uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:52:55

ئالتۇن سودا تەھلىلى 25 - 2


ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1229.9 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1236.84 دوللار، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1197.7 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1202.23 دوللار بولدى.
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى94.5دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1210دوللار بولدى.

ئاساسى ئانالىز

بۈگۈن ئاسىيا سودا ۋاقتىدا ، جۇڭگو بازىرى بايراملىق دەم ئېلىشتىن كېيىن نورمال ھالەتكە ئۆتتى ، ئاسىيا بازىرىدا ئېلان قىلىدىغان ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا سودا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 دىكى  ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىنى . ئامېرىكا سودا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا يېڭى ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، EIA خام نېفىت زاپىسى سانلىق مەلۇماتى ، بۇسانلىق مەلۇمات خام نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە ئۆزگىرىش بولسا باشقا بازار يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى  ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى ، ئاسىيا  بازىرىدا  ئالتۇن باھاسى بىرىنىجى قىتىم 1210 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە قىسقا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5  دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى1205-1201 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

2. چۈشلۈك ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توىتىتىپ پايدىسىنى 1210 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.ئەگەر 1210 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1215-1220 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

3. يىقىنقى كۈنلەردە ئالتۇن باھاسى  1220 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتا بىلەن 1190 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ئاساس قىلىپ تەۋرەنمەكتە ، ئالتۇن باھاسى بۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە 1220 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرالمىسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  چۈشۈش يۆلىنىشىگە قايتىپ 1190 دوللار دىن 1160 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ئىزدەيدۇ.   

بۈگۈنكى دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1220-1225 ، ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190-1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1182 ، بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180 ، بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1220

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ.

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 238.60 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.25 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛




يېللۇننىڭ سۆزى ئالتۇن بازارغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى

2- ئاينىڭ 24- كۈنى  شىمالىي ئامېرىكا بازىرىدا، خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئامېرىكا فېدراتسىيە (FED) رەئىسى يېللۇن (Janet Yellen) بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ 1190.52 گىچە بولغان ،  ئارقىدىنلا قاڭقىپ 1203.11 گىچە بولغان، يەنە تېز سۈئەتتە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتقان،ھازىرقى باھا 1194.68 دوللار ئەتراپىدا بولدى.
خۇيفېڭ پاي كونترول قىلىش شىركىتى (HSBC Holdings) نىڭ باش قىممەتلىك مېتال تەھلىلچىسى James Steel نىڭ قارىشىچە ، يېللۇننىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشى بازارغا نىسبەتەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئەندىشە قىلغۇدەك ئۇنچىۋالا  چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى،چۈنكى يېللۇن بىشارەت بېرىپ، ئامېرىكا ئىقتىساد تەرەققىياتى فېدراتسىيە ئاشكارا بازار كومېتىتى (FOMC) نىڭ كەلگۈسىدىكى بىر قانچە ئۆسۈم قارار يىغىنىنىڭ قايسىسىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى باشلايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس دەپ ئېيتقان.
تەھلىلچىنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە، يېللۇننىڭ سۆزىدىن  ئالتۇن بازار ئۇچرىغان بېسىم بىر ئاز پەسەيگەن، بۇ ئەھۋال قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.






خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالارمۇ ؟

      شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى (SNB) تاسادىپىي شۋېتسارىيە فرانكى بىلەن ياۋرو مۇناسىۋىتىدىن ۋاز كەچكەندىن بۇيان، بازاردىكىلەر ئۈزلۈكسىز دوللار يۆنىلىشى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خەلق پۇلى بىلەن دوللار مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالارمۇ دېگەنلەرنى ئويلىغان. ئەمەلىيەتتە خەلق پۇلى يېقىندىن بۇيان دوللارغىلا كۆز تىككەنلىكى سەۋەبىدىن، خەلق پۇلى قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولغان، بۇ ئەھۋالدا خەلق پۇلنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر " شۇم خەۋەر " ھېسابلىنىدۇ.   
    جۇڭگو مەركىزى بانكىسى (PBOC) نىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلنىڭ ئاخىرى، خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1190 يۈەن بولغان، 2013 - يىلنىڭ ئاخىرى 221 ئاساسى نۇقتا قىممىتى چۈشكەن بولۇپ، قىممىتى چۈشۈش دائىرىسى 0.36% بولغان.
    گەرچە خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسىنىڭ كىچىك دائىرىدە قىممىتى چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا راسچوت بانكىسى (BIS) نىڭ ھېساباتىغا ئاساسەن، 2014 - يىلى نامىي پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى 6.14% ئۆرلىگەن، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى 6.24% ئۆرلىگەن.
     2005 - يىلدىن 2014 - يىلىغىچە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتكەن، خەلق پۇلى نامىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى 40.51% ئۆرلىگەن، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى 51.04% ئۆرلىگەن.
ئۇنداقتا دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلىشىگە خەلق پۇلنىڭ زەربە بېرىشى ئەڭ تۆۋەن دېگەندە زادى قانچىلىك ؟ خەلق پۇلى بىلەن دوللار مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىغا ئامال ئىزدەش يېقىنقى كۈنلەردە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان.






ئاخشام پۇل مۇئامىلە بازىرىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر

      2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا، يېلۈننىڭ گۇۋاھلىق سۆزى تەسىرىدە دوللار يۇقىرى ئۆرلىدى. قىممەت مېتاللار باھاسىمۇ ئۆرلىدى، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى يۇقىرى ئۆرلىدى. بۇ سودا كۈندە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى.
     گرېتسىيگە ياردەم بېرىش پىلانى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئۇزارتىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يېلۈن گۇۋاھلىق سۆزىدە 6 - ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن، شۇ سەۋەپتىن ئالتۇن باھاسى تۆۋەن يۆنىلىشنى كۆرسەتكەن بولۇپ، نەق ئالتۇن باھاسى 1.80 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1199.70 دوللار ئەتىراپىدا بولغان؛ ئاخشام يېلۈننىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاش جەريانىدا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پىلانغا تىرەش كۈچى بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن، شۇ سەۋەپتىن قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە 3.50 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 1197.30 دوللار ئەتىراپىدا بولغان.
     بازارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، ھەم ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى API خام نېفىت زاپىسىنىڭ 8900000 تۇڭ ئاشقانلىقى سەۋەبىدىن، قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 0.17 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 49.28 دوللار ئەتىراپىدا بولغان.






خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى تۆۋەنلەشتىن توختىدى  

      2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەلق پۇلنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI دەسلەپكى قىممىتى ئەسلىگە كەلمىگەن ۋە دوللار كۆرسەتكۈچى ئاجىز يۆنىلىشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.
       بازاردىكىلەرنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە، بۈگۈن خەلق پۇلى يۆنىلىشى تۆۋەنلەشتىن توختىغان بولۇپ، ئاساسلىقى چاغان مەزگىلدە ساياھەت قاتارلىقلارغا ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىپ پېرېۋود قىلىپ سېتىۋالغان پۇلنى قايتۇرغانلىقى، ھەم ئوتتۇرچە باھا ۋە چەتئەل بازىرىدىكى خەلق پۇلى (CNH) ئاجىز ۋەزىيىتىگە تۈرتكە بولىشى سەۋەب بولغان.
      بۈگۈن دوللار / خەلق پۇلى سىستېمىلىق يېپىلىش باھاسى 6.2596 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈن يېپىلىش باھاسى 6.2551 يۈەن بولغان؛ بۈگۈن ئەتىگەنلىك بازاردا ئەڭ تۆۋەن باھاسى 6.2605 يۈەن بولۇپ، تۆۋەنلەشتىن توختىغاندىكى باھاسى 6.2612 يۈەن بولۇپ، پەقەت 7 نۇقتا. دوللار / خەلق پۇلى مەركىزى بانكىدىكى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1384 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1330 يۈەن بولغان.  
       سودىگەرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈنكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلۈننىڭ گۇۋاھلىق سۆزى خەلق پۇلغا ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىلىق بولدى؛ خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI دەسلەپكى قىممىتى گەرچە مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى بازار ئەھۋالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىدى، خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى ۋە چەتئەل بازىرىدىكى CNH يۆنىلىشىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدىكى ئاجىز ۋەزىيەتتە خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى خەلق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.

ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

) تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل (
ئەگەر سىز ئالتۇن سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودىنى تەپسىلى چۈشنىپ بېقىشنى خالسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛  

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:35:27

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار  ؛

ئۈندىدار سالونىمىز : uyaltun
تور ئادېرىسىمىز :  www.ilkan.cn
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 25 - 2