jeSat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:37:02

غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت«

ناتونۇش
(داستان)
   غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت

1.بۇرۇن
ئىلاھا! دېدىم- دە، قەلەمنى ئالدىم،
قەلبىمدە بىر زەررە شېئىر قالمىدى.
بولغاچ  مەن خۇدانىڭ قولىدا ھەردەم
ئاھ، مېنى ئۇنىڭدەك ھىچكىم چالمىدى.
ئايال بار بولسىمۇ مەندە، يوشۇرۇن
سالدىم مەن قاتمۇ- قات كىيىملىرىمنى.
چۈشلەرگە لىق تولغان كارۋاتقا قاراپ
يىغلىدىم دەھشەتلىك شېئىرلرىمنى.
يىغلىدىم ھاياتنى ھەركۈنى مۇڭلۇق،
يىغلىدىم ئۆلۈمنى دانىمۇ- دانە.
يىغلىدىم نەپرەتنى مۇھەببەت بىلەن
يىغلىدىم دەردىمنى قىلىپ يىگانە.
يىغلىدىم، يىغلىدىم، يىغلىدىم تىنماي،
يىغلايمەن، يىغلايمەن، يىغلايمەن يەنە.
يىغلىسام قەلبىمنى قۇتقۇزار شېئىر
يوق يارغا كۆڭلۈمنى قىلىپ دىۋانە…
2.  ناتونۇش
تۇغۇلغان چېغىمدا ئىدىم ناتونۇش،
بىلگەنتىم، گۈل ماڭا قالغانتى ھەيران.
ئوت مېنى قىلماقچى بولغاندا دوزاخ،
بولاتتى ئاۋال ئۇ بىر تامچە توپان.
تونۇماس ئىدىم مەن، قەلبىم يوق ئىدى،
ئەينەكتە كۆرۈنگەن شەيتانمۇ يا خۇدا؟
يىغلىسام كېتەتتىم پارلاپ باھاردەك
مىڭ يىللىق يۈزۈمنى يۇغاندەك گويا.
ئەتراپىم مەن بىلەن لىق تولغان ئىدى،
بەزىدە پۇتلىشىپ كېتەتتىم تىخى.
ئىسمىمنى چاقىرسا مېھرىبان ئانام
تاپالماي قالاتتىم  بەزى ئۆزۈمنى…
ئاھ، ئۇندا بالىلىق قۇچقاچلار بىلەن
كونا تام تۆشۈكى، گۈللۈك مۇھەببەت.
چاچرىغان قۇملارغا يالاڭئاياغ ياش،
ئېشەكلەر ھاڭرىغان ساددا تەبىئەت.
ئىشتاننى سالغاندا گۈللەر قاقاقلاپ
قويلارغا لېۋىنى تۇتقۇزمىغان ساي.
چېنىگە يۈرەكنى سېلىپ ئىچكەن ئاش،
ئىرىققا پاتمىغان دەريالار ئاي- ھاي…
قىزلارنىڭ ئېغى يوق گۈللۈك ئىشتىنى
غۇنچىلاپ كۆزىنى يۇمۇۋالغان قان.
كۆكسىنى قوزىنىڭ تۇمشۇقى بىلەن
سىيلىغان غۇبارسىز كىچىككىنە جان.
پىت باققان يوتقاندا ئۇزاق قاراڭغۇ
تاكى تاڭ ئاتقۇچە سايرىغان دۇتار.
ئۆزىنى ئاسمانغا تاشلىغان بالا
قەدىمقى زاماندىن كەلگەن ھارۋىلار.
ئون بەش كۈن يۈزىنى يۇمىغان كېچە
ئالۋاستى چېچىدىن بىر تال ئاق چېچەك.
كەتمەنگە پاتمىغان ئۆكتەم ئېتىزلار
ناتونۇش چۈشلەرگە يىقىلغان يۈرەك.
ناتونۇش چىرايلار، ناتونۇش ئۈنلەر
ناتونۇش يىغلىغان، ناتونۇش كۈلگەن
ناتونۇش يۈگۈرگەن كۈندۈزلەر، تۈنلەر…
موزاينىڭ كىرپىكى تۆكۈلگەن سەھەر،
تەخەيدەك سۇباتتىن قالدى كۆڭۈللەر
يوتقاندىن مەڭگۈلۈك چىقتى مۈشۈكلەر
سۆيمەيمەن! دېگەنچە لېۋىنى سوزۇپ
يىغلاشقا باشلىدى ئىتلار، كۈچۈكلەر
مەكتەپكە ماڭدىم مەن سومكامنى ئېسىپ…
مەكتەپ  خەتلەرنىڭ گۈلزارلىقىدۇر
سىنىپ ھەم گۈللەرنى ئوقۇيدىغان خەت.
پارتىلار يۈزىنى يۇمايدىغان سۇ،
كىتاب ھەم مەڭگۈ «ئا» دېگەن بىرلا خەت.
قەلەم-  قەغەزدە ماڭغان ناتونۇش
قەيەرگە بېرىشنى بىلمەيدىغان يول.
مۇئەللىم-  ئۆزىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ
باشقا بىر«ئۆز»ىگە تاشلايدىغان قول…
ئەر، ئايال قوشۇلسا ئادەم بولىدۇ،
دوزاخقا جەننەتنى قوشسا ھەم خۇدا.
ئوتقا ئوت قوشۇلسا بولىدۇ گۈلخان،
سۇغا سۇ قوشۇلسا بولىدۇ دەريا.
مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە دېمىگەن ئىدىم
بىرگە بىر قوشۇلسا بىر بولىدۇ دەپ.
قەيەرگە بارىسىلەر شۇ «1»دىن باشقا
بىر ئۆمۈر بۇ كونا ھارۋىنى ھەيدەپ؟!…
شۇنداق دەپ توۋلىدىم ئون يىلدىن كىيىن
مەكتەپكە بېرىپ ئاھ، بالىلارغا مەن!
3.  خۇدا
مەن خۇدا! دېدىم ،  ئۇ ياراتتى مېنى
ئاندىن ئۇ يەتتىنچى ئاسمانغا چىقتى.
خۇدا تۇرغان يەتتىنچى ئاسمان
شۇ ھامان مېنىڭكى قەلبىمگە چۆكتى.

بۇ نىمە، ئۆلۈمنىڭ تاغاق سوڭىكى،
بۇ نىمە، ياشاشقا كۆنگەن جىنازا.
بۇ نىمە، دەپتەردىن يىرتىلغان سىياھ،
بۇ نىمە، قۇتۇلغان ۋەيلۇن دارازا.
ئەينەكلىك ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا
يېشىنگەن لەۋلەرنىڭ گۈلزارلىقىدا
كىيىكلەر ئوتلىغان سەبىي يۈرىكىم،
ئاھ خۇدا،كىرلەشكەن بۇ كۆڭلۈم بىلەن
ئۆكسۈپ ياش تۆكمىسەم كۆرۈنمەس ھىچكىم.
ئەڭ رەزىل بىنالار ئىگىزلىمەكتە
پەلەمپەي كۆكسۈمگە دەسسەۋاتىدۇ.
ئەڭ قىزىل ماشىنا  قىزغىن بۇلاڭچى
قىزلارنىڭ كۆڭلىنى چەيلەۋاتىدۇ.
قىزلارنىڭ كۆڭلىدە ئاتتىن يىقىلسام
قىزلارنىڭ تېنىدە ھايۋانلىنىمەن.
قىزلاردىن دار ياساپ ئېسىلسام ئاڭا
تىخىمۇ ئۆلىمەن، راۋانلىنىمەن.
مەن ئۆلدۈم، دېگەندە قەلبىم مېنىڭكى
قىزلارنىڭ ئىسمىدا چۆلگە قېچىپ كەت.
قۇياشقا مىخلانغان گۈللۈك ئايۋاندا
قاراڭغۇ چۈشلەردىن قۇترار سەلتەنەت.

توساتتىن مەن يولنىڭ چىقتىم تېشىغا
ئەي ناخشا، كۆڭلۈمنى قايتۇر ئۆزۈمگە.
مەن شېئىر يېزىشقا يارالغان كىشى،
ئاياللار، غەزەبلىك باققىن كۆزۈمگە.
ئۇ كىمدۇ، دەردىمنى ھارۋىغا قاتقان،
قەدەھتە قاينىغان تەڭرى كۈلكىسى؟
ئەينەكلەر سۇنغاندا ئاسماننى ياشاپ،
يۇلتۇزلار يۈرەككە قېچىپ كەتكۈسى.
ئەڭ گۈزەل بىر ئايال تاۋۇتۇم بولسا،
ئۆلمىدىم تېنىمدىن چىقماي تۇرۇپ جان.
ئاھ سۆيگۈ- مۇھەببەت، شىرىن ئىنتىقام،
جېنىمدىن ئات مىنىپ ئۆتتى قەبرىستان.
كىرلىكتەك يىرتىلغان دەريادىن ئۆتۈپ
شامالنىڭ قانىتى بولۇپ قالدى قان.
مېنى دەپ تۇغۇلغان ئاياللار ئۈچۈن
قىلايمەن ئۆمرۈمنى ئۇزۇن بىر داستان.
بۇ يەردە بىر قىز بار، مىللىتى ئۆلۈم
مېنى دەپ تەڭرىدىن چوغ سوراۋاتقان.
بۇ يەردە بىر قىز بار، مىللىتى شېئىر
مېنى دەپ دوزاخقا ئوت قالاۋاتقان.
بۇ يەردە بىر قىزنىڭ يىرىم قەلبى يوق
دېرىزە ئالدىدا ئايدىن خىجالەت.
تېنىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ بىر قىز
مۇھەببەت ئۈستىدىن قىلار شىكايەت.
ھەممە قىز ئاخىرى بىرلا ئۆلۈمدۇر،
دەھشەتلىك مۇقامغا تاشلايدۇ تۇرمۇش.
كۆڭۈلنى دۆۋىلەپ قويار ھەر باھار
ئەتىرگۈل بەرگىدەك ھەسرەتلىك ئۇرۇش.
4.  قىز
ئون توققۇز يېشىمدا ئون توققۇز باھار،
ئون توققۇز باھاردا ئون توققۇز چېچەك.
ئون توققۇز چېچەككە ئىيتىپ ئەلۋىدا
يىغلايدۇ كۆكسۈمدە بىر قانلىق يۈرەك.
بۇ يۈرەك شارابقا لىق تولغان قەدەھ
بۇ يۈرەك ناخشىدا يارىلانغان گۈل.
بۇ يۈرەك سۆيگۈگە ماڭغان يولۇچى،
بۇ يۈرەك بىر قىزدا ئۆلۈۋالغان چۆل.
خىياللاريۈرەككە تاشلايدۇ ئوتۇن،
يەكشەنبە ئەزەلدىن دوزاخقا تۇتاش.
ئاھ،ئۇ قىز جېنىمنىڭ جانانىسىدە
سەھەردە شەرقتىن بالقىغان قۇياش.
ئاھ ئۇ قىز كىرپىكىم ئالدىدىن ئۆتكەن
يارىدار كىيىكنىڭ ياش يۇقى كۆزى.
ئۇ كىيىك تاغلارغا قاچقاندا ئۈركۈپ
قاپقارا تاشلارنىڭ ئاقارغان يۈزى.
ئۇ قىزنىڭ ئېچىلغان دەرۋازىسى يوق
ئۇ قىزنىڭ ئەينىكى يەتتىنچى ئاسمان.
ئۇ قىزنىڭ قىز بولغان مەسۇم غۇنچىسى
قاراڭغۇ ئورماندا ھۇۋلىغان ھايۋان.
كۆڭلىكى شامالغا ئەتلەس توقۇيدۇ،
گۈل بەرگى ئىشتىنى گاھىدا بۇلبۇل.
پۇتلىرى جىرىڭلاپ قىلغاندا نەغمە
پەلەكمۇ ئۆرگىلىپ ئوينايدۇ ئۇسسۇل.
كۆزىدە چۆچەكچى مىڭ بىر كېچە بار
ھەر كېچە ئۆلىدۇ بىردىن شەھرىزاد.
لېۋىدە كىپىنەك قەبرىستانلىقى
جەسەدسىز كۆڭۈللەر ئۈنلەيدۇ ناشاد.
ئۇ قىز بىر يالىڭاچ شېئىردىن چىققان
ئۇ قىز بىر رەسىمدە كارۋاتتا ياتقان.
ئۇ قىز بىر ناخشىنىڭ قۇرىماس يېشى،
ئۇ قىز بىر ئۆلۈمگە جېنىنى چاتقان.
ئۇ قىزنىڭ چۆل بولۇپ قۇرۇغان تېنى
بىر تەشنا بۇلاقتا ئاقار بۇلدۇقلاپ.
ئۇ قىزنى ھەتتاكى كۆكتىكى ئايمۇ
ئوقۇيدۇ، ئوقۇيدۇ، چەكسىز دۇدۇقلاپ.
ئۇ قىزغا دۇتارنىڭ مەيلى بارمىكىن،
شاخلارنى سۇندۇرۇپ سايرايدۇ قۇچقاچ.
قارلىغاچ كېتىدۇ دەھشەتنى كېسىپ
قان يۇقى پەردىنى غۇۋا قايرىغاچ.
ئۇسسۇلغا سالىدۇ ساراڭ جىنلارنى
گۈلەخچى راۋابلار باياۋانىدا.
چۆكتۈرۈپ ئوينايدۇ مىڭ قەلەندەرنى
تەنبۇرچى مۇقامنىڭ قۇرۇق جامىغا.
ئۇ قىزدا تىز پۈكمەس سۇۋادان تىرەك
ئۇ قىزدا چېچەكلەپ تۇرار جىگدىلەر.
ئۇ قىزدا  تۇراتتى ئىيتىپ ئەلۋىدا
بىر- بىرىگە سانسىز قەبرىلەر.
ئۇ قىزدا قەدىمقى ئاپئاق سوڭەكلەر
ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى شانلىق جەسەدلەر.
ئەڭ ئىگىز بىنالار، چوڭقۇر ئازگاللار
يامغۇردەك شارقىراپ يىغلىغان خەتلەر.
پۇللارنىڭ شاراقلاپ سايرىغان ئۈنى،
شارابلار لېۋىدە قېتىپ قالغان قان.
ماشىنا ئۆلگەن كۈن، تۈمۈردەك سوغۇق
سۇلياۋغا ئورالغان بۈگۈنكى زامان.
ئاھ ئۇ قىز… ئۇرۇشتىن ئاتقان يېڭى تاڭ
قۇياشتىن قۇتۇلغان سەلتەنەتلىك قۇل.
ئۆلۈمگە بارمايمەن دېگەن ئەر كىشى
دوزاختىن جەننەتكە ماڭغان ئۇزاق يول.
رەستىدە يالىڭاچ ياتقان ئاي نۇرى،
قاراڭغۇ يوتقاندەك  مۇدھىش ۋە سوغۇق.
چۈشىدىن چىقىپلا ئىزىقىپ قالغان
ھەددىدىن تاشقىرى زۇلمەتلىك يورۇق.
مۇزىكا ئەۋجىدە لەيلەپ تۇماندەك
كۆز يېشى ئېقىتىپ ئەكەلگەن زىندان.
پايانسىز ۋادىدۇر ئۇ قىزنىڭ تېنى
باغلاردەك مېھرىبان، تاغدەك  قەھرىمان.
ئاھ ئۇ قىز قىز تۇرار قىيامەتكىچە،
چۈنكى ئۇ قەلبىمدە نۇرلانغان يوق قىز.
تۇغۇلۇپ مەن ئۆلگەن كۈنى جاھانغا
شەرمەندە يۈزۈمنى قىلغان يورۇق،قىز.
شېئىرنىڭ چېچىنى سۆرەپ كېچىدىن
ئۆلۈمنىڭ كۆزىگە تىقىپ قولىنى،
قاتمۇ- قات ئېچىلغان گۈلنىڭ ئىچىدىن
سۇغارغان تۈرمىنىڭ داغدام يولىنى…
يۈرەكنى مىخلاشنى دەرۋازىلارغا
ئۈگەتكەن سايراشنى زەنجىر- كىشەنگە،
پايانسىز يوتقاننىڭ قاراڭغۇسىدا
  تۈگەتكەن چۈش كۆرۈپ ئانا ۋەتەننى…
جېنىنى بېرىشكە تىلەمچىلەرگە
ھەر كۈنى قۇياشقا مەجبۇرلانغان تاڭ،
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ئويناشقا ئەرنى
گۆرلەردىن ياڭرىغان سەۋدايى ئاھاڭ…
ئاھ ئۇ قىز، قولۇمنى قىلار ئاخىرەت
باغرىمدا تىپىرلاپ ئۆلەر رەتمۇ- رەت.
بۇلۇتى ئاسماننى قىلار ئاستىمدا
ئۇ قىزنىڭ كىيىمى گۈزەل تەبىئەت.
ئۇنىڭغا جېنمىنى بېرىپ بولالماي
ھاياتمەن ھەتتاكى مىڭ جەسەدكىچە.
ناخشامنى قەپەزگە سولاپ قويۇڭلار
سوزۇلار بۇ ئۆلۈم قىيامەتكىچە…
5.  يار
قەلبىمگە كەلگەندە يالىڭاچ ئىدىم
تۇراتتى كۆكسۈمدە پارلاپ كېچىلەر.
ئاسمانغا قارايىتتىم، تەڭرى بارمۇ- يوق؟…
ياشىماي تۇرۇپلا ئۆلسە  كىشىلەر.
ئەڭ گۈزەل بىر گۈلنى قىلاتتىم خىيال
ئەينەكنىڭ كەينىدە تۇرسا ئاياللار.
يار يىغلاپ تۇراتتى ئىشتان بېغىمدا،
ئەڭ ئىسسىق قان ئارا چاقنايىتتى باھار.

يولنىڭ ئوڭ چېتىدە ماڭسام مۇلايىم
دەسسەلگەن ئەرۋاھلار تۇرماقتا قارغاپ.
ۋەھىمە ياپيېشىل كۆزلۈك پاھىشە
ئاياللار يىرتىلغان يۈرەكنى ياماپ…
تاپاننىڭ ماتكىسى غايەت قىزىل گۈل
ساڭگىلاپ ئېچىلغان ئىدى ھاياجان.
كارۋاتنى قوغلىغان كېسەل مۇھەببەت
مادارسىز تۈنلەرنى قىلاتتى ماكان…
ئىزىمدا قەبرىلەر پۇلاڭلىتار قول
مەن قاچان كەتكەنمەن قۇياشنى كۆزلەپ؟
يولۇچى ئۆلۈمنى كىرگۈزسەم ئۆيگە
بېرەرمۇ تەڭرىدىن ھېكايە سۆزلەپ؟
ئاھ تەڭرى، مەن ساڭا بولدۇم ئىنتىزار
سەن مېنى قۇل قىلساڭ دېگەيمەن جانان.
قۇلىغا ئىگىسى بەرمىسە قەلەم
نەپرەتلىك تەقدىرنى يازىدۇ قاچان؟
بۇ يولدا ئاتلارنىڭ يايلى قارا چاچ
كەتكەن چۆل- قەلەندەر، سەۋدايى جاھان.
ئۆلۈمنى ئىچىمگە قويدۇم توشقۇزۇپ
ياشايمەن ھەر كۈننى بىر- بىرلەپ ئاسان…
ھەر كۈنى مەن ساڭا كېتىۋاتىمەن
يىقىندا كۆرۈنگەن يىراققا قاراپ.
يەتتىنچى ئاسماننىڭ پەلەمپىيىدىن
بىر- بىرلەپ چۈشىمەن چېچىڭنى تاراپ.
يار دېگەن دار ئەمەس دېمىدىم ھامان
مەرمەردەك تېنىڭدىن قەلبىمنى ياساپ،
مەن يازغان شېئىردا دوزاخ بارمۇ- يوق،
ئاھ، سېنىڭ ئىشقىڭدا ماڭا ئوت قالاپ؟…
ئاھ سېنىڭ ئىشقىڭ ئوت، ئىشقىڭ قىزىل ئوت
ئوتلارنى ئۇلغايتىپ تۇرغۇچى سەن يار.
جەھەننەم ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى
تاۋۇتقا ئەگىشىپ كەلگۈچى سەن يار.
جۈپ چەشمە بۇلاقتىن ئوخچۇپ ئاقار قان
زەنجىرلەر تارتىلغان ئايدىن قۇياشقا.
قان يۇقى كىرپىكلەر سايرار لاۋۇلداپ
دىلدىكى ياغلىقنى قانغا بوياشقا.
مېنىڭ زار قەلبىمنى تۆگىگە ئارتىپ
يالىڭاچ چۆللەردە يۈرگۈچى سەن يار.
ئاداققى جېنىمنى تېنىمدىن  يېشىپ
بىر تامچە قېنىمدا كۈلگۈچى سەن يار.

سەن ئۈچۈن رازىمەن مىليۇن جەسەدكە
رازىمەن ياشاشقا قىيامەتكىچە.
تاملارنى كۆڭۈلدىن چاقاي ساراڭدەك
ئۆلتۈرەي ئۆلۈمنى مۇھەببەتكىچە.
يار!… دېگەن  ئاغزىمدىن ئاقسۇن قىزىل قان
يۈزۈمنى يىرتاي ھەم كۆزلىرىڭ بىلەن.
قەبرەمدە ئۆزۈمنى يالاي مۈشۈكتەك
جېنىمنى قۇرۇتاي سۆزلىرىڭ بىلەن.
ئورماندا شاخلىرىڭ بىلەكلىرىمدۇر
ئەينەكسىز شەھرىڭگە كىرەي يالىڭاچ.
سەن مېنى ئۆلتۈرمە، سېنى دەپ ئۆلەي
قاراڭغۇ چۈشۈڭدە بولغاندا قاچ- قاچ.
مەن سېنى ئۆلۈمدەك قورقۇپ سېغىناي
مەن سېنى ناخشىدىن چىقاي قۇتقۇزۇپ.
ئاھ سەندەك يالغۇز ھەم دەھشەتلىك مەينى
ئىچەي مەن تېنىڭگە لىپلىق تولدۇرۇپ.
سەن ئوڭدا ياتقاندا قۇياش بولۇپ مەن
باياۋان تېنىڭگە قىلاي جان پىدا.
يۈگۈرەي جەسەدكە كۆرگىلى سېنى
بىر سىقىم توپىغا قىلىپ ئىلتىجا…
بۇ ئالەم يار بىلەن لىق تولغان دەيدۇ
بۇ سېنىڭ يوق بولغان بارلىقىڭمىدۇ؟
يۈرىكىم يار ئۈچۈن ئۆلمىدىڭ دەيدۇ،
بۇ سېنىڭ ئاداققى يارلىقىڭمىدۇ؟
يامغۇرلار سىمىلدار تەشنالىق بىلەن
سېنى ھەر ئويلىسام زېمىندەك يېتىپ.
ئىچىمدە بولساڭ گەر تېشىمدا يوقسەن
مەن قانداق ئۆلىمەن، چىقمىساڭ قېچىپ.
قېچىپ چىق، بۇ يورۇق ئالەمگە ئەي يار
گۈركىرەپ چاپماقتا سانسىز ماشىنا.
قاقاقلاپ كۈلمەكتە پۇللار قىپقىزىل
شارابلار مەست بولۇپ قۇسماقتا راسا.
كىيىمنى يالىڭاچ قىلغان ئاياللار
تېنىدىن زىرىكىپ سالماقتا چۇقان.
ناخشىلار يۈزىگە كەينىنى قىلىپ
ئەڭ سۇيۇق چۈشلەرنى قىلماقتا راۋان.
ئېتىزدا مىڭلىغان ئەمگەكچى خەلق
چاپماقتا كەتمەننى جەننەتكىچە تا.
يىگىتلەر قىزلارنى يىتىلەپ يۈرۈپ
كەتمەكتە كىنودەك ئۆلۈپ، ئاھ خۇدا…
قېچىپ چىق، ئىچىم بىر زۇلمەتلىك ساراي
تۈرمىگە سولانغان قەبرىدىكى شام.
قان- زەرداپ ئۇسۇلغان بىر ئەسكى چىلەك
ئۆلۈمدىن ئۆزگە ئاھ، ھىچنىمە يوق جام.
تولغاندۇر ۋەھىمە، قانلىق ئىنتىقام
ۋەسۋەسە، جىنايەت، شېئىر… ئۇنىڭغا.
ئەبەدىي ئۆلەلمەي، قانداق ئازاب بۇ
دوزاقتا قىينىلىپ… نە كۈن بۇ ساڭا؟!
قېچىپ چىق، توختىما مىنۇت، سېكىنۇت،
قېچىپ چىق، قېچىپ چىق، قېچىپ چىق ھامان.
سەن چىقىپ بولغاندا ئاندىن مەن ئۆلەي
ئاھ، سېنىڭ ئىشقىڭدا بولۇپ قەھرىمان!
6.  شېئىر
مەنكى بۇ زەھەرنى ئۆلگەندە ئىچكەن
مەنكى بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا جەسەت.
تىلىمدا ئاققاندا سۆزلەر توپانى
غايەت زور كىمىدە ئاقار قىيامەت.
بىراقلا يىغلىدىم ئاسمان ۋە پەلەك
ئاھ ئازاب سەن ماڭا قەدەھنى ئۇزات.
جېنىمنى بەرمەيمەن ياردىن بۆلەككە
تۇپراققا ئاداققى تىنىقىمنى چات.
ئىزىقىپ يۈرمىسەم تاپالمىدىم يول
چۆل دېگەن ئايالنى مۇقاملارغا سات.
يالىڭاچ بولغۇچى كۆرسەت ئۆزۈڭنى،
تېنىڭدە كولانغان لەھەتلەردە يات…
ئۇ كۈنى چۈشىدىن ئويغاندى كارىۋات
ئۇ كۈنى ئەتىرگۈل كېسەل مۇھەببەت.
قۇياشقا بېرىلگەن ئاخىرقى تۈندە
كۆزۈمدىن باشلاندى قاپقارا زۇلمەت.
تۆشۈكلەر ئېچىلدى يىرىم كېچىگە
ئارقىسى تارتىلدى ئالدى تەرەپكە.
يىغلىدى قايغۇدىن ئىگىز ئولتۇرۇپ
بىلمىدى، بىلىمدىن قايتىپ ئەدەبكە.
ھەر يەردە بىر يەرنىڭ تاش- تۇپراقلىرى
ھەر كىمدە بىر ئادەم كۆتۈردى چۇقان.
ئۇ دېدى: مەن بىلەن كەتكىن خۇداغا،
پەقەتلا كەتمەسلىك يولدۇر ئەڭ راۋان.
ئەينەكلەر چاققاندەك ئاسمانلىرىنى
يىرتىلغان قىز دېدى شېئىر ئۆزىنى.
قاغىلار چوقۇلاپ بىر جۇپ كۆزىنى
قانلارغا بويىدى ئاپئاق يۈزىنى.
قانلارنىڭ ئىچىدە بېلىنى تولغاپ
كۆز يېشى كۈلەتتى شاللاق ھەم رەسۋا.
ئورنىدىن تۇراتتى بىردەم يۈگۈرۈپ
يۈكۈنۈپ كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا:
ھەيرانمەن دار سېنىڭ ئىگىزلىكىڭگە
ساڭا كىم ئېسىلىپ ئاسماندا ياشار؟
نىچۈن بار قىلىشقا كەلگەندە ئۆلۈم
ئۇپۇقتا لەپىلدەر يەنە  بىر باھار؟
بۇ ئورمان كىملەرنىڭ پۇت- قوللىرىدۇر
بۇ جاڭگال قەيەرگە كېتىۋاتقان جان؟
ھۇ!… دېگەن قايسى چۆل بەدىنىمدىكى
خۇدا دەپ قەلبىمدە ئىڭرىسا ئىمان…
خىيالنىڭ تۈكلىرى ئۇزۇن ۋە قارا
قۇرتلار چېچەكلەر ئارمانلىرىدا.
ئەڭ خۇشال قايغۇلار يارنى سېغىنار
كۆڭۈلنىڭ قاراڭغۇ ئايۋانلىرىدا.
دەريامۇ يىغلىغان شىلدىرلاپ ئەبەد
پەقەتلا بىر پارچە قول ياغلىق ئۈچۈن .
ھىچقاچان بولغاندۇر مىسرالار ئارا
بولماستىن مەن ياشاپ تۇرغاندا بۈگۈن.
ئاسمانلار ئۆلىدۇ قەپەزدىن چىقىپ
چىقمىسۇن شۇڭلاشقا دىلدىن شېئىرمۇ.
بۇنى كىم ئىيىتمىغان بولسىمۇ ماڭا
ئۇنتۇشلار ئاقىۋەت شۇنداق ئىغىرمۇ؟
مەن چەككەن بۇ ئازاب، ھەسرەت- نادامەت
مەن تۇرغان يالىڭاچ، سۈرگەن پاراغەت،
مەن تۇتقان ئاتەشلەر، ماڭغان نەپەسلەر
مەن تۇرغان ئۆلۈكلەر، كەتكەن ھەۋەسلەر…
كىرلەشكەن ئاخشاملار، جىنلار، بالىلار
كىتابلار، ئۇرۇشلار، قانلار، چېچەكلەر،
ئوق ئاتقان گۈللەر ھەم شىھىت يۈرەكلەر
كىرپىكلەر، بارماقلار، قوللار، بىلەكلەر…
دەھشەتلىك تۈڭلۈڭلەر، قىزغىن يىلانلار
ئاي ئىيىتقان يۇلتۇزلار، پەشتاقلىق دىللار
ھەممىسى يالتايغان شېئىر بولۇشتىن
قالمىغان بىھىساب، چەكسىز ۋە غايەت…
بولۇشتىن بولماسلىق شۇنداق خۇشالمۇ
مەن قاچان بولمايمەن، چاۋاك چالىمەن؟
مەن قاچان مەن ئەمەس، قاچان ھىچقاچان،
جېنىمنى ئۆلگەندەك يولغا سالىمەن؟
ئەرشتىن ساڭگىلاپ تۇرار يالغۇزلۇق
بۇ گۈلنى تاشلىدى زېمىنغا ھىچكىم.
قۇتۇلۇپ ئۆلگەندە ئادەم بولۇشتىن
تۇپراقنى يىتىلەپ يۈرەتتى ھەر كىم.
سورىدىم:  قەيەرگە بارىدۇ تۇپراق،
قويساڭچۇ سەن ئۇنى ئۆلۈكتە بىر دەم؟
دېدى ئۇ: تەڭرىنىڭ دەسمايىسى ئۇ
ھەر كۈنى ئۇنىڭدىن ياسايدۇ ئادەم…
7. شائىر
بەش يۈز يىل بۇرۇنقى سايرىغان قاغا
نەقەدەر قارىسەن، نەقەدەر ئۇزاق؟
چۈش كۆرگەن كارۋاتلار قوپقاندا سەندىن
قەلبىڭدە پارلىغان ئۇ قانداق پىراق؟
ئاسماننى قانىتىڭ ئاستىغا ئېلىپ
تۇرىسەن تىرەكنىڭ ئۇچىدا زۇلمەت.
سېنى بۇ كېچىلەر قانداق ئايرىغان
تالۇ- تال چاچلاردىن ئەبەدىل- ئەبەد؟
بۇزدى بۇ  زەھەرنى كىمنىڭ ھەسىلى،
بىر قەدەھ يىغلاپلا  مەست بولدى شاراب.
ئۆلۈشكە تاشلىغان ھەر بىر قەدەمنى
ئاستا ئاھ، بەك ئاستا تۇرماقتا ياشاپ.
مەن ساڭا ئىيتىمەن تۇغۇلغىنىمنى
ئۆلۈمدىن ئۆلۈمگە يۈگۈرگىنىمنى.
شېئىرنىڭ دەردىدە تەڭرىمگە قاراپ
ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە تۈكۈرگىنىمنى…
ھىچقاچان بولسىمۇ بولىدىغان ئىش
تىخىچە بولمىغان قەبرىسىزلىكىم،
ئاھ، پۈتكۈل ئايالغا قىلىپ جان پىدا
سۆيگۈسىز دۇنياغا يۈكۈنگىنىمنى…
ئۆلىمەن، ئۆلىمەن… دەپلا ياشىدىم
ماشىنا غۇيۇلداپ ئۆتەر ئۈستۈمدىن
بىنالار بېشىمدا تۇرار قەد كېرىپ
بەك ئېغىر كېسەلمەن پانى ئالەمنىڭ
نازۇك ۋە ئۇياتلىق بەدىنىدىكى،
يامغۇرلۇق خىيالدىن كېچىپ ئۆتىمەن
ئاھ، بىرلا كارۋاتلىق قەبرەمدە يېتىپ
ئۇ يورۇق دۇنيادىن كىمنى كۈتىمەن؟…
باھارنىڭ قايغۇلۇق بىر ئەتىگىنى
بىلمەيمەن، شېئىردىن باشقا بىر ئايال.
يۈزۈمنى سىلىغان يوپۇرماقلىرى
كۆڭلىكى ئاستىدىن چاقىرغان خىيال…
بۇ مېنى ياشاشقا ئەۋەتكىنىڭمۇ،
ئەي تەڭرى!… دەيمەن- دە بەزى ۋارقىراپ.
مەن ئەمدى ئەينەكلەر ھەققىدە سۆزلەپ
كۆكتىكى دەريانى ئاقاي شارقىراپ.
سۆزلەرمۇ ئورنىدىن قوزغالسۇن ئەمدى
تۈك باسقان كېچىلەر كەتكەن شەپەقتە.
ھاياتنىڭ قاراڭغۇ ۋاگونلىرىدا
ۋاقىتنىڭ قۇيرۇقى ھۆلدۇر ھەمىشە.
ئولتۇرۇپ تەبەسسۇم گۈللۈكلىرىدە
ئەسلەي ئىھ، تۈرمىنىڭ تاملىرىنى مەن.
تاملارنىڭ چاچلىرى كىمنىڭ قولىدا،
شەپقەتسىز ھېسسىيات سەۋەبى بىلەن؟
ئا. ئۇيغۇر سولانغان تۈرمىنىڭ تېمى
سوقۇلغان قاتمۇ- قات يورۇقلۇق بىلەن.
ئۇندىكى ئەڭ يورۇق تاملىق كامىردا
ئۇ شېئىر يازاتتى خۇشاللىق بىلەن.
مۇتەللىپ سولانغان تۈرمىنىڭ تېمى
سوقۇلغان ئىدى گۈل- چېچەكلەر بىلەن.
ئۇندىكى قىزىلگۈل تاملىق كامىردا
ئۇ شېئىر يازاتتى قىزىللىق بىلەن.
ئاھ مېنىڭ تۈرمەمنىڭ بىرمۇ تېمى يوق
تامغا شېئىر يېزىشتىن ئۆزگە مەن نىمە؟
خەلقىمنىڭ ئالدىدا مەيدەمنى كېرىپ
ئەمدى نە يۈزۈمدە قىلاي تەنتەنە؟!…
ھا،ھا،ھا… ياق، ياق، ياق… مېنىڭ خەلقىم مەن
مەن مېنىڭ خەلقىدۇر ئىتنىڭ تۈكىدەك
ھەركۈنى ئۆلسەممۇ قالمايمەن تۈگەپ.
ئۆلۈكۈم ئۇچرايدۇ قەدەم- قەدەمدە
ئۆلىمەن مەن يەنە ھەسسە-  ھەسسىلەپ.
ئۆلۈشنىڭ بۇ قەدەر ئالىيجانابلىقى
ئۆلۈشنىڭ چىنلىقى، گۈزەللىكى ھەم
نەقەدەر يۈكسەكتۇر ئۆلتۈرۈشتىن ئاھ!
ئەگەردە ئاسماندا ياشىغان بولسام
بولاتتىم چوقۇمكى ئۆلگۈچى ئىلاھ…
شۇ چاغدا ئەشەددى ئاسىي ئاتالدىم
بولمىغاچ تۈرمەمنىڭ بىر تالمۇ تېمى.
ئۆلگەچ مەن ھەركۈنى سانسىز- ساناقسىز
شۇ قەدەر قىزغىن ۋە شۇنچە سەمىمىي.
مەيلىلا، ئالدىمدا يول يوقتۇر مېنىڭ
كەينىمدە بىر تالمۇ قەبرە قالمىغان.
كۆتۈرۈپ بىر ئۆزۈم جىنازامنى مەن
شەمۇ- شە، دەشتمۇ- دەشت يۈرەي سەرگەردان.
يار دېسەڭ يالغۇز بول دېدى بىر كىتاب
نەكى، مەن يالغۇزمەن خۇدادىن بۆلەك؟
كېلىڭلار، ۋەتەننى تېپىۋىلىڭلار
يېرىلىپ كەتمەكتە مەندىكى يۈرەك…
8.  ھىچكىم
بۇ بوشلۇق، مەنىسىز تىل ئۈستىدىكى
چۈشتىكى جاڭگالدا كۆرۈنەر غۇۋا.
ھىچكىم يوق ئولتۇرغان ئورۇندۇقلاردا
كىم ئاستا ئورنىدىن تۇرماقتا ئالغا!…
ئۇھ!… مېنى ئاتاشتىن قىلىڭلار جۇدا
مېنى بۇ ئىسمىمدىن قىلىڭلار ھالاك،
تېنىمنىڭ مەزمۇت ھەم بەردەملىكىنى
قاراڭغۇ كىيىمگە يېقىڭلار چىراق.
مېنىڭ بۇ دەھشەتلەك نامۇ- ئەمالىم
قۇرتلاردەك ياشاشقا قىلماقتا مەجبۇر.
تىرەمنى سالماقتا ئىدىم تاڭغىچە
گۆشۈمنى ئىشقىمغا قاقلاپ بەھوزۇر…
تىز پويىز كەلمەكتە ئاق سۈتنى ئېلىپ
كەتمەكتە بۇ يەرلەر ئادەمسىزيەرگە.
ئورمانلار يولۇچى بولۇۋالماقتا
ئاياللار ئورنىدىن تۇرماقتا ئەرگە.
ئىشتاننىڭ بېغىدا باققان بالىلار
مۇھەببەت ئالدىدا قالار ئىشتانسىز.
بىلمەيدۇ شېئىرنى مەڭگۈلۈك ماكان
كېچىدە تېنىدىن قېچىپ چىققان قىز.
قۇم كۆچۈپ، مۇقامنى ئېلىپ كەتكەن ئاي
يۇلتۇزغا سۆزلەيدۇ قايسى دەريانى؟
سالىدۇ توختىماي كىيىملىرىنى
كۆرسەتمەك بولۇپ ئۇ شەرمى- ھايانى.
بىلمىدىم بۇ قارلىق كېچىدە ئۆلسەم
مەن ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان تاغ…
چۆلنى بىر بۇلاققا قاندۇرغان جەرەن
قەبرىدە سوڭەكچى ياندۇرغان چىراغ…
ئاھ خۇدا!… مەن خۇدا دېگەندىن كىيىن
يوقۇلۇپ كەتسەم ئاھ، يۇمشاق ۋە شىرىن.
بولمىسام تۈنۈگۈن ئولتۇرغان يەردە
لەۋلەرگە چىشىمنى قانىتىپ شىرىن…
بولمىسام كىتابنىڭ گۈلزارلىقىدا
گۈللەرنىڭ بەرگىدە كىپىنەك جەسەد.
بىلمىسەم تېنىمنىڭ قايسى يېرىدە
ماڭا بۇ ھاياتنى بەرگەن تەبىئەت؟!…
شۇ چاغدا ئاستىمدا ئۇچقۇر ماشىنا
قولۇمدا يالقۇندەك ھارارەتلىك پۇل.
شۇ چاغدا پۇتلىرىم ھەر بىر مۇقامدا،
يۈزلىرىم ئاسمانغا قارايدىغان قۇل…
شۇ چاغدا پىت باسقان قەبرىستانلىقىم
ئەرۋاھلار ئاقىرىپ ئوينايدىغان توي.
شۇ چاغدا بۇ چاغدىن بەكمۇ يىراقتا
بىر قەدەھ شاراب ئاھ، شىرىن ۋە خۇشبۇي…
مېنى مەن بىر پىچاق بىلەن ئۆلتۈرمەس،
ئۆلتۈرمەس سىرتماق ھەم ھەتتا ئوق بىلەن.
ئۆلتۈرمەس بىر شانلىق كىشى ھەتتاكى
چىقىرىپ قەلبىدىن لىپمۇ-  لىق ۋەتەن!…
مېنى سۆز ئۆلتۈرەر، سۆزسىز ئۆلتۈرەر
ئۆلتۈرەر، ئۆلتۈرەر، چەكسىز ئۆلتۈرەر.
مەن سۆزلەر ئىچىدە سۆزلەۋاتقاندا
ئۆلۈمنى ياشاشقا شېئىر كەلتۈرەر.
ئۇ شېئر سۆزلەرنىڭ خانىقاسىدۇر،
سەجدىدە كۇپرىدىن قايتماس خىيالى.
ئۇ شېئىر سۆزلەرنىڭ رەھنىماسىدۇر
قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھىچ يوقتۇر ئامالى.
ئۇ شېئىر سۆزلەرنىڭ قاتىلى گويا
توپلىشىپ ئۆلىدۇ كىتابتا خەتلەر.
ئۇ شېئىر سۆزلەرگە چۈمۈلگەن دەريا
ئىچىدە چۆل بولۇپ كەتكەن جەسەدلەر…
ئۇ شېئىر ھېچنىمە سۆز بولمىغاندا
ھىچكىم ئۇ شېئىرنى يېزىۋاتقان مەن.
بىر سۆزدىن بىر سۆزگە كېتىۋاتقاندا
ئۆلۈمدىن ئۆلۈمگە قېچىۋاتقان مەن…
ھازىر مەن قۇتۇلغان شېئىر يېزىشتىن
ھازىر مەن بۇرۇندا بەلكىم يوق ئىدىم.
كىمكى بىر نامەلۇم دۇدۇقلىغاندا
دەڭلار بۇ شېئىرنى يازمىغان ھىچكىم!
9. ئۆلۈش
ئاداققى بىر شىرىن تىنىقتىن كىيىن
گۈزەل بىر شېئىردەك ئاخىرلاشتى تەن.
تۈگىدى سۆزلەرمۇ شارابتەك گويا
تۈگىدى مۇھەببەت، ئەل- يۇت ۋە ۋەتەن…
مېنى كىم ئۆلتۈردى، ئۆزۈممۇ، ئەمەس؟
خەير! دەپ باشلانغان بىر بەت سالام خەت؟!
باھارنىڭ بىر تامچە ئىللىق يامغۇرى،
ئىچىمدە تۇغۇلغان چاغدىكى جەسەت؟
ئەزەلدىن مەندىكى يوشۇرۇن كېسەل،
بىنانىڭ ئونىنچى قەۋىتى ياكى؟
ئارغامچا، بىر پاي ئوق، پىچاق يا زەھەر،
خۇدىنى يوقاتقان ماشىنا چاقى؟…
مۇھەببەت، قاتىللىق، ئۇرۇش، يەر تەۋرەش
ئوت كېتىش، سۇ بېسىش، قورقۇش، ۋەھىمە؟
بىر دەھشەت ئىنقىلاب، ساندۇق- ساندۇق قان،
چىرايلىق ئاياللار قىلغان تەنتەنە؟!…
مېنى كىم ئۆلتۈردى، ئۆلتۈردى مېنى
شاتلىقمۇ، يا ئۇنىڭ ئازابلىرىمۇ؟
ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرىدىغان
ئەزرائىلنىڭ ئەسۋابلىرىمۇ؟!…
مەن ئۆلدۈم… سوراڭلار سۇئالىڭلارنى
مەن ئەمدى سېلەرگە بەرمەيمەن جاۋاب.
سېلەر مېنى كۆرەلمەيسىلەر
سېلەرگە مەن مەڭگۈ تۇرىمەن قاراپ.
ئىسمىمنى ھەرقانچە چاقىرساڭلارمۇ
ھە!… دېگەن ئاۋازىم كېتەر ئەبەدكە.
چىلايدۇ پەرىشتە قاناتلىرىنى
سىلەر گۆش يېمىگەن سىسىق جەسەدكە.
مەن ئۆلدۈم… سىلەرنى قىلىشقا ئۆلۈك
مەن ئۆلدۈم… سېلەرنى تۈگىتىشكە يەپ.
يەنە يۈز مىڭ يىللىق دوزاختىن كىيىن
(ئىچىم بىر جەننەتتۇر) تىرىلىڭلار دەپ…

سېلەر ھېچ قورقماستىن تىللاڭلار ئەمدى:
ئىدى ئۇ بىر مەجنۇن، ئاشىق- قەلەندەر.
ئۇ شېئىر يازاتتى يارنى ئۆلتۈرۈپ
ۋۇجۇدى بايراقتەك ھەردەم لەپىلدەر.
ئىچىدىن چىقاتتى گويا ئۆلۈمدەك
تېشىدا تۇراتتى دائىم بىز بىلەن.
ئايالنىڭ تېنىنى سىزاتتى تاڭغا
ئۆزىنىڭ چۈشىنى كۆرمەيىتتى قەستەن.
ئۇ ھامان ئۆلمەكچى ئىدى كۈندۈزدە
ياشايىتتى شۇڭلاشقا يىرىم كېچنى.
تېنىنى سۇندۇرۇپ قىلاتتى ھاسا،
تالاغا قوغلايىتتى ئۆينىڭ ئىچىنى.
ئۇ دەھشەت قارىغۇ ئىدى قۇياشتەك
ئۇ زۇلمەت گاس ئىدى ئايسىز، يۇلتۇزسىز.
ئۇ ئىدى ئەڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىك گاچا
ئۇ ئىدى ئۆزىگە ئەگەشمىگەن ئىز…
تىللاڭلار: كارۋاتنى قىلاتتى سەرسان
ئوتنى گۈل ئېچىدە ئېچىلدۇراتتى.
يالىڭاچ يىغلىسا ئاينىڭ شېخىدا
قەلبىنى شېئىرلار كۆرۈپ قالاتتى.
خەتلەرنى كىتابتىن قوغلىۋەتتى ئۇ
ئۇرۇشلار توختىسۇن دېدى تارىختا.
مېنى كىم ئۆلتۈرسە خۇدادۇر دېدى،
ئۇ ئۆلدى ئاخىرى، كەتتى خۇداغا!…
10. كىيىن
خۇشاللىق، تەنتەنە، بۇرچ ۋە ۋىجدان
ئار- نۇمۇس، شان- شەرەپ، غەزەپ- نەپرەت ھەم
رەزىللىك، چۈشكۈنلۈك،   سۆيگۈ ۋە قىساس…
يوق
گوياكى چىنىدەك پاكىز بىر ئالەم
تۇراتتى ئالدىمدا پىچىرلاپ ماڭا:
سەن كىم دەپ سورىسا: دېگىن مەن ئادەم
ئۆلۈشنى بىلمەيمەن تۇغۇلمىغاچقا
ئىسمىمنى بىلمەيمەن چاقىرمىغاچقا
كۆرمەيمەن تېنىمنىڭ يالىڭاچلىقىنى
قەلبىم يوق ھەتتاكى ئۆزۈم ياتقۇدەك
بۇ ئالەم پەقەتلا مەنلا پاتقۇدەك
بىلمەيمەن، بىلىشتىن نۇرغۇن ئىلگىرى
ھازىرقى ھىچيەردە تۇرغان ھىچكىممەن…
يەنە بىر ئالەملىك ئەلمىساقتىكى
ئەگەردە ئىككىنچى ئادەم بولسام مەن
قوۋۇرغامنى ئوبدان ساقلايمەن،
مەڭگۈلۈك پايانسىز ئادەم بولغىلى
ھەر يەردىن كېلىپ مەن ماڭا تولغىلى
ئېتىمەن مەڭگۈلۈك قۇلاقلىرىمنى
سۆزلەشكە باشلىسا ئايال قوۋۇرغام…
يەنە بىر ئادەم- ئۇ مېنىڭ دۈشمىنىم!

——————-

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 20:48:16

قارىغاندا جەسەت ئىلگىرى يوللىغان شېئىرلانى باشقىدىن ئوقۇپ چىقسام بولغىدەك .

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:43:18

ئالامەت
بەت: [1]
: غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت«