dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:12:43

نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بىلەن تەڭ قىممەتلىك مېتاللارمۇ چۈشتى

  ئامىرىكىنىڭ NYMEX تۆتىنجى ئايدىكى خام نىفىتنىڭ يىغىلىش باھاسى دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە 1.36 ئامىرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، چۈشۈش ئامپىلتۇدىسى %2.68 كە يەتتى، ھەر بىر تۇڭ خام نىفىتنىڭ باھاسىمۇ تەخمىنىەن 49.45 ئامىرىكا دوللىرى بولدى. ھازىرىقى خام نىفىت بازىرى تەمىنلەش جەھەتتىكى پارەكەندىچىلىك ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىق سەۋەبلىك، نېگىرىيە ھۆكۈمىتى خام نىفىت ئىكىسپوروت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قانداق ئشنىش مەسلىسى ئۈستىدە باش قاتۇردى. ICE نىڭ 3- ئايدىكى خام نىفىتنىڭ يىغىلىش باھاسىمۇ 1.32 ئامىرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، چۈشۈش ئامپىلتۇدىسى %2.19 كە يەتتى، ھازىر ھەر بىر تۇڭ خام نىفىت باھاسى 58.90 ئامىرىكا دوللىرى.
   دۈشەنبە كۈنى شىمالىي ئامىرىكا ۋاقتىدا نېگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نىفىتقا مەسئۇل باشقارما باشلىقى ئەنگىلىيە ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: ‹‹ ئەگەر خام نىفىت باھاسى داۋاملىق تۈردە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا كىيىنكى ئالتە ھەپتە ئىچىدە OPEC نىڭ نىفىت باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىدا يىغىن ئچشىدا ئۈمىد بار، OPEC نىڭ يىغىنى بەلكىم نىفىت باھاسىنىڭ تۇراقلىششىغا چوڭ ياردەم قىلىشى مۇمكىن››.
ھەر ئۇنسىيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 16.11 دوللارغا چۈشۈپ، ئەتىگەندىن بۇيان 0.08 دوللار چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %0.56 بولدى.
خەلق پۇلى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ھەر گرام قۇيما ئالتۇننىڭ باھاسى 240.04 يۈەن بولۇپ، ئەتىگەندىن بۇيان 1.52 يۈەن چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %0.65 بولدى.
ھەر گرام شاڭخەي T+D ئالتۇنىنىڭ باھاسى 247.30 يۈەن بولۇپ، ئەتىگەندىن بۇيان 1.21 يۈەن چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %0.49 بولدى.
%99.99 لىك ئالتۇننىڭ ھەر گرامىنىڭ باھاسى 303 يۈەن بولۇپ، ئەتىگەندىن بۇيان 3.67 يۈەن چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %1.2 بولدى.
خەلق پۇلى بۇيىچە ھېسابلىنىدىغان ھەر گرام قەرەللىك ئالتۇننىڭ باھاسى 249 يۈەن بولۇپ، 0.75 چۈشتى، چۈشۈش نىسىبىتى %0.30 بولدى.
ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 50.32 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بۇيان 0.47 دوللار چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %0.98 بولدى.

2- ئاينىڭ 24- كۈنى قىممەتلىك مېتاللارنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى

بىر گرام ئالتۇن        240.86   يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر  گرام كۈمۈش      3.278 يۈەن (خەلق پۇلى).  

بىر  گرام ئاق ئالتۇن     233.97 يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر ئۇنسىيە  ئالتۇن   1197.7500  ئامېرىكا دوللىرى.

بىر ئۇنسىيە  كۈمۈش  16.3025    ئامېرىكا دوللىرى.

بىر ئۇنسىيە  ئاق ئالتۇن    1163.5000 ئامېرىكا دوللىرى.


مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ سودا خەۋەرلىرىدىن ئىلىندى  http://www.xjabs.com/show/?id=2594
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن   ئالاقىلىشىڭ .
( تەرجىمىدە دىلنۇر )

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:14:34

توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ .  تور بەت ئادىرىسىمىز : www.xjabs.com
ئۈندىدار سالونىمىز: ajdadsoda
بەت: [1]
: نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بىلەن تەڭ قىممەتلىك مېتاللارمۇ چۈشتى