uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 22:42:01

ياشاش ۋە قەدىر-قىممەت

ياشاش ۋە قەدىر-قىممەت

مەخمۇتجان يانتاق



ھايات يولىدىكى تىنىمسىز مىدىرلاش ۋە كۆرەشلەر جان بىقىش مەخسىتىنىڭ ئالى نىشانى بولۇپ قالسا، تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ قىممىتى پۇچەكلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. پۇچەكلىك قارار تاپقان قىممەتسىز تۇرمۇش ۋە ياشاش جەريانى ئىنساننى خار-زەبۇنلىققا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئىنسان ماھىيەتتە، مۇكەممەللىك كۈچى ۋە قەدىر-قىممەت ساپاسى بىلەن ھاياتلىقتىكى ئەڭ جەڭگىۋار ۋە قەدىرلىك ئىجتىمائى توپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ توپنىڭ يۈركىدە تۈرلۈك زەئىپ ۋە چىركىن روھنىڭ باش كۆتۈرشى ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.

بۈگۈنكى ئىجتىمائىيەت قوينىدا ياشاشنىڭ ماددى زۆرۈرىيتى كىشىلەرنى ئالدىغا سىلىۋالدى، تۇرمۇشتىكى ماددى زۆرۈرىيەتنىڭ ھەل بولىشى، شۇ ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارغا باياشات ياشاشنىڭ زەپەر دەرۋازلىرىنى ئىچىپ بەردى.

كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجتىمائيەت توپى ۋە ئۇنىڭ مەلۇم تەكىپلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ خىل زەپەر دەرۋازلىرىنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپ كېرەلىگەنلەر ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى ۋە كۆرەش جەريانلىرىنى ئەستاھىدىل شەرھىلەپ، شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ ھايات كۆرشىنى تېخىمۇ راۋاج تاپتۇرسا، بۇ دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالغانلار تېخىمۇ چۈشكۈن ۋە زەئىپ روھ بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، ھاياتنىڭ كۆرەش ۋە تېرشىش ئارقىلىق گۈلىنىدىغان تەبىئى قانۇنىيتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى.

مەھەللىمىزدە بىر قاپاق تېرەكلىك دوقمۇش بار، بۇ دوقمۇشتىكى قاپاق تېرەكنىڭ ئاستىدا بىر كىچىك دۇككان بار. دۇككانىڭ ئالدىدىكى كارۋات ۋە ئورۇندۇق ھەر كۈنى نۇرغۇن بىكار تەلەپ لايغەزەللەرنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ يەردە ئۇلار سائەت-سائەتلەپ ئالەمدىكى ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشىدۇ. تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ، ئاندىن غەيۋەتكە، ئارقدىن گەپ تۈگىگەندە دۇككاندار قويۇپ بەرگەن قايسىدۇر بىر فىلىمگە نەزرىنى ئاغدۇرىشىدۇ. ئۇلار بۇ جەرياندا بىر-بىرىنى ئىتىراپ قىلىشمايدۇ، بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلىشمايدۇ، تىللىشىدۇ ھەم تارتىشىدۇ، قىسقىسى، بۇ يەردە ياخشى ۋە خەيرىلىك گەپ-سۆزلەر كەمدىن-كەم بولىنىدۇ، بۇيەردىكى ھايات مانا مۇشۇنداق چىركىن ۋە زەئىپ.

ئۇلار بۇ جەرياندا يەنە رادىيو-تىلىۋۇزۇردىن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا، خەلقئارا ئېقىن مەسىللىرىنى تالاش-تارتىش قىلىشىپ، دۇنيا ۋەزىيتى، خەلقئارا سىياسى مەسىلىلەر، ھوقوق كۆرشى، تېخنىكا ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش جەيانى، قورساق مەسىلىسى ۋە ھەرخىل ئاپەتلەر ھەققىدە گەپ قىلىشىدۇ. ھەتتا بەزى مەسىلىلەرنى خۇددى ب د ت نىڭ باش كاتىپىدەك ئىشەنچىلىك ھالەتتە جەزىملەشتۈرۈپ بايان قىلىشىدۇ. باشقىلار قايىل بولمىسا ياكى ئىشەنمىسە جەڭگى-جىدەل قىلىپ، ئۇرشۇش ئارقىلىق ئىشەندۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. قىسقىسى، ئۇلار دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىشىدۇ. لىكىن بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇيەردە ئۆز ھالى، ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۆز تۇرمۇشىدا ئويلىغانلىرىنى، چۈشۈنىپ يەتكەنلىرىنى دىيىشمەيدۇ ھەم دىمەيدۇ. بۇيەردە باشقىلارنىڭ گىپىنى قىلىشىدۇ، چۈنكى، ئۇلار ئۆزى ھەققىدە ئويلانمايدۇ، ئۆزى ھەققىدە ئويلانمىغاچقا ئۆزى ھەققىدىكى قاراش-تونۇشلار يوق بولغان بولىدۇ.ئۆزى ھەققىدىكى قاراش-تونۇشلار يوق بولغان بولىغاچقا، ئولار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئىش-مەسىلىرىنى تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ، دىمەك ئۇلار ئەنە ئاشۇنداقخاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىر-قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىش سالاھىتىدىن مەھرۇم قىلىشقان.

ئىزدەپ كۆرىدىغان بولساق، بۇنداق ئادەملەر ئارىمىزدا يەنە بىر تالاي بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھاياتتىكى ئويلىنىش سالاھىتىدىن مەھرۇم قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش مەنتىقىسى ۋە تەقدىر-قىممەت ساپاسىنى دەڭسىيەلمەيدۇ. دەرۋەقە <<بىر ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ۋە قايسى مەنىدە ئۆزىنى ئۆزى ئازات قىلىشىغا باغلىق>>(ئىنىشتىيىن) بولىدۇ. مۇشۇ نوختىدىن قارايدىغان بولساق، ئۆزىنى ئازاد قىلىش قەدىر-قىممەت يارتىشتىكى بىر كۆرۈكتۇر. كۆرۈكتىن ئۆتەلمىسە مەنزىل ۋە نىشانغا يەتكىلى بولمىغانىدەك، ئادەم ئۆزىنى ئازاد قىلالمىسا، قەدىر-قىممەت يارتىش مەسىلىسىدىمۇ مەنزىل ۋە نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. مەنزىلسىز ۋە نىشانسىز كارۋان سەپەردە ئاسانلا ھالاك بولىدۇ ياكى يوقۇلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى ئازاد قىلىش چوڭقۇر ۋە ئەھمىيەتلىك بولسا، قەدىر-قىممەت يارتىشمۇ چوڭقۇر ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

ھاياتتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بولغان بولىدۇ. يەنە ھەممە ئادەم ئۆزىگە تۇشلۇق قىممەت يارتىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك دەسمايىسىگە ئايلانسا، يەنە بەزىلەر بىر ئۆمۈر تىرشىپمۇ ھىچقانچە ئىتىراپقا ئىرىشەلمەيدۇ. قىممەت يارتىشتا ئىتىراپقا ئىرىشىش ھەممىدىن مۇھىم. چۈنكى، سىزنىڭ ياراتقان قىممىتىڭىز ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇ باشقىلار تەرپىدىن توغرا نەزەر بىلەن باشقىلار تەرپىدىن ئىتىراپقا ئىرىشەلمىسە يەنىلا بىكار. ئەگەر سىزنىڭ ياراتقان قىممىتىڭىز ھىچ بولمىسا باشقىلارنىڭ نەزرىدە <<ھەقىقى قىممەت>> دەپ قارىلىپ ئىتىراپقا ئىرىشىپلا كەتسە، ئۇ يەنە ھەقىقى قىممەت ئۆلچىمىنىڭ زاكون تايىقى بىلەن ھەيدىلىپ كىتىۋىرىدىغان ئىشلارمۇ بۇ جاھاندا بولۇپ قالىدۇ.مەسلەن ئالىم مەلۇم بىر كەشپىيات بىلەن يۇقىرى قىممەت ياراتتى، دەپ قارالدى، نەتىجىدە ئەل ئالىمنى قۇتلۇقلاپ مۇكاپاتلىدى، دىمەك، ئالىم بۇ يەردە ئۆز كەشپىياتى بىلەن ئىتىراپقا ئىرىشىپ يۇقىرى قەدىرى-قىممەتتە ئىگە بولدى. بىر دېھقان بىريىل جاپالىق ئىشلەپ ئاشلىق ئىشلەپ چىقاردى. ئەمما باشقىلار بۇ خۇددى دىھقاننىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىدەك ئۇنڭغا ھىچ قانداق ئىنكاستا بولمىدى، ئەملىيەتتە، ئالىمنىڭ كەشپىياتىمۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ .كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىسىنى ھەل قىلغانىدى. دىھقانمۇ كىشىلەرنىڭ قورساق مەسەلىسىنى ھەل قىلىپ، ياشاشنىڭ ماددى كەشپىياتىنى ياراتقان ئىدى. بىراق، بۇ يەردىكى قىممەتنىڭ ئىھتىياج ۋە تەلەپنى قاندۇرۇش يولىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن دىھقان بىلەن ئالىمنىڭ ياراتقان قىممىتى تەڭ بولالمىدى. ماھىيەتتە كىشىلەر بۇ يەردە ئالىم ئۈچۈن ئىختىرا ۋە ئىجات قىلىش ئاساسىنىڭ دىھقاننىڭ ئاشلىقىدىن ئايرىلىپ قالسا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىم ئۇلۇغلىنىپ، ئۇنىڭ قىممىتى ئىتىراپقا ئىرىشكەن. نەتىجىدە، دىھقاننىڭ ياراتقان قىممىتى ئالىمنىڭكىدىن تۆۋەن باھالىنىپ قىلىپ، دىھقاننىڭ قەدىر-قىممىتى ھىچقانچە ئىتىراپقا ئىرىشەلمىگەن. مانا بۇنى جەمىيەتتىكى ئەڭ ئىلمى قەدىر-قىممەت تەڭسىزلىكى دىيىشكە بولىدۇ.
دىمەك قىممەتنى ھېس قىلىش ۋە ھېس قىلدۇرۇش ئۇنى يارتىشنىڭ موھىم تۈگۈنىدۇر. قىممەت يارالغانكەن، ئۇ ھېس قىلدۇرلىشى ۋە ئىتىراپقا ئىرىشتۈرلىشى كىرەك. بولمىسا ئەنە شۇنداە قەدىر-قىممەت تەڭسىزلىكى جەمىيەتتە داۋاملىق ئەۋىج ئىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتىگە توغرا، ئادىل ۋە ھەققانى باھا بىرىلمەي، تەڭسىز ۋە بىرتەرەپلىمە قەدىر-قىممەت قارىشى جەمىيەتتە ئادەتكە ئايلىنىپ، شۇ جەمىيەتنىڭ شۇ جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەجىر-تۆھپىسى ناھەق باھالىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، شۇ جەمىيەت ئاساسىنى ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىك ئىگەللەيدۇ. كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقى بىسىقمايدۇ، شۇڭا دەيمىزكى، قەدىر-قىممەت تەڭسىزلىكى ھەرقانداق بىر جەمىيەتتە ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىكنى تۇغىدىغا رەزىل ئانىدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ھاياتتا ياراتقان قىممەتنى ساقلاشمۇ موھىم ئىشتۇر. چۈنكى، بەزىلەرنىڭ ياراتقان قىممىتى باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىراپقا ئىرىشىپ مۇئەييەنلەشيۈرۈلمىسىمۇ، بىراق ئۇنى ساقلاش ۋە داۋام قىلدۇرۇشنى بىلمەي، ئۆز قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويىدىغانلارمۇ بولىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر قىممەتنى يارتىشتا ناھايىتى كۆپ ھەرەج تارتىدۇ، نۇرغۇن بەدەل ۋە قۇربانلىق ھىسابىغا ئۆز قەدەر-قىممىتىنى يارتىدۇ. بىراق، قىسقا جەرياندىلا ئۆز قىممىتىنى يارتىش ۋە ساقلاشتىن مەھرۇم قىلىپ، قىممىتىنى يوقىتىپقويىدۇ. مۇشۇ نوختىدىن دىيەلەيمىزكى، ھەر ئادەمدە قىممەت تەبىئى بار بولغان بولىدۇ، بىراق ئۇنى نامايەن قىلىش ھەممە ئادەمدە بولىۋەرمەيدۇ.
مىىڭچە ئىنساننىڭ قەدىر-قىمىتىنى يارتىشى ۋە ئۇنى ساقلىشى تۆۋەندىكىدەك شەرىتلەرنى ھازىر قىلغاندا ئاندىن قەدىر-قىمىتىنى يارتىش ۋە تولۇق ئىشقا ئاشقان بولىدۇ.
1) ھاياتقا تەلۋىلەرچە يىپىشىش ۋە ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيۈش.
بۇ يەردىكى يىپىشىش ۋە سۆيۈش ھەرگىزمۇ ياشاش زۆرۈرىيتى ئۈچۈنلا ئورۇنلىنىدىغان مۇھتاجلىق جەريانى بولماستىن، بەلكى چىن ئەقىدىلىك يۈرەك بەدىلى بولۇشى كىرەك.
2) ھاياتقا ئەقىدە باغلاش ۋە شۇغۇنلىنىۋاتقان ھۈنەر-كەسىپكە بىرىلىش.
بۇخىل شەرىت ئىنساننى تاكامۇللاشتۇرۇش يولىدىكى بىر شىرىن ۋە لەززەتلىك ئۇرۇنۇشتۇر. بۇ ئارقىلىق ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ تۈرلۈك مەپكۈرە-تەرغىباتلىرىنى ئۆزقىممىتى ئاساسىدا يارىتىپ، ھايات ۋە قەدىر-قىممەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلالايدۇ.
3) ھاياتتىكى تۈرلۈك بىسىم ۋە گوللاشلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان روھ ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلاش.
بۇخىل جەريان ئىنساننىڭ ياشاش ئىڭى ۋە كۆرەش نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنساندا ھاياتقا نىسبەتەن تىك تۇرۇپ قاراش ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇش خاھىشىنى يىتىلدۈرىدۇ.
4) ھاياتنىڭ بەزى دىشۋارچىلىقلىرى ۋە قەبىھ ئاپەتلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ياشاشنى ۋە ھاياتنى بىر خىل ئېسىل ۋە قەدىرلىك جەريانغا ئايلاندۇرۇش.
بۇخىل جەريان تۇلۇق ئىشقا ئاشسا ھاياتنىڭ قىممىتى تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ، چۈنكى، ئىنساننىڭ ھاياتى يۈرەك بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ، قانداق يۈرەك بولسا شۇنداق روھ ۋە ياشاش بولىدۇ، شۇ ۋەجىدىن ئىنسان كۆپ ھاللاردا يۈركىنى تاۋلاپ، ھايات تەغدىم ئەتكەن دىشۋارچىلىق ۋە ئاپەتلەرگە مۇۋاپىق ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى بىلىشى كىرەك.
5)ھاياتتىكى بىرقىسىم غەلبە-مەغلۇبىيەت، ياخشىلىق-يامانلىق، گۈزەللىك-رەزىللىكلەرگە توغرە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئۆزيولىدا بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق ياشاشتىكى ئۇتۇق ۋە خىرىس ئىڭىنى يىتىلدۈرۈش.
بۇ ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئىھتىياتچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە نەتىجە خۇمارى تۇتقان پەيىت-پۇرسەتلىرىنى مۇلايىملىق بىلەن كۈتىۋىلىپ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلەنگىلى بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق، زەئىپلىك ۋە چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىپ، ساپ ۋە ساق ھايات جەريانىدا بىمالال ياشىغىلى بولىدۇ.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،<<ھەربىر ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆز ئىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدى بىجىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ>> (ئەبۇ رەيھان بىرونى). ئىنساننىڭ ھاياتتا قەدىر-قىممىتىنى يارتىشى دىگەنلىك، ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھاياتنى سۆيۈشى دىگەنلىكتۇر. شۇنداق بولغاندا ھاياتتىكى قەدىر-قىممەت خۇشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن يارتىلىپ، بىزنىڭ ھاياتىمىز گۈزەل كەچمىش ۋە پايدىلىق ئىبرەت ھاسلاتلىرى بىلەن تولىدۇ. قانداق قىلغاندا ھاياتتىكى قەدىر-قىممەتنى داۋاملىق ساقلىغىلى بولىدۇ، دىگەنمەسىلىلەر بىزنىڭ قەدىر-قىممەت چۈشەنچىمىزنىڭ قانداق يىتىلىشى ۋە بىزنى قايسى خىل ھايات يولىغا باشلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، بىزدە قانداق ھايات بولسا شۇنداق ياشاش ۋە قەدىر-قىممەت بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتساق،<<ئادەمنىڭ قىممىتى تارىخ ياراتقان ئۆلچەملەر بىلەن باھالاششقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئادەملەر كۆپۈنچە تارىخنىڭ ئەخلەتلىرىگە كۆمۈلۈپ قالىدۇ>>(ئابلەت قەيۇم). نەتىجىدە، ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالغان ئۆلچەش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىدىكى قەدىر-قىممەت خۇرۇچلىرىنى كىرەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىدىكى ئەرزىيدىغان قەدىر-قىممەت مۈلۈكلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھاياتتا يەنە بەزى ئادەملەر ئىرىشكەنلىرى بىلەن يوقاتقالىرىنى سىلىشتۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىكىتىپ چىقىدۇ. لىكى بۇ جەرياندا ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان بىر نوختا شۇكى، كۆپ ھاللاردا ئىرىشكەن نەرسىمىزنىڭ كۆپلۈكىبىزنىڭ قەدىرلىك ھاياتقا ئىرىشكەنلىكىمىزنى، يوقاتقان نەرسىمىزنىڭ كۆپلىكىمۇ بىزنىڭ قەدىرسىز ھاياتقا ئىگە بولۇپ قالغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. بۇ نوختىنى ھاياتنىڭ ئەڭ موھېمى تەرپى ئۈستىدە ئويلىنىپ ياشايدىغانلار ياشى شەرىھلەپ بىرەلەيدۇ. يەنە بۇ نوختىدىن ئىيتساق، ئىرىشىش ۋە يوقىتىش بولمىغان نۇرغۇن ھاياتنى مۇكەممەل ھايات دىگىلىمى بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ھايات چۈشەنچىسى ھاياتتىكى كۆرەش ۋە داۋالغۇش، قولدىن بىرىش ۋە قولغا كەلتۈرۈش، ئىرىشىش ۋە يوقۇتىش جەريانى ئارقىلىق بەركەت تاپىدۇ.
بەزىلەرنىڭ نەزرىدە ھاياتلىقنىڭ قىممىتى پۇل-بايلىق، مەرتىۋە-مەنسەپ ۋە نام-شۆھرەتلەر ئارقىلىق ئۆلچىىنىدۇ ئۇلار بۇخىل ئۆلچەم ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىگە باھا بىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات قىممىتىنى ئۆلچەيدۇ. بۇ تەركىپلەرگە ئىگە بولالىسا ھاياتنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى باھالاپ، يۇقىرى قەدىر-قىممەتلىك ھاياتقا ئىگە بولغاندەك تۇيغىدا بولىدۇ. بىراق، ساپ ۋە توغرا بولغان قەدىر-قىممەت قارىشى بۇنداق بولمايدۇ. ئۇ نوقۇل بۇل-بايلىق، مەرتىۋە-مەنسەپ ۋە نام-شۆھرەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆلچەم-تارازىلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان تەبىئى، ئادىل ۋە خالىس ھالىتىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ توغرا بولغان قىممەت قارىشى يىتىلدۈرىشىگە كۈچ كۆرسىتىدۇ ۋە توغرا بولغان قىممەت قاراشلىرىنى توغرا رەۋىشتە شەرىھلىشىگە ياردەم بىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ساپ ۋە توغرا بولغان قەدىر-قىممەت قارىشى يۇقىرقى تەركىبلەرنى چەكە قاقمايدۇ. نوقۇل بۇلارنى ئىنكار قىلىپ يوققا چىقىرۋەتمەيدۇ. پەقەت ساپ ۋە يوغرا يۆلنىشتە يارتىلغان قەدىر-قىممەت ئۇلى بولسىلايۇقىرقى تەركىپلەرنىڭ ئىجابى تەرەپلىرىنىمۇېاپىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىگە ۋە ئەمىلىيەتكە لايىق شەرھلەپ، شۇ ئاساستا يەكۈن چىقىرىدۇ.
ھاياتتا ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بولىدۇ. ھاياتىمىزدا قىلغان توغرا ئىشلار بىزنى روھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئىشلىرىمىز ئاددى ۋە ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئۇلۇغلۇقنىڭ بىشارەتلىرى بولىدۇ. بۇ بىشارەتلەر يەنە ئۆز يولىدا شۇ ئىشنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئايان قىلىدۇ. يەنە بىرقىسىم توغرا بولمىغان خاتا ئىشلارمۇ بىزنىڭ كەلگۈسى ھايات يولىمىزدا بىزنى تۈلۈك تەجىربە ۋە ئىبرەت بىلەن تەمىن ئىتىپ تۇرىدۇ. بىز بۇلار ئارقىلىق ھايات قىممىتى ۋە ياشاش ھەقىقەتلىرىنى يارتىمىز. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ھاياتتا بىرقىسىم خاتالىقلىرىمىزمۇ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان توغرا ئىشلىرىمىشدىنمۇ ئۆتە قىممەتلىك بولىدۇ. بۇ ئىزلار گىزى كەلگندە بىزنىڭ قەدىر-قىممەت قارشىمىز ۋە چۈشەنچىمىزنى ئەمىلىيەت ئاساسىدا يېڭىلىۋىلىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ. بىز شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ بەدىلىگە كەلگەن مەڭگۈلۈك ئىمكانلاردىن ئۆمۈر بويى پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن. تىگىدىن ئېيىتساق، ھاياتىمىزدىكى خاتا ۋە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنىڭ پايدىلىق ئىبرەتلىرى ئارقىلىق توغرا ۋە دۇرۇس بولغان ھايات ساۋىقى ۋە تەجىربىسىگە ئېرىشىپ، شۇ ئاساستا ھاياتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى نامايەن قىلالايمىز.
ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگرىسەدەپ قۇلۇلىسى باقىدىغان بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇ ھەمىشە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق مەرۋايىتنى يىتىشتۈرۈشنى ئويلايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ دىڭىز ساھىلىدىن نۇرغۇن قۇم دانچىسىنى تاللاپ چىقىپتۇ ۋە ئۇلاردىن <<مەرۋايىتقا ئۆزگۈرىشنى خالامسىلەر؟ >>دەپ سوراپتۇ. ئەمما ھىچقايسىسى ئۆزگۈرىشنى خالىماپتۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە يىلىنغان بولسىمۇ ئۈمۈدى يەنىلا سۇغا چىلىشىپتۇ. بىر چاغدا بىردانە قۇم دانچىسى ئۇنىڭ تەلەپىگە ماقۇل بوپتۇ. قۇم دانچىسىنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا:<<ناھايىتى ئەخمەقكەنسەن، قۇلۇلە قىپى ئىچىدە ياشىساڭ دوست بۇرادەرلىرىڭدىن ئايرىلىسەن، قۇياش نۇرى، يامغۇر، ئاي، شامال دىگەنلەرنى كۆرەلمەيسەن، ھەتتا ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئلىىشىڭمۇ تەسكە توختايدۇ، پەقەت قاراڭغۇ، نەم، سوغۇق يەردە ياتىسەن. بۇنداق قىلىش پەقەتلا ئەرزىمەيدۇ>> دەپتۇ. بىراق، قۇم دانچىسى پەرۋاسىز ھالدا ھېلىقى ئادەمگە ئەگىشىپ كىتىپ قاپتۇ. نەچچە يىلدىنكىيىن ھېلىقى قۇم دانچىسى ناھايىتى ئېسىل، قىممەتلىك بىر مەرۋايەتقا ئايلىنىپتۇ. بىراق، ھېلىقى قۇمدانچىلىرىنى بورانلار تۇپراققا مەھكۇم قىلىۋىتىپتۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، قەدىر-قىممەتنى ئەمىلىيەتكە تەتبىقلاپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە بەدەل تۆلەشكە تايىنىپ يارتىش ھەم شۇ ئاساستا ئۇنى نامايەن قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قەدىر-قىممەتنىڭ يارتىلىشى ۋە نامايەن بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپتۇر. دەرۋەقە، بىر ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى مەلۇم بىر خاتالىق ياكى مەغلۇپىيەت بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. قەدىر-قىممەت دەل ئاشۇ خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەتنى قانداق يول بىلەن بايقاپ، ئۇنىڭ بۇيۇن تۇرقىدىن قانداق قۇتۇلۇش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە بەدەلدە ئىپادىلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىگە باھا بىرىشتە ياشاشتىكى ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقنى ئۆلچەم قىلىشنى بىلىشى كىرەك، ئەگەر بۇخىل ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىق ئۆلچەم قىلىنسا، قانداق جايدا، قانداق كىشىلەر بىلەن ياشىمايلى، يەنىلا قىممىتىمىزنى بايقاپ، ئۇنى نامايەن قىلالايمىز. چۈنكى، بىزدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىق بىزنى باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ، بىزدىكى ياشاشنىڭ بىكىنمە ئادەت تۈرمىلىرىنى پاچاقلاقۇزۇپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىگە باھا بىرىدىغان ئەمىلىيەتچان قىممەت ئۆلچىمى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ئاندىن بىز شۇ ئاساستا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ياشاش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىۋالماي. ئۆز خاسلىقىمىز بويىچە قەدىر-قىممىتىمىزگە باھا بىرىمىز.
كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەسلىدە بۇ دۇنيادا ياشىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە بىباھا قەدىر-قىممەتتۇر. بۇنى ھېس قىلىپ يىتىش بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەدىر-قىممەت چۈشەنچىسى ۋە يەكۈنىنى تاپقانلىقىمىز بىلەن باراۋەردۇر. بىزدىكى بۇ قەدىر-قىممەت چۈشەنچىسى ۋە يەكۈنى ھەربىر دەقىقىلەرنى رازىمەنلىك بىلەن بېخرامان ھالدا ئۇزۇتۇپ قويالىشىمىزدىن شەكىللىنىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى،قەدىر-قىممەت يەنەلا بۈگۈن ۋە ھازىرغا باغلىق بولىدۇ، ئۇ، شۇ ئارقىلىق تارىخنى يارتىپ، كەلگۈسىنى كۈتىۋالىدۇ. تۈنۈگۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىنى قارشى ئالىدۇ. دەرۋەقە ھاياتتىكى قەدى-قىممەت بىركۈن ئىچىدىلا يارتىلمىسىمۇ، بىراق بىردەمدىلا يوقۇلۇپ كىتەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۇزاق مەرگىللىك كۆرەشكە ۋە بەدەل تۆلەشكە تايىنىپ بارلىققا كىلىدۇ. بىردەملىك بېخوتلۇق ۋە پەرۋا سىزلىقتا يوقاپ كىتىدۇ. مۇشۇ نوختىدىن ئېيتقاندا، قەدىر-قىممتنى ساقلاش-بۈگۈن ۋە ھازىرنى قانداق ئۆتكۈزۈپ، قانداق ياشاش يولىنى تاللىشىمىزغا باغلىق بولىدۇ. چۈنكى، <<قىممەتتىن ئىشەنىچ ھاسىل بولىدۇ، ئىشەنىچتىن قىزغىنلىق ھاسىل بولىدۇ، قىزغىنلىق دۇنيانى باش ئەگدۈرىدۇ>>(ۋالتىر.ج.كوتتىڭھام)

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 00:09:28

خېلە ئوبدانلا باش قاتۇرۇپ تەھلىل قىلىپسىز. ئەتراپىمىزدا ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئۆرنەكلەر بار. ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىگىدەك ياخشى كىشىلەرمۇ بار. گەپ ئۆزىمىزنىڭ پەرق ئېتىش ۋە تاللاش ئىقتىدارىمىزغا باغلىق. پەقەت ھېچقانداق دەسمى كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ۋاقتى، جىسمانى كۇچى بىلەن ھەل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار باركى، ئۇنى قىلىشقاكىشىلىرىمىزدە دىت يوق. ئاددى بىر مىسال: كىشىلىك مۇھىتىنى رەتلىك، پاكىز تۇتۇش، ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ماكان بولىدىغان ئۆي- ھويلىسىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇش.. قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە قىلچە تىرىشمايدۇ.
    قاپاق تېرەكنىڭ ئاستىدىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى گەۋدىلىك تەسۋىرلەپسىز. بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مەھەللىدىكىلا كۆرۈنۈش ئەمەس. بەلكى ئاددى بىر مىسال بىلەن گەۋدىمىزدىكى ئومۇمى يارىنى سۆرەتلەپ بېرىپسىز. ئېچىنىدىغان ئىشلار كۆپ. ئېچىنىش بىلەن ھېچ نەرسىنى تۈزىتەلمەيمىز. بىراق ئېچىنىپ تۇرمىساق، بىزمۇ شۇنداق مۇھىتقا كۈنۈپ كېتىىشمىز مۇمكىن.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 06:19:20

ياخشى يېزىپسىز رەھمەت.
بەت: [1]
: ياشاش ۋە قەدىر-قىممەت