jeSat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:47:31

جەسەت: تام



دۇنيادا مەندەك ئاشىقلار كۆپكەن،دوسىتلار، دۇنيانىڭ قوۋۇرغۇسىنى ئۇشتۇۋەتەيلى!

قەلبىمدە مۇھاببەت بولمىغاچقا شېئىر يازىمەن!
دۇنيادىن نەپرەتلەنگىنىم ئۈچۈن شېئىر يازىمەن!


ئاپئاق تاملاردىن يامراۋاتقان تەنھالىق دەھشىتى، يىغىلمىغان يوتقان، كۆرپىلەر قالايمىقان تاشلىۋېلگەن نەرسە كېرەكلەر.. ياق، ياق، بۇلار ھەرگىزمۇ ئىچىنشلىق ئەمەس!
بىر تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى، نەمدەلگەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ بار كۇچۇم بىلەن تاماكامنى قاتتىق شورىدىم: بۇ كۆز-ياشلار مېنىڭ ئەمەس!

ئەڭ ھاياجانلىق ناخشىلارمۇ ئېيتىلىپ تۈگىدى. قىزغىن، مەسىتخۇشلۇققا تولغان ئايدىڭ ئاخشاممۇ  پەقەت  لەھزە ئىچىدىكى تاتلىق ئەسلىمىگە ئايلاندى، ھەممە نەرسە ئۆز ئەكىسىنى يوقاتقان، ھەممە نەرسە چەكسىز چۈشكۈنلۈككە مەھكۇم بولغان!
سانسىز قېتىملىق ئېرىشەلمەسلىك پەيدا قىلغان چەكسىز ئۈمۈدسىزلىك مېنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. مەن نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان بۇ دۇنيادا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدىم، ھېچكىممۇ مېنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئاڭلاپ قويمىدى، سۆيگۈ-مۇھاببەتكە تەشنا يۈرىكىم تاش شەھەردە تاشتەك ئادەملەر تەرىپىدىن رەھىمىسزلىك بىلەن دەپسەندە قىلىندى، مەن مەڭگۈلۈك يوقۇلۇشقا، چەكسىز بىر يوقلۇققا قاراپ يۈزلەندىم!
مەن ھاياتنى ئۇنچىۋالا قىزغىن مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەتمەيمەن. بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق قاتناش ۋەقەسى ۋە ياكى بىر مىنۇتلۇق شىددەتلىك ھاياجان مېنىڭ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ.
مەن تۇيعۇ ئۈچۈن جان بىرىمەن، يەنە ئاشۇ تۇيعۇ ئۈچۈن ياشايمەن. ئاشۇ تەلۋە، ئەسەبىيلىككە تولعان ئازاپلىق ئەمما گۈزەل ھېس-تۇيغۇلىرىم مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئېرىىشمەكچى بولعان بارلىق نەرسىلىرىمدۇر. مەن حۇشال بولىمەن، شاد كۈلكەم شۇنچىلىك بەخيىتار، ۋە شۇنچىلىك ياڭراققى نۇر ۋە زۇلمەتكە تولعان بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ مەندەك ئىزگۈ كۈيلەرنىڭ يۈرەكنى ياشناتقۇچى شادىيانە ئىلتىپاتلىرىغا جور بولالماس! مەن ئازاپلىنىمەن، ئازاپلىرىم  شۇنچىلىك قايغۇلۇق ۋە دەھشەتكى، ئىپلاس ۋە مەينەتچىلىككە تولعان بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ مەندەك ئۇنداق چوڭقۇر،چەكسىز ئازاپنىڭ ۋەھشىيانە قىيناقلىرىعا بەرداشلىق بېرەلمەس! مەن  مەسىت بولىمەن، ئاشۇ مەستلىك،مەستحۇشلۇق پەيدا قىلعان خام-خىيال دەستىدىن قىززىپ كەتكەن كاللامدا  لوگىكىسىز، چەكلىمىسز گۈزەل بىر دۇنيانى بەرپا قىلىمەن  ۋە شۇ يەردە بارلىق ئېرىىشمەكچى بولعان ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل، ئەڭ سۆيۈملۈك قارغىش تەككۈر ئەبلەخمەن!
مېنىڭ قىسمىتىمىز: كۆيۈش،يەنە كۆيۈش ،تاكى كۈيۈپ  كۈل بولغىچە توختىماي،توختىماي كۈيۈش!
ھاياتىمدىكى مەن ئەڭ كۆڭۈللۈك دەپ قارايدىغان ئىش- بىر قانچە تەڭتۈش شائىر ئاغىينىلىرىم بىلەن بىرەر پىنھان جايغا بېكىنىۋېلىپ شېئىر، ئايال ۋە جنسىيەت.. توغرىسىدا ئەسەبىيلەرچە پاراڭ سېلىشنى، ۋە ئۇلار بىلەن كوچىلاردا تەلۋىلەرچە ۋاقىراپ لاغايلاپ يۈرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.
ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىككى ئىشىم: بىرى، سەت قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بېرىش، يەنە بىرى جەدىۋەل تولدۇرۇش.
ئۈمۈدۇم: يەنە بەش يىل ياشىيالىسام بولاتتى....

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:39:16

قارماقتىن بىرنى سېتۋېلىپ بېلىق تۇتۇشنى ئۈگۈنۈڭ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 13:39:21

ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئابزاس سەمىمى چىقىپتۇ

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:51:46

ئۈمۈدۈم يەنە بەش يىل ياشىيالىسام بولاتتى :lol

ما قېتىمقى ئەسىرىڭىز ئۆتكەنكى شىئىرىڭىزدەك ئىسىل چىقماپتۇ.بۇرۇنقىدەك مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىدى...

ئىشقىلىپ ئويلىغانلىرىڭىزنى پەردازلىماي ئۇدۇللا دەيدىكەنسىز،سەمىمىي گەپ قىلىدىكەنسىز،بۇ تەرەپىڭىز ماڭا يارىدى.

يەنە يوللاپ تۇرۇڭ ھە.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:00:32

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 10:39 static/image/common/back.gif
قارماقتىن بىرنى سېتۋېلىپ بېلىق تۇتۇشنى ئۈگۈنۈڭ

:shutup: ;P ;P

mihin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 21:13:21

:) قاتتىق ئازاپلىنىشمۇ ئادەمنى ھەقىقەتكە باشلايدۇ  .   سىز نچىشىنى ياخشى چۈشنىدىكەنسىز ھە   شۇنداقراق ھىس قىلدىم.

ئاخرى بوپتۇ  مانا      مەنمۇ چىرايليق قىز بالا ئالاي دېسەم خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن  دەپ ئۆيدىكىلەر ئۇنمايۋاتىدۇ دېسە    سەتلىرىنىڭ خىزنىتى باكەن  كەينىمدىن قوغلىشىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ:P.
بەت: [1]
: جەسەت: تام