waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:08:15

خوتەن تەيئەيتەي لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى؛  خوتەن دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن  دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «خوتەن دىلپاك لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.
  بۇ قېتىقى مۇسابىقىگە جەمئى 13 كوماندا قاتناشقان بۇلۇپ، ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقە ئېلىپ بىرىلىپ، ئالدىدىكى دېلپاك كوماندىسى، تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى، كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى، خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى قاتارلىق تۆت كوماندا  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە باسقۇچىغا كىرگەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن كوماندىلار ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ  ئاخىرىدا  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئېرىشكەن. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان. مۇكاپاتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى شىركەت دىلپاك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
    «شىنجاڭ دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى»، «خوتەن شەھەر دىلپاك مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى» ۋە شىركەت (زاۋۇت) قۇرغۇچىسى ھەسەنجان قۇرباننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت كارخانا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خوتەن خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇش، شۇنداقلا كارخانا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە شىركەتنىڭ 2-قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە تەشكىللىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى  شىركەت خوتەن شەھىرىدە «دىلپاك لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسى» نى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.   «شىنجاڭ دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى، خوتەن دىلپاك مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى»نىڭ تىجارەت دائىرىسى: مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەتقىق قىلىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئىكەن.
   ھەسەنجان قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى تەشكىللەشنى شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇسابىقە بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
يىقىنقى يىللاردىن بىرى خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەندىكى مىللى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە  «خوتەن تۈنجى نۆۋەتلىك ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »،  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » قاتارلىق سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان چوڭ تىپتىكى ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۇپ،  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، مەۋلان تۇرسۇن، مەردان تۇرسۇن،  قىرانبەك قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلارنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ خوتەن ۋاسكېتبولچىلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئىدى.
  بىز بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان«خوتەن  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىنى، مۇسابىقىنى قوللىغان مىللى كارخانىلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:30:35

بېلەت باھاسى قانچىكەن
بەت: [1]
: خوتەن تەيئەيتەي لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن