NAWRUZJAN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:22:17

كۈمۈش قوشۇق



فىرانىك كېد (ئامېرىكا)

بىر بۇرادىرىم بولىدىغان، مەغلۇبىيەتكە دۈچ كەلسىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تەلەيلىك قىلىپ تاپمىغانلىقىدىن رەنجىيتتى. شۇڭا بىر كۈنى ئۇنى ئۆيۈمگە تاماققا تەكلىپ قىلدىم، ئەمما ئۆزۈم تاماقنى قوشۇقتا يەپ، ئۇنى قولى بىلەن يېيىشكە دەۋەت قىلدىم. ئۇ ھەيران قالدى ۋە؛
-نېمىشقا ئەمدى، نېمىشقا قولۇم بىلەن يەيمەن؟ -دەپ سورىدى.
-بۇنىڭ جاۋابى تاماقتىن كېيىن چىقىدۇ، -دېدىم ئۇنىڭغا كۈلۈپ، تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپ سورىدىم:
-قورىمىلار ئوخشاپتۇمۇ؟
-ئوخشاپتۇ،- دېدى ئۇ دەرھال. مەن يەنە سورىدىم:
-تاماق يىگەن قولىڭىز يارىلىنىپ قالمىغاندۇ-ھە؟
-ياق،-دېدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ، ھېچقانداق ئىش بولغىنى يوق!
-شۇنداق،-دېدىم مەن شۇ چاغدا،-قوشۇق بولماسلىق سىزنىڭ تاماق يىيىشىڭىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ، توسالغۇ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىر ۋاسىتە. شۇنداقلا قانداق ئادەم بولىشىڭىز تۇغۇلىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ماڭار يولى بولىدۇ، بۇنىڭ تەلەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بىز پەقەت بۇ يولنىڭ توغرىسىنى تاللاپ ماڭالىساقلا،مۇۋەپپەقىيەت بىزنىڭ بولىدۇ.
ئەخەت قاسىم تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:08:07

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:15:24

ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇغۇپ،تەربىيەلەپ، بىجىرىم چوڭ قىلغىنى شۇ تەلەيغۇ؟؟!!
ئىككى پۇتلۇق  يارالغىنىغا پۇشايمىنى بار ئوخشىمامدۇ؟
بەت: [1]
: كۈمۈش قوشۇق