ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن بازىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار 23 - 2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 17:39ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن بازىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى گرېتسىيە ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن ، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بىرى ئالتۇن باھاسىدا ئانچە چوڭ تەۋرىنىش بولمىغان ، ھەپتىنىڭ 2 - كۈنى گرېتسىيە ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن بىر ھەپتىلىك چۈشۈش يۆلىنىشىنى كۆرسەتتى ، شۇ ھەپتە ئىچىدە ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1197.49 دوللار بولغان ، ھەپتىلىك سىزىقىدا چوڭ مەنپى سىزىق كۆرۈلگەن .
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ 4 - كۈنى ئۇچۇردا ، گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ياردەم ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان ، بىراق گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ياردەم ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .
تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەردىن كېيىن ياۋرو گۇرۇھى (Eurogroup) نىڭ باياناتچى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇئەييەنلەشتۈرۇپ ،گرېتسىيە ۋە ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستېرلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ، گرېتسىيە ياردەم ۋاقتىنى 4 ئايغا ئۇزارتىپ 2015 - يىلى 6 - ئايغىچە بولىدىانلىقىنى بىلدۈرگەن . شۇنىڭدىن بۇرۇن گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ياردەم ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ئۇچۇرىنىڭ تارقىلپ يۈرىشى ئالتۇن باھاسىنى تۆۋەنلەتتى ، ھەقىقى ئۇچۇر ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى توختاتتى.
ئالتۇن سودا تەھلىلى 23 - 2
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1229.9 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1236.84 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1197.7 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1202.23 دوللا ر بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.46 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1204 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتىدە ئاساسلىق گىرىتسىيە نىڭ خەۋرى بولدى ، ياۋرۇپا گوروھى بايانات قىلىپ ، گىرىتسيە بىلەن ياۋرۇپا رايونى كىلىشىم تۈزۈپ ، گىرىتسىيەگە ياردەم بىرىش ۋاقتىنى 6- ئايغا ئۇزاتتى . بۇ بايانات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالتۇن باھاسى گىرىتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ چۈشۈشنى ئاساس قىلغان ئىدى ، ئەمما بايانات ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئالتۇن باھاسى تىرەشكە ئۇچىراپ 1197 دوللاردىن تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتمىدى .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىشى سۇس بولدى ، شۇڭا ئاسىيا بازىرىدا (237.0 )1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1210-1208 (238.98-238.58) دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرى ئىچىلغاندىن كىيىن 1210 دوللارنىڭ يۇقىرىغا چىقسا 1215 (239.96 ) دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ ، ئەگەر 1210 دوللارنىڭ يۇقىرىغا چىقالمىسا شۇ ئەتىراپدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توىتىتىپ پايدىسىنى 1205-1200 (237.98-237)دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
3. ئامىرىكا بازىرىدا 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە (236-235) 1195-1190 دوللار ئەتىراپىنى كۆرۈشكە بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1210 1215
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1182
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1197
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 235.56 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.18 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
نېمە سەۋەبىدىن بازاردا چوڭ تەۋرىنىش ھاسىل بولدى
مىڭداۋ ئاكسىيەسى TD Securities نىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچى Steve Scacalossi كۆرسەتمە بېرىپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ۋە گرېتسىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن بازاردا چوڭ تەۋرىنىش ھاسىل بولدى ، شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن كۈمۈش سودىسىنى قىلغۇچىلار قىيىن بولغان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى دەپ كۆرسەتتى ، ئۇ يەنە بۇخىل ئەھۋال داۋاملىشىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .
Scacalossi سۆزىدە ، بۇ خىل يۆلىنىش داۋاملىشىشى مۇمكىن . گرېتسىيە ياردەم پىلانىنى ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئاياغلاشتۇردىغانلىقىنى پىلانلىغان ، بىراق ئاخىرىدا سوزۇلۇپ كەتتى ، نۆۋەتتە بازار ئېنىقسزلىق ھالىتىدە تۇرماقتا دەپ بىلدۈردى .
بۇ يىل جۇڭگو مەركىزى بانكىسى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىش دائىرسىنى تەڭشىمەسلىكى مۇمكىن
پېڭ بو ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015 - يىلى جۇڭگو مەركىزى بانكىسى (PBOC) پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىسادنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاتلاندى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىش دائىرسىنى ئويلىنىشقا ۋاقىت يوق. ئالدىنقى ھەپتىدىكى 22 نەپەر تەھلىل قىلغۇچىنىڭ تەھلىلىدە، 14 نەپەر تەھلىلچى خەلق پۇلنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسىدە 2015 - يىلى ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، 4 نەپەر تەھلىلچى مەركىزى بانكىسى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى تەڭشەشنى ئاساس قىلىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، 3 نەپەر تەھلىلچى 3 - پەسلىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن، يەنە بىرسى 4 - پەسىلدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.
جۇڭگو مەركىزى بانكىسى نۆۋەتتە خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسىنىڭ ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى 2% ئەتىراپىدا تەۋرىنىشىگە يول قويغان، 15 نەپەر مۇخبىر مەركىزى بانكا كېيىنكى قېتىم تەڭشەش ئېلىپ بارغاندا تەۋرىنىش دائىرىسى 3% ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.
بازار ستراتېگىيە باشقۇرغۇچى Peter Rosenstreich "ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىشىگە قارتا، 2015 - يىلى جۇڭگو ھەر خىل سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىش دائىرسىنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى. " دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.
دوللارغا پايدىسىز سەۋەبلەر قايسى؟
بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، دوللار ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. گەرچە نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار دوللار سېتىۋېلىش "قىستاڭچىلىق" سودىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن دوللار تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، بازاردىكىلەر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك بولغان مەسلە: دۇنياۋى ئۆرلەش كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، دوللارنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەپ بولدىغىنى نېمە؟
PFS Group نىڭ فوند دىرېكتورى Chris Puplava بولسا بۇ بازاردىكى ئاز ساندىكى كىشلەرگە نىسبەتەن پايدىسىز. ئۇ بازار كەيپىياتى، ئوتتۇرىچە قىممەت ۋە ياۋروپا رايونى ئىقتىسادى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلەر ئارقىلىق دوللارنى تەڭشەشكە ھۆكۈم چىقارغىلى بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
ئەلۋەتتە، دوللار ئۇزاق مەزگىل كۈچەيگەن ئەھۋالدا چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، لېكىن مەبلەغ سېلىشقا نىسبەتەن ئېيتىقاندا، پۇرسەتمۇ مۇھىم سەۋەب بولىشى مۇمكىن.
( تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل )
ئەگەر سىز ئالتۇن سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى چۈشنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ ؛
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
ئالتۇننىڭ باھاسى يەنە چۈشۈپتۇ .لىكىن ما نىفىتنىڭ باھاسى بولسا يەنە ئۈسۈپتۇ. http://www.xjuyghurfx.com/forum.php?mod=viewthread&tid=406
بەت:
[1]