dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:09:20

ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە نىمە سەۋەپ بولدى

  دۈشەنبە كۈنى (2-ئاينىڭ 28 كۈنى) ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ياپۇنىيە يىنىغا بولغان پىرۋوت باھاسى 119.00 لىق چوڭ ئۆتكەل رايونىدا تەۋرەندى. خەلقئارا نەخ ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيە باھاسى 1200 ئامىرىكا دوللىرى بولدى. ئالتۇن باھىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارايدىغان بولساق، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئەڭ ئۆسكەن ياكى ئەڭ چۈشكەن ۋاقىتلىرى كۆپىنچى ھاللاردا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ قىممتى ئۆسكەن ۋاقىتلارغا توغرا كەلگەن. قىسقىسى بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىراقلا چۈشۈپ 1192 ئامىرىكا دوللىرىلىق توساقنى بۇزۇپ تاشلىشى ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولغان. . نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە جوڭگونىڭ پاي چېكى سودا بازىرى بىر مەزگىللىك پۇل تېپىش پۇرسىتىگە كىردى، شۇڭا ئالتۇندىكى مەبلەغ بۇ دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىغا ئېقىپ كىرىشى مۇمكىن، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
   ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۆسۈش سۈرىتى ناھايىتى تېز بولدى، بۇنداق تېز ئۆسۈش قىسقا مەزگىللىك تەڭشىلىشكە مۇھتاج، ئۇنىڭ ئۈستىگە RSI سىزىغىمۇ ھەددىدىن زىيادە ھالسىراش باسقۇچىدا، شۇڭا دوللارغا مەبلەغ سالغۇچىلار دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچ سانى 92.63 لىك 10 يىللىق قارشىلىق لىنىيەسىنى بۇزغاندىن كېيىنكى تەڭشىلىش ئەھۋالىغا قاراپ يېڭى تۆۋەن نوقتىسى توختىغاندىن كېيىن سېتىۋالسا قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك نەپكە ئېرىشىش ئىھتىماللىقى چوڭ. بۈگۈنكى بازارغا قارايدىغان بولساق دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.6869، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.5183، ئوتتۇرىچە باھاسى 94.37، ئۆرلەش-تۆۋەنلەش ئاساسى %0.03، سىتىۋىلىش باھاسى 94.6625، سېتىلش باھاسى 94.6725 بولدى.
   بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئامىرىكا زاپاس پۇل كوممىتىتىنىڭ رەئسي Janet Yellen ئوتتۇرىغا قويىدىغان يىرىم يىللىق سىياسي ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىن تاشقى پىرۋوت ۋە قىممەتلىك مېتاللار باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يىغىن بەلكىم ئامىرىكا زاپاس پۇل كوممىتىتىنىڭ ئۆسۈمنى قوشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى دوللارنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ. ھازىرىقى تىخنىكىلق ھالەتلەر ۋە بىر قىسىم كۆرسەتكۈچلەر دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئامىرىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئازىيىشى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى  http://www.xjabs.com/show/?id=2595
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن   ئالاقىلىشىڭ .
( تەرجىمىدە دىلنۇر )

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 06:06:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rfst تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 06:19  

بۇنىڭ سەۋەبى يوق. پەقەت ۋاقىتلىق ئويۇن خالاس. QE3 نى يولغا قويغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا پۇل كىردى. ئاندىن بۇ پۇل بىلەن قىسمەن ياسالما ئىقتىساد ئېسىشىنى پەيدا قىلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشسىزلىقنىمۇ كېمەيتتى. مانا ئەمدى قوپۇپ ئىقتىساد ئاشقاچقا دوللارنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ دەپ گەپ تېپىپتۇ.  

بىلمەيدىغان ئادەملەر بۇ گەپنى پەقەت ئوقۇپ مۇشۇنداق بولسا مۇشۇنداق بولىدىكەندە دېيەلەيدۇ خالاس. نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېننىق چۈشەنمەيدۇ. دوللارنىڭ قىممىتى پەقەت ئۆستەگەچكە ئۆسىدۇ چۈشۈرگەچكە چۈشىدى. كىمنىڭ ئۆستۈرۋاتقىنىنى كىمنىڭ چۈشۈرۋاتقىنىنى خۇدا بىلىدۇ. ئەمما بۇ ھامان بىر كۈنى ئاشكارلىنىدۇ.

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 06:15:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rfst تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 06:19  

مەن تۆت ئاي بۇرۇن ئالتۇنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ دەپ يۈرگەن ئىدىم. مانا ھازىرمۇ شۇ گېپىمنى تەكرارلايمەن. يانچۇقىدا پۇلى بارلار ئالتۇن ئېلىپ قويۇڭلار. ئۆيىدە قازناق بارلار ئاشلىق ئېلىپ ساقلاپ قويۇڭلار.

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 08:19:00

rfst يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 06:15 static/image/common/back.gif
مەن تۆت ئاي بۇرۇن ئالتۇنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ دەپ يۈرگەن ئى ...

مەنمۇ بۇ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن
بەت: [1]
: ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە نىمە سەۋەپ بولدى