qaynam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:36:36

نەسەپنامە تۇرغۇزۇش ھەققىدە مەسىلىھەت بەرسەڭلار

سالام تورداشلار :
مەلۇم سەۋەپ ۋە ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ، مەن ۋە ئائىلەم ھەققىدە نەسەپنامە تۇرغۇزۇش ئۇيىغا كىلىپ قالدىم .
مەن ۋە مىنىڭ ئائىلەم نەسەپنامە تۇرغۇزغۇدەك شانۇ شەۋكەتلىك ۋە ياكى قانداقدۇر نامدار شەخىسلەرمۇ ئەمەس ، پەقەت ئۇرۇق تۇققانلار ئارا ، بىلىش ، تۇنۇش ، ئارلىشىشنى كۈچەيتىش ، كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قارىتا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئازىراق بولسىمۇ ئۇچۇر قالدۇرۇش ئاساسى مەخسەد .
نەسەپنامىنى ئۈن - سىن لىنتىسى قىلىپ ئىشلىمەكچى ، ھازىرچە ئۆزەمنىڭ ئويلاپ يىتەلگىنىم ، ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى يىغىپ ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە باشقىلار .......
مەن بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان بولغاچ ، بۇ ھەقتە تەجىرىبەم كەمچىل ، شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئانچىكىن قىممەتلىك مەسلىھەتلىرىنى بىرىشىنى ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بولسا تەمىنلەپ بىرىشىنى سورايمەن .
مەزكۇر تىمىغا ئىنكاس يوللاش مۇمكىنچىلىكىڭىز بولمىسا ، بىۋاستە تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ، ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك مەسلىھەتىڭىزنى قالدۇرسىڭىزمۇ بولدۇ .
ئېل خەت : qaynam@qq.com         
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس فىلىم ئىشلەش ئورنىمۇ باركەن ، شۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ۋە قۇراللىرى بولسا تەمىن ئىتىلسە.

Bashtugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:24:10

نەسەبنامىىنى كىتاپ شەكلىدە يېزىپ باققان ئىدىم،
چەتئەللەردىمۇ ئاساسەن كىتاپ شەكلىدە يازىدىكەن.
بۇ تور بىكەتتەن پايدىلىق ئۇچۇرلانى تاپالايسىز.
www.myheritage.com

yawa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 20:49:31

بۇرۇن بىلىك مۇنبىرىدە سارۋانمىكىن@sarwan بىرەيلەن بىر نەسەبنامە يازىدىغان، ئۇيغۇرچىنى قوللىيدىغان بىر بەتنى تۇنۇشتۇرغاندەك قىلغان، ھازىر تاپالمىدىم.
MyHeritage Family Tree Builder ئۇيغۇرچىنى تۇلۇق قوللىمايدىكەن.
نەسەبنامە يازىدىغان ياخشى يۇمشاق دېتاللار ياكى توربەتلەر بولسا قالدۇرۇپ قويساق.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:10:54

مەنمۇ يېقىندا باشلىدىم بۇ ئىشىنى .

ماۋۇ كۆرسەتمىنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ :
جەمەت نەسەبنامىسى ھەققىدە
نىجات سوپى

جەمەت نەسەبنامىسى بىر جەمەتتىكى بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەجداد-ئەۋلادلىق باغلىنىشلىرىنى، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەمدە ئەۋلادلارنى ئەجدادلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي ئىزلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شۇ ئائىلە، شۇ جەمەتكە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان، تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان يازما ماتېرىيالدىن ئىبارەتتۇر.
نەسەبنامىدا نېمىلەر يېزىلىدۇ؟
نەسەبنامىدە ئالدى بىلەن ئەجداد-ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۇكەممەل شەجەرە بولۇشى كېرەك. «شەجەر» ئەرەبچە سۆز بولۇپ «دەرەخ» دېگەن مەنىدە، يەنى بۇ يەردە بىر جەمەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى خۇددى بىر تۈپ دەرەخقە ئوخشىتىلغان بولۇپ، ئەڭ تېگىدىكى غول شۇ جەمەتنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادىنى، كېيىنكى ھەر بىر چوڭ شاخ ئۇنىڭ ئەۋلادىنى، ئۇ شاختىن ئۆسكەن كىچىك شاخ ئىككىنچى كىشىنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە شەجەرىسى خۇددى بىر تۈپ دەرەخقە ئوخشاش شاختىن شاخ ئاجرىلىپ، بارغانسېرى باراقسان ئۆسۈپ بارىدۇ. نەسەبنامىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭدىكى بىر شەجەرىدىن ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى بارلىق تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى بىر قاراپلا كۆرۈۋالالايدىغان بولۇشى كېرەك.
نەسەبنامىدە يېزىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن شۇ جەمەتتىكى ئەجدادلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىدىن ئىبارەتتۇر. يەنى شۇ جەمەتتىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى، ئوقۇش، خىزمەت تارىخى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرى، كىشىلىك خاراكتېرى، پەزىلىتى قاتارلىقلار، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان ۋاقتى يېزىلىدۇ. بۇ نەسەبنامىنىڭ ئەڭ تەپسىلىي يېزىلىدىغان قىسمى بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى توغرا تونۇش، ئۇلارنى چۈشىنىش، ئۇلارنى تۆھپىلىرىنى ئۇنۇتماسلىق، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىدا شۇ ئائىلە، شۇ جەمەتنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نەسەبنامىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن- نەسەبنامىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ بېرىلىدىغان رەسىم، سۈرەت ۋە باشقا بىرىنچى قول ماتېرىياللارنىڭ فوتو نۇسخىسى قاتارلىقلاردۇر. بۇنداق ماتېرىياللار تېخىمۇ ئوبرازلىق ھالدا جەمەت ئىچىدىكى ھەر بىر شەخسنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە شۇ تاشقى كۆرۈنۈشتە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھەر بىر شەخسنىڭ ياكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يەككە ياكى كوللېكتىپ فوتو سۈرەتلىرى، ئەجدادلاردىن قالغان ۋەسىيەتنامە، ئۈگۈت-نەسىھەت قاتارلىق مۇھىم قوليازما ماتېرىياللارنىڭ ئەسلى سۈرەت شەكلى قاتارلىقلار بېرىلسە، نەسەبنامىدىكى مەزمۇنلارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئاشىدۇ.
نەسەبنامە يېزىلغاندىن كېيىن شۇ جەمەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خاتىرە، تەۋەررۈك ماتېرىيال، مۇھىم تارىخىي ھۆججەت بولۇپ قالىدۇ. جەمئىيەتكە تەسىرى بولغان مۇھىم شەخسلەرنىڭ نەسەبنامىلىرى يالغۇز شۇ ئائىلە ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى شۇ جەمەت ياشىغان جاينىڭ پۈتكۈل تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى بىلىشتە ئوخشاشلا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نەسەبنامىنى ياخشى، بەلگىلىك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلىپ يېزىش ناھايىتى مۇھىم خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
نەسەبنامە يېزىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئەنئەنىسى ئىدى. لېكىن، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارىلىقتا بۇ ئىش ئۇزۇن بىر مەزگىل سۇسلىشىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەردە يېزىلمايدىغان بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللىتىمىز ئىچىدە ئۆز ئائىلىسى، ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبىنى سۈرۈشتۈرىدىكەن، شۇ ئاساستا نەسەبنامە يازىدىغان كەيپىيات قايتا كۈچەيدى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئائىلە، جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى ۋە سەۋىيەسى، ئۆز ئىچىدە ئالغان مەزمۇنلىرى ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، بەزىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى توغرا بولمىغانلىقى، مۇھىم نۇقتا بىلەن، مۇھىم بولمىغان نۇقتىلارنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكى، ئورۇنسىز تۈردە باشقا ژانىردىكى ماقالىلەرنى نەسەبنامىنىڭ ئىچىگە قىستۇرىۋالغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىدى.
يېقىندا مەن دوستۇم ئەسئەت ئابدۇرېشىت يازغان «خۇدابەردى جەمەتى نەسەبنامىسى»نى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم. ئەسئەت ئابدۇرېشىت ئۆزى قەلەم قۇۋۋىتى يۇقىرى، نامى چىققان يازغۇچى بولغاچقا، نەسەبنامىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز جەمەتىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئەۋلاد تارىخىنى توغرا يورۇتۇپ بېرەلىگەن. بولۇپمۇ بوۋىسى ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردى ۋە نەۋرە ئاكىسى مىجىت خۇدابەردى قاتارلىق مۇشۇ جەمەت ئىچىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ تارىخى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى ناھايىتى ياخشى يازغان. ئۇندىن باشقا كىتابتا يەنە بۇ جەمەتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىككى دەرىجىلىك ئاددىي شەجەرىسى بېرىلگەن. بوۋىسىدىن تارتىپ كېيىنكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئائىلىنى بىرلىك قىلغان نۇرغۇن فوتو سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق مەزمۇننىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. بولۇپمۇ بوۋىسى ئىبراھىمئاخۇننىڭ چۆچەكتە قۇرغان ماشىنا كالونىغا ئائىت سۈرەتلەرنىڭ تارىخىي قىممىتى ناھايىتى زور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى شۇ ئەجدادنىڭ غەيرىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. ئېنىقكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋە بۇندىن كېيىن ئوقۇيدىغان مۇشۇ جەمەتتىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىغا بولغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارغا يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بولۇش تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۆزلىرىنى كىشىلىك پەزىلەت، ئەخلاق، ئۆگىنىش، خىزمەت نەتىجىلىرى جەھەتتە تېخىمۇ تولۇق يېتىلدۈرۈپ، ئائىلىسى ۋە جەمئىيەتكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان ياش ئەۋلادلاردىن چىقىۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرى، چەتئەللەرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ روھىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇغقانلار ئارىسىدىكى باشقا قېرىنداشلارمۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئۆزلىرىگە بەلگىلىك ئىلھام ئالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتاب تۇغقانلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كېيىن بۇ جەمەتتىكى تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئارىلىشىش، بېرىش-كېلىش، ياردەملەر تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تېخىمۇ شەرەبلىك بىر جەمەت بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىدۇ. دېمەك، خۇدابەردى جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن بۇ كىتاب بۇندىن كېيىن ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلىنىپ قالغۇسىدۇر.
بۇ كىتابتىكى بەزى مەزمۇنلار بولۇپمۇ ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردىنىڭ چۆچەكتە قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ قىممىتى بۇ ئائىلە، بۇ جەمەتنىڭ تار دائىرىلىك مەنپەئەت چەمبىرىكىدىن ھالقىپ، بىر پۈتۈن چۆچەك جەمئىيىتى، ھەتتا ئەينى چاغدىكى پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ قىسىمنىڭ تەسىر دائىرىسى بۇ جەمەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇن ئائىلە، جەمەتلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ، ئىختىيارسىز ھۆرمەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قىسىم بۇ نەسەبنامىنىڭ جەمەتتىن ھالقىغان ئىجتىمائىي قىممىتىنى ياراتقان مۇھىم بۆلەكتۇر. ئۇندىن باشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مىجىت خۇدابەردى ئاكىنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىمۇ خۇددى يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر. بۇنداق يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئالاھىدىلىك ھەممىلا جەمەتنىڭ نەسەبنامىسىدا چوقۇم بولۇشى ناتايىن، شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق ئىجتىمائىي قىممىتى زور مەزمۇنلار بولسا، تىرىشىپ قازغان، ئەلگە تونۇتقان ياخشى.
كىتابتا كەمچىللىكلەر يوق دېيەلمەيمىز، ئەلۋەتتە. كىتابتا مۇكەممەل شەجەرە (دەرەخ ئىسخېمىسى) بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ئائىلىسىنىڭ ئىككى دەرىجىلىك ئاددىي شەجەرىسى سىزىپ كۆرسىتىلگەن. ئەسلىدە مۇشۇ ئاساستا پۈتۈن تۆت ئەۋلاد بارلىق تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇكەممەل بىر شەجەرە سىزىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. كېيىنكى تولۇقلىمىلاردا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسا بولىدۇ. يەنە بىرسى ئىملادا بەزى خاتالىقلار بار ئىكەن. مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر نەسەبنامە يازغاندا ئىملاغا ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان مىراس، كېيىنكىلەر بىزنىڭ ئىملا خاتالىقلىرىمىزنى كۆرسە ياخشى بولمايدۇ. يېقىنقى ياش ئالىمىمىز ئالىم ئەھەت ئۇيغۇرسوفت كوررېكتور يۇمشاق دېتالىنى توردا ھەقسىز تارقاتتى (http://imla.uighursoft.com/ug-CN). ئىملادا بۇندىن كېيىن مۇشۇ دېتالنى ئاساس قىلىپ تۈزىتىش ئېلىپ بارساق، بۇ خاتالىقنىڭ ئەۋلادلارغا يېتىپ بېرىشىدىن ساقلىنىپ قالالايمىز.
بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، جەمئىيىتىمىزدە باشقا ئائىلە، جەمەتتىكىلەر بۇندىن كېيىن نەسەبنامە يازماقچى بولسا، ئەسئەت ئابدۇرېشىتنىڭ مۇشۇ كىتابىدىكى ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۆرنەك قىلسا بولغۇدەك. ئۇندىن باشقا بۇ كىتاب مەندە يەنە تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى پەيدا قىلدى.
1) نەسەبنامە يېزىشتا ھەممىلا جەمەتتىن ئەسئەت ئابدۇرېشىتقا ئوخشاش يازغۇچى چىقىشى ناتايىن، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئۆلچەملىك نەسەبنامە يازالىشى قىيىن. شۇڭا، بۇنداق ئائىلىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ مېنىڭچە، بىر ياخشى ئۇسۇل نەسەبنامە يېزىشنى يازالايدىغانلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار زىيارەتلەرنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ، بۇ جەريانغا كەتكەن چىقىملارنى كۆتۈرۈش، مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بېرىش يولى بىلەن قەلىمى كۈچلۈك كىشىلەرگە ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ۋاكالىتەن يازدۇرسا بولىدۇ. مېنىڭچە، يازغۇچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ سەللا تىرىشسا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
2) شۇ رايوندا جەمئىيەتتە بەلگىلىك تارىخىي، ئىجتىمائىي تەسىرى بولغان ئائىلە، جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىسىنى قولۇم-قوشنا، دوست-بۇرادەرلىرى ھەمكارلىشىپ، ياردەم قىلىپ چوقۇم يېزىپ چىقىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنىنى تىكلىگىلى، باشقا ئائىلە، جەمەتلەرگە ئۈلگە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىلى رايونىغا نىسبەتەن، بۇ دىياردا يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن ئىلى ھاكىمبەگلىرىنىڭ جەمەتى، خەلق قەھرىمانى سادىر پالۋاننىڭ جەمەتى، داھى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جەمەتى، كارخانىچى مۇسابايوفلار جەمەتى، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەمەتى… دېگەنلىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسى قانداقلا بولمىسۇن چوقۇم يېزىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا شۇ جەمەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى دوست-بۇرادەرلىرى ياكى قەلەم كۈچى زور ياشلار كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئائىلىنىڭ شەرىپى تۇرغۇزۇلسا، ئىناۋىتى تىكلەنسە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شەرەپلىك تارىخقا ئىگە جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىسى يېزىلسا، شۇ جەمەت ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق.
ئاخىرىدا مەن، دوستۇم ئەسئەت ئابدۇرېشىتنى بۇ كىتابى بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇبارەكلەيمەن. ئەسئەت، جەمەتىڭنى بىزگە تونۇتقانلىقىڭدىن خۇرسەنمىز. جەمەتىڭنىڭ ئىچىدىكى ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردى، مىجىت خۇدابەردى ۋە ساڭا ئوخشاش ياراملىق كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ چىقىپ، جەمەتىڭلارنىڭ ئىناۋىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشىنى، جەمئىيەتكە يەنىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭلارنى تىلەيمىز.
2015-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، غۇلجا.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:12:27

يەنە يۈكسەل بۇرادەرنىڭ بىلوگىدىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىلار بار ...

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:22:48

مەن باشلىغىلى 5 يىل بۆلدى

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:37:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaynam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-24 05:40

تورداش داداش نادىر ئىنكاسىڭىزغا تەشككۈر ، تەمىنلىگەن ماتىرىياللىرىڭىزغا رەھمەت ،«خۇدابەردى جەمەتى نەسەبنامىسى»نى مىنىڭمۇ كۆرۈپ باققمۇ بار ، مۇمكىنچىلىك بولارمۇ ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 07:07:00

مۇشۇ مۇنبەردىكى 86 ئەپەندىمۇ يېقىندا ئىشلەپتۇ،شۇ توغرىلىق تېمىسىمۇ بار،86 ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىڭ

azizim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:06:56

ئۈلگە قىپ بىرە نەسەبنامەيوللانغان بولسا...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:53:22

ئاپاممۇ بىزنىڭ ئانا تەرەپ نەسەبنامىمىزنى يېزىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، شۇغىنىسى سېستىمىلىق ئەمەس ،مۇشۇ تېمىنىڭ پايدىسى تىگىدىغاندەك تۇرىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 20:03:31

qaynam يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 21:37 static/image/common/back.gif
تورداش داداش نادىر ئىنكاسىڭىزغا تەشككۈر ، تەمىنلىگەن...

يازغۇچىلار تورىدا بار.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 22:09:14

مالال كۆرمەي ئاددىرىس ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 22:36:00

بىزنىڭ ئۇرۇقنىڭ بار ،ئىمام ئۇرۇقى شەجەرىسى ،   ئەمما نەسەبنامە دىگۈدەك تولۇق ئەمەس ، پەقەت ئىسىملىك. بىز بىلىدىغان ئەڭ بۇرۇنقى بوۋىمىز يىلتىز ، ئاندىن ئەۋلادلار يىلتىزدىن كۆكلەپ چىققان دەرەخنىڭ غولى ، شاخلىرى . بىزنىڭ ئۇرۇق باشلانغان بوۋىمىزدىن بىزگىچەتەخمىنەن ئىككى يۈز يىل.
بىز تەرەپتە جەمەت دىمەي   ئۇرۇقدەپ ئىشلىتىمىز

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 22:59:26

qaynam يوللىغان ۋاقتى2015-2-25 22:09 static/image/common/back.gif
مالال كۆرمەي ئاددىرىس ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=24473

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:55:13

رەھمەت ، باشقا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بولسا تەمىن ئەتسەڭلار .....

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:23:27

yawa يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 20:49 static/image/common/back.gif
بۇرۇن بىلىك مۇنبىرىدە سارۋانمىكىن@sarwan بىرەيلەن بىر نە ...

شۇنداق بىر تور بىكەت بولىدىغان. لىكىن ئۇنى ياسىغان سارۋان ئەمەس. بىلىك تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلىك ئەپەندى بولىشى مۇمكىن.
ئۇ بەت ھازىر ئېچىلمايدىغاندەك قىلىدۇ.
http://www.neseb.org/

بەت: [1]
: نەسەپنامە تۇرغۇزۇش ھەققىدە مەسىلىھەت بەرسەڭلار