kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:51:07

87-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 15:53  

http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223051611625.jpg
87-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كالىفورنىيە لوس ئانژېلېس ھوللېۋۇددىكى دولبىي تىياتىرخانسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 2014-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكا ئاكادېمىيەسى «ئوسكار شەرەپ مۇكاپاتى (Academy Honorary Award)» نى فرانسىيەلىك كىنو-فىلىم يازغۇچىسى، سېنارىست، ئاكتيور ۋە رېژىسسور Jean-Claude Carriere، ئىرېلاندىيەلىك ئايال ئاكتيور ۋە ناخشىچى Maureen O'Hara ۋە ياپونىيەلىك كارتون فىلىم ئۇستىسى، كارتون فىلىم رېژىسسورى ۋە رەسسام Miyazaki hayao قاتارلىق ئۈچ كىشىگە، جېيىن خېرشولت ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى (Jean Hersholt Humanitarian Award) نى ئامېرىكىلىق خەلق ناخشىسى ئورۇنلىغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى Harry Belafonte غا بەرگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئوسكاردىكى نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم ۋە شەخسلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

ئەڭ نادىر فىلىم (Best Picture)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050514370.jpg
قۇش ئادەم (Birdman)

ئەڭ نادىر رېژىسسور (Best Directing)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050524249.jpg
Alejandro González Iñárritu - «قۇش ئادەم (Birdman)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن

ئەڭ نادىر باش ئەر ئاكتيور (Best Actor in a Leading Role)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050550977.jpg
Eddie Redmayne - «مەۋجۇداتلارنىڭ تېئورمىسى (The Theory of Everything)» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن

ئەڭ نادىر باش ئايال ئاكتيور (Best Actress in a Leading Role)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050559991.jpg
Julianne Moore - «يەنىلا ئەلىس (Still Alice)» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن

ئەڭ نادىر يانداش ئەر ئاكتيور (Best Actor in a Supporting Role)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050608300.jpg
J.K. Simmons - «ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۇمباقچى (Whiplash)» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن

ئەڭ نادىر يانداش ئايال ئاكتيور (Best Actress in a Supporting Role)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050617250.jpg
Patricia Arquette - «ئۆسمۈرلۈك چاغلار (Boyhood)» ناملىق فىلمدىكى رولى ئۈچۈن

ئەڭ نادىر ئىجادىي سېنارىيە (Original Screenplay)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050514370.jpg
قۇش ئادەم (Birdman)

ئەڭ نادىر سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن سېنارىيە (Best Adapted Screenplay)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050629561.jpg
تەقلىدلەش ئويۇنى (The Imitation Game)

ئەڭ نادىر كارتون فىلىم (Best Animated Feature)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050640845.jpg
6 ئەزىمەت (Big Hero 6)

ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم (Best Foreign Language Film)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050648230.jpg
موناخ ئىدا (Ida) - پولشا

ئەڭ نادىر ھۆججەتلىك فىلىم (Best Documentary Feature)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050659115.jpg
Citizenfour

ئەڭ نادىر ئوپېراتورلۇق (Best Cinematography)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050708378.jpg
Emmanuel Lubezki - «قۇش ئادەم (Birdman)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن

ئەڭ نادىر مونتاژلىق (Best Film Editing)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050718939.jpg
ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۇمباقچى (Whiplash)

ئەڭ نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم (Best Visual Effects)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050728527.jpg
پىلانېتلار ئارا (Interstellar)

ئەڭ نادىر ئاۋاز مونتاژلىق (Best Sound Editing)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050736967.jpg
ئامېرىكىلىق مەرگەن (American Sniper)

ئەڭ نادىر بەدىئىيلىك جەھەتتىكى يېتەكچىلىك (Best Production Design)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050745509.jpg
بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)

ئەڭ نادىر كىيىم-كېچەك لايىھەسى (Best Costume Design)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050745509.jpg
بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)

ئەڭ نادىر گىرىم ۋە چاچ پاسونى لايىھەسى (Best Makeup and Hairstyling)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050745509.jpg
بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)

ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا (Best Original Score)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050745509.jpg
Alexandre Desplat - «بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن

ئەڭ نادىر ئىجادىي ناخشا (Best Original Song)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223051529527.jpg
Glory - «سەلما (Selma)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن

ئەڭ نادىر كالتە فىلىم-رېئال ئادەم (Best Live Action Short Film)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050753352.jpg
The Phone Call

ئەڭ نادىر كالتە فىلىم- كارتون فىلىم (Best Animated Short Film)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050802656.jpg
زىياپەت (Feast)

ئەڭ نادىر كالتە ھۆججەتلىك فىلىم (Best Documentary Short Subject)
http://www.kowruk.cn/uploadfile/2015/0223/20150223050809596.jpg
Crisis Hotline

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:38:01

بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار،  مۇراسىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ۋە قىزىل گېلەم مۇراسىمى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:54:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 16:59  

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 16:38 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىنى بۇ يەردىن چ ...

بۇ قىزىل گىلەم مۇراسىمىمۇ ياكى ئاۋۇ تىياتىرخانىنىڭ ئىچىدىكى تارقىتىش مۇراسىمىمۇ؟
red carpet قا نەق مەيدانغا بىرىپ كۆرمەي سىنىنى كۆرسە بەك زىرىكىپ كىتىدۇ ئادەم. ئەمما تىياتىرخانىنىڭ ئىچىدىكى تارقىتىش مۇراسىمى بەك قىزىيتى.
بولۇپمۇ 84-نۆۋەتلىكىنىڭ بەك ياخشى چىققان.

oylan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:00:48

ئەمدى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىنولارنى كۆرۈشكە باشلىساق بولغۇدەك http://bbs.misranim.com/?fromuid=94923

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:01:31

big  hero دېگەن كارتوننى «ئالتە ئەزىمەت» دەپ تەرجىمە قىلىش توغىرىمۇ تورداشلار؟ تەرجىمانلار پىكرىڭلارنى دىسەڭلار بولاتتى،

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:23:55

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 16:54 static/image/common/back.gif
بۇ قىزىل گىلەم مۇراسىمىمۇ ياكى ئاۋۇ تىياتىرخانىنىڭ ئ ...

بۇ رەسمىي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى، قىزىل گېلەم مۇراسىمى ئەمەس.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:24:44

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:01 static/image/common/back.gif
big  hero دېگەن كارتوننى «ئالتە ئەزىمەت» دەپ تەرجىمە قىلىش ...

بۇ كارتون فىلىمنىڭ تولۇق ئىسمى «Big Hero 6».

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:00:19

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:01 static/image/common/back.gif
big  hero دېگەن كارتوننى «ئالتە ئەزىمەت» دەپ تەرجىمە قىلىش ...

تولۇق ئىسمى big hero 6.
ئادەتتە ئېنگىلىزتىلىدا بۇندا قوللىنىلمايدۇ. ئالتە قەھرىمان دىيىش توغرا كەلسىمۇ six big heroesدىيىش كىرەك.
بولمىسا big hero 6دىگەن بۈيۈك قەھرىماننىڭ ئالتىنجى بۆلىمى ياكى قىسمى دەپ مەنە چىقىپ قالىدۇ. لېكىن بۇلار شۇنداق نام بىرىپتۇ. مەنچە ئالتىسى بىرلىشىپ بىر بۈيۈك قەھرىمان بولىدۇ دىمەكچى بولسا كىرەك. كارتۇن مەزمۇنىغا قارىغاندا  ئالتە ئەزىمەت‹قەھرىمان› دەپ قويغىنى توغرا.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:02:32

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:23 static/image/common/back.gif
بۇ رەسمىي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى، قىزىل گېلەم مۇر ...

ئۇنداقتا سۈرىتىڭلا ھەقىقەتەن تىز ئىكەن. قانداقمۇ تاپقانسىلەر بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ نۇسقىسىنى. ئىككى يىل ئىلگىرى مەن بىر ھەپتىغىچىمۇ تاپالمىغانىدىم.ياكى بۇ يىل تەمىنلەش كەڭرى بولغان بولسا كىرەك. چۈشۈرۈشنى باشلىدىم.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:16:37

قۇش ئادەم دېگەن كىنونى تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار بولاتتى ، قارىغاندا خېلى ياخشى كىنو ئوخشايدۇ.
كۆۋرۈك تور بېكتىنىڭ ئاندىرويىد نۇسخىسىنى ياسساڭلار بولاتتى ، تېلېفوندا كۆرگىلى بولمايتىكەن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:25:46

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 18:16 static/image/common/back.gif
قۇش ئادەم دېگەن كىنونى تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار بولاتت ...

Android تېرمىنالى يېرىم يولدا توختاپ قالدى، چۈنكى فىلىملەرنى توردا كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، ياسىساقمۇ فىلىم ئۇچۇرى تەمىنلەشتىن باشقىغا ھازىرچە ئەس قاتمايدىكەن، شۇڭا توختىتىپ قويدۇق.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:32:27

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-02-23 18:25:46 static/image/common/back.gif


Android تېرمىنالى يېرىم يولدا توختاپ قالدى، چۈنكى فىلىمل
ئۇنداقتا بىز تېلفۇنۇمىزدا كومپىيوتېر بېتىگە كىرسەك قويۇلىدىغان قىلىپ قويساڭلار بولاتتى. مەن تېلفۇنۇمغا ھەممە سۈرەتلىك فىلىم قۇيغۇچنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىىم ، يەنىلا قويۇلمىدى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:57:14

قۇش ئادەمنى شۇنداق زىركىشلىك ھىس قىلىپ ئۆچىرىۋەتتىم ،لىكىن مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەن 目前的地دىگەن فىلىم بەك قالتىسكەن باللار كۆرۇپ قويۇڭلار.100نۇمۇر قويدۇم.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:48:54

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-02-23 18:57:14 static/image/common/back.gif
قۇش ئادەمنى شۇنداق زىركىشلىك ھىس قىلىپ ئۆچىرىۋەتتىم ،
قايسى دۆلەت ئىشلىگەن ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:54:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 20:00  

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 19:48 static/image/common/back.gif
قايسى دۆلەت ئىشلىگەن ؟

前目的地راس .
ئاۋىستىرالىيە.
ئۆزى بىلەن ئۆزى بىرگە بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى تۇغۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئولتۇردىغان فىلىم ،.
ئاخىردا كاللام قۇپقۇرۇق بوپ قالدى.

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:08:38

كۆۋرۈك تورى بىزنى ياخشى تەرجىمە كىنولار تەمىنلاۋاتىسلەر ،تەرجىمە قىلىش سۈرئىتىڭلارمۇ تىز ،چۈشرۈشمۇ قولايلىقكەن ،رەخمەت سىلەرگە

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:14:40

كۆۋرۈك گورۇپپىسىنىڭ تەرجىمە سۈرئېتىگە قول قويماي بولمىدى.{:112:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:15:10

ئەمدى ھەپتە ئون كۈن ئېسىل كىنولارنىڭ پەيزىنى سۈرىمىزدە...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:22:53

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 19:54 static/image/common/back.gif
前目的地راس .
ئاۋىستىرالىيە.
ئۆزى بىلەن ئۆزى بىرگە بولۇپ،  ...

غەلىتە كېنولارنى رەتكە تىزسا، مۇشۇ كېنو جەزمەن سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ.:lol
كېنو كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، ناۋادا ماڭا ياراپ قالسا توردىن مۇشۇ كېنوغا ئائىت باھالارنى ئىزلەپ كۆرۈپ باقىدىغان ئادىتىم بار ئىدى.
خەنچە بىكەتلەردە بۇ كېنوغا بېرىلگەن باھا ئانچە ياخشى ئەمەس.
مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ كېنونىڭ مۇۋەپپىقىيېتى مۇمكىن ئەمەس ئىشنى، تاماشىبىنلارنى قايىل قىلىپ مۇمكىن بولىدىغان قىلىپ تەسۋېرلەش. توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ دىگەن قەدىمقى زىددىيەتنىڭ كېنو تىلى بىلەن تەسۋېرلىنىشى.
زىددىيەت دىگەننى پارادوكىس دەپ يازغان بولسام يۇقۇرقى جۈملەم خېلى پاساھەتلىك، ھەيۋەتلىك چىقىدىكەن ئەسلىدە.:lol

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:26:55

ماۋۇ قۇش ئادەم دىگەن كىنۇنىڭ چۇشۇرۇش ئادىرىسى :thunder://QUFmdHA6Ly9uOm5AZHguZGwxMjM0LmNvbTo4MDA2L1vnlLXlvbHlpKnloIJ3d3cuZHkyMDE4LmNvbV3puJ/kurpCROS4reiLseWPjOWtly5ybXZiWlo=
بەت: [1] 2
: 87-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىلدى