«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 17 ياشقا كىردى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 09:34http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/25/0.jpg
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 17-يىلىغا قەدەم قويدى.
ژۇرنال نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان رۇسۇل ژۇرنىلىمىزنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بەش يىلدىن بۇيان ژۇرنالنىڭ خاسلىقىنى، ئەسلى نىشانىنى چىقىش قىلىپ ژۇرنال باشقۇرۇپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە ژۇرنال مۇقاۋىسىدا دىيارىمىزدىكى IT مۇتەخەسسىسلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ كەلدۇق.
مانا شۇ تاپتا ژۇرنالنىڭ 2015-يىللىق 2-سانى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىدىمۇ خۇددى ئىلگىرىدىكىدەكلا نۇپۇزلۇق ماقالىلەر بېسىلغاندىن باشقا، دىيارىمىز IT ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان شەخسلەر داۋاملىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.
1. IT ساھەسىدە ماقالە يازالىسىڭىز ياكى تەرجىمە قىلالىسىڭىز، ug.pclife@live.cn غا يوللاڭ. بۇ ئارقىلىق ئۇنۋان ئالالايسىز، قەلەم ھەققىگە ئېرىشەلەيسىز، ژۇرنىلىمىزنى قوللىغان بولىسىز. ئەڭ مۇھىمى ژۇرنالدىكى ماقالىڭىزنى كۆرگەندە، چىرايىڭىزدا تەبىئىيلا خۇش تەبەسسۇم ئەكس ئېتىپ قالىدۇ.
2. IT ساھەسىدە شىركەت قۇرغان بولسىڭىز شىركىتىڭىزنى رەسىملىك، يېزىقلىق ھالەتتە تونۇشتۇرۇپ، ug.pclife@live.cn غا يوللاڭ. بىز شىركىتىڭىزنى كەم دېگەندە بىر سان ژۇرنالدا ھەقسىز تەشۋىق قىلىپ بېرىمىز.
3. ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت پىروگراممېرى بولسىڭىز، تەكشىلىك ياكى 3D لايىھەلەش ئۇستىسى بولسىڭىز، يان تېلېفون ساھەسىدە خاس يول ئاچقان بولسىڭىز، قاتتىق دېتال لايىھەلەش، ئىشلەش جەھەتتە تەجرىبىلىك ئۇستىكار بولسىڭىز ئىلگىرى ژۇرنالنىڭ 2-مۇقاۋىسىدا تونۇشتۇرۇلغانلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆلچەملىك بىر نەچچە پارچە سۈرىتىڭىزنى، نەتىجىلىك ئەمگەكلىرىڭىز تونۇشتۇرۇلغان 15-20 قۇر ئەتراپىدىكى تەرجىمىھالىڭىزنى ug.pclife@live.cn غا يوللاڭ. بىز سىزنى دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى بىردىنبىر IT ژۇرنىلىدا ھەقسىز تونۇشتۇرىمىز. ئىش-ئىزلىرىڭىزنىڭ ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ تارىخقا پۈتۈلگەنلىكىدىن بىر چاغلاردا بالىلىرىڭىز بولسىمۇ پەخىرلىنىپ قالىدۇ.
زۆرۈر بولسا تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، مەسئۇل مۇھەررىر ئەمەتجان رۇسۇل بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
تېلېفون: 8554814-0991
يان تېلېفون: 13999947028
ئېلخەت: ug.pclife@live.cn
ئۈندىدار: xjcfan_qismet
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/25/1.jpg
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/25/2.jpg
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/25/3.jpg
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/25/4.jpg
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/25/5.jpg
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىئەمەتجان رۇسۇل
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى
مەنبە: http://bbs.xjcfan.com/thread-4317-1-1.html مۇبارەك بولسۇن .. مۇبارەك بولسۇن. مەنمۇ بۇ ژورنالنى بەكلا ياختۇرىمەن. بۇ بىلدۈگىنى كۆپرەك تارقىتىپ قۇيايلى. كومپيۇتېر دۇنياسى ۋاقتىدا ئېسىل ئىدى بۇ ژورنال..
بارغانسېرى خاسلىقى يوقىلىۋاتىدۇ...
بۇرۇن ھەرخىل ئېسىل سۇئال جاۋابلار، تېخنىكىلار، ئەمەلىي قوللىنىشچان بىلىملەر يوللىناتتى، ھازىر شۇ كومپيۇتېر تېلفونغا ئائىت نەرسە بولسىلا نەرسە چىقمىغاندەك مەجبۇرى يوللىنىلىۋاتىدۇ......
سەمىمىي تەكلىپ............ 2002-يىلىغۇ دەيمەن. بىر ساندا كومپيۇتېردا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز تېلىفۇن قىلىپ ياردەم سوراڭ دەپ بىر تېلىفۇن نومۇرىنى ئېلان قىلغان. شۇ نومۇرغا تېلىفۇن قىلىپ بەزى قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلغان ئىدىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹‹كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش››ژورنىلىغا ھەم ئاشۇ تېلىفۇندا تېخنىكىلىق مەسلىھەت بەرگەن كىشىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىغا كومپىيۇتىردىكى كۆرۆلگەن كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىلغار بولغان يۇمشاق دىتال ئىشلىتىش چۈشەندۈرىشىنى كۆپرەك باسسا، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا تۆھپىسى زور.
ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرىدىن ئوپتىك دىسكىدىن ( ھەقلىق سىستىما ) ۋىندوۋىسنى، كومپىيۇتىرغا قاچىلاش پىروگراممىسىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەن گوسىت سىستىمىنىڭ گىپىنى قىلمىدىم. بولسا مۇشۇ ساھەدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلىرىمىزنى كۆپرەك تەشۋىق قىلساق ....................مەنمۇ چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن........ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ھەم نۇرغۇن خالىس ئىشلارنىمۇ ھەقسىز قىلىۋىتىپسىلەر، ئاپىرىن.
تەكلىپ: يېڭى نەشىردىن چىققان سانلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى يوللاپ تۇرساڭلار ياخشى بولاتتى. (بۇرۇنقى ئاز سانلىرىنىڭ باركەن، لىكىن يىقىنقى سانلىرىنىڭ مۇندەرىجە ئۇچۇرلىرى يوقكەن.) بىزنىڭ توختى ئىنژىنىركەنغۇ :lol مىنڭ بارماق دېسكام ۋېروسلۇنۇپ قاپتىكەن ،كومپيۇتېرغا چاتسام بىرقانچە قۇرۇق ھۆججەت قسقۇچتىن باشقا ھۆججەتلەر يوق ،date recoveryبىلەن سېكانىرلسام ھەممە ھۆججەتلەر ....exeغا ئۆزگۈرۈپ كىتپتۇ ،kaspersky,360لار كارغا كەلمەدى ،قانداق قىلسام بولا ؟ atilla705 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 14:48 static/image/common/back.gif
كومپيۇتېر دۇنياسى ۋاقتىدا ئېسىل ئىدى بۇ ژورنال..
بارغا ...
رەھمەت! udun007 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 15:40 static/image/common/back.gif
كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىغا كومپىيۇتىردىكى كۆرۆلگ ...
مۇمكىن بولسا مەيلى ئىجادىي بولسۇن، مەيلى تەرجىمە بولسۇن، ماقالە ئەۋەتىپ تۇرغايسىلەر. رەھمەت! Elshir يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 17:33 static/image/common/back.gif
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ھەم نۇرغۇن خالىس ئىشلارنىمۇ ھەق ...
بۇ يەردىن 2011-يىلىدىن بۇيانقى بارلىق ساننىڭ مۇقاۋا ۋە مۇندەرىجىسىنى كۆرەلەيسىز.
http://bbs.xjcfan.com/forum-69-1.html مەن بۇ ژۇرنال بىلەن تونۇشقان مۇشۇ تۆت يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، ھەر سانىغا ئىنتايىن تەشنالىق ئىچىدە كۈتىمەن. لىكىن مۇلازىمەت ياخشى ئەمەسكەن ، 2012-يىلى پوچتىدىن مۇشتەرى بولغان ئىدىم كەلمىدى ، تېلفون قىلسام تەكشۈرۈپ باقاي دەپ كىيىن يوقاپ كەتتى ، ئۆزۈم يېڭساردىن .
ئىشقىلىپ سىلەر بۇ ژۇرنالغا تۈزۈك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئوخشايسىلەر ؟ ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانسىدىن تاپقىلى بولمايدىكەن ، ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىدە ھەممە سانلىرىنى سېتۋالغىلى بولىدۇ ؟
سىلەرمۇ كومپيوتېر ساھەسىدىكى شىركەت بولغاندىكىن كۈچەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ، توردىنمۇ ھەقلىق ئوقىغىلى بولدىغان سۇپىنى بەرپا قىلساڭلار بولاتتى. بولىدۇ، بىز دىققەت قىلايلى.
رەھمەت! Qismet يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 00:18 static/image/common/back.gif
بولىدۇ، بىز دىققەت قىلايلى.
رەھمەت!
ئامرىكىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئىلغار يۇمشاق دىتاللارنى تونۇشتۇرمامسىلەر؟ kayinat0 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 21:44 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانسىدىن تاپقىلى بولمايدىكەن ...
ژۇرنال ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يولى باغۋەن تائام سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قۇياش كىتابخانىسىدا ئاساسەن تولۇق بار.
ژۇرنالنى http://www.yurnal.com/?m=content&a=lists&tid=7 بۇ سۇپىدىن ھەقلىق كۆرەلەيسىز. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 18:31 static/image/common/back.gif
ئامرىكىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئىلغار يۇمشاق دىتاللا ...
ژۇرنالنى تاڭ باشقۇرايلى بۇرادەرلەر، مۇمكىن بولسا ماقالە ئەۋەتىڭلار، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ئەمەسمۇ ...
بەت:
[1]