dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 08:19:55

نۇتۇق مۇنبىرى ئاستىدىكى خەتەر

نۇتۇق مۇنبىرى ئاستىدىكى خەتەر
جاڭ شىياۋپىڭ
1961-يىلى 20-يانۋار ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جون كېننېدىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ كاتولىك دىنى مۇخلىسىدىن بولغان تۇنجى پرېزىدېنت بولغانلىقى ئۈچۈن، بوستون ئېپىسكوپى كاسسىن تەكلىپكە بىنائەن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم تۇنجى بولۇپ تەبرىك سۆزى قىلدى. كاسسىن كېننېدىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلدى، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپرىن ئوقۇدى. كىشىلەر ئۇنىڭ مۇقەددىمە سۆزى ئاخىرلاشتىغۇ دەپ تۇرۇشىغا، كاسسىن گەپنىڭ تېمىسىنى دىنىي ئەقىدىلەرگە يۆتكەپ ئالدىرىماي سۆزلەشكە ئۆتتى...ئۇ خۇددى پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئەسلىدە پىلاندا بىر يېرىم سائەت قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ مۇراسىمدا، كاسسىن ئەزمىلىك بىلەن سۆزلەپ بىرمۇنچە ۋاقىتنى ئىگىلىگەن تۇرۇقلۇق ھېچ توختاي دېمەيتتى. كېننېدى نائىلاج نۇتقىنى قىسقارتىشنى قارار قىلدى. كاسسىننىڭ گېپى تۈگىگۈچە نۇتۇققا تەييارلىغان ماقالىسىنى ئۇنداق قىسقارتىپ، مۇنداق قىسارتىپ 52 جۈملىنىلا ئېلىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇستا ناتىقلىق سەنئىتىگە تايىنىپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشتى.
مۇراسىم ئاياغلاشقاندا كېننېدى كاسسىنغا قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئارتۇق گەپ ۋە دەبدەبىلىك سۆز-ئىبارىلەرنى قىسقارتىپ يۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزۇن گېپىڭىزدىن زېرىكىپ قالغىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىنىمغا رەھمەت ئېيتسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ نۇتۇق ۋاقتىمنى ئىگىلىۋېلىپ مۇنداق ياخشى سۆزلىۋېتىشىمگە سەۋەبچى بولغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن!
-پرېزىدېنت ئەپەندىم،-دېدى كاسسىن بىر ھازادىن كېيىن،-ئەجەبا، سىز مېنى ھاياجانلىنىپ كېتىپ شۇنچە ئۇزاق سۆزلەپ كەتتىمىكىن دەپ قالدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق بولدىغۇ!-دېدى كېننېدى كۈلۈپ.
-سەھنىگە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،-دېدى كاسسىن بېشىنى چايقاپ،-نۇتۇق مۇنبىرى ئاستىدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم، مەن تېخى بومبىنىڭ پىلكىگە ئوت تۇتاشقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نۇتقىمنى قەستەن سوزۇپ سەھنىگە چىقىش ۋاقتىڭىزنى كەينىگە سۈردۈم. ئاخىرى ئىس ئۆچتى، سىم يولىدىن كاشىلا چىققانلىقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن خاتىرجەم ھالدا مۇنبەرنى سىزگە بوشاتتىم.
كېننىدى كېلىپ قاراپ بېقىۋىدى، مۇنبەر ئاستىدا راستلا كۆيۈپ ئۆچكەن بىر بۆلەك سىم تۇراتتى، شۇ چاغدىلا ئۇ كاسسىننىڭ كۆڭلىنى چۈشەندى.
شۇ ئىشتىن كېيىن كېننېدى دائىم بۇ ئىشنى تىلغا ئالغىنىدا، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دەيتتى:
-باشقىلارغا قانچىلىك قىلغىنىڭىزدىن قەتئىينەزەر، مەڭگۈ قىلغانلىرىم يېتەرلىك بولدى، دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىز بىر ئىستاكان سۇ بەرگەن ئادەم سىزگە بىر دەريا ئاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال ئۇ دەريا يەر ئاستى دەرياسىدۇر.
تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق سانىدىن ئېلىندى.

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:46:03

نوتۇق مۇنبىرى   دىسەتېخىيىڭىقۇرۇلغانبىرەمۇنبەرئوخشايدۇ دەپقاپتىمە;P;P:lol

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:09:51

نۇتۇق مۇنبىرى قاچان ئېچىلار؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:44:03

YanfunCc يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 11:09 static/image/common/back.gif
نۇتۇق مۇنبىرى قاچان ئېچىلار؟

نىمە دەۋاتقانسىز؟... ئىكىسكوپ زۇڭتۇڭنى قۇتقۇزماقچى بۇلۇپ ھاياتىغا پەرۋا قىلماي سۆزلەپ ۋاقىت ئۈتكۈزۈپتۇ...

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:49:47

بەت: [1]
: نۇتۇق مۇنبىرى ئاستىدىكى خەتەر