ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:15:20

توك بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ

  توك بىسىم مۇقىملاشتۇرۇش بىز ئىشلىتىۋاتقان ئىلىكتىر ئەسۋاپلېرىنىڭ مەنبە بىسىمى مۇقىم بولمىغان ھالەتتىمۇ مۇقىم خىزمەت قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بەك مۇھىم، ئادەتتە تۇراقلىق توك بىسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئكۆزگىرىشچان توك بىسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش دەپ ئىككى خىل بۇلىدۇ.
  تۇراقلىق توك بىسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ؛
بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا؛
بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولسا قۇۋۋىتى چوڭ-كىچىك كىلىدىغان، توك بىسىمىنىڭ يۇقىرى چىكى بەلگىلەنگەن بىر قۇرۇلما ياكى كىرىستال يېرىم ئۈتكۈزگۈچ ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا ۋە قارشىلىقتىن توپلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن توك يۇلى بۇلۇپ نەچچە خىل بۇلىدۇ.
  ئادەتتىكى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلارمۇ قارشى يۈنىلىشتىن كەلگەن بىسىم چىكىگە يەتكەندە قارشى يۈنىلىشتە توك ئۈتكۈزۈشكە باشلايدۇ. بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى لامپىمۇ قارشى يۈنىلىشلىك توك بىسىمى تۈۋەن بولغان لامپا ھىساپلانسا كېرەك، شۇڭا ئۈتكۈزۈش يۈنىلىشىدە چوڭ توك ئىقىمى ئۈتكەزسىمۇ قارشى يۈنىلىشتە بەلگىلەنگەن قۇۋۋىتىدىن ئىشىپ كەتكەن توك ئىقىمىدا بەك قىزىيدۇ. داۋاملىق ئاشسا كۈيۈپ قىسقا تۇتىشىپ قالىدۇ.ھەم ئۈتىۋاتقان توكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتا مۇقىملاش بىسىمىمۇ سەل ئۆزگىرىدۇ. بۇ تۇغرىلىق تەپسىلى ماتىريال كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق، تورداشلاردىن تەپسىلى بىلىدىغانلار بولسا تۇلۇقلاپ قۇيار...
بىسىم مۇقىملاشتۇرىدىغان لامپىلىق توك يوللېرى ئادەتتە چوڭ قۇۋۋەتلىك ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يوللېرىدا ۋە رەڭلىك تىلۋزورلاردا  كۆرۈلىدۇ.


  رەسىمدىكى 1N5828يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ بەلگىسى.
  ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنىلېرىدىن تىلۋىزور، ئۈن ئالغۇ، كومپىوتىر، توكسىكىلىتلارنىڭ زەرەتلىگۈچى، تۇڭلاتقۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ كونتۇرول توك يوللېرىنىڭ ھەممىسىدە تۇراقلىق توك بىسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش توك يۇلى بۇلىدۇ. تۇراقلىق توك بىسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش توك يۇلى ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن كىرىستال لامپىلىق ئىقىم كونتۇروللاش شەكلى، يالغان يۈك ئارقىلىق ئارتۇق قۇۋۋەتنى خورىتىپ بىسىم كونتۇروللاش شەكلى ۋە بىسىمىنى يۇقىرلىتىپ ھەم تۈۋەنلىتىپ dc-dc يەنى ئىلىكتىر ماگىنىتلىق بىسىم تەڭشەش ۋە كوندىساتورلۇق بىسىم تەڭشەش شەكللېرىدە بۇلىدۇ.
  1) كىرىستال لامپىلىق ئىقىم كونتۇروللاش شەكلى؛
  بۇ خىل بىسىم مۇقىملاشتۇرۇشتا توك مەنبە بىسىمى بىز ئېرىشمەكچى بولغان بىسىمدىن يۇقىرى بۇلىشى شەرت، مەسلەن ، بىز 5 ۋولىتلۇق مۇقىم بىسىملىق مەنبەگە ئېرىشمەكچى بولساق ئاساسى مەنبە چۇقۇم 5 ۋولىتتىن يۇقىرى بولمىسا ياكى تەڭ بۇپ قالسا ئېرىشىدىغان توك بىسىمى 5 ۋولىتتىن تۈۋەنلەپ كىتىدۇ.
  ئىشلەش پىرىنسىپىدا مۇشۇ ساھەدىكى كۈپىنچە دوستلار بىلىدىغان 12ۋولىتلىق مەنبەنى تۇنۇشتۇراي. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى رەڭسىز تىلۋىزورلاردا ۋە بىر قىسىم ھازىرقى نىپىز كومپىوتىر ئىكرانلېرىدا 12 ۋولىت توك ئىشلىتىلىدۇ.

  يۇقارقى ئىسخىمىدىكىسى رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ توك مەنبە ئىخىمىسى بۇلۇپ، تىرانسىفورماتوردىن نورمال ھالەتتە 17-18 ۋولىتلىق ئۆزگىرىشچان توك چىقىدۇ، ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلار ئارقىلىق مۇسبەت-مەنفى قۇتۇپقا تۇغىرلانغاندىن كىيىن كوندىساتورغا زەرەتلىنىپ توك بىسىمى 21 ۋولىت ئەتراپىدا تۇرىدۇ. ئاندىن يەنە 2ئامپىرلىق بىخەتەرلىك سىمىدىن ئۈتۈپ مەنفى قۇتۇبى يەرلەشتۈرۈلىدۇ، مۇسبەت قۇتۇبىنىڭ بىسىم مۇقىملاشتۇرۇش لامپىسىغا بارىدىغان يەردىن بىر تال سىم بىلەن ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچىگە بارىدۇ، 3dg12 ۋە 3dd15 لامپىلاردا 3dd15 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا كېرەكلىك قوزغىتىش تۇكىغا بولغان تەلەپ يۇقىرى بولغاچقا 3dg12 لامپا ئارقىلىق چوڭ قۇۋۋەتلىك 3dd15 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇپ تۇكىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىككى لامپىنى قاتلىغان، ئاندىن 3dg12 لامپىنىڭ ئاسسى قۇتۇبىغا R1 قارشىلىق ئارقىلىق قوزغىتىش تۇكى تەمىنلىگەن، توك مەنبە بىسىمى 21ۋولىت بولغاندا چىقىش بىسىمى 12 ۋولىت بولسا ئىككى لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىدىكى توك بىسىمى تۈۋەن بولغاندىمۇ 0.25 ۋولىتتىن بۇلۇپ جەمئى 0.5 ۋولىت بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن R1 قارشىلىقنىڭ ئىككى بىشىدا 8.5 ۋولىت بىسىم بۇلىدۇ. قارشىلىقتىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى بولسا 8.5 ۋولىت بىسىمنى 3000ئوم قارشىلىقىغا بۆلگەنگە(2.8مىللى ئامپىر) تەڭ بۇلىدۇ. بۇ توك ئىقىمى 3dg12 لامپا ئارقىلىق كۈچەيتىلىپ  3dg12 لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئارسىدىكى ئىقىم چوڭ قۇۋۋەت لامپىسى 3dd15 نىڭ ئاساسى قۇتۇبىنى قوزغاتقۇدەك ھالغا( 200 مىللىئامپىرغا) يىتەلەيدۇ . مەقسەت چىقىش بىسىمىنى 12ۋولىتتا كونتۇروللاش بولغاچقا قۇۋۋەت لامپىسىنىڭ يىغقۇچى ۋە تارقاتقۇچى قۇتۇبلېرى ئارسىدىكى توك ئىقىمىنى چىقىش بىسىمى 12 ۋولىتقا يىتىپ ئاشماقچى بولغاندا كىمەيتىشىمىز ئۈچۈن توك ئۈتكۈزۈشچانلىقىنى ئاساسى قۇتۇپ تۇكىدىن كىمەيتىشكە تۇغرا كىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن VT4 لامپا ئارقىلىق  قارشىلىقتىن 3dg12 نىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا كىلىدىغان توك بىسىمىنى مۇۋاپىق يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇۋۋەت لامپىسىغا تەمىنلىنىدىغان كونتۇرول تۇكىنى كىمەيتىمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا توك بىسىمىنىڭ ئىشىشى چەكلەنگەن بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق لاھىيلەنگەن بىسىمدا مۇقىم تۇرىشىنى ئاپتۇماتىك ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
CW11بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ چەكلەش بىسىمى 6.2 ۋولىت بۇلۇپ، R5 ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلغان توك بىسىمىدىن50 مىللىئامپىر ئەتراپىدا توك بېرىپ توك بىسىمىنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسىنىڭ بىر قەدەر نۇقىمراق بولغان ھالىتىگە تۇغىرلىنىدۇ، ئاندىن VT4 ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئۇتتۇردا ھاسىل بولغان 6.2 ۋولىتلىق نۇقتىغا ئۇلىنىدۇ،يىغقۇچى قۇتۇبى قۇۋۋەت لامپىسىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا ئۇلىنىدۇ.توك يۇلىدىكى،R7،R6 ۋەRP لەر مۇقىملاشتۇرىلىدىغان بىسىمغا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىپ چەكلىك دائىرىدە خالىغان بىسىم ئىلىپ VT4 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا ئۇلانغاندا بىسىم VT4 لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇپ بىسىمىدىن 0.2-0.3 ۋولىتقىچە يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا VT4 لامپىنىڭ يىغقۇچى ۋە تارقاتقۇچى قۇتۇپلېرىدا توك ئۈتۈش ھالىتى شەكىللىنىپ قۇۋۋەت لامپىسىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكىنى 6.2 ۋولىتلىق نۇقتىغا نىسبەتەن يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇۋۋەت لامپىسىدىن ئۈتىدىغان توك بىسىمىنى كىمەيتىدۇ، بۇ چاغدا مۇقىملاشتۇرۇلىدىغان بىسىم تۈۋەنلەپ  R7،R6 ۋەRP لەردىكى بىسىم بۈلۈش نۇقتىسىدىكى بىسىممۇ تۈۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇلىدىكى، VT4 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىدىكى بىسىم تارقاتقۇچى قۇتۇبىدىكى بىسىمغا يىقىنلىشىپ يىغقۇچى قۇتۇپ بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇپنىڭ ئۈتكۈزىدىغان تۇكىمۇ كىمىيىدۇ، شۇنداق قىلىپ بىسىم مۇقىملاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشقان بۇلىدۇ.
   VT3 بولسا مەنبەگە ئۇلانغان يۈك چوڭ بۇپ كەتكەندە ياكى كىيىنكى بۇغۇملاردا قىسقا يول شەكىللەنگەندە زىيەدە توك ئىقىمىنىڭ قۇۋۋەت لامپىسى، ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا، بىخەتەرلىك سىملېرىنىڭ ياكى تىرانسىفورماتورنىڭ كۈيۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىقىم كونتۇرول قىلىش رولىنى ئۈتەيدۇ. توك يۇلىدا R2 ۋە R3 لەر مۇقىملاشتۇرۇلغان بىسىمغا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئارقىلىق يەر بىلەن 0.1 ئەتراپىدا توك بىسىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، ئەسلى قائىدە بۇيىچە  R2=1K ۋە R3=75 ئوم بولغاندا 12 ۋولىت بىسىمنى (ئۇمومى قارشىلىققا بۈلۈپ ئاندىن 75 ئومغا كۈپەيتسەك) ئاددى بۈلۈپ ھىساپلىغاندا 0.8 چىقىدۇ، ئەمما يەنە بۇ يەردە ئىككىلا قارشىلىقنىڭ قۇۋۋىتى 0.25 ۋات ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالىمىز، ئاندىن ئۇ يەرگە تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئۇلىنىپ ئاساسى قۇتۇبى چوڭ قۇۋۋەتلىك 1.6ئوملۇق قارشىلىق R4 نىڭ يۈك ئۇلىنىدىغان بىشىغا ئۇلانغاندا بۇ توك يۇلىدىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى R4تىن ئۈتۈشى شەرت بۇلىدۇ.شۇنداق بولغان دا بەلگىلەنگەن توك ئىقىمى 1.2 ئامپىر ۋاقىتتا بەش ۋاتلىق R4 قارشىلىقنىڭ ئىككى بىشىدا نەچچە ۋولىت توك بىسىمى ھاسىل بۇلىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ باقايلى، ئادەتتە قارشىلىقنىڭ توك ئىقىمى ۋە قارشىلىق قىممىتى ۋە قارشىلىق قۇۋۋىتى ئىنىق بولغاندا قارشىلىق قۇۋۋىتىنى قارشىلىق قىممىتىنى توك ئىقىمىغا بۈلۈپ چىققان نەتىجىنى يەنە قارشىلىق قۇۋۋىتىگە  بۆلسەك قارشىلىقتىكى توك بىسىمى چىقىدۇ.يەنى 0.26 ۋولىت ئەتراپىدا، بۇ بىسىم VT3 لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبىدىكى 0.1ۋولىت بىسىمغا نىسبەتەن ئارقىمۇ ئارقا  يانە قاتلانغان بۇلىدۇ، چۇنكى لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبى مەنبەنىڭ مىنوس بىشىغا، لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبى بولسا مەنبەنىڭ مۇسبەت قۇتۇبىدىن يۈك ئارقىلىق كەلگەن تۇكى تەسىرىدە تارقاتقۇچى قۇتۇبىدىن يۇقىرى بولغان مۇسبەت بىسىمغا ئېرىشكەن بۇلىدۇ، شۇنداقتا لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبى بىلەن ئاساسى قۇتۇبى ئارسىدىكى توك بىسىمى 0.36 ۋولىت بۇلۇپ لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى قىسمەن توك ئۈتكۈزۈش ھالىتىدە بۇلىدۇ، ناۋادا يۈك قىسمىدا قىسقا يول ھادىسىسى يۈز بەرسە R4 قارشىلىقتىكى توك ئىقىمى ئىشىپ قالسا VT3 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئارسىدىكى بىسىممۇ ماس ئىشىپ ، يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئارسىدىكى ئۈتكۈزۈشچانلىقىمۇ ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەت لامپىسىنىڭ ئاساسى قۇتۇپ تۇكى كىمىيىپ توك يۇلىدىكى توك ئىقىمىنىڭ 1.6 ئامپىردىن ئىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە قىسقا يول بولغاندىن كىيىن 12 ۋولىتلىق توك مەنبەنىڭ چىقىرىش بىسىمى ئەسلىدىكىدىن كۆپ چۈشۈپ كىتىدۇ ياكى 1-2 ۋولىتقا چۈشۈپ قالىدۇ.
  ئەگەر بىراقلا قۇۋۋەت لامپىسى 3dd15 نىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكىنى قارشىلىق ئارقىلىق تەمىنلىمەكچى بولساق ئۇ چاغدا بىر ۋاتتىن چوڭ بولغان 820 ئوملۇق قارشىلىقتا تەمىنلىسەكمۇ يىتەرلىك بولماي قىلىشى مومكىن ھەم ئۇنچە چوڭ توك ئىقىمىنى بىز خالىغان ھالەتتە كونتۇروللاش ئۈچۈن كونتۇروللىغۇچى لامپا VT3 ۋە VT4 لەرگە چوڭ قۇۋۋەتلىك لامپا ئىشلىتىپلا قالماي بىسىم بۆلگۈچى قارشىلىق  R5,R6,R7,RP لەرنىڭ ھەممىسىگە چوڭ قۇۋۋەتلىك قارشىلىقلارنى ئىشلىتىشىمىزگە تۇغرا كىلىدۇ. بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا CW11 مۇ ھەم چوڭ قۇۋۋەتلىك بۇلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا مۇشۇ بىسىم مۇقىملاش توك يۇلىدىلا ئورۇنسىز ئىسراپ بۇلىدىغان توك نەچچە ۋاتقا يىتىپ كىتىدۇ.يەنە بىرى سىز بىر نەرسە ياسىماقچى بولغاندا سىز بىكىتكەن يەردە ئىشلىمەي قالسا توك يۇلىدىكى قارشىلىقلارنى ئازراق چوڭ-كىچىك ئۆزگەرتىپ قانچە قىتىملاپ سىناپ ئاندىن قارشىلىق قىممىتىنى بىكىتىسىز، سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزدا سىزنىڭ بىكىتكىنىڭىزنىڭ ئۆزى ئۆلچەم بۇلىدۇ، سىز شۇ نەرسىنى ئىشلىتىدىغان مۇھىت تىمپىراتورىسى ۋە سىلكىنىش ئەھۋاللېرىغا قارىتا لامپا- قارشىلىقلارنىڭ ئىشلەش ئۈمرىنى ،قارشىلىق قىممىتى ۋە  قۇۋۋىتىنى چوڭ-كىچىك قىلىپ تەڭشەش ئارقىلىق بەلگىلىيەلەيسىز.ھەم ئەھۋالغا قاراپ مۇقىملاشتۇرۇشتا قانچە بولتا ئىشلىتىش ياكى يىلىم ئىچىگە قاتتۇرۇشنى ئويلاشسىڭىز بۇلىدۇ.
  تىرانسىفورماتورنىڭ چىقىرىش بىسىمى تۈۋەنلەپ مەنبە بىسىمى 12 ۋولىتقا يىقىنلىشىپ قالغان ھالەتتە چىقىش بىسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا R1 قارشىلىققا ئايرىم بىسىم تەمىنلەش ئۇسوللېرىمۇ قوللىنىلىدۇ، بەزىلېرىدە ئايرىم ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئىشلىتىپ تىرانسىفورماتوردىن ئالسا يەنە بەزى رەڭسىز تىلۋىزور دىگەندەكلېرىدە يۇقىرى بىسىملىق تىرانسىفورماتوردىن يۇقىرى بىسىم ئىلىپ تەمىنلەيدۇ.

   يىقىنقى يىللاردا بۇ خىلدىكى قۇراشتۇرۇش ئاۋارىچىلىكى ۋە ھەجىم چوڭ بۇلۇشتەك يىتەرسىزلىكلېرى تۈپەيلى ئاساسەن  LM317, 7818-7805 ،7918-7905 توپلاشتۇرۇلغان توك يوللېرى ئىشلىتىلىدۇ، قۇۋۋەتنى چوڭلاتماقچى بولسىمۇ چوڭ قۇۋۋەتلىك ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا ئۇلاپلا ئىشلىتىدۇ.


     DC_DC بىسىم تۈۋەنلىتىپ مۇقىملاش ۋە بىسىم ئاشۇرۇپ مۇقىملاش توك يوللېرى؛
  بۇ تۇغرىلىق 34063 مەخسوس توپلاشتۇرغان توك يۇلىنى مەن 2008-يىللېرى كۆپ سىناق قىلغان ئىدىم. بۇ تۇغرىلىق يەنە بىر مەخسوس يازغان تىمامدا بار بولغاچقا بۇ يەردە ئارتۇق تۇختالمايمەن. شۇ چاغدا UC3843 توك مەنبە توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ئارقىلىق توكسىكىلىت زەرەتلىگۈچىدىكى 56 ۋولىت توكنى 24 ۋولىتلىق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچكە تەمىنلەش ئۈچۈن DC_DC توك يۇلى قۇراشتۇرغىنىمدا 56 ۋولىتلىق مەبنبەدىكى كوندىساتور بەك قىزىپ كەتكەنتى، شۇندىلا كوندىساتورنىڭمۇ يۇقىرى چاستوتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم، بۇرۇن شىركەتتىن تەمىنلەيدىغان چاغلاردا ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن.
  ئۆزگىرىشچان توك بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ؛
   
بىز ئىشلىتىۋاتقان توك بىسىمى مۇقىم بولماي توك ئىشلىتىشىمىز دەخلىگە ئۇچرىسا ھەر خىل توك مۇقىملاشتۇرغۇچلارنى ئىشلىتىمىز. ئادەتتە خوتلۇق ۋە يۇمىلاق تۈمۈر ئۈزەككە ئورالغان ئايلانما سۈركىلىدىغان چۇتكىلىق بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچلار بار. ئادەتتىكى تىرانسىفورماتورلارغا ئىشلەتكىنىدە كوبتۇرول توك مەنبەسى گە قارىتا ئاپتۇماتىك خوت ئالماشتۇرۇلىدىغانلېرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدا يەنىلا سىلىشتۇرۇش توك يۇلى كۆپ قوللىنىلىدۇ.

  مەن بۇرۇن يوللىغان تىمىدىكى قۇياش ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ كونتۇروللىغۇچىسىمۇ بىر سىلىشتۇرۇش توك يۇلىغا تەۋە، مەن 98-يىل پاتىنىت ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىغان ئاپتۇماتىك زەرەتلىگۈچتىمۇ ئۈن ئالغۇلارنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى كۆرسىتىدىغان لامپا يورۇتۇش توك يۇلىدىن پايدىلانغان ئىدىم، يەنى ئاكۇمۇلياتورنىڭ توك بىسىمى قانچە ئىكەنلىكىگە قاراپ 6،12،24،36ۋولىت توك بىسىملىق ئۇچلېرىنى مۇشۇنداق
سىلىشتۇرۇپ ئايرىيدىغان ئۇسول قوللىنىلغان، ئاندىن سىگنال ماس رېلغا تەمىنلىنىپ كونتۇرول قىلىناتتى. ھازىر بۇنداق توك يوللېرى ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ سىلىشتۇرۇش ئاساسى بىلىمىنى چۈشىىنىش ئۈچۈن بۇلارنى بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.
   
بۇ نەرسىنى بۇرۇن رىمونت قىلغاندا توك بىسىملېرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ يۈرمەيتتۇق، شۇڭا پىرىنسىپى ئۈستىدىلا تۇختىلىمەن.
  يۇقارقى رەسىمدە كونتۇرول قىلىش تۇكى ئورالغان سىمنىڭ ئۈستىنكىسىدىن 10-15 ۋولىتقىچە بىسىم چىقىدىغان بۇلۇپ، كونتۇرول رېلىنىڭ توك مەنبەسى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ، ئاستى تەرپىدىكىسىدىن 6-10 ۋولىتقىچە بىسىم چقىدىغان بۇلۇپ ئالدى بىلەن توك ئۈتكەندە توك مەنبە مۇقىم ئۇلانغان ئۇچتىن تىرانسىفورماتورنى تەمىنلەيدۇ،  دائىم ئۇلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان رېل ئارقىلىق يۈكنى تۈۋەن بىسىملىق ئۇچىغا ئۇلىنىپ تەمىنلەيدۇ. تىرانسىفورماتورنىڭ بىسىمى تۈۋەن بولسا ئۇلىنىپ تۇرغان رېل ئۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر رېل ئۇلىنىپ چىقىش ئۇچىنى يۇقىرىراق بولغان ئۇچقا ئۇلايدۇ، يەنىلا تۈۋەن بولسا ئۇمۇ ئۈزۈلۈپ تىخىمۇ يۇقىرىراق ئۇچىغا ئالمىشىپ توك تەمىنلەيدۇ. دىمەك بۇ يەردىكى رىئوستاتلار تۆتىسى تۆت خىل ئورۇنغا تەڭشەلگەن بۇلۇپ، توك بىسىمى بەك يۇقىرى بولغاندا ھەممە رېل ماگىنتلانغان ھالەتتە توك ئۈتكۈزۈش نۇقتىسى ئۈزۈلگەن ھالەتتە بۇلىدۇ.بۇ توك يولىنىڭ تەڭشەش قۇلايسىز، ئالمىشىش ھالىتىدە ئىككى رېل بىر ۋاقىتتا ئۇلىنىپ قالىدىغان ھالەتلەر كۆرۈلۈپ كۈيۈپ كىتىدىغان نۇقسانلېرى بولغاچقا ھازىر توپلاشتۇرۇلغان توك يوللۇق رەقەملىك ۋە سىلىشتۇرۇش ئىقتىدارلېرى بار مەخسوس توك يوللېرى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇرۇنلاردا كۈپىنچە خوتلۇق بىسىم ئاشۇرغۇچلاردا يۇقارقى رەسىمدىكىدەك يەككە يوللۇق تەڭشىگۈچ ئارقىلىق كونتۇرول قىلاتتى، تىرانسىفورماتورنىڭ180 ۋولىتلىق يېرىدىن باشلاپ ھەر 30 ۋولىتتا بىر ئۇچ چىقىرلىپ كونتۇرول ئۇچى قىلىنسا 5 تال ئۇچنىڭ ئىككىنچىسىدىن 220 ۋولىت مۇقىم بىسىم چىقىدىغان قىلىپ ئۇلىنىپ.توك بىسىمى يۇقىرلاپ قالغاندا مۇناسىپ كونتۇروللىغۇچى ئۇلىنىش ۋە ئۈزلۈش ئارقىلىق توك بىسىمى 220 گە يىقىنراق بىسىمدا كونتۇرول قىلىناتتى.
  يۇمىلاق چۇتكىلىق بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ قولدا ئايلاندۇرۇپ تەڭشەيدىغان ۋە ئاپتۇماتىك تەڭشىلىدىغان كىلىدۇ، ئاپتۇماتىك تەڭشىلدىغىنىدا بىر دانە ئىلىكتىرماتور سىلىشتۇرۇش توك يۇلىنىڭ ھەر ۋاقىت سىلىشتۇرۇپ كونتۇروللىشى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز يۇقىرى-تۈۋەن ئۆزگىرىۋاتقان مەنبەدە ماس ئورۇنغا تۇختىماي ئاپتۇماتىك يۈتكىلىپ تۇرىدۇ.
  قۇياش ئىنىرگىيسىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى
  بۇ تىمىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى سىلىشتۇرۇش توك يۇلىنى ئىككى رىئوستات ئارقىلىق ئىلىكتىرىك رولغا ئۆزگەرتكىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىلىكتىرىك رول دىگەن تىمىدا ئېيتقان ئىدى، بۇ يەردە بىر مۇقىم بىسىم بىلەن ئىندوكسىيلىك توك بىسىمىنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان توكلۇق بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچنىڭ ئىلىكتىرماتورىنى كونتۇرول قىلغىلى بۇلىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:00:23

توك يۇلى لاھىيلەشتە قارشىلىقنى بىكىتىشنى ئەڭ مۇھىم دىيىشكە بۇلىدۇ، شۇڭا بۇلارنى يوللاپ قويدۇم،
ئالمىشىپ يانىدىغان لامپىلارنى قۇراشتۇرۇش بەك ئاسان، قىزىقىدىغانلار قىپ باقارسىلەر...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:46:43

ئۆز ئىندۇكسىيە دەپ بىر ھادىسە باتى، شۇنى ئەسلەپ قالدىم

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:08:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 14:53  

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 10:46 static/image/common/back.gif
ئۆز ئىندۇكسىيە دەپ بىر ھادىسە باتى، شۇنى ئەسلەپ قالدىم ...

  توك ئۈتىۋاتقان ئۈتكۈزگۈچنىڭ ئۆزىدە ھاسىل بولغان ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆزى ئىندوكسىيلىنىشى. ئىندوكسىيلىك توكنىڭ يۈنىلىشى ئۈتىۋاتقان توكقا قارشى يۈنىلىشتە بۇلىدۇ. دىمەك توك ئۇزىتىشتا بولسىن ياكى ماگىنىتلاشتا بولسۇن زىيانلىق بىر ھادىسە...

گاز تۇڭىنى كەسسەم سەل قىيىق چىقىپ قاپتۇ، كىسىدىغىنىم كۆپ بولسىغۇ مەخسوس ئاپتۇماتىك كىسىدىغان قىلسام بۇلاتتى، ئاددى ئۇسولدا تۈز كىسىدىغان چارە بارمۇ؟
كەسكىنىمدە بىر تەرپى بىلەن يەنە بىر تەرپى بىر سانتى قىيسىقلىق پەرقى چىقىپ قاپتۇ...
بەت: [1]
: توك بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ