dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 09:44:31

گىرتسىيە ۋەزىيىتى تەسىرىدە ياۋرو چۈشۈپ دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

سەيشەنبە كۈنى (2-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارالىق نەق ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيە باھاسى 1233.60 ئامىرىكا دوللىرى بولدى. گەرچە گىرتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋرو رايونى كىلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، بىراق بازارنىڭ خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقۇرلىمىدى.ئالتۇن يەنىلا 1230 ئامىرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەندى.بۈگۈن ئاساسلىق دىققەت قىلىدىغىنىمىز: ئەنگىلىيىنىڭ CPI نەتىجىسى بىلەن نيو-يورك فىدراتسىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچ نەتىجىسى.
گىرتسىيە بىلەن ياۋرو رايونىنىڭ گىرتسىيە زايومى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى مەغلۇپ بولغانلىق خەۋرى ئاشكارلانغاندىن كىيىن، گىرىتسىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق چىكىندۈرۈش پىلانىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. گىرتسىيە ھۆكىمىتى بۇ پىلاننى يولسىزلىق دەپ قارىدى. گىرتسىيىنىڭ مۇقىمسىز ۋەزىيىتى تاشقى پىرۋوت ۋە قىممەتلىك مىتاللار بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، يەنى ياۋرو توختىماي چۈشۈپ ئامىرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆستى. ئالتۇن باھاسىمۇ بۇنىڭ تەسىرىدە 1230 ئامىرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئايلاندى.[/ali


بىر گرام ئالتۇن        242.04   يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر  گرام كۈمۈش      3.276  يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر  گرام ئاق ئالتۇن     234.58   يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر ئۇنسىيە  ئالتۇن   1203.6000 ئامېرىكا دوللىرى.

بىر ئۇنسىيە  كۈمۈش  16.2900   ئامېرىكا دوللىرى.

بىر ئۇنسىيە  ئاق ئالتۇن    1166.5000 ئامېرىكا دوللىرى.

مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى  http://www.xjabs.com/show/?id=2590
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن   ئالاقىلىشىڭ .
( تەرجىمىدە دىلنۇر )

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:23:57

نىمىشقا پەقەت گىرىتسىيەلا مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كىلىدۇ؟

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:17:39

@تاغ: ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلىغى ۋە دۆلەت مالىيە سىتاتىسكىسىنى يالغان مەلۇم قىلغانلىغىدىن دەپ ھىس قىلدىم

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:39:26

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 20:39:50

rfst يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 16:39 static/image/common/back.gif
گىرىتسىيە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەت ئەم ...

ئۇنداقتا بۇلار يېراقتىكى موللامغا ئامراقكەندە، قوشنىلىرى يامان ئەمەس باقاتتى بۇلارنى، پۇلى تۈگەپ قالسا پۇل بېرىپ دېگەندەك

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:42:03

بەت: [1]
: گىرتسىيە ۋەزىيىتى تەسىرىدە ياۋرو چۈشۈپ دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى