Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:34:13

كىمدە يەرلىك شاپتۇل ۋە توغاچنىڭ ئېسىل سورتى بار؟

دوستلار ياخشىمۇسىلەر! بىزنىڭ ئىككى يەردە 130مو باغ بار ئېدى، ئاساسلىغى ياڭاق ۋە ئۆرۈك. ئۆتكەن يىلى باغنىڭ مېۋە سورتلىرىنى ياخشىلاي دەپ 300تۈپ ئەتراپىدا ئالما، 200تۈپ گىلاس، 600تۈپ شاپتۇل كۆچىتى قويغان. ئالما ۋە گىلاس كۆچىتى سورتلۇق كۆچەت ئېدى، شاپتۇل كۆچىتى بولسا ياۋا كۆچەت ئېدى. بۇ يىل شۇ شاپتۇل كۆچەتلىرىنى ئۇلىماقچى. بۇ شاپتۇللارنى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە توختىماي پىشىدىغان ھەرخىل يەرلىك ئېسىل شاپتۇل سورتلىرىغا ئۇلىماقچى ئېدىم. لىكىن ھازىر كۆڭلۈمدە سان تۇرغۇزۇپ قويغىنىم ئارانلا 5سورت، ئەتراپىمدا باشقا ئىشەنچلىك ۋە سورتى ياخشى شاپتۇل توغاچ مەنبەسى ئاز بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق، تورداشلاردا ئېسىل شاپتۇل، توغاچ سورتلىرى بولسا ئۇلاپ كېڭەيتىۋالسام دىگەن ئارزۇدىمەن. خالايدىغان تورداشلار بۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۇچۇر قالدۇرساڭلارمۇ ياكى ماڭا ئۇچۇر يېزىپ قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. كۆچەتلىرىم مېۋىگە كىرگەندە ئەجرىڭلارنى ھەرگىزمۇ يەردە قويمايمەن!

urkesh9 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:55:01

يەرلىك شاپتۇلنىڭ گېپىنى قىلماڭ جىما،،! ئېجارىگە بېرىۋەتكەن ھويلامدا بىر تۈپ يەرلىك شاپتۇل باتى،يەرلىك بوغىنىدىمۇتاپقىلى بولمايدىغىنىتى ئەمەسما،، ئېجارە ئالغان بولۇمسىز يالاڭتۆش سۇمۇ قۇيۇپ قويماي قۇرۇتىۋىتىپتۇ،، قورۇدى تۈگىدى ،،شېرن تەمى ئەسلىمىلا بوپ قالدىدە ئېسىت..

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:07:41

مەندە توقۇزىنچى ئايلاردا پىشىداغان مىللى ياما تۇغاچ با، تەمى ئالاھىدە ياخشى، يەككە ئېغىرلىقى ئەڭ چوڭى 150گىرامدىن ئاشىدۇ ئۇبدان پەرۋىش قىلسىڭىز

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:13:35

ھە راس ئۈكچىسى تاتلىق يەرلىك شاپتول سورتى لازىم ئىدى ماڭا، ياردەم قىلساڭلا خورسەن بۇلاتتىم

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:16:27

ژىلدا باسۇنغا بېرىپ شاپتۇل يەپ كېلىمىز باللا بىلەن.بەك تاتلىق شاپتۇلى {:112:}

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:33:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-25 21:35

ياز كۈنى خوتەننىڭ ھەر قايسى ناھىيە يىزىلىرىغا بىرىپ، شاپتۇل سىتىۋاتقانلاردىن سوراپ، ئارخىپ تۇرغۇزىۋىلىپ، ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا، شۇلارنى ئىزدەپ شاپتۇللىرىنىڭ بىخلانغان شاخلىرىنى ئىگىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن كىسىۋىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بىغىدىكى شاپتۇللارنى ئۇلىۋالسىڭىز بولاتتى.

ئەمدى ھازىر ئوبدان ئۈلگۈرەلمەيسىز.چۈنكى: خەقنىڭ شاپتۇلىنى يەپ، تىتىپ باقماي ئۇلىغىنىڭىز بىلەن، كىيىن مىۋىسى ياخشى بولمىسا قىلغان ئەجرىڭىز زايا كىتىدۇ.

ھەر سىرىق ئەتلىك شاپتۇللارمۇ بار.
ئەڭ نوچىسى: تەكە شاپتۇل، قىزغۇچ يەرلىك ئەش شاپتۇل. قىزىل ياما، سىرىق ئەتلىك شاپتۇل قاتارلىقلار ئەڭ نوچىسى.

يىزىلاردا شاپتۇل-ئۈرۈكلەرنى چالا قويماي كىسىۋەتكەچكە، ھازىر تاپماق تەس بوپ كەتتى.

خوتەن شەھىرىدە شاپتۇللارنىڭ ياخشىلىرىنى ھەر كىلوسىنى 25 يۈەندىن كام قويماي ساتىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 07:10:11

   شاپتۇل بىلەن ئۈرۈكنىڭ ياخشى سورتلىرىنى تاپماق بەك تەس ، بىز ئۇلىساقمۇ ئۇلاتماقچى بولغانلار سورتىنى تېپىپ بەرسە ئۇلاۋاتىمىز ھازىر ،،،،،

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 07:17:09

خوتەننىڭ يەرلىك كۆك شاپتۇلى بىلەن چىرا تۆۋەنجاي كەنتىنىڭ توغىچىنى ئۇلىتىڭ،بۇ توغاچ بەك تەملىك،توغاچنى ئۇقۇشۇپ بېرەلەيمەن
ئورنىڭىزنى دەپ بەرمەپسىز

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:10:34

qassap يوللىغان ۋاقتى2015-2-25 19:16 static/image/common/back.gif
ژىلدا باسۇنغا بېرىپ شاپتۇل يەپ كېلىمىز باللا بىلەن.ب ...

سىزدىگەن باسون دىگەن قايسى يۇرت ئۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:12:19

Tozimas يوللىغان ۋاقتى2015-2-25 19:07 static/image/common/back.gif
مەندە توقۇزىنچى ئايلاردا پىشىداغان مىللى ياما تۇغاچ ب ...

   :D :D :Dمىللى توغاچ دەڭ!! ئەمما يارمىلىقى ۋە كىيىن پىشارلىقى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك سورت ئىكەن!ماڭ بىرنەچچە تال كۆز بېرەلەرسىزمۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:16:29

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 07:10 static/image/common/back.gif
شاپتۇل بىلەن ئۈرۈكنىڭ ياخشى سورتلىرىنى تاپماق بەك تە ...

ئۆرۈكنىڭ ياخشى سورتى دىسىڭىز بىزدە بار، سەمەت ئۆرۈك بىلەن بارىن سوقا ياغلىق ئۆرۈكى. ماۋۇ شاپتۇل ۋە توغاچ كۆلەملىك بولمىغاندىن كىيىن ئېسىل سورتىنى يىغماق تەسرەك بولۇۋاتىدۇ.... ئاشۇنداق ئۇلاش جەريانىدا ھەر سورىتتىن 1-2تۈپكە ئۇلاپ سورت قالدۇرۇۋالىدىغان ئىش ئېدى......

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:14:26

بۇلىدۇ بىرەي، مىللى دىگەن گەپ سىزگە غەلىتە ئاڭلانغانغا قارىغاندا سىز قەشقەردىندەك قىلىسىز!…

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:15:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-26 13:21

……………

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:34:24

بۇ مىنىڭ ئاكامنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھەر خىل مىۋىلىك كۆچەتلەرنى يىتىشتۈرۈپ سېتىپ چىقىرىدۇ. تېلفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭ. قەشقەردەنۇمۇرى : 13565666894

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:34:38

بۇ مىنىڭ ئاكامنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھەر خىل مىۋىلىك كۆچەتلەرنى يىتىشتۈرۈپ سېتىپ چىقىرىدۇ. تېلفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭ. قەشقەردەنۇمۇرى : 13565666894

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:44:37

تېما ئىگسى ئاقتۇ غا يىقنما ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:08:06

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 09:10 static/image/common/back.gif
شاپتۇل بىلەن ئۈرۈكنىڭ ياخشى سورتلىرىنى تاپماق بەك تە ...

گۇما ناھىيسىنىڭ باشلەنگەر يىزىسى ۋە قوشتاغ يىزىلىرىدا قىزىل يۇپۇرماق ئۈرۈكى دەپ بىر ئۈرۈك سورتى بار،

ھەر يىلى يازدا ئۈرۈمچىگىلا ئىلىپ كىتىدىكەن.

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:16:54

ئۆچكىدە مال قىلما، شاپتۇلدا باغ قىلما.... دىگەن ماقالا ئىسىمگە كېلىپ قالدى.ن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:30:08

شاپتۇللۇق باغدا قەسەم بەرگەن ئەزىمەتلەر ئىسىڭىزگە كەلمىدىما ؟

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 07:25:12

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستىدىكى ئۆمەرجان مۇئەللىمنى ئىزدەڭ ،ئەڭ تەپسىلىي ئەڭ ئىشەنچلىك ماتېرياللارنىڭ ھەممىسى شۇ ئادەمنىڭ قولىدا ،ئاجايىپ ھۆرمىتىم با جۇمۇ .
بەت: [1] 2
: كىمدە يەرلىك شاپتۇل ۋە توغاچنىڭ ئېسىل سورتى بار؟