hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:30:19

بىرقىسىم كۈچەت ئۇرۇقلىرىنى بىر ەرەپ قىلىش ئۇسۇلى (خىيالچى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-23 22:57

      بىز ياڭاق ھەققىدە تېمىمىزدا ياڭاق ئۇرۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى يۈزەكى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇ ق ، بۇ تېمىداشاپتۇل ، ئالما ، نەشپۈت ( دۇلى ) ئۇرۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز . ۋاقتى كەلگەندە تېرىش ئۇسۇلىنىمۇ سۆزلەيمىز ، تورداشلار كىتاپ بىلەن سېلىشتۇرماي ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن تېمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەزمۇنلارنىڭ خاتاسىنى بايقىسا بوينۇم قىلدا باغلاقلىق بولسۇن !!!! ( دىمەكچى سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلەرگە ھۆرمەت قىلىمەن ) ....

ئالما ، نەشپۈت ئۇرۇقلىرىنى تۆۋەن تىمپۇراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخلاندۇرۇش

   1. ئاۋال ئىلمان سۇغا ئىككى كۈن چىلايمىز ، سۈيىنى ھەر تۆت سائەتتە بىر ئالماشتۇرىمىز ،ئاخىرىدا لەيلەپ قالغانلىرىنى پىچەك ئۇرۇق قاتارىدا سۈزۈپ تاشلىۋېتىمىز .
   2. ئاندىن ئۇرۇق بىلەن ئۈچ ھەسسە كىلىدىغان دەريا قۇمى ( ئىلى ، تارىم ، زەرەپشان ، قارىقاش ، قايدۇ دەريالىرىنىڭ بۇلىۋىرىدۇ ) نى سىقىمدىساق چېچىلمىغۇدەك ھالەتتە نەملەپ ئۇرۇقنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز ، ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق پاختا رەخت خالتىغا قاچىلايمىز .
   3. سايە چۈشۈپ تۇرىدىغان يەرگە 50 سانتىمىتىر چۇڭقۇرلۇقتا ئورەك كولايمىز ، ئۇزۇنلۇق كەڭلىگى ئۇرۇقىمىزنىڭ ئاز كۆپلىگىگە ئاساسەن بىكىتىلىدۇ ، كولاپ بولغاندىن كىيىن ئاسىتىغا 20 سانتىمىتىر دەريا قۇمى قۇيىمىز ، ئۈسىتىگە نىپىز مۇز قۇيىمىز ، ئۈسىتىگە قۇمغا ئارىلاشتۇرغان ئۇرۇقنى خالتىسى بىلەن قۇيىمىز ، ئۈستىگە مۇۋاپىق قۇم قۇيۇپ تەكشىلەپ ئاندىنئۈستىگە مۇز قۇيمىز ، مۇزنىڭ ئۈستىنى پالاڭ بىلەن قېلىنراقيېپىپ قويساق بۇلىدۇ . تۆۋەن تېپۇراتۇرىدا تۇرۇش ۋاقتى 60 كۈن .
      4. تېرىشتىن 6- 7 كۈن بۇرۇنكۈمۇپ قويغان يىرىدىن ئېلىپ ، ئورىيا ئۇغۇت خالتىسىنى پاكىز قۇيۇپ ، شۇ خالتىغا قاچىلاپ خالتىنىڭ ئىچىدە تەكشى يېيىتىپ ، ئاپتاپقا سالساق بىخلايدۇ ، بىر ئورىيا خالتىسىدا بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا ئۇرۇقنى بىخلاندۇرساق بۇلىدۇ ، بەكجىق بۇلۇپ كەتسە تەكشى بىخلانمايدۇ .
   ئەگەر بەك تىز بىخلاندۇرماقچى بولساق ، يەرگە تەكشى يېيىتىپ ئۈستىگە سۇلياۋ يېپىپ بىخلاندۇرساق بۇلىدۇ ، ئەمما بۇخىل ئۇسۇلدا بەك تىز بىخلنىپ كەتسە ئۈندۈرمسى تېرىغاندا سۇنۇپ كىتىدۇ .شۇڭا ئورىيا خالتىسىدا بىخلاندۇرساق ئەڭ بىخەتەر بۇلىدۇ .

تىز سۈرئەتتە بىخلاندۇرۇش ئۇسۇلى

ناۋادا قىشىچە ئۇرۇق ئېلىپ تۆۋەن تېمپۇراتۇرىدا بىخلاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالساق ، ئەتىيازدا ئالدىراپ تىنەپ بىر تەرەپ قىلىشققىمۇ بۇلىدۇ ، ئۇ چاغدا ئۇرۇقنى ئىلمان سۇغا بەش كۈن چىلايمىز ، ھەر تۆت سائەتتە سۇ يەڭگۈشلەپ ، ئاندىن دەريا قۇمىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئورىيا خالتىغا سېلىپ ئاپتاپقا يايساق بۇلىدۇ ....

شاپتۇل ئۇرۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

1. بەش كىچە كۈندۈز سۇغا چىلايمىز قالغان يىرى ئالما دۇلى كۆچەتلرىنى تۆۋەن تېپپۇراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشايدۇ ...

ناۋادا ئۇنداق قىلالمىساق تىز سۈرئەتتە بىخلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق بۇلىدۇ
1. بەش كېچە كۈندۈز سۇغا چىلايمىز .
2. ئۇرۇقچىلارنى چاقىمىز .
3. مېغىزنى ئۈچ ھەسسەدەريا قۇمىبىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئورىيا ئوغۇتخالتىسىغا سېلىپ ئاپتاپقا يېيىپ بىخلاندۇرساق بۇلىدۇ ...

ياڭاق ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرۇش ئۇسۇلى   

ياڭق ئۇرىقىنى بىخلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى جىق بۇلۇپ ، ئات تىزىكىدە بىخلاندۇرۇش ، كۈزدە يەرگە كۈمۈپ قۇيۇپ بىر تەرەپ قىلىپ ئەتىيازدا بىۋاستە تېرىش دىگەندەك ئۇسۇللارنى ئاڭلايمىز ، ئەمما ئۇ ئۇسۇللارنى قىلىپ باقمىغان بولغاچ ئەتىيازدا ئالدىراپ تىنەپ بىخلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز.

1. يەر تەييار بۇلۇشتىن 10-15 كۈن بۇرۇن ياڭاقىنى سۇغا چىلاشنى باشلايمىز ، سۈيىنى ئىمانىيەت يار بەرسە 12 سائەتتە بىر ئالماشتۇرساق بۇلىدۇ ، سۇ ئېقىتىپ كەتمەيدىغان ، ئوغرى ئەكەتمەيدىغان يەر بولسا ئېقىپ سۇغا تاغار بىلەن چىلاپ قويساق ئەڭ ياخشى ، 7 كۈندە 50-60 % تۇمشۇقى يېرىلىدۇ ، 15 كۈندە ھەممىسنىڭ تۇمشۇقى يېرىلىدۇ .
2.11-12 كۈن بولغاندا ئۇرۇقنى سۈزۈپ ئاپتاپقا سالىمىز ، سۈيى قۇرىغاندىن كىيىن تۇمشۇقى يېرىلغانلىرىنىسايە يەرگە دەريا قۇمىغا كۈمىمىز ، يەر تەييار بولسا قۇرىغاندىن كىيىن بىۋاستە خالتىغا قاچىلاپ ئەپچىقىپ تېرىساق بۇلىدۇ .
3.تۇمشۇقى يېرىلمىغانلىرىنى داۋاملىق سۇغا چىلاپ بىر ئىككى كۈن بولغاندا ئاپتاپقا سالىمىز ، تاكى يېرىلغۇچە ياكى يېرىلمايدۇ دەپ ھۈكۈم قىلغۇچە بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز.
قانداق تېرىش پەرۋىش قىلىش ھەققىدەتورداشلار ياڭاق ھەققىدە يېزىلغان تېمىنى كۆرسە بۇلىدۇ ....

tekin3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:10:42

سىلىچە ئاشۇ ياڭاقنى كىۋەز ئېتىزىغا تېرىسا قانداق بۇلا. بىزمۇ بۇيىل 20ئەتراپىدا يەرگە ياڭاق سالماقچى بولغان. بازادىن كۈچەت ئېپلا تىكەي دىسەم، كىۋەزگە سۇ قۇيغىچە قۇرۇپ بولغىدەك. شۇ 7-ئايغىچە ئارلىقتا ئۆرەك ئېچىپ سۇ قۇيۇشقا ئىمكانىيەت يوق.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:59:10

مۇنۇ تىمىنى ئۇندىداردا مەھەللىدىكى بالىلارغا تارقىتىپ بىرەيچۇ...
{:112:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:43:53

kuwruk يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 08:59 static/image/common/back.gif
مۇنۇ تىمىنى ئۇندىداردا مەھەللىدىكى بالىلارغا تارقىتى ...

بولسا شۇنداق قىلسىلا ، ھەممىسى مىنى تۇنۇپ كەتسۇن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:47:43

tekin3 يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 08:10 static/image/common/back.gif
سىلىچە ئاشۇ ياڭاقنى كىۋەز ئېتىزىغا تېرىسا قانداق بۇلا. ...

بۇلىدۇ ، ئەمما ۋاقىتنى جىق زايە قىلىدۇ ، كىرىشتۈرۈپ تېرىش تەس بولغاننى ئاز دەپ ، خېلى ئۇزۇندا مىۋىگە كىرىدۇ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:49:12

راستىنلا مىۋىسى تاتلىق تېما بوپتۇ.{:112:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:52:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-24 10:57

      تۈرگە كىرگۈزىدىغان ئىش بولمىسا ، سالىدىغان كۆچەتنى بىر يەردە جۇغلاپ باشقۇرۇپ ، ئۇلاپ قولدىن چىقارغاندىن كىيىن ئاندىن سالسا قۇلايسىزلىق سەل ئاز بۇلىدۇ ، 20 مو يەرگە مىڭ تال ئەتراپىدا كۆچەت تەييارلاپ ، جايىدا ئۇلاپ ، قىشتىن ئۆتكۈزۈپ ، كىلەر يىلى ئەتىيازدا تارقىتىپ سالسىمۇ ياكى كۈزدە بەك قورغاقچىلىق بولمايدۇ ، كۈزدە سالسىمۇ بۇلىدۇ ...
20 مو يەرنى كۆچەت قىلغاندا كىۋەزنىڭ ئاق يىرىگە ئەتىيازلىق سۈيىنى قۇيۇشتىن بۇرۇن كۆچەتنى سېلىۋالسىمۇ ياكى سۇغىرىش ئېرىقى چىقىرىپ ، قۇدۇق كولاپ ، كىۋەزنى تېرىپ بولغاندىن كىيىن يەر ئاسىتى سۈيى بىلەن سۇغارسىمۇ بۇلىدۇ، سۈيىنى ئويلاشماي تۇرۇپ كۆچەت سالماسلىق كېرەك ....

      جايىدا تۇرغۇزۇپ ئۈندۈرسە ئۇنى ياخشى باشقۇرۇشمۇ تارقاقلىشىپ كىتىدۇ ، ئۆزىڭىز ياخشى ئويلىشىڭ .....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:58:47

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 10:49 static/image/common/back.gif
راستىنلا مىۋىسى تاتلىق تېما بوپتۇ.

ئۆزى بەتتام دىمەكچىمۇ ؟ :lol :lol

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 12:05:31

شاپتۇل، ياڭاق ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرۇپ تېرىغىنىنى ئاڭلىغان ھەم قىلىپ كۆرگەن، ئەمما ئالما، ناشپۈت ئۇرۇقىنىبىخلاندۇرۇپ تېرىغىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، كۆرمەپتىكەنمەن. بىر يېڭىلىق تۇيۇلدىيا ماڭا.
تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.مۇشۇ بۇيىچە بىر سىناپ باقىدىغان ئىشمىكى. (لىكىنئالما ، نەشپۈتنى يەپ ئۇرۇقىنى ئايرىۋالساق بۇلارمۇ:o)

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 12:32:27

ئۇرۇقنى بازاردا ساتىدۇ ، يەپ يىغىدىغان ئىش بولسا قورساق ئاغرىپ كىتە ، بىرە كىلو ئۇرۇق يىغىپ بولغۇچە ...

ھە راست سىزمۇ شاپتۇل ياڭاقنى بىخلاندۇرغاندىكى ئۇسۇلىڭىزنى دەۋەتمەمسىز ؟؟؟@tumurjan

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 12:45:33

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 12:32 static/image/common/back.gif
ئۇرۇقنى بازاردا ساتىدۇ ، يەپ يىغىدىغان ئىش بولسا قورسا ...

بىزنىڭ خوتەندە ئالما ، نەشپۈتلەرنى ئۇلاپ ياكى قەلەمچە قىلىپ كۆپەيتىمىز. ئۇرۇقىنى تېرىغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن.

شاپتۇل، ياڭاقلارنى بىخلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى سىز تەپسىلىي سۆزلەپسىز، بىز تەرەپتىكىگە ئوخشايدىكەن. مىنىڭ قايتا دەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوقكەنغۇ. :handshake

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 13:05:42

ئالما نەشپۈتلەرنى سىز ئۆزىڭىزمۇ قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرۈپ سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىزمۇ ؟ @tumurjan

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 13:55:36

بىزنىڭ يۇرۇتلاردا ئاق تىكەننىڭ مېۋىسى بەك پۇل بۇلۇپ كەتتى ، يازلىق تەتىل مەزگىلدە ئىچكىردىكى بىر خۇيزۇ بىلەن ئالاقىلاشسام ماڭا 150000 سوم سېلىپ بەرگەن ، مەن دېھقانلار تېرىپ ئەكەلگەن ھۆل مېۋىنى كىلوسىنى 80 سومدىن ئېلىپ ، قۇرۇتۇپ ئىچكىردىكى خۇيزۇغا 500 سومدىن سېلىپ بېرىپ 30000 دەك پۇل تاپقانتىم ، ھازېر بىزنىڭ يۇرۇتتىكى خۇيزۇلار كېۋەز تېرىماي ئاق تىكەننىڭ كۆچىتىنى كىشلەرگە دانىسىنى 5 مودىن كولىتىپ يەرلىرگە تىكىۋاتىدۇ ، كۆپ تىككەنلىرىنەچچە يۈز مو يەرگە تىككەن ئوخشايدۇ ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىچكىردەكى بىر خۇيزۇ 300000 تۈپ كولىتىپ ئەكەتتى ، ئەگەر ئاق تىكەننىڭ مېۋىسى ئۆتكەن يىلقىدەك پۇل بۇلۇپ قالسا ، بىر مو يەردىن يۈزمىڭغا يېقىن كىرىم قىلغىلى بولغۇدەك ، ، ،

qelem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:22:45

boss يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 13:55 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ يۇرۇتلاردا ئاق تىكەننىڭ مېۋىسى بەك پۇل بۇلۇپ كە ...

بۇ ئاق تىكەننى خەنچە نېمە دەيدىكەن، قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، ماتېريال كۆرەپ باقاي.
ھە راست، بۇمۇ گۈلچايدەك ئادەمنى گاز شارىغا چىقىرىپ قويماس ھە ... :D

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:52:46

ئاق تىكەننى خەنزۇچە 白刺 دەيدىكەن ، بايا توردىن ئاقتۇرسام ھازېرقى باھاسى سۈپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە پاكىزلىقىغا قاراپ 500 - 2500 دەيدۇ يېرىم كىلوسىنى ، چىڭخەيدىن چىقىدىغانلىرنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشىكەن ، نىڭشىيا بىلەن شىنجاڭنىڭ سەل ناچارراق ئوخشايدۇ ، بىزنىڭ يۇرۇتتا پۇل بۇلۇپ كەتكىلى 3 يىل بولدى ، ئۇنۇڭدىن بۇرۇن خەق قاراپمۇ قويمايتى ، ھازېرمۇ قەشقەر ، خوتەن تەرەپتىكى قېرىنداشلار بۇنىڭ پۇل بولدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ، ، ،

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:43:14

qelem يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 14:22 static/image/common/back.gif
بۇ ئاق تىكەننى خەنچە نېمە دەيدىكەن، قىزىقىپ قېلىۋاتى ...

   خەنزۇچە «黑枸杞» دەيدۇ. شىنجاڭدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ياۋا چاتقال. بۇرۇن ئاساسەن تونۇلمىغان، ئۆتكەن يىلى بىراقلا داڭقى چىقىپ، قۇرۇق مېۋىسىنىڭ بازىرى چىقىپ كەتتى.
مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا قارىغاندا ئاق تىكەننىڭ مېۋىسى تەركىۋىدە «花青素» دىگەن ماددىنىڭ مىقدارى ناھايىتى مول بولۇپ، بۇ ماددا ئادەم تېنىدە ھۆجەيرىلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، چىراينى ياخشىلاش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش...دىگەندەك ئالاھىدە ئۈنۈملەرگە ئىگە ئىكەن.
   ئاق تىكەننىڭ مېۋىسى قارا رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى رەڭ ماددىسى سۇدا ناھايىتى تېز ئىرىيدۇ ۋە سۇنى دەرھاللا قارا رەڭگە (سۇ مىقدارى كۆپ بولغانسىرى سۆسۈن، بىنەپشە رەڭلەرگە ) ئۆزگەرتىدۇ. تەمى قېىنىق ھالەتتە بەتتامراق بولۇپ، سۇسلاشقانسىرى تەمسىز ھالەتكە كېلىدۇ. چاي دەملەپ ئىچىشكە، تاماق ۋە شورپىلارغا سېلىپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئەمما مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە چاي، تاماق ياكى شورپىنىڭ رەڭگىنى بۇزۇۋىتىدۇ.
   ئاق تىكەننىڭ بۇندىن كىيىنكى بازار ئىستىقبالى قانداق بولار؟
   مېنىڭ تەھلىلىمچە :
   2015-يىلىدا:بازىرى ياخشى بولىدۇ. چۈنكى 2014-يىلى 12-ئايدىن بۇيان ئاق تىكەن مال مەنبەسى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قېلىپ، ئىزلەيدىغان خېرىدار كۆپ، ئەمما مال يوق بولۇپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆتكەن يىلقى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن نۇرغۇن خوجايىنلار ياۋا ئاق تىكەنلەرنى قومۇرغۇزۇپ ئېتىزلىرىغا يۆتكىدى ياكى كۆچەت قىلىپ ساتتى، بۇ كۆچەتلەر كېلەر يىللىرى ئاندىن مېۋىگە كىرەلەيدۇ. شۇڭا مېۋە مەنبەسى ئۆتكەن يىللاردىكىگە قارىغاندا ئازلاپ كەتتى دىيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ يىل بازىرى ياخشى بولىدۇ.
   باھاسى ئوتتۇراھال بولىدۇ. يەنى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان باھا ئارىلىقىدا (400-550يۈەن ئارىلىقىدا) بولۇشى مۆمكىن. چۈنكى بۇ يىلدا گەرچە مېۋىلەش كۆلىمى سەل ئازىيىدىغان بولسىمۇ لىكىن چەت سەھرالىرىمىزدا، چۆل-سايلىرىمىزدا ، يايلاقلىرىمىزدا يىللاردىن بۇيان ھېچكىم قاراپمۇ قويمايدىغان ياۋا ئاق تىكەنلەرنىڭ مېۋىسى بۇ يىل تولۇق يىغىۋىلىنىدۇ. شۇڭا ئومۇمى مەھسۇلات مىقدارى ئۆتكەن يىلدىن ئاشسا ئاشىدۇكى كېمەيمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى يىللاردا ئىچكى ئۆلكىلەردە پارنىكلاردا كۆپ تېرىلغان، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ئاق تىكەن مەھسۇلات بازىرىنى سەل قالايمىقان قىلىدۇ. ئاق تىكەننىڭ مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھازىرچە تېخى دەسلەپكى ياكى ئىپتىدائى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ. خام مەھسۇلات پېتى ئىستىمال قىلىش بولسا ئىستىمالچىلارنىڭ ئانچە ئىشتاھاسىنى قوزغىيالمايدۇ. شۇڭا ئېھتىياج ۋە باھاسىدا پەۋقۇلئاددە ئۆرلەش بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
   2016-يىلىدىن كىيىن: باھاسى گۈلچايغا ئوخشاش تېز تۆۋەنلەيدۇ. چۈنكى ئاق تىكەن كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ، تارقىلىش دائېرىسى ناھايىتى كەڭرى. ئىلگىرى پەقەت مەھسۇلاتىنى يىغىۋالىدىغان ئادەم بولمىغانلىغى، داڭقى چىققاندا تەييار مەھسۇلات مىقدارى چەكلىك بولغانلىغى ئۈچۈنلا باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن. 2015-يىلى قومۇرۇۋىلىنغان ئاق تىكەنلەر بۇ يىل ئىچىدە قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ، كېلەر يىلىدىن تارتىپ يەنە مېۋىگە كىرىدۇ. يېڭى ئېچىلغان يەرلەر ۋە سايلارغا تېرىلغان، تىكىلگەن ئاق تىكەنلەر مېۋىگە كىرىشكە باشلايدۇ. ئىچكى ئۆلكىلەردىكى زور كۆلەملىك تۆۋەن تەننەرىقلىك ئاق تىكەن تىكەن تىكىلگەن يەرلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بازارغا كىرىدۇ. ئېھتىياج بولسا نىسبى تۇراقلىشىدۇ. شۇڭا ئاق تىكەن تىجارىتى ئارقىلىق بېيىشنى ئويلاۋاتقانلار 2015-يىلنى چىڭ تۇتسا بولىدۇ، 2016-يىلدىن كىيىن ئىمكانقەدەر تاغلىق رايوننىڭ ۋە ساينىڭ تەبئى مېۋىسىنى مۇۋاپىق باھادا يىغىۋىلىپ شۇنىڭ سودىسىنى قىلسا بولىدۇ، دېھقانچىلىق رايونىدا كېڭەيتىشكە كۈچىمەسلىكى ۋە سۈنئى كېڭەيتىلگەن رايوننىڭ مېۋىسىدىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرغىنى ياخشىراق.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:02:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!خىيالچى ئەپەندى،ماۋۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەندە سىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئويى پەيدا بولدى،مەندە مەلۇم كۆلەمدە تېرىلغۇ يەر بار،پىلانىمدا بىر بۆلىكىنى باغ قىلماقچى ئىدىم،بىراق،خىزمەت تۈزۈمىدىكى قىسمەن ئامىللار سەۋەبىدىن باغ قىلىشقا ۋاقىت چىقارالمايۋاتىمەن،تىمىڭىزدا دېگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ باقسىڭىز سىزگىمۇ،ماڭىمۇ پايدىسى بولاتتى.

tekin3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:09:31

ھە مۇنداق دەڭ! ئۆتكەن يىلى بىرەيلەن بىزنىڭ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئاق تىكەنلەرنى چانىغىلى تۇرۇپتۇ. ئاكا بۇنى نىمە قىلىسىز دىسەمئۇكام ئۆيدە قالايدىغانغا ئوتۇن قالمىدى شۇڭا چاناپ قالايمەن دەپتىھە دەپ قۇيۇپ كىتىپتىمەن ھەپتىدىن كىيىن باشقا كەنىتتە يەنە شۇ ئادەم ئاق تىكەن يىغىپ يۈرۈيتى تېخى ئىچىمدە ھەجەپ ئىرىنمەي شۇخىلىق بىر نەرسىنى قالايمەن دەپ يۈرگىچە بېغىبارلاردىن سورىسا چاتىۋەتكەن شاختىن بىرە توچەي بەمەسمىدى دەپ ئىچىم ئاغىرىپ يۈرۈپتىمە ئەسلى ئۇئادەم ………………

rastchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:36:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، 40 مو ئەتراپىدا يېرىم بارتىكورلا نەشپۇتى سېلىشنى ئويلاشقاتىم ،تۇرۇپلا يەنە ئىككىلنىپ قالدىم ، بۇنۇڭدىن كىيىنكى بازرى قانداقبولا ، تورداشلارئەقىل كۆرسەتساڭلار،

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:43:20

rastchi يوللىغان ۋاقتى2015-02-24 18:36:32 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، 40 مو ئەتراپىدا يېرىم بارتى
يۇرتىڭىز نەدىن؟
كورلا نەشپۈتىنى ۋاقتىدا ئوبدان باھادا ساتالمىساق، ھەي شالتاق دەپ تىللاپ قويىمىز، ۋاقتىدا سېتىلمىسا سۈپەتلىك ساقلىماق تەس مىۋە بۇ. لىكىن كورلىدا ھەممە ئىش تۈرلىرى زەنجىرسىمان سېستىمىلىشىپ بولغان…
بەت: [1] 2 3
: بىرقىسىم كۈچەت ئۇرۇقلىرىنى بىر ەرەپ قىلىش ئۇسۇلى (خىيالچى)