NAWRUZJAN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:19:29

كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى

كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتتە تۈرلۈك پايدىسى بار.
ئۇزۇندىن بېرى كىتاب ئوقۇپ باقمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ كومپيۇتېر ۋە تېلفۇندا مىكرو بىلوگ يېڭىلاپ، توربەت كۆرۈش كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قالدى شۇنداقمۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ كىتاب ئوقۇڭ. 6- ئايدا ئامېرىكا «ئوقۇرمەنلەردىن تەرمىلەر» ژۇرنىلىدا بېسىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككىمۇ كۆپ پايدىسى بار ئىكەن.
1. چوڭ مېڭە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.خۇددى بەدەندىكى مۇسكۇللارغا ئوخشاش، چوڭ مېڭىمۇ چېنىقىش ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام ھەم قاۋۇل بولۇشقا ئېھتىياجلىق. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش چوڭ مېڭىنى ئاكتىپلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
2. بېسىمنى تۆۋەنلىتىش.ئەنگلىيە كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى ساسسېكس ئونۋېرسىتېتىدىكى «پىسخىكا تەجرىبىخانىسى»غا ھاۋالە قىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، خىلمۇ خىل بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئالتە مىنۇتتا بېسىمنى %68 تۆۋەنلەتكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى مۇزىكا ئاڭلاش ۋە سەيلە قىلىشتىكى ئۈنۈمدىنمۇ ياخشى بولىدىكەن. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇغاندا ئادەملەرنىڭ خىيالى خەتكە مەركەزلىشىپ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى جىددىيلىكى شۇ سەۋەبتىن پەسلەيدىكەن.
3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.كىتابتا مىليونلىغان ئۇچۇر نۇقتىلىرى بار بولۇپ، ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى، پىرسوناژلارنىڭ نامى، تەپسىلاتلارنى بايان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇۋاتقان چاغدا چوڭ مېڭە بۇلارنى ئاسانلا ئەستە ساقلىۋالىدۇ ھەمدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
4. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش.ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىشى مۇۋاپىق بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ئادىتى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. بىر تەرەپتىن ئۇلار كىتابتىن تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئالالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇش ئۇلارنى تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۆيىدىغان، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن.
5. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش.تور دەۋرىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك: پوچتا يوللانمىسى كۆرۈش، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىش، تېلىفون قوبۇل قىلىش... بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇلى ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەمما كىتاب ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ پۈتۈن دىققىتى كىتاب ئوقۇشقىلا مەركەزلىشىدۇ، بۇ سىزنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ.
6. ئاغرىقنى پەسەيتىش.ئىتالىيەدىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىشتە ياردىمى بولۇپ، ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، دوختۇرلار كىتاب ئوقۇشنى ئاغرىقنى داۋالاشقا يادەم بېرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل سۈپىتىدە سىناق قىلىۋاتىدۇ.
7. قايغۇ-ھەسرەتنى داۋالاش. ئەنگلىيە روھى كېسەل دوختۇرلىرى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىمارنىڭ رېتسىپىغا ئوقۇيدىغان كىتابنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ بېرىشتىن ئىبارەت. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇش يېنىك ياكى ئوتتۇرا ھال ئەسەبىيلىشىش بىمارلىرىدا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى

oylan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:14:41

مەنمۇ ھازىرقى كىتاب ئوقۇش ئادىتىمنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە داۋاملاشتۇرسام بولغۇدەك.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:34:18

كىتاپنى توردىن ،مۇنبەرلەردە ئوقۇغاندىن بۇيان ،قەغەز كىتاپنى ئاز ئوقۇپ قېلىۋاتىمەن .باشقىلارمۇ شۇنداق بولدۇڭلارمۇ؟

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:39:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-25 16:43

كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتتە تۈرلۈك پايدىسى بار.
كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم روھىغا بولغان پايدىسىنىمۇ قوشۇپ يېزىۋەتمەپسىلە

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 20:38:02

كىتاب بەك ياخشى نەرسە ئىشقىپ

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 21:26:47

orkexjan يوللىغان ۋاقتى2015-02-25 15:34:18 static/image/common/back.gif
كىتاپنى توردىن ،مۇنبەرلەردە ئوقۇغاندىن بۇيان ،قەغەز ك
مەنمۇ مۇشۇ كۈنلەردە قەغەزگە ئۆتتۈم ، ئىشقىلىپ قەغەزدە ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:52:07

كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق!

مەزكۇر يازما2014-يىلى2-ئاينىڭ17-كۈنى يېزىلىپتور ۋە سالونلارغا تورداشلار تەرىپىدىن يوللانغان


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


    كىتاب ئوقۇمايدىغان،كىتابنى قەدىرلىمەيدىغانمىللەتتە ئۈمىد يوق. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش سانى0.7پارچە،كورىيەلىكلەرنىڭ7پارچە،ياپۇنلارنىڭ40 پارچىدىن توغرا كېلىدىكەن.رۇسلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش سانى55پارچە ئىكەن.

مۇنۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادەملىرى كىتاب ئوقۇشقا ئامراق.بىرى،ئىسرائىلىيە،يەنە بىرى ۋىنگىرىيە.

    ئىسرائىليىدە يىلىغا ھەربىر ئادەم ئوتتۇرىچە 64پارچىدىن كىتاب ئوقۇيدۇ.دۆلەت نۇپۇسىنىڭ80پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭيىلىغا ھەربىر ئادەم ئوتتۇرىچە 68پارچىدىن ئارتۇق.يەھۇدى ئانا ئىش ئۇققىدەك بولغان بالىسىدىن سورايدۇ:«ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئوت كېتىپ قالسا ئەڭ ئاۋۋال نېمىنى ساقلاپ قالىمىز،بالام؟».بالىسى پۇل-پۇچەك ياكى ئالماس،ئالتۇن دېگەندەك پۇللۇق نەرسىلەرنى ئاۋۋال قۇتقۇزىۋېلىشنى دېگەندە،يەھۇدى ئانا بالىسىغا كەسكىن قىلىپ ئېيتىدىكەن:«بالام،بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئەمەس،بىلگىنكى ئەڭ ئاۋۋال كىتابلارنى قۇتقۇزىۋالىمىز!كىتابقا ساقلانغىنى پاراسەت،بۇ پۇل ۋە ئالماس دېگەنلەردىن ئەتىۋە،ئەقىل-پاراسەتنى ھېچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ». شۇڭلاشقىمۇيەھۇدىيلار دۇنيادىكى بىردىنبىر ساۋاتسىز ئادەم يوق مىللەت .يەھۇدىيلارنىڭ قارىشىدا كىتاب ئوقۇش ئادەت بولۇپلا قالماي،بىرخىل گۈزەل ئەخلاق.ئىسرائىليىدە كىتابلارنىڭ باھاسى ئۆرە،ھەربىر كىتابنىڭ باھاسى كەمىدىمۇ20دوللار ئەتراپىدا، ئەمما ئىسرائىليىلىكلەر كىتاب سېتىۋېلىشقا كەلگەندە «قولى ئوچۇق». 5مىليۇن نۇپۇسلۇق بۇ دۆلەتتە بىرمىليۇندىن كۆپرەك ئادەمدە كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسى بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋال باركى،پۈتۈن مەملىكەت سودا-سېتىق ۋە ھەرقانداق پائالىيەتنى توختىتىپ ئۆيدە ئىبادەت-تىلەك بىلەن ئۆتىدىغان«چوڭ ھاردۇق كۈنى»دە كىتابخانىلار تاقالماستىن نورمال تىجارەت قىلىدۇ. ئىبادەتتىن يانغان كىشىلەر كىتابخانىغا كېلىپ جىمجىت كىتاب كۆرۈشىدۇ ياكى كىتاب سېتىۋالىدۇ.

زېمىنى ۋە نۇپۇسى جۇڭگونىڭ 100دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان دۆلەت ۋىنگىرىيەدە بولسا ھەر500ئادەمگە بىردىن كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ.

دۆلىتىمىزدە بولسا 459مىڭ ئادەمگە بىر كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ. ۋىنگىرىيلىكلەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېسابتا 20نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋالىدىغان بولۇپ غەربى ياۋرۇپا مىيقىياسىدىن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئالدىدا تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 1990-يىللاردىكى سىتاتىسكىسىدا ھەربىر ئادەم يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5پارچە كىتاب سېتىۋالىدىكەن،ھازىر بۇ سان ئازلاپتۇ.

بىلىم ــ كۈچ،بىلىم ــ بايلىق.

   كىتاب ئوقۇش،ئۆگىنىشكە ئېتىبار بەرگەن دۆلەت چۇقۇم ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.ئىسرائىليەدە نۇپۇس ئاز،ئىقتىساسلىقلار جىق.دۆلەت قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار 8 كىشى،بۇنىڭ ئىچىدىن18.5پىرسەنتى يەھۇدى.ئىسرائىليەنىڭ مۇھىت شارائىتى ناچار،دۆلىتىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق،ئەمما ئۇلار ئەقىلگە «مەبلەغ» سالغانلىقى ئۈچۈن پەلەستىنۋە ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىسرائىليىلىكلەر تېرىغان،ئېشىنغانئاشلىقلىرىنى نېفىتىغا تېگىشىپ يەيدۇ. ئۇلار دۆلىتىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ بولدى،ئاشلىق تېرىپ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ باشقا دۆلەتلەرگە ئىكىسپورت قىلىدۇ. ئاشۇ قەۋملەر كىتابخۇمارلىقلىغى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى ياراتتى.


    ۋىنگىرىيەدە نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلار14كىشى بولۇپ نۇپۇسىغا سۇندۇرغاندا ۋىنگىرىيەنى «نوبىل مۇكاپاتى دۆلىتى»دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.

   ۋىنگىرىيىلىكلەرنىڭ كەشپىياتلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز. كىچىكى سەرەڭگە،ماي قەلەم،تېلفۇن ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى،بېسىم ئۆزگەرتكۈچ،گازلاندۇرغۇچ، تېلۋىزۇرنىڭ تەسۋىر يايغۇچى لامپىسىدىن تا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ سېستىما لايىھىسىگىچە (مەسىلەن:جون.ۋون.نوئىمان)ئاشۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ۋىنگىرىيە كەشپىياتتا ئالتۇن دەۋىر ياراتتى.يەنى،يىلىغا ئوتتۇرىچە كەشپىيات سانى400دىن ئارتۇق بولۇپ،كەشپىيات دۆلىتى بولۇپ قالدى.بۇنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرسىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كىتابخۇمارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىر دانا مۇنداق دېگەن:
    بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى تەربىيەت تارىخى دەل شۇ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى پەللىسى شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش سەۋىيسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئالغا باسقان ياكى چېكىنگەنلىكىگە قاراشتا كىتاب ئوقۇشنىڭ قانچىلىك يىلتىز تارتقانلىقىغا قاراش كېرەك. بىر دۆلەتتە كىملەرنىڭ كىتاب كۆرىۋاتقانلىقى،قانداق كىتابلارنى كۆرۈۋاتقانلىقى شۇ دۆلەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.

   بەزىلەرنىڭ قاقشىمىغى ھەق:«ھازىر خەت تۇنۇيدىغانلار كۆپ،كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئاز».كىتاب ئوقۇش بىر ئادەمنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، بىرمىللەت ۋە بىرجەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلە ئايدىڭلىشىپ بۇ يەرگە يەتكەندە،شۇ مىنۇتلاردا ۋاقتىمىزنىڭ نېمىگە سەرپ بولۇپ يېتىشمەي قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

    كىتاب ـــ بىلىم بۇلىقى. كىتاب ئوقۇماسلىق تولىمۇ قورقۇنچلۇق! كىتاب ئوقۇمايدىغان،كىتابنى قەدىرلىمەيدىغانمىللەتتە ئۈمىد يوق...
بەت: [1]
: كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى