mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:33:25

ئەتلەس ئىشقى

مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان دوستلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ بىر ئەتلەس مەستانىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ھەرخىل پاسوندىكى ئەتلەس كىيىملەر، ئەتلەس نۇسخىلىق ھەرخىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تام قەغەزلىرى، پەقەت ئىپەكلا بولۇپ قالماستىن، تېگى ئوخشىمايدىغان ھەرخىل رەختلەر... ئىشقىلىپ ئەتلەس نۇسخىلىق بولسىلا مېنىڭ قىزىقىدىغان ۋە يىغىپ توپلايدىغان دائىرەمدە.
ئەتلەس نۇسخىلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئەتلەس نۇسخىلىق لاھىيەلەرگە، شۇنى لاھىيەلەيدىغان لاھىيىلىگۈچىلەرگىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۇ قېتىم ئۆيۈمنى ئەتلەس تېمىسىدا بېزەشنى ئويلاپ تەييارلىق قىلىۋاتقىلىمۇ خېلى بولدى. ئەتلەس خەلقئارادا ئىنگلىزچە Ikat print دەپ ئاتىلىدىغان رەخت نۇسخىلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كېلىپ چىققان ئورنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دەپ تونۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھىندىستان، ئافغانىستان، كەشمىر، شىمالىي ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ بىر ئاز پەرقلىق ئەتلەس نۇسخىلىرى مەۋجۇت. چەت ئەللەردە بۇ خىل نۇسخىلار پەقەت كىيىملەرگىلا ئەمەس، ھەممىلا نەرسىگە دېگۈدەك ئىشلىتىلگەن. ئىپەك، گىرىپ، پاختا رەخت، لەيكا، كەندىر تالاسى....قاتارلىق رەخت تۈرىدىكى ماتېرىياللار، تام قەغىزى، قاچا-قۇچا، چاقچۇق...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ.
  بىزنىڭ ئەتلىسىمىز خەلقئارادا «ئۆزبېك ئەتلىسى» دەپ تونۇلىدۇ. ‏سافا ياستۇقى، پەردە قاتارلىقلارنى تىكىش ئۈچۈن سۈپەتلىك ئەتلەس ئىزدەۋاتقىنىمدا، نۇرغۇنلىغان لاھىيەلىگۈچىلەرنىڭ uzbekalive دەپ ئاتىلىدىغان بىر توربەتنى ماختاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم ۋە كىرىپ كۆرۈپ باقتىم. بۇ توربەتتە بىردانە سافا ياستۇقى ماتېرىيالىغا قار 30-90 دوللارغىچە سېتىلىدىكەن. داستىخان قاتارلىقلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ قىممەتكەن. شۇنداق بولۇشىغا باقماي سودىسى ناھايىتى ياخشىكەن. ‏ھازىر چەت ئەللەردىكىلەرنىڭمۇ تاۋباۋ ئارقىلىق نەرسە سېتىۋېلىشى ناھايىتى قولايلىق. مەنمۇ بالىلىرىمغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاۋباۋ ياكى ئالى ئىكىسپرەس ئارقىلىق سېتىۋالىمەن. لېكىن مەن تاۋباۋدا قۇرۇق ئۈزۈم دېگەندەكلەرنى ساتىدىغان خەنزۇلارنى كۆردۈميۇ، تۈزۈك بىر دۇكان ئاچقان ئۇيغۇرنى كۆرمىدىم. بىزگە ئاشخانا ئېچىش بىلەن تاللا بازار ئېچىشتىن باشقىمۇ قىلىدىغان ئىش جىق. ئەقەللىسى تۆۋەندىكى رەسىملەردىكىدەك ئەتلەسلەرنى ئىشلىتىپ خەلقئاراغا تور ئارقىلىق ساتساقمۇ بولىدۇ.
--------------------------------------------------------
يۇقارقىلار مېنىڭ بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان يازمام ئىدى. بۇ يازمىنى يوللىغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئەتلەس لايىھىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار تونۇشتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈلمىرەنىڭ «جوڭگو ياخشى ئۇسۇلى» غا قاتناشقاندا كىيگەن ھالرەڭ ئەتلەس كىيىمىنى لاھىيەلىگەن كىيىم لاھىيەلىگۈچى ئالىم، يەنە «ئۈمىد يۇلتۇزى» نامى بىلەن ئەتلەس نۇسخىلىق قاچا-قۇچىلارنى لاھىيلەۋاتقان بىر بالا (ئىسمىنى ئۇنتۇپتىمەن) قاتارلىقلارمۇ بار. مەن بۇ يازمىنى يېزىپ بولغۇچە يۇسراننىڭ تېمىسىدا يەنە بىر مۇنچە ئەتلەس نۇسخىلىق نەرسىلەرنىڭمۇ رەسىمى چىقىپ ئۈلگۈرۈپتۇ، شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى رەسىملەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

  

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:40:09

تېمىنى يېزىپ بولالمايلا يوللىۋېتىپ قاپتىمەن. كېيىن بىلىشىمچە، بىزنىڭ ئەتلىسىمىزنىڭ نۇسخىسى ئۆزبېك ئەتلەسلىرىدىن پەرقلىنىدىكەن. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە زور كۆپچىلىكىمىز ئەتلەسنىڭ قايسى نۇسخىسىنىڭ بىزگە، قايسى نۇسخىسىنىڭ ئۆزبېك ۋە تاجىكلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. لېكىن كۆپچىلىكىمىزنىڭ يۇقاردىكى نۇسخىلارنى ئەتلەس نۇسخا دەپ تونۇشىمىز، ھەم بۇ نۇسخىلارنى ياقتۇرىشىمىز ئېنىق.
  ئەتلەس چوقۇم ئىپەك بولۇشى، چوقۇم مەلۇم بىر خىل پوسۇندا بولۇشى زۆرۈر ئەمەس. ئەجداتلىرىمىزمۇ نەچچە مىڭ يىلدا پەقەتلا بىر خىل مەدەنىيەتنى ياشىمىغان ھەم ياراتمىغان. ئەتلىسىمىزنىڭ پەقەتلا توي-تۆكۈنلۈك، مۇراسىملىق كىيىم بولۇپ قالماسلىقىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:43:32

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:07:50

ئەتلەسنى تۈركچە كۇتنۇ دەيدۇ. تۈركىيەدە ئەتلەس ئاساسەن گازىئانتەپ رايونىدا توقۇلىدىكەن. خۇددى بىز بىزنىڭ ئەتلىسىمىز دۇنيا داڭلىق دەپ قارىغاندەك، گازى ئانتەپلىكلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەتلىسىنى بىزنىڭ رەختىمىز دۇنياغا تونۇلۇپ كەتتى، دەپ ئويلايدىكەن. ھازىر توردىن بەزى تۈركىيە ئەتلەسلىرىنىڭ رەسىمىنى تاپتىم:

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:13:10

بەكلا چىرايلىقكەن، بىزدىمۇ مۇشۇنداق مەھسۇلاتلار بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:16:20

ئەتلەسنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان زور ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى راست. 2013-يىلى H&M ئەتلەس نۇسخىلىق كىيىملەرنى ناھايىتى جىق بازارغا سالغان. oysho مۇ يۇسراننىڭ تېمىسىدا بەزىلەرنىڭ كۆرگۈسى كېلىپ كەتكەن كىيىملەرنى سالغان. ھازىرمۇ بازاردا ناھايىتى جىق. Coach نىڭ ئەتلەس نۇسخىلىق سومكىلىرى بار، Aldo نىڭ ئاياغلىرىمۇ بار. ئالدىنقى كۈنى قارىسام جىن شىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر ئەتلەس چىپاۋ كىيىپ بىر پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغىلى تۇرۇپتۇ.
لېكىن بىزنىڭ كۆپچىلىكىمىزنىڭ نەزەرىدە ئەتلەس بىرەر ئالاھىدە كۈندە كىيىدىغان كىيىمىمىزنىڭ رەختى خالاس. مۇشۇ چىرايلىق نۇسخىلاردىن ھەممە ئادەم پايدىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھېچبولمىسا بىر ياكى بىر قانچە ئەتلەس نۇسخىنىڭ ئىگىسى بولمىش بىزنىڭ ئەتلەستىن پايدىلانماستىن تاشلاپ قويۇشىمىز ئەخمىقانىلىك ئەمەسمۇ؟

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:16:51

رەھمەت!ئەتلەس ھەقىقەتەن چىرايلىق.لىكىن ئەتلەس قىمەتكەن ئەمەسما!شۇڭا ئايالىم ئەتلەس كىيىتتىم دەپ غەلۋە قىلسا،ئەتلەس بەك رەڭلىككەن.سىدامراق بىرنەرسە كەي دەپ قۇيىمەن،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:27:10

گەرچە مەن ئەر كىشى بولساممۇ   ئەتلەس دىگەن باشقىچە چىرايلىق كۆرىنىدۇ ماڭا ....   
2000- يىلى تىجارەتتە قاقسەنەم بولغاندىن كىين باشقىلاردىن ئازراق پۇل قەرىز ئېلىپ   سۇجۇدىن  يىپەكنى ئەكەلدۈرۈپ  خوتەن شامالباغدا   باشقىلارغا پۇل بىرىپ  ئەتلەس  توقۇتتۇق    ھەم  خېلىلا  پايدا قىلغان ئىدى ئۇنىڭدا ......  قولىمىز يەنە قايتىدىن تۇتاملاپ پۇل كۆرگەن ئىدى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

koknur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:52:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koknur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 19:54  

باشئەگىم كىيىم -كېچەك شىركىتىمۇ شۇنداقراق ئىسىمدە ‹‹كۆڭۇلدىكى سۆز››پروگىراممىسدا تۇنۇشتۇرغان  ئەتلەستىن ياخشى كىيىملەرنى لاھىيىلەپ چىقىپتىكەن ،شۇنى كۆرۇپ ئەتلەس كۆزۇمگە شۇنداق مېھىرىلىك كۆرۇنگەن .........

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:57:44

بولۇپمۇ يىقىندا ئۇيغۇر يىزىقى يىزىپ لاھىلەپ چىققان توي كىيىمى ماڭا بەك يارىدى ،شۇنداق پەيزى ،مۇشۇمۇ بىر يىڭىلىق يارىتىشتە.

sekine يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 20:20:21

ماڭىمۇ بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ ئەتلەس نۇسخىلىق بۇيۇملار. ھەم ئۆزۈممۇ بەك ئامراق. تاۋباۋ تورىدا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ دۇكىنى بار. ئەتلەس نۇسخىسىدىكى سومكا كىيىم ـ كىچەك  يەنە ئاياق قاتارلىق نەرسىلەرنى ساتىدۇ. ئۇ قىزدىن بىر كۆك ئەتلەس نۇسخىسىدا  تىكىلگەن قاپتۇرغا سېتىۋالغانتىم. بەك ئامراق ئۇ قاپتۇرغامغا. باھاسىمۇ ئەرزان.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 21:13:00

سىز تۇرپانلىقما سەكىنە ياكى؟ بولسا ئاۋۇ قىزنىڭ تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسىنى دەپ بەرسىڭىز...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 21:53:23

قاپتۇرغا دىگەن نىمۇ ئۇ ؟
بەت: [1] 2
: ئەتلەس ئىشقى