altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:14:56

ئېتىنى سەن قوي

ئېتىنى سەن قوي

(ھېكايە)

بىلگىنۇر


          مېنىڭ ئادەتتە كېچىلىك ناخشا ئېيتىش كۇلۇبى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتىم يوق. بەلكى بۇرۇن بۇنداق كۇلۇپلاردىن بىرەرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالغان بولۇشۇم ياكى دوستلىرىمنىڭ بۇ يەردە قانداق كۆڭۈل ئاچقانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالغان بولۇشۇم ياكى بولمىسا فىلىملەردە كۆرۈپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەمما ھېچقاچان ئۇ كۇلۇپلارنىڭ ئىچىدە بولىدىغانلار ھەققىدە تەپسىلىي پىكىر يۈرگۈزۈپ باققىنىم يوق. بۈگۈن تۇنجى قېتىم خىزمەتداشلىرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ناخشا توۋلاپ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگىلى كېچىلىك ناخشا ئېيتىش كۇلۇبىدىن بىرىگە كەلدىم.
          پارقىراق رەڭلىك ئەينەك، چىنى خىش، داتلاشماس پولاتلاردىن زىننەتلەنگەن كارىدوردىن ئۆتۈپ بىزگە كۆرسىتىلگەن خانىگە كىردۇق. كەڭرى ۋە يۇمشاق خۇرۇم سافالىق بۇ خانىنىڭ رەڭلىك ۋە پارقىراق ئەينەكلەردىن ياسالغان تاملىرى، ئۈستەللىرى، يەرلىرى بىر قارىماققا خۇددى بىر مۇنچە خىزمەتچىلەرنىڭ ھىمايىسىدا ياشايدىغان بىرەر ئېزىز كىشى ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. خانىنىڭ ھەربىر پارچە بوشلۇقىغا ئايرىم قارىغاندىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەنگەن بىر سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە كۆرۈنەتتى. ئايىغىنىڭ ئاستىغا تەكشى تېزلىكتە تېيىلىدىغان چاق بېكىتىۋالغاندەك ماڭىدىغان ئاپئاق ۋە پاكىز كۆينەكلىك ئەر مۇلازىملار بىر دەمدىلا ھەشەمەتلىك ئەينەك ئۈستەلنى قورۇلغان تاۋۇز ئۇرۇغى، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇغى، پىستە ۋە مېۋىلەر بىلەن توشقۇزدى. مېۋىلەرنى يۇيۇپلا شۇ پېتى تىزىپ قويۇش بۇ خانىنىڭ سەنئەتلىك كۆرۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزەتتى. شۇڭا ئۇستىلار ھەرخىل رەڭلىك مېۋىلەردىن پايدىلىنىپ ياسالغان، قانىتىنى كەرىپ ناز قىلىپ تۇرغان بىر توزنى ھەشەمەتلىك بىر تەخسىگە قوندۇرۇپ ئېلىپ كەلگەنىدى. مۇلازىملار خانىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپلا چىقىپ كەتتى. ئەر خىزمەتدېشىمدىن بىرى چىراغنى ئۆچۈرىۋېتىۋېدى، خانىنى ئاپئاق ئايدىڭ يورۇتۇپ تۇرغان، سارايلارنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك مارجان چىراغ ئۆچۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا تورۇسنىڭ قىرغاقلىرىغا تەكشى تىزىلغان ئۇششاق، رەڭلىك چىراغ يورىدى. بۇ ئەينەك خانىنىڭ تام تورۇسلىرى چىراغنىڭ يورۇشى بىلەنلا ھەقىقىي فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلاپ، تېخىمۇ بەك ۋالىلدىغىلى تۇردى. كىنولاردىلا كۆرۈپ باققان بۇ مەنزىرىنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمدە ماڭا بۇنداق پاكىز، يېڭى ۋە خىيالى تۇيغۇ ئاتا قىلالىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
          ئەر مۇلازىملار چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىشىك ئىككى چىكىلىپلا ئارقىدىن بىر ئەرنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر توپ قىز كىرىۋېدى، ئۇلارنىڭ خاتا كىرىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ ئەر خىزمەتداشلىرىمغا قارىدىم. چىراغنىڭ غۇۋالىقى ۋە ھەرخىل رەڭدە پارقىراپ كۆرۈش دائىرەمنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا قارىماي ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆز، يۈز ۋە لەۋلىرىنىڭ لىپىلداپ كېتىۋاتقان تىرىلىرى ۋە چىراغنىڭ نۇرىدا پارقىراق قوڭغۇزدەك چىمىرلىغان يۈز تۈكلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈلكە بومبىسىنى يۈزىنىڭ قان- تومۇرلىرىدا ئارانلا يوشۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىۋالدىم. ئۇلار بىر- بىرىگە قارشىپ ۋە قىمىلدىشىپ قوياتتى، ئامال بار ھېلىقى تىزىلىپ كىرگەن ئالا- بۇلماچ گىرىملىك، قويۇق ئەتىر ۋە ئۇپا پۇراپ تۇرىدىغان تار ۋە قىسقا كىيىملىك خېنىملاردىن قەستەن كۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئەمما بۇنداق قىلىشمۇ قولىدىن كەلمەيتتى. بىلىپ- بىلمەي كۆزىنىڭ شۇلار تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى بەلكى ئۆزلىرىمۇ سەزمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. قالغان ئىككى ئايال خىزمەتدېشىممۇ خۇددى مەندەكلا ئەرلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قاراپ تۇراتتى. ئەر مۇلازىم ئەر خىزمەتداشلىرىمنى بۇ خېنىملاردىن خالىغانچە تاللىۋېلىشقا دەۋەت قىلىپ قويۇپ توپ سېتىش دۇكىنىنىڭ مال ئۆتكۈزگۈچىسىدەك قولىدىكى دەپتىرى بىلەن قەلىمىنى تەييارلىغىنىچە قول باغلاپ تۇراتتى. تاكى ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ « سەن تاللا» دېسە « سەن تاللا» دېگىنىچە بىر- بىرىگە دۆڭگىمەكچى بولۇشقىنىغىچە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئاياللارنى تاللا بازىرىدىن مال ئالغان پەدىگە تاللىماقچى بولۇشىغا ئىشەنمىگەن ئىدىم. دەل شۇ پەيتتە بىرەر داڭقى چىققان « پەيلاسوپ» ئۇلارغا  « ئانىلار ئۇلۇغ»، « جان سىڭلىم»، « ئاياللار يېرىم دۇنيا» دېگەندەك ناخشا- قوشاقلارنى ئۇقۇپ بەرسە ياكى بىرەرسى مۇشۇ ناخشا- قوشاقلارنىڭ ئەرلەر تەرىپىدىن توقۇلغانلىقىنى ئېيتسا ئۇلارنىڭ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى پوققىمۇ تەڭ قىلمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ، ئېڭىدىكى ئۆزىمۇ تولۇق كونتىرول قىلالمايدىغان ھەرخىل خىياللارنىڭ قان- تومۇرلىرىنى غىدىقلىشى نەتىجىسىدە ئېغىزىدىن بىلىپ- بىلمەي غۇرۇلداپ ئېقىپ كەتكىلى تاس قېلىۋاتقان ئازغىنە شۆلگەيلىرى لەۋلىرىنى نەملەندۈرۈپ، يالاپ قويۇشىغا  ۋە ئېغىزىدا ھاسىل بولغان تۈكرۈكىنى تېزلا يۇتۇۋېتىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئەدەپلىك كۆرۈنىدىغان قىياپىتىگە سېلىشتۇرغاندا خېنىملارنى كۆرگەندىن كېيىنكى بۇ ھالىتى خۇددى ئىچى سېسىپ كەتكەن تەمسىز ۋە يوغان سورتلۇق شاپتۇلغىلا ئوخشايتتى. لۆم- لۆم كېرىسلونىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزۈمنى تاشلىماقچى بولۇۋېدىم پۇتۇم يەرگە تەگمەي ھاۋادا لەيلەپ قالدى ۋە بەدىنىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ باشقا ئىككى ياش قىز خىزمەتدېشىمغا ئوخشاش ياتاق ئۆيىنىڭ كارۋىتىدا دۈمبىچىلاپ يېرىم ياتقان پالەچ كىشىدەك يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆز- ئۆزۈمنى ئىگىسىگە پۇل تېپىپ پېرىدىغان ئويۇنچى مايمۇنغا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ چاۋاك چېلىۋاتقان تاماشىبىن مايمۇندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ئەر خىزمەتداشلىرىم مېنى يېڭىلىشتۇرمىدى. ئاخىرىدا ھېچبولمىسا ھەقىقىي قىياپىتىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارىلاپ ھەقىقەتەنمۇ خېنىملارنى تاللاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىرەردىن خېنىم تاللىۋالغاندىن كېيىن ئەر مۇلازىم دەپتىرىگە بىر نەرسىنى يېزىۋېلىپ ئېشىپ قالغان ئىككى خېنىمنى باشلاپ چىقىپ كەتتى. تاللاش جەريانىدا ئەرلەرنىڭ خېنىملارنىڭ يېنىغا يېقىنراق بېرىپ يۈزىگە قاراپ بېقىشى ۋە ئالدى- كەينىگە ئۆتۈپ بەدىنىگە قاراپ چىقىشىنىڭ تاللا بازىدىكى ئېھتىياجى چۈشكەن مەلۇم مالنى بىر نەچچە ماركا ئىچىدىن ئالدى- كەينىدىكى خېتىگە قاراپ چىقىپ تاللاپ سېتىۋالغىنى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. ئۇلار بەلكى پۇل تېپىش ئۈچۈن كېچىلەردە ئەرلەرنىڭ بېقىنىغا كىرىۋېلىپ نېمە قىل دېسە قىلىدىغان ئاياللاردا ئىنسانلىق قەدىر- قىممەت ۋە غۇرۇردىن ئەسەر يوق، دەپ ئويلايدىغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا بەرىبىر پۇل تۆلىگەندىن كېيىن ۋۇجۇدى بىلەن قوشۇلۇپ روھىمۇ بىزگە تەئەللۇق، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.
          ئەرلەر بىردەمدىلا دەسلەپكى « تارتىنچاق» لىقىنى پۈتۈنلەي يېڭىپ قىلىۋاتقان ئىشىغا كۆنۈپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. خېنىملار قۇيۇپ بەرگەن سۇ بولامدۇ، ھاراق بولامدۇ، ئىچىملىك بولامدۇ ھەممىلا نەرسىنى بىر تىنىقتىلا ئىچىۋېتىشلىرىدىن ۋە كونتاكېنتىگە بۇيرۇق قىلغان ئامېرىكىلىق خوجايىندەك ئۇلارغا « ئاۋۇ ناخشىنى تاپ، ماۋۇ ناخشىنى ئېيت» دەپ بۇيرۇق سوقۇشلىرىدىن بۇنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئىككى ئايال خىزمەتدېشىممۇ چىشىنى چىقىرىشىپ كۈلۈشكىنىچە ئۇلار بىلەن رومكا سوقۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇشاتتى. خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارىدا بىر ماڭا قاراپ سەۋەپسىزلا كۈلكە ئارىلاش شەرەت قىلىپ قويۇشلىرىدىن، خۇددى يۈزۈمگە قۇسۇۋەتمەكچى بولغىنىدەك سەسكىنىپ كەتتىم.
-        ماڭا « قۇياش چۈشى» دېگەن ناخشىنى تېپىپ  بە!- دېدى،  ئېكىس ئاجايىپ جۈرئەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن. ئۇ تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئىشخانىدا بىزگە بىر باشلىقنىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تەلەپ قويۇشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمدى كېلىپ 200 يۈەن خەجلەپ نەچچە سائەتلىكىگە تاللىۋالغان بۇ ئايالغا پوڭۇلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
-        بايا تېخى ئېيتتىڭغۇ ئۇنى، « سەرگەردان» نى ئېيتىلى،- دېدى، ئىگرىك .
-        ھە، ھە « سەرگەردان»، « سەرگەردان»! « سەرگەردان» نى قوي!- دېدى،زېت قولىنى ئېكىسنىڭ خېنىمىغا شىلتىگىنىچە. ئادەتتە زېت ئىشخانىدا ھەممىمىزنىڭ چوڭ دادىسى بولۇۋالاتتى. باشلىق قول شىلتىپ بىرەرسىمىزگە چېچىلغاندا، زېت باشلىق يوق يەردە ئۇنىڭ مەدەنىي بىر باشلىق بولۇشقا پەقەتلا لايىق كەلمەيدىغان تومپايلىقى ۋە ئاياللارغىمۇ قول شىلتىپ سۆزلەيدىغان توم تاياق ئوغرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىزا ئىشىتقۇچىغا يان بېسىپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن باشلىققا قورقماي گەپ ياندۇرۇشى كېرەكلىكى، گېزى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، باشلىقنىڭ كېكىردىكىدىنلا ئېلىپ، ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، ھۆت- پۆت، ئىتىت- پىتىت قىلىپ قالسا، بېقىنىغا تىپىپلا قارنىنى چۇۋۇۋېتىدىغانلىقى، ئالىي مەكتەپتىمۇ قىزلارنى قوغداپ « قەھرىمان» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە سائەت- سائەتلەپ بوغۇلۇپ سۆزلەپ كېتەتتى.  
          ئېكىسنىڭ خېنىمى ئورنىدىن تۇرۇپلا، ئولتۇرغاندا تۈرۈلۈپ كاسىسى بىلەن يوتىسىنىڭ قىسىلچىقىغا كېلىپ قالغان تار كۆڭلىكىنى پەسكە تارتىپ، چېچىنى كەينىگە ئېتىپ قويغاندىن كېيىن، قوزۇق پاشنىلىق ئايىغى بىلەنمۇ مەزمۇت دەسسىگىنىچە كىچىك سەھنىچاقنىڭ بېقىنىدىكى كومپىيۇتېرغا بېرىپ مۇزىكىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئېكىس ئۇنى توۋلىدى. ئېكىس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىسمىنى سوراپمۇ قويمىدىمۇ ياكى ئىسمى بىلەن ئاتاشقا ئەرزىمەيدۇ،دەپ ئويلامدۇ خېنىمنى « ھەي» دەپ چاقىردى. خېنىم ئەرلەرنىڭ پارىڭىنىڭ ئاۋازىدا ئېكىسنىڭ ئۆزىنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالغان بولسا كېرەك، مۇزىكا ئىزدەشكە داۋام قىلدى. « نېمە ئاڭلىمايدۇ ماۋۇ پاڭ، < ئىنتىلىش> دېگەن ناخشىنى ئېيتىمەن شۇنى تاپ ھەي!» دېدى ئېكىس ، يېنىدىكىلەرگە قاراپ كۈلگىنىچە خېنىمغا ۋارقىراپ. ئۇ گەپ قىلغاندا تۈكرۈكى ئېغىزىدىن پىڭىلداپ ئۇچۇپ چىقىپ ھەر تەرەپكە چۈشەتتى. ئۇنىڭ كۆزى ئوۋ ئىتىنىڭكىدەك قىزىرىپ، يۈزى ئوۋ ئىتىنىڭ قۇلىقىدەك ساڭگىلاپ كەتكەنىدى. ئۇ تەخسىدىكى توزنىڭ قورسىقىدىن بىر ئۈزۈمنى ئېلىپ خېنىمغا توغرىلاپ ئېتىۋېدى، ئۈزۈم خېنىمنىڭ بوينىغىلا تەگدى. خېنىم بوينىغا تەگكەن نەرسىنىڭ ئۈزۈم ئىكەنلىكىنى بىلمەي، « ئا» دېگىنىچە ئىككى قولى بىلەن بوينىنى ۋە مەيدىسىنى تېز- تېز سىيلىۋېدى،  ئەرلەرنىڭ ھەممسى تەڭلا ھوزۇرلۇنۇپ كۈلۈشتى ۋە بىر- بىرىگە خېنىمنىڭ باياقى ھەرىكىتىنى دورىشىپ بېرىپ بىلىپ- بىلمەي، ئاۋازىنى باشقۇرالمايدىغان گولدوڭ ئادەمنىڭكىدەك ئىچىگە تارتىپ  كۈلۈشۈپ كېتىشتى. ئۆزىنىڭ كۈلۈۋاتقاندىكى چاكىلىنىشىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىكلىكى ۋە ھېلىقى خېنىمنىڭ غۇرۇرىنىڭ قانچىلىك زەخمىگە ئۇچرىشىشى دېگەندەكلەر ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. خانىدىكى كىشىنى ئېزىقتۇرماقچى بولغان رەڭلىك چىراغلارنىڭ پالىلداشلىرى ۋە مىتىكوت كەتسىلا چەمى چۈشۈپ قالىدىغان ساختا توپلەيدەك تۇيغۇ بېرىدىغان كارائوكى مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازىدىن شەكىللەنگەن  مەنزىرە ئەرلەرنىڭ قىلىقى بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىمنى تېخىمۇ سىقىۋەتتى.
-        مۇلازىمنى چاقىرىۋەتكەن بولسىڭىز ئېغىر كۆرمەي!- دېدىم، خېنىملاردىن بىرىگە.
-        مانا ھازىر.
خېنىم ناھايتى تېزلا مۇلازىمنى چاقىرىپ كەلدى. مۇلازىم بوينىنى سەللا قىيسايتقىنىچە مېنىڭ ئەمىر قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى.
-        ئەر ھەمرا بارمۇ؟- دېدىم، ئاۋال مۇلازىمغا ئاندىن ھىجىيىشىپ ئولتۇرغان ئەر خىزمەتداشلىرىمغا قاراپ.
27.08.2014
28.08.2014

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 13:55:37

ئۇلار چوقۇم خاتا چۇشىنىپ قالىدۇ.

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 02:35:59

تېمىسىغا قاراپلا تۈركىيەنىڭ <<ئېتىنى سەن قوي >> دېگەن غەزىلى چېغى دەپ يۈگۈرۈپ كېلىپتىمەن

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 02:58:56

شۇنداق غەزەل بارمىدى؟ ئەمدى ئاڭلىشىم
بەت: [1]
: ئېتىنى سەن قوي