Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:34:10

تولا ئۇچىدىغانلار ئۈچۈن پىچەت ئەپ - 航旅纵横

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 12:03  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى. زامانلار بوپ كېتىپتۇ تېما يوللاپ باقمىغىلى. بۈگۈن ھەر قايسىڭلارغا ناھايىتى قوللىنىشچان بىر ئەپنى تەۋسىيە قىلىپ ئەكەلدىم.
تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىغا ئەگىشىپ، ئارىمىزدا نەچچە كۈندە شەھەرمۇ-شەھەر ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان «ئۇچار قانات» لار بارغانسىرى كۆپەيگىلى تۇردى. بۈگۈنكى بۇ ئەپ - بىزنىڭ ئۇچماقچى بولغان ئايرۇپىلانىمىزنىڭ ئۇچۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندىن سىرت، ئىلگىرى ئۇچۇپ باققان بارلىق ئۇچۇش لىنىيەرىمىز ۋە كېلومېتىر سانىمىزنى ستاتىستېكا قىلىپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدارى بولسا بۇ ئەپنىڭ مۇشۇ خىلدىكى باشقا ئەپلەردىن بىر پەرقى. باشقا ئىقتىدارلىرى بىلەن تۆۋەندە تونۇشۇپ چىقايلى.



ئاۋال ئەپنى ئېچىپ ئۆزىمىزنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە كىملىك ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق تىزىملىتىمىز. (تىزىملىتىش باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ يۈرمىدىم.) تىزىملاتقاندىن كىيىن ئەپ ئاپتۇماتىك ھالدا كىملىك نومۇرىمىز ئارقىلىق جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر مەركىزىدىن بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇش تارىخىمىز، لىنىيەلىرىمىز ۋە كېلومېتىر سانىمىزنى ئوقۇپ ئالىدۇ. بۇنى ئىلگىرىكى ھېچقانداق بىر ئەپتە كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.   ئېكراندا بىزنىڭ مۇشۇ ئۇچۇرلىرىمىز كۆرىنىدۇ.

(ئايفون ئېپى بويىچە) سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئۈچ سىزىقنى باسساق ئاستىدا مېنىڭ 2014 ىم  دېگەن جاي كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىن سىز ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئۇچۇش تارىخىڭىزنى ھەر خىل قىزىقارلىق ستاتىستېكا شەكلىدە كۆرەلەيسىز.



يەنە كىم يول تەرەپتە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؟:D


بويىڭغا سەل ئامراق چىقىپ قاپتىمىز. (شىنجياڭ تەۋەسىدە ئەيرباس ئۇچمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟) :shutup:


ئۇنىڭدىن باشقا بىز بۇ ئەپنىڭ باش بېتىدىكى ئۇچۇش سائېتىمىز، ئۇچۇش ئارىلىقىمىز ۋە ئۇچۇش قېتىم سانىمىز دېگەن جاينى بېسىپ تېخىمۇ تەپسىلىي سىتاتىستېكىغا ئېرىشەلەيمىز. مەسىلەن، بۇنىڭدەك.



ئۇچۇش ئۈچۈن تۇغۇلغان يەنە بىر «ئۇچار قانات» نىڭ ستاتىستكا جەدۋېلى.



يۇقارقىلار بۇ ئەپنىڭ بىز ئىلگىرى ئۇچقان دۆلەت ئىچى ھاۋا لىنىيەلىرىنىڭ ئومومى يىغىندىسى.  دۆلەت سىرتىدا ئۇچقانلىرىمىز بۇنىڭ سىرتىدا. بىز ئەمدى بۇ ئەپ ئارقىلىق پەقەت مۇشۇ ستاتىستېكىغىلا ئېرىشەلەمدۇق؟ باشقا ئالاھېدىلىكى يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. تېمىنىڭ بېشىدا دېگەندەك، بۇنداق ستاتىستېكا جەدۋېلى بۇ ئەپنىڭ باشقا ئەپلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەپ بىز بېلەت ئالغان، يەنى، كىملىك نومۇرىمىز جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر مەركىزىگە تىزىملىتىلىپ بېلەت كېسىلگەن شۇ پەيتتە بىزگە ئەسكەرتىش شەكلىدە بېلەت ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇ ھەتتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ سىزنىڭ تېلېفونىڭىزغا يوللىغان ئۇچۇردىنمۇ تېزرەك كېلىدىكەن. سىز باشقىدىن ئۆزىڭىز ئايرۇپىلان نومۇرىڭىز ۋە چېسلانى تاللاپ قوشۇپ ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز پەقەت ئۈنۈملۈك بېلەت ئالسىڭىزلا بۇ ئەپ سىزنىڭ ئۇچۇش لېنىيەرىڭىزنى بىرنى قويماي نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، كېچىكىش ۋە بىكار قىلىنىش دېگەندەك مۇھىم ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

مېنىڭ ھازىرچە كەلگۈسىدە ئۇچۇش لېنىيەرىم بولمىغاچ ئۇ رەسىمنى قىستۇرالمىدىم. نەچچە كۈن بۇرۇنقى ئىشلىتىلىپ بولۇنغان ئۈرۈمچى-قەشقەر سەپىرىنى مىسالغا ئالساق :



بۇ ئۇچۇرلارغا قاراڭ. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان باشقا ئەپتە ئىشلىتىلىپ بولغان بىلەتنى كۆرگىلى بولمايتى. لېكىن بۇنىڭدا شۇ قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتلار باركى، بىزنىڭ نەچچە پارچە يۈك-تاقىمىزنىڭ بارلىقى، ئېغىرلىقىنىڭ نەچچە كېلوگرام ئىكەنلىكى، ئورۇن نومۇرىمىز، ھەتتا بىلەت باھاسى دېگەندەك ئۇچۇلارنىڭ ھەممىسى باركەن. ئۇچۇرنىڭ بۇ قەدەر ئىنچىكىلىكى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى.

ئەگەر بىز ئىچكىرى ئۆلكىدىكى چوڭ شەھەرلەردە سەپەر قىلماقچى بولساق، ئېلىكترونلۇق ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتىسى بېجىرىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرتۈشتىن تېلېفوننى تەڭلەپلا ئۆتۈپ كېتەلەيمىز.
يۇقارقىسى ئىشلىتىلىپ بولۇنغان بېلەت. ئەگەر ئۇچۇش ئالدىدىكى بىلەت بولسا، بۇ قېتىملىق ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ قەيەردىن كېلىپ ئاندىن سىزنى ئېلىپ ماڭىدىغان ئايرۇپىلان ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئايرۇپىلاننىڭ سىز تۇرغان ئايروپورتقا كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى، ئايرۇپىلاننىڭ يېشىنى، تىپىنى ۋە ئورۇن رەسىملىرىنى دېگەندەك تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭغا قىستۇرما رەسىم تاپالمىدىم. چۈنكى ئىشلەتكەندە رەسىم تۇتىۋالماپتىمەن.
بىز ئايروپورتقا كېلىپ يۈك-تاقىنى بەرگەندىن كىيىن قايتىپ چىقىپلا بۇ ئەپكە قارىساق، يۈك-تاقىنىڭ سانى، ئېغىرلىقى ۋە ئورۇن نومۇرىمىزنى كۆرەلەيدىكەنمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئايرۇپىلانغا چىقىش ئىشىك نومۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ھەتتا ئايروپورتنىڭ خەرىتىسىمۇ كۆرىنىدىكەن. بۇ خەرىتە ئارقىلىق سىز بارىدىغان ئىشىك ئالدىغا ئېزىپ قالماي بارالايدىكەنسىز.
مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كىيىن تېلېفوننى ئاچسىڭىزلا سىزنىڭ تېنچ ئامان يېتىپ كېلىۋالغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر يوللايدىكەن. ھەتتا سىزنىڭ مانچە دانە جەمئىي مانچە كېلولۇق يۈك-تاقىڭىز بار، مانچىنجى نومۇرلۇق يۈك-تاق ئېلىش سۇپىسىدىن ئېلىۋېلىڭ دەپ چىقىدىكەن. ئالامەت !!!

بۇ ئەپنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر بىز كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىقتىدارى باركەن. ئۇ بولسىمۇ - ئايروپورت رادارى!



ئەڭ دەسلەپ بۇ جاينى باسقىنىمىزدا ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئايروپورتنىڭ رادارىدىكى ئايرۇپىلانلارنى تىزىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىكى خالىغان بىر ئايرۇپىلاننى چەكسەك ئۇنىڭ تەپسىلاتى چىقىدىكەن (ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك).
ئەگەر خەرىتىنى كىچىكلىتىپ كۆرىدىغان بولساق، خەرىتە دائىرىسىگە چۈشكەن، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر مەركىزىدىكى بارلىق ئايرۇپىلانلارنى تىزىپ چىقىدىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:



بىز يۇقىرىدىكى نۆۋەتتە ئۇچىۋاتقان 891 دانە ئايرۇپىلاننىڭ خالىغان بىرسىنى چېكىپ ئۇنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدىكەنمىز. بۇ ئاجايىپ ئېسىل ئىقتىداركەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەپ جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئايروپورتنىڭ «كىرىش ۋە چىقىش ئېكرانى» ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. ئايروپورتتىكى ھەر قايسى ئايرۇپىلانلارنىڭ كېلىش ۋە ئۇچۇش ۋاقتىنى مۇشۇ ئەپ ئارقىلىقلا ئەڭ توغرا شەكىلدە كۆرەلەيمىز.





خوش، بۇ ئەپنى ئالدىنقى مەزگىلدە ئالما ئەپ بازىرىدا 1 دوللارلىق ئەپلەر 1 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەندە بۇ ئەپنىڭ ھەقلىق نەشىرىنى 1 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم. ھازىر قارىسام بۇ ئەپ ھەقسىز تۇرىدۇ. مۇشۇ ئىقتىدار بىلەن 10 دوللارغا ساتسىمۇ تولا ئۇچىدىغانلارغا بىكارلىقلا ئەپ ئىدى. لېكىن ھازىر ھەق تۆلىمەيلا چۈشۈرىۋالالايدىكەنسىز.

تۆۋەندىكى ئىككىلك كودنى سكەننىرلەپ چۈشىرىۋېلىڭ:



ئايفوننىڭ پرو نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى :
https://itunes.apple.com/cn/app/hang-lu-zong-hengpro-guan/id768160271?mt=8

ئايپەد نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى :
https://itunes.apple.com/cn/app/hang-lu-zong-henghd/id689630278?mt=8

ئاندرويىد تېلېفونغا يۇقارقى ئىككىلىك كودنى سىكەننىرلەپ چۈشۈرەلمەي قالسىڭىز، بۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ:
http://www.umetrip.com/about/download.html?hrefParam=cli

ئەپ يارىغان بولسا تېمىدىكى «ئەلا» نى بېسىۋېتىسىز ھەقىچان :D

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:49:02

يەلتاپاننىڭمۇ بوپ قويىدۇ

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:50:02

تۈزۈت قىلماي چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە!!!!!!

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 12:17:58

بۇ ئەپنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا خېلى بوپقالدى . ئارپىلەنگە تولا چىقىدىغانلاغا نىسبەتەن زادى بەلەن ئەپ بۇ ... مەنمۇ ماختىشىپ بىرەي :lol

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 12:26:50

:shutup:

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:39:16

{:92:}{:92:}

koknur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:38:53

بۇلىدىكەن پەسىل قۇشلىرىدەك ئۇچۇپ يۇرۇيدىغانلارغا:lol:lol:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 07:20:14

مەن 去哪儿ئىشلىتەتتىم،ئۇنۋېرسال ئىدى بۇ ئەپ،پويىز،ئايروپىلان،ماشىنا بېلىتىدىن تارتىپ ئالغىلى بولاتتى

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:40:25

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 07:20 static/image/common/back.gif
مەن 去哪儿ئىشلىتەتتىم،ئۇنۋېرسال ئىدى بۇ ئەپ،پويىز،ئايرو ...

سىزنىڭ دېگىنىڭىز بېلەت ئالىدىغان ئەپ. بېلەت ئېلىپ ئالغان بېلىتىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە بىلگىلى، ئۇچۇرلىرىغا ئەگەشكىلى بولىدۇ. لېكىن ماۋۇ ئەپتە بېلەت ئالغىلى بولمايدۇ. ئىككىسىنىڭ ئىقتىدارى باشقا-باشقا.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:01:06

سىز پاسىبان تورىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇغۇ دەيمەن، ئايفون توغرىسىدا ئاز تولا ئۆگىنەي دەپ تور بېتىڭىزگە تىزىملىتىمەن دىسەم تەستىق كودى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. تىزىملىتالمىدىم، مومكىن بولسا تەستىق كودى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:24:52

بىلەتنى باشقا يەردىن سىتىۋالساقمۇ ئۇچۇرلىرىمىزنى كۆرگىلى بولامدۇ؟ياكى چوقۇم مۇشۇ ئەپ ئارقىلىك بىلەت سىتىۋالغاندىلا كۆرگىلى بولامدۇ؟ئاۋارە قىلدىم.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:30:38

sipartak يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 15:24 static/image/common/back.gif
بىلەتنى باشقا يەردىن سىتىۋالساقمۇ ئۇچۇرلىرىمىزنى كۆر ...

قەيەردىن سېتىۋالغان بولشىدىن قەتئى نەزەر كۆرسىتىپ بىردىكەن، مۇشۇ تىمىنى كۆرۇپ چۈشۈرگەن مەن بۇ ئەپنى، ھەممە نىمىنى چىقىرىپ بىرىپ قالاپ ئوتتادى.

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 22:21:38

ئە چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام، 开发商: China Travelsky Technology Limited
2010-2012 中国民航信息网络股份有限公司 © دەپ تۇرىدۇ. قارىغاندا ئىشەنچىلىك ئەپكەن.

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:23:08

.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pitbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 14:30  

                               .        

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:14:50

taklimakan10 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:01 static/image/common/back.gif
سىز پاسىبان تورىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇغۇ دەيمەن، ئايفون توغ ...

قايسى ئىسىمدا تىزىملاتتىڭىزكىن بىلمىدىم. تەستىقلىۋەتتىم. قاراپ باقارسىز.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:16:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 11:17  

sipartak يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 15:24 static/image/common/back.gif
بىلەتنى باشقا يەردىن سىتىۋالساقمۇ ئۇچۇرلىرىمىزنى كۆر ...

بۇ ئەپ بىلەن بېلەت سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئالغان بىلەتكە ئاساسەن ئايروپورت ۋە شۇ قېتىملىق ئايرۇپىلانلىرىڭىزنىڭ ھەر خىل ئۇچۇرلىرىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ. كىملىك بىلەن باغلىسىڭىز، سىز بېلەتنى ھەرقانداق يەردىن ئالسىڭىز، پەقەت سىزنىڭ كىملىك نومۇرىڭىز ئارقىلىق ئېلكترونلۇق بېلەت نومۇرى ھاسىل بولسىلا ئاپتۇماتىك سىزگە ئەسكەرتىش يوللايدۇ.

Ultash يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:28

بەك ئىسىل ئەپ ئىكەنتۇق .........خەلقئارالىق بىلەت ئالغاندىمۇ  ئەپ  سىزدەپ  ئۆتكەن ئىقتىدارلىرى بىلەن ئىشلەمدىغاندۇ ؟   چەتئەل ئايدىروملىردىمۇ  ئوخشاشلا  يول باشلاپ قىلالامۇ ؟      
بەت: [1]
: تولا ئۇچىدىغانلار ئۈچۈن پىچەت ئەپ - 航旅纵横