yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 21:34:13

بالىلار باغچىلىرىنىڭ خالىغانچە باھا ئۆستۈرشىگە يول قويۇلمايدۇ.

يىقىندا ئۈرۈمچىدىن ئوقورمىنىمىز سەييارە گىېزىخانىمىزغا كىلىپ مۇنداق دىدى:
- مەن ئوغلومنى مىڭبىر جاپادا ھۆكومەت باشقۇرشىدىكى بىر بالىلار باغچىسىغا بەرگەن ئىدىم،بالىلار باغىچىسى ياردەم خىراجىتىگىلا12مىڭ يۈەن تۆلىدۇق،ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دىگەن ئىدۇق،لېكىن يىقىنقى ئىككى ئايدا بالىلار باغىچىسى ھەققى (تاماق پۇلى قاتارلىقلار قوشۇلوپ)1100يۇەندىن 1300يۇەنگە ئۆستۈرۋالدى،بۇ باللار باغىچىلىرى ھەقنى ئۆستۈرمىز دەپلا ئۆستۈرسە بولامدۇ ؟
ئۇرۇمچى راھەتباغ ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرۇشلوق ئوقۇرمىنىمىز زۇلپىيە مۇنداق دىدى:
-مەن قىزىمنى ئۆيىمىزگە يىقىن بىر پۇقراۋى بالىلار باغچىسىغا بەرگەن ئىدىم ،دەسلەپتە باشقۇرۇش ھەققىگە 500يۈەن ئالاتتى ،يىقىندا ئۇلار بالىلار باغىچىسىنى بىزەش ،باشقا يەرلەرگە كۆچۈش سەۋەبلىك باشقۇرۇش ھەققىنى 780يۇەنگە ئۆستۇرۋالدى ،ئۆستۇرۇش توغرىسىدا بىر پارچە ئوقتۇرۇش بالىلار باغىچىسىنىڭ ئالدىغا چاپلىنىش بىلەنلا ئىش تاماملاندى ،بۇ پۇقراۋى بالىلار باغچىلىرىنى باشقۇردىغان ئورۇن يۇقمۇ؟
ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى تېخمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم ئۇلارنى قانائەتلەندۇرگىدەك جاۋاپقا ئىگە قىلىشى ئۈچۈن مۇخبىر ئالاقىدار ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.
ئاپتۇنۇم رايۇنلوق تەرەقىيات -ئىسلاھات كومتىېتى باھا نازارەتچىلىك باشقارمىسىدىكى گۇلبانۇم مۇنداق دىدى:
-دۆلەت ئىلكىدىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھەق ئېلىشى ئۆلچىمى بىر تۇتاش باشقۇرىلىدۇ ،ئۆستۈرۋالىمىز دەپ ئۆستۇرۇشكە بولمايدۇ ،يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق تەرەقىيات ئىسلاھات كومتېتى باھانى بىكىتكەندىن كىيىن بالىلار باغچىلىرى ئىجرا قىلىدۇ ،دۆلەت ئىگىلىگىىدىكى بالىلار باغچىلىرى ھەق ئولچىمىنى تەڭشىمەكچى بولسا سەۋەبىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىەۋەتلىك ئىسپاتلارنى يازما دوكىلات تەرىقىسىدە سۇنۇشى ھەم تەربىيەلەش ئاساسىي تەننەرخىنىمۇ قوشۇپ يېىزىشى كىرەك،دۆلەت ئىگىلىگىدىكى بالىلار باغچىلىرى يۇقرىدىكى تەرتىپلەر ئاساىسىدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپشۇرغاندىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەقىيات ۋە ئىسلاھات كومتېتى قاتارلىق ئۇرۇنلار ئىنچىكىە تەكشۇرگەندىن كىيىن بالىلار باغىچىسنىنىڭ ھەر ئايلىق چىقىمىغا ئاساسەن تەننەرخىنى ھېساپلاپ بالىلار باغىچىسنىڭ دەرجىسى ۋە سۇپىتىگە باھا بىرىشى ئاساسىدا ئارخىپ تۇرغۇزىلىدۇ،شۇنداقلا تەكشۇرۇپ تەسىتىقلاندىن كىيىن ئۆستۈرۇشكە بولىدىكەن ،دەپ قارالسا ئاندىن ئۆستۇرۇشكە بولىدۇ ،ئۆستۈرۇش دائىرسىمۇ ھۆكۈمەتبىكىتكەن يېتەكچى باھادىن يۇقۇرى بولماسلىق كېرەك.
پوقراۋى بالىلار باغچىسىغا كەلسەڭ ،بىز دۆلەت باشقۇرشىدىكىى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھەق ئېلشىنى نازارەتقىلىمىز ،پوقراۋى بالىلار باغچىسى ئەنگە ئالدۇرغانبولسلا باھانى ئۆستۈرۇسە بولىدۇ ،لىكىن ئاپتۇنۇم رايۇنلوننىڭ بالىلار بالىلار باغىچىسى ھەققىنى باشقۇرۇش چارىسىغا ئاساسلانغاندا ،پۇقراۋى بالىلار باغىچىسنىڭ ھەق ئېلىشىدا ئەنگە ئالدۇرۇش تۇزۇمى يۇلغا قويۇلغان بولوپ ،پوقراۋى بالىلار باغىچىلىرى ئۆزى بىېكىتىپ بولغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يۇللاپ،ئەنگە ئالدۇرغاندىن كىيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ .قائىدە بويىچە بازارلاشقان پۇقراۋى بالىلار باغچىلىرىنىڭ مالىيە ئاساسى ياكى مالىيە ياردىمى بولمىغاچقائەمەلىي تەننەرخنى ھىساپلايدۇ .
ئاپتۇنۇم رايۇنلوق مائارىپ نازارىتى ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىغى دىلشات خالىدىن مۇنداق دىدى:
-مايلى دۆلەت ئىلكىدىكى بالىلار باغىچىسى بولسۇن ،ياكى پۇقراۋى بالىلارباغچىلار بولسۇن ئاپتۇنۇم رايۇنمىز 2012-يىلدىن باشلاپ يۇلغا قويۇلغان نەپ يەتكۇزۇشچان بالىلار باغىچىلرىغا تولوقلىما بىرىشى دائىرىسگە كىرگەنلا بولسا ،باھانى خالىغانچەئۆستۇرۇشكە بولمايدۇ ،ئىگەلىنشىچە ھازىر ئۇرۇمچىىدىكى95بالىلار باغىچىسى مانا مۇشۇ تۈرگە قاتناشقان ،بۇلارنىڭ باشقۇرۇش ھەققى 500يۇەندىن يۇقۇرى بولسا بولمايدۇ ،بۇ تۈردىن نەپ ئىلىشى سىياسىتى نۇۋەتتە ئۈچ يىل دەپ بېكىتىلگەن بولوپ ،ئەگەر ئوقۇرمىنىڭلار ئىنكاس قىلغان شۇ بالىلار باغىچىسى مۇشۇ تۈرگە قاتناشقان بولسا ،باشقۇرۇش ھەققىنى 500يۇەندىن يۈقۇرى بەلگېلىۋىلىشى توغرا بولمىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەقىيات ۋە ئىسلاھا ت كومتىتى باھا نازارەتچىلىك تارمىقىدىن گاۋ پېيشىيا مۇنداق دىدى:
-ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەتئىلكىدىكى بالىلار باغىچىلىرى بەلگۇلىمە بۇيىچە ھەق ئىلىشى كېرەك،يەنى بىرىنجى دەرىجىلىك بالىلار باغىچىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەققى ھەر ئايلىقى 450يۈەن .ئىككىنجى دەرىجىلىكنىڭ 380يۈەن،ئۇچۇنجى دەرىجىلىكنىڭ 300يۈەن بۇيىچەئىجرا قىلىنىدۇ ،ھەق ئۆستۈرۇش مەسىلىسىدىن باشقا يەنە بالىلار باغچىلىرىنىڭ ‹‹ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۇش ‹‹سىنىپلىرىغا ئايرىم ھەق ئىلىشى قىلمىشىمۇ خاتا،بالىلار باغچىلىرى چوقۇمتەرەقىيات ۋە ئىسلاھات كومتېتى بىكىتىپ بەرگەن ھەق ئىلىشى ئۆلچىمى ئىجازەتنامىسىنى ئتا-ئانىلار كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇشى .ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىگىنى قوبۇل قىلىشى كىرەك،ئەگەر شەھەر ئاھاللىرى بالىلار باغچىلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەق ئىلىشى ئەھۋاللىرىنى بايقىسا ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىكى ئورنىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ ،
ئەرىز قىلىشى تىلفۇن نومۇرى :12358
ئاپتۇنۇم رايۇنلوق ئاياللار بىرلەشمىسى بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىغى رابىيە مۇھەممەت مۇنداق دىدى: -ھەر قانداق بالا گۇدەكلەر مائارىپىدىن ئادىل بەھرىمەن بولىشىقا ھەقلىق ،شوڭا مەيلى دۆلەت باشقۇرسشىدىكى بالىلار باغچىسى بولسۇن ياكى پۇقراۋى بالىلار باغىچىسى بولسۇن ،ئاساىي مائارىپنى ئۇستىگە ئىلىشى كېرەك،مىنىڭچە مۇناسەۋەتلىك تارماقلار بالىلار باغىچىسىنىڭ ھەق ئىلىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىشى ، بىر تەرەپتىن ھەق ئولچىمى تۇۋەن ،لىكىن بايلىقى كەمچىل بولىۋاتقاندۆلەت باشقۇرىشدىكى يەسلىلەرنىڭ ‹‹ياردەم خىراجىتى››ئېلىشى شامىلىنى توسۇش،يەنە بىر تەرەپتىن پوقراۋى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھەققىنى ‹‹ئەنگە ئېلىپ››لا قويماي ،ئەنگە ئالدۇرغان باھا بىلەن تەننەرخ ھىساپلاشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ،پايدىسىنى مەلۇم دائىرىدە كونتۇرۇل قىلىشى كېرەك.

مەنبە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى2014-يىل 24-ئۆكتەبىر سانىدىن(ئاپتۇرى :مۇھەبىبە مۇنىردىن )

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 09:33:56

يەسلى دىمەكچىما؟ مەن تىمىنى كۆرۈپ儿童公园نى ئويلىۋاپتىمەن:L

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 09:46:09

يەسلى دېمەكچى ئىكەن.مېنىڭ بالامممۇ شەھەرلىك 2.يەسلىدە ئوقۇيدۇ.باشقۇرۇش ھەققى 450سوم قوشۇلۇپ ئايلىقى تۇلۇق بارسا،ئايلىغى 700سومدىن ئۇشۇق يەسلى پۇلى تۆلەيمەن.ھېساپتا مۇشۇ ئەڭ ئەرزان ئىكەن.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:32:28

ئوغلۇم شەھەرگە قاراشلىق يېزا يەسلىسىدە ئۇقۇيدۇ. 100يۈەن ئىستوراخانىيە ھەققىدىن سىرت ھەق ئالمايدۇ، چۈشلىك تاماق، سۈت، پىرەنىك، مىۋە ھەقسىز.
بەش ياشقا كىردى، ئويناپلا ئۇقىۋاتىدۇ. ئونغىچە زورلىساق ئاران يازالايدۇ، ئائىلە تاپشۇرقى يوق. بولسىمۇ قول ھۈنەر سەنتىگە ئائىت ماتىيال تەييارلاش بۇيرۇلىدۇ. لىكىن ناخشا-ئۇسۇل نۇمۇر ئۇرۇنداش ئىقدىدارىنى ئابدان يېتەكلەيدۇ.
باللىقىدا، ياشلىقىدا ئويناپ چوڭ بولسا، كىيىن كىشلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن پايدىسى بار دەپ بوپتۇ دېدۇق. بولمىسا ئوينىيالمىغان ئۇيۇنلىرىنى ئالى مەكتەپكە چىققاندا ياكى جەمىيەتكە چىققاندا ئەركىنلىشىپ تۇلۇقلاپ ئوينىۋالىدىغاندەك…
ئالىم بولالمىسىمۇ، كۈنلىرىنى ھالال ئىشلەپ مەنىلىك بەخىتلىك ئۆتسىلا بولدى. ئالىم بولغىسى كەلسەقاچانلا تىرىشسا بولىدىغاندەك.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:18:52

بىزنىڭ بۇ يەردە تاماق تىن تارتىپ ھەقسىز پەقەت شۇ بايراملىق كىيىم كىچەككە پۇل ئالىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:39:36

شەھەر ئاھاللىرى بالىلار باغچىلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەق ئىلىشى ئەھۋاللىرىنى بايقىسا ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىكى ئورنىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ ،
دىمەك بالىلار باغچىسىنىڭ خالىغانچە ھەق ئىلىشى قانۇنغا خىلاپ ئىشكەندە ئەسلى.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:44:37

0996 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 10:32 static/image/common/back.gif
ئوغلۇم شەھەرگە قاراشلىق يېزا يەسلىسىدە ئۇقۇيدۇ. 100يۈەن ...

5 ياشقا كىرگەن بالا 10 غىچە يازالىغان بولسا، يامان دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلارئەتراپتىكى ھەممە نەرسىدىن قورقىدۇ. قۇرىنىدۇ. ئاتا، ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، يۈتۈپ كېتىشتىن، ئىشقىلىپ كېچە، كۈندۈز ۋەھىمە ئىچىدە قورقۇپ ياشايدۇ. بالىلار باغچىسى بالىلار ئۈچۈن ئاساسەن ئاتا، ئانىسىدىن ئايرىلىپمۇ كۈن ئۆتىدىغانلىقىغا كۆندۈرۈش، يات بالىلار بىلەن، يات چوڭلار بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە كۆندۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارمەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن روھى تەييارلىق ھازىرلايدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇقى ئارتۇق. ئامېرىكىدا يەسلىدە مۇنداقكەن، ئەڭگلىيەدە مۇنداقكەن، ئىچكىرىدە مۇنداقكەن - دەپ، يىراقتىكىگە ھەۋەس قىلىمىز، بىراق بالىلاردىكى نېرۋا بۇزۇقلىقى شۇنداق جايلاردىن كۆپ چىقىۋاتىدۇ. 16 ياشلىق، 18 ياشلىق بالىلار ئاممىۋى ھالدا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ تولىسى شۇنداق كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ يۇقىرى بېسىملىق تەربىيە سىستېمى يولغا قويۇلغان ئەللەردە كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئوقۇش، ئۆگۈنۈشيېشى 7 ياش. بەك ئالدىراپ كەتسە 6 ياشتىن باشلانشا كېچىككەن بولماس قېرىندېشىم. بالىمىزغا ئوقۇش بېسىمى قىلمىغان ياخشى. :D :P شۇڭا سىزنىڭكىدەك ئەزان باغچىغا تاپشۇرۇلسا ياخشى. بولمىسا كەتكەن پۇلغا چۇشلۇق نېمە ئۆگەندىڭ-دەپ، كىچىككىنە بالىنى تېخىمۇ قورقىتىپ قويىدۇ ئاتا ئانىلار.:Q :funk:

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:20:28

jan يوللىغان ۋاقتى2015-02-26 13:44:37 static/image/common/back.gif


5 ياشقا كىرگەن بالا 10 غىچە يازالىغان بولسا، يامان دېگى
»نېرۋا بۇزۇقلىقى» دىگەننى پىسخىكا توسالغۇسى دەپ ئالسىڭىز، جايىغا چۈشىدىغاندەك.
قوللىڭىغىنىڭىزغا رەھمەت.:handshake

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 18:02:02

0996 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 16:20 static/image/common/back.gif
»نېرۋا بۇزۇقلىقى» دىگەننى پىسخىكا توسالغۇسى دەپ ئالس ...

:handshake ;P

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 18:56:31

attir يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 14:18 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بۇ يەردە تاماق تىن تارتىپ ھەقسىز پەقەت شۇ بايرا ...

مىنىڭ ئوغلۇمغا ئايدا 600 كوي ئالىدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:00:09

udun007 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 18:56 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئوغلۇمغا ئايدا 600 كوي ئالىدۇ.

شەخسىلەر يەسلىسى ئوخشايدۇ ھۆكىمەت ئاچقانلىرى بىرتۇتاش ھەقسىز ،

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:05:10

attir يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 21:00 static/image/common/back.gif
شەخسىلەر يەسلىسى ئوخشايدۇ ھۆكىمەت ئاچقانلىرى بىرتۇت ...

ناھىيە ئىچىدىمۇ ھۆكۆمەت يەسلىسىگە200 يۈەن ئالىدۇ.

ھەممىدىن مۇھىمى بالىلارنىڭ تاماق مەسىلىسى.
بەت: [1]
: بالىلار باغچىلىرىنىڭ خالىغانچە باھا ئۆستۈرشىگە يول قويۇلمايدۇ.