارنى ئەسلىي لۈكچەك ئوبرازى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ، توۋا دېگۈلۈك...
سۆيۈشۈشنىڭ ئاشكارىلىنىشى
بۇ بەلكىم ئەركىنلىكنىڭ بىر قىسىمى بولسا كېرەك ۋە ياكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ دولقۇنىغا ئۇچرىغانلىقمۇ؟  ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش ھەتتا بىر-بىرىنى سىلاشتا سورۇن تاللىمايدىغان بولۇپ كەتتى. ھېسسىيات كەلسىلا شۇنداق قىلىشىدۇ. قىلىۋاتقان كىشى خىجىل بولماي، بەلكى كۆرگۈچىلەر خۇددى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈۋالغاندەك بولۇپ  كېتىدۇ. بۇ قانداق زامان بولۇپ كەتتى ئەمدى ؟...
ئىستېمالنىڭ سەۋىيەلىشىشى
ئستېمال سەۋىيىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى. چۈنكى، بۇ ئۇلارنى  يۇقىرى كىرىمنىڭ تىرەپ تۇرغانلىقىدىن ئىدى. ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ  يامان بولۇپ كەتتى. قول تېلېفون بىر-بىرىنىڭكىدىن ئېسىل. مېھمان قىلغان چاغدا بىر-بىرىدىن ھەشەمەتلىك سورۇنغا ئېتىبار بېرىدۇ. ساياھەت ۋە ئويۇن-تاماشىدا بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ. كىيىنىشى بولسا مودا−داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇپ كېتىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالماي قويمايدۇ. بەزىدە تەئەججۈپ ئىچىدە ئويلاپ قالىسىز:  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بانكىر بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟...
دەرسخانىنىڭ سەيلىگاھلىشىشى
ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنىڭ جەمئىيەت ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ كېتىشى، ئوقۇتۇش مېتودىنىڭ ئۆلۈك بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يېڭى بىلىمنىڭ كېرىكى يوق» نەزەرىيىسى، دەرس ئىنتىزامىنىڭ چېچىلىشى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاشتىكى سەۋەبى بولالايدۇ.  ئۇخلاڭلار، قاتتىق ئۇخلاڭلار، بەرىبىر ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولدۇڭلار. قانچىلىك ئۇخلىغۇڭلار كەلسە شۇنچىلىك ئۇخلاڭلار، بايقۇشلار...
دەرستىن قېچىشنىڭ ئومۇملىشىشى
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، مەكتەپ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى، بىر سىنىپتا 100 دىن 200 گىچە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئاڭلىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى. ئەگەر ئوقۇتقۇچى يوقلىما قىلىپ قالسا،  يوقلىما ئاخىرلاشقۇچە بىر سائەت توشىدۇ .  يەنە كېلىپ ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەتلىشىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، بىر ئۆيدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان، پۇل تېپىشقا ئالدىرايدىغان تۇرسا، دەرستىن قېچىشنىڭ ئومۇملىشىشى ھەرگىزمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. شۇڭا، نەدىمۇ دەرس ئوقۇشقا ۋاقتى بولسۇن؟
قىزلارنىڭ دىنوزاۋرلىشىشى
بۇ ھەرگىزمۇ قىزلارنىڭ نازۇكلىشىشىنى ئەمەس، بەلكى مەكتەپ ئىچىدە ئەمدى ئۇنداق سەبىي قىزلارنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىزلارنىڭ ياسىنىشى بىر-بىرىدىن ئېسىل، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى، چوكانلىشىشى، نازىنىنلىشىشى كىشىلەرنى ئويلاندۇرىدۇ. نۇرغۇنلىرى كوچىدا ماڭسا باشلىقلار تانسىخانا مۇلازىمەتچىلىرى ئوخشايدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن . باشقىلار ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمىغاچقا، دىنوزاۋر ئورنىدا كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ.
ئوغۇللارنىڭ ھاڭۋاقتىلىشىشى
ئوغۇللار كېچە-كېچىلەپ ئۇلاپ تور ئويۇنلىرى،  قارتا ئويناش، قىز دوستىغا ھەمراھ بولۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشىدۇ. ئۇزاق مۇددەت شۇنداق يۈرۈۋېرىپ نېرۋىسى ئاجىزلاپ كېتىپ، ياشلاردا بولۇشقا تېگىشلىك جاسارەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . كېچە - كېچىلەپ «جەڭ» ئېلىپ بارغانلىقتىن، جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن زەئىپلىشىدۇ. شۇڭا، ئوغۇللارنىڭ ھاڭۋاقتىلىشىپ قېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
چاقماق تېزلىكىدىكى مۇھەببەت
مۇھەببەتلىشىش بىر خىل مودىدەك ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىدا مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى. بەزىلەر مۇھەببەتلىشىشنى زېرىكىشلىك، مەنىسىز ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىدا ئۆزئارا ئويۇن ئورنىدا ھېسابلايدۇ. يەنە بەزىلەر «بۇ دېگەن جەمئىيەت تۇرمۇشىغا كىرىشنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىقى» دەيدۇ. مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى خۇددى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقاندەكلا بىر ئىش بولۇپ  قالدى.  ھېچكىمگە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت كېرەك ئەمەس. چوڭقۇر چۈشىنىشمۇ بىھاجەت. ئۇدۇل باش تېمىغا كىرىشكەندىن كېيىن، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە زېرىكىپ، چاقماق تېزلىكىدە ئايرىلىپ كېتىشىدۇ. مانا بۇ چاقماق تېزلىكىدىكى مۇھەببەت ياكى بولمىسا شەھۋانىي نەپس ۋە جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ ئاددىيلىشىشى ۋە تاماقخانىلىشىشى.
تولۇقلىما ئىمتىھاننىڭ كەسىپلىشىشى
«ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلمىغاندا تۇرمۇش مەنىلىك بولىدۇ»، مانا بۇ ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتابنامىسى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىش  مۇقەررەر ھالدا بىر تۈركۈم ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغانلارنى ئۇنىۋېرسىتېتقا سۆرەپ كىرىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىلى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە  تەسىر  كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ  بىلەن  نۇرغۇن  بالىلار  تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشنى نومۇس دەپ قارىمايدۇ ھەتتا نۇرغۇنلىرىنىڭ تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشكە ھەقىقەتەنمۇ كەسپىي سەۋىيىسى بولسا كېرەك.
(«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:01:18

بۇرۇن ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى،سىتودىنتلار دىسە،بىر مىللەت ئىچىدىكى بىلىملىك ،يۇقۇرى ساپالىق ئادەملەر،مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمۈتلىك ئىزباسارلىرى كۆز ئالدىمغا كىلەتتى،مىنىڭ بۇنداق كۆز قاراشقا كىلىشىمگە كىتاپتىن ئوقۇغانلىرىم،تىلۋىزوردىن كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىكەن.

ئەمدىلىكتە ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئەمەليەتتە كۆرگىنىم بولسا،باشقىچە بولدى،تىرىشۋاتقانلارمۇ باركەن،لىكىن مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا تىرىشچان،ئەخلاقلىق سەمىمىي ئەمەسكەن،شىنجاڭ ئىلىم پەن ئۇچۇر ئىنىستوتى،شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدىكى تورخانىلار ياتاقلار،بەزمىخانا،كالائوك،مەيخانىلارنى پەقەت ئوقۇغۇچىلارا قىززىتىدىكەن،چىرايىڭ پۇلۇڭلا بولسا داشۆسىڭ قىزلانى ئىندەككە كەلتۈرۈپ كۆڭۈل ئېچىش ئاسانلا گەپكەن،مۇشۇ كەملەردە قىزلارغا قىزلىق دىگەن نەرسە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنىۋاتقان ئوخشايدۇ.

ئىشقىلىپ نەگىلا قارىسا كەلگۈسىدىكى قالاق مىللەتنىڭ بۈگۈنىنى كۆرۋاتقاندەك بولىمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:20:40

قىزلارنىڭ دىنوزاۋىرلىشىشى
ھا ھا ھا :lol:lol:lol
بەت: [1]
: ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاجايىباتلار